|
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى » بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنىڭ سۇئاللىرى =b+W*vUAw vb 2mY 1.«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» قاچان ئېلان قلىىنغان؟ قاچان تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن؟ قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ يولغا قويۇلغان؟ 7aAT جاۋاپ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى » 1992- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى ئېلان قىلنغان. 2005- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ 17- قېتىملىق يېغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، 2005- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. o#wDA0T 2.تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» جەمئى نەچچە باپ، نەچچە ماددا؟ [UqJ3@> جاۋاپ: تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» جەمئى 9 باپ 61 ماددا. DQ'yFPE 3. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لاھىيىسىدىكى 10 چوڭ يارقىن نوقتا قايسى؟ yQ5F'.m9e جاۋاپ: بىرىنچى، ئەر ئاياللار باراۋەرلىگى تۈپ دۆلەت سىياسىتى قانۇنغا كىرگۈزۈلدى؛ ئىككىنچى، قانۇن ئىجرا قىلىش سوبىكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى. ئۈچۈنچى،ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تۆتىنچى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايال ۋەكىلىنىڭ نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى؛ بەشىنىچى، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتىكى جىنسى كەمسىتىش چەكلەندى؛ ئالتىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش داۋامىدىكى جىنسى كەمسىتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى. يەتتىنچى، يېزىلاردىكى ئاياللارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقوقى قوغدالدى؛ سەككىزىنچى، جىنسى پاراكەندىچىلىك چەكلەندى؛ توققۇزىنچى، ئائىلە زوراۋانلىغىنڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش بەلگىلەندى؛ ئونىنچى، قانۇنى مەسئۇلىيەت كۈچەيتىلدى. <3aiS?i.h 4. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ تۈپ مەقسىدى نىمە؟ }Yd7<"kp جاۋاپ: (1) ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ (2) ئەر ئاياللار باراۋەرلىگىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ (3) ئاياللارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى داۋامىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛
)HPt(Ck 5. «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» غا نىمە سەۋەپتىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن؟ xO2e>[W جاۋاپ: «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئاياللارنى سوبىكىت قىلغان، ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئەتىنى ئومومىيۈزلۈك قوغدايدىغان ئاساسىلىق قانۇن، ئېلىمىز كىشىلىك ھوقوقنى قوغداش قانۇنلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» دا بىكىتىلگەن ئاساسلىق تۈزۈملەر توغىرا بۇلۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرمۇ ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئېلىمىز ئىقتىسادى ئىجتىمائى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كەڭ ئاياللارنىڭ ھوقوق قوغداش ئېڭى ئومومىيۈزلۈك ئۆستى، شۇنىڭدەك، ئەينى ۋاقىتتىكى قانۇن چىقىرىشتىكى ئىقتىسادى ئىجتىمائى شارائىتلاردا نىسبەتەن چوڭ ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتلەردە بىر قاتار يىڭى ئەھۋال، يىڭى مەسىلىلەر بارلىققا كېلىپ، بۇلارنى تۈزۈم ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغىرا كەلدى. شۇڭىلاشقا سىياسى ھوقوق، مال مۈلۈك ھوقوقى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ھوقوقى ، نىكاھ ئائىلە ،جىسمانى ھوقوق قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەسىلىەرنى ھەل قىلىش، ئەر ئاياللار باراۋەرلىگىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى ۋە ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش داۋامىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر بۇلۇپ قالدى. !RX7TYf 6. «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پىرىنسىپ ۋە پىكىر يوللىرى قايسى؟ )2
E7>SQc~ جاۋاپ: رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پىرىنسىپ مۇنۇ ئۈچ تۈرلۈكتىن ئىبارەت : بىرىنچى، ئاساسى قانۇننى ئاساس قىلىپ، ئاساسى قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بىلەن ماسلاشقان ھالدا قانۇننىڭ بىردەكلىگىنى قوغداش؛ ئىككىنچى، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائى تەرەققىياتىغا ۋە قانۇن تۈزۈم تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنىڭ ئەمەلىي تەلىۋىگە ماسلىشىش؛ ئۈچۈنچى، ئاساسلىق رامكىنى ساقلاپ قېلىپ، ھازىر بار بولغان «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ ئاساسىدا ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتى دۈچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىش. پىكىر يولى بولسا: ئاياللارنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى يوقىتىپ، ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقوققا ئىگە بۇلۇشىغا ھەقىقي ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش، ئاجىز ئاممىنى قوغداش، ۋە قۇتقۇزۇش، يار يۆلەكتە بۇلۇشتىن ئىبارەت ئاساسلىق پىكىر يولى بار. n}NO"eF>-s 7. «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ قانۇن چىقىرىش مەقسدى نىمە ؟ 3LT[?C]H$ جاۋاپ: (1) ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ (2) ئەر ئاياللار باراۋەرلىگىنى ئىلگىرى سۈرۈش (3) ئاياللارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى داۋامىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. 2D,EWk/4 8. «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسى مەزمۇنلار قايسى؟ Qx$CoY جاۋاپ: جەمئى 32 ماددىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ، قانۇننىڭ ماددىسىمۇ ئەسلىدىكى 54 ماددىدىن 61 ماددىغا كۆپەيتىلگەن. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نوقتىلىق مەمۇنلار تۆۋەندىكىچە: &O0@)jIV بىرىنچى، ئومومىي پىرىنسىپ جەھەتتە : (1)ئەر ئاياللار باراۋەرلىگى تۈپ دۆلەت سىياستى يولغا قويۇلىدىغانلىغى ئېنىق بەلگىلەندى (2) قانۇن ئىجرا قىلىش سوبىكتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى. (3) N@Ie VF ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ فونكىسىيىسى ۋە رولى قېلىپلاشتۇرۇلدى. NWK+.{s>m ئىككىنچى، ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتى ساھەسىدە : (1) سىياسى ھوقوق جەھەتتە (2) مەدەنىيەت مائارىپ ھوقوق مەنپەئەتى جەھەتتە (3) ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ھوقوق مەپەئەتى جەھەتتە (4) مال مۈلۈك ھوقوق مەنپەئەتى جەھەتتە (5) كىشلىك ھوقوق مەنپەئەتى جەھەتتە (6) نىكاھ ئائىلە ھوقوق مەنپەئەتى جەھەتىكى بەلگىلىمىلەر يەنىمۇ تولۇقلاندى. kB41{Y - ئۈچۈنچى، قانۇنى مەسئۇلىيەت جەھەتتە : (1) تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ مەزمۇنى جەھەتتە قانۇنى ياردەم ، ئەدىلىيىلىك قۇتقۇزۇش ۋە ئومومىي خاراكتىرلىق كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى كۆپەيتىلگەن بۇلۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلش قىلمىشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا ئاساسەن ، ئوخشىمىغان جازالاش تەدبىرلىرى بەلگىلەنگەن، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى نوقتىلىق ھالدا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىغى كۈچەيتىلگەن. ^zdZ"\x 9. «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»دا ئاياللارنىڭ قانداق ھوقوقلىرى بارلىغى بەلگىلەنگەن؟ 51:NL[[6 جاۋاپ: (1) سىياسى ھوقوقى (2) مەدەنىيەت مائارىپ ھوقوق مەنپەئەتى (3) ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ھوقوق مەپەئەتى (4) مال مۈلۈك ھوقوقى (5) كىشلىك ھوقوقى (6) نىكاھ ئائىلە ھوقوق مەنپەئەتى ~Q q0 10. «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرى قايسى؟ Tyc
`U& جاۋاپ: «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»دا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك پىرىنسىپ ئزچىللاشتۇرۇلغان : (1) ئەر ئاياللارنىڭ ھوقوقتا بارارۋەر بۇلۇش پىرىنسىپى (2) ئاياللارنىڭ ئالاھىدە ئەمگەك ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى ئالاھىدە قوغداشنى يولغا قويۇش پىرىنسىپى (3) ئاياللارنى كەمسىتىش، خورلاش، تاشلىۋېتىش، زىيانكەشلىك قىلشنى چەكلەش پىرىنسىپىدىن ئىبارەت. (<|NerwD 11.ئاياللارنىڭ سىياسى ھوقوقىنى يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسى يوللىرى ۋە شەكىللىرى قايسى؟ =&kd|o/i
جاۋاپ: ئاياللارنىڭ سىياسى ھوقوقىنى يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسى يوللىرى ۋە شەكىللىرى تۆۋەندىلىەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1) خەلق ۋەكىلىرىنى سايلاش، نازارەت قىلىش، خەلق ۋەكىللىگىدىن ئېلىپ تاشلاش، دۆلەتنىڭ ھاكىمىەت ئورگانلىرى ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرنى باشقۇرۇش. (2) كادىرلىك سالاھىيەت بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا بىۋاستە قاتنىشىش (3) سۆز قىلىش، نەشىريات، يېغىلىش، تەشكىلاتلاغا ئۇيۇشۇش،نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش قاتارلىق يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق ، ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئىپادىلەش. (4) دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا تەنقدى تەربىيە بىرىش (5) ھەر قانداق دلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشىغانىسبەتەن، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ئەرىز شىكايەت قىلش ۋە پاش قىلش. (6) ئاياللار تەشكىلاتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، دېموگراتىك باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش. (QARle(i 12.مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغاندا جىنىسنى باھانە قىلىپ، قىز ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلسا بولامدۇ؟ RgF5w جاۋاپ: ئېلىمىز «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 16- ماددا 2- تارمىغىدا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغاندا ، ئالاھىدە كەسىپلەردىن باشقا كەسىپلەردە، جىنىسنى باھانە قىلىپ قىز ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى قىز ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈۋېلىشقا بولمايدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. h]|E,!H 13.ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت ھوقوقى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ *b<
a@ جاۋاپ: (1) مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا قاتنىشىش ھوقوقى (2) پەن مەدەنىيەت يىڭىلىقلىرىدىن ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىپ يارىتلغان مەنپەئەتلەردىن بەھرىمان بۇلۇش ھوقوقى. (3) شەخىسنىڭ ھەر قانداق ئىلىم پەن، مەدەنىيەت ياكى سەنئەت ئەسەرلىرىدىن يارىتىلغان مەنىۋى ۋە ماددى خەھەتتىكى مەنپەئەتلىرى، قوغدىلىش ھوقوقىدىن بەھرىمان بۇلۇش؛ (4) ئىلىم پەن تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن ئەركىن شۇغۇللىنىش ھوقوقى. 6Dx
^$=Sa$ 14.ئاياللارنىڭ ئالاھىدە قوغدىلىشى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
Fo$kD( جاۋاپ:«ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 26- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاياللارنىڭ ئالاھىدە قوغدىلىشى (1) ھەر قانداق بىر ئورۇن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ئاياللارنىڭ خىزمەت ۋە ئەمگەك ۋاقتىدىكى بىخەتەرلىگى ۋە سالامەتلىگىنى قوغداش، ئاياللارنىڭ ئىشلىشى ماس كەلمەيدىغان خىزمەت ياكى ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرماسلىق؛ (2)ئاياللارنىڭ ھەيىز، ھامىلدارلىق، تۇغۇت، بالا ئىمىتىش قاتارلىق مەزگىللىرىدە ئالاھىدە قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. h[%t7qo= 15. يېزا ئاياللىرنىڭ مال مۈلۈك ھوقوقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇھىم نوقتا قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟ %T OYU(k جاۋاپ: (1)يېزىلاردىكى يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش جەھەتتە ئىككى جىنىسنىڭ باراۋەرلىك ھوقوقى ؛ (2) كوللىكتىپ ئىقتىساد جۇغلىمىسىنى تەقسىملەش خەھەتتە ئىككى جىنىسنىڭ باراۋەرلىك ھوقوقى؛ (3) يەرلەردىن تولۇقلىما ھەق ئېلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىككى جىنىسنىڭ باراۋەرلىك ھوقوقى (4) ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىككى جىنىسنىڭ باراۋەرلىك ھوقوقى. !R{C 16. ئائىلە زوراۋانلىغى دىگەن نىمە؟ q4'Vb جاۋاپ: ئائىلە زوراۋانلىغى دىگىنىمىز ئۇرۇش، باغلاپ قويۇش، زىيانكەشلىك قىلىش ، جىسمانى ئەركىنلىگىنى زورلۇق كۈچى بىلەن چەكلەش ياكى باشقا ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئائىلە ئەزالىرىغا جىسمانى، روھى جەھەتتىن بەلگلىك زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغان ھەركەتنى كۆرسىتىدۇ. s]tBd!~ 17.دۆلەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئائىلە زوراۋانلىغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش جەھەتتە قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟ zcn> 4E) جاۋاپ: «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 46- ماددىسىدا «دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ ئائىلە زوراۋانلىغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى چەكلەيدۇ. ج خ ، خەلق ئىشلار، ئەدىلىيە مەمۇرى تارماقلار ۋە باشقا ئاساس قاتلام ئاممىۋى ئاپتونۇمىيەلىك تەشكىلاتلار، ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرسىدىكى ئائىلە زوراۋانلىىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچچۇرغان ئاياللارغا ياردەم بىرىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. ^e<"`e 18.ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلغۇچى قانداق قانۇنى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؟ Q Pel n) جاۋاپ: (1) ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىغى. يەنى نىكاھ قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئائىلە زوراۋانلىغىنى نىكاھتىن ئاجرىشىشىنىڭ بىر تۈرلۈك سەۋەۋى بۇلۇپ، زىيانلانغۇچى ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلغۇچىدىن ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىغىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. (2) مەمۇرى جاۋاپكارلىق. ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى، 200يۇەندىن تۆۋەن جەرىمانە ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىشكە بولىدۇ. (3) جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىغى. ئائىلە زوراۋانلىغى بەلگىلىك ئېغىر دەرىجىگە يەتكەن، يەنى بۇ خىل زوراۋانلىق قىلمىشى ئېغىر ئىجتىمائى زىيانكەشلىككە ئىگە ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جازالاشقا تىگىشلىك بولۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا جىنايى جاۋاپكارلىق ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېغىر بولغان ئائىلە زوراۋانلىغى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى نىكاھ ئەركىنلىگىگە ئارلىشىۋېلىش جىنايىتى، خورلاش جىنايىتى، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى، قەستەن قاتىللىق جىنايىتى، ھاقارەت قىلىش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. 7Nw}
} 19. ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەئەتى دەخلى تەرۈزگە ئۇچچۇرغاندىن كىيىن قانداق يوللار ئارقىلىق قانۇننى قۇتقۇزۇشقا ئىرىشەلەيدۇ؟ 6/A#P$G جاۋاپ: مۇنداق ئۈچ خىل يول بىلەن قۇتقۇزۇشقا ئرىشەلەيدۇ: بىرىنچى، ج خ ، خەلق ئىشلار، ئەمگەك كاپالەت، سەھىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش. ئىككىنچى، قانۇن بويىچە كېسىم قىىشنى تەلەپ قىلىش. ئۈچۈنچى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش. !uoQLiH+ 20.ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىگە دەخلى تەرۈز قىلغانلار قانداق جاۋاپكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؟ XN*? جاۋاپ: «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەئەتىگە دەخلى تەرۈز قىلغانلاردىن، باشقا قانۇن نىزاملاردا مەمۇرى جازا بىرىلىدۇ دەپ بەلگىلىگەنلىرىنى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ مال مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچچۇرشىنى ياكى باشقا زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىغىنى ئۆز ئۈستگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. .Mn+Bd4f 21.ئەر ئاياللار باراۋەرلىگى پىرىنسىپى دىگەن نىمە؟ Mya
l3UF جاۋاپ: ئەر ئاياللار باراۋەرلىگى تۈپ دۆلەت سىياسىنىڭ ئاساسى مەنىسى : ئەر ئايال ئىككى جىنىسنىڭ سىياسى، ئىقتىساد،مەدەنىيەت، جەمىيەت ۋە نىكاھ قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھوقوقىنىڭ باراۋەرلىگىنى، جىنىسنى ئاساس قىلىپ كەمسىتىشكە بولمايدىغانلىغىنى، بۇلۇپمۇ جىنىسنى ئاساس قلىىپ ئاياللانى كەمسىتىشكە بولمايدىغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ^oL43#Nlo 22.نىمە ئۈچۈن ئەر ئاياللار باراۋەرلىگى تۈپ دۆلەت سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ؟ X^2Txm d جاۋاپ: ئەر ئاياللار باراۋەرلىگى ئېلىمىز ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسەت. دۆلەتنىڭ سىياسىتى قانۇنغا كىرگۈزۈلگەندە قانۇننىڭ مەجبۇرلاشچانلىغى ئارقىلىق سىياسەتنىڭ ئىزچىل يولغا قويۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭىلاشقا «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»دا "ئەر ئاياللار باراۋەرلىگى تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. دۆلەت زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك تۈزۈملەرنى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاياللارغا قارىتىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى يوقىتىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ مۇشۇ قېتىملىق «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى زور بۆسۈش ۋە يورۇق نوقتا بۇلۇپ، ئاساسى قانۇننىڭ پىرىنسىپىنى ۋە ئادەمنى ئاساس قىىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىلاشتۇرۇش، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش روھىنى ئىپادىلەپ، كەڭ ئاياللارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئېلىمىزھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاياللارغا قارتىلغان بارلىق كەمسىتىشنى تۈگىتىش ۋە ئەر ئاياللار باراۋەرلىگىنى يولغا قويۇش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقوق قانۇنى ۋە ئاياللار ھوقوقى قانۇنىنىڭ دۆلەتلەرگە قويغان مەسئۇلىيەت خارەكتىردىكى تەلىۋى. «ئاياللارغا قارىتلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسى» نىڭ 3- ماددىسىدا شەرتنامە ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ «ئۆز تېرتورىيەسىدە بۇلۇپمۇ سىياسى، ئىجتىمائى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ، قانۇن چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ تولۇق تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلەشكە ئىرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم، بۇنىڭ مەقسىدى ئۇلارنىڭ ئەرلەربىلەن باراۋەر ئاساستا كىشىلىك ھوقوق ۋە ئاساسلىق ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلشتىن ئىبارەت» دەپ تەلەپ قىلىنغان بۇلۇپ، ئەر ئاياللار باراۋەرلىگىنى دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى قىلىپ ئىجرا قىلىش ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ خەقئارا كېلىشىمدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىغىدۇر. fmDn1N-bG 23.ئاياللارنىڭ ھوقوقىنى ئالاھىدە قوغداش پىرىنسىپى دىگەن نىمە؟ xK8n~.T(' جاۋاپ: «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 2- ماددا 3- تارمىقىدا «دۆلەت ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە ئالاھىدە ھوقوقتىن بەھرىمان بۇلۇشىنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بۇلۇپ، ئاياللارنىڭ ئالاھىدە ھوقوقلىرىنى قوغداش تۆۋەندىكى ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) دۆلەت ئاياللارنىڭ جىنىس ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن، ئالاھىدە ھوقوقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. مەسىلەن، ئاياللارنىڭ ھەيىز مەزگىلى، ھامىلدارلق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئىمىتىۋاتقان مەزگىلىدىكى ھوقوقىنى دۆلەت تولۇق قوغدىشى كېرەك. (2) ئاياللارنىڭ ھوقوقىنى ئالاھىدە قوغداش ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىيەتتىكى باراۋەرسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن، دۆلەت قانۇندا قاراتمىلىغى بولغان ئالاھىدە قوغداش تەدبىرلىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداش تۈزۈمىنى پايدىنپەي مۇكەممللەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلشنى ئومومىيۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيىتى. `|t X[': 24.ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتە قانداق مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؟ y([""z3 جاۋاپ: ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات بۇلۇپ، پارتىيە ھۆكۈمتنىڭ ئاياللار ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى تۈگۈن ۋە كۆۋرۈك. ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنىڭ دەخلى تەرۇزگە ئۇچچۇرماسلىغىنى قوغداش ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تۈپ مەقسىدى. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قانۇن ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن، ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ھوقوقىغا ۋەكىللىك قىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى،ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداش خزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم . )yHJc$OlMx 25.مەدەنىيەت مائارىپ ھوقوقى دىگەن نىمە؟ -{ae جاۋاپ: مەدەنىيەت مائارىپ ھوقوقى دىگىنىمىز پۇقرالارنىڭ تەربىيەلىنىشتىن بەھرىمان بۇلۇش ھوقوقى ۋە ئىلىم پەن، تېخنىكا، ئەدەبىيات سەنئەت قاتارلىق مەدەنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. 4 ^=qc99 26.دۆلەت نىمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مەدەنىي مائارىپ ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؟
R%(ww جاۋاپ: ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ھوقوقىدىن بەھرىمان بۇلۇش بولماسلىغى ۋە بەھرىمان بۇلۇش دەرىجىسى خەلق ئىگىلىگى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتقا، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ھەم ئاياللارنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئازات قىلىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭىلاشقا دۆلەتنىڭ ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مەدەنىي مائارىپ ھوقوقىدىن بەھرىمان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم . #[4Mw M3 27.نىمە ئۈچۈن جىنىسنى باھانە قلىپ ئاياللارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى ئاياللارنى قۇبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۋېلىشقا بولمايدۇ؟ 4 yk!T جاۋاپ: «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 23- ماددا 1- تارمىغىدا «ھەر قايسى ئورۇنلار ئىشچى قۇبۇل قىلغاندا ، ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىش تۈرى ياكى خىزمەت ئورنىدىن باشقلىرىدا ،جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى ئاياللارنى قۇبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. BIFuQ?j3 پارتىيە 16- قۇرۇلتىيىدا ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلش تەرەققىيات نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇلۇپ، ئىناق جەمىيەتنىڭ روشەن ئالاھىدىلىگى مەنپەئەت توقۇنىشى بار تەرەپلەرنىڭ ئىناق ئۆتىشىدۇر،بۇلۇپمۇ ئەمگەك مۇناسىۋېتى ماس بۇلۇشى لازىم، ناۋادا كەمسىتىش بولسا جەمىيەت باراۋەر بولالمايدۇ، باراۋەر بولمىغان جەمىيەت ئىناق بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ جىنىسنى باھانە قىلىپ، ئاياللارنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىشى ياكى ئاياللارنى قۇبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىۋېلىش ھەركىتى ئاياللارغا قارىتىلغان جىنسى كەمسىتىش بۇلۇپ، ئۇ «ئاياللارغا قارىتىلغان بارلىق كەمسىتىشلەرنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسى» گە خىلاپ بۇلۇپلا قالماي، ئېلىمىز قانۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگىمۇ خىلاپ. +[=yLE#P% 28. ئورۇنلار ئايال خىزمەتچىلەرنى قۇبۇل قىلغاندا، جەزمەن ئۇنىڭ بىلەن ئەمگەك (تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىشى لازىممۇ ؟ \Y EV
5
جاۋاپ: (1) بازار ئىگىلگى شارائىتىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك مۇناسىۋېتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بۇلۇپ، خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش، ئىشلىتىش ھوقوقى بولىدۇ. ئەمگەكچى ئەركىن ئىشقا ئورۇنلىشىش سوبىكتى بۇلۇپ، تەرەپلەر ئەمگەك (تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشمى تۈزگەندن كىيىن، ئاندىن ئەمگەك قانۇن مۇناسىۋېتى شەكىللىنىپ، ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھوقوقى ئاندىن ئۈنۈملۈك قوغداشقا ئىرىشەلەيدۇ. /c`s$h4- (2) ئېلىمىز ئەمگەك قانۇنىنىڭ 16- ماددىسىدا «ئەمگەك توختامى ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋېتىنى بىكىتىپ، تەرەپلەرنىڭ ھوقوق ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان توجتام. ئەمگەك مۇناسىۋېىتى ئورناتقاندا ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك» دەپ ئېنىق بەلگلەنگەن. MzF9 &{N يۇقىردىكىلەرگە ئاساسەن، ئايال ئىشچىلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇلار بىلەن ئەمگەك (تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشمى تۈزىشى لازىم. UUzu`>upB 29.مال مۈلۈك ھوقوق دىگەن نىمە؟ #rE#lHo جاۋاپ: مال مۈلۈك ھوقوقى ماددى بايلىق مەزمۇنى بىۋاشتە ئىقتىسادى مەنپەئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ ھوقوقى بۇلۇپ، ئىگىدارلىق ھوقوقى، ھەققىيات ھوقوقى، ۋارىسىلىق ھوقوقى، پاتىنىت ھوقوقى، تاۋار ماركا ھوقوقى ۋە ئاپتورلۇق ھوقوقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. *\UxdL 22 30.نىمە ئۈچۈن دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىەن باراۋەر بولغان مال مۈلۈك ھوقوقىدىن بەھرىمان بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؟ liYR8 D
| جاۋاپ: «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 30- ماددىسىدا «دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مال مۈلۈك ھوقوقىدىن بەھرىمان بۇلۇشىنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بۇلۇپ، بۇ ئېلىمىز ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئەر ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقوقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ئۇ مال مۈلۈك ھوقوقى جەھەتتە ئەر ئاياللارنىڭ باراۋەرلىگنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بۇلۇپ، ئاياللارنىڭ ماك مۈلۈك جەھەتتىكى قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. q}nL'KQ,n 31.جىسمانى ھوقوق دىگەن نىمە؟ 0.& B جاۋاپ: جىسمانى ھوقوق دىگىنىمىز بىر ئادەم ئىگە بولغان شۇ ئادەمنىڭ جىسمانىيىتىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆتۈنۈپ بىرىشكە بولمايدىغان، بىۋاستە مال مۈلۈك مەزمۇنى بولمىغان ھوقوقنى كۆرسىتىدۇ. j3!]wolY 32.دۆلەت نىمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر جىسمانى ھوقوقتىن بەھرىمان بۇلۇشىنى قوغدايدۇ؟ @Ju!|G9z/p جاۋاپ: «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 36- ماددىسىدا «دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر جىسمانى ھوقوقتىن بەھرىمان بۇلۇشىنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بۇلۇپ، بۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى : (1) قانۇن ئاياللارنىڭ مۇستەقىل، ئەرلەر بىلەن باراۋەرلىككە ئىگە سوبىكىت ئىكەنلىگىنى بەلگىلىگەن؛ (2) قانۇن ئاياللارنىڭ ئەرلار بىلەن ئوخشاش جىسمانى ھوقوقى بارلىغىنى بەلگىلىگەن؛ (3) قانۇن ئاياللارنىڭ جىسمانى ھوقوقى بىلەن ئەرلەرنىڭ جىسمانى ھوقوقىنى باراۋەر قوغدايدۇ. دۆلەتنڭ ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر جىسمانى ھوقوققا ئىگە بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئەرلەر ئېزىز ئاياللار خار دەيدىغان ئەنئەنىۋى قاراشنى ئۈزۈل كىسىل ئىنكار قىلغانلىغى بۇلۇپ، ئەر ئاياللار باراۋەرلىگىنىڭ جىسمانى ھوقوق تەرەپلىرىدىكى ئىپادىسىدۇر. m &U
$V 33. ئىنسانى ئىززەت ھوقوقى دىگەن نىمە ؟ JD\:bI جاۋاپ: ئىنسانى ئىززەت ھوقوقى دىگىنىمىز جىسمانى ھوقوقنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ، ئادەمدە ئەسلىدىن بار بولغان، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىنسانى ئىززىتنى قوغداشتا كەم بولسا بولمايدىغان،ئىنسانى ئىززەتنى ئوبىكىت قىلغان ھوقوقتۇر. $] js0)> 34. ئاياللارنىڭ نام ھوقوقى دىگەن نىمە ؟ ]Z@+
|&@L جاۋاپ: ئاياللارنىڭ نام ھوقوقى ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ نامىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش ھوقوقىنى كۆرسىتىدۇ. F-=W7 D:[c 35. ئاياللارنىڭ شۆھرەت ھوقوقى دىگەن نىمە؟ =Yxu {]G جاۋاپ:ئاياللارنىڭ شۆھرەت ھوقوقى ئاياللارنىڭ شۆھرەتكە ئىگە بولۇش، ساقلاپ قېلىش، پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان مەنپەئەتلەردىن مەنپەئەتلىنىش ھوقوقىنى كۆرسىتىدۇ. (z[|\6O 36. ئاياللارنىڭ شەخسى سىر ھوقوقى دىگەن نىمە؟ B:YUb{CJ ئاياللارنىڭ شەخسى سىر ھوقوقى ئاياللار ئىگە بولغان شەخىسكە قارىتىلغان، جامائەت مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز شەخسى ئۇچۇرلارنى، خۇسۇسى پائالىيەت ۋە خۇسۇسى ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئىنسانى ئىززەت ھوقوقىدۇر. Cq7EdK;x 37.ئاياللارنىڭ سۈرەت ھوقوقى دىگەن نىمە؟ c`'
2 ئاياللارنىڭ سۈرەت ھوقوقى ئاياللارنىڭ ئوبراز لاھىيەلەش سەنئىتى ياكى باشقا شەكىلەر ئارقىلىق ئوبىكتىپ جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قايتا يارىتىشتىكى مەخسۇس ھوقوقىنى كۆرسىتىدۇ. 0FDfB; 38.ئاياللارنىڭ ئىنسانى ئىززەت ھوقوقى قانداق قوغدىلىدۇ؟ Q k`yK|(0= جاۋاپ: ئاياللارنىڭ ئىنسانى ئىززەت ھوقوقىنى قوغداش ئۈچۈن «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» نىڭ 42- ماددىسىدا «ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاياللارنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگە ، غورۇرىغا زىيان يەتكۈزۈش چەكلىنىدۇ. چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ۋاستىىرى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئاياللارنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى دەپسەندە قىلىش چەكلىنىدۇ. شۇ كىشىنىڭ ماقۇللىغىنى ئالماي ، پايدا تېپىش مەقسىدىدە ئېلان، تاۋار ماركىسى، كۆرگەزمە كۆزنىگى، گېزىت، ژورنال،كىتاپ، ئۈن سىن بۇيۇملىرى، ئېلىكتىرونلۇق نەشىر بۇيۇملىرى، تور قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاياللارنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. (_}w4N# 39. كىشىلىك ئەركىنلىك دىگەن نىمە؟ EDm,Y جاۋاپ: كىشىلىك ئەركىنلىك دىگىنىمىز : پۇقرالارنىڭ جىسمانى ھوقوقىنىڭ دەخلى تەرۈزگە ئۇچچۇرماسلىغىنى، قانۇن يول قويغان دائىرىدە ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈش ئەركىنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. -O
o7]8 40. ئايالارنىڭ جىسمانى ئەركىنلىكنىڭ دەخى تەرۈزگە ئۇچچۇرماسلىغى قانداق قوغدىلىدۇ؟ 4= VAJ جاۋاپ: ئاياللارنڭ جىسمانى ئەركىنلىگىنىڭ دەخلى تەرۈزگە ئۇچچۇرماسلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قانۇنسىز قاماپ قويۇش ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جىسمانى ئەركىنلىگىگە چەك قويۇشنى چەكلەش، ئاياللارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاقتۇرۇشنى چەكلەش لازىم. !MOgM 41. يېزىلاردىكى ئاياللارنىڭ مال مۈلۈك ھوقوق مەنپەئەتىگە دائىر قانداق بەلگىلىمىلەر بار ؟ Kvu0Av-7 جاۋاپ: ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىشى سەۋەۋېدىن ھوقوقى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراش مەسىلىسىگە نىسبەتەن، «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»دا « ھەر قانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخىس ئاياللارنىڭ توي قىلمىغان، توي قىلغان، جۆرىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتلەنلىگىنى باھانە قىلىپ، ئاياللارنىڭ يېزا كوللىكتىپ ئىقتىسادى تەشكىلاتىدىكى تۈرلۈك ھوقوقلىرىغا دەخلى تەرۈز قىلىشىغا بولمايدۇ» دەپ تەكىتلەپ بەلگىلەنگەن. توي قىلغاندىن كىيىن ئەر ئايال تۇرۇشلۇق ئورۇنغا بېرىپ نوپۇسقا ئالدۇرغاندىن كىيىن، ئەرنىڭ ۋە پەرزەنىتلەرنىڭ ھوقوقى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراشتەك گەۋدىلىك مەسىلىگە نىسبەتەن «ئەر ۋە پەرزەنىتلىرى يېزا كوللىكتىپ ئىقتىسادى تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن باراۋەر ھوقوقتىن بەھرىمان بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ")l_>y? 42. ئاياللارغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سېلىش دىگەن نىمە ؟ t83n` LC جاۋاپ: «سۆز ياكى ھەركەت شەكلىدە، سېرىق ياكى جىنسى تەلەپ خارەكتىرى بار بولغان، جىنسى خاھىشقا ئىگە قارشى ئېلىنمايدىغان تەن ئۇچچۇرىشىشى ۋە ھۆرمەتسىزلىك،ياكى جىنسى تۈس ئالغان سۆز»لەرنى كۆرسىتىدۇ.
$-dz1} 43.ئاياللار جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچچۇرغاندا ئۆزىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟ \9T;-] جاۋاپ: جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچچۇرغاندا (1) قارشى تەرەپ تۇرۇشلۇق ئورۇنغا شىكايەت قىلىش؛ (2) ج خ ئورۇنلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەركەتلەرگە مەمۇرى جازا بىرىش؛ (3) بىۋاستە سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش؛ (4) ئاياللار بىرلەشمىسىگە شىكايەت قىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلىش؛ L0_qHLY 44.ئائىلە زوراۋانلىغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەشتە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانداق مەسئۇيىتى بار؟ :*wnO;eN جاۋاپ: «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 46- ماددا 3- تارمىغىدا «ج خ ، خەلق ئىشلار، ئەدىلىيە مەمۇرى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ، شۇنىڭدەك شەھەر يېزىلاردىى ئاساسى قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار ، ئىجتىمائى تەشكىلاتلار مەسئۇلىيىتى دائىرسىدە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى، زىيانغا ئۇچچۇرغان ئاياللارغا قانۇن بويىچە ياردەم بىرىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. Fe(qf>E ئاياللارغا ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن، زىيانكەشلىككە ئۇچچۇرغان ئاياللار كەنىت (ئاھالە ) كومىتىتىنىڭ نەسىھەت قىلىشنى، كېلىشتۈرىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقوقلۇق. ئائىلە زوراۋانىغى دۋامىشىۋاتقان بولسا زىيانكەشلىككە ئۇچچۇرغان ئايالنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، كەنىت (ئاھالە) كومىتىت نەسىھەت قىلىپ توسۇشى، ج خ تارماقلىرى توسۇشى ۋە ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، زوراۋانلىق قىلغۇچىغا مەمۇرى جەھەتتىن جازا بىرىشى لازىم. سوت، تەپتىش قاتارلىق ئەدىلىيە ئورۇنلىرى ئائىلە زوراۋانلىغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيىتى بار بۇلۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچچۇرغۇچى ئايال سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلىشقا بولىدۇ؛ ج خ تارماقلىرى قانۇم بويىچە دېلونى تەھقىقلىشى، تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئەيىپلىشى لازىم. mQQ5>0^m 45.نىكاھ ئائىلە ھوقوقى دىگەن نىمە؟ [.}-n AN جاۋاپ: تەرەپلەرنىڭ نىكاھ ئائىلە مۇناسىۋېتى جەھەتتە بەھرىمان بولىدىغان ھوقوقلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئاساسلىغى نىكاھ ئائىلىدىكى جىسمانى ھوقوق ۋە مال مۈلۈك ھوقوقىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3|/<Pk 46.نىكاھتا ئۆز ئۆزىگە ئىگە بۇلۇش ھوقوقى دىگەن نىمە؟ s=lkK/ [ جاۋاپ: نىكاھلانماقچى بولغان ئايال قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ نىكاھ مەسىلىسىنى قارار قىلىش ھوقوقى بولىدۇ، باشقا ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ زورلىشىغا ۋە ئارلىشىۋېلىشىغا بولمايدۇ. lFT_J?G$' 47. ئاياللارنىڭ نىكاھتا ئۆز ئۆزىگە ئىگە بۇلۇش ھوقوقى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ,|4%YaN.3 جاۋاپ: بىرىنچى، نىكاھلىنىشتا ئۆز ئۆزىگە خوجا بۇلۇش ھوقوقى، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم؛ ئىككىنچى، نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەركىنلىگى، ئايال ئەرلەر بىلەن باراۋەر نىكاھتىن ئاجرىشىشنى قارار قىلىش، ئاجرىشىش كېلىشىمىگە كېلىش ھوقوقى بولىدۇ؛ ياكى ئەر ئايالنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەنمۇ بۇزۇلۇپ، نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا، ئەر ئايال خالىغان بىر تەرەپنىڭ نىكاھتىن ئاخرىشىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقوقى بولىدۇ. lY5a=mwHU 48. تۈزۈىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىدا ئەرنىڭ قايسى ئۈچ مەزگىلدە نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىشىغا بولمايددىغانلىغى بەلگىلەنگەن؟ &lYZ=|6 جاۋاپ: ئايال ھامىلدار مەزگىلىدە، تۇغۇپ بىر يىلغىچە، ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىنكى 6 ئاي ئىچىدە؛ ;Ry
)^5Q 49. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشى جەھەتتە ، يىڭىدىن تۈزىتىلگەن ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىدا قانداق يىڭى بەلگىلىمىلەر بار؟ $=8?@My< جاۋاپ: مەكتەپلەرنىڭ ئوقڭۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتىكى جىنسى كەمسىتىش ھەركىتىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىدا «مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغاندا، ئالاھىدە كەسىپلەردىن باشقا كەسىپلەردە ، جىنىسنى باھانە قىلىپ قىزلارنى قۇبۇل قىلماسلىققا ياكى قىزلارنى قۇبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىۋېلىشقا بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. (ilU 50.قانداق ئەھۋال ئاستىدا ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋېتىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلشقا بولمايدۇ؟ i"uAT$x e جاۋاپ: (1) ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەر توي قىلىش، ھامىلدار بۇلۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالائىمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار؛ (2) ئايال ئىشچى خىزمەتچى كەسپى كىسەل بۇلۇپ قالغان ياكى ئىش ئۈستىدە زەخمىلىنىپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمەن يوقاتقان دەپ بىكىتىلگەن بولسا؛ (3) ئايال ئىشچى خىزمەتچى كەسپى كىسەل بۇلۇپ قالغان ياكى زەخمىلەنگەن بۇلۇپ، بەلگىلەنگەن داۋالاش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان بولسا؛ (4) قانۇن نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار؛ yQ>
*F 51. ئاياللارنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقوق مەنپەئەتى قانۇننىڭ قانداق قوغدىلىشىغا ئىرىشىدۇ؟ YShtoaCx> جاۋاپ: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ، ئاياللارنىڭ شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنغان ئىش تۈرى ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن باشقىلىرىدا، جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى قۇبۇل قىلش شەرتىنى ئۆستۈرۋېلىشىغا بولمايدۇ.ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەتچى قۇبۇل قىلغاندا قانۇن بىلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئايال ئىشچى خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزىشى، ھەمدە تۈزگەن توختام ياكى كېلىشىمدە ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىش، تۇغۇشىنى چەكلەشكە دائىر مەزمۇن بولماسلىغى لازىم. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار توي قىلىش، ھامىلدار بۇلۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئىمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھانە قىلىپ، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ، ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ پىسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلغاندا ، جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
|