مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       249 
  •    ئىنكاس 
       6 

بالىلار ئەسەرلىرىدىن بىر قۇچاق

قەۋەت ئاتلاش
altunboxuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26927

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   120 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9780 (سوم)
 ياخشى باھا:   462 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   682  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 851
 سائەت
دەرىجىسى:
851 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-08

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار ياخشىمۇسىلەر، بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز. ئۇلارنىڭ ھەر خىل روھى ھالەتلىرىنى چۈشىنىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز. ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلاشتىم، پاراڭلاشتىم، ئۇلارنىڭ قەلىپ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم، بەزىدە ئۇلار بىلەن شۇنداق يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كېتىمەن. مۇشۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر قىسىم بالىلار ئەسەرلىرىنى يېزىپ قويغان، كۆپچىلىككە سۇندۇم، ھەممىمىزنىڭ بالىلارنى چۈشۈنىشىگە پايدىسى بولۇپ قالسا ھەجەپ ئەمەس. U3az\ E)HV  
H+\rCefba  
خىجىللىق
':kBHCR7  
كۇز كۇنلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۇنى، مەن ئادىتىم بويىچە ۋېلسىپىتنى ئاستا ھەيدەپ كىلىۋاتاتتىم. ئۈيىمىزگە500 مىتىرچە قالغان ئىدى. شۇ ئەسنادا قوشنىمىز سەمەت ئاكامنىڭ ئوتتۇردىن ئىككى بۇلۇپ كەتكەن بىر ئەپكىشىنى قۇلتىقىغا قىسقان، بىر چوڭ سىۋەتتە لىق يۇيۇلغان ساماننى، بىر قولىدا چوڭ بىر چىلەك سۇنى كوتۇرۇپ ناھايىتى قېينىلىپ كىتىۋاتقانلىقىغا كۈزۇم چۇشتى. مەن ھەش-پەش دىگۇچە ئۇنىڭغا يىتىشىۋالدىم. سەمەت ئاكام مېنى كۆرۈپ: tihb38gE  
- ئەكبەرجان بالام، ماۋۇ سىۋەتنى بولسىمۇ كۇتىرىۋالغىن، ماۋۇ كاساپەت ئەمدىلا دولامغا ئېلىشىمغا قاس قىلىپ سۇنۇپ كەتتى، دولدا كوتۇرۇش ئاسان بولغان بىلەن، قارىغىنا قىينىلىپ كەتكىنىمگە.... }|&M@Up  
- ئاكا ئۇ سامانلا ئەمەستۇ، سۇيىنى ئېقىتىپ، ۋېلسىپىتىمنى مەينەت قىلىۋەتكىم يوق. ئازلا قالدىغۇ ئەنە - شۇنداق دىدىم -دە، ۋېلسىپىتىمنى ھەيدەپ ئۈيگە كىرىپ كەتتىم. v6;XxBR6  
ئەتىسى سومكامنى ئېسىپ مەكتەپكە ماڭاي دەپ قارىسام ۋېلسىپىتىمنىڭ ئالدى كامىرى ماكچىيىپ قاپتۇ. دادامنىڭ زورى بىلەن سەمەت ئاكامنىڭ ئۈيىدىن ناسۇس سورىماقچى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۈيىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ بولۇپ تۇرۇپ قالدىم .تۇنۇگۇنكى ئىش يادىمغا كىلىپ سەل خىجىل بۇلۇپ تۇرغۇنۇمدا سەمەت ئاكام چىقىپ قالدى. ئۇ خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك: 5d <-y2!M  
ـ بالام ئەكبەرجان كىرىپقاپسەنغۇ؟ Xo;J1 H  
ـ ۋەلسىپىتىمنىڭ يېلى.... ناسۇسقا... _T 
ـ ئەنە، ئاۋۇ يەردە ، ئېلىپ چىقىپ ئىشلەتكىن- دەپ ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن سوزلىدى. HkGzyDt  
مېنىڭ شۇنچە كۈچەپمۇ ئەپلەشتۈرەلمەيۋاتقانلىقىمنى كورگەن سەمەت ئاكام قولۇمدىن ناسۇسنى ئېلىپ ۋېلسىپىتىمگە يەل ئۇرۇپ بەردى. سەمەت ئاكامنىڭ بۇ قىلغانلىرىدىن خىجىل بولغانلىقىمدىن بېشىمنى يەردىن كوتۇرەلمەيلا قالدىم. مەن رەخمەت دىگەن سوزنى ئارانلا دېيەلىدىم ۋە ئالدىراپ مەكتەپكە يول ئالدىم. )j]S ;Mr  
شۇ ئشنى ئويلىسام ھازىرمۇ خىجىل بولىمەن. `9kjYSd#E  
Zj[Bm\ 8  
دادا مېنى كەچۈرۈڭ
qL ,QsRwN  
3-ئاينىڭ 25-كۈنى مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.مەن كۆڭلۈمدە،دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئەڭ ئېسىل سوۋغىدىن بىرنى بېرىمەن-دەپ، ئويلىدىم.  QSmE:Y  
مانا بۈگۈن 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىدى.لېكىن مېنىڭ يېنىمدا بىرەرنەرسە سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن دادامدىن پۇل ئېلىشقا توغرا كەلدى .تېخى دادام ماڭا ئىككى كۈن ئىلگىرى ئون يۈەن بەرگەن. بىراق مەن ئۇ پۇللارنى خەجلەپ بولدۇم.يەنە دادامدىن پۇل سورىسام، ئۇ مېنى تىللاپ كېتەرمۇ؟ ماڭا پۇل بىرەرمۇياكى بەرمەسمۇ؟ئەگەر بەرمىىسە دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بىرەر نەرسە سوۋغا قىلمىسام مېنى نېمە دەپ ئويلاپ قالار دىگەن خىياللاربىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن دادامدىن پۇل سورىماقچى بولدۇم. بىراق دىيىشكە پېتىنالمىدىم . دادام سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن 50يۈەن پۇلنى ئېلىۋالدىم- دە، چاپىنىنى ئۆز جايىغا قويۇپ قويدۇم. ئەتىسى دادام مەندىن:- قىزىم يانچۇقۇمدىكى 50يۈەن پۇل يوق تۇرىدۇ.ئۇ پۇلغا موماڭغا ئاياغ ئېلىپ بەرمەكچى ئىدىم .سەن كۆردۇڭمۇ،-دەپ سورىدى.. مەن سەل تەمتىرگەن ھالدا:" ياق مەن كۆرمىدىم،مېنى ئېلىۋالدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ سەن مېنىڭ دادام تۇرۇپ شۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلامسەن" دەپ خاپا بولغان قىياپەتتە مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم. P)tXU  
يولدا كېتىۋىتىپ بىر ياشانغان كىشىنىڭ شۇنداق جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقنى كۆرۈپ يۈرۇكۇم جىغغىدە قىلىپ كەتتى.داداممۇ ياشىنىپ قالدى .بەلكىم دادام بۇ پۇلنى قانچىلىك جاپا تارتىپ تاپقان بولغىيتى-دەپ ئويلىدىم، مۇئەللىم 1-سائەتلىك دەرستە سەمىمىي بولۇش، يالغانچىلىق قىلماسلىق، ئەخلاق پەزىلەتلىك بولۇش توغرىسىدا سۆزلىدى. بۇ توغرۇلۇق سۆزلەۋاتقان سۆزلەر پەقەت ماڭىلا قارىتىپ دىيلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى-دە، يۈزۈم ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى.مەن شۇ چاغدا خاتا قىلغانلىقىمنى تولۇق ھىس قىلدىم . 67~m9pk  
كەچتە ئۆيگە بارغاندا دادامدىن كەچۇرۇم سۇرىماقچى بولدۇم . بۇ بىر كۇن مەن ئۇچۇن ناھايىتى تەستە توشتى . ئۆيگە بارغىچە :"دادا سىز بىز ئۈچۈن نۇرغۇن جاپالارغا چىداپ تىرشىپ ئىشلەپ بىر ئائىلىنى قامداپ كېلىۋتسىز، مەن دادامدىن پۇل سورىسام بىرىپ قالار، دېگەننى نېمىشقىمۇ ئويلاپ باقمىدىم." دەپ تەكرارلاپ ماڭدىم . ئۆزۇمنىڭ قىلغان ئىشىدىن ناھايىتى خىجىل بولدۇم. كەچتە پۇلنى تۇيدۇرماستىن دادامنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم ھەمدە "دادا ، مەندەك ئەقىلسىز قىزىڭنى كەچۈرۈڭ"دەپ خىيالەن ئەپۇ سورىدىم. @L,T/m-HF  
Z: &"Ax  
ئىمتىھان مەيدانىدا
#Jq@p_T"  
ئىمتىھان نېمە دىگەن سۈرلۈك، نېمە دېگەن جىددىي مانا بۆگۈن تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى بېرىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن. بۇ ئىمتىھان ئارقىلىق تەقدىرىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقنى بىلمەيمەن. ‹‹ئىمتىھان سۇئالى قانداق چىقار، قىيىن سۇئاللار چىققانمىدۇ؟ ياكى ئۆگەنگەن جايلىرىمىدىن چىققانمىدۇ؟›› دېگەن خىياللار كاللامدىن كەچتى. سىرىتتا ئاپام ئۈمىد بىلەن مېنى كۈتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز يوغان قورساق بىر ئەر ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان قەغىزىنى كۆتىرىپ كىرىپ تارقىتىشقا باشلىدى. مەن جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. ئوقۇتقۇچىلار، ساۋاقداشلار ھەممىسى ماڭا ناتۇنۇش ئىدى. مەن ئىمتىھان قەغىزىنى قولۇمغا ئېلىپ ئاۋال بىلىدىغان سوئاللىرىمنى يېزىشقا باشلىدىم. بىراق ئاخىرقى ئۈچ سوئال مېنىڭ بېشىمنى ناھايىتى قاتۇرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىمدا ئولتۇرغان بىر ساۋاقداشنىڭ ئىمتىھان قەغىىزىگە بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ بىر سوئالنى 0 jVuF l  
يېزىۋالدىم .كومسىيە ئوقۇتقۇچى ماڭا قاراپ قويدى. بىراق ھىچقانداق گەپ قىلمىدى .مەن يەنە بىر سوئالنىڭ جاۋابىنى يېزىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەنە قارىدىم. بىراق بۇ قېتىم كومسىيە ئوقۇتقۇچى كېلىپ قەغىزىمنى تارتىۋېلىپ ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىپ كېتىشىمنى بۇيرىدى. مەن كەچۈرۈم سورىساممۇ ئۇنىماي ئاخىرى چىقىپ كەتتىم .ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ ئاپامغا نېمە دەرمەن دېگەنلەرنى ئويلاپ چىقىپ كېتىۋاتاتتىم .تۇيۇقسىز ئاپام: ‹‹بالام بالدۇر چىقىپسىزغۇ؟ ››دېدى. مەن ھىچ ئويلانماستىنىلا: ‹‹ئاپا سوئال بەك ئاسان چىقىپتۇ. مەن ھەممىنى يېزىۋەتتىم ›› دېدىم. ئاپام خوش بولۇپ كەتتى . ۋە «بالام نېمە يەيسەن؟ ئېلىپ بىرەي» دەپ ماڭا ھەرخىل تاماقلارنى، ئېىسىل كىيىملەرنى ئېلىپ بەردى. مەن ئاپامغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلىدىم ۋە ئاپامنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغانلىقىم ئۈچۈن ناھايتى ئەپسۇسلاندىم. LGgEq -  
K/, B  
دادا ، مىنى خىجىل قىلماڭ
nv2Y6e}dG  
دادا، سىز مىنى چۈشىنەمسىز؟ مىنىڭ كۆڭلۈمدە نىمە ئويلايدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ ھازىرقى زاماننىڭ تەرەققىياتىنىڭ نەقەدەر تىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ھەر قېتىم يوقىلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن مىنى مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراشقا بۇيرىغىنىڭىزدا، كۆز ئالدىڭىزدىكى بىر سەبى يۈرەك پارىڭىزنىڭ مۇئەللىمدىن نىمە باھانە تېپىپ، رۇخسەت سورىشىنى بىلماي تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرىۋاتقان ھالىتىنى كۆزئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ مەن مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە سىنىپتىكى 30 نەچچە جۇپ كۆزنىڭ ماڭا ئالىيىپ ‹‹ دائىم رۇخسەت سورايدىكىنە سىنىپنىڭ داۋام نومۇرىنى كەتكۈزۈپ ،سىنىپقا قوشقان تۆھپىسىنىڭ تايىنى يوق، زىيانلا سېلىپ يۈرگەن .....›› دەپ زەردە بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى سىز ھەرگىزمۇ ھىس قىلالمايسىز؟ مېنىڭمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش مۇئەللىم تەرپىدىن ماختاشقا ئېرىشكۈم، سىنىپقا مەيلى قايسى جەھەتتە بولسۇن ئازراق تۆھپە قوشقۇم، ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، ئوقۇش باشلاش مۇراسىملىرىدا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكۈم، ھەر خىل ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ئالقىشلانغۇم، مەكتەپتىكى جۈملىدىن سىنىپتىكى بالىلارغا ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ، ئورنۇمنى تىكلىگۇم بار. ئاتا – ئانىلار يىغىنلىرىدا سىنى ياكى ئانامنى يېنىمدا ئولتۇرغۇزۇپ، باشقا ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدىدا سىلەرنىڭ ئىناۋىتىڭلارنى تىكلىگۈم بار. مۇئەللىم بۇيرىغان ھەر خىل كىيىم پۇلى، ئىئانە پۇلى ...دىگەندەك پۇللارنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىپ مۇئەللىم ئالدىدىكى قىممىتىمنى ياراتقۇم كېلىدۇ . .... Y L;ZZ2A  
دادا ، سىز پەقەت 2 – سىنىپقىچىلا ئوقۇپتىكەنسىز ، سىزنىڭ ئوقۇمىغانغا قىلچىمۇ پۇشايمىنىڭىز يوقمۇ ؟ مەنمۇ مۇشۇنداق ھەپتىدە ئىككى كۈن دەرستىن قېلىپ سىزگە ئوخشاش نادان ، قارا قوساق بولۇپ ، گالنىڭ غېمىدىلا يۈرۈيدىغان ، بۈگۈنىنى تاپسا شۈكرى قىلىدىغان ، ئارانلا تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىغان بىر نان قېپى بولايمۇ ؟سىزنىڭ مەندىن كۈتىدىغان سەل يۇقىرىراق تەلىپىڭىز يوقمۇ ؟ .... O (tcu@vfl  
دادا !مىنى ، مەندەك بىر سەبى غۇنچىنى ئويلاپ قويۇڭ ، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن ! ساۋاتسىزلىقتا قېلىۋاتقان بىر ناتىۋانغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن! بۇندىن كىيىن مىنى مەكتەپكە تولۇق بارغىلى قويۇڭ ، رۇخسەت سوراشقا قىستاپ مىنى تولا خىجىل قىلماڭ ، بولامدۇ دادا ! >hRYsWbmg  
+`yDWN?7  
مەن يالغان سۆزلىمەيدىغان بولدۇم
wpb6F '  
مانا، مەن ئەنسىرىگەن دەقىقىمۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدى. 7- سائەتلىك دەرستىن چىقىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. مانا، ھازىر سىنىپ مۇدىرىمىز كىرىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟ يالغان سۆزلەيمۇ ياكى راستىنى دەيمۇ؟ مەن يالغان سۆزلىسەم باشقىلار چېقىپ قۇيارمۇ؟ راستىنى دىسەم مۇئەللىم ماڭا خاپا بولارمۇ؟ قانداق قىلارمەن؟ مۇئەللىم سىنىپنىڭ ئايلىق باھالىشىدىن بەش نۇمۇر كەتكىنىنى بىلسە...مانا مۇشۇنداق خىياللار بىلەن مۇئەللىمنىڭ سىنىپقا كىرگەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن . @:oMlIw;  
-ئىرشات ، نىمە ئويلاۋاتىسىز ؟ |*Z'WUv  
مۇئەللىمنىڭ چاقىرغان ئاۋازى دىققىتىمنى بۆلدى . مەن دۇدۇقلىغان ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم . F'C]OMBE  
ساۋاقداشلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى . mucY+k1>g  
مۇئەللىم بۈگۈنكى بىر كۈنلۇك ئەھۋاللارنى سىنىپ باشلىقىدىن سوراپ ، خۇلاسىلىگەندىن كىيىن، مۇراتقا قاراپ : YzhZ%:8  
-مۇراتجان، بۈگۈنكى ئىشىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم، سىزنىڭ بىر كۆز ئەينەكنى چېقىۋىتىشىڭىز قەستەنلىك ئەمەس بەلكى سەۋەنلىكتىن بولغان، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىڭ، ئەتە ئۆيدىن پۇل ئېلىپ كىلىپ ئەينەكنى سالدۇرۇپ قويۇڭ، - دىدى سىپايىلىق بىلەن . )d>"K`3  
مۇراتجان بىر ماڭا، بىر يەرگە قاراپ مىچىلداپ يىغلىۋەتتى. ئۇ ھەقىقى ئەھۋالنى دىسە، مەندىن تاياق يىيىشتىن قورقۇۋاتقاندەك قىلاتتى. مۇئەللىم سىنىپتىن چىقىپ كەتتى . 5\S)8j `8  
ئەتىسى مۇرات ئەينەكنى ئۆزى سالدۇردى. تىل ئەدەبىيات دەرسىدە بىزگە مۇئەللىم ‹‹يالغانچىنىڭ ئاقىۋىتى ›› ناملىق ھىكايىنى ئوقۇپ بەردى. مۇئەللىم ھىكايە ئوقۇۋاتىدۇ، مىنىڭ پۈتۈن ئىسى يادىم تۈنۈگۈنكى يالغانچىلىق قىلىپ، مۇراتجانغا ئۇۋال قىلغانلىقىمدا قالدى . مېنىڭ مەسئۇلىيەتنى مۇراتجانغا ئارتىپ قويغانلىقىم بولسا قەستەنلىك، دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلاۋاتقاندەك، ئۆزۈمگە، ئاتا-ئانامغا، مېنى تەربىيەلىگەن ئۇستازلىرىمغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم-دە، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن مۇئەللىمنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، ئەھۋالنى ئېيتتىم. مۇئەللىم مېنىڭ خاتا قىلغانلىقىمنى كەچۈرۈپ، ئىنتايىن سىلىقلىق بىلەن مۇئامىلىدە بولۇپ، ماڭا يېڭىدىن ئادەم بولۇش پۇرسىتى بەردى، شۇندىن كىيىن مەن يالغان سۆزلىمەيدىغان بولدۇم. e1[kgp   
5u~Ik c~  
دۇنيا ئەمگەك بىلەن گۈزەل
Nr|.]=K)5n  
باغ – ۋارانلار گۈزەللىك كۈيىنى ياڭرىتىۋاتقان، رەڭگارەڭ ئېچىلغان گۈللەر تەبىئەت گۈزەللىكىگە ھۆسۈن قوشۇپ ئانا يۇرت باغرىغا خۇش پۇراقلىرىنى چېچىۋاتقان، تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل پەسىلدە ''1-ماي '' ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كەلدى . ~.VWrHC  
كۆيۈمچان دادام ئاپاملار بۈگۈنمۇ ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى . تەبىئەت گۈزەل، باغلاردىكى رەڭگارەڭ ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر ، يوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كۈچ- قۇۋەتكە تولغان قاۋۇل، ساغلام يىگىتلەردەك دەل-دەرەخلەر، يېشىل دولقۇنلاردەك ئېتىزلىقلار شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى. مەن خۇشاللىق ئىلكىدە باشقا دوستلارغا ئوخشاش گۈزەللىك پەيزىنى سۈرۈۋاتىمەن. ھەممە يەردە ھەممە ئادە م ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەنىت ئىدى. بەزىلەر كۆچەت تىكسە بەزىلەر ئېتىز ئېرىقلارغا سۇ قۇيۇش بىلەن، بەزىلەر ئېرىق چاپسا، بەزىلەر ئېتىزلىقتىكى ئوتياشلارنى ئوغۇتلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يەنە بەزىلەر ئېتىزلىقتا چۆنەك تارتىپ نېمىلەرنىدۇر تېرىش بىلەن ئالدىراش. دېمەك ھەممىسى گۈزەللىككە گۈزەللىك قوشۇش بىلەن ئالدىراش. مەن گۈزەللىكتىن زوق ئېلىۋېتىپ بىرنەرسىنى ھېس قىلدىم .گۈزەللىك بار يەردە ئەمگەك تەر تۆكۈش بۇلىدىكەن. ھوزۇر- ھالاۋەت، خۇشاللىق، گۈزەللىك ئەمگەك مېۋىسى بىلەن بىرلىشىپ كېتىدىكەن. ئەمگەك بولمىسا ھاياتلىق گۈزەللىكتىن، تەبىئەت ھۆسۈن جامالىدىن ئايرىلىدىكەن. مەن شۇندىلا جاپاكەش ئاپام- دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن يىلدا كېلىدىغان مۇشۇنداق كۈندىمۇ ئارام ئالماي ئىشلەيدىغانلىقىنى چۈشەندىم. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنتىغان ھالدا ئەمگەك قىلىۋاتاتتى، تەر تۆكىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئۆز ئەجرىدە ئىدى. ۋۇجۇدۇمدا ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت كۈچەيمەكتە. ZZ]/9oiF%  
ئەمگەك ھەممىنى يارىتىدۇ. ھايات ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەللىشىپ، مۇكەممەللىشىپ ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ. شۇڭا مەنمۇ ئۆز ئەگىكىم ئارقىلىق گۈزەلللىك ۋە بەخىت يارىتىش ئۈچۈن تېرىشىمەن. $O%lYQY]  
[LjYLm%<  
مەن تاماق تاللىمايدىغان بولدۇم
4w*F!E2H\}  
بۈگۈن زۇكام دەستىدىن بېشىم قاتتىق ئاغرىپ مۇئەللىمدىن سۇراپ مەكتەپتىن قايتىپ كەلدىم- دە، يېتىپلا ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن. V BIPB  
-بالام، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. تامىقىڭىزنى يەپ بولۇپ ئاندىن ئارام ئېلىڭ. بىر قاچا ئىچىۋالسىڭىزلا ئەتە ياخشى بولۇپ كىتىسىز. -سىزمېنىڭ بۇتاماق بىلەن خوشۇمنىڭ يوقلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ… /UN%P2>^1  
-ئوتكەندە دادىڭىزنىڭمۇ مىجەزى يوق بولۇپ قالغاندا ئىچكەن ئىدىڭىزغۇ؟ دادىڭىزمۇ ئەتىسلا ياخشى بولۇپ قالمىدىمۇ؟ ~Xh(JK]  
ئاپامنىڭ زورلىشى بىلەن بىر قاچا ئاشنى مىڭ تەسلىكتە ئىچىپ تۇگەتتىم. {|%5}\%  
- بۇگۇن قانداقراق تۇرۇپسىز، بېشىڭىز يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟ نېمە تاماق يېگىڭىز بار؟ #U"\v7C{n  
بۈگۈن راستىنلا ياخشى بولۇپ كەتكەن ئىدىم .ئالدىنقى قېتىم شۆگۇرۇچ ئېتىپ بەرگىنىدە تامىقىمنى تۇخۇلارغا تۈكۈپ بېرىپ يالغان ئېيتقانلىقىمدىن، ئىنتايىن خىجللىق ھىس قىلدىم. بېشىمنى كۇتۇرمەي تۇرۇپ: j MW|B  
-ئاپا، يەنە بىر قاچا شۆگۈرۈچ قىلىپ بەرسىڭىز دىدىم. unSF;S<  
شۇندىن تارتىپ مەن ھەرگىز تاماق تاللىمايدىغان بولدۇم. E36 
ZH0 ~:  
چۈشىنىش
[9[tn -  
ئەتتىگەنلىك چېيىمنى ئالدىراپ ئىچىپلا مەكتەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. چۈنكى بۆگۈن مەكتىپىمىزدە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلەتتى. ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ سىنىپقا كىردىم. ساۋاقداشلىرىم تەنتەربىيە ھەيئىتى ئېلىپجاننى ئورىۋالغانىدى. ئۇ مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر تاختىسى تارقىتىپ بېرىۋاتاتتى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ:« مۇسابىقىغا قاتناشقاندىن كېيىن چوقۇم نەتىجە ئېلىشقا تىرىشىڭ، سىنىپنىڭ، ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭ» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەك ئاچچىقىم كەلدى. «قانداق نېمە بۇ؟ ئادەمنى زاڭلىق قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ مېنى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ-دە، ئۆزۈم قانچىلىك دېمەي، كۆرىمىزغۇ تېخى، كىمنىڭ نەتىجە ئالىدىغانلىقنى، كىمنىڭ سىنىپنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغانلىقىنى» دەپ ئويلىدىم. 5c'rnMW4+p  
مۇسابىقە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلار ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، بىرقانچە تۈردە بىرىنجى بولدۇق. ئەمما ئېلىپجان ئوغوللارنىڭ 200 مېتىرغا يۈگرەش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ نەتىجە ئالالمىدى. «ئۆزۈم قانچىلىك دېمەي گەپلىرىنى تېخى، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا تازا بىر دەۋالمايدىغان بولسام» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئولتۇردۇم. ?9mWMf%t  
مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. ئاخىرىدا نەتىجە خۇلاسە قىلىنىپ، مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلدى. سىنىپىمىز كوللىكتىپ بويىچە بىرىنجىلىككە ئېرىشتى. سەھنىگە مۇكاپات ئېلىشقا چىققان ئاشۇ مىنۇتتا مەن چەكسىز پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمگەن ئىدىم. دەل شۇ چاغدا مەن چاۋاك چېلىۋاتقانلار ئارىسىدىن ئېلىپجاننى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ناھايىتى خوشالدەك كۆرىنەتتى. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىزغىن چاۋاك چالماقتا ئىدى. مەن شۇ چاغدىلا ھەممىنى چۈشەندىم. ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ئەسلىدە ئۇمۇ سىنىپنىڭ، كۆپچىلىكنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن شۇنداق دەپتىكەن ئەمەسمۇ؟ '9$xOrv  
;6fkG/T  
 4>0xS -  
باشقىلارغا لەقەم قويماڭ 1V FAfv%}  
b[e+ (X  
ساۋاقداشلار، باشقىلارغا لەقەم قويۇش ياخشى ئىشمۇ؟ بەزى شوخ بالىلار ساۋاقداشلارغا لەقەم قۇيۇپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشقا ئامراق. بىز مۇشۇنداق ئەخلاققا يات بولغان گەپ-سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. ZZ[5Z =te?  
باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر ئىش تاكى ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ. سىنىپىمىزدا بىر ساۋاقدېشىمىز بارئىدى. ئۆزى ئىنتايىن يۇۋاش، تىرىشچان قىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۇدۇلدىكى بىر تال چىشى سەل ئالدىغا چىقىپ قالغان بولۇپ، داۋاملىق كۆرۈنۈپ قالاتتى. بىر كۈنى سىنىپىمىزدىكى بىر ساۋاقدېشىمىز ئۇنى «ھىڭگاڭ چىش» دەپ چاقىردى. بۇ چاغدا ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. ھېلىقى ساۋاقدېشىمىز بولسا، خىجىل بولغىنىدىن يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ قەلبى قاتتىق ئازار يېگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ كۆپ پىكىر قىلمايدىغان، باشقىلارغا ئانچە ئارىلاشمايدىغان بولۇپ قالدى. نەتىجىسىمۇ بارا-بارا تۆۋەنلەپ كەتتى. 9 r+' o#  
ساۋاقداشلار ئويلاپ باقايلى، ھەممە ئادەمنىڭ مۈكەممەل بولىشى ناتايىن، بىز جىسمانى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك ۋە مىجەز خاراكتىرىمىزدىكى نوقسانلىقلاردىن خالى بولالمايمىز. مۇشۇ تەرەپنى تۇتۇۋېلىپ باشقىلارنى مەسخىرە قىلساق، لەقەم قويۇپ تىللىساق توغرىمۇ؟ ھەممىمىزنىڭ بىر چىرايلىق ئىسمى بار. بۇ ئىسىملارنى ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولغانلىقىمىزدىن سۆيۈنۈپ، كىتاب كۆرۈش، چوڭلاردىن مەسلىھەت سۇراش ئارقىلىق چىرايلىق ئاڭلىندىغان، مەنىسى چوڭقۇر ئىسىملارنى قويىدۇ. لېكىن، بىز نېمە ئۈچۈن بىر بىرىمىزنى قۇلىقىمىزغا سەت ئاڭلىنىدىغان لەقەملەر ئارقىلىق چاقىرىمىز؟ بىر-بىرىمىزگە ئازار بېرىمىز؟ ئەگەر باشقىلار سىزگە لەقەم قويسا قانداق ھىسسىياتتا بولارسىز؟ x*Z"~'DI  
3zs~ Y3M?i  
سەمىمىيەت كىتابى vJl4.nk  
#V4_.t#  
بۈگۈن دەرستىن چۈشۈپلا گورۇپپا ئۆگىنىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ساۋاقدېشىم گۈزەلنۇرنىڭ ئۆيىگە قاراپ چاپتىم. ئالدىراپ كېتىۋېتىپ يولدا قىزىل رەڭلىك بىرنەرسىنىڭ تۇرغانلىقنى كۆرۈپ قالدىم. قارىسام، بۈگۈن مەكتەپتە تارقاتقان «پەرۋاز» ژورنىلىنىڭ يېڭى سانى ئىكەن. مەن بۇ ژورنالنىڭ ھەر بىر سانىنى قالدۇرماي ئوقۇۋاتقان بولساممۇ، بىراق بۇ سان ژورنالنى ئوقۇيالمىغانىدىم. چۈنكى، سىنىپىمىزغا كېلىدىغان «پەرۋاز» ژورنىلىنىڭ سانى ئوقۇغۇچى سانىدىن ئازراق ئىدى. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرىمىز تارقىتىپ بېرەتتى. بۇ قېتىم ژورنال ماڭا تەگمەي قالغان ئىدى. مەن ژورنالنى ئېلىپ خوشال ھالدا يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم. تۇيۇقسىز مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر قىزنىڭ يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قارىغىنىچە يىغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئاچا، يولدىن بىر ژورنال كۆردىڭىزمۇ؟ R0oP ##]  
پەرۋاز ژورنىلى، كېلىۋاتقاچ چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن» دەپ سورىدى. مەن قىزچاقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىچ ئاغرىتقان بولساممۇ لىكىن، بۇ ژورنالغا بەك ئامراق بولغاچقا، قايتۇرۇپ بەرگۈم كەلمىدى. بىراق ئاتا-ئانام ۋە ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىمنىڭ سەمىمىيەت توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئەسلەپ، «پەرۋاز» ژورنىلىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردىم. ئۇ قىز ژورنالنى قولىغا ئېلىپ خوشال بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ خوشال بولغانلىقىنى كۆرۈپ دىلىم پاللىدە يورىغاندەك بولدى. مەن شۇ چاغدىلا ياخشى بىر كىتاپ ئوقۇغاندەك بولدۇم. ئۇ بولسىمۇ ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى سەمىمىيەت كىتابى ئىدى. VdVca1Z  
Vwm\a]s  
دادا سەنمۇ بىزنى ئويلاپ قويارسەنمۇ (Pvch!  
!Aj_r^[X`  
نەپسانىيەتچىلىك، ئىنسان مەنىۋىيىتىگە چۈشكەن پارازىت قۇرت. بۇنداق پارازىت قۇرتلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىختىدارىنى يوقاتقان ھەرقانداق روھنىڭ ۋۇجۇدىدىكى گۇلزارلىق ۋەيران بولماي قالمايدۇ . /SlCcozFL~  
مەن بۇ ھەقىقەتنى ئاتا-ئانامنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىدىن ھېس قىلدىم . \iu2rat^  
مۇمامنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە، ئانام بىلەن دادام ئەسلىدە تىرىشچان، قانائەتچان، ئۆتكەن كۈنىگە ئۈشكۈر قىلىپ ياشايدىغان، يۇۋاش ئەر-ئاياللاردىن ئىكەن. كېيىنچە ئۇلار مال- دۇنيادىن ئىبارەت كۆزنى چاقنىتىدىغان ئېزىتقۇنىڭ ئازدۇرىشىغا بەرداشلىق بىرەلمەي قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ۋەيرانلىق كۇچىسىغا كىرىپ قاپتۇ. 1xT^ ,e6  
بۇ خارابىيلىقتا ئىدىيەسىدە ھىچقانداق تەييارلىقسىز بىر ئانا، تۇيۇقسىز ئۆزلىرىنىڭ روھى تۇۋرۈكلىرىدىن ئايرىلغان، ئاتا -ئانا مېھرىگە تەشنا ئۈچ يىتىم ناھايىتى تەستە كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدۇق. بىزدەك تىرىك يىتىملەرنىڭ دەردىمىزنى پەقەت بىزدەك كۈنگە قېلىپ بىزدەك ياشاپ باققان ئادەملەرلا چۈشىنىشى مۇمكىن. توۋا دەيمەن، ئۇلارنىڭ مۇھەبىتى قانداق مۇھەببەت بولغىيتى؟ مال-دۇنيا مېھرى مۇھەببەتتىنمۇ مۇھىممىدۇ ؟ T3'dfe U  
مېنىڭ داداممۇ باشقىلارنىڭ دادىلىرىدەك قانائەتچان بولغان بولسا، ئازراق مال-دۇنيانىڭ مېھرىدىن كەچكەن بولسا، شۇنچە كوپ ئەجرىدىن بىنا قىلغان مۇھەببەت گۈلزارلىقى خازان بولمىغان، ئۆز قولى بىلەن تىكلىگەن سويگۈ مۇنارى غۇلاپ چۈشمىگەن بۇلاتتى. مەنمۇ ھەرقاچان ئۆزەمنى ئازاپ دېڭىىزىدا بۇدۇنياغا ئارتۇقچە تۆرىلىپ قالغان ئادەمدەك ھېس قىلىپ ياشاپ يۈرمەس ئىدىم. مەن ھەركۈنى باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن يىتىلىشىپ ماڭغانلىرىنى كۆرسەم ئىچىمدە باشقىچە بىر سېغىنىش، ئازاپ تۇيغۇسى پەيدا بۇلىدۇ-دە، كىچىك چاغلىرىمدىكى مىنى سىۋەتكە سېلىپ ئانام بىلەن ئىككىڭلارنىڭ سېۋەتنىڭ ئىككى چىتىدىن تۇتۇپ ئوتقا ماڭغان بەخىتلىك ھالىتىمىزنى ئەسلەيمەن . 96MRnj*Y[  
دادا سەنمۇ بىزنى ئويلاپ قۇيامدىغانسەن؟ سەن نىمىگەئىرىشىپ نىمىلەردىن مەھرۇم قالغانلىقىڭنى بىلەمدىغانسەن؟ سەن ھازىر ئاشۇ پۇلدار ئايالىڭ بىلەن بەخىتلىك، غەمسىز ياشاۋاتامدىغانسەن؟ سەن غەمسىز ياشاۋاتقان ئاشۇ ۋاقتتا، مۇشۇ دۇنيادا ئۆز ۋۇجۇدىڭدىن تۆرەلگەن، غەم-قايغۇ ئىچىدە ياشاۋاتقان ، ئاتا-ئانا مىھرىگە قانماي بوينى قىسىلغان ئۈچ يېتىم بالاڭنىڭ بارلىقىنى ئېسىڭگە ئالامدىغانسەن؟ .hETqE`E  
 '=%vf  
Q\ro )r  
مەنبە: ئالتۇن بۆشۈك qI5/ME(}  
[ بۇ يازما altunboxuk تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
چېچەك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10299

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   508 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10633 (سوم)
 ياخشى باھا:   386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   301  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7500
 سائەت
دەرىجىسى:
7500 سائەت 290 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-13

ئىنكاس بىلەن ساقىلىۋالاي،كېيىن بالىلىرىمىغا ئوقۇپ بەرگىلى ئەسقېتىپ قالار.ئەجرىڭىزگە رەھمەت..بالىلار ئەدەبىياتى ھازىر بىزدە ئىجەدىيەت ئەڭ ئاز تۈرلەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ قالدى..ھەي..ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ <ئۈچ بولكا> دې v 8-F;>H  
گەندەك ئەسەرلەر ،تۇرسۇنئاي ھۈسەيىندەك يازغۇچىلار  يەنە چىقسا بولاتتى.
 
شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.
doramquk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40461

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   31 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1 (سوم)
 ياخشى باھا:   33 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   55  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 500
 سائەت
دەرىجىسى:
500 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-09
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-13

تىلى ئاددى، ئۆزى چۈشىنىشلىك، ئەمما مەنىسى چوڭقۇر ئەسەرلەركەن، رەھمەت سىزگە.
 
توغرا بولسا توغرا دە، ئاتاڭ خاتا دېسىمۇ،
ھەقنى ناھەق كۆرسەتمە، دۇنيا ساڭا يانداشسىمۇ.
Gulbike
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.20583

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1555 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1536 (سوم)
 ياخشى باھا:   261 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2452
 سائەت
دەرىجىسى:
2452 سائەت 68 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-03
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-13

بالىلارغا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى باركەن، ساقلىۋالاي، كەلگۈسىدە تەربىيىگە ياردىمى بولغۇدەك،
 
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1486 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8894 (سوم)
 ياخشى باھا:   532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3358
 سائەت
دەرىجىسى:
3358 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-13

باللار ئەزەلدىن يالغان گەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئۇلارغا جەميەت ۋە جەميەتتىكى بىر قىسىم يامان كىشىلەر ئۈگۈتۈپ قۇيىدۇ.
 
xiren0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40474

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   872 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3692 (سوم)
 ياخشى باھا:   545 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   421  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2389
 سائەت
دەرىجىسى:
2389 سائەت 131 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-20
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-13

راستىنلا ئەھمىيەتلىك،تېما يوللاپسىز رەھمەت،كۈنلەرنىڭ بىرسىدە لازىم بولارمىكىن دەپ ساقلىۋالدىم.   
 
ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش،
ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش.
ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش،
قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.
so-happy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40631

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   49 (سوم)
 ياخشى باھا:   0 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 78
 سائەت
دەرىجىسى:
78 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-13
ئاخــىرقىسى:2011-06-11
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-14

نىمەدىگەن  ياخشى  تىما بۇ
 
ئەراپات
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى