توردا دۇكان ئاچتىڭىزمۇ؟!ئاچقاندىن كىيىن بېشىڭىز قاتتىمۇ؟
\dNhzd#
توردا دۇكا ن ئېچىۋاتامسىز؟!ياكى توردىن بىر نەرسە سېتىۋىلىۋاتامسىز؟!
سىز كۈندە ئائىلە ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۆيىڭىزدىكى كومپيوتېردا تورغا چىقىپ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاچ، مۇنبەردىكى قىزىق پاراڭلارغا ئارىلىشپ قويۇپ يۈرىدىغان ئائىلە ئايالىمۇ؟ سىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن ھېلىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئىزدەپ چېپىپ يۈرەمسىز؟ ۋە ياكى سىز كۆڭۈللۈك ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئۆز ئەمگىكىڭىزنىڭ مېۋىسىنى تېتىپ كۆرۈش ئارزۇسىدا يۈرگەن سىتۇدىنتمۇ؟ سىز كۈندە تورغا چىقىپ ۋاقتىڭىزنى بىكاردىنلا تور ئويۇنلىرىغا، قۇرۇق پاراڭلارغا سەرپ قىلىپ ئىچ پۇشۇقىڭىزنى چىقىرىش ئورنىغا تېخىمۇ زىرىكىپ كېتىۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا توردا سودا قىلىڭ! مانا بۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل. توردا دۇكان ئېچىش ئارقىلىق سىز ئۆيدە ئولتۇرۇپلا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى خېرىدارلارغا مال ساتالايسىز، دۇكان ئىجارىسى تاپشۇرمايسىز، سودا-سانائەت ئىدارىسىغا بېرىپ بىرمۇنچە رەسمىيەت بىجىرمەيسىز، مېلىڭىز بولسا، تورغا بىر-ئىككى پارچە رەسىمىنى يوللاپلا سېتىۋىرىسىز، ھەتتا مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئىگىلىكىنىمۇ تىكلىيەلەيسىز. 44Qk;8*
ئەمىسە دىققەت قىلىڭ:
[tN` :}?
ئەمىلىيەتتە توردا دۇكان ئېچىش ئۇنچىلىك تەس ئىش ئەمەس...ھازىرقى كۆپىنچە كىشىلەر ئىشلىتىدىغان تور سودىسى تور بېتىدىن تاۋباۋ ۋە پەي پەي،يۇئا.بۇلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.ئەمدى بۇرۇن مۇنبەرگە بىر ئەزا ھەقىقىي ئىسمنى تىزىملىتىپ توردا دۇكان ئېچىشنى تېما قىلىپ يوللاپ ئۆتكەنىدى...بەلكىم تورداشلار تىزىملىتىشنى بىلىپ بولغان بولىشى ۋە ياكى يەنە مۈجمەل بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن...تۆۋەندىكى ئادرىستىن يەنە بىر قىتىم كۆرۈپ ئېنىق چۈشىنىپ باقارسىلەر....
كۆپ تېمىلار سېتىۋالغۇچىلار توغرۇلۇق يوللاندى...تۆۋەندە مەن ساتقۇچىلار توغرۇلۇق ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي...
دۇكان بېزەشنى دەپ ئېيتايلى...تاۋباۋدىن بىر دۇكان بېزەش بېزىكى ۋە شۇنىڭ ئىشلىتىش چۈشەندۇرىشىنى(教程(نى ئاز دىگەندىمۇ نەچچە ئون يۈئەنگە سېتىۋالىسىز.ئەمما سېتىۋالغىنىڭىز پەقەت بېزەك ماتىريالى ۋە بىر نەچچە فىلىم...بۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ دۇكىنىنى بېزىيەلەيسىز.ئەگەر بېزەش ماتىريالى ۋە باشقىلار لازىم بولسا مېنى ئىزدەڭ مەن سىزگە قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم بېرىمەن...QQ:493252294
ئەمىسە قۇرۇق گەپنى قويۇپ نەق گەپكە كېلىلى...دۇكان ئاچقاندىن كىيىن قىلىدىغان ئىشىڭىز دۇكانغا مال سېلىش...دۇكانغا مال سېلىش ھېچقانداق تەسچىلىكى يوق ئىش...پەقەت مالنىڭ تۈرى ۋە باھاسى چۈشەندۇرىلىشىنى ئىنىق يېزىپ بازارغا سالسىڭىزلا بولدى...
ئەمدى گەپنىڭ نەق پوسكاللىسىغا كەلدۇق...
دۇكىىنىڭىزغا ئادەم كىرمەيۋاتامدۇ؟!دۇكىنىڭىزدىن مال ئدلىدىغان ئادەم يوقمۇ؟!خېرىدار دۇكانغا كىرگەندە بىرىنچى بوپ قارايدىغىنى سىزنىڭ ئىشەنچ دەرىجىڭىز...ئىشەنچ دەرىجىسى تاۋباۋدىكى دۇكان ئېگىسىنىڭ ئىناۋىتى بىلەن تەڭ ئورۇندا...ئۇنداقتا ئىشەنچ دەرىجىسىنى قانداق ئاشۇرىمىز؟!
مەن ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆزۈم سېتىلىۋىپ سىناپ باقاي دىگەن.ئەمما بىر ipدا قىلسام چىنىپ قالغۇدەك بۇنىڭغا ئامال بولمىدى.بىر ئاغىنەمگە يەنە بىرنى تىزىملىتىپ بېرىپ ئۇنى مەندىن مال سېتىۋال دەپ بۇيرۇدۇم.ئەمما ۋاقىت بەك كۆپ كەتكۈدەك...بىر ئىككى ئادەم بىلەن بۇ ئىشنى پۈتكۈزگىلى بولمىغۇدەك...ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز...
سىز يىڭى دۇكان ئاچقاندا سىزنىڭ 阿里旺旺غا دۇكان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىمىز دىگەن ئۇچۇرلارنى ياغدۇرۇپ تاشلايدۇ...تۆۋەن 刷钻قىلسا بىر كۆك ئالماسنى ئوتتۇز يۈئەنگە قىلىدۇ....مەن سىلەرگە ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەي...
ئۇلار ھەرگىزمۇ چچ ئالماسلىرىنى قىلغانغا ئوخشاش قىلىپ بەرمەيدۇ.سىزگە بىر چچ توپىنىڭ نومۇرىنى بېرىدۇ.ئۇ توپتا دەل سىزگە ئوخشاش نۇرغۇن يىڭى دۇكان ئىگىلىرى بار.سىز ئۇلار بىلەن ئۆز-ئارا ئېلىم-بېرىم قىلىسىز.سىز ئۇنىڭكىنى ئالىدۇ،سىز ئۇنىڭكىنى ئالىدۇ.شۇنداق قىلىپ سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزمۇ قارشى تەرەپ بىلەن ماس ھالدا ئۆرلەپ ماڭىدۇ...
مۇشۇ 30000 كىشى يىغىلغان يەردە بەلكىم توردىن مال سېتىۋالىدىغانلار ۋە توردا مال ساتىدىغانلار ئاز ئەمەس...بەلكىم بۇنداق قىلىشىم بىر ئەخمەقلىق بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.لېكىن شۇنداق قىلماقتىن باشقا ئامال يوق...
ئەگەر شۇنداق ئىشەنچ ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلار بولسا مەنمۇ سىلەرنى قوش قولۇمنى كۆكسۈمگە قويۇپ تۇرۇپ مېنىڭ توپىمغا تەكلىپ قىلىمەن...141506919
ئەگەر تاۋباۋ تورىدا مال سېتىۋىلىش ياكى مال سېتىشتا قانداق مەسىلىگە يولۇققان بولسىڭىز مەن قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن...QQ:493252294 سىلەرگە ياقمىسىمۇ دۇكىنىمغا مۇنداق بىر قاراپ قويايسىلەر.
سەۋىيەم چەكلىك،ئەمما قولۇمدىن كەلسىلا ئايىمايمەن...باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ مۇشۇ تېمىنى ئۆزگەرتكىدەك يېرى بولسا ئۆزگەېتىپ تەستىقلاپ قويىشىنى ئۈمىت قىلىمەن...
[ بۇ يازما Desni تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]