مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1934 
  •    ئىنكاس 
       40 

يېڭى شوپۇرلار ئۈچۈن ماشىنا ھەيدىگەندە جانغا ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر (1)

قەۋەت ئاتلاش
umidi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4119

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   290 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   102 (سوم)
 ياخشى باھا:   478 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   621  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6411
 سائەت
دەرىجىسى:
6411 سائەت 239 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-05

    V:18]:  
     كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شەخسى ماشىنا بولۇش كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماشىنا ئاسراش ۋە ھەيدەشتە قانداق نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئېھتىياج چۈشىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا سىز ماشىنا ھەيدىگەندە بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلامسىز؟ بەلكى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسى سىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن. [j39A`t7 o  
$la,_Sr  
1. يامغۇرلۇق كېچىدە يول ماڭغاندا چوقۇم ئاستىراق ماڭىسىزغۇ دەيمەن. لېكىن، بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن يامغۇر توختىغاندەك قىلغان بولسا دەرھال سۈرئەتنى ئاشۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەڭ. چۈنكى يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قالغان جايدىن ئېنىق كۆرمەيلا تىز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كەتسىڭىز، لاي سۇ ئەينىكىڭىزگە چاچراپ ئەينەكنى توسۇپلىۋالىدۇ. ئەگەر كۆزىڭىز تېڭىقلىق ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغانلا بولمىسىڭىز بۇ ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭدىن باشقا تىز سۈرئەتتە سۇ يىغىلىپ قالغان جايدىن ئۆتۈپ كەتسىڭىز سۇنىڭ قارشىلىق كۈچى كۈچلۈك بولغانلىقتىن جىددى تورموز قىلغاندەكلا سۈرئەتنى ئاستىلىتىدۇ. بۇنىڭغا تىز ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىسىڭىز رول قولىڭىزدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر سۇغا بىرلا چاقى دەسسىگەن بولسا ئۇنداقتا تېخىمۇ خەتەر. رول ئاپتۇماتىك شۇ تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ سۇنىڭ ئىچىدە تاش-توقماق بار يوقلىقىنى بىلمەيمىزدە، تىز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا سۇنىڭ ئىچىدە گۈلىدەك كېلىدىغان ئۇچلۇق تاش بوپقالسا بالون يېرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغان مەن ئۆزۈم يولۇقۇپ باققان. شۇڭا يامغۇرلۇق يولدا، بولۇپمۇ كېچىدە سۈرەتنى كونترول قىلىپ ماڭغان ئەۋزەل.  
2. كېسىشمە يول ئېغىزىدا كۆرۈش دائىرىڭىزنى چوڭراق بىر ماشىنا توسىۋالغان شارائىتتا ئۇنى «ئالدىدا ھېچنىمە يوققۇ» دېگەن خىيال بىلەن يانداپ قالماڭ. سىز ھەرقانچە قىزىل چىراق يېشىل چىراققا ئۆزگەرگەن ھالەتتىمۇ، «توسىۋالغان ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا بىر پىيادە ئادەم بولىشى مۇمكىن» دېگەن پىسخىك ھالىتىدە ماشىنا ھەيدىشىڭىز كېرەك. بۇ پەقەت كېسىشمە يولدىلا ئەمەس، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىمۇ ئىشلەيدىغان پىسخىكا ھالىتى. سىز كۆرمىگەن جايدا ھەرقانداق نەرسە بولىشى مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى 99% قاتناش ۋەقەسى «ئويلىمىغان يەردىن» يۈز بېرىدۇ. P])O\<)J  
3. ئەگەر ئالدىڭىزدا بىر تال توپ كوچىدىن ئېتىلىپ چىققان بولسا، توپنىڭ ئارقىسىدىن بىرىنىڭ قوغلاپ چىقىدىغان – چىقمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرماي دەرھال سۈرئەتنى ئاستىلىتىڭ. سىزدە ئالدىن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىقتىدار بولىشى كېرەك. بەلكى ئويلىمىغان يەردىن بىر كىچىك بالا توپنى ئالغىلى يۈگرەپ چىقىپ قېلىشى، سىز ئۇ بالىنى يول ياقىسىدىكى توختىتىپ قويغان ماشىنا توسىۋالغانلىقتىن كۆرمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. uWE@7e4'I  
4. ئالدىڭىزدىكى موتوسىكىلىت مېنىۋالغان كىشى سول قولىنى پۇلاڭشىتقان بولسا بۇ ئۇنىڭ سولغا بۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنى ياندىماسلىقىڭىز كېرەك. بەزىدە بۇرۇلۇش چىرىقى بۇزۇق موتوسىكىلىتچىلار مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن «چىراق ياقىدۇ». ناھىيەلەردە تراكتورنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. ھازىرغۇ كىشىلەر چىراق ساق بولسىمۇ ياقمايدىغان بوپ كېتىشتى. ئىشقىلىپ موتوسىكىلىت مىنگەنلەرگە، بولۇپمۇ سەل ئەبجەقراقلىرىغا دىققەت قىلىپ مېڭىشىڭىز كېرەك. >{Djx  
5. ئەگەر يول كەڭرى بولسا يولغا ئىشىنىپ سۈرئەتنى سەل ئاشۇرۇپ مېڭىپ قويىمىز. لېكىن ئالدىدا بىر چوڭ بىر كىچىك ئادەم كۆرگەن بولسىڭىز سۈرئەتنى سەل ئاستىلىتىپ ئۆتۈپ كەتكىنىڭىز ئەۋزەل. بەلكى ئۇ بالا سىز ئۇلارغا يېقىنلاشقاندا تۇيۇقسىز چوڭ ئادەمدىن ئايرىلىپلا يۈگرەپ كەپ قېلىشى مۇمكىن. خۇددى مۇشۇنىڭدەك كىچىك بالا قولىنى تارتىپلا كەپسىزلىك قىلىپ ماشىنا ئالدىغا يۈگرەپ تراگىدىيە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن. p P&~S<[  
6. ۋېلىسىپىتتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئۇنى ئادەم تېپىدۇ. كۈچ تۇراقلىق ئەمەس. ئەگەر ھەيدىگۈچى چارچىغان بولسا ئوڭ-سول ئىغاڭشىپ مېڭىشى، دۆڭرەك جاي بولسا تۇيۇقسىز ۋېلىسىپىتتىن يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ۋېلىسىپىتنىڭ ھەرىكەت ھالىتىغا ياخشى ھۆكۈم قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. مىسالغا ئالساق، سىزنىڭ ئازراق ئالدىڭىزدا بىر ۋېلىسىپىتلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئارقىسىغا يەنە بىرسى مىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولسىڭىز تورموزلاپ توختىتىۋالغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى ئىككىنجىسى مىنگەندىن كىيىن ئېغىرلىق ئېشىش سەۋەبىدىن ۋېلىسىپىت ئېغاڭشىپ سىزگە ئۆزىنى ئۇرىۋېلىشى، ياكى سىز تەرەپكە يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن. ,*US) &x  
7. يولدا بىرەر توسالغۇ كۆرسىڭىز ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشنى ئالدىن ھۆكۈم قىلىدىغان بولۇڭ. مەيلى ئېگىزرەك ئەۋرەز قۇدۇقلىرى بولسۇن، ياغاچ تاختاي ياكى پاخال بولسۇن، ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدۇرۇپ ئۆتۈشنى ياكى ئەگىپ ئۆتۈشنى ئالدىن تاللىۋېلىڭ. ئىشقىلىپ چاق شۇنىڭغا دەسسىمىسۇن. ياغاچ نەرسىلەردە مىخ بولىشى مۇمكىن. ئەگەر چاق مىخقا سۈرئىتىڭىز ئىتتىك ھالەتتە دەسسەپ قالسا بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدۇر. =UN:IzT  
8. ياشراقلىرىمىز كەڭرى يېزا يولى بوپقالسا ناخشىنى گۇمباڭشىتىپ قويىۋېلىڭ مايغا ئوبدان دەسسەپ قويىمىزغۇ دەيمەن. تىز سۈرئەت ھەر قانداق يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ماتورنىڭ ئاۋازى ۋە يولدىكى باشقا ئاۋازلارغا ياڭراتقۇنى چوڭ ئېچىۋېلىپ دىققەت قىلمىسىڭىز ماتوردىن كاشىلا كۆرىلىۋاتامدۇ يوق، ئاۋازىدىن بىلەلمەي قالىسىز. ناۋادا بالون كونىراق بوپقالسا يازنىڭ كۈنى يۇقىرى سۈرئەتتە قىززىپ يېرىلىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بالوننىڭ ئاۋازى پاقا ئوسۇرۇپ قويغاندەكمۇ ئاڭلانمىسا، ماشىنا تۇيۇقسىز كونتروللىقىنى يوقاتقاندا نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي قېلىشىڭىز مۇمكىن. باشقا ئېھتىياج بولمىسا نورمال سۈرئەتتە ماڭغىنىڭىز، ياكى تىز سۈرئەتتە ماڭغاندا كاللىڭىزنى بۆلىدىغان ھەرقانداق قوشۇمچە نەرسىنى يوقىتىشىڭىز لازىم. =8-e1R/  
9. سەھرا يوللىرىدا ئادەمدىن باشقا يەنە ئات-ئۇلاقلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك. ئادەم ھېچ بولمىسا سىگنال بەرسىڭىز ئاڭلاپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى مۇمكىن. لېكىن ئىت-توخۇ، ئات-ئېشەكلەرنىڭ ئۇنداق قىلىشى ناتايىن. مەن بىر چاغدا ئاغىنىمىزنىڭ تويىدا لىق بىر ماشىنا ئادەم بىلەن ئىشەكنىڭ ئىشەكلىكىنى ئۇنتۇپ تىز سۈرئەتتە مېڭىپ قېلىپ تاس قالغان نەچچە جاننىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى. خۇدا بىر ساقلىغان. تۈز كېتىۋاتقان ئىشەك ھارۋىسى مەن ئۇلارغا يېقىنلىشىشىمغا تۇيۇقسىز يولنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا كېلىۋاتىدۇ. سۈرئەت 120 دە بار ئىدى. ئۇنىڭدىن قاچۇرىمەن دەپ ھاڭغا چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىم. مانا مۇشۇنىڭدەك. سەھرا يوللىرىدا يىزا بالىلىرى ماشىنا تولا مېڭىپ كۆنمىگەچ ئۆيدىن يۈگرەپ چىقىپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ. بۇلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ھەيدەڭ. I]58;|J  
10. بەزى ساپاسىز كىشىلەر ئازراق پۇل خەجلەپ كىشىنى بىزار قىلىدىغان كۆزنى چاقنىتىدىغان چوڭ چىراققا ئالماشتۇرىۋالىدۇ. ئۇ خىلدىكى چىراقنىڭ 2 چوڭ كەمچىللىكى بار. بىرى، يامغۇرلۇق، تۇمانلىق ۋاقىتتا نۇرى ئۇزاققا بارمايدۇ. يەنە بىرى، قارشى تەرەپنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ بىشىنى قايدۇرۇپ كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداقلارنى ساپاسىز دېگىنىمدە مۇشۇ چىراقنى ئورنىتىۋېلىپ كىچىك شەھەر كوچىلىرىدىمۇ ئۇدۇل چىراقنى يېقىۋېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ نېمە بولىشى بىلەن كارى بولمايدىغان بىر قىسىم شەخسىيەتچى كىشىلەرنى كۆزدە تۇتتۇم. مۇشۇ ئىش جۇڭگودىلا بارمىكىن دەيمەن. ئازراقلا چامدىساق بارىدىغان ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان دېگەندەك كىچىك دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇ جەھەتتە كۆپ ساپالىق ئىكەن. باشقا ئەللەردە شەھەر ئىچىدە 98% كىشى ئۇدۇل چىراق ياقماي ماڭىدىكەن. 1.5% ىنى ئۆزى بىلمەي يېقىپ قالغىنىغا چىقىرىۋەتسەك قالغان 0.49% ىنى قەيىرىنى يۆتكەشنى بىلەلمىگەن يېڭى كەلداخۇنلارغا چىقىرىۋەتسەك ئاران 0.01 % ى مۇشۇنداق ساپاسىز كىشىلەر بولىدىكەن (ما جۈملىدە ئستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر سەل كۆپرەك ئىشلىتىلىپ قالدى ھە؟). ماۋۇ سان-سىفىرلار سەل ناتوغرا بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مەيلى «تات» قىلغان سىگنال ئاۋازى بولسۇن، مەيلى ئۈستىدە ئېيتقاندەك ئىشلار بولسۇن ئاساسەن پەقەتلا يوق دىيەرلىك. مۇشۇنداق يولدا ماشىنا ھەيدىسە ئادەم ئۆزىنى تولىمۇ يىنىك ھىس قىلىدىكەن. شۇڭا سىز شۇ ساپاسىز كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋالماي، كېچىدە ئۇدۇلدا بىرەر ماشىنا كۆرگەن بولسىڭىز ئۇدۇل چىرىقىنى قىسقا ئارىلىق چىرىقىغا ئالماشتۇرۇڭ. ئاشۇلار ئۆزىنىڭ شۇنداق كۈچلۈك چىراققا ئالماشتۇرىۋېلىپ چوڭراق يۈك ماشىنىلىرىنى شۇنداق كۈچلۈك نۇر بىلەن پاس بېرىپ يانداپ ئۆتۈپ كەتكەندە يۈك ماشىنا شوپۇرىنىڭ كۆزى تورلىشىپ رولنى ياخشى باشقۇرالماي بىرەر ۋەقە كېلىپ چىقىپ قېلىشى ئويلاشمامدىكىنە؟ نى-نى پەچەت ئالىي ماشىنىلارنىڭمۇ مۇشۇنداق كۈچلۈك چىرىقى بار بولمىسا، ئۇلارغا شۇنداق پاس بېرىپ بولغۇچە لەپپىدە قىسقا چىراققا ئالماشتۇرىدۇ. ئاقسا نوچى ماشىنا ھەيدەيدىغان ئادەم ساپاسىز كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن بەزىدە. يا ئۇلارغا ماشىنا ساتقاندا مۇشۇنداق دەپ ئۆگىتەمدىغاندىكىن تاڭ؟ ئىشقىلىپ سىز مۇشۇ ساپاسىزلار ئارىسىدىن ئورۇن ئەپقالماڭ. q=U=Y n  
11. ئۇزۇن يولغا چىقساق بەزىدە ئۇچرىتىپ قالىمىز. ئوڭدا 2 رەت، قارشى تەرپتە ئىككى رەت يول. ئىچىدىكىسى نورمال يۈرۈش يولى بولسا لەپتىكىسى يانداش يولى. لېكىن بىچارە ئىسىل شوپۇرلىرىمىز قۇلىقىغا تېلفۇننى تۇتىۋېلىپ ئىككى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەيدەپ كەينىدىكىسى سېگنال بېرەمدۇ، چىراق ياقامدۇ چاتىقى يوق ئاقسا مېڭىپ قويىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال شەھەر ئىچىدىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. قاتناش قائىدىسى ئۆگەنگەن بولساق مۇنداق بىر جۈملە سۆز ئېسىڭىزدىمىكىن: كەينىدىكى ماشىنا يانداش ئۈچۈن سىگنال ياكى بەلگە بەرگەندە چوقۇم ماشىنىڭىزنى ئوڭغا تارتىپ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىڭ. بۇ ناھايىتىمۇ ئورۇنلۇق. بۇنداق بولغاندا ياندىماقچى بولغان ماشىنا تىز سۈرئەتتە سىزنى يانداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىستاڭچىلىق ئازىيىپ سىزگىمۇ، ئۇدۇلدىن كەلگەن ماشىنىغىمۇ، ياندىغان ماشىنىغىمۇ بىخەتەر مۇھىت ھازىرلايدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر ھەممە ئادەم سىزدەك مۇشۇنداق ئەخلاق بىلەن ماشىنا ھەيدىسە قاتناش ۋەقەسى قانچە نىسبەت تۆۋەنلەپ كېتەر ھە؟ kmwFw>#  
12. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يانداش يولىدا داۋاملىق مېڭىۋېلىش چەكلەنگەن. نورمال يۈرۈش يولىدا مېڭىپ يانداش توغرا كەلگەندە بۇرۇلۇش چىرىقى بىلەن چىقىپ يانداپ بولغان كىيىن يەنە بۇرۇلۇش چىرىقى بىلەن يولغا قايتىپ كېلىش لازىم. بۇنىڭ زور ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئالدىدىكى ماشىنىغا سىزنىڭ يانداۋاتقانلىقىڭىزنى، تۇيۇقسىز يانغا ئۆتىۋالماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش. ئەگەر سىز باشتىن-ئاخىر يانداش يولىدا مېڭىۋالسىڭىز چىراق ياقماسلىقىڭىز مۇمكىن. ناۋادا سىز ماشىنا يانداۋاتقاندا ئوڭ تەرەپتىكى يۈك ماشىنىسى سىزگە قارىماستىنلا چىقىۋالسا سىز ئۇنىڭغا ئۈسسۈيسىز. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يول كەڭرى چاتاق كۆپ چىقمايدۇ، چىقسا چوڭى چىقىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا گۇناھنى سىزگە قويىدۇ. كەينىدىن كېلىپ ئۈسىۋالغان، دەپ. } 2KuY\5\i  
13. يامغۇرلۇق، تۇمانلىق ھاۋادا چوقۇم «تۇمان چىرىقى» نى يېقىۋېلىڭ. بۇ چىراقنىڭ نۇرى ئادەتتىكى چوڭ چىراقنىڭ نۇرى بىلەن ئوخشىمايدۇ. بۇ نۇرنىڭ تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تۇمانلىق كۈندە بۇ چىراقنىڭ رولى ئەڭ ياخشى جارى بولىدۇ. سىز بۇنىڭ بىلەن يېقىن ئارىلىقتىكى نەرسىنى ئېنىق كۆرەلىسىڭىز، يەنە بىر جەھەتتىن قارشى تەرەپكە كەينىدە ماشىنا بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان ياخشى بەلگە بولىدۇ. چۈنكى تۇمان ياكى يامغۇرلۇق ھاۋادا كۆرۈش ئەينىكىدە سۇ بولىدۇ. كۆرۈش دائىرىسى تۆۋەنلەيدۇ دېگەن گەپ. L-yC'C  
14. ئىككى خىل چوڭ چىراقنى جايىدا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئەگەر ئالدىڭىزدا ھىچقانداق ماشىنا بولمىسا، شەھەر سىرتىدا بولسىڭىز ئۇدۇل چىراقنى ياقسىڭىز بولىدۇ. شەھەر ئىچىدە يول چىرىقى ئەمەلىيەتتە يىتەرلىك. قىسقا ئارىلىق چىرىقىنى ياقسىڭىزلا كۇپايە. ئۇدۇل چىراق بايا ئېيتقاندەك ئۇدۇلدىكى كىشىنىڭ كۆزىنى غىدىقلاپ سىزنىڭ كەينىڭىزدىكى نەرسىنى كۆرەلمەي قالىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ كەينىڭىزدە بىرەر كىچىك بالا بولسا سىز ئۇدۇل چىراقنى يېقىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇ كىشى كۆرەلمەيلا كېلىپ ئۇرىۋېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا سىز سەۋەپچى بوپقالىسىز. يەنە كېلىپ ئۇدۇل چىراقنى ياقسا ھازىرقى كۆپ قىسىم ماشىنىلار يېقىن چىراق تەڭ يېقىلىدۇ. بۇ چاغدا توكدان (ئاككۇمۇلياتۇر) غا كۆپ كۈچ كېلىدۇ. ئۇزاق يەتمەيدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا قاراڭغۇ سەھرا يوللىرىغا ئوخشاش شارائىتتا ئۇزۇن چىراقنى ئىشلىتىڭ. باشقا چاغدا ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن چوڭ چىراقنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. c{[WOrA~#  
15. ماشىنىڭىزغا يۈك باسقاندا ئالدى-كەينى، ئوڭ-سول تەڭپۇڭلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىڭ. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى. جىددى بۇرۇلۇپ قالسىڭىز ماشىنىڭىز يان ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن. %y'#@%kO:S  
3~ylBJJ  
بۈگۈن بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يازدىم. خۇدا خالىسا داۋامىنى يەنە يېزىپ تۇرىمەن. سىز يەنە قانداق مەسىلىلەرگە يولۇققان ئىدىڭىز؟ ئۇنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟ بىشىڭىزدىن ئۆتكەن تەجرىبىلىرىڭىز بولسا ئورتاقلاشقايمىز. o/&Q^^Xj^~  
{8eNQ-4I  
مەنبە:http://www.pasiban.com/201103111326.html {.v+ iSM  
[ بۇ يازما خوك تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
اللاھ مەن سىنىڭ مۇھەببىتىڭنى سەن ياختۇردىغان كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ،سىنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئىرىشتۈردىغان ئەممەللەرنى سورايمەن .
arturik51
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31826

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   89 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1511 (سوم)
 ياخشى باھا:   103 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   102  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1594
 سائەت
دەرىجىسى:
1594 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-26
ئاخــىرقىسى:2011-07-18
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

كوپ رەخمەت بۇگۇن شۇپۇرلۇق كېنىشكام چىققان ئىدى ماڭا بەك ئەسقاتىدىكەن ئايىغىنى كۇرۇپ  باقاي     
 
كارۋان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.79

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2473 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17088 (سوم)
 ياخشى باھا:   1619 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1451  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 478
 سائەت
دەرىجىسى:
478 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

بىخەتەرلىكىڭىز ئۈچۈن ماينى بوشراق دەسسەپ رولنى چىڭراق تۇرۇپ.قولىڭىزنى تولا خوتقا ئاپارماي ھۇشيارلىق بىلەن ھەيدەڭ !سول پۇتىڭىز تۇرمۇزدىن يىراقلاپ كەتمىسۇن
 
ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
alim0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21569

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   383 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5766 (سوم)
 ياخشى باھا:   206 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   320  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 945
 سائەت
دەرىجىسى:
945 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-02
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

كارۋان ئەپەندى خوتلۇق ماشىنا بولسا سول پۇت لېخېچىدىن باشقىسىغا كىرەك بومايدۇ دەيمەن ، ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنا بولسىمۇ تورمۇزنى ئوڭ پۇت بىلەن دەسسەش كىرەك ، سول پۇت بىلەن تورمۇزلاش تازا ياخشى ئەمەس ... [5KzawV  
jSY&P/[ xb  
يىڭى شوپۇرلار ئۆزى ھەيدەپ باشقا كەلگەندە كۆرمىسە بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ بولالمايدۇ ، لىكىن زىيىنى يوق كۆرۈپ قويغاننىڭ ..
 
مىنى باشتىن ئاخىرى ئالدىشىنى ئەخمەق قىلىشىنى ئويلىماپتىمەن ،
ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنىم يالغانچىلىق ئىدى ،مەن سۆيگەن قىز يالغانچىكەن ئەمەسمۇ!
خوندەك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6489

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1102 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16215 (سوم)
 ياخشى باھا:   903 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1429  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5092
 سائەت
دەرىجىسى:
5092 سائەت 178 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

بىلمىگەننى بىلىش ئاقىلنىڭ ئىشى، بىلمىگەننى سورىماسلىق ناداننىڭ ئىشى. ياخشى قىپسىز،رەھمەت.............
 
كارۋان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.79

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2473 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17088 (سوم)
 ياخشى باھا:   1619 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1451  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 478
 سائەت
دەرىجىسى:
478 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13
3-قەۋەت (alim0903) نىڭ يازمىسىغا

ۋوي بۇرادەر ھازىرقى ماشىنىلارنىڭ لېخېچا بىلەن تورمۇز سول تەرەپتە.ماي پەقەت مايلا ئوڭ تەرەپتە.سىز ئازاد ماركىلىق ئاپتۇمبىلنىڭ گىپنى قىلۋاتامسىز؟
 
ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
XAXBOWAK
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31142

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   31 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1140 (سوم)
 ياخشى باھا:   100 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   101  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 124
 سائەت
دەرىجىسى:
124 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-20
ئاخــىرقىسى:2011-03-13
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

كۈرۈشكە  ئەرزىيدىغان  تېمىكەن....  مەنمۇ  بۇ  ئىشلارغا  دېھقەت a4FvQH#j  
   قىلسام  بولغۇدەك،،.  ئاخسالىق  قىلىپ  بولۇشىغا  ھەيدەپ  بىرەر  ۋەقە HT/zcd)}#  
   چىقىپ  قالسا  ئارقا  ئورۇندىكى  قىزلار  بىلەن  تەڭلا  تۈگۈشۈپ I.I:2Ew+  
   كەتمەي  يەنە     
 
مەرتنى مەيداندا سىنا
parwjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30932

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1012 (سوم)
 ياخشى باھا:   100 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 47
 سائەت
دەرىجىسى:
47 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-19
ئاخــىرقىسى:2011-04-22
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

مەن ئېنتىھان بەرمەكچى بولۇپ تۇرۋاتقان ،كۆپ تەششەككۈر سىزگە.
 
ياخشى كۆردىغان ئشىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك ،پەقەت زىيانلىق بولمىسىلا.
alim0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21569

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   383 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5766 (سوم)
 ياخشى باھا:   206 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   320  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 945
 سائەت
دەرىجىسى:
945 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-02
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

قانداق ماشىنا ئىكەن ئۇ لېخىچى بىلەن تورمۇزنى سول پۇتتا دەسسەيدىغان ؟ 6n 3 7R#(  
5 يىلدىن ئېشىپتۇ ماشىنا ھەيدەۋاتقىلى ، ھازىر چوڭ ماشىنا ھەيدەۋاتىمەن ، ھازىرغىچە تورمۇزغا سول پۇتتا دەسسەيدىغان ماشىنا كۆرۈپ باقمىدىم دەيمەن  
 
مىنى باشتىن ئاخىرى ئالدىشىنى ئەخمەق قىلىشىنى ئويلىماپتىمەن ،
ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنىم يالغانچىلىق ئىدى ،مەن سۆيگەن قىز يالغانچىكەن ئەمەسمۇ!
ayyamguri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12846

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   898 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21015 (سوم)
 ياخشى باھا:   307 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3360
 سائەت
دەرىجىسى:
3360 سائەت 140 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

ياخشى تىما يوللاپسىز ،مەنمۇ يېڭى شوپۇر ،دىققەت قىلايلى جۇمۇ !
 
نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!
halis7575
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26104

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   130 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2514 (سوم)
 ياخشى باھا:   193 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   201  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1002
 سائەت
دەرىجىسى:
1002 سائەت 38 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-13
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

مەن 8 - چىسلا ماشىنامدا كاللا قويدۇم، ئاللاغا شۇكرى ھىلىمۇ ئادەم بىر نەرسە بولمىدى، شىنجىندىن گۇاڭجۇغا ماڭغان ئىدىم ، سۇرئەت 120 ئىدى ، ئالدىمدىكى ماشىنا تۇيۇقسىز قاتتىق تۇرمۇز تۇتتى ، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇزلاپ بولغۇچە كەينىمدىكى ماشىنا مىنىڭ ماشىنامنى سۇقۇۋەتتى ، ماشىنامنىڭ ئىككى يەل خالتىسى چىقىپ كەتتى ، كەينىدىكى ماشىنىمۇ ئوخشاش دەرىجىدە بۇزۇلۇپتۇ. مەسئۇليەتنىڭ ھەممىسى كەينىمدىكى ماشىنىغا كەلدى . بىراق ماشىنام يەنە 15كۇندە رىمۇنىتتىن چىققۇدەك ئاللا خالىسا
 
بىردەملىك ھىسيات ئۆمۈرلۈك پۇشايماننىڭ نىگىزى، شۇڭا ھىسياتىڭنىڭ تىزگىنىنى ئەقلىڭگە تۇتقۇزغىن
halis7575
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26104

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   130 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2514 (سوم)
 ياخشى باھا:   193 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   201  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1002
 سائەت
دەرىجىسى:
1002 سائەت 38 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-13
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

شۇڭا ئارلىق ساقلاپ مېڭىش كېرەك
 
بىردەملىك ھىسيات ئۆمۈرلۈك پۇشايماننىڭ نىگىزى، شۇڭا ھىسياتىڭنىڭ تىزگىنىنى ئەقلىڭگە تۇتقۇزغىن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى