ئېكۋادورنىڭ ئاندىئان تاغلىق رايونى: بۇ جايدا ئەر-ئاياللار ئاجراشماقچى بولسا، ئىككى تەرەپ ئۈچ كۈن ئاشلىق ئېلان قىلىدىكەن. تۆتىنچى كۈنى ئەتتىگەندە، شۇ يەردىكى يۇرت بېشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەقىقەتەن مادارسىزلاندىمۇ-يوق؟ تەكشۈرتىدىكەن. ئەگەر راستىنلا مادارسىزلانغان بولسا، ئاجرىشىشىمۇ راست بولىدىكەن؛ ئەگەر مادارسىزلانغىنى يالغان بولسا، بۇ يۇرت بېشى ئۇلارنىڭ ئاجرىشىشىغا مەڭگۈ رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئاجراشتۇرمايدىكەن. ئۈچ قېتىم ئاجراشقان ئاياللارنىڭ يەنە قايتا ياتلىق بولىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدىكەن. ئېكۋادور ئاندىئان تاغلىق رايونىنىڭ يەرلىك بەلگىلىمىسىدە، تۇنجى قېتىم ئاجراشقان ئاياللار، چوقۇم بەش يىلدىن كېيىن توي قىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى قېتىم ئاجراشقان ئاياللار، چوقۇم سەككىز يىلدىن كېيىن توي قىلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچى قېتىم ئاجراشقان ئاياللارنىڭ قايتا توي قىلىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنىكەن. ئەمما بۇ قانۇندا، ئەرلەرنىڭ ئاجرىشىش قېتىم سانىغا ۋە ۋاقتىغا چەك قويۇلمىغانىكەن.
A&QO]8
نېپال: ئىككى تال سىپارى ــــــ ئايالىنىڭ ئاجرىشىش نىيىتى بارلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. نېپالدىكى نېۋار مىللىتىنىڭ مۇنداق ئادىتى بار ئىكەن: ئاياللىرى ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، ئېرىنىڭ ياستۇقىغا ئىككى تال سىپارى قويۇپ قويسىلا، ئاجرىشىشقا رەسمىيەت ئۆتەش ھاجەتسىز ئىكەن، شۇنداقلا ئاجراشقانلىقىنى جاكارلىسا بولىدىكەن. بۇ مىللەتنىڭ ئاياللىرى ئىنتايىن ئىشچان ۋە چېۋەر بولۇپ، مەيلى قەيەرە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ئالدىراش ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. ئەكسىچە، ئەرلىرى پەقەت ئۆي ئىچىدىكى ئۇششاق-چۇششەك ئىشلارنىلا باشقۇرىدىكەن. شۇڭا، ئاجرىشىشنى كۆپرەكى ئاياللار تەلەپ قىلىدىكەن.
ئۇگاندا: كالىنى ئىسپات قىلىدىكەن. ئۇگاندادىكى كاراموجا مىللىتىدىكىلەر ئاجراشقاندا، چوقۇم تۆۋەندىكىدەك تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەككەن: ئاۋۋال ئايالى يەردە دۈم ياتىدىكەن، ئېرى بىر قاپاق سۈزۈك سۇنى ئايالىغا چاچىدىكەن، بۇ «تەرەت ئېلىش» ھېسابلىنىدىكەن. ئارقىدىنلا، ئايال تەرەپنىڭ چوڭلىرى تەكلىپ قىلىش خىراجىتىنى ئەر تەرەپكە قايتۇرىدىكەن، ئەر تەرەپ بولسا، ئايال تەرەپكە بىر سىيىر قايتۇرىدىكەن، ئايال تەرەپنىڭ دادىسى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بۇ سىيىرنى بوغۇزلاپ، ئۈچىيىدىكى تېزەكلىرىنى قىزىنىڭ بەدىنىگە تۆكىدىكەن، بۇ قىزىنىڭ قايتىدىن ئادەم بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. بۇ مىللەت كالىنى تۇتىم قىلغان، شۇڭا ئۇلار تويمۇ كالىنىڭ تۇغۇلىشى ۋە ئۆلۈشىگە ئوخشاش دەپ قارايدىكەن.
ئافرىقا: ئايالى بىلەن داۋاملىق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمىغان ئەر، كەپىسىنى ئەسلىدىكى جايىغا كۆچۈرۈپ قويسىلا بولىدىكەن. ئافرىقىدا تالانشى ناملىق قوۋم بار ئىكەن، ئەرلىرى ئاجراشماقچى بولسا، ھېچقانداق بىر رەسمىيەت ئۆتەش تەلەپ قىلىنمايدىكەن، پەقەت ئايالى قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە، بىر قانچە ئاغىنىسىنى چاقىرىپ، ئەپچىللىك بىلەن ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان كەپىنى 16 كىلومېتىر يىراقلىققا يۆتكەپ قويسىلا بولىدىكەن. بۇنداق قىلغاندا، شۇ يەرنىڭ قانۇنىمۇ بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئاجراشقانلىقىنى ئېتراپ قىلىدىكەن.
ئافغانىستان: ئايالىنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىغا تۆلەم تۆلەش. ئافغانىستاندىكى نۇرىستانلارنىڭ ئاجرىشىشىمۇ ئىنتايىن ئاددى ئىكەن. ئەگەر ئەر تەرەپ ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئاجراشقاندىن كېيىن ئايال تەرەپ توي قىلماقچى بولسا، بۇ ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولغان ئەر، بۇ ئايالنىڭ بۇرۇنقى ئېرىغا ئىلگىرىكى تويغا كەتكەن خىراجىتىنى تۆلەپ بەرسىلا بولىدىكەن؛ ئەگەر ئايال تەرەپ ئاجرىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئايال قايتا ياتلىق بولغاندا، بۇ ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولغان ئەر، بۇ ئايالنىڭ بۇرۇنقى ئېرىغا ئىلگىرىكى تويغا كەتكەن خىراجەتنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك تۆلەم بېرىدىكەن.
لىۋان: بىر ئېغىز گەپ ئايالىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىكەن. لىۋاندىكى درۇزلارنىڭ ئاجرىشىشىمۇ ئىنتايىن ئاددى ئىكەن. ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ قالغان ئائىلىلەردە، ئاياللار سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالىدىكەن. ئادەتتە ئەرلىرى «تېز بېرىپ، تېز قايت» دەپ رۇخسەت بېرىدىكەن. ئەگەر ئەرلەرنىڭ ئاجرىشىش نىيىتى بولسا، ئاياللىرى مۇشۇنداق رۇخسەت سورىغاندا، «تېز بار» دېسىلا كۇپايە ئىكەن، ئاياللىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىنىڭ ھاجىتى يوقكەن. نېمىدىگەن ئاسان ئاجرىشىش-ھە.
ئىتالىيە: سوت ئەرلەرنىڭ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىشىنى قوللايدىكەن. ئىتالىيە ئەرلىرىنىڭ بەزىدە ئاجرىشىشتىكى سەۋەبلىرى ئىنتايىن قىزىقارلىق، لېكىن قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر سوت ئۇلارنى قوللايدىكەن. مەسىلەن، ئەرلەر قاچا-قۇچا يۇيۇش ۋە باشقا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيتى دەپ قارايدۇ. گېزىتتە يېزىلىشىچە، بىر ئايال بۇ قاراشقا قوشۇلمىغانلىقتىن، ئېرىنىڭ ئاچچقىنى كەلتۈرۈپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەر سوتقا ئاجرىشىش ئەرزى سۇنغان. سوتتا بۇ ئەر ئايالىنىڭ دائىم قىيىنئاپىسىغا قاچا يۇغۇزىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن سوت بۇ ئايالنى «ئېغىر ھاقارەت » گۇناھى بار دەپ قاراپ، بۇ ئەرنىڭ ئاجرىشىش ئەرزىنى تەستىقلىغان.
ئېرلاندىيە: ئېرلاندىيە قانۇنىدا ئاجرىشىش مەنئىي قىلىنغان ئىكەن. بۇ بەلگىلىمە بولغاچقا، ئېرلاندىيەلىكلەر توي ئىشىغا كەلگەندە ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلىشىدىكەن. شۇڭا كېچىكىپ توي قىلىش بۇ يەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانغانىكەن.
ئەنگىلىيە: ئەر-ئاياللاردا پەقەت بىر تەرەپنىڭ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلىدىكەن، ئەگەر ئىككىلا تەرەپ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئاجرىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.
ئامېرىكا: ئەرلەر خاتالىق ئۆتكۈزسە، ھەممە نەرسىسى تارتىۋېلىنىپ، ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىكەن. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئوتلۇق يەر ئادەملىرى ئاياللىرى ساداقەتسىزلىك قىلسا، ئېغىر جازالايدىكەن. لېكىن ئاياللار ئەرلىرىنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغاندا، ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتسە بولىدىكەن، ئەگەر ئاجراشماقچى بولسا، بىرىنچى پەرزەنتى تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاجرىشالايدىكەن.
شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىروكىز ئادىمى، ئەگەر ئەرلەر ئاياللىرىغا قوپاللىق قىلسا، ئاياللىرى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھوقوقلۇق ئىكەن، ئەرلىرى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىكەن، بالىلىرىنى ياكى مال-مۈلكىنى ئېلىپ مېڭىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان: ئېرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم «تالاق» دېسە، ئاجراشقان ھېسابلىنىدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستاندا، يولدىشى ئايالىدىن زېرىكسە، مەرىكە ئۆتكۈزۈشى ياكى بىرەر كىشىنى گۇۋاھ قىلىشىمۇ ھاجەتسىزكەن. ئۇلار پەقەت ئايالىغا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم «تالاق» دېسىلا، ئاجراشقان ھېسابلىنىدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستاندا، ئەرلەر پۇل تېپىپ ئۆيىنى باقىدىغان بولغاچقا، ئاياللارنىڭ كىشىلىك ئورنى بىرقەدەر تۆۋەن ئىكەن. شۇڭا ئاجرىشىش ئىشى ئەرلەرنىڭ دېگىنى بويىچە بولىدىكەن.
سالۋادور: ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشسە، شۇ يەرلىك باشقۇرغۇچى تارماقلارغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، بىر كالا سېتىۋالىدىكەن، بۇ كالىنى سويۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىنى تاماققا چاقىرىدىكەن، تاماق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئون شاپىلاق قويىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاجراشقان ھېسابلىنىدىكەن.