«40 مىليون يۈەنلىك مەرتىۋە نەزىرىيىسى» گە 6x[gg !;85
قانداق قاراش كېرەك ؟ PkG+`N
M}%0=VCY7
نېگىزلىك ئەسكەرتمە : «40 ياشقا كىرگەن چاغدا ، 40 مىليونلۇق بېساتىڭ بولماستىن ئالدىمغا كەلگۈچى بولما ، ئۆزۈڭنى مېنىڭ ئوقۇغۇچۇممۇ دېگۈچى بولما» . 4- ئاينىڭ 4- كۈنى ، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتوتىنىڭ پروفېسورى دۇڭ فەن مىكرو بلوگىدا ، يۇقىرىقى گەپلەرنى دېيىش بىلەن بىرگە يەنە ، ئالىي مەلۇمات سەۋەيىسىگە ئىگىلەرنىڭ نامراتلىقى نومۇس ۋە مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ ، دېگەن . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۇمرۇغ تورىنىڭ تەكشۈرىشىچە ، %70 تىن كۆپرەك تورداش دۇڭ پروفېسسورنىڭ قارىشىغا قارشى ئىكەن . 6- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ، دۇڭ فەن توردا بايانات ئېلان قىلىپ : _ «40 مىليون يۈەن» ھەققىدىكى گېپىم پەقەت ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا قارىتىلغان گەپ ، دېگەن . u[d8)+VX
EzG7RjW
«40 مىليون يۋەنلىك مەرتىۋە نەزەرىيىسى» مائارىپتىكى پايدا-مەنپەئەت _/MKU!\l
قوغلىشىشنىڭ ئىزاھاتى
{W0]0_mI(
جەمىيەتتە ئۇنۋېرسىتوت روھى ئومۇمىيۈزلىك تاپتىن چىقىپ كەتكەن ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇستازلىق ئىستىلى چۆرۈپ تاشلانغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ، دۇڭ پروفېسسورنىڭ گەپلرىنىڭ تىل- ھاقارەتكە ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ . M:C*?;K:
پېقىرنىڭ قارىشىچە ، دۇڭ پروفېسسورنىڭ گەپ-سۆزلىرى زادى ئالىي مائارىپىمىزنىڭ پايدا- مەنپەت قوغلىشىشىغا قايىل ئىكەنلىكىمۇ ياكى ئالىي مائارىپىمىزدىكى پايدا- مەنپەئەت قوغلىشىش دۇڭ پروفېسسورنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن يەنىمۇ سەزگۈر بىلىنىۋاتامدۇ ، بۇ بىر ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا تېگىشلىك مەسىلە . ناۋادا ئالىي مائارىپ ئومۇمىي جەھەتتىن پايدا- مەنپەئەت قوغلاشمىسا ئىدى ، خىلمۇ- خىل خاسلىققا ئىگە ئۇستازلىرىمىز ھەممىلا يەردە تولۇپ ياتقان ئەھۋالدا ، دۇڭ پروفېسسورنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئەمىلىيەتتە چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك ئەمەس . ئۇ بىر ئۇستاز بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشتە ئۆزىگە خاس ئۆلچىمى بولۇشقا تامامەن ھەقلىق ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىدىن ئانچە ئەنسىرەپمۇ كەتمەيدۇ ، بارلىق ئۇستازلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى زەردار بولالمىسىمۇ ئەمەلدار بولالايدىغان «ئىقتىساسلىقلار» دىن قىلىپ چىقىشقا يېتەكلىيەلەيدۇ ، چۈنكى ھەر بىر ئۇستازنىڭ ئۆزىگە خاس تەلىۋى بولىدۇ . دۇڭ پروفېسسور «40 مىليون يۋەنلىك مەرتىۋە باھا» نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان چېغىدا ، يەنە بىر قىسىم پروفېسسورلار ئوقۇغۇچىلىرىغا : - ئىلىمدە نام چىقىرالمىساڭ ئالدىمغا كەلگۈچى بولما ، دەپ تەلەپ قويۇشتى ئەمەسمۇ .
دەرۋەقە ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئالىي مائارىپ ھەقىقەتەن ساغلام ئەمەس ، كۆپ مەنبەلىك ئەمەس ، ئۆزگىچىلىك كەمچىل ، ئۇستازلىق تۈزۈمى نامدا بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە يوق . بىزنىڭ كۆرىۋاتقىنىمىز ، بارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ئورنىنىڭ بەلگىلىنىشى ، كەسىپ ۋە پەنلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى تامامەن ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ ، ھەممىسى «چوڭ ھەم مۇكەممەل» لىكنى قوغلىشىدۇ ، ئۇستازلار بولسا «خوجايىن» غا ئايلىنىپ قالغان . مانا مۇشۇنداق مائارىپ مۇھىتى شارائىتىدا ، ئوقۇتقۇچىلار پايدا- مەنپەئەت قوغلىشىدۇ ، ئوقۇغۇچىلارمۇ پايدا- مەنپەئەت قوغلىشىدۇ ، ئىلىم تىلغا ئېلىنمايدۇ ، كۆپچىلىكنىڭ دۇڭ پروفېسسورنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن بىئارام بولىشى ، راستىنى ئېيتقاندا پايدا- مەنپەئەتتىن ئەنسىرىگەنلىك . شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى ، دۇڭ پروفېسسورنىڭ گېپى پايدا- مەنپەئەت قوغلىشىشنىڭ ئىزاھاتى .
دۇڭ پروفېسسورنى سۆزىنى ياندۇرىۋالسۇن ، باشقا پروفېسسورلارنىمۇ ئۇستاز ئەخلاقىنى تەكىتلىسۇن دەيلى دېسەك ، بۇنىڭ بىلەن كۆز ئالدىمىزدىكى ئېلىمىز ئالىي مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىشتەك رىئاللىقنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ . ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلىرىدىكى پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقاندىلا ، ئاندىن ئالىي مەكتەپلەر ئەسلى مەنىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتىلىق ئورنىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خاسلىقىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ . پايدا- مەنپەئەت قوغلىشىشنىڭ يىلتىزى مەكتەپلەرنى مەمۇرىلاشتۇرۇشتا . ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەمۇرىيەت مائارىپ بايلىقىنى تەقسىم قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى ، پروفېسسورلاردا يېتەرلىك تەربىيلەش ھوقۇقى ۋە ئىلم- پەن ھوقۇقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ئالىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل روھنىڭ بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا تەربىيلەش- تەربىيىلىنىش ۋە ئىلىم- پەنگە بولغان ئىنتىلىشنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك چېكىنىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان . دۇڭ پروفېسسورنىڭ باشقا پروفېسسورلار بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى ، پەقەت مانا مۇشۇ نەرسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدا . ئەكسىنچە ، ھېلىقىدەك ئوقۇغۇچىلارنى « ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدىغان » ، ئىسمى بار ، جىسمى يوق ، مائاش ئېلىشنىلا بىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىمەيدىغان ، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنى «چاكىرى» ئورنىدا كۆرۈپ شۈلىۋالىدىغان ئۇستازلارغا قارىغاندا ، ئۇنى بىر ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇلىيەتچان ئۇستاز دېيىشكە بولىدۇ . سان-ساناقسىز تىل- ھاقارەت ئىچىدە ، بەزىلەرنىڭ : _ ئوبدان گەپ قىپتۇ ، دېيىشىدىنلا كۆپچىلىكنىڭ مائارىپتىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىش ئەجەپ ئەمەس .
},[j+wx
جۇڭگو ئالىي مائارىپى مەسىلىسىنى كۆپ ھاللاردا مەمۇرىلاشىتۇرۇشقا تاقاش مەسىلىسىگە قارىتا ، بىر قىسىم تورداشلار ماڭا بۇ «مەمۇرىلاشتۇرۇش» نى بىر سېۋەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىق ، ھەممە نەرسىنى قاچىلاشقا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەسمۇ ، دېيىشكەن ئىدى . شۇنى دەپ قويايكى ، مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان خىلمۇ- خىل مەسىلىلەرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە كونكېرت ئىپادىلىنىش شەكلى بار ، لېكىن مەمۇرىلاشتۇرۇش يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساندىكى مائارىپ مەسىلىلىرىنىڭ مەنبەئەسى ، بۇ مەنبەئەنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ، مائارىپتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ ، باش- ئايىغىغا چىقارغىلى بولمايدۇ .
%A W
شيۇڭ بىڭچى (شاڭخەيدىن ، پروفېسسور) 2V F|T'h
k87B+0QEL
دۇڭ پروفېسسورنىڭ جاۋابى بەك يۈزە ، بەك زەئىپ
V?5_J%
«40 مىليون يۋەنلىك» پاراڭنىڭ چىقىشى جامائەتچىلىك ئىچىدە زور غۇلغۇلا قوزغىۋەتتى ، مانا ئەمدى دۇڭ فەنمۇ جاۋاب قايتۇردى ، مەقسىدى ئوقۇغۇچىلارنى ئىلگىرىلەشكە ئۈندەش ئىكەن ، بىر نەچچە قۇرلا يېزىلغان بۇ جاۋاپتىن سەمىمىيەت دېگەن نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ . ئاتالمىش « ئوقۇغۇچىلارنى ئىلگىرىلەشكە ئۈندەش» ، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆزىنى ئاقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . جاۋاپ بېرىش جاۋاپ بەرمىگەندىن ياخشىراق ، لېكىن ، ئۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى ھەمدە يۈزە بولۇپ ، ھەقىقى مەقسەت ئېيتىلمىغان . پېقىرنىڭ قارىشىچە ، يەنە مۇزاكىرە قىلىشقا ئەرزىيدىغاندەك تۇرىدۇ . L2K4nTA
بىرىنچىدىن ، كىشىلىك ھاياتنى ئۆلچەشتە پۇل بولسىلا بولامدۇ ؟ دۇڭ فەننىڭ بايانىدا ، ئۇ پەقەت پۇلنىلا كۆرىدىكەن ، باشقا نەرسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن ، ھەممىدە پۇلغىلا قاراپ ھەرىكەت قىلىدىكەن ، بۇ روشەنكى بىر خىل خاتا قاراش ، پۇلغا چوقۇنۇش تەپەككۈرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان گەۋدىلىك ئىپادىسى . Jnv91*>h8
ئىككىنچىدىن ، ئالىي مەلۇماتلىقلارنىڭ نامراتلىقى نومۇس ۋە مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرەمدۇ ؟ نۇرغۇنلىغان ئالىي مەلۇماتلىقلار ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەلبىدىكى ئەركىنلىككە ئىنتىلىدۇ ، ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنى راۋا كۆرمەيدۇ ، پايدا-مەنپەئەتنى دەپ ئۆزىنى خار قىلمايدۇ ، گەرچە چوڭ زەردار بولالمىسىمۇ ، ئەمما تىنچ ، خاتىرجەم ھەمدە ئىنتايىن مەنىلىك ياشايدۇ ، بۇنى قانداقمۇ نومۇس ۋە مەغلۇبىيەت دېگىلى بولسۇن ؟ XPX{c|]>.
ئۈچىنچىدىن ، ئالىي مەلۇمات بىلەن بايلىق ئوتتۇرىسىغا ئاددى ھالدا تەڭلىك بەلگىسى قويۇشقا بولامدۇ ؟ بېل گايتىس ئالىي مەكتەپنى تولۇق پۈتتۈرمىگەن ، لى جياچېڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان تۇرۇقلۇقمۇ ، ئۇلارنىڭ دۆلەت خەزىنىسىگە تەڭلەشكىدەك دەرىجىدە بايلىق تېپىشىغا توسقۇنلىق قىلالمىغان . نادانلارچە ئالىي مەلۇمات بىلەن باي بولۇشنى بىرلەشتۈرىۋېلىش ، دېپلوم ھەممىدىن ئەلا نەزىرىيىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ، تۆۋەن مەلۇماتلىقلارنى كەمسىتىش . OjZ+gl}
تۆتىنچىدىن ، پروفېسسورلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا 40 ياشقا كىرگەندە 40 مىليونلۇق مەرتىۋەڭ بولىشى كېرەك دەپ تەلەپ قويۇش ھوقۇقى بارمۇ-يوق ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 40 مىليونلۇق بېساتقا ئىگە بولۇش- بولماسلىقى بىر نامەلۇم سان ، ئوقۇتقۇچى پەقەت ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئىدىيە بېرەلەيدۇ ، كونكېرت باي بولۇش ۋاستىسىنى ئۈگەتمەيدۇ ، نىمىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم باي بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ؟ شۇنى سوراپ باقاي ، سەن ئوقۇغۇچىلارغا قانداق پۇل تېپىش ماھارىتىنى ئۈگەتتىڭ ؟ @rVmr{UE
بەشىنچىدىن ، بۇ خىل پايدا- مەنپەئەتنى قوغلىشىدىغان تەپەككۈر يامراپ كەتسە ، كىشىلەردە دۇڭ پروفېسسور سېنىڭ قانچىلىك بېساتىڭ بار ؟ قانچىلىك بېسات بولسا ئاندىن ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇستاز بولغىلى بولىدۇ ؟ دەيدىغان سوئال تۇغۇلار . بۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىمۇ گۇمان تۇغۇلمامدۇ ؟ ناۋادا دۇڭ پروفېسسورنىڭ يېتەرلىك بېساتى بولمىسا ، ئوقۇتقۇچى بولۇشقا مۇناسىپ كېلەرمۇ ؟ :l*wf/&z
ئالتىنچىدىن ، دۇڭ پروفېسسور ئوقۇغۇچىلىرىغا 40 مىليون يۋەنلىك نىشان بەلگىلەپ بېرىپتۇ ، بۇنىڭ ئاساسىي نەدە ؟ دۇڭ فەننىڭ سالاھىيىتى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتوتى ئۆي- زىمىن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ، پۇل ھەممىدىن ئەلا دېگەننى كۈچەپ تەرغىپ قىلىش ، ھەممىدە پۇلغا قاراشقا ئىلھاملاندۇرۇش ، ئۆي-زىمىن كەسپى ۋە ئۆي- زىمىن سودىگەرلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى پەيدا بولغان تەربىيىنىڭ يىلتىزىمۇ- قانداق ؟ h!
)(R<
يەتتىنچىدىن ، دۇڭ پروفېسسورنىڭ بۇ خىل تەپەككۈرى كىشىلەرنى خاتا قاراشقا يېتەكلەمدۇ- يوق ؟ ئوقۇغۇچىلار ھە دەپ پۇلغا چوقۇنۇشقا كۈچەپ ۋەسۋەسىگە سېلىنسا ، ھەمىشە پۇلغا چوقۇنۇشنىڭ تەسىرى بىلەن كەيپىياتى قالايمىقانلىشىپ ياكى پىسخىكىسى تۇراقسىزلىشىپ ، «ئىستىداتلىق ئادەم ھارام مالغا ئۆزىنى ئۇرماس» لىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولارمۇ ؟ پايدا ئۈندۈرىۋېلىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستە قوللانمايدۇ دېگىلى بولارمۇ ؟ LY^BkH'
دەرۋەقە ، پروفېسسور دۇڭ فەننىڭ گەپ- سۆزلىرىگە ئەخلاق نۇقتىسىدىن بىر نىمە دېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ، ئۇنىڭ دېگەنلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ قارىشى ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئەركىن ھالدا ئىپادىلەش ئەركىنلىكى بار . پېقىرنىڭ قارىشىچە ، گەپ- سۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى ، ئۇنىڭ پۇلغا قارىتا چوقۇنۇشى بولۇپ ، جامائەتچىلىككە بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي بەھس- مۇنازىرە پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىشىدە ، يەنى ، نۆۋەتتە بىز پۇل ، ئۇتۇق قازىنىشقا قانداق مۇئامىلىدە بولىمىز دېگەن نەرسىدە . ئۇ بىزنى يەنە نۆۋەتتە پۇلغا چوقۇنۇشنىڭ نىمە ئۈچۈن بارغانسىرى ئەدەپ كېتىۋاتقىنىنى ئەسكەرتىپ قويدى . JDMaLo
ۋاڭ شېچۋەن (جياڭسۇدىن ، مۇھەررىر) ^{Mx?]z
J/
rQ42d
زىيالىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا باھا قويۇش بىر خىل ئىغۋاگەرچىلىك _
k>j?j-
مەزكۈر مىكروبىلوگدىكى ئاتالمىش «زىيالىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى» غا قويۇلغان باھا : 40 مىليون يۈەن تېپىشقا باراۋەر ئىكەن . مۇشۇ مەنتىقە بويىچە ، مۇشۇ ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئالىي مەلۇماتلىقلار ، ئۇتۇق قازانغۇچى ئەمەس بوپلا قالماستىن ، بەلكى «نومۇس ۋە مەغلۇبىيەتچى» بولىدىكەن . بۇنىڭدىن مەزكۈر بىلوگدا چاكىنا ۋە تېتىقسىزلىق ھەمدە زوراۋانلىق ، ئىغۋاگەرچىلىك ھەتتا كىشىنى ھاقارەتلەش __ پاك كىشىلەرنىڭ ئىززەت- ئابرويىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ، زىيالىلارنىڭ بۇرچىنى ئاياغ- ئاستى قىلىش __ تۈسى چىقىپ تۇرىدۇ . 0jg-]
بىزگە نىمە ئۈچۈن «ئالىي مەلۇمات» كېرەك ؟ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر مەقسىدى بولىدۇ ، بەزىلەرنىڭ قىزىقىشتىن بولسا ، يەنە بەزىلەرنىڭ پايدا- مەنپەئەت قوغلىشىشىدىن بولىدۇ . شەخسنىڭ مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، مەيلى ئۇ « پايدا- مەنپەئەت» قوغلاشسۇن ياكى قوغلاشمىسۇن ، بۇنى ئەيىپكە بۇيرۇشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق . لېكىن ، ئومۇمىلىق ۋە ئىجتىمائىي مەنىدىن ئېيتقاندا ، ھېلىقى پايدا- مەنپەئەتكە ئۆزىنى ئانچە ئۇرۇپ كەتمەيدىغان ياكى «مەنپەئەتكە سەل قاراپ ، ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان» زىيالىلار ، ھامان ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ . بىر جەمىيەت ساغلام تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن ، ھامان بىر قىسىم زىيالىلارنىڭ شەخسى مەنپەئەتىدىن كېچىپ ، تېخىمۇ كەڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا مۇھتاج بولىدۇ . كونىلار ئېيتقاندەك «ئۇقۇمۇشلۇق ئەمەلدارلار ۋە زىيالىلارنىڭ بۇرچى ، ھەقىقەت ئۈچۈن ، ئىلىم- مەرىپەت ئۈچۈن ، خەلق ئۈچۈن ، دۆلەت ئۈچۈن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشى» شەرت ، ئېھتىمال بۇ بەكمۇ ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولىشى مۇمكىن ، لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلىش زۆرۈركى ، بۇ زىيالىلارنىڭ مۇقەددەس مەنزىلى . X|.X4fs
بۇ دېگەنلىك ھازىرقى زىيالىلارنى يەنىلا يەنخۇيغا ئوخشاش « كۈنىگە بىر كىچىك سېۋەت غىزا بىلەن بىر نوگاي سۇغىلا قانائەت قىلىدىغان ، تار كوچا ئىچىدە ۋەيرانە ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ، ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق ھالىتىنى قىلچە ئۆزگەرتمەيدىغان » تۇرمۇشنى قوغلىشىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس . زامانىۋىي جەمىيەتتە ، بىلىمنىڭ قىممىتى تولۇق گەۋدىلەندۈرىلىشى كېرەك ، زىيالىلارنىڭ باياشاد تۇرمۇش كەچۈرۈشى تامامەن يوللۇق . شۇغىنىسى ، بىلىمنىڭ قىممىتىنى «40 مىليون» غا تەڭ قىلىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى ، تېخىمۇ مۇھىمى ، «40 مىليون تاپالمىغان » زىيالى «نومۇس ۋە مەغلۇبىيەتچى» دېگەن مازاققا قالمىغىنى تۈزۈك . I:Z38xz -[
شۇنى كۆرىۋېلىش لازىمكى ، پۇلنى ئوچۇق- ئاشكارە ھالدا زىيالىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىش- قازىنالماسلىقدىكى ئۆلچەم قىلىۋېلىش ، ئەلمىساقتىن تارتىپ بولسۇن ، چەتئەللەردىن- جۇڭگوغىچە بولسۇن ، تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش . ئېھتىمال بەزىلەر ، مۇشۇنداق گەپنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغانلار ، بولۇپمۇ نامى بار پروفېسسورلار چىقىپ باقمىغان ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن . شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ، بىلىمنىڭ ئۈنۈمى ۋە زىيالىلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىدە «ئىنتايىن مەدەنىي» ئۆلچەم بولۇپ كەلگەن . `d8$OC
ئەمما ، بۇ ئىشنى پەقەت بىر قېتىملىق قىزىقارلىق ئويۇن دەپ قاراپ كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋېتىشكە بولمايدۇ . بۇ خىل گەپ- سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دەل زىيالىلاردىكى ئايرىمىچىلىقنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . مىسال ئۈچۈن مۇشۇ دۇڭ فەننىلا ئالايلى ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇ توختىماي «ئۆي- زىمىن كەسپى جۇڭگونى قۇتقۇزىۋاتىدۇ» يەي ، «ئۆي- زىمىن كەسپىنىڭ گۈللىنىشىگە قارشى تۇرغانلىق ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرغانلىق بىلەن باراۋەر» يەي دېگەندەك گەپلەرنى تارقىتىپ ، ئۆي- زىمىن باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كەتمەن چېپىپ ، بىر قىسىم تورداشلار تەرىپىدىن «خەلقنىڭ دۈشمىنى» دېگەن ئاتاققا قالغان . _39b8s{
دۇڭ فەنگە ئوخشاش مۇتەخەسىس – ئالىمدىن يەنە نەچچىسى باردۇ ؟ يەنە قانچىلىك رىجەلەر(داۋلى) مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن بۇرمىلىنىۋاتقاندۇ ؟ مانا بۇ بۇ قېتىمقى دۇڭ فەنگە ئوخشاش «مىكرو بىلوگلار» نىڭ كىشىلەرگە بەرگەن سېگنالى . c{&sf
y
گو جېچۈن (خېبېيلىق ئوقۇتقۇچى) 0eb`9yM
2011- يىل 4- ئاينىڭ 7- كۈنى 08 : 04 [%bshaY:
مەنبەسى : جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى ، ئاپتورلار : شيۇڭ بىڭچى ، ۋاڭ شېچۋەن ، گو جېچۈن 7Qq>?H -
مەنبە :
http://news.xinhuanet.com/fortune/2011-04/07/c_121275621.htm
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن : ئەركتېكىن تەرجىمىسى . $r_z""eOc
[ بۇ يازما قۇملۇق تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]