'J?{/O ^ s*PKr6X+ Pxl, " "AagTFs(i مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1011-يىلى ئوپالدا تۇغۇلغان . دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن .
K$Bv4_|x ئالىم 11- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان . ئالىمنىڭ << تۈركىي تىللار دىۋانى >> ناملىق ئەسىرى باغداتتا مىلادىيە 1072-يىلدىن 1074-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان . 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.
4
{M مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى دىۋانۇ لۇغاتتىن تۈركنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق① .بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب »② ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ ③ تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان ”④ لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان ⑤ شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن⑥ .
sTd@/>S?p بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىغا مەنسۇب ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ .
Q^ W,)% بۇ ئەجداد كىم ؟
<6(0ZO%,C! بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن ( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى⑦ . ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىغىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ⑧ .
Sn[xI9}O بىر تەسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا(9). ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يەزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركىئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى « بۇغراخان » مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ ( يۇقىرىغا قاراڭ ) . قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىگ ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ) قاغانلىق ئورتاقلىغىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى(10) . ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھاممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەت ( ھېجىرىيە 444 – يىلىدىن يەنى 1056 -1057_ يىللىرىدا ھۈسەيىن بىن مۇھاممەتنىنب ئارسلان ئىلىگ بولۇپ بارىسخاندا ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ .
)5@P|{FF شۇنداق بولغاندا ، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىر مۇھەممەتتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق . بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى .
[3X\"x5@V ھاياتى ناھايىتى خۇپىيانە توختالغان مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ باغدادقا قانداق سەۋەبلەر بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئوچۇق دېمەيدۇ . تۈرك ئەللىرىدە كۆزگە بىرمۇنچە ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبىنىمۇ سۆزلىمەيدۇ . ئەگەر كېلىپ چىقىشىى توغرىسىدىكى تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولغان تەقدىردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ مەيدانغا چىقىدۇ . ئۇ روشەنكى بىر سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى ) ئىدى .
;y(;7n_ a شەرقىي قاراخانىلار دۆلىتىدە ھېجىرىيىنىڭ 448 – 449 يىللىرىدا ( 1056-1057 _ 1057-1058 ) قورقۇنۇچلۇق ھادىسىلەر پەيدا بولدى . ئالدى بىلەن چوڭ خاقان ( ئارسلان خان ) سۇلايمان بىن يۈسۈپ ئىنىسى ۋە خاقانلىق ھەمرىيى ( بۇغراخان ) مۇھاممەت بىن يۈسۈپكە قارشى ھەرىكەت قوزغايدۇ ۋە “ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە ئارسلانخان سۇلايمان بىن يۈسۈپ يېڭىلىپ قالىدۇ . بۇغراخان مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ ”(12) .
L!:NL#M ئىبىن ئەسىرى يەنە خاب ئائىلىسىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ : « دۆلىتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن1گە بېرىدۇ(13) ۋە ئۇنى ۋەلى ئەھد دەپ ئېلان قىلىدۇ . بىراق بۇغراخاننىڭ ( يەنى ھازىرقى ئارسلانخان مۇھاممەت بىن يۈسۈپنىڭ ) ئىككىنچى بىر خوتۇنى بار ئىدى ۋە بۇ خوتۇنىدىن چوڭ ئوغلىدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئوغلى بولغان . خوتۇن ھۈسەيىننىڭ تەيىنلىشى بىلەن تۇغۇلغان نەپرەت بىلەن بۇغراخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) غا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىرمۇنچە ئازالىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئىنىسى قادىرخاننىڭ ئوغلى ئارىسلانخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) مۇ ئۆلتۈرىلىدۇ »(14) .
f(y+1 تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولسا مۇھەممەت بىن ھۈسەيىن يەنى مەھمۇد قەشقەرى ، بۇ چوڭ قىرغىندىن قانداقتۇر بىر ئۇسۇلدا قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرى ۋە قېچىشقا مەجبۇر بولغان . ئالدى بىلەن ، ئېھتىمال خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بارغان ، ئون يىل قەدەر ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىرى باغداتقا كەلگەن ۋە بۇ يەردە سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى) بولۇپ تۇرۇپ قالغان . مەھمۇد قەشقەرى بۇ ئۇزۇن مۇساپە داۋامىدا تۈرك دۇنياسى بىلەن كوپ يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ، بۇ چاغدا ( 1057-447) سالچۇقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان باغداتتا تۈركلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىغان بىر ئەسەرگە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە ئۇنى شۇ زاماندىكى ئابباسىلار خەلىپىسىگە (مۇقتەدى بىللا 1075-1094 ، 467-487 ) تەقدىم قىلغان . بۇنداق بىر تەشەببۇسنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاشقا ياردىمى بولۇشى ئېنىق گەپ .
a6 gw6jQ ئېچىنىشلىق ئائىلە پاجىئەلىرىگە باغلىماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئەسىرىدە ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تىلغا ئالمايدۇ . شۇ تەرىزىدە بۇ سۇلالىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھوكۇم سۈرگەن قاراخانىلار ھۆكۈمدارلىرى ۋە شۇ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرمەسلىكى چۈشۈنىشلىك . بىزنىڭ تەخمىنىلىرىمىز مۇشۇلاردىن ئىبارەت .
N)mZ!K44 ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ يېشىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر .
CWeQv9h]X ھارۇن (ھاسان ) بىن سۇلايمان ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992) ئۆلگەن ؛ ئوغلى يۈسۈپ «قادىرخان» بۇ چاغدا ھېچ بولمىغاندا 20 ياشتا بولىشى كېرەك ؛ يۈسۈپ باشلىق بىر ئادەم بولۇپ ھېجىرىيە 423 – يىلى (1032 ) ئۆلگەن . ئۆزىنى 60 ياشلاردا ئۆلگەن دەپ ھېسابلىساق تۇغۇلغان ۋاقتى 360 – يىللار ( 971- 980 ) بولۇشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ ئۇزۇن جەڭلەردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرى دىگەندە ھېجىرىيە 396 – يىلى ( 1005 – 1006 ) خوتەننى ئىشغال قىلغانلىقىنى بىلىمىز(15) ؛ ئۇ قەشقەردە ناسىر دولە قادىرخان دېگەن ئاتاق بىلەن تەخمىنەن ھەجىرىيە 396 – يىلىدىن ( 1005 – 1006) ئېتىبارەن ھوكۇم سۈرگەن(16) .
:Fhk$?/r چوڭ ئوغلى سۇلايمان بىن يۈسۈپ تەخمىنەن ھېجىرىيە 407 – يىلىدىن ( 1016 – 1017 ) ئېتىبارەن يەركەنتتە ھوكۇم سۈرگەن(17) . ئىككىنچى ئوغلى مۇھاممەت بىن يۈسۈپ ئېنىقكى سۇلايمان بىن يۈسۈپتىن كۆپ كىچىك ئەمەس ئىدى . يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ، مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ھېجىرىيە ، 449 – يىلى ( 1057 – 10058 ) چوڭ ئوغلى ئۈچۈن تەختتىن چۈشمەكچى بولغان . بۇ بىر نوقتىدىن مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ 380 – يىللاردا ( 991 – 999 ) تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلالايمىز . بۇنىڭغا قارىغاندا ، ھۈسەيىن ھېجىرىيە 400 – يىللاردا ( 1010 – 1019 ) دۇنياغا كەلگەن بولۇشى مۈمكىن . مۇشۇنداق بولغاندا ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئوغلى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى دەپ ھېجىرىيە 420 – يىللارنى ( 1029 – 1038 ) بىر تەخمىن دەپ ئېلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھېجىرىيە 470 – 464 يىللاردا ( 1072 – 1078 )(18) . مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان ۋاقىتلاردا قىرىق ياكى ئەللىك ياشلاردىكى ۋاقتى بولۇپ ، بۇ ئېھتىمالغا بەك يېقىن كېلىدۇ .
&vmk!wAs ئىزاھاتلار:
(EcP'F*;;y ① مەھمۇت قەشقەرى ھەققىدە ئەڭ مۇھىم بولغان تەتقىقاتلار:
79 4UY ۋ.ۋ. بار تولد: «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىي ھەققىدە دەسلەر»، (تۈركچە)، 1927- يىلى، 85- 83- بەتلەر؛ (گېرمانچە)، 1935- يىلى، 95- 92- بەتلەر.
X QLP|v;" فۇئات كۆپرۈلۈ:» دىۋان لۇغاتىت تۈرك» (تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار)، ئىستانبۇل، 1934- يىلى، 34- 33- بەتلەر، (تۈركچە).
3PkZXeH/ ئەخمەت زەكى ۋەلىدى تۇغان: «دىۋان لۇغاتىت تۈركنىڭ يېزىلغان يىلى ھەققىدە» (ئاتسىز مەجمۇئە)، 16- سان، 1932- يىلى، 78- 77- بەتلەر؛ «مەھمۇت قەشقەرىگە ئائىت نوتلار»، (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان، 1932- يىلى، 136- 133- بەتلەر، (تۈركچە).
c(1tOQk. رىفات بىلگە كىلىسلى: «دىۋان لۇغاتىت تۈرۈكنىڭ يېزىلىش تارىخىي»، (تۈركىيات مەجمۇئەسى)، 6- سان، 39-1938- يىللىق، ئىستانبۇل، 1939- يىلى، 360- 358- بەتلەر(تۈرۈكچە).
_
uOi:Ti بېسىم ئاتالاي:«دىۋان لوغاتىت تۈرك ۋە تەرجىمىسى ئۈستىدە نوتلار- كىتابنى يازغان شەخىس؛ كىتابنىڭ يېزىلغان تارىخى؛ كىتاب نەدە يېزىلغان» (دىۋان لوغاتىت تۈرۈك تەرجىمىسى)، 1- توم، ئەنقەرە 1939- يىلى، 16- 11- بەتلەر، (تۈرۈكچە). ئەخمەت جاپەر ئوغلى: «تۈرۈك تىلى تارىخى نوتلىرى»، 1- بۈلۈم. ئىستانبۇل، 1943- يىلى، 43- 42- بەتلەر، (تۈرۈكچە).
CE
M4E م. شاكىر ئۈلكۈتاشىر: «بۈيۈك تۈرك تىلچىسى مەھمۇت قەشقەرى»، ئىستانبۇل، 1946- يىلى، (تۈرۈكچە).
ga|
② «كىتاب دىۋان لوغاتىت تۈرك» كىلىسلى مۇئەللىم رىفات بىلگە باسمىسى، I، ئىستانبۇل، 1334(1917). 3= فاكسىمىلى: بېسىم ئاتالاي: «دىۋان لوغاتىت تۈرك فاكسىمىلى» ئەنقەرە، 1941- يىلى. #jBmWaP.
③ قارالسۇن: ① بارتولد: 94- بەت، توغان: (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان. 136- 133 بەتلەر. :JSxsA6k
④ دىۋان، تۈركچە تەرجىمە 1- توم، 101- بەت= فاكسىمىلى 69- بەت. GI{EP&