(بۇ بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانۇن بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈپ، تەسرات يېزىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرسى. مەن ئۆزۈمنىڭ ماقالەمنى قىسقىچە يوللاپ قويدۇم. پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس)
fo"dX4%} 2<$C6J0HM پۇقرالىق ھوقۇقلىرىمىز ئىچىدە، بىر تۈرلۈك ھوقۇق بىزدىن ئۆمۈر بويى ئايرىلالمايدۇ. بىز بۇ ھۇقۇقنىڭ بارلىقىنى بىلەيلى ياكى بىلمەيلى، ھەركەت قوللانغان بولايلى ياكى بولمايلى، ئۇ خۇددى بىز نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋادەك بىزگە
.uAOk0^z ھەر مىنۇت ھەر سېكونىت ھەمرا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ھۇقۇق تۇغۇلىشىمىزدىنلا بار بولغان ئىنسانى قەدىر-قىممەت ھوقۇقىدۇر. ئىنسانى قەدىر-قىممەت ھۇقۇقى ساغلام ياشاش ھۇقۇقى، ئەركىنلىك ھۇقۇقى، ئىنسانى ئىززەت ھۆرمەت ھۇقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانى قەدىر-قىممەت ھوقۇقى ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇستەقىل، ئەركىن، ساغلام،ئىززەتلىك ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلدىغان، جىسمىمىز ۋە روھىمىزنى ئۆمۈر ۋايەت قوغداپ تۇردىغان ئەڭگۈشتەر. بۇ ھۇقۇق بىزگە مەۋجۈتلۇقىمىز ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى قوغديدىغان ئەركىنلىك كۈچ ئاتا قىلدۇ. ھەمىمىز بۇ ھوقۇقىنى قالقان قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئورنى ۋە قىممىتىگە ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىمىز، باشقىلانىڭ ئىنسانى قەدىر قىممەت ھۇقۇقىنى ھۆرمەت قىلىمىز ۋە قوغدايمىز، ئۆزىمىزنىڭ ھاياتلىق قىممىتىنى ئىناق، خوشال-خورام ئىشقا ئاشۇرىمىز.
w!NtN4> ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق ھەممىمىزگە شۇ قەدەر قىممەتلىك. ئىلىمىز قانۇنىدا ، پۇخرالار ساغلام ياشاش ھۇقۇقىدىن بەھىرمان بولىدۇ، بۇنڭغا باشقىلارنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن دەخلى قىلشىغا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن . ساغلام ياشاش ھۇقۇقى پۇخرالانىڭ بارلىق ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى، باشقا بارلىق ھۇقۇقلاردىن بەھىرمان بولشىنىڭ ئاساسىدۇر. ناۋاد ھاياتلىق تۈگىسە ھەرقانداق ھۇقۇقنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
@Q"%a`mKH ياشاش ھوقۇقى بىلەن ساغلاملىق ھۇقۇقى كىشلەرنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ۋە روناق تېپىشىدىكى ئاساسى ھوقۇق. ھاياتنى قەدىرلەش، ساغلاملىقىنى قوغداش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز شۇنداقلا ئۆزىمىز ۋە جەمىيەت ئالدىدا ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتىمىز.
{7`eR2#Wq لىكىن،رىئال تۇرمۇشتا ساغلام ياشاش ھۇقۇقى يەنى ئىنسانى قەدىر-قىممەت ھۇقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان قىلمىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
MSPzOJQPy مەسلەن. ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانسىز بولۇش ،پايدىلىق بولۇش ئالدىنى شەرىت قىلنىدىغان يىممەكلىك پىششىلاپ ئىشلەپچىقىرش ئىشلىرى پەقەت ئىقتسادى مەنپەئەتنىلا قوغلىشىپ، رەزىللەرچە ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى بىلەن ئۇينىشىۋاتىدۇ،يىقىندىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان«ئۈچ بۇغا بوۋاقلار سۇت پاراشۇگى»،
8-cB0F=j_ «رەڭلىك مۇما»،«قارا گۆش».قاتارلىق دىلۇلار كشىنى چۆچىتىدۇ ۋە ساغلام ياشاش ھۇقۇقىمىزنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچىرتىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلارغا قارىتا ھۆكۆمىتىمىز قاتتىق چارىلەرنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن ئېڭنىڭ ئاجىز بولۇشى، ساغلاملىققا سەل قاراش. بايقالغان مەسىللەرنى پاش قىلماسلىق قاتارلىق سەۋەبلىرى ھۆكۆمەت ئۇرونلىرىمىزنىڭ بۇ خىل قانۇنسز قىلمىشلارنىڭ دەل ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ زىياننى ئازايتىش ئىشىغا پايدىسىز تەسرلەرنى پەيدا قىلماقتا
xACAtJ'gc شۇڭا، قانۇن ئىڭىمىزنى يوقىرى كۆتۈرۈپ،ھوقۇقىمىزنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشقا ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. بايقالغان مەسىللەرنى ۋاقتىدا پاش قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز ۋە ھۆكۆمىتىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى قوغدىشىمىز لازىم
Ez^U1KKOE7 ھاياتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىپ، ئۆزىمىزنى بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىش، باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاش ھەربىر پۇخرانىڭ ھوقۇقى شۇنداقلا ئۆزىمىزگە بولغان غەمخورلۇق ۋە مەسئولىيەت ھىسابلىنىدۇ
?YY'-\h? ئاخرىدا، بىز ھاياتقا كۆڭۈل بولىشىمىز، باشقىلارنىڭ ساغلاملىقىى ۋە ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز، قانۇنغا رىئايە قىلدىغان، باشقىلارغا خوشاللىق بىلەن ياردەم قىلدىغان ئادەم بولشىمىز لازىم.
[ بۇ يازما Eltekin تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]