مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       6687 
  •    ئىنكاس 
       52 

ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى كونتىرول قىلىش ماھارىتىنى ئىگەللىۋېلىشى كېرەك

قەۋەت ئاتلاش
moghal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19333

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   763 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1015 (سوم)
 ياخشى باھا:   272 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5745
 سائەت
دەرىجىسى:
5745 سائەت 195 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-04

   خوتۇنلار  ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىنى ئىدارە قىلىش ماھارىتىنى ئىگەللىۋېلىشى كىرەك < ]1,L%  
ZGR5"el!  
                                                     جوۋ شىياۋ چۈن xR3$sA2  
`a MU2  
y-bUVw!Y  
@ G)yz!H  
    نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمى بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا،  قىز- ئوغۇللار يىتىلىپ جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن بۇرۇنقى " بالىلىقىدىن "  خوشلىشىپ ، تۇرمۇشلۇق بولۇش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار خىزمەتنىڭ بېسىمىغا دۇچ كىلىپلا قالماستىن يەنە  تۇرمۇشنىڭمۇ بېسىمىغا دۇچ كىلىدۇ، ئاياللار ياتلىق بولۇپ ، بالا تۇغۇپ، ئائىلىسىگە ھەسسە قوشسىمۇ بەزىدە ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدىكى بەزىبىر زىددىيەتتىن قۇتۇلالمايدۇ، شۇڭا بىر  ئايالنىڭ ياخشى بىر خوتۇن بولۇپ چىقمىقى بەزىدە ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ تۇرمۇش غەلۋىرىدە تاسقىلىپ چىقىشىغا توغرا كىلىدۇ. 1s.2z[B~  
       ئادەتتە ئاياللارنىڭ تويدىن بۇرۇن ۋە تويدىن كېيىن ئېرىغا بولغان پوزوتسىيەسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، تويدىن بۇرۇن ئەرلەر بولغۇسى ئايالىنىڭ سۆزىنى سەۋىرچانلىق بىلىن ئاڭلايدۇ، شۇڭا ئايالنىڭ ھەر بىر سۆزلىرى ئاساسەن ئورۇنلانغاچقا، ئايالنىڭ سۆزىمۇ نىسبەتەن ئاز بولىدۇ،  ئەمما ئۇلار بىر ياستۇققا باش قويغان  ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەرنىڭ خوتۇنىنىڭ ھەممە سۆزلىرىگە " لەببەي " دەيدىغان ھالىتى بارغانسىرى غايىپ بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ كوتۇلداشلىرىمۇ كۆپۇيىشكە باشلاپ، ئەرلەرمۇ ئەمدى ئايالىنىڭ ھەممە سۆزىنى ئاڭلاۋەرمەيدىغان گەدەنكەشكە ئايلىنىپ ،ئايالىغا گەپ ياندۇردىغان ئەھۋاللار كۆرۇلۇشكە باشلىنىدۇ - دە ، بۇ خىل ئەھۋال بىر قىسىم  ئاياللاردا ئەرلىرىنىڭ "ئاغزىنى يۇمۇش" قا مەجبۇرلايدىغان ھالەتكە بېرلىپ كىتىپ  ،  ئەر- ئايال ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ كوتۇلدىشى كۆپەيگەنسىرى ئەرنىڭ سۆزى ئازلاپ بارىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ، ئەر- خوتۇن ئارىسىدا ئورتاق تىل ئازلاپ، چۈشۈنىش يىتەرلىك بولماسلىق ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئۇرۇش- جىدەل قىلىش ، ئەرنىڭ ئۆيدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىك ، ئاخىرىدا سەللا دىققەت قىلمىسا ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشقا بېرىپ قېلىش سادىر بولۇشى مۇمكىن. c'eZ-\d{  
        بىر قىسىم ئاياللار تويدىن كېيىن ئۆينىڭ مالىيە ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ئارقىلىق ئېرىنىڭ سىرىتقا قاراپ قېلىشنىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىشىدۇ، ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش قارىشى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئېرىگە مەجبۇرى تاڭماقچى بولىدۇ،ئەمما ياخشى خوتۇن  مەلۇم ئىشلاردا ئېرىگە بېسىم چۈشۈرمەيدۇ بەلكى قايسى ئىشنى ئېرى قىلىشنى خالايدۇ ، قايسى ئىشنى خالىمايدۇ دىگەننى ئوبدان بىلىدۇ. b),fz  
    ئۇنداق بولسا ئاياللار قانداق قىلغاندا ئەرلىرىگە ئۈن-تۈنسىز تەسىر كۆرسىتىپ ، ئائلسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئائىلىگە ئايلاندۇرالايدۇ ؟ 'v V7@@  
       1_  ئېرىنىڭ ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئۇرغۇتۇشقا  ماھىر بولۇش كىرەك. s b;q)Rh  
      " مەسئۇلىيەتچانلىق " ئەرلەرنىڭ تەبىئىتىدۇر. ئائىلىلەردە  ئەرلەردىكى بۇ خىل ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىنىڭ بار- يوقلىقى ئەرلەرنىڭ  بۇ خىل  تەبىئىتىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئالدىنقى شەرتتۇر. ناۋادا ئەرلەر ئۇزۇن مەزگىل ئايالىنىڭ سىزىقىدىن چىقماي ياشايدىغان بولسا  ئەرلەردە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ- دە  ئائىلىسى، پەرزەنتى  ئۈچۈن تىرىشمايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرىۋالىدۇ، ئايال بولغۇچى بەزى چاغلاردا ئېرىدىن مەلۇم مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى كۈتسىمۇ خۇددى پىستان چاقمىغان قورالدەك كارغا كەلمەي قالىدۇ. ئەرلەردە بولسا ئائىلىدىكى ئورنىنىڭ بارغانسىرى تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، قەدىر- قىممىتى بولمايۋاتقانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، ئاخىرىدا ئائىلە مەسئۇلىيىتى شەكىللىنىش تۈگۈل  ھەتتا بۇنداق ئائىلىدىن بىزار بولۇپ، سىرىتتىن خوشاللىق ئىزدەشكە كىرىشىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئېرىدە  ئائىلىسى ئۈچۈن پاي - پىتەك بولىدىغان روھىنى ئۇرغۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كىرەك. .M^[/!  
JaRsm'SIk~  
      2_ ئەر -ئايال ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەت رىشتىنى داۋاملىق ساقلاپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كىرەك. V3t#kv  
   ئاياللار " توي قىلىپ بولدۇم، مۇرادىمغا يەتتىم " دەپ ئەر - ئايال ئوتتۇرسىدىكى سۆز - ھەرىكەتلەرگە پەرۋاسىز قاراشقا بولمايدۇ، ئەقىللىق ئايال ئائىلىدە كۈلۈمسىرەشنى ئۈگۈنىۋالغان بولۇپ، مۇشۇ قورالغا تايىنىپ ئەر - ئايال ئوتتۇرسىدىكى تويدىن ئاۋالقى مۇھاببەتلىك ھىسسىياتنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ . بىلىش كىرەككى : ھەرقانداق ۋاقىتتىكى قاپاقنى تۈرىۋېلىش، غەزەپلىنىش  ئاياللار نازاكىتىنى بەت - بەشىرە ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ، شۇڭا ئېرىڭىز سەۋەنلىك  ئۆتكەزگەن ھالەتتىمۇ " قار - يامغۇر " لۇق سىياقىڭىزنى كۆرسەتمەسلىككە تىرىشىڭ، شۇندىلا سىز ئېرىڭىز ئالدىدا ھامان ساھىپجاماللىقىڭىزنى يوقاتماي. ئېرىڭىزنىڭ مەڭگۈ تەلپۇنىشىنى قوزغىيالايسىز. تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - چۈششەك زىددىيەتلەرنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالىسىڭىز ئائىلىڭىز تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ، ئېرىڭىزنى تېخىمۇ جەلىپ قىلالايسىز. pqfX}x  
)e,O+w"  
      3 _ ئېرىڭىزنىڭ ئەركەكلىك غورورىنى ساقلاڭ. 8 XB[CbO  
     سىز كەسىپتە نەتىجە قازانغان  ئايال ياكى ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئىقتىسادى ئورنى ۋە ياكى ئىژتىمائى ئورنى يۇقۇرى بولغان ئايال ، ھەتتا " ئايدەك جامال " غا ئىگە ئايال بولۇڭ  سىز ھامان ئېرىڭىزنىڭ خوتۇنى ، شۇڭا ھەر قانداق ئىشنى ئېرىڭىز بىلەن مەسلەھەتلىشىپ قىلىڭ . بەزىدە  ئاياللار ئېرىنىڭ  " ئەركەك " لىكىگە سەۋىر قىلالماي ئېرىنىڭ غورورىغا ئاسانلا تېگىپ قويىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئۆزىدىكى بۇ خىل مەغرۇرلۇقنى تاشلىشى كىرەك. u##th8h4U  
  ئاياللار شۇنى بىلىشى كىرەككى : ئادەتتە ئەركەكلىكى كۈچلۇك ئەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە بولغان مەسئۇليىتى بەكمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ئەرلەرنىڭ ئەركەكلىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا مۇۋاپىق تۈردە يول قويۇلسا  بۇ، بەزىدە ئەرلەرنىڭ كەسىپتە نەتىجە قازىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. + t5SrO!`  
CP~ZIIip"  
     4 - ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ  كىچىك قىزلاردەك ئاجىز   كۆرنۈشكە تىرىشىڭ. sF{aG6u   
     ئاياللار ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئىناق بولىشىنى كۆزلەيدىكەن ئەڭ ياخشىسى ئېرىنىڭ خۇددى ئەركەك ھايۋانلارنىڭ .ۆزىدىن ئاجىز ھايۋانلارغا  چېقىلماسلىقتەك روھىنى ئۇرغۇتۇپ ، ئېرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىز بىر ئايال ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۇرۇش كىرەك. بەزىدە ئايالنىڭ ئېرىگە بولغان مىننەتدارلىق مەدھىيە  سۆزلىرى ئېرىنى " مەن بولمىسام بولمايدۇ " دىگەن تۇيغۇغا ئەكىلىپ، كەسىپتە نەتىجە قازىنىشقا، ئائىلىدە مىھرىبان بولۇشقا يىتەكلەيدۇ. ئايال ھامان ئايال، شۇڭا ھەرگىزمۇ ھەرقانداق بىر ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە چات كىرىۋالماسلىقى كىرەك. g |>LT_  
(aa2uctTn  
       5 - ئېرىڭىزدە ھەر ۋاقىت ئۇنى سۆيۇدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلدۇرۇڭ. kyJbV[o<#  
    ناۋادا سىز مىجەزىڭىز ئېغىر بېسىق، ئىچ مىجەز ئايال بولسىڭىز بىر ئاماللار بىلەن ئېرىڭىزگە بولغان سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەڭ، چۇنكى بۇ خىل مىجەزدىكىلەر ئاسانلىقچە كاللىسىدىكىنى كىشىگە بىلدۈرمەيدۇ، ناۋادا سىز ئوچۇق مىجەزلىك، مىجەزىڭىز تاش مىجەز بولسا ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ سوغۇققان بولۇپ ئاغزى ئىتتىكلىكتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى بۇ خىل مىجەزدىكىلەر كۆڭلىدە نىمە بولسا تۆكۇۋىتىشكە ئامراق كىلىدۇ، ئاغزىڭىزنىڭ قۇلۇپى ئېچىلىپ كەتسە بەزىدە ئېرىڭىزنىڭ زىتىغا تىگىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ سېلىپ، ئېرىڭىزنى رەنجىتىپ قويىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا ئامال بار ئېرىڭىزنى سۆيۇدىغان ھىسسىياتىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا دىققەت قىلىڭ. !ajBZ>Q  
@KQ.tF*  
       قىسقىسى، سىز ئەقىللىق بىر خوتۇن بولماقچى بولىدىكەنسىز ھەر زامان ئۆزىڭىزدە " مەلىكىلەرچە " مىجەزنى ۋە سالاپەتنى ئىپادىلەشكە تىرىشىڭ، ئاغزىڭىزدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرنى " تاسقاپ تۇرىدىغان " غەلۋىر ئىشلىتىشنى ئۇنتۇماڭ.مودىغا  ماسلىشىپ مېڭىڭ لېكىن ھەددىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن ، ئۆزىڭىزدە بار بولغان ياخشى مىجەزنى " دەپنى " قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىڭ،  سەۋىرچان بولۇشنى، ئېرىڭىزنىڭ " كوتۇلدىشى " نى قانداق ئاڭلاشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ. ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ " دەۋىر بىلەن تەڭ مېڭىش ياكى دەۋىردىن ئېشىپ كىتىش " دىگەندەك تەرەپلىرىنى ئۈگۈنىۋالماڭ. خوتۇننىڭ مىجەزىنى يىتىلدۈرۋالغىلى بولىدۇ، باشقىلار قىلالىغاننى سىزمۇ قىلالايسىز. ھازىردىن باشلاپ تىرىشسىڭىزلا ئائىلىڭىزنى تۇرمۇش " جەننىتى " گە ئايلاندۇرىشىڭىزدا گەپ يوق. ;miif  
0X=F(,>9  
U)/.wa>  
        مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپىسىدىن                            موغال   تەرجىمە قىلدى.    S(zp_  
8:,($a/KF  
Q/+`9z+c  
     
[ بۇ يازما ياخشىلىق تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 3 پارچە
xam12 مۇنبەر پۇلى +50 04-20 -
gulsima مۇنبەر پۇلى +100 04-17 تەرجىمە تېمىڭىز ماڭا  بەك ياقتى،مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىز.
Eltekin مۇنبەر پۇلى +100 04-13 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.
كەھرىۋا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1993

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   300 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   34154 (سوم)
 ياخشى باھا:   404 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   450  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3561
 سائەت
دەرىجىسى:
3561 سائەت 209 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

     مەنمۇ  ئازراق قۇشۇپ قۇياي : +Mo4g2W  
q[s,q3n~  
UmR)L!QT8  
       1.مەڭگۈ ئالىيجاناپ ،مېرىبان بولۇڭ . مەيلى  دوستلار يىغىلىشى بولسۇن ياكى ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى  بىلەن بىللە بولغاندا بولسۇن ،كىيگەن كىيمىڭىز   كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چىلىقمىسا مەيلى ،لېكىن  ئېرىڭىزنىڭ ئابرويىنى قىلىشنى ھەرگىز يادىڭىزدىن   چىقارماڭ ،ئامال بار ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ ،تەربىيە  كۆرگەن، ئۆزىڭىزگە خاس قاراشقا ئىگە سالاپەتلىك   بولۇشقا تىرىشىڭ .ھەرگىزمۇ سەمىرىپ تىقىلىپ  ]IuZT  
  كەتكەندىن كېيىن ،ئورۇقلاش ئۈچۈن چېنىقىش  ئۆيلىرىگە قاترايدىغان ،دورا يەيدىغان ئىشنى  قىلماڭ .كونىلىقىدىن يىرتىلىپ ،تىتىلىپ كەتكەن ئىچ   كىيىمنىڭ ئۈستىگە ئېرىڭىز ئېلىپ بەرگەن ئېسىل  كىيىملەرنى كىيمەڭ ،ئۆتۈنۈپ قالاي ،ئېرىڭىز  ئۈستىڭىزدىكى كونىراپ كەتكەن ئىچ كىيمنى ،ئۇ يەر   ياكى بۇ يېرى تىشىلىپ قالغان كالتە شىم بىلەن  تۇرغان تۇرقىڭىزنى كۆرمىسۇن . zluq2r  
      2.ئائىلىنىڭ كەيپىياتىغا ئەھمىيەت بېرىڭ . ئانىڭىز  ئۆگىتىپ قويغان تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى ئۇنتۇماڭ  ،دەم ئالغان چاغلىرىڭىزدا ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ تاماق  ئېتىپ بېرىڭ ،ئۇنىڭ تەمى بار ياكى يوقلۇقى بىلەن  ھېسابلاشمايدىغان ئىشنى قىلماڭ .كىچىك بالىدەك  قىلىقلارنى قىلماڭ ،ناۋادا چاپىنىنىڭ تۈگمىسى  ئۈزۈلۈپ كەتسە ،تەگىمەستىن قاداپ بېرىڭ .مېھرىبان  بولۇڭ ،بالىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن ،ئېرىڭىز بالىنى   تۇغۇلغاندىن كېيىن ،ئېرىڭىز بالىنى ئېمىتىشنىڭ   زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ يۈرمىسۇن ؛ئەگەر بالا  ئېمىتىمەن دەپ چىرايلىق بەدىنىڭىزدىن مەھرۇم  بولسىڭىزمۇ ،ئېرىڭىز يەنىلا سىزنى چوقۇم  قەدىرلەيدۇ . v "l).G?  
        3.كىتاب ئوقۇيدىغان ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ.توي  قىلغان ئاياللار كۆپىنچە ئاددىي كۆڭۈل ئېچىش  ئوقۇشلۇقى بىلەن مودا كىتابلارنى ئوقۇيدۇ ،بۇ    نورمال ئەھۋال .بەزى ئەرلەر رومانتىك تۇيغۇنى  قوزغىتىش ئۈچۈن مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ،شېئىرلارنى  ئوقۇيدۇ ،ئۇلار ئەلۋەتتە سىزدىنمۇ شۇنداق   كىتابلارنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .كىتاب ئوقۇش  ياخشى ئىش ،بىراق ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ چارىسى  بولۇپ قالسا بولمايدۇ .كىتاب ئوقۇش ئەمەلىيەتتە  سىزنى ‹‹بىر نەرسە بىلمەسلىك گۇناھى ››دىن خالاس  قىلىدۇ ،ئۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا نۇرغۇن   ئورتاق تىلنى پەيدا قىلالايدۇ ،شۇنداقلا  تۇرمۇشىڭىزنى زور مەناغا ئىگە قىلىدۇ .ئومۇمەن  ،سىزنىڭ ئۈچۈن باشقا بىر خىل خوشاللىق تېپىش  يولىنى ئىزدەڭ ،چوقۇم بەرگەن بەدىلىڭىزگە لايىق  جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز . FL mD?nw  
         4.تاسادىپەن ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر خىيالنى   قىلىڭ. ئاش – تاماق ،ئوتۇن ،كۆمۈر بىلەن پۈتىدىغان  كىشىلىك ھايات ئەرلەرنىڭ قەلبىدە چوقۇم   ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خىياللارنى پەيدا  قىلىدۇ .گەرچە بۇ سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە غەلىتە   ،بىمەنە خىياللار بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنى مازاق  قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ .روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ   قالغان چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر خىيالنى   قىلىپ ،شېرىن خىيالىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇڭ .ئەمما  بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ ،چۈنكى ھەر قانداق بىر نورمال  ئەر كىشى ئەخمىقانە خىياللارنى رېئاللىققا   ئايلاندۇرۇش كويىدا بولمايدۇ ،چۈنكى مەڭگۈ   بۇزۇلمايدىغان چۈش بولمايدۇ . !tq]kKJ3:  
         5.يۇمۇرىستىك تۇيغۇ سىزگە زىيان   قىلمايدۇ.ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقى بىلەن ئاق  كۆڭۈللۈكى گوياكى بىر ناۋات ،ئەمما بۇ ئەرلەرگە   مەڭگۈ ئوزۇق بولالايدۇ ،دەپ قارىسىڭىز چوقۇم  خاتالىشىسز ؛يۇمۇر خوددى تۇزغا ئوخشايدۇ ،ئۇ  ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئىنتايىن ئاز خۇرۇچ ،ناۋادا   بۇ خۇرۇچ بىر يەرگە كېلىدىغان بولسا ،چوقۇم   باشقىچە تەمگە ئىگە بولۇپ ،سىزگىمۇ ،ئېرىڭىزگىمۇ    خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ . ex>7f%\  
[ بۇ يازما كەھرىۋا تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە
Eltekin مۇنبەر پۇلى +100 04-13 تېمىدىنمۇ ئېنىق، ئۈنۈملۈك ئۈگۈت بوپتۇ!
moghal مۇنبەر پۇلى +100 04-12 نادىر ئىنكاس.
 
moghal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19333

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   763 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1015 (سوم)
 ياخشى باھا:   272 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5745
 سائەت
دەرىجىسى:
5745 سائەت 195 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

     مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىغا ئانچە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن، چۇنكى بىزنىڭ ئەرلىرىمىزنىڭ ئەركەكلىكى بەكمۇ كۈچلۈك،   بىزدە ئاياللىرىمىزنىڭ ماقالىدا دىيىلگىنىدەك ئەرلىرىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن بەزىبىر ماھارەتلىرىنى ئىشلىتىشى ھاجەتسىزدۇر، لېكىن خەنلەردە < ئۆزىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزگىنى بىلىش كىرەك > دىگەن ماقال بار، ئەرلەرمۇ ئائىلىنى تەشكىل قىلغۇچى بىر تەرەپ بولۇش سۈپىتىدە ، ئائىلىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەخىتلىك، مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن خۇددى ئاياللار ئەرلىرىگە قىلغاندەك سىزمۇ ئايالىڭىزغا ئاشۇنداق مىھرىبانلىق كۆرسەتسىڭىز،   ئۇنى تويدىن بۇرۇنقىدەك سۆيسىڭىز ، جەمىيىتىمىزدە مۇستەھكەم ئائىلىدىن بىرسى كۆپەيسە ، يىتىم بالىدىن بىرسى ئازلىماسمۇ ؟ !RJ@;S  
        تىجارەت  قىلىدىغان بىر دوستۇمنىڭ بىر خوشنىسى بار، ئۇلار ھازىر ئىككى بالىغا ئاتا- ئانا بولدى، ئېرىنىڭ تەلىپى بىلەن ئايالى  بىر شىركەتتىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ بالىلىرىغا قارايدىكەن، ئېرىنىڭ مۇئاشى يامان ئەمەسكەن، لېكىن مال باھاسى يۇقۇرى بولىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدە ئايالى ئېرى بېرىدىغان  پۇلنى شۇنچە تىجىسىمۇ تۇرمۇش خىراجىتىگە يەتمىگەچكە پۇل دىسىلام ئايالىنى دۇمبالايدىكەن، ئايالىنى ئەينى چاغدا ئارقىسىغا كىرىۋېلىپ يۇرۇپ ئاران  ئىندەككە كەلتۇرۇپ، ئۈچ يىل يۈرۈپ ئاندىن توي قىلغان ئىكەن، تېخى 26 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ چوكان دەردىنى دوستۇمنىڭ ئايالىغا تۆكۇپ بىرىدىكەن، ئىككى بالىسى قىز بولغاچقا " ئوغۇل تۇغمىدىڭ " دەپ ئايالىنى ئەمەس بالىلىرىنىمۇ ئۆچ كۆرىدىكەن، بىچارە چوكان نەچچە ئايلىق بولغان بوۋىقىنى كۆتۇرۇپ يۈرۈپ تاماق قىلىدىكەن، بالىلار دادىسىدىن قورقۇپ يىغلىسا بەزىدە تاس قالىدىكەن بالىسىنى ياقىسىدىن ئېلىپ يەرگە تاشلىغىلى،  بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپمۇ قويمايدىكەن، مانا  بىزدىكى بىر قىسىم   "ئەركەك "  لەردۇر، بىزدە بۇنداق ئەركەكلەر ئازمۇ ؟ !84Lvg0&  
      ئاشۇ ئايالى ئەينى چاغدا بىر دادىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى بولغۇيتى، ھەممىمىزنىڭ قىزى بار ياكى ئىگىچى - سىڭىللىرىمىز بار ، شۇلارنى مۇشۇنداق " ئەركەك " لەر خارلىسا بىزنىڭ يۈرىكىمىز ئېچىشماسمۇ ؟ B^9C}QB  
     ئۆتكەندە " ئاياللار خىزمەت قىلماسلىقى كىرەك " دىگەن بىر ماقالە ئېلان قىلىندى، ئۆزىنى كەم - كۇتىسىز "ئەركەك " چاغلايدىغان  بىر قىسىم ئەرلىرىمىز " ئاياللار ئۆيدە ئىبادىتىنى قىلىپ، بالا تەربىلەپ ئولتۇرىشى كىرەك، سىرىتتا  ئىشلىسە باشقا ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشىدۇ، ئەركەكلىكىمىزگە زىيان يىتىدۇ " دىگەندەك ئىنكاسلار نى چۇشتى ، ھەتتا بەزى كاللىسىدا سۈيى بار قىزلىرىمىزمۇ " ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرسەم ئائىلە ئايالى بولىمەن "  يېزىشتى، مەن  سىلەرنىڭ بۇ خىل قارىشىڭلارغا  قارشى ئەمەس لېكىن  شارائىتىمىز  بۇنىڭغا يول قويامدۇ ؟ ئاشۇ پۇل تېپىپ  ئاياللىرىنى   باقىدىغان  "ئەركەك " لىرىمىزدىن نەچچىسى تويدىن كېيىن قىزلىرىمىزنى  تويدىن بۇرۇنقىدەك سۆيەلەيدۇ ؟ x .@O]}UH  
    بىزنىڭ ئەركەكلىرىمىزنى كۆپ كۆرگەنمەن، ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئەركەلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس لېكىن تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان ئەركەكلىرىمىزمۇ يەنىلام مەۋجۇت. 64b AWHv  
    ئەركەكلەر : ئاشۇ سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەمرايىڭىز سىزنىڭ بۇرۇنقى  جېنىڭىزنىڭ بىر پارىسى، تويدىن كېيىنمۇ داۋاملىق يۈرىكىڭىزنىڭ پارىسى بولۇشقا تىرىشىڭ، سىز ئۇنى قانچە سۆيسىڭىز سىزگە ئۇ شۇنچە سۆيۇملۇك كۆرىنىدۇ، قانچە ئۆچ كۆرسىڭىز كۆزىڭىزگە شۇنچە سەت كۆرىنىدۇ، سىز شۇنداق سەت خوتۇن بىلەن مەڭگۇ ياشاشنى خالامسىز، ئۇنىڭ سەت كۆرۇنمەسلىكنىڭ بىرلا ئامالى بار، ئۇ بولسىمۇ ئەرلىرىمىز  ئەركەكتەك بولۇش، كۆڭۇل- كۆكسى كەڭ بولۇش لازىم.
[ بۇ يازما moghal تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

 
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.
GOX~POLO
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19868

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   71 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3452 (سوم)
 ياخشى باھا:   196 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   263  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1523
 سائەت
دەرىجىسى:
1523 سائەت 177 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-01
ئاخــىرقىسى:2011-09-28
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12
Re:خوتۇنلار ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى كونتىرول قىلىش ماھارىتىنى ئىگەللىۋېلىشى كېرەك

ھەقىقەتەن ياخشى گەپلەر ئىكەن تەشەككۈر
 
saraghutun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12524

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   438 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6658 (سوم)
 ياخشى باھا:   268 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   372  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1437
 سائەت
دەرىجىسى:
1437 سائەت 83 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-03
ئاخــىرقىسى:2011-09-18
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

ئايال  بولماق نىمانچە تەس ،،،،،،،،،،،،،
 
مۇزدىمۇ ئىللىق ھارارەت باركەن
asma03
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33258

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   23 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1182 (سوم)
 ياخشى باھا:   100 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 391
 سائەت
دەرىجىسى:
391 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-09
ئاخــىرقىسى:2011-05-08
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

بەك ياخشى يىزپسز بىلىۋالساق .بولغۇك
 
خوندەك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6489

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1102 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16215 (سوم)
 ياخشى باھا:   903 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1429  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5092
 سائەت
دەرىجىسى:
5092 سائەت 178 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

ئىنسانغا پايدىلىق ئىلىم نەدە بولسا بېرىپ ئۆگەن، >VvA&p71b  
نادانلىق،بەڭۋاشلىق،كوت-كوتلۇققا سال يۈگەن!!!!!
 
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1486 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8894 (سوم)
 ياخشى باھا:   532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3358
 سائەت
دەرىجىسى:
3358 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

ئايالىمغا كۆرسۈتۈپ قويسام ئايالىم تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۋالسا بولغىدەك.
 
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1651 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9153 (سوم)
 ياخشى باھا:   1145 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4415
 سائەت
دەرىجىسى:
4415 سائەت 225 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

ئاياللار تۇعماستا ئاجىىز MI\35~JAN  
بىر تۇققاندىن كيىن تۇتۇچى )lrmP(C*.a  
ئىككىنى تۇققاندىن كيىن ۋاتۇچى
 
aygvzakl
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34318

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   114 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1489 (سوم)
 ياخشى باھا:   109 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   105  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1148
 سائەت
دەرىجىسى:
1148 سائەت 42 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12
8-قەۋەت (kahrizat) نىڭ يازمىسىغا

قالايمىقان  گەپ  قىلماڭ  ، جۇمۇ
 
ئاتا-ئانا  ئەڭ  ئۇلۇغ  كىشىلەردۇر.
gulbar5
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30340

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   904 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10538 (سوم)
 ياخشى باھا:   2090 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2886  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5935
 سائەت
دەرىجىسى:
5935 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

ھەققەتەن ياخىشى  تىما  ئىكەن،  باشقۇرغۇچىلارىنڭ  ئىنكاسى  بىلەن Re&"Q8I.8  
تىخمۇ  ياخشى بىر  نادىرلانغۇدەك  تىما بوپتۇ، c]zFZJ6M  
قوشنا  مىللەتىنڭ ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى كونتىرول قىلىش ماھارىتىنى ئىگەللىۋېلىشىمۇ  بىلۋالدۇق
 
ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن
KARAMXAX
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30742

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   30 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1117 (سوم)
 ياخشى باھا:   104 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   104  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 145
 سائەت
دەرىجىسى:
145 سائەت 55 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

ھەقىقەتەن ياخشى ماقالىكەن.جۇمۇ يانمۇ تىرشىڭ...
 
شاش بالا
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى