مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       744 
  •    ئىنكاس 
       0 

تېڭشۈن-360 دېلوسىنىڭ ھۆكۈم نەتىجىسى چىقتى

قەۋەت ئاتلاش
OZTURK02
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3117

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1611 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5195 (سوم)
 ياخشى باھا:   780 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1094  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2931
 سائەت
دەرىجىسى:
2931 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
— بۇ يازما matimatika تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-04-27) —

techweb تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، بۇلتۇر تازا ئەۋجىگە چىققان 3Q جېڭى- تېڭشۈن 360 جېدىلى داۋاملىشىپ 2011-يىلىغىمۇ كەلگەنىدى. بۈگۈن تېڭشۈن 360 شىركىتىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك قوغدىغۇچىنىڭ دەخلى تەرز قىلىشى توغرىسىدىكى ئەرزىگە بىرىنچى سوت ھۆكۈم ئېلان قىلدى. سوت مەھكىمىسى «360 شىركىتى 360 شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچنى تارقىتىشنى توختىتىشى، تېڭشۈن شىركىتىگە 400 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىشى ھەمدە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا 30 كۈن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك» دەپ بۇيرۇدى. |tL57Wu93  
بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، تېڭشۈن شىركىتى رەسمىي ھالدا 360 شىركىتىنىڭ ناتوغرا رىقابىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ، 360 شىركىتىدىن 4 مىليون تۆلىشىنى ۋە ئۆزىدىن ئۇدا ئۈچ ئاي كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان. تېڭشۈننىڭ ئەرزىدە مۇنداق دېيىلگەن:« 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى چى خۇ 360 نىڭ ئابونتلارغا ‹360 شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچ» نى تەمىنلىگەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇ QQ سۆزلىشىش يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىجرا بولۇشىنى نازارەت قىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ساختا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئابونتلارنى ئازدۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئالدايدۇ. ئۇ ئابونتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە ئېغىر زىيان سېلىپ قالماستىن يەنە، تېڭشۈننىڭ شان-شۆھرىتىگە زور دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزدى». g=w,*68vuy  
بۇنىڭغا قارىتا 360 شىركىتى مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى:«360 تىن باشقا، مىكروسوفت Process Monitor،Comodo، AVG ۋە QQ رازۋېدچىكى قاتارلىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قوراللىرىنىڭ ھەممىسى QQ دىكى غەيرىيلىكنى بايقىغان. تېڭشۈن بىراقلا قوشۇپ ئەرز قىلماقچىمۇ قانداق؟ QQ شەخسىي مەخپىيەتلىكلەرنى ئوغرىلىغاندىن كېيىن، تېڭشۈن يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ ‹360 شەھۋانىيلىققا چېتىشلىق› دېدى ھەمدە تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، 360 شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى مەجبۇرىي قامال قىلىپ، تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈشىگە توسقۇنچىلىق قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا 360 شىركىتى ئەرز سۇندى». U^jxKBq^  
چۈشەندۈرۈلۈشىچە، تېڭشۈن بىرىنچى قېتىملىق سوتتا QQ دا ئابونتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلايدىغان قىلمىشلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەكىتلىگەن بولۇپ، 360 شىركىتىنى ناتوغرا رىقابەت ئۇسۇلىنى قوللاندى، دەپ ئەيىبلىگەن. ھەمدە 360 شىركىتىدىن شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچى يۇمشاق دېتالنى ئېچىشنى توختىتىشنى ۋە ئۈچ ئاي ئوچۇق-ئاشكارا ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلغان. -1dbJ/)  
360 تەرەپ بىرىنچى قېتىم تېڭشۈننىڭ مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئېچىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچى يۇمشاق دېتالىمىز كەڭ ئابونتلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئاچىمىز». شۇنىڭ بىلەن بىرگە 360 شىركىتى ئۆزىنىڭ ناتوغرا رىقابەت بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقى، ھەمدە سوت مەھكىمىسىگە تېڭشۈننىڭ مەزكۇر ئەرزىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. z"/Mva3|  
تېڭشۈن-360 ماجىراسىغا نەزەر @j +8M  
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، 360 شىركىتى «360 شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچ» نى ئېلان قىلدى، ھەمدە مۇنۇلارنى جاكارلىدى:«مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئابونتلار ئاشكارىلاش خاراكتېرىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچى يۇمشاق دېتالىنىڭ ئابونتلارنىڭ كومپيۇتېرىدىكى شەخسىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش قىلمىشىنى، ھەمدە تېڭشۈن QQ نىڭ ئابونتلارنىڭ كومپيۇتېرىدىكى شەخسىي مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشىنى ئۆلچەپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ». E({+2}=1  
27-كۈنى، تېڭشۈننىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:«مەزكۇر قوغدىغۇچ تېڭشۈن QQ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ. تېڭشۈن QQ يۇمشاق دېتالىدا قەتئىي ھالدا ئابونتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشى كۆرۈلمىدى، ھەمدە ھېچقانداق ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىىۋەتمىدى. QQ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بۆلىكى QQ ئابونتلىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك ساقلىيالايدۇ». 56  6vjE  
2010-يىلى 11-ئايدا، 360 شىركىتى 360 شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچنىڭ دەرىجىسىنى قايتا ئۆستۈردى. تېڭشۈننىڭ «ئابونتلارنىڭ QQ ھېسابات نومۇرى بىخەتەرلىكىنى ساقلاش» پىكرىگە قارىتا، 360 شىركىتىنىڭ باش لېدىرى چى شىياڭ دوڭ (齐向东) مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«QQ تەسۋىر كۆچۈرگەن ھۆججەت ۋە ھېسابات نومۇرىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىمىز بولمىسىمۇ، ئەمما تېڭشۈننىڭ رىقابەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئابونتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكلىرىگە قۇلىقىمىز دىڭ تۇتىمىز». +B^(,qKMN  
يەنە شۇنى تېڭشۈن بۇنىڭغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى:«مەلۇم بىر شىركەت ‹شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچ›، ‹QQ غا قارىلاش› دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلان قىلسا، شىركىتىمىز يەنىلا ئابونتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكلىرىنى قەتئىي ئوغرىلىمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ». تېڭشۈن بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 360 شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ تېڭشۈننىڭ شان-شۆھرىتىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى، قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. |Z%I3-z_DS  
تېڭشۈن بىلەن 360 نىڭ كەسكىن جېڭى - ئالاقە تورىنىڭ خەتەرلىك كېچىسى J6x# c`Y  
جۇڭگو ئالاقە تورى تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن جەڭ 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كېچە باشلاندى. >~O36q^w  
شۇ كۈنى سائەت 18:00 دە تېڭشۈن ئوچۇق خەت ئارقىلىق مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«شىركىتىمىز360 يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان بارلىق كومپيۇتېردا QQ يۇمشاق دېتالى ئىجرا قىلىشنى توختىتىدۇ». 360 شىركىتىمۇ كېچىلەپ جەڭگە كىرگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىۋاتقان نىزا ئاخىرىدا «مەن بولسام، سەم ئۆلىسەن» دېگەن ھايات-ماماتلىق جېڭىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى كېچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا Web QQ ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچىنى قامال قىلىپ، توردىن چۈشۈرۈپ مۇھاپىزەت قىلدى ھەمدە تورداشلار بىلەن بىرلىشىپ، قوغداش جېڭىنى قانات يايدۇردى». R#j -Z#/"  
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ 360 شەخسىي بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسىنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشى توغرىسىدىكى دېلوغا چاۋياڭ سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلدى. سوت مەھكىمىسى 360 شىركىتىگە بېيجىڭ چى خۇ، چى جى يۇمشاق دېتاللىرىنى ھەمدە جاۋابكارنىڭ 360 شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچنى تارقىتىشنى توختىتىشقا، ئالاقىدار تور بېكەتلەردىكى دەخلى-تەرۇز قىلىش مەزمۇنلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە، ھەمدە 360 تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدە قانۇن-تۈزۈم كۈندىلىك گېزىتى تەسىس قىلىپ، تېڭشۈندىن 30 كۈن ئوچۇق كەچۈرۈم سوراشقا، ھەمدە ئەرز قىلغۇچىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن 400 مىليون يۈەن تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇدى. u`E24~  
سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى تۆۋەندىكىچە: ogN/zIU+VA  
1. بېيجىڭ چى خۇ، چى جى ھەمدە سەنجى چەكسىز قاتارلىق ئۈچ جاۋابكار 360 شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچ V1.0beta نەشرىنى تارقىتىشنى ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك. nya-Io.  
2. بېيجىڭ چى خۇ، چى جى ھەمدە سەنجى چەكسىز قاتارلىق ئۈچ جاۋابكار 360 تور بېكىتىنىڭ 360 بىخەتەرلىك مەركىزى، 360 مۇنبىرى، 360 شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىغۇچ، ئاچقۇچى كىچىك ئەترەتنىڭ بىلوگ خاتىرىلىرىنى ھەمدە «ئابونتلار شەخسىي مەخپىيەتلىكىنىڭ باشقا بىر كۈنى» تېمىسىدىكى مەخسۇس تېما ۋە ۋە مەزكۇر دېلوغا ئائىت بارلىق دەخلى تەرز قىلىش مەزمۇنلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. bu`8QQ"C  
3. ئۈچ جاۋابكار بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان 30 كۈن ئىچىدە 360 تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدە قانۇن-تۈزۈم كۈندىلىك گېزىتى تەسىس قىلىپ، ئوچۇق ھالدا بايانات ئېلان قىلىشى، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ دەۋاگەرگە كەلتۈرگەن يامان تەسىرىنى يوقىتىشى كېرەك. /4 zO  
4. ئۈچ جاۋابكار 400 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىشى كېرەك. f.f5f%lO~  
5. باشقا دەۋا تەلىپى رەت قىلىندى.
)c9]}:W&  
مەنبە-http://www.nur.cn/html/news/21127.shtml
[ بۇ يازما ياخشىلىق تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
بۈگۈن تىرىشمىساڭ ئەتە يۈگىرەيسەن .