مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       594 
  •    ئىنكاس 
       7 

سىز ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىڭىزنى قانداق لايىھەلىمەكچى

قەۋەت ئاتلاش
alwida
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13674

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   84 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5385 (سوم)
 ياخشى باھا:   207 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   282  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2386
 سائەت
دەرىجىسى:
2386 سائەت 134 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-19

77_g}N  
Cji#?!Ra?  
سۆز بېشى: كۆزىتىدىغان بولساق، نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ياش قاتلىمىنىڭ 25-35 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ئادەتتە 40 ياشتىن ئاشقانلىرى ئاز ئۇچرايدۇ. 20-30 ياشقىچە بولغان ۋاقىت كىشىلەرنىڭ مىسلىسىز غەيرەت-جاسارەتكە تولغان مەزگىلى بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى ھەم شارائىتى نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىز 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلىگىلى بولمايدۇ، دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار كىشىگە نىسبەتەن ياش چەكلىمىسى دالدا بولالمايدۇ. ئەمما، ھەممە ئىشىنىڭ ۋاقتى، پەسلى بولغاندەك، ئىگىلىك تىكلەشنىڭمۇ مۇھىم پەيتى بولىدۇ. بۇ خىل پەيت شارائىت ۋە مەبلەغكىلا تايىنىپلا قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.     oYg/*k7EDX  
     ئۇنداقتا، سىز ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىڭىزنى قانداق لايىھەلىمەكچى؟   4d6% t2  
   بۇ سوئال ھەر بىر كىشىدىن سورالسا، جاۋاب بېرىش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئۆزى نۇرغۇن جەريان ۋە تەجرىبە ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن نەرسە تەلەپ قىلىدىغان مۇشەققەتلىك «ۋەزىپە»دۇر. بۇ ئىشتا ئەڭ ئالدى بىلەن كەسىپ تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. wV %8v\  
     كەسىپ تاللاش چوڭ ئۇقۇم، سىز بۇ يەردە كەسىپنى ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى ۋە ھۆددىسىدىن چىقىش دەرىجىڭىزگە ئاساسلىنىپ، تاللىشىڭىز كېرەك. دۇنيادا كەسىپلەر ناھايىتى كۆپ، ھەممىسى كىشىلەرنىڭ قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. گەپ سىزنىڭ قايسىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالىشىڭىزغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، سىز سېتىش، بازار، مۇلازىمەت، مال يەتكۈزۈش، مەمۇرلۇق، مالىيە، تېخنىك، باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ، قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇلار سىزگە مەجبۇرىي ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەگەر سىز مەلۇم كەسىپ تاللاپ، ئۆز نىشانىڭىزغا قاراپ ئات سېلىپ بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى كەسىپلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. سىز ئاساسلىق سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، مالىيە ۋە باشقۇرۇش كەسىپلىرى ھەمدە مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللانماي ئامالىڭىز يوق. بۇلار تەبىئىيلا شۇنداق بولىدۇ. خۇددى قۇشنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشىغا پەقەت ماغدۇرلا كۇپايە قىلمىغاندەك، سىزگىمۇ ئاساسلىق كەسىپتىن ئۆزگە يەنە زۆرۈر كەسىپلەرنىڭ ياردىمى زور بولىدۇ. سىز ئەمەلىيەت داۋامىدا بۇلارغا ئېھتىياجلىق بولىسىز. 9M0d+:YJ  
 xLLC)~  
     1. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن كەسىپ تاللاش ناھايىتى مۇھىم.    |Pj9ZG#  
  كەسىپ تاللاشتا مۇنداق بىر قانچە پرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: I4CHfs"ar  
     بىرىنچى، قىزىقىش: كەسىپ تاللاشقا نىسبەتەن قىزىقىش ناھايىتى مۇھىم، ئەگەر سىزنىڭ مەلۇم كەسىپكە قىلچىلىك قىزىقىشىڭىز بولمىسا، ئۇ ناھايىتى ياخشى كەسىپ بولغان تەقدىردىمۇ سىز ئۇنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايسىز. سىز پەقەت قىزىققانلىق ئۈچۈنلا مەلۇم ئىشىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىسىز، ئەلۋەتتە، كەسىپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. سىز تاللىغان كەسىپ سىزنىڭ داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا موھتاج. بولمىسا ئۇ سىزگە مېۋە بەرمەيلا قالماستىن، شۇ خىل كەسىپنىڭ داشقاللىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز كەسىپ تاللاشتا، ئۆزىڭىزنى بىر دەڭسەپ بېقىپ، ھەقىقىي قىزىقىشىڭىزنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك. sMN>wbHwh[  
     ئىككىنچى، ئېھتىياج: بۇ خىل ئېھتىياج ئەلۋەتتە ئىككىنچى خىل ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى خىل ئېھتىياج ئۆزىمىزدىن باشقا بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرسىتىدۇ. سىز كەسىپ تاللىغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىنى تاللىغاندىن سىرت، بۇ كەسپىڭىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى كۆزدە تۇتۇشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىڭىز، ئۇ كەسىپ كېيىن« زادى قانچىلىك ئادەمگە مۇلازىمەت قىلالايدۇ، زادى كىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ، قانچىلىك ئادەمنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. چۈنكى باشقىلار ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرىدىغان كەسىپ ئۆلمەيدۇ. t0I>5#*WU  
ئۈچىنچى، شارائىت: سىز كەسپىڭىزنى ئالدىنقى ئىككى شەرتكە ئاساسەن تاللىغاندىن كېيىن، شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان ياكى ئۇچرىمايدىغانلىقىنى دەڭسەپ كۆرۈشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىزنىڭ كەسپىڭىز ھەقىقەتەن ئوبيېكتىپ شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ قالسا، سىز سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ھاسىل قىلالماي قالىسىز-دە، بۇ كەسىپتىن ۋاز كېچىشتىن ئۆزگە يولىڭىز قالمايدۇ. ,Os7T 1>  
oFwG+W /  
     2. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ساغلام بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇھىم. ;4R =eI  
     كىشىلىك مۇناسىۋەت نوقۇل ھالدا ئىگىلىك تىكلەش ئىلمى ساھەسىدىلا تەكىتلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى تولىمۇ كەڭ. ئۇ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئاددىي ئىشلاردىن تارتىپ، ھەتتا خەلقئارا ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماھىيەتتە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت. چۈنكى كىشىلەر ئۆز ئارا مۇناسىۋەت قىلغاندىلا ئاندىن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شەكىللىنىدۇ. كىشىلەر يالغۇز ياشىيالمايدۇ، تۇرمۇشتا ياكى ئۇنداقتا ياكى مۇنداق سەۋەبلەر ۋە ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن باشقىلار بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ جەرياندا، گەپ-سۆز ۋە تۈرلۈك ھەرىكەتكە دىققەت قىلىش- كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش ھەممە كىشى ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئۆزى مۇستەقىل بىرەر چوڭ ئىشى تەۋرىتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشىلەر ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇھىم. شۇڭا ئىگىلىك تىكلەش ئويى بار كىشىلەر باشتىن-ئاخىرى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. باشقىلار ياردەم بەرگەندە ۋاقتىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، باشقىلار ياردەم قىلمىسا ئاغرىنماسلىق كېرەك. چۈنكى ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدىن ئاغرىنىش ھوقۇقى يوق. ھېچكىم ھېچكىمنىڭ خوجىسى ئەمەس. باشقىلارغا ئارتۇق تەلەپ قويماسلىق، باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئۆسەك سۆز تارقاتماسلىق، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى بەك ئىچكىرىلەپ سورىماسلىق كېرەك. باشقىلار بىلەن بولغان نورمال ئالاقىنى ساقلاش، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى ۋاقتىدا قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرۇش، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويماسلىق كېرەك. ئىش قىلىپ، ھە تەرەپتىن دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى يۇقىرى ئۆرلىگەنسېرى بىسىم ۋە شامال كۈچى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، بۇنداق شارائىت سىزنىڭ ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئازراقلا ھاڭۋاقتىلىق قىلسىڭىز، ئۈستىڭىزدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇشنىڭ پوقىمۇ سىزنىڭ ئەزرائىلىڭىزغا ئايلىنىشى مۇمكىن. K]%N-F>r  
dp33z"<3  
     3. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ;7wwY$PBH  
     بۇ يەردىكى خىزمەت قىلىش-دەل بىزنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشىمىزدىن ئىبارەت. ئىگىلىك تىكلەش قانداقتۇر بىرەر تامنى ياكى كېسەكنى تىكلىگەنگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ بىر ئۇزاققا سوزۇلغان جەريان، ئۇ بىۋاستە ئەمەلىيەت قاينىمى، ئۇ بىر جەڭگاھ. ئۇ يەردە پەقەت قان-تەر تۆكۈشتىن قورۇقمايدىغان، ئاكتىپ تەپەككۇر، چاققان ھەرىكەت قىلدىغان كشىلەرلا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. خىزمەت سىزدىن ۋە مەندىن كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئىگىلىك تىكلەش مەنزىلىگە يېتىشتىكى بىز مۇقەررەر ھازىرلىمىساق بولمايدىغان مۇھىم ھەم زۆرۈر شەرت. 2z[r@}3  
     نۇرغۇن كىشىلەر خىزمەتنى توغرا چۈشەنمەيدۇ، خىزمەتكە ئېرىشىشنى تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلار خىزمەتنى جان بېقىشنىڭ قۇلى قىلىۋالغان. ئۇلارنىڭ خىزمىتى پەقەت جان بېقىش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ، ئۆزى بولسا شۇ خىزمەتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان. مۇنداق كىشىلەردە، ئىگىلىك تىكلەشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ قورسىقى تويسا، ئاتا قانداق بۇلار دېگەننى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. بىز خىزمەتنى توغرا چۈشىنىشىمىز، ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. خىزمەت بىزنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىمىز، باشتىن-ئاخىرى ئۆزىمىزنى ئىپادىلەش جەريانىمىز، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش جەريانىمىز ھەمدە ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆزىمىزنى مەيدانغا كەلتۈرۈش جەريانىمىزدۇر. دېمەك، ئۇ بىزنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىزنى، نام-ئابرۇيىمىزنى، ئىجتىمائىي ئورنىمىز ۋە ئىقتىسادىي كىرىمىمىزنى بەلگىلەيدۇ. دېمەك، ئۇ بىۋاسىتە بىزنىڭ قانداق بولۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. دېمەك، خىزمەت بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نەرسىلىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، خىزمەت ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئۇنى ئۆزىمىزنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا، خىزمەت قىلىشقا سەل قارىماسلىقىمىز، ئۇنى ئۆز ھەرىكىتىمىز ۋە ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. JO}#f+w}  
_+}-H '7=  
     4. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن بىر ئىقتىسادىي كاللىغا ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. ,^n-L&  
     ئادەتتە ئىگىلىك تىكلەش تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغىنى ئىقتىساد بولۇپ چىقىدۇ، ئەمما بىر ئىقتىسادىي كاللا توغرىلىق ئويلىنىدىغان كىشىلەر تولىمۇ ئاز ياكى يوق دېيەرلىك. چۈنكى، ھەممە كىشى ئىقتىساد توپلاشنىڭ كويىدا يۈرسە، ئۇنداق «قاپاق كاللا» نى ئويلىغىلى چولا نەدە؟! D9e+  
     بىزنىڭ بۇ يەردە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز، ئىقتىسادى ئەمەس، بىر مۇنەۋۋەر ئىقتىسادىي كاللىدۇر. ئىقتىسادىي كاللا ئالتۇن تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇغا ئوخشايدۇ. مۇنداقچە، ئېيتقاندا، ئۇ ئەڭ ئىشەنچلىك بانكىدۇر. بىز ھەممىمىز مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئىقتىساد-پۇلغا ئېرىشىمىز، كۆزنى ئېچىپ يۇمغۇچە كۆپ پولنىڭ ئىگىسىمۇ بولۇپ قالىمىز، ئەمما ئەتىسى قارىسا، قاق سەنەم بولۇپ كەتكەن... مانا بۇ كاللىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەقىقىي «ئىقتىسادىي كاللا»ىنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. «ئىقتىسادىي كاللا»ىسى ئۆلگەن كىشىدە ئىقتىساد باشقۇرۇش ئېڭى بولمايدۇ ياكى بولغاندىمۇ بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. «ئىقتىسادىي كاللا»سى بار ئادەم «نۆل» دەسمايىگە تايىنىپ، زور ئىقتىسادقا ئىگە بولالايدۇ. ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئىقتىسادىي كاللا»ىغا ئىگە ئادەمنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئىقتىساد بىلەن باشقىلارنىڭ قولىدىن ئىقتىسادتىن ئىبارەت. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆز ئىگە بولغان ئىقتىساد بىلەن ئورۇندىغىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى لايىھىنى تاماملايدۇ. ئاندىن، بۇ لايىھە ئارقىلىق دان چاچىدۇ، مانا ئىقتىساد مۇشۇنداق توپلىنىدۇ. چۈنكى، بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوقتەك، دان يېمەيدىغان قۇشقاچمۇ يوقتە! j{-mQTSD  
o(?VX`2"  
     5. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن قابىل باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. 7=$+k]U8  
باشقۇرۇش بىر خىل سەنئەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەلكى بىر ئىلىمدۇر. ئۇ بىر كىشىدىن نۇرغۇن نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش جەريانى باشقۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىقتىساد باشقۇرۇشى، خادىم باشقۇرۇشى، كۈندىلىك خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يەنە ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا باشقۇرۇش دائىرىسىگە ياتىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. ئىگىلىك تىكلىگۈچىنى بىر كاپىتان دېسەك، ئۇنىڭ پاراخوتنى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈزۈش جەريانىدىكى ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ كېچىككىنە دېۋەڭلىك بىلەن قىلىپ قويغان ھەرىكىتىمۇ ئۇنى قەدەمدە بىر پاراخوتنى ھالاكەت قوينىغا باشلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى باشقۇرۇش ئىلمىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. NvEm,E\|  
" whO}  
     6. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن بازارنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى بولۇش تولىمۇ مۇھىم. P@^z:RS*{  
ئىگىلىك تىكلەش قانداقتۇر بىر دۆۋە پۇلنى تىكلەپ قويۇش بولماستىن، ئۇ ئۆز ئىجادىي ئەمگىكىگە تايىنىپ، باشقىلارنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بازارغا مەھسۇلات سېلىش ۋە شۇ ئارقىلىق كىرىمگە ئىگە بولۇش ۋە ئۆز گەۋدىسىنى تېخىمۇ زورايتىش جەريانىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى بايقاش، ئۇنىڭ بازاردىكى تەلىپىنى ئىلمىي مۆلچەرلەش ۋە شۇنىڭغا قارىتا ئەتراپلىق لايىھە تۈزۈپ، ئۇنى دال ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بازارنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇھىم. بازار بىر سەھنە، بىز بۇ يەردە ئۆز مەھسۇلاتىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنى نامايەندە قىلىمىز، بىزنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىمىز جەزمەن باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىشى، رىقابەت يوشۇرۇن كۈچىگە، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ ئىگىلىكىمىز تېز تىكلىنىدۇ ۋە تېز زورىيىدۇ. ({D}QEP  
bd@*vu}?}  
     خاتىمە: ئىگىلىك تىكلەش نەتىجە ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر جەريان. باشقىلارنىڭ قىزىقىدىغىنى سىز ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىنكى مەنزىرە، ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىمىزدىكى جەزىرە ئەمەس. سىزنىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنىڭىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانى، بۇ جەرياندا قەدەمنى خاتا ئالمىسىڭىزلا، نەتىجە سىز ئويلىغاندىن كۆپ يىراقلاپ كەتمەيدۇ. يۇقىرىدىكىلەر سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن سۇنۇلدى. ئەلۋەتتە، ئىگىلىك تىكلەش ئىلمىنىڭ مۇقىم قېلىپى ياكى بىۋاسىتە يولى  يوق. ئۇ سىزنىڭ يەنىلا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۇ بىر جەريان، ئۇ خىرىس ۋە پۇرسەتكە تولغان مۇرەككەپ جەريان! K> c8r8!  
r78u=r  
مەنبەسى : نۇر تورى m_{%tU;N  
http://www.nur.cn/html/news/19087.shtml
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئەسلىمە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.29188

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   379 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2722 (سوم)
 ياخشى باھا:   340 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   202  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1737
 سائەت
دەرىجىسى:
1737 سائەت 153 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-23

ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ، مەندە دەسمايە بولمىسا بولمايدۇ. كاللىنى گۆرۆگە قويغىلى بولمايدۇ.
 
yaprah0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6620

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   295 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10839 (سوم)
 ياخشى باھا:   553 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   797  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2018
 سائەت
دەرىجىسى:
2018 سائەت 72 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-17
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-23

تېما ئىگىسنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت. ھەقىقەتەن پايدىلىق تېما ئىكەن.مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى كۆرىدىغانلار نىمىشقا بۇنچە ئاز؟توۋۋا......
 
ھەر بىر خەت ، ھەر جۈملىدە ھەقىقەت بار!
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906540 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11854
 سائەت
دەرىجىسى:
11854 سائەت 386 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-23

ياخشى تىما،تىما يوللىغۇچى قېرىندىشىمىزغا تەشەككۈر   
 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...
SarDar786
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17228

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   95 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4477 (سوم)
 ياخشى باھا:   223 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 849
 سائەت
دەرىجىسى:
849 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-23

شۇنداق ياخشى تىمىكەن،ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى،بۇنداق تىمىلاردا ئىنكاس ھەقىقەتەن ئاز! PQ1NQy8  
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! {*$J&{6V  
ھارمىغايسىز دوستۇم!
 
قورقۇنچاقلىق ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىۋەتمەيدۇ،
جۈرئەت-شىجائەت ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋەتمەيدۇ...؟؟؟!!!
دانىش
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16375

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   967 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16193 (سوم)
 ياخشى باھا:   232 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   358  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1630
 سائەت
دەرىجىسى:
1630 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-05
ئاخــىرقىسى:2011-10-30
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-23

نەق  مېنىڭ  ئويلىغنىم   بىىلەن  ئوخشاشكەن  .......ئەگەر  راست   ئاشۇنداق   ھەقىقەتەن   ئىگىلىك  تىكلۈگىسى   بار   ياشلىرىمىز  بولسا   مەن   بىلەن   ئالاقىلىشڭلار ..... چ چ    651861787      تېلفۇن :15022926353
 
ئىللەت يوقالمىسا ،مىللەت يوقىلدۇ.
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1883 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14926 (سوم)
 ياخشى باھا:   1122 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   985  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 836
 سائەت
دەرىجىسى:
836 سائەت 64 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-24

ئەجرىڭىزگە   رەھمەت   قېرىندىشىم .
 
دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس ، بەيگىگە كەلدىم
SUBAT
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34588

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   223 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4581 (سوم)
 ياخشى باھا:   18 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   22  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 248
 سائەت
دەرىجىسى:
248 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-24

پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى ، مەزمۇنلىرى مول بوپتۇ . . . .   مەن تەپسىلى ئوقۇپ ئۆزۈمگە پايدىلىق تەرەپىلىرىنى ئېلىۋالدىم . . .رەھمەت سىزگە . . . . .
 
ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار ، ياشاش، ئۆلۈش، سۆيۈشنىڭ . . .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى