مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3557 
  •    ئىنكاس 
       13 

پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە بولامدۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
توخار
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53836

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   362 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9545 (سوم)
 ياخشى باھا:   847 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   819  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1488
 سائەت
دەرىجىسى:
1488 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 12- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-11

پەلسەپە پەنلەرنىڭ پېنى،ئۇنىڭ دۇنيا تەرەقىيات تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بەك زور،دۇنيادا نېمىسلارنى پەلسەپەچى مىللەت دەپ ئاتىشى ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ يوقۇرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.ئەينى ۋاقىتتا گېگىل تارىخ پەلسەپەسىدە مۇۋەپىقىيەت قازىنىپ،دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرۋاتقان،بىز ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،نەۋائى...لەردەك پەيلاسوپلار ياشاپ ئۆتكەن،ئۇ چاغلاردا،ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئيتقاندەك،ياۋۇرپالىقلار غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئىدى،گېگىل،ماركىس،فېيىرباخ،ئېنگىلىس ....قاتارلىق دۇنيا پەيلاسوپلىرىنىڭ ئاتىسى تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۆرەلمىگەن ئىدى،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىنڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئۇيغۇر پەلسەپەسى ئۈچۈن نۇرغۇن كىتابلارنى يازدى،ئەمما،ئەينى ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ھەم ماركىزىم چەمبىرىكىدىن ھالقىيالمىغاچقا،ئەسەرلىرىدە ماركىسىزىم بويىنچە ئۇيغۇر جەمىيتىگە،تارىخىغا دىئاگۇنۇز قويدى،گەرچە،ئەسەردە پەلسەپە نۇقتىسىدىن ياخشى كۆزىتىش،ئانالىز ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ،ماركىستىن بۇرۇن پەلسەپە يوقتەك،بۇرۇنقى تارىخلارنى يۇرۇتۇشتا ماركىس پەلسەپەسى رامكىسىدىن چىقالمىغان،شۇڭا،كىتابتا سەۋەنلىكلەر ساقلانغان،لېكىن،قەتئىي ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەلشىر نەۋائىدىن قالسىلا،ئۇيغۇر پەلسەپەسىنىڭ 3-ئادىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.ئۇيغۇر پەلسەپەسىنىڭ تارىخى بەك كۆپ،خەلقئارادا ئېتىراپ قىلغۇدەك پەلسەپە نەتىجىلىرى يوق دېيەرلىك،پەلسەپەچىلىرى ئاز بولغان مىللەت تەرەقىي قىلالمايدۇ،پەلسەپە-كۈچلۈك سىياسىي ئاڭغا ئىگە،پەلسەپە نۇقۇل ھالدا،بىر پەن بۇلۇپلا قالماي،ئىنسانىيەتنىڭ تەرەقىياتى،مەدەنىيىتى،تارىخى،ئېدىلوگىيە،تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغان ئاڭ فورماتسىيەسىدۇر،پەلسەپەنىڭ تەرەقىي قىلىش،مىللەت ئىچىدە غوللۇق كىشىلەرنىڭ،ئاۋانگىرات كىشىلەرنىڭ يېتىشكىنى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم،ئۇيغۇرلار 21-ئەسىر رىقابەت دەۋرىدە،پەلسەپە ئۆگىنىشى،ئەمەلىي تۇرمۇشقا باغلىشى كېرەك،ئۇيغۇر پەلسەپەسىنىڭ تەرەقىيات كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى....
 
ئىدىيىدىكى قاتماللىق،روھىيەتتىكى گادايلىق،ئەقىلدىكى كەمتۈكلۈك،ئىرادىدىكى بوشاڭلىق تۈپەيلى زامان بىزگە تار كۆرۈنۋاتىدۇ.
hvsniya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44035

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   69 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   681 (سوم)
 ياخشى باھا:   96 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3004
 سائەت
دەرىجىسى:
3004 سائەت 236 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 13- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-11

مەن ماركىسىزىم دەرسىدە، پەلسەپە كىشىلىك دۇنيا قاراش تەلىماتى دەپ ئۈگەنگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا، ماركىسنىڭ دۇنيانى تۇنۇش نەزىريەلىرىگە خېلى قايىل بولغان ئىدىم، مەسىلەن، مىقتار ئۆزگىرىش سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دىگەندەك. لېكىن ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىدا بىر تەرەپلىمىلىك بارلىقىنى بايقاپ قالدىم. ئۇ بىر بەخىتسىز ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككى خىل دىنغا ئىتىقاد قىلغانلىق سەۋەپتىن(ئىسىمدە قېلىشىچە خىرىستىئان دىنىنىڭ ئىككى تارمىقىغۇ دەيمەن)، ئۆيىدە ئۇرۇش -جىدەل تۈگىمىگەن. شۇڭا دىنغا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىغان. كېيىن دارۋىننىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات نەزىرىيسى ئۇنىڭ ئاتىزىملىق پەلسەپەسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان. !O*n6}nPE  
6822 xk  
سېستىمىلىق ۋە توغرا دۇنيا قاراش بۇلۇش ھەقىقەتەن مۇھىم. تېما ئىگىسىنىڭ مۇددىئاسىنى قوللاشقا ئەرزىيدۇ.مەيلى غەربنىڭ ياكى شەرقنىڭ پەلسەپەسى بولسۇن،ھەممىسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەجىربىلىرى ئاساسىدا، شۇ ياشاۋاتقان جەمىيەت ۋە مەدىنىيەت ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.شۇڭا ئۇلارنىڭ پەلسەپەلىرىنى شۇ دەۋەر ۋە جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. H b.oKo$T  
9z#IdY$a  
ئەمما مېنىڭچە، ئىسلام دىنى دۇنيانى تۇنۇشتىكى ئەڭ مۇكەممەل پەلسەپە دەپ قارايمەن ۋە بۇ يولدا ئىزدىنىۋاتىمەن، ئىنشائاللاھ. بۇ ھەقتە بىلىمىم چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۇن ئارتۇقچە توختالماي تۇراي.بۇ بىر قىممىتى بار تېما ئىكەن.

 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى