بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئۇ مەيلى قانچىلىك نامرات، قانچىلىك قىيىنچىلىق بولۇپ ھەتتا ، ئۆگزىسىدىن توختىماي تامچە ئۆتۈپ تۇرسۇن، يەنىلا بۇ ئۆيدە بىر ئاقكۆڭۈل، تىجەشلىك، سەرەمجان، ئۈمىدۋار ئايال بۇ ئۆينى ئۆزىنىڭ "جەننەت"ى ھىساپلاپ ، تۇتۇپ كېلىدۇ.
?rauhTVnJ بىراق ئاياللار ، جۇڭگولۇق ئاياللار، جوڭگۇلۇق ئانىلار ، پەرزەنتى ئۈچۈن قانچىلىك جىق ئازاپلارغا چىداپ كەلدى؟ بۇنى تۆۋەندىكى بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەھلىل قىلىپ باقايلى:
/[V} ھەر يىلى 400مىڭ پارچىلانغان ئائىلىنىڭ 25%تىنى ئائىلە زوراۋانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاجراشقانلار ئىچىدە ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلار 47.1%لىك نىسبەتتىن ئىشىپ كەتكەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 370مىلىيون ئائىلىدە ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئاياللار 30%نى ئىگەللەيدۇ.
Cpg>5N~;L مانا بۇ سانلار كىشىنى چۆچۈتىدىغاندۇ؟ شۇڭا <مۇشتۇمى بىلەن گەپ قىلدىغان> ئىشلارنى <ھىكايىدىكى ئىشلار> دەپ قالماڭ، ئائىلە زوراۋانلىقى تارىخى خاراكتىرلىك، دۇنياۋى خارەكتىرلىك ئىش بولۇپ، ئائىلىنى خاراپلاشتۇردىغان ساقايماس كىسەلدۇر.
{KQ]"a 6 <ناتۇنۇش كىشىلەرگە گەپ قىلماڭ > دېگەن تېلېۋېزىيە تىياتىرى قۇيۇلىۋاتقان چاغدا ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى مۇشۇنداق ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارىتا نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ غۇلغۇلا قىلىشقان. نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، 43.7%كىشىلەر ئەرلەرنىڭ ئايال كىشىنى ئۇرۇشىدا مەسئۇلىيەت ئايال كىشىدە، ئايال كىشى يولسىزلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن تاياق يېگەن دەپ قارىغان، 25.5% زىيارەت قىلىنغۇچىلار <ئايالى ئېرىگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلغاندا ئەرلىرى ئۇرسا بولىدۇ >دەپ جاۋاپ بېرىشكەن.
#{f%b,.yxt بۇنداق زوراۋنلىق ئىلىپ كەلگەن جاراھەت مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
.I
h'& . شۇڭا بىز ئائىلە زوراۋانلىقىغا ياغدۇرغان لەنت- نەپرىتىمىزنى ئەخلاق ھەم ھىسياتنىڭ سىرتقى يۈزىدىلا قالدۇرۇپ قويماسلىقمىز كېرەك. ئائىلە زوراۋانلىقى ئىلىپ كەلگەن نۇرغۇن قانلىق دېلولارغا ، ھەر بىر بەختلىك ئائىلىگە ئىنتىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۈزەكى ھالدا مۇئامىلە قىلماسلىقى ، ئەكسىچە ، بۇنداق پاجىئەلەرنىڭ قايتا قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئائىلە زوراۋانلىقنىڭ، ئەخلاقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەنلىگىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا ئۇنى <ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشى > دەپ قارىماسلىقمىز كېرەك.
BQo$c~ ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىش مىخانىزىمى، قوللاش سىسىتېمىسى، تەربىىيىلەش مىخانىزىمى قۇرۇپ چىقىپ ، بىرلا ۋاقىتتا بۇ خىل زوراۋانلىققا تەڭلا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ؟ ئاياللارنىڭ قانۇن ھوقۇق مەنپەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىدا، دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تۇسۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.
S:=
_o <جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ تەرەققىيات پىروگراممىسى > دا ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنىڭ باراۋارلىكىنى قوغداش ، ئائىلە زوراۋانلىقىنى تۇسۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشتىنلا باراۋەر بولىدۇ، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، قېرى بولسۇن ، ياش بولسۇن ئوخشاشلا دۆلەت قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئاياللار ئاجىز بولغانلىقى، قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولمىغانلىقى ، ئەرز قىلالمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلسا بولامدۇ ؟ ئائىلە زوراۋانلىقى بىر شەخسىنىڭ ئىشى ئەمەس، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىمۇ بىر تاشلاندۇق ئارالمۇ ئەمەس. ھەر بىرىمىز ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قاراڭغۇ سايىلەرنى تازىلاپ ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىشىمىز ، قانۇننىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز چۇقۇم قانۇن ئارقىلىق ئائىلە زوراۋانلىقىنى تۈگىتىشىمىز، ، قانۇن ۋە ئەدلىيە ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئاياللارنىڭ غورۇرى ھەم قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىمىز كېرەك.
Mp-hNO}.Z ھەر بىر ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلەنسە، ئائىلىسى ئاندىن ئىناق بولىدۇ. ئىناق ئائىلىلەر بولغاندا ئاندىن ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. ھەر خىل شەكىلدىكى ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ يۈز بېرىشىگە جەمئىيەت يول قويماسلىقى، ئۇنى تازىلاش ۋە قارشى تۇرۇش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇليىتى بولۇپ تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقۇسى.
cPp<+ ts _48@o^{ مەنبە :جۇڭگو سوتى گېزىتى. 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .
[ بۇ يازما Eltekin تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]