مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1557 
  •    ئىنكاس 
       29 

قىسمەت كوچىسى

قەۋەت ئاتلاش
bendora
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3770

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   813 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10052 (سوم)
 ياخشى باھا:   352 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   315  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3834
 سائەت
دەرىجىسى:
3834 سائەت 216 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
— بۇ تېمىنى Nazar. مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-06-18) —

قىسمەت كوچىسى
pWH8ex+  
    بۈگۈن مەكتەپ ئىچى شاۋقۇن-سۈرەنگە تولغان ئىدى،دەرسكە ماڭغان قىز-ئوغۇللار ئەتراپتىكى سۈرەنچىلەر قوشۇنىغا ئاجايىپ ھەۋەس بىلەن قارىشىپ-قارىشىپ ماڭاتتى،گويا ئۇلار ۋاقتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەر.سۈرەنچىلەر بولسا ھەرقىسما قىلىقلارنى چىقىرىشىپ سۈرەتلەرگە چۈشۈپ خۇشھاللىقىنى نامايەندە قىلىۋاتاتتى.ئەنە لى شۇ گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا "پۈتكۈل زېمىن مېنىڭ" دېگەندەك سۇنايلىنىپ يېتىۋاپتۇ، ۋاڭ ياۋ بىر تەرەپتىن كۈلگىنىچە ئۇنى رەسىمگە تارتىۋىتىپتۇ.ئاۋۇ يەردە بىر توپ ئوقۇغۇچىلار قوللىرىدىكى دەستە-دەستە گۈللىرىنى 4يىل جاپا تارتقان سىنىپ مەسئۇلىغا سۇنغىنىچە يۈرەك سۆزلىرىنى سۆزلىمەكتە ۋە بىر تەرەپتىن بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى سىنغا ئالماقتا.توغرا تاپتىڭىز،بۈگۈن مەكتەپ پۈتتۈرۈش كۈنى، بايىلا بۇ ئوقۇغۇچىلار قوللىرىغا 4يىل ئوقۇغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولغان دېپلوملىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە،مەكتەپتىكى كۈنلىرىگە ھەقىقىي خاتىمە بەردى.ۋوي،گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ باش پېرسوناژىمىز مېھرىگۈلنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتۇق،ئەجىبا ئۇ دېپلومسىز قالغانمىدۇ؟ياق ئۇنداق ئەمەس،ئۇ دېپلومىنى ئالغان شۇ مىنۇتتا ئۇچقاندەك ياتاققا كىرىپ،كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇشقا باشلىغان،چۈنكى ئۇ ئەتىلا بۇ شەھەردىن،ئىلگىرى ئۆزى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغان،پاكىز،تىنچ ۋە خاتىرجەم بۇ ماكاندىن ئۆز يۇرتىغا قاراپ ماڭىدۇ. مېھرىگۈل ئانا يۇرتىنى،ئاتا-ئانىسىنى،قېرىندىشىنى ۋە سۆيۈملۈك يىگىتى ئەرشىدىننى شۇنچىلىك سېغىنغانىدىكى،ئەگەر قانىتى بولسىدى ھازىرلا ھېچنىمىگە قارىماي ئۇچۇپ كەتكەن بولاتتى.ئۇچالمىسىمۇ ئامال بار بالدۇرراق مېڭىشنى قەيت قىلغان مېھرىگۈل بىر كۈنمۇ ئارتۇق تۇرۇشقا چىدىمىغان.
    ئالدىراش نەرسە كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرىۋاتقان قىز تۇيۇقسىز كەلگەن تېلىفوننىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتى،ئەمما مەخسۇس تەڭشەپ قويغان تېلفون مۇزىكىسىدىن تېلفون بەرگۈچىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ،ئۆز-ئۆزىگە تاتلىققىنە بىر كۈلۈپ قويدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.ھەجەپ ئەمدى تېلفون قىلدىڭىزغۇ؟
-شۇ سىزنى يىغىن زالىدا بولسا ئاۋارە قىلىپ قويماي دېگەنتىم، قانداق ئىشلار تۈگىدىمۇ؟ مەكتەپ ھاياتىڭىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى دەيلى؟
ئەرشىدىننىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز سۆزى ئېغىزدىن چىقىشى بىلەن تەڭ مېھرىگۈلنىڭ بۇرۇنلىرى ئېچىشىپ،كۆزلىرىگە غىللىدە ياش كېلىپ ئۈلگۈردى.ئۇ ئەتتىگەندىن بېرى ئالدىراشچىلىقىدا ئويلىمىغانلىرىنى ئەمدىلىكتە بىر يولى كىنو لېنتىسىدەك تېز-تېز كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزدى.مېھرىگۈلنىڭ ناماز ۋاقتى بولغاندا لى شۇنىڭ ئۇنىڭغا جاينامازنى سېلىپ بەردىم دەپ دۈم سېلىپ قويۇشلىرى،ناماز ئوقۇۋاتقان مېھرىگۈلنى يېقىن كېلىپ تۈرتۈپ "يوپكا كىيمەپسەنغۇ بۈگۈن"دەپ پىچىرلاپ نامازدىن ئاللا توۋا توۋلىتىۋىتىشلىرى،كېچىدە ئۇخلىيالمىسا بىر-بىرىگە ئۆتمۈشلىرىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلىشىپ تەڭ يىغلىشىپ كېتىشلىرى... ...
-ۋوي،بارمۇ يا؟
-ھە مەن بار.-دېدى مېھرىگۈل ئەسلىمىلەر قوينىدىن ئۆزىنى تەستە تارتىپ چىقىپ.
-ھەجەپ جىمىپ كەتتىڭىزا؟ مەكتەپ ھاياتىڭىز دېسەم باشقا بىرەر ئىشلار خىيالىڭىزغا كېچىپ قالمىغاندۇ؟
-ۋاي توۋا دەڭە،ئەرشىدىن.مېنى بىر چۈشەنمىسىڭىزكەن كاشكى.پەقەت ياتاقدىشىمنى ئويلاپ قالدىم،بۇلار بىلەن يەنە قاچانلاردا كۆرۈشەلەرمەن؟گەرچە خەنزۇ بولسىمۇ بۇ 2يىل بەك ياخشى ئۆتكەنىدۇق.
-ئىنشائاللاھ،يەنە بىر كۈنلەردە ئاللاھ پۇرسەت بەرسە كۆرۈشىسىز.پۇرسەت بەرمىسە شۇ بولدى قىلىدىغان گەپ.
-ھىم، ئىنشائاللاھ،ئاللاھ پۇرسەت بەرگەي.تاماق يېدىڭىزمۇ؟
-ھەئە بايام يېگەنتىم، سىزچۇ؟ يەپ بولغانسىز؟
-ھى ھى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بايا سىزدىن سورىغاچ ئېسىمگە كەلدى شۇ.
-ھازىر چىقسىڭىز مەكتەپ ئاشخانىسىمۇ ئېتىلىپ بولغاندۇ؟قانداق قىلىسىز ئەمدى؟زادى مۇشۇ تاماق مەسىلىسىگە پەقەت كۆنەلمىدىڭىز جۇما سىز مېھرىگۈل.
-قاقشىماڭچۇ بولدى،ھېلىغىچە قاراپ باقىمەن.تاماق يېمىگەن بىرەرسى بولسا مەكتەپ ئالدىدىكى تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسىغا چىقىپ يەپلا كىرسەم بولىدۇ، بولمىسا مېۋە-چېۋىلىرىم بار،شۇنى يېسەممۇ بولىدۇ.
-ھە بوپتۇ،بولسا باشقىلارغا ساقلىماي،بالدۇرراق چىقالىسىڭىز ئۆزىڭىز چىقىپ يەپ كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئەسىر نامىزى بولۇپ قالدى،مەن ئوقۇۋالاي.
-بولىدۇ،ئاللاھقا ئامانەت.
-ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
تېلىفوننى قويىۋەتكەن مېھرىگۈل باشتا ئۈمچىيىپ،ئاندىن بىراقلا ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ قىيالمىغانلىقىنى ئەمدىلىكتە ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ يېتىۋاتاتتى،باياتتىن قىزلار بىلەن بىللە چىقىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋالمىغانلىقىنى ئويلاپ ئەپسۇسلاندى.بىر ئىت-مۈشۈك باققان ئادەممۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئايرىلالماس بولۇپ قالىدۇ،بۇلار ئادەمغۇ ئاخىر!؟{خەير،"تارقىمايدىغان سورۇن،يىغىلمايدىغان داستىخان يوق"دەپتىكەن،ھايات بولسام بىر پۇرسەتلەردە يەنە ئۇچرىشىپ قالارمەن.}دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن مېھرىگۈل پەسكويغا چۈشۈپ،ناماز شامغا تەييارلىق قىلدى.
    ئەمدى گەپنى ئەرشىدىنگە قويۇپ بېرەيلى:ئاق مەسچىتتە نامىزىنى جامائەت بىلەن بىللە تۈگەتكەن ئەرشىدىننىڭ چېھرىدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خۇشھاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.ئەلۋەتتە،ئۇ خۇشھال بولماي كىم خۇشھال بولسۇن دەيسىز؟چۈنكى زارىقىپ كۈتكەن،كېچە-كېچىلەپ مۇبارەك ئاللاھتىن تىلىگەن،چۈشلىرىدە كۆرۈپ كۈلۈپ ئويغۇنىشىغا سەۋەپ بولغان كۈنلەر ئۇنىڭغا قۇچاق ئېچىپ كەلمەكتە.ئەتىلا ئۇ مېھرىگۈلنى كۆرىدۇ،يەنە شۇنداق ئاز كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىكاھى بولىدۇ،بىراق... ...ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئەرشىدىننىڭ شوخشۇپ تۇرغان پىكىر خىيالى بىردىنلا قاينىغان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپلا كەتتى.مېھرىگۈلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەرشىدىننىڭ يۇرتى ۋە خىزمەت ئىشىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئىشىغا قوشۇلالمايدىغانلىقىنى بىر يىل بۇرۇنلا ناھايىتى ئېنىق ئەسكەرتكەنىدى.ئەمما بۇ جاھىل قىز ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تونۇشقان بۇ يىگىتنى قولدىن چىقىرىپ قويغۇسى كەلمىدى،چۈنكى مېھرىگۈل بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىدىيە،كۆز قاراشلىرى تولىمۇ زىت ئىدى.نۇرمەت ئاكا قىزىنىڭ ئۆز يېرىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ "تۆمۈر تاۋىقى"دىن ئاش يەيدىغان مۇقىم خىزمەتچىدىن بىرىگە ياتلىق بولىشىنى،قىزىنىڭمۇ ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى ئىشچى بولۇپ جاھاننىڭ لەززىتىنى كۆرۈپ، باشقىلاردىن قالماي ياشىشىنى ئۈمۈت قىلاتتى.ئەمما قىز بۇنىڭغا زىنھار يېقىن كەلمەيتتى،ئۇ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلارنىڭ چىقىش يولى دەپ بىلەتتى،ئۇنداقلارنى ئايدىن-ئايغا مۇقىم مائاشقا قاراپ جان باقىدىغان، بىكار قالغىنىدا بىھۇدە ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان "رېستۇران"چىلار خالاس دەپ بىلەتتى.شۇڭا مېھرىگۈل ئىگىلىك تىكلەش روھىغا باي،قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن ئەرشىدىننىڭ ئۆزى ئىزدىگەن ھەقىقىي غورۇرلۇق،ۋىجدانلىق ۋە ئىمانلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلدى،ئۆز ھاياتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرسا قىلچىمۇ خاتا كەتمەيدىغانلىقىنى،ئۆمۈر بويى ئۇنىڭ ۋاپادار ئايالى بولۇپ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ،ھەقىقىي ئىسلام ئاياللىرىدەك ياشاشنى ھۆكۈمەت ئىشچىسى بولۇشتىن ئەۋزەل بىلدى.شۇڭلاشقا تېگى خوتەنلىك بولغان بۇ ئىككى جاھىل ياشلار ئۆز مۇراد مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن بىر يىل جەريانىدا يوشۇرۇنچە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى.مانا ئەمدىلىكتە غۇلاچ تۈگەپ غېرىچ قالغاندا،غەم قايتىدىن ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەكتە.ئەرشىدىن شۇ خىياللار بىلەن شىركىتىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى،ئەسلىدە بۈگۈننى بالدۇرراق تۈگىتىپ ئەتىگە يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى دۆۋىلىۋالغان ئەرشىدىننىڭ كاللىسىغا ھېچبىر ئىش چۈشمىدى.نەچچە سائەتنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزىۋەتتى،زورلاپقىنە مەھسۇلاتلارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىنى ئوقۇپ چىقتى، بىر رەت،ئىككى رەت ئەمما ئۇنىڭغا بۇ نەرسىلەر خۇددى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەردەك تولىمۇ ناتونۇش تۇيۇلىۋاتاتتى، قانچە ئوقۇغانسېرى شۇنچە چۈشىنەلمىدى.كۆز ئالدىدىكى خەتلەر ئۇنىڭغا گوياكى {سەۋزىدىن خەۋەر يوق،گۈرۈچكە دەم يېدۈردۈڭلىمۇ؟}دەپ يېزىلغاندەك كۆرۈندى.ھازىرقىدەك شارائىتتا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل تىنىچقىنە ئارام ئېلىۋىلىش،ھىم،باش پېرسوناژىمىز كۆڭلىمىزدىكىنى بىلىپ قالدىمۇ قانداق ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ،شىركەتتىن چىقىپ ئۆيىنى نىشانلاپ مېڭىپ كەتتى.ئوغلىنىڭ سۇلغۇن ھالىنى كۆرگەن دىلناز ئاپا ئۆڭ-سۆلى يوق ھالدا بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن تەسلىكتە ئېغىز ئېچىپ سورىدى:
-بالام،ئىشلىرىڭ جايىدىدۇ؟شىركەتتىن چاتاق چىقمىغاندۇ ھە؟
-ياق ئاپا،خۇداغا شۈكرى.ھەرھالدا ئىشلار يولىدا مېڭىۋاتىدۇ.
-ئۇنداقتا چىرايىڭ باشقىچىلىغۇ بالام؟نېمە ئىش بولدى زادى؟
-ھېچ ئىش بولمىدى.
-مەندىن بىر نەرسىنى يوشۇرۋاتقىنىڭ ئېنىق،بەلكىم مېھرىگۈل قىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ،ئەگەر دېگۈڭ كەلمىسە مەيلى بالام،كۆڭلۈڭ تېچلانغاندا دەپ بېرەرسەن.
-شۇ ئاپا،مېھرىگۈل كەلسە توينى بالدۇرراق قىلىۋەتسەك دەپ ئويلىغانتىم،ئەمما ئۇنىڭ دادىسى بىر يىل بۇرۇنلا بىزگە قوشۇلمىغان،ئەمدى يەنە قوشۇلماي تۇرۇۋالامدۇ ياكى قانداق بولىدۇ بىلەلمەي تولا ئويلاپ بېشىم ئاغرىپ كەتتى.
-ۋاي بالام،قىز ئەقىللىق،-دېدى دىلناز ئاپا ئوغلىنىڭ بېشىنى مېھرى بىلەن سىلىغىنىچە-مۇشۇ كەمگىچە مۇناسىۋىتىڭلارنى ساقلاپ كېلەلىگەن قىز ئەمدىلىكتە شۇ ئىشلارغا ئەقىل چىقىرالماسما؟سەن ئارتۇقچە ئويلىما ئوغلۇم،توي شۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى،ئۇنىڭ ئۈچۈن مېھرىگۈلمۇ چوقۇم قاتتىق ئويلىنىدۇ.ئەمما ساڭا نەسىھىتىم،ئەگەر ئاللاھ تىلىكىڭگە يەتكۈزۈپ قالسا،شۇنداق تەستە ئېرىشكەن كۈنۈڭلاردا ئۇنى قەدىرلەپ،ئەزىزلەپ خوتۇن قىلىشىڭنى تىلەيمەن بالام،ئۇنىڭغا ئازار بەرمىگىن.
-بىلىمەن ئاپا،چوقۇم دېگىنىڭدەك قىلىمەن.بولغۇسى قېيىنئاتام-قېيىنئاناملار چوقۇم بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن رازى بولىدۇ،ئىنشائاللاھ.
ئانا-بالا مۇشۇلارنى دېيىشىپ ئولتۇرۇشقانلىرىدا مېھرىگۈل ئەڭ ئاخىرقى سومكىسىنى رەتلەپ بولۇپ يېتىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتاتتى،ئادەتتە ئەرشىدىن بىلەن چ چ نىڭ ئاۋازلىق ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويۇپ،قۇرئان ئوقۇپ بېرىشكە ئادەتلىنىپ قالغان قىز،ئۇيقۇسى كەلمىسىمۇ ئەتىكى سەپىرى ئۈچۈن بالدۇرلا يېتىشنى ئويلاشقانىدى،ھەرقانچە ئايروپىلان بولسىمۇ،يول ئازابى گۆر ئازابى دېگەن گەپ بار،ئارام ئالمىسا ھارىدىغان گەپتە.
   نۇرمەت دادا ھە دەپ قىزىغا سۆزلەۋاتاتتى.
-قىزىم ئۆمۈرلۈك بەختىڭنى ئۆزۈڭ تاللىدىڭ،بوپتۇ،ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىزمۇ ئۆزلىرىمىز تونۇشۇپ توي قىلغان،مانا بىر ئوبدان ئۆتىۋاتىمىز، ئاللاھ خالىسا سەن بىزدىنمۇ بەخىتلىك ياشارسەن.
شۇ گەپلەر قىلىنىۋاتقاندا قەيەردىندۇر ئوغۇل-قىزلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ئاڭلاندى،قىزنى كۆچۈرگىلى كەلگەنلەر قىزنىڭ ھەيرانلىقتا يوغان ئېچىلغان كۆزلىرىگە قارىماستىن،مېھرىگۈلنى ئەرشىدىن بار ماشىنىغا سېلىشتى،قىز ھەيرانىدى،بايىلا دادىسى سۆزلەۋاتاتتى، بۇ قانداق توي بولۇپ كەتتى؟نىكاھ قىلدىمۇ قىلمىدىمۇ؟
    تېلفونىنىڭ چۆچۈتكىدەك چىقىدىغان مىلتىق ئاۋازىدىن بايىقىلارنىڭ چۈش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۆزىنى تۇتالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،بىر ئازدىن كېيىن بامدات ۋاقتى ئىكەنلىكى ئېسىگە كېلىپ ئورنىدىن تۇردى.نامىزىدىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرگە،ئەرشىدىنگە،ئۆزىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئۇزاق-ئۇزاق دۇئا قىلغان مېھرىگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ،يەنە چۈشىنى ئەسلەپ قالدى"توۋا،چۈش دېگەن زادى غەلىتە،نىكاھسىزمۇ توي قىلىۋالدىم مانا،سەھەردىكى چۈش،ئوڭۇڭدىكى ئىش دەيدىغان گەپ بار،دادام بىزنىڭ تويىمىزغا رازىلىق بېرىپ قالامدۇ قانداق؟".تاتلىق خىياللار بىلەن چاي ئىچىپ قورساقنى ئەستەرلىگەن مېھرىگۈل ئورنىغا چىقىپ يېتىشتىن يالتىيىپ،ئەرشىدىنگە ئۇچۇر يېزىشقا باشلىدى...
\@nmM&7C!4  
داۋامى بار.
مەنبەسى:مەن
>bxT_qEm  
(ئەسكەرتىش:تور دۇنياسىدىكى 6يىل مابەينىدە،قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يازغان تۇنجى شۇنداقلا ھېچبىر تېزىسسىز بىۋاستە يېزىلىۋاتقان ئەسىرىم بولغاچقا،بەلكىم سەھۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمايمەن،ئەسلى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرگە يوللىماقچىدىم بىراق داۋامى بار دەپ تۇرۇپ يازمىسام دىسسىرتاتسىيەم ساقلاپ قالىدىكەن،شۇڭا ئەپسۇس!)
بۇنى بەزى ناچار خاھىشتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن {زورو،ساقاللىقلار} دەپ ئاتىلىپ،ھەتتا بەزى جايلاردا چەتكە قېقىلىۋاتقان ھەمشىرىلىرىمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغا سوۋغا قىلىمەن.
[ بۇ يازما ياخشىلىق تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!
nargis
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8728

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   594 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5582 (سوم)
 ياخشى باھا:   267 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3693
 سائەت
دەرىجىسى:
3693 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-21

بەك ياخشى باشلىنىپتۇ،داۋامىغا قىزىقىۋاتىمەن،قالغان ئىنكاسنى ھەممىنى ئوقۇپ بۇلۇپ يازاي ھە!   داۋاملىق تىرىشىڭ!
 
xukurialla
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36650

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   120 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   510 (سوم)
 ياخشى باھا:   17 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 37
 سائەت
دەرىجىسى:
37 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-06
ئاخــىرقىسى:2011-09-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-21

ئاخىرىنى تىزراق يىزىپ بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
 
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
tang-xamili
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33150

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   342 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9242 (سوم)
 ياخشى باھا:   325 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   436  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 465
 سائەت
دەرىجىسى:
465 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-21

ياخشى باشلىنىپتۇ ، داۋامىغا تەشنامەن ،        
 
مېيىپ بوپ يارالغان بولساممۇ بىراق ،
نەپرەتتە ساقلاردىن ئېشىپ ياشايمەن .
ۋىجدانىم ھۆكۈمران بولسىمۇ گەرچە ،
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .
sawutjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18532

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   108 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3536 (سوم)
 ياخشى باھا:   209 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   211  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4508
 سائەت
دەرىجىسى:
4508 سائەت 132 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-21

ياخشى يېزىپسىز، باشلىنىشى ئادەمنى خۇش قىلىدىكەن بىراق ماۋزۇسىغا قارىسىام ئەسىرىڭىزدىكىلەرنى قانداق قىسمەتلەر كوتۇپ تۇرۋاتىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم، ئاخىرسىنى تىزراق يوللارسىز !

تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز

eser belki siz oylapmu baqmighan yolinishte rawajlinixi mumkin, hehe, qollap turarsiz.


 
ساۋۇتجان
bendora
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3770

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   813 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10052 (سوم)
 ياخشى باھا:   352 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   315  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3834
 سائەت
دەرىجىسى:
3834 سائەت 216 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-21

بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرى پوۋىست بولۇپ كېتەرمۇ ياكى پوۋىستقا يەتمەسمۇ بىلمىدىم،ئىشقىلىپ كاللامغا كەلگەن ئوينى داۋاملاشتۇرۇپلا يازىمەن ئاللاھ خالىسا. ~0vNs2D,S  
بەلكىم پوۋىستقا ئۇلايمەن، شۇڭا تەھرىرلىگۈچىلەرنىڭ {پوۋىست} دەپ قىستۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن. +ERuZc$3,  
داۋامىنى ئەتە يازاي.
 
ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!
ئەركەم
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.428

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   747 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   124 (سوم)
 ياخشى باھا:   539 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   558  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1494
 سائەت
دەرىجىسى:
1494 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-10-01
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-21

توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ بىراقلا توغىۋەتسىڭىز بولماسمىدى. ئۇزاققا سوزىۋەتسىڭىز قىينىلىپ كىتىسىز تولغاق دەستىدىن. بىزلەرمۇ قىزمىدۇ ئوغۇلمىدۇ دەپ كۈندە نەچچە قاراپ ھېرىپ قالماس بولۇيتتۇق؟
 
bendora
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3770

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   813 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10052 (سوم)
 ياخشى باھا:   352 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   315  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3834
 سائەت
دەرىجىسى:
3834 سائەت 216 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-21
6-قەۋەت (ئەركەم) نىڭ يازمىسىغا

بىراقلا يېزىۋەتسەم ئىنكاسىڭلارغا تەلمۈرۈپ ئېڭىكىم چېتىلىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغۇدەك.(بىر نەرسە جىجىلىغان ئادەم سەل تەمەخور كېلىدىكەنچۇ...) qUF}rl S=r  
قارىغاندا يازمام ياراپتۇدە بېشىدىلا. [#6Eax,j  
رەھمەت جۇمۇ.
 
ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!
ARZUY
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37344

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   442 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3325 (سوم)
 ياخشى باھا:   533 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   548  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3067
 سائەت
دەرىجىسى:
3067 سائەت 173 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

ۋاي جان بۇگۇنلا ياز سىڭىز بولمامدۇ ئادەمنى تەقەززا  قىلماي..........         
 
تەڭ ئىدۇق ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا ،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس  دەۋىر ئالدىدا.
كۈرەڭلەپ  كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن ،
ئاخىرى  تەڭ  بۇلىمىز  قەبرە ئالدىدا .
ARZUY
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37344

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   442 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3325 (سوم)
 ياخشى باھا:   533 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   548  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3067
 سائەت
دەرىجىسى:
3067 سائەت 173 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

ئۇف....بايا ئۇقىمايلا  ئىنكاس  يازغان ئىدىم  دا ۋامىغا تەقەززار مەن.....       
 
تەڭ ئىدۇق ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا ،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس  دەۋىر ئالدىدا.
كۈرەڭلەپ  كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن ،
ئاخىرى  تەڭ  بۇلىمىز  قەبرە ئالدىدا .
گۆھەر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24390

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   48 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2802 (سوم)
 ياخشى باھا:   169 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   163  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2928
 سائەت
دەرىجىسى:
2928 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

بېشىنى ئۇقۇپلا ئاخىرىغا قىزىقىپ قالدىم.ئاخىرىنى تىزراق يوللىغايسىز.
 
قىزلارنىڭ دوستى يوق.
bendora
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3770

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   813 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10052 (سوم)
 ياخشى باھا:   352 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   315  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3834
 سائەت
دەرىجىسى:
3834 سائەت 216 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

    مېھرىگۈل سائەتنى توشقۇزۇپ،ئۇخلاۋاتقان ياتاقداشلىرىنى ئويغۇتۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاستا مېڭىپ چىقتى.مەكتەپ قوروسىنىڭ جىمجىتلىقىنى ئاندا-ساندا سۆزلۈك يادلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ،چېنىققىلى چىققان خەنزۇ بوۋاي-مومايلارنىڭ رادىئوسىدىن چىققان گىژ-گىژ،ئۇنىڭغا يېڭىلا قوشۇلغان مېھرىگۈلنىڭ چامادانىنىڭ چاقىدىن چىققان غالدىر-غۇلدۇر ئاۋازلار بۇزۇپ تۇراتتى.مېھرىگۈلنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى خۇددى يېڭى ئوقۇشقا ماڭغان كۈنى ئاتا-ئانىسىدىن،يۇرتىدىن ئايرىلالمىغان شۇ ۋاقىتلارغا ئوخشىتىش تامامەن مۇمكىن. نېمىلا دېمەڭ، ئۇ بۇ يەردە 6يىل تۇرۇپ قالدى.ئۆيگە قايتقىنىدا مېھماندەك كۈتۈلگەن مېھرىگۈلنىڭ زور كۆپ ۋاقتى مانا مۇشۇ مەكتەپتە بولغان،مەكتەپ ھەقىقەتتە ئۇنىڭ ئىككىنجى ئائىلىسى بولۇپ قالغانىدى. rap`[O|l=  
مەكتەپنىڭ ۋاسكېتبول مەيدانى،ئاشخانا،كۈتۈپخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچە ھەممىگە تويماي قاراپ كېتىۋاتقان مېھرىگۈل يىراق كۆرمىسە ئەلۋەتتە ئايرودۇرۇمغا مېڭىپ كەتكەن بولاتتى، بىراق مۇمكىنمۇ دەيسىز؟ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقمايلا بىر قارا بولكىۋايغا يولۇقتى.ئادەتتە قارا ماشىنا ئەرزان بولاتتى.بۇ ماشىنىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە يۈرگىنىگە قارىغاندا ئۇمۇ ئايرودۇرۇمغا ئادەم ئاپارغىلى كەلگەن بولسا كېرەك،شوپۇر بېشىنى چىقىرىپ سورىدى: pUV3n 1{2  
-ئايرودۇرۇمغا، شۇنداقمۇ؟ S i[:l  
-ھە،قانچىگە ماڭىسەن؟ tY=sl_  
-سەن دېگىن. O=c^Ak   
-ۋاي بولە،سەن بىلەن تالىشىپ ئولتۇرسام كېچىكىمەن. 9/N=7< $  
-65يۈئەن بولسۇن. *z-Mr~ V  
-ناھايىتى ياخشى. 4N&4TUIM  
100يۈئەنلىك بۇ مۇساپىنىڭ 65يۈئەنگە توختىشى مېھرىگۈلنى راستلا خۇشھال قىلىۋەتتى،{ئەتتىگەندىلا ئىشىم ئوڭغا تارتتى،ئاللاھقا شۈكۈر!}دەپ ئويلاپ ماشىنىغا چىققان مېھرىگۈل ئۆزلىرىدىن باشقا يەنە بىر قىز بىر ئوغۇلنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى-دە،پەرىزىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى بىلدى.يول بويى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مەكتەپداش ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭمۇ بۇ يىل پۈتتۈرۈپ،ئۆز يۇرتىدىن خىزمەت ئورنى تېپىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدىراپ مېڭىۋاتقان خەينەنلىكلەر ئىكەنلىكىنى بىلدى.ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغىنىدا،شوپۇر: LIM cZh;  
-ھازىر پۇلنى بېرىۋىتىڭلار،ھېلى شەھەر باشقۇرغۇچىلىرى كېلىپ قالسا ماڭا تەس بولىدۇ-دېدى. {%WQQs  
دېمىسىمۇ راست،65مىڭ قانۇنلۇق تاكسى بار بۇ شەھەردە،بەزىدە ئالدىرغىنىڭىزدا،قار-يامغۇر،بوران-چاپقۇنلاردا قالغانلىرىڭىزدا بىر قۇرۇق تاكسى تاپالماي قالىسىز،تاس قالىسىز يولدىن ئۆتكەن شەخسىي ماشىنىلارنى زورلاپ توسۇپ چىقىۋالغىلى،ئەمما ھۆكۈمەت يەنىلا قانۇنسىز تاكسى تىجارىتىنى توسۇپ تۇرىدۇ.قانۇنسىز تاكسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ھۆكۈمەتكە باج تاپشۇرمايدۇ،ھەتتا قانۇنلۇق بولۇش رەسمىيەتلىرىنىمۇ ئۆتىمەيدۇ.ئۇنداقتا توسقىنى توغرىكەن دېدىڭىزما؟ ئالدىرماڭ،ئەگەر شۇ قانۇنسىزچىلارنىڭ تۆلىگۈدەك پۇلى بولسا قېچىپ يۈرەرمىدى؟تۇتۇلۇپ قالسا 10مىڭ يۈئەندىن تۆلەم تۆلەش تېخىمۇ ئېغىر.بۇنى خەلققە پايدىلىق قايسى نۇقتىدىن توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ،بۇنى بىلمىدىم، بىلىدىغىنىم ھۆكۈمەتكە ياخشى بولسىلا بولغىنى.بولدى،بولدى،بىز بۇ يەردە قۇرۇق گەپنى قىلىۋېرىپ،مېھرىگۈل تەكشۈرۈشلەردىنمۇ ئۆتۈپ،ئايروپىلانغا جايلىشىپ بوپتۇ.تەكشۈرۈش جەريانىدا قانداق ئىشلار بولدى،بىلەلمەي قالدۇق،شۇنداقتىمۇ داۋامىغا باقايلى. a#i;*J  
    ئايروپىلانغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن بىرىنجى بولۇپ ئۆيىگە تېل قىلىپ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلدى.ئاندىن ئەرشىدىننىڭ ئۇخلاۋاتقان ياكى ئويغاقلىقىنى بىلەلمەي ئۇچۇر قىلىۋىدى،ئۇزاق ئۆتمەيلا تېلفون سايرىدى: zqqu7.`  
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. D@ :w/W  
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئۇخلىماپسىزغۇ؟ rVU::C+-  
-"بېيجىڭدىن بىرەيلەن ئاتايىن ئەرشىدىننى دەپ كېلىدىكەن" دېسە خۇشھاللىقتا ئۇخلىغىلى بولامدۇ؟ V-Ebi^gz5W  
-دېمەيدىغان گېپىڭىز يوق زادى سىزنىڭ،بامداتقا تۇرغاندىن بۇيان ئۇخلىمىدىڭىزما؟ \nQV{J  
-ھە،مېنى قويۇپ ئۆزىڭىزگە كېلىڭە،نەدە ھازىر؟نېمانداق ۋاراڭ-چۇرۇڭ؟ o&tETJ5Bhe  
-مەن يۈك ئايروپىلانىغا چىقمىدىم،ئەتراپىمدىكى ھەممىسى ئادەم بولغانكىن ئاۋاز چىقىرىدىغان گەپكەن شۇ.-دەپلا كۈلۈپ كەتتى مېھرىگۈل. lCmT m  
-ھوي،ئۇنداقتا يەنە 4سائەتتىن كېيىن كۆرىشىمىز دەڭە؟ئىنشائاللاھ. :Osw4u]JXd  
-ھەئە،ئاز قالدى،سالامەت كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلسۇن رەببىم. #:E}Eby/6I  
ئايروپىلان ئۇزۇلىدىن"ئايروپىلان ئۇچۇشقا تەمشىلىۋاتىدۇ،بارلىق يولۇچىلار ئۆز ئورنۇڭلارغا بېرىپ ئولتۇرڭلار،بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىۋىلىڭلار،بىخەتەر بولىشى ئۈچۈن يانفون،قول كومپىيۇتېر قاتارلىق رادىئاتسىيەلىك ئۈسكۈنىلەرنى تاقىۋىتىڭلار... ..."دېگەن ئاۋاز ئاڭلانغاندىلا بۇ ئىككى ياش خوشلاشتى. nW1Obu8x|  
-ئاللاھقا ئامانەت ئەمىسە. tYE\tbCO'  
-ماقۇل، سىزنىمۇ ئاللاھقا تاپشۇردۇم.سىزنى ئايرودۇرۇمدا كۈتىمەن ئەمىسە. G&P[n8Z$  
-ماقۇل،خوش. yb)!jLnH  
تېلىفوننى قويغان ئەرشىدىن ئاجىپ بىر روھلۇق كەيپىيات بىلەن ئاپىسىغا ناشتىلىق تەييارلىدى،كىچىكىدىن ھەممىگە قىززىقىپ چوڭ بولغان بۇ يىگىتكە تاماق ئېتىش دېگەن بۇ ئىشلار دەپ كەلگۈچىلىكى يوقلا ئىشلار ئىدى.ئاشخانىدىكى تاراق-تۇرۇقلاردىن ئويغانغان دىلناز ئاپا،ئوغلىنىڭ ناشتىلىق قىلىۋاتقىنىنى بىلدى"ھەي~ ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدىكەن، بالىنىڭ كۆڭلى تالادىكەن دېگەن گەپنى كىممۇ دېگەن بولغۇيتتى؟مەن خوتەندىن قايتىپ كەلسەممۇ بۇنچە خۇش بولغان ئەمەستى"دەپ ئويلاۋىتىپلا ئىتتىك ئۆزىنىڭ ياش چېغىنى ئەسلەپ قالدى ۋە كۈلۈپ"بەلكىم ياشلىقتا ئۆز كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان ئوخشايدۇ"دەپ ئاخىرلاشتۇردى خىيالىنى. crx8+  
-بالام،ئەتتىگەندە ئاشخانىغا كىرىۋاپسەنغۇ؟-دېگەن ئۇشتۇمتۇت ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتكەن ئەرشىدىن ئىتتىك كەينىگە قارىدى: 3yT7;~vPj  
-ئاپا ھەجەپ قوقۇتتۇڭ؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەيسەن مۇنداق. udCum4  
-ۋاي چىرايلىق بالام،بۇ تۇرقۇڭدا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېسەم تېخىمۇ چۆچۈپ كېتىدىغان چىراي سەن. مېھرىگۈل ئۈرۈمچىگە قانچىدە چۈشىدىكەن؟  "u#T0  
-شىنجاڭ ۋاقتى 10يېرىملاردا،ھە ئۇنداقتا خېلى ۋاقىت باركەن.بالدۇرراق چىقىپ تۇرغىن،بالدۇر كەپ قالسا ئۆزى يالغۇز تۇرۇپ قالمىسۇن. @m*^v\q 
-ھاھاھا،ئاشۇ مېھرىگۈل يالغۇز قالامدا ئاپا؟ 4سائەتكىچە ئايروپىلاننىڭ ئىچىدىن ئاز دېگەندە بىر ئاچا ياكى سىڭىل تۇتۇۋالىدۇ... zCOzBL/1q  
-ساڭا گەپ قىلسىغۇ بۇرىغىنىڭ بۇرىغان. eUa2"=M  
-ماقۇل ئاپا،چوقۇم بالدۇر چىقىپ تۇرىمەن. &YAw~1A  
-كەلسە باشقا يەرگە ئاپارماي ئۇدۇل ئۆيگە ئەكەلگىن.ھازىر جاھان تىنچ ئەمەس،مەن خاتىرجەم بولالمايمەن. mGf@J6wGz  
-ئۇنىماسمىكىن؟ 7#\\Ava$T  
-تاماققا دەپ ئەكەل،قالغىنىغا ئۆزەم بار. pq<302uBQ  
- ئۆتكەندە تېلفوندا شۇنداق دېسەم، ۋاي ياق دەپ قەتئىي يېقىن كەلمىدى،ۋاقتى كەلگەندە ئىززىتىم بىلەن كىرەي دەيدۇ. sA( e  
-بۇ دېگىنىمۇ توغرا،ئەمما سىرتتا قەيەردە قونىدۇ؟ 9rO,h|L   
-ئۇنىڭ بەك يېقىن بىر دوستى بار،ئۆيى ئۈرۈمچىدە،شۇ تەكلىپ قىلىپ قويۇپتۇ. C_c*21X  
-ھىم، ئۇنداق بولسا خاتىرجەم بولدۇم. :i ;iSrKy  
    ۋاقىت راستىنلا ئاتقان ئوق،ھەش-پەش دېگۈچە ئايروپىلان ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا يانتۇ بولۇپ سەير قىلىشقا باشلىدى،كانايدىنمۇ "بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي"دېگەن ناخشا قويۇلىۋاتاتتى.يولۇچىلار"ئەييا،ئەييو، كېلىپ قاپتۇق"دېيىشكىنىچە دەرىزىدىن مۇمكىن بولسا پاراشوت بىلەن سەكرەپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك قىلىشىپ قارىشىپ كەتتى،دەرىزە تۈۋىدە ئولتۇرغان مېھرىگۈلنىڭ ئۈرۈمچى ئاسمىنىنى كۆرۈشكە تولۇق شارائىتى تۇرسىمۇ،قاراپمۇ قويمىدى،ئەكسىچە ئۇ ئايروپىلاننىڭ تېزراق قونۇشىنى خالايتتى.ئايروپىلان ئاخىر قوندى،مېھرىگۈل قائىدىگە خىلاپ ھالدا يانفونىنى يوشۇرۇنچە ئېچىپ ئۈلگۈردى،"شىنجاڭغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز"دېگەن كوللىكتىپ ئۇچۇردىن باشقا،5ئۇچۇرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەرشىدىندىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئالدىرماي ئوقۇپ چىقتى.ئۇچۇرلار ئاساسەن"قەيەرگە كەلدىڭىز،مەن ئايرودۇرۇمدا ساقلاۋاتىمەن"دېگەندەك مەزمۇنلار ئىدى.خېلى بۇرۇنلا ئايرودۇرۇمغا چىقىۋالغان ئەرشىدىننىڭ مېھرىگۈلنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولدۇڭلار ھەقىچان؟ قىز ئايروپىلاندىن شۇنداقلا چىقىشىغا بۇرنىغا ئۇرۇلغان يۇرتنىڭ تونۇش ھاۋاسىدىن كۆڭلى بۆلەكچىلا يايراپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئانا يۇرتقا كېلىپ بولغانلىقىنىڭ چۈش ئەمەسلىكىنى تولۇق ھېس قىلدى.ئاتا-ئانىسىغا ساق-سالامەت كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ بولۇپ يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ، يولۇچىلارنى كۈتىۋېلىش زالىغا ماڭغان مېھرىگۈل شۇنچە قاراپمۇ ئەرشىدىننى ئۇچرىتالمىدى،ئۇنىڭسىزمۇ مېھرىگۈلنىڭ كۆزى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. ئىشىككىچە كېلىپ قالغان مېھرىگۈل ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىشىغا چىرايلىق ئورالغان بىر دەستە قىپقىزىل ئەتتىرگۈلنى كۆردى.كۆزلىرىدىكى خۇشھاللىقنى يوشۇرماستىنلا ئۇدۇل ئەرشىدىنگە قارىدى.ئەرشىدىن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەۋەس ۋە ھەسەت ئارلاش قاراشلىرىدىن خىجىل بولغان چېغى،ئاپئاق چىرايى قىزىلغا ئالمىشىۋاتاتتى. n\ l$R!zr  
-رەھمەت،بەك خۇش بولدۇم،-دېگىنىچە گۈلگە قولىنى ئۇزىتىۋىدى. {+n0t1  
-ۋوي خان تېچلىقتۇ؟ بۇنى سىزگە ئالدىم دېمىگەندىمەن،-دېدى ئەرشىدىن شوخلۇق بىلەن. =!@5!  
-ۋىيىي مەندىن باشقا كىم يەنە سىزنىڭ گۈل بېرىشىڭىزگە لايىقتى؟ HY (|31  
-ئاپام. :fxG]uf-P  
-ھى ھى،ئۇغۇ راست. 2aROY2  
-چاقچاق مېنىڭ گۈلۈم،ئاپامغا بۇنداق گۈل ئاپارسام،گۈلنى نابۇت قىپسەن دەپ تىللاپ كېتىدۇ،ئاپامغا تەشتەكگۈلدىن باشقىسى بىكار. مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. 6jdNQC$#B  
-رەھمەت. ^xB=d S~  
-تىنچ-ئامان كېلىۋالدىڭىز،قىينالمىغانسىز؟ D #<)q)  
-ياقەي،ۋاقىت شۇنداق تېزلا ئۆتۈپ كەتكەندەك بىلىندى ماڭا. x *p>l !  
-شۇنداق بولسىلا مەيلىتىغۇ.يۈرۈڭ مەن ۋېلىسپىتىمنى ئاۋۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان،شۇ يەرگە بارايلى. 4 w$f-   
-ھاھاھا، تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىمۇ ۋېلىسپىت دېگەنتىڭىز، بۇقېتىممۇ ۋېلىسپىت دەيسىز،تىلەپ تاپتىڭىزمۇ نېمە،ئەرشى؟ 7'pmW,;  
-راست دەيسىز،مېھرى-دەپ سوزۇپ دېدى ئەرشىدىن-قېنى قايسى ۋېلىسپىت شۇ،تېپىپ چىقىڭە كۆرەي-دەۋىتىپلا قولىدىكى ئاپتوماتىك ئاچقۇچنى بېسىپ سالدى.ماشىنىنىڭ سىگنال بەرگەن ئاۋازى مېھرىگۈلنىڭ تېپىشماقنى تېپىۋىلىشىغا ئاسانلىق بەردى.يولبويى كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئەرشىدىن ئېلىپ چىققان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تېتىغاچ ماڭغان ئىككىسى شەھەرنىڭ قايناق بازىرىدىن بىرى بولغان دۆڭكۆۋرۈكتە توختىدى.مېھرىگۈلنىڭ چۆچۈرىگە ئامراقلىقىنى بىلىدىغان ئەرشىدىن ئۇنى بۇ قېتىم يەنىلا ئاۋۋالقى ھېلىقى چۆچۈرىخانىغا باشلاپ كەلدى.چۆچۈرىخانىدىن چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قايناق بازىرىنى قېنىپ بىر ئايلىنىۋالدى،مېھرىگۈل دائىما شۇنداق،ئۈرۈمچىگە قەدەم باسىدۇ،بىرىنجى ئىشى ئۇيغۇر ئەڭ جىق يەرنى ئارىلاپ،چاڭقاپ كەتكەن مىللەت نەپسىنى قاندۇرىدۇ.بۈگۈنمۇ بۇ ئىشىنى پۈتتۈرۋالغاندىن كېيىن،دوستى ئارزىگۈلگە تېل قىلدى: DH3.4EUWS  
-ئارزەك،قانداق ئەھۋالىڭ؟ O@[jNs)].  
-ياخشى مېرەك،ئۆزەڭچۇ؟ Xm#E99  
بۇ ئىككى دوست بىر مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ،ئارزىگۈل بىر يىل بۇرۇن پۈتتۈرۈپ قايتقانىدى،بۇلار بىر مەكتەپتىلا بولماي بىر بىنادا بولغاچقا دائىم بىللە يۈرەتتى،شۇڭلاشقا بىر-بىرىنى ئەنە شۇنداق چاقىرشىپ جىلە قىلىشاتتى. }ZP;kM$g  
-ياخشى ئاداش.مەن قايتىپ كەلدىم ئاداش.ھازىر ئۈرۈمچىدە،ئۆيۈڭدىكىلەرنىڭ دۇكىنى ئەتراپىدا، سەن قەيەردە؟ |U~m8e&:  
-ۋاي قىلىقى سەت،يەنە شۇ قىلىدىغىنىڭنى قىپسەن، دېسەڭ مەن چىقمامتىم ئالدىڭغا؟ ئەرشىدىن چىقتىمۇ يا؟ ئارىمىزغا چىراق بولمىسۇن دەپسەندە؟ 9>@@W#TK~  
-ھاھاھا بەك ئەسكى جۇمۇ سەن،ئەرشىدىنمۇ چىقىدىغان بولغانكىن، سېنى يەنە ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسۇن دېدىم شۇ. qUZm6)p6[a  
-سەن ھازىرمۇ ئەرشىدىن بىلەن بىللىما؟قاچان مېنىڭ ئۆيۈمگە پەيدا بولىسەن؟ (JgW")M`cY  
-بىر ئازدىن كېيىن ئاۋۋال ئەرشىدىن پېشىننى ئوقۇۋالسۇن.ئاندىن مېنى ئاپىرىپ قويسۇن،قانداق؟ ئۆيدىسەن؟ Y,?!"  
-ھەئە،مەن ئۆيدە،كېلىۋەرگىن. G`a,(<kT;  
-ماقۇل،ئاداش. 3 &aBU [  
-ساقلايمەن ئەمىسە. v#HaZT]u  
پېشىننى ئوقۇپ چىققان ئەرشىدىن ماشىنىنى ئارزىگۈلنىڭ مەھەللىسىگە ھەيدىدى.بىنا ئالدىغا كەلگەندە مېھرىگۈلنىڭ يۈك تاقلىرىنى ئېلىپ قېلىپ،پەقەت قول سومكىسىنىلا تۇتقۇزۇپ قويدى. PYOU=R%o`8  
-ھەممىنى كۆتۈرۈپ كىرمەڭ،چامادانىڭىزنى مەن ئالغاچ كېتەي. O%w"bEr)N  
-ماقۇل بىلدىم. d]kP@flOV  
-ھە راست،ماۋۇلارنى ئالغاچ كىرىڭ،قۇرۇق كىرمەڭ-دېگىنىچە ئارقا ئورۇندۇقتىن بىر پەتنۇس نەپىس ئورالغان ئارماننىڭ پېچىنە-پىرەنىكلىرىنى ئالدى. u{H'evv0O  
-ۋۇييۇ،مەندىنمۇ بەك ئىش ئۇقىسىز ھە سىز. Ql%0%naq1  
-سىزدەك خەنزۇچە پەتە قىلىدىغان يەردە بولمىغانكىن ئەمدى. 4 ^=qc99  
-ھۇ،چايان. چېقىۋالغىلى ئارانلا تۇرىدۇ. Oq7R^t`b  
-بولدى ئارزىگۈل ساقلاپ قالىدۇ، كىرىۋېرىڭ،ئىشلار بولسا تېل قىلىڭ،سىزنى ئەتە ئالغىلى كېلىمەن. $. ;j4%%  
-ماقۇل،ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن. &8l4A=l$  
-رەھمەت. i8]2y  
مېھرىگۈلگە ساقلاۋاتقان ئارزىگۈل ناخشىغا غىڭشىغاچ لەڭمەنگە پىلتە قىلىۋاتاتتى.ئىشىكنىڭ يېنىك ئۇرۇلىشىدىن مېھرىگۈلنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئىشىكنى ئاچتى. FMuakCic5  
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. E yv|~D  
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،قانداق ئەھۋالىڭ ئادىشىم؟ ياخشى تۇردۇڭمۇ،ھەجەپمۇ سېغىندىم سېنى؟ fP6]z y^ *  
-ۋاي سېغىنغان ئادەم تېلفوننى،ئۇچۇرنى جىق-جىق قىلىپ تۇرىدىغان. SM 
-قىلسام ئالمىغان،قايتۇرمىغان كىم؟ qkM 
-بەزىدە ئالدىراشچىلىقتا قىلالمايدىكەنسەن،ئىشلار بېسىققاندا قىلىمەن دەيدىكەنسەن،ئۇنتۇلۇپ قالىدىكەنسەن. 6{XdLI  
-شۇڭا دېمەك گەپ سەندە. nA!Xb'y&  
-ۋاي بولدى قىلغىنە. ئەرشىدىن قېنى؟ بىللە ئەكىرمىدىڭما؟ "8bxb  
-ئۇ كىرمەيدۇ ئاداش،بىلىسەن مەندىنمۇ ياۋايى ئۇ. ?89ZnH2/  
-مەن ئىككىڭلارنى تەڭ كىرىدۇ دەپ تاماقنى جىقراق تەييارلىغانتىم. A? =(q  
-ئۆيدىكىلىرىڭچۇ؟ سىڭىللىرىڭمۇ يوقما؟ .szs?  
-دادام كاماندوروپكىدا،ئاپام يۇرتقا كەتكەن.سىڭىللىرىمنىڭ ئىشى باركەن چىكەتتى دېگەندەك پاراڭلار ئاداش،سەن بىردەمەىنە ئولتۇرۇپ تۇرە،مەن قورۇمىنى قورۇۋىتىپلا كىرىمەن. ?z:Xdx\l  
-ئاداش بايىلا تاماق يېگەنتىم مەن،بولدى قىلە بىردەم پاراڭلىشايلى. $WOiXLyCk  
-پاراڭنى ھېلى ئولتۇرۇپمۇ، يېتىپمۇ،مېڭىپمۇ قىلىۋالىمىز ئاداش،جىم ئولتۇرە، دېسەم دېمىسەم چۆچۈرە ئىچتىڭ،چۈشۈپمۇ قالغاندۇ؟ پېشىن ئوقۇدۇڭمۇ؟ ئوقۇمىغان بولساڭ ئوقۇۋالغىن. 3$R^tY2UU  
-مەن ياردەملىشىدىغان ئىشلار بارمۇ؟ x8]9Xe:_>O  
-ھېلى چىنەمنى يۇيۇپ بېرەمسەن ئەمىسە؟ \2rCT~x  
-ۋىيىي ۋىيىي،بۇرۇنقىدەكلا ئوماق ھە سەن ئادىشىم،ئەلۋەتتە يۇيۇپ بېرىمەن،قانچىلىك ئىشتى ئۇ؟ '' @upZBJ  
-ھى ھى چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئۆزەم يۇيىمەن،سەن نامىزىڭنى ئوقۇپ ئارام ئېلىپ تۇرغىن. n ..9F$a  
-ماقۇل جېنىم. 1I#S?RSb  
مېھرىگۈل نامىزىنى ئوقۇپ،دۇئالىرىنى تۈگىتىپ تۇرىشىغا ئاشخانا ئۆيدىن چىققان مەززىلىك قورۇمىنىڭ پۇرىقى دىماقلىرىغا ئۇرۇلدى"ۋاھ، نېمداق ئوخشىغان"دەۋەتتى ئۇ،خىيالىغا ئاپىسى ئەتكەن تاماقلار كەلدى.مەكتەپتىكى كەتمەندە قورۇلىدىغان قورۇمىلارنى،تاڭشىردەك چاپلىشىپ تۇرىدىغان گۈرۈچ تاماقلىرىنى يېيىش ئەمدى يىراقتا قالدى،قىيمىلىق تائاملارغا زارىقىپ كۈتۈش ئەمدى كەلمەيدۇ، ئوخشىغان مەززىلىك تائاملار ئۇنىڭ ھەر ۋاقلىق غىزاسىغا ئايلانغۇسى. 4_`ss+gk  
-سېنى ئارام ئېلىۋاتىدۇ دېسەم خىيالغا چۆكۈپ كېتىپسەنغۇ؟-دەپ خىيالدىن ئويغاتتى ئارزىگۈل. )xJo/{?  
-سېنىڭ ئەتكەن تامىقىڭنىڭ پۇرىقى بولمامدۇ؟ c8o $WyO  
-ئوخشاپتۇما؟ ئەمسە چىقە داستىخانغا، تازا مەززە قىلىپ بىر يەيلى. $X.X_  
-ماقۇل،مانا ھازىرلا. jLULf+ 8&  
ئىككىسى بىر تەخسىدىن ئوخشىغان لەڭمەننى يەپ بولۇپ،ئاش سۈيىدىن چوڭ پىيالىدە بىردىن ئىچىشىۋەتتى. KcGM=z?:  
-يەنە سالايمۇ؟ #&Zb8HAj  
-توۋا دە،مەندىكىسى داشقازان ئەمەس،ئاشقازان. # j_<iy  
-دەيمىنا ئەمدى.ئاشخانىدا ئادەم لەڭمىنىنى يېگەن بىلەن تەخسىسىنى كۆتۈرۈپ سۈيىنى ئېچەلمەيدۇ،ئاش سۈيى ئىچسەكقۇ ئىش بار دېگىنە،شۇڭا سېنى قېنىپ بىر يەۋالسۇن دەپ لەڭمەن ئەتكەنتىم،ئوخشاپتۇمۇ؟ uT5sLpA|6  
-شۇنداق ئوخشاپتۇ ئاداش،قولۇڭغا دەرت كەلمىسۇن،شۇنداق ھوزۇر بولدى. _084GK9{W  
ئىككى دوست خۇددى مەكتەپتىكى چېغىدەك ئەنە شۇنداق كۈلكە-چاقچاق بىلەن، ھېلى باغدىن ھېلى تاغدىن پاراڭلىشىپ چۈشتىن كېيىن قىلدى.ئەمدى ئارزىگۈلنى دۇكانغا ماڭدۇرايلى،بولمىسا قۇرۇق گەپ بىلەن كۈن كەچمۇ بولۇپ كەتكۈدەك. XO)|l8t#$=  
-ئاداش مەن دۇكانغا بىر بېرىپ كېلەي،جايىدىمۇ ئەمەسمۇ،ئاپام ماڭار چېغىدا "كۈندە دۇكانغا بىر بېرىپ قوي"دېگەنتى.سەن ئارام ئېلىپ تۇرغىن،يالغۇز زېرىكىپ قالارسەنمۇ؟ k1A64?p  
-ياق ئاداش،مەنمۇ ئەرشىدىننىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەيمىكىن دەپ تۇرغانتىم. @v1f)(N  
-يا ئاللاھ، ۋاي ماڭە، سېنى بىر يولى ئاپىرۋىتىپ ئاندىن مەن دۇكانغا باراي. E%CJM+r!  
-بولدى ئۆزۈم باراي. '_z#}P<  
-ماڭە ھە بولدى،كۆزلىرىڭدىن "مۇشۇ ئارزەك بەك ياخشى جۇمۇ" دەۋاتقىنىڭ چىقىپلا تۇرىدۇ. *$ZLu jy7  
-ھى ھى ھى +LwE=unS  
ئارزىگۈل مېھرىگۈلنى ئەرشىدىننىڭ ئىشخانىسى بار بىنانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ قويۇپ،كېتىپ قالدى.مېھرىگۈل لېفىت بىلەن ئەرشىدىننىڭ شىركىتىگە چىقىپ كەلدى.ئەمما ئەرشىدىن سىرتقا ئىش بېجىرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەن بولۇپ چىقتى،مېھرىگۈل ئەرشىدىننىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ساقلاپ ئولتۇرماقچى بولدى. ئەرشىدىننىڭ ئۈستىلىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى كۆرۈپ رەتلەپ چىقتى،ئۈستەل ئۈستىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى دېمىگەندە،ئىشخانا پاكىز ئىدى.بىرەر سائەتكە قالماي ئەرشىدىن قايتىپ كەلدى. :les 3T}2  
-قاچان كەلدىڭىز،كېلىشتىن بۇرۇن دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟ يالغۇز ئولتۇردىڭىزما؟ 1* _wJ  
-ياق جوزا-ئورۇندۇقلار بىلەن ئولتۇردۇم،ھى ھى. jgLCs)=5hV  
-ئىشىم تۈگىدى،ئەمدى سىرتلارنى چۆگىلىگەچ چاي ئىچىپ كېلەمدۇق؟ su~_l[6  
-مەيلى. ' LT6%<|  
ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا يانمۇ-يان مېڭىشقان بۇ بىر جۈپنىڭ گېپى تۈگىمەيتتى، قارىماققا بۇلار ئەر-ئاياللاردەك كۆرۈنەتتى.ئۇلار شەھەردىكى ياشلار كۆپرەك كىرىدىغان بىر چايخانىدىن ئورۇن ئېلىشتى.ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان خوتەننىڭ زەپە چېيىدىن ۋە بىر ئىككى خىل نەرسىلەردىن بۇيرۇتۇپ قويۇپ پاراڭلىرىنى باشلىدى. C7ZU)MEUd/  
-مېھرىگۈل،ئۆيىڭىزدىكىلەر ھازىرمۇ بىزگە قارشى تۇرارمۇ؟ &H!#jh\w  
-ئۇزۇن بولدى، سىز توغرۇلۇق گەپ چىقارمايدىغان بولۇشتى،بەلكىم بىزنى راستلا ئايرىلىپ كېتىشتى دەپ ئىشەندى بولغاي. ئەمما ئەمدىلىكتە مېنىڭچە بۇرۇنقىدەك ئۇنچە چىڭمۇ تۇرۇۋالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى سىزمۇ بۇرۇنقى ئەرشىدىن ئەمەس،ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭىز. dm60O8  
-ئىشقىلىپ مۇشۇ ئىشتىن سەل ئەنسىرەيمەن. ئاپاممۇ قىز تەرەپ قارشى پىكىردە بولمىسا،بالدۇرراق ئادەم كىرگۈزۈپ توينى قىلىۋەتسەك بولاتتى دەپ ئولتۇرغىلى نەۋاق؟ mZVYgJQ[  
-ئىشلار چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ئەرشىدىن، بىزنىڭ ياردەمچىمىز بار،ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىسەك بەرمەي قالمايدۇ، ئۈمۈتلۈك بولۇڭچۇ؟ sa%2,e'  
-سىز قايتسىڭىز نېمىش قىلىسىز؟ UE4zmIq  
-بىلمىدىم،دادام بىر دۇكاننى بىر يىللىق ئېلىپ قويۇپتىمىش، بۇ مېنىڭ قىززىقىشىمدىن پايدىلىنىپ مېنى تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلىغىنى، مەيلى ئۇنىڭدا تېخى ياخشى،خىزمەتكە ئىمتىھان بەرمەيلا قۇتۇلىمەن،ئاندىن شۇ بىر يىل ئىچىدە ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا كۆۋرۈك سالىمەن. cGw*edgp6  
-ئىنشائاللاھ ئاللاھ ئاسانلىق بېرەر. 4'pg> ;*.  
كۈن مۇشۇ يەردە قاراڭغۇلۇققا چۆكتى.ئەرشىدىننىڭ ئۆچەي دەپ قالغان ئۈمۈت شامىنى مېھرىگۈل يەنە ياندۇردى.دېمەك،قىزنىڭ دادىسى قانداق پوزىتسىيەدە تۇرسۇن،قىزنىڭ ئەرشىدىندىن ئايرىلمايدىغانلىقى ئېنىق. 6a G/=fq  
ئىككى كۈننى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن مېھرىگۈل ئەرشىدىننىڭ ياردىمىدە ئۇزۇن يوللۇق بېكەتكە كېلىپ،يۇرتىغا يول ئالدى.ھەر ئىككەيلەننىڭ كۆزلىرى نەمدەلدى.ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىدىن ئەرشىدىننىڭ سىماسىنى كۆرگەن مېھرىگۈل يۈرىكىنىڭ ئاللىقاچان ئەرشىدىنگە ئەگىشىپ قېلىپ قالغانلىقىنى بىلدى.ئۆيگە تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەن مېھرىگۈلنى كۆرگەن ئاپىسى ماھىنۇر،ئىتتىك كېلىپ قىزىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى: Ws[[Me, =  
-يىغلىمىغىنە ئاپا،ساق-سالامەت كەلدىمغۇ مانا.ياخشى تۇردۇڭمۇ جېنىم ئاپا. +>N/q(l  
-ياخشى بالام،ئۆزۈڭچۇ؟ `vJ+ sRf  
-خۇداغا شۈكۈر،دادام بىلەن ئىنىم يوقما؟ W! FmC$Kc  
-ئىككىسى بىللە دوختۇرخانىغا كەتكەن. ?^ 9TtxM  
-نېمە بولدى؟كىم ئاغرىقكەن؟ v~:$]a8  
-داداڭنىڭ شۇ تولا بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان،يېقىنياقى بېشىنىڭ ئاغرىقىدىن كېچىسى بىراقلا ئۇخلىيالماس بولۇپ قالدى،شۇڭا تەكشۈرتكىلى كەتكەن. rt5UT~  
-قانچىلىك بولدى كەتكىنىگە؟ _p vL b  
-خېلى بولۇپ قالدى،كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. K,YKU? z6  
-ئۆزۈڭچۇ ئاپا،ئاغرىق-سىلاق بولمىغانسەن؟ 4 Yq|Z  
-ياق، مەن خېلى ياخشى،شۈكرە خۇدايىمغا.ھەجەپ دېمەيلا كەپسەن بالام؟مەن تېخى ئەتە كېلىدۇ دەپ بىلىمەن، ياخشى سىرتقا چىكىتىپ قالماپتىمەن. /ve8);cH\  
-شۇ تۇيۇقسىزلا كېلەي دەپچۇ. H".~@,-}  
-ئىشلىرىڭ پۈتۈن تۈگىدى شۇنداق قىلىپ؟ Qz;2RELz  
-ھەئە تۈگىدى،ئەمدى شۇ جەمئىيەت مەكتىۋىمنىڭ دەرىسى باشلىنىدۇ. d [z+/L  
شۇنداق پاراڭلىشىپ تۇرغانلىرىدا،ئىشىكتىن نۇرمەت دادا بىلەن مېھرىگۈلنىڭ ئىنىسى مەۋلان كىرىپ كەلدى. HUurDgRi]  
-ئوھوي،ئاچاڭزا لەيلىما؟ OL*EY:]  
-ھاھاھا ۋاي شېتىلەك،ھە كەلدىم.قانداق تۇرىسىز دادا؟ KLlo^1.<  
-ھازىرچە ئىككى پۇتۇمدا تۇردۇمغۇ؟-دەپ ھىجايدى نۇرمەت دادا. + oyW_!(  
نۇرمەت دادا 50ياشلاردىن ئاشقان، چىرايى بۇغدايئۆڭ،قاڭشارلىق،تولا ھاراق ئىچكەنلىكتىنمىكىن كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرى قىسىلغان،قارىماققا ئاچچىقى يامان كۆرىنىدىغان،ئەمما چاقچاقچى،تولاراق سىلىق گەپنى ئەگىلىتىپ قىلىدىغان ئادەم ئىدى،بەزىدە دادىسىنىڭ گېپىگە چىدىمىغان مېھرىگۈل "خوتەن داشۆسىنىڭ تەنە گەپ فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەنمۇ سىز؟"دەپ قوياتتى.بۈگۈنمۇ ئاغرىقلىقىنى قايرىپ قويۇپ ئەنە شۇنداق گەپلىرى بىلەن قىزىنى كۈتىۋالدى. MId\ dFu  
-يائاللاھ دادا،زادى مۇشۇ مىجەزىڭىزدىن دادام ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن جۇمۇ. < 2w@5qL  
ئۆزەڭدىمۇ با،تۈزۈك سوئال سورىماي ئىككى بىسلىق سوئال قويغانكىن-دېدى ئىنىسى گەپ قېتىپ. D!TL~3d 1  
-قاچان كەلدىڭىز؟ 4O[T:9mn0  
-بايىلا كەلگەن. |SXMd'<3`Z  
-دەپ قويسىڭىز ئىنىڭىز چىقاتتى ئالدىڭىزغا،تاماقمۇ قىلمىدى ھەقىچان ئاپىڭىز. I'G$:GX  
-ھېچقىسى يوق، يەپ كەلگەنتىم. kc `Q- N}  
-ۋاي~-ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ سوزدى-يول-يولدا پەتنۇستا تاماق تۇتۇپ تۇرىدۇ دەيدۇ سىزگە. J\XYUs  
-ۋاي بولدىلا گەپ قىلمىغان بولاي،ھى ھى. بېشىڭىز يەنە ئاغرىۋاتامدۇ دادا؟دوختۇر نېمە دەيدۇ؟ 5#+!|S[PK  
-نېمە دەيتتى،قان قويۇقكەن،يەنە دىققەت قىلمىساڭ مېڭىگە قان چۈشۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەيدۇ. %WHue  
-ۋاي خۇدايىم بۇ قانداق بولغىنى-دەپ ئۈمچەيدى مېھرىگۈل. {PGNPxUbe  
-چوڭ ئىشمۇ يوق،پەقەت كەيپىياتىمغا دىققەت قىلساملا بولىدۇ شۇ. بىردەم ئولتۇرۋېلىپ تاماققا چىقامدۇق؟ سىز نامىزىڭىزنى ئوقۇپ بولۇپ ئا يەتتە مېتىر داستىخېنىڭىزنى يۆگەپ بولۇپ مېنى ئويغۇتۇڭ. /r Zj=  
-ئۇنداق دېمەڭە،مېنى ھەممىدىن بۇرۇن سىز زاڭلىق قىلىسىز،ھەجەپ بىر.-تۇمشۇقىنى سوزۇپ ئۈلگۈردى مېھرىگۈل. <9YRSE [Ed  
-ھەجەپ ئىككى،ئەمىسە مەن كىرىپ دېمىمنى ئالاي. U$6N-q  
بۈگۈن دادىنىڭ ھالىدىن ئۆزى بىلەن قېنىپ كۆرۈشۈشكە ماجالى يوقلۇقىنى بىلىپ ئۈلگۈرگەن مېھرىگۈل ئارتۇق گەپ قىلمىدى.ئائىلە بويىچە كىچىكىدىن ئاپىسىغا قارىغاندا دادىسىغا بەكرەك ئامراق بۇ قىز،خېلى چوڭ بولغاندىمۇ دادىسى بىلەن بىللە ئۇخلايتتى، تېلىۋىزوردا كارتون فىلىمى بەرسە بىر-بىرىنى چاقىرىپ زورلاپ بىللە ئولتۇرۇپ كۆرەتتى،بەزىدە مېھرىگۈل ئىنىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ كىچىك بالىدەك ئۈن سېلىپ يىغلىسا،بەزىدە چوپچوڭ بولۇشلىرىغا قارىماي دادىسىنىڭ بوينىغا مىنىۋىلىپ ئولتۇراتتى،بۇنداق چاغلاردا ماھىنۇر ئاپا كىرىپ: 2@Jw?+}vr  
-ۋاي نومۇس،قانچىگە كىردىڭ؟-دەپ ئاللاھ توۋا كۆتۈرسە،نۇرمەت دادا"مەيلى"دەپ كۈلۈپ قوياتتى،چۈنكى دادىمۇ قىزىنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكەن ھەقىقەتنى زادى ئېتىراپ قىلالمايتتى،شۇڭا ھازىر بۇ ئائىلىدە دادىنىڭ كېسىلىدىن ئەڭ ئەنسىرەۋاتقىنى مېھرىگۈل ئىدى."دادامنىڭ كېسىلى زادى قانچىلىك ئېغىردۇ؟ قانداق قىلساق بولار"دېگەنلەرنى ئويلىغان مېھرىگۈل،ئاپىسىنىڭ ۋە ئىنىسىنىڭ سوئاللىرىغا "ناماز ۋاقتى بولدى" دەپ جاۋاپ بېرىپلا جاينامازغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋالدى. fZH:&EP  
+mE y7qM  
داۋامى بار.  HE. `  
(يازىمەن دەپ پېشىننى يېگىلى تاس قاپتىمەن،كېيىن كۆرۈشەيلى.)
[ بۇ يازما bendora تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

 
ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى