ياشلار ئۆي سېتىۋېلىش قارىشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك
1ySk;;3 نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۆي سېتىۋېلىش سېپىغا قېتىلدى . ئەڭ يېڭى سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا نۆۋەتتە ، ئۆي سېتىۋېلىش يېشى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە . 2010-يىلى 30ياشتىن تۆۋەن كىشىلەر، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ %30 نى ئىگەنلىگەن . بېيجىڭ بىرىنچى قېتىم ئۆي دېتىۋېلىش قەرزى ئالغانلارنىىڭ ئوتتۇرچە يېشى 27ياش بولغان . لىكىن بەزى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ، مەسىلەن ياپۇنىيە ، گىرمانىيە، قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 42 ياش بولغان . دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن رايۇنىدا تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 36 ياش بولغان، فىرانسىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 37 ياش ، ئامرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى30 ياشتىن يۇقىرى بولغان . مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارشىچە نۆۋەتتىكى «يېشى سەل كىچىكلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشى » ئېلىپ كەلگەن «ئۆي بولمىسا توي قىلماسلىق » «بىراقلا ھەممىسى تەل بۇلۇش » «ئاتا ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئۆي سېتىۋېلىش » قاتارلىق ئاقىلانە بولمىغان ئۆي سېتىۋېلىش قارشىنى ئۆزگەرتىش كېرەك .بىر يۇلىلا ھەممىنى تەل قىلىش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ ئۆي ئىجارە ئېلىشتىن سېتىۋېلىشقىچە، كىچىكلىكتىن چوڭىيىشقىچە قاراپ ماڭىدىغان تەدرىجى تەرەققى قىلىش يۇلىنى تاللاش كېرەك .
Lt?lv2k=L ئولتۇراق ئۆي شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى سىياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىنخۇڭ مۇنداق دىدى : يېڭى ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ياشلار ئاساسەن، جۇغلانما ئاز ، خىزمەت مۇقىم ئەمەس ، كىرىم ئىگىز پەس بولغان كىشىلەر تۇپى، ئەگەر ئىشسىز قالسا، قەرز قايتۇرۇش بېسىمى ئېشىپ، ئۆيدىن ئايرىلىپ قېلىش خەتىرى چوڭ بولىدۇ، چىنخۇڭنىڭ كۆرسىتىشىچە ،بۇ يىللىق ئۆي مۈلۈك بازىرىنى كونتۇرۇل قىلىش سىياسىتى، ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسىشىنى تىزگىنلەش ئىكەن . بۇ ياشلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلشتۇرماي،قارغۇلارچە ئۆي سېتىۋېلىش ئېلىپ كەلگەن خېيىم خەتەرنى ئازايتىدىكەن .
[9evz}X N
+Yxz;Mg باي دادامنىڭ مۇلاھىزىسى :
AG`L64B ;=)k<6 ئۇيغۇرلاردىكى ئۆي سېتىۋېلىش ھەركىتىگە قارتا نۇپۇزلۇق ئىسىتاستىكا ئورنىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىستاستىكا سانلىق مەلۇماتلىرى بولمىسىمۇ لىكىن ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ھەركىتىدىن شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى ئۇيغۇرلاردىمۇ ئۆي سېتىۋاغۇچىلار يېشى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.ھازىر نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنتىلىش بىرى خىزمەت يەنە بىرى ئۆي ، مانا بۇ مەسىلىلەر ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنتىلىش بۇلۇپ ،خىزمەت ھەل بولغان ھامانلا ئۆي سېتىۋېلىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ .
UZ\u;/} ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ھەركىتىدە ساقلىنىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر شۇكى : «ئۆي بولمىسا توي قىلماسلىق » «بىراقلا ھەممىسى تەل بۇلۇش » «ئاتا ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئۆي سېتىۋېلىش » «ئاتا ئانىسى ھەممىنى تەل قىلىپ بىرىش» قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ جەمىيەتتە مودا بۇلىۋاتقان قاراش «ئۈيى يوق يىگىتكە تەگمەسلىك»،«خىزمىتى يوق،ھەممىنى تەل قىلالمىغان قىزنى ئالماسلىق» دىگەن قاراش ئىنتايىن ئېغىر .
jS]ru-5. ‹كەمىنىمۇ 27 ياشقىچە توي قىلالماي، ئاخىرى ئۆيدىن بىرنى سېتىۋېلىپ 2 ئايغا قالمايلا توي قىلىپ كەتتىم › مۇشۇنىڭدەك ئىش . «ھەي، دوسلار ماۋۇ چاقچاق جۇما ! خوتۇن كۈرۈپ قېلىپ يەتكىچە گەپ ئاڭلىماي يەنە ……»
4tRYw0f47 بۇرۇنقى چاغلاردامەلۇم بىرەيلەن توي قىلسا بىر نەچچە يىلغىچە ئاتا-ئانا بېلەن بىرگە تۇراتتى ، بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا مىھىر چوڭقۇرلايتى ، چۈشۈنۈش چوڭقۇرلايتى . يېڭى توي قىلغان ياشلارمۇ ئاتا-ئانىلاردىن تۇرمۇشنى قانداق ماڭغۇزۇشنى ، ئۆينى قانداق تۇتۇشنى ئۆگىنەتتى .بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ھەممەيلەن ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بالىلارغا ئايرىم ئۆي ئايرىپ بىرەتتى . ئاتا ئانىلارغا توي سېلىقى ، ئۆي سېلىقىنى بىراقلا ئارتىش يوق ئىدى .
FtP0krO( ئۆي ئۇ بولمىسا بولمايدىغان نەرسە ، شۇڭلاشقا ئۆي سېتىۋالغاندا چوقۇم پىلانلىق ھالدا ئالدى كەينىنى ئابدان ئويلىشىپ سېتىۋېلىش، قارغۇلارچە ئالدىراقسانلىق بېلەن ئۆي سېتىۋېلىپ ئاتا-ئانىلارغا بېسىم سېلىش، ئاتا-ئانىلارنى تۈگىمەس قەرگە يۈكلەپ قۇيۇش، قاتارلىق يامان ئىللەتلەرنى چوقۇم تۈگىتىش كېرەك . ئەگەر ئۆي بولمىسا ئالدى بېلەن ئىجارە ئېلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغىدەك ئەمەلى كۈچكە ئىگە بولغاندا سېتىۋېلىش دىگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ ئاتا- ئانىلارنى ۋە ئۆزىنى تۈگىمەس بېسىم ۋە قەرزلەرگە يۈكلەپ قويماسلىق كېرەك .
q;T{|5/O ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!
)B"jF>9)[ O,{6*[)@ تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
T0wW<_jh X9v.1s, باي دادام تور خاتىرىسى
"jeb%k
W#9BNKL http://baydadam.net[ بۇ يازما Eltekin تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]