مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       710 
  •    ئىنكاس 
       0 

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقىدىكى تەسىر كۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

قەۋەت ئاتلاش
Naprat2009
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4456

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   319 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8472 (سوم)
 ياخشى باھا:   448 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   583  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5753
 سائەت
دەرىجىسى:
5753 سائەت 187 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
— بۇ يازما OBRAZ تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-03-16) —

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقىدىكى تەسىر كۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
ياپونىيە «تاللاش» ژۇرنىلىنىڭ 3-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان ئەسلى تېمىسى: ئۈمىد ۋە كىرزىس بىرلىكتە مەۋجۇت «ئوسمان دېپلوماتىيىسى»---تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقىدىكى تەسىر كۈچى يۇقىرى كۆتۈرلدى ناملىق ماقالە HewVwD 
تۇنىس بىلەن ۋە مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشى ئوتتۇرا شەرقنى قالايمىقانچىلىققا پاتقۇزۇپ قويدى، مۆتىدىل ئىسلام دىنى سىياسىي پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان تۈركىيە ئاساسلىق سىياسىي كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈندىن-كۈنگە قەد كۆتۈردى. داۋالغۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تۈركىيە شەك-شۈبھىسىزكى ئىسلام دىنى دېموكراتىيسىنىڭ نەمۇنىسى؛ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن كەڭ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. v[m/>l2[P  
ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىن باشقا تاللىشى يوق ,E)bS7W  
مۇبارەك تەختتىن چۈشۈپ ئىككىنچى كۈنى، ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغانغا تېلىفۇن قىلىپ سۆھبەتلەشتى. بۇ مىسىردا نامايىش پارتلىغاندىن بۇيان ئۈچۈنچى قېتىملىق تېلىفۇن سۆھبىتى ئىدى. بۇنىڭدىن ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى جەھەتتە تۈركيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق تايىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىكى زاتنىڭ ئاشكارلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت باشلىقى مىسىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن، ئامېرىكا تۈركىيەدىن مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىشتا ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق بىلەن تەمىن ئېتىشىنى تەلەپ قىلغان. تۈركىيەنىڭ بىر سىياسىي مۇخبىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىيە مۇھىم نۇقتىسى ئامېرىكا ياۋروپانى مەركەز قىلىشتىن ئوتتۇرا شەرقنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگىرىۋېتىپتۇ، خەلقئارا جەمئىيەت «ئوسمان دېپلوماتىيىسى» گە گۇمانىي نەزەر بىلەن قاراشقا باشلىغان، ئەمما ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسيانلاردىن كېيىن، ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. تۇنىس بىلەن مىسىردا توپىلاڭ يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيىتى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن شەك-شۈبھىسىز «چوڭ ئاۋارىچىلىق» ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن برازىلىيە قول تۇتۇشۇپ، ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ماسلاشتۇرۇش لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئېغىر تىركىشىش كۆرۈلدى. گازاغا ياردەم بېرىش كېمە ئەترىتى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش قانات يايدى. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر مەزگىل يىرىكلەشتى. _k5KJKvr  
بىراق، مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق دېپلوماتىيىسىدىكى مۇھىم يۆلەنچۈكىنى يوقىتىپ قويدى. مىسىرنىڭ داۋالغۇشى ئەرەب دۇنياسىدا بىر قاتار دومىنو قارتىسى ھادىسىسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن باشقا تاللىشى يوق. تۈركىيە ش ئا ئە ت دىكى بىردىنبىر ئىسلام دۆلىتى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى كەڭ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ ئالاھىدىلىك شەك-شۈبھىسىزكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ نەزىرىدە غايەت زور بايلىق بولۇپ قالدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھⅡ نىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاساسى تەۋرەپ قالدى، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھنىڭ سالامەتلىكى ناچار، ئەمما تۈركىيە پەرقلىق ھالدا مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. 1mI)xDi9  
تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تۇققانچىلىق ھېسىياتى بار. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن خادىملىرى مىسىردا داۋالغۇش يۈز بەرگەندە تۈركىيەگە قېچىپ بېرىۋالغان. بىر خادىمى يەرلىك ئاخباراتلارغا بىلدۈرىشىچە، « مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بۇنىڭدىن كېيىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىدىكەن » ھەمدە تۈركىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئاشكارا جاكارلايدىكەن.
تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇد ئوغلۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلماسلىقى ھەمدە قورال كۈچىگە مۇراجىئەت قىلماسلىقىغا ئاگاھلاندۇردۇق»، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خۇددى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ «مۇھاپىزەتچىسى» دەك بولۇپ قالغان. ئەتراپىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر «مۇبارەك تەختتىن چۈش» دەپ رەسىمىي توۋلىغاندا، «تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىسىردا قاراۋۇلخانا قۇرغان». v8 6ls[lzu  
مىسىر ۋە تۇنىسنىڭ يېڭى دېموكراتىك كۈچىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، « تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىسلام دېموكراتىيىسىدىكى نەمۇنە » YfxZ<  
تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، تۈركىيە دۆلىتى « سىياسىي بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش » سىياسىتى يۈرگۈزگەچكە، ئىسلام دىنى سىياسىي پارتىيىسى كۆپ قېتىم قانۇنسىز دەپ قارىلىپ، سايلامغا قاتنىشىشقا ئامالسىز ئىدى. 2001-يىلى، ئىسلام دىنى سىياسىي كۈچلىرى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى قۇردى. 2002-يىلى مەزكۇر پارتىيە سايلامغا قاتنىشىپ قاتتىق غەلبە قىلدى. كېيىنكى 9 يىلدا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى سىياسىي بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش تۈزۈلمىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولغان ھەربىي تەرەپنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىغۋاگەرچىلىكىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى قوغدىدى. CmJ*oXyi  
ئەگەر مىسىر ۋە تۇنىس ئوخشاش تەرەققىيات يولىنى تاللىسا، ئۇنداقتا ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ھەربىي تەرەپ «دىن بىلەن سىياسىينى ئايرىۋېتىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ھامىيلىق رولىنى ئوينىغان تەغدىردىمۇ، ئىسلام سىياسىي پارتىيىسىمۇ كۆپ قېتىملىق سايلامدىن كېيىن پەندىنپەي ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگەللەيدۇ. تۈركىيە ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغاندىن سىرت، دۆلەت ئىقتىسادىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۇچقاندەك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالد 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىردى، بۇ نۇقتا ھەممىگە ئېنىق. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، تۈركىيە شەك-شۈبھىسىزكى «ئىسلام دىنى بىلەن ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى» نى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا تەڭپۇڭلاشتۇردى. .%WbXs  
ئىسلام خوسوسىيىتىنى كۈچەيتىپ تاشلىشى مۇمكىن iOki ZN+d>  
ئامېرىكا ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنىڭ زورىيىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئايان بولىشىچە، مىسىردا داۋالغۇش يۈز بېرىشىدىن ئىلگىرى، پەقەت %30 بارمايدىغان ئاممىدا «ئامېرىكىغا مايىللىق» كەيپىياتى بار ئىكەن، %90 ئادەم ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىن نارازى ئىكەن. يېڭى ئوتتۇرا شەرق سىياسىي ئەندىزىسىدە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ «ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا مايىللىق» بىلەن « مۇقىم ۋە ئىشەنچىلىك» ئالاھىدىلىكى شەك-شۈبھىسىزكى ئامېرىكىغا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. ,"j |0Q  
بىراق، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ، خەۋپ-خەتەرمۇ پەيدا بولىشى مۇمكىن.
ئىسرائىلىيەدىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە،ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسنىڭ سابىق گۈللىنىش پارتىيىسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى يىلتىزداش دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرىشىچە، « ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سىياسىي ۋە ئىدىيىۋى ئويغىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك». تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ تارمىقى خاماس بىلەن سۇدان بەشىر ھاكىمىيىتىنى قىزغىن قوللىدى. گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى «مۇقىم ۋە ئىشەنچىلىك» ۋىۋىسكىسىنى كۆتىرىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قالايمىقان ۋەزىيەت ئېھتىمال ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىسلام ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىپ تاشلىشى مۇمكىن. VWLou jB  
مىسىردا داۋالغۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، دېپلومات داۋۇد ئوغلۇ دەرھال مىسىر ھۆكۈمىتىدىن سىياسىتىنى تەڭشىشىنى تەلەپ قىلدى، «ئىسرائىلىيە قەتئىي بىر قارارغا كېلىشى كېرەك» دېدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيە ئولتۇراق نۇقتىسى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشى ھەمدە پۈتكۈل ئېرۇسالىمنى ئىدارە قىلىش ئويىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. بۇ تەلەپلەر ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا شەك-شۈبھىسىزكى ناھايىتى ئېغىر كېلىدۇ. گازاغا يادرەم بەرگۈچى كېمە ئەترىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ھەققىدە، داۋۇد ئوغلۇ ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچۈرۈم سورىشىنى ھەمدە تۆلەم بېرىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلدى ھەمدە گازاغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. NwT3e&u%|  
ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار قاتتىق پوزىتسىيىسىنى تەبىئيلا قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەگەر ئوباما ئەردوغاننى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى يېڭى ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارىسا، ئۇنداقتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە ئىرانغا قاراتقان سىياسىتى داۋاملىق چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. دېڭىز قولتۇقى نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ يۆلىنىشىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە قوللانمىسا بولمايدىغان دېپلوماتىيە ئىستراتىگىيىسى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سەللا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسە، ئېھتىمال ياپونىيە بىلەن ياۋروپانىمۇ پالاكەت بېسىشى مۇمكىن.
مەنبە:ئوكيان تورى

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە
تەكلىماكان مۇنبەر پۇلى +100 03-16 مۇنداق دۇنيادىكى قىزىق نوقتىلار ھەققىدىكى خەۋەر زادى كەم مىسرانىمىدا.........مۇشۇ بوشلۇقىنى داۋاملىق تۇلۇقلاپ تۇرغايسىز، قولۇپلىنىپ قالغان بولسىمۇ...
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران