مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2249 
  •    ئىنكاس 
       50 

باشقۇرغۇچىمىز  ئۇدۇن ئوغلى  بىلەن سۆھبەت

قەۋەت ئاتلاش
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4331 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55613 (سوم)
 ياخشى باھا:   2717 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2636  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1692
 سائەت
دەرىجىسى:
1692 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-10

   مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى ئۇدۇن ئوغلى  بىلەن سۆھبەت eL#pS=  
tV9nC   
   ئەدەبىي -ئەسەرلەرنى قىزىقىپ ئوقۇشقا بولغان زوقمەنلىكىم  بىلەن ھەر خىل مول بىلىملەر بىلەن كۆزنى چاقنىتىپ كېلىۋاتقان ،كۆڭۈللەرگە زوق بېغىشلايدىغان  ئەدەبىي -ئەسەرلەرنىڭ يىغىندىسى جەملەنگەن ،تور دۇنياسىنىڭ  يولباشچىسى بولغان مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ ،بۇ جايدىكى مول مەزمۇنلارغا تولغان ھەر خىل تىپتىكى ئەدەبىي  ئەسەرلەردىن بەھر ئېلىۋاتقىلى  ئىككى يىلدىن ئېشىپ قاپتۇ، بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان تور يازغۇچىلىرىنىڭ ھەر خىل ئەسەرلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ  چىقىپ،  روھىي ئوزۇق ئالدىم دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ ،مانا مۇشۇنداق بىر خىل قىزغىنلىق مېنىڭ  ئۆزىنىڭ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان، تىلى يېنىڭ،چوڭقۇر مەزمۇنلارغا باي بولغان ‹‹ئېھتىرام››‹‹ ئۇيغۇر قىزى›› ....قاتارلىق  ئېسىل شېئىرلىرى   بىلەن تور دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ مېنىڭلا ئەمەس ،بەلكىم  مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولغان تور شائىرىمىز ھەم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ھەممە ئەزالارنى قايىل قىلغان،ھۆرمەتكە نائىل  باشقۇرغۇچسى ئۇدۇن ئوغلىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنى چۈشىنىش ۋە تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش ئىستىكمنى ئويغاتتى،شۇ خىل كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە  مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى (ئۇدۇن ئوغلى)نى زىيارەت قىلىش ئىستىكىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ  ماقۇللىقىنى ئالدىم، مەن ئالدى بىلەن ئۆزىنى چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئۇدۇن ئوغلىغا ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇشۇنداق ئىللىق ماكان بولغان مىسرانىمنى بىزگە ھازىرلاپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختەر ( مىسرانىم)غا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. gsqlWfa  
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى  ئەزىز قېرىنداشلار، مەنكى مۇسىلىنەدىن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام، مەن ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى، كۈنلىرىڭلارنىڭ خۇشال –خۇراملىق ئىچىدە ئۆتىشىنى ئۇلۇغ اللاھتىن ھەر زامان تىلەيمەن.ھەممىڭلارغا بەخت –ئامەت يار بولسۇن، كۆڭلۈڭلار ئىنساپ –ئىمان، ئېتىقاد، شەرمى –ھايا نۇرلىرى بىلەن نۇرلانسۇن.....  5< GC  
    3-قېتىملىق ‹‹مىسرانىم مۇنبىرىدە تورداشلار بىلەن سۆھبەت ››زىيارەت مەزمۇنى مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى ئاشكار بىلەن ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ۋاقىت يېتىشمەسلىك مۇناسىۋىتى بىلەن  ۋاقتىنچە توختاپ قالغان ئىدى،مانا ھازىر ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ 4- قېتىملىق  ‹‹ مۇنبەرداشلار زىيارىتى››نى مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى ئۇدۇن ئوغلى بىلەن ئېلىپ بارماقچى، ئەمسە دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى زىيارەت مەزمۇنىدابولسۇن. 
    مۇسىلىنە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم،تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان شېئىرلىرىڭىزنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە نىسپەتەن ھەسسىلەپ ئاشقان قايىللىقىمنىڭ تۈرتكىسىدە سىز بىلەن سۆھبەتىلشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئالدى بىلەن ماڭا زىيارەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن سىزگە چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە ،ئائىلىڭىزدىكىلەرگە شادلىق ۋە ئامەت تىلەيمەن،بەخت ۋە ئامەت مەڭگۈ سىزگە يار بولسۇن، كۈنلىرىڭىز شادلىق ئىچىدە ئۆتسۇن.... *ELbz}Q  
   ئۇدۇن ئوغلى:ۋائالەيكۇم ئەسسالام مۇسىلىنە ھەدە،مېنى زىيارەت قىلماقچى  بولغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،سىزگە ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە شادلىق تىلەيمەن ھەم شۇنداقلا ماڭا تورداشلار بىلەن تونۇشۇش ۋە چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن سىزگە، مۇنبەرداشلارغا بىلىم ئېلىش ،ئۆزئارا چۈشىنىش،پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختەرگىمۇ چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.بۈگۈنكى سۆھبەت مۇناسىۋىتى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بولغان بارلىق مۇنبەرداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن ئالىي سالام يوللايمەن،ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن، كۈنلىرىڭلار شادلىق ئىچىدە ئۆتسۇن..... p./zW )7+  
   مۇسىلىنە:ئۇنداق بولسا سۆھبىتىمىزنى باشلاپ كەتسەك،ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى بىر تونۇشتۇرىۋەتسىڭىز قانداق( ئىسىم –فامىلىڭىز.يۇرتىڭىز،كەسپىڭىز،قىزىقىشىڭىز،ئۆچ كۆرىدىغىنىڭىز،ياقتۇرىدىغىنىڭىز...) ^0R.'XL  
    ئۇدۇن ئوغلى:ئىسم- فامىلەم : ئابدىجىلىل تۇرسۇنتوختى _)yn6M'Dt  
  يۇرتۇم: خوتەن(ئۇدۇن) (2[tQ`~  
  كەسپىم: ئوقۇتقۇچى ^J< I Ia4  
  قىزىقىشىم: ۋالىبول ئويناش، تارىخى كىتابلارنى ئوقۇش ، شېئىرىيەت h 
  ئۆچ كۆرىدىغىنىم: مەنمەنچىلىك، ھاكاۋۇرۇلۇق، ئۆزىنى بىلمەسلىك Ya<S/9c  
  ياقتۇردىغىنىم: تەبىئىيلىك -uIu-a]  
   مۇسىلىنە:ئىككىمىز  ئوخشاش بىر كەسپتە ئىكەنمىز،بۇ خىل ئەھۋال بىزنىڭ چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق دەپ ئويلايمەن. o|*ao2a  
سىزنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغان مول مەزمۇنلار بىلەن يۇغۇرۇلغان رەڭدار شېئىرلىرىڭىز مېنىڭلا ئەمەس يەنە نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ  ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ،كۆڭۈلگە يېقىشلىق بولغان ھەر بىر  شېئىرىڭىزنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزدىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ،  قايسى سەۋەب بىلەن شېئىرىيەت سېپىگە قەدەم قويغىنىڭىزنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟ O; 7`*}m  
  ئۇدۇن ئوغلى:   شېئىرىيەت تىلىنىڭ گۈزەللىكى، يىنىكلىكى، رېتىمدارلىققا، كۈچلۈك ئاھاڭدارلىققا ئىگە بولغانلىقى،  ئىپادىلەش دائىرسىنىڭ كەڭرىلىكى بىلەن بارلىق ژانىرلاردىن پەرىقلىنىپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. تارىختىن بويان نۇرغۇن شائىرلىرىمىز گۈزەل تىللار ئارقلىق ھايات ھىكمەتلىرىدىن ئۈنچىلەر تىزىپ، خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىپ كەلدى... قەدىمكى دەۋىرلەردىكى نەۋائى، نەۋبەتى، يېقىنقى دەۋىرلەردىكى ئابدىخالىق ئۇيغۇر، لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، روزى سايىت، بۈگۈنكى دەۋىردىكى مۇختار بۇغرا، ئادىل تونىياز، غۇجىمۇھەممەد، مۇھەممەدجان راشىدىن قاتارلىقلار دەل گۈزەل تىللار ئارقلىق شېئىرىيەتكە جان بەرگەنلەردۇر. 0/S|h"-L  
دەل مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شېئىريەتكە زور ئىشتىياق باغلىدىم ۋە ئاستا – ئاستا بۇ ساھەگە قەدەم قويدۇم. ]B/Gz  
   مەن ئۆزۈمنى شېئىريەت ساھاسىدىكى ئادەم دەپ قارىمايمەن. ئەمما، شېئىريەتكە قىزىققۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمدە گەپ يوق. مەن ئەمدىلا ئۆمىلەپ مېڭىۋاتقان بوۋاققا ئوخشايمەن. ئۇستازلارنىڭ تەلىملىرى، مۇنبەرداشلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرىلىرى ۋە يىتەكلەشلىرى ئاستىدا تەمكىن قەدەملەر بىلەن ماڭالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.   ig5 d-A  
    مۇسلىنە: مۇنبەردە ئېلان قىلغان شېئىرلىرىڭىزدا ئاساسەن يۇرتنى سۆيۈش،  ئەدەپ – ئەخلاق، ۋىجدان – غورۇر، دوستلۇق، ئىلىم ئۆگۈنۈش، ئاتا – ئانىنى ھۆرمەتلەش ۋە  ھازىرقى جەمئىيەتتىكى بەزىبىر ئىللەتلەرنى ئىپادىلەشنى ئاساس قىلىدىكەنسىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ h.d-a/  
    ئۇدۇن ئوغلى:شېئىريەت بىلەن شوغۇللانغۇچىلار نوقۇل ھالدىكى شېئىر ئىشلەپچىقىرش زاۋۇدى ئەمەس . بەلكى، ۋىجدانى، غورۇرى، كۈچلۈك مەسئولىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئەل – ۋەتەن، خەلىق، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى بولىشى كىرەك . شۇنىڭدەك مەلۇم بىر شېئىرنى يازغۇچى پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. كەڭ دائىردىن بىر مىللەتكە، خەلىققە ۋەكىللىك قىلىدۇ.مەن مۇشۇ نوقتىدىن شېئىرلىرىمدا ئاساسەن يوقارقى مەزمۇنلارنى يۇرتۇپ كەلدىم. }:<`L\8q\  
    مۇسىلىنە: مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرغان شېئىرلىرىڭىز بارمۇ ؟ ئەسەرلىرىڭىزنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ Q1yMI8  
    ئۇدۇن ئوغلى: ھازىرغىچە مەتبوئاتلاردا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرىم يوق. ئېلان قىلدۇرۇشنىمۇ ئويلىشىپ باقمىدىم. راست گەپنى قىلسام ئۆزۈمنىڭ يازغان شېئىرلىرىم ئۆزۈمگە يارىمايدۇ. مەن تېخىمۇ تاكامۇللىشىشقا تېرىشىمەن. }^U7NZn<"  
   مۇسىلىنە: ئىنىم ئابدىجېلىل، سىزنىڭ ھايات ھەققىدىكى مىزانىڭىزنى ۋە شوئارىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ؟ مۇمكىن بۇلارمۇ؟ s!(O7Ub  
   ئۇدۇن ئوغلى:ئەلۋەتتە،  ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ھايات مىزانى بولىدۇ. مەن ئۆز ھايات مىزانىمنى مۇنۇ شېئىرىم ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. ھايات مىزانىمنى شۇ شېئىرىمدىن بىلىۋالغايسىز
 
بۇ ھايات گۈزەلدۇر كۈلۈپ ياشايمەن، 5Iinen3>  
يوللىرى ئىگىز – پەس  كۈنۈپ ياشايمەن. qM= $,s*  
دوستلارچۈن ھەتتاكى جاندىنمۇ كىچىپ،  :FB-GNd  
دۈشمەنگە قاپاقنى تۈرۈپ ياشايمەن. ­ 7iMBDkb7  
  5x856RQ'  
بۇ ھايات گۈزەلدۇر كۈلۈپ ياشايمەن،    XrP'FLY o  
قەدرىمنى بىلگەننى سۆيۈپ ياشايمەن. vP6NIcWC3  
خەلقىمنىڭ سۈيىدە ئېقىپ بىر ئۆمۈر،  ;e Iqxe>  
يالقۇنلۇق  ئوتىدا كۆيۈپ ياشايمەن. -' :;0  
  *nS}1(u]  
بۇ ھايات گۈزەلدۇر كۈلۈپ ياشايمەن،   "/H B#  
بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياشايمەن.    8xf]zM"Q  
ئادالەت يولىدا پىدادۇر جانىم،  s/Ne,v  
ھەق بىلەن ناھەقنى بىلىپ ياشايمەن.   ]hE%Tk-  
ByyvRc,v  
بۇ ھايات گۈزەلدۇر كۈلۈپ ياشايمەن، +"J2k9E  
دولقۇنلۇق دېڭىزدا ئۈزۈپ ياشايمەن. N"/J1   
دېڭىزنىڭ تەكتىگە ئېتىپ ئۆزۈمنى، hk*@ 
ئونىڭدىن گەۋھەرنى سۈزۈپ ياشايمەن. ,4W~CkLD  
6&oaxAp 
بۇ ھايات گۈزەلدۇر كۈلۈپ ياشايمەن، q,;8Ka )  
ياخشى ھەم ياماننى كۈرۈپ ياشايمەن. RnV#[bM{  
ھاياتلىق يولۇمدىن قالسام گەر ئېزىپ،   K92nh/}y  
تەنبىھتە ئۆزۈمنى تۈزۈپ ياشايمەن. 1&Z#$iD  
  8kdJ;%^N  
بۇ ھايات گۈزەلدۇر كۈلۈپ ياشايمەن، zrDcO~w  
شەھۋەتكە شەمشىرىم ئۇرۇپ ياشايمەن. JnE\z*NB  
يامانغا روبىرو تۇرۇپ دائىما، P>}OwW  
يۇۋاشقا يانتاياق بۇلۇپ ياشايمەن. ]0o_- NI  
  Vq&}i~  
بۇ ھايات گۈزەلدۇر كۈلۈپ ياشايمەن، "?AJ(>wP  
خەلقىمدىن قۇۋۋەتكە تۇلۇپ ياشايمەن. ptQCqQ1_d  
ئەدەب ۋە ئەخلاقنى مىزانىم قىلىپ، V=d~}PJ>  
شەيتاننىڭ باغرىنى چۇۋۇپ ياشايمەن. |=u }1G?  
  Xk>YiV",?  
بۇ ھايات گۈزەلدۇر كۈلۈپ ياشايمەن، jvQpf d  
غەيۋەتنى دەپنە قىپ كۆمۈپ ياشايمەن. ?B32,AS@  
ئەجىر قىپ، تەر تۆكۈپ، مېھنىتىم بىرلە، %#7  ]  
خەلقىمگە گۈلدەستە سۇنۇپ ياشايمەن. Ghf/IXq#  
  b"JX6efnN  
    مىنىڭ شوئارىم: ئۆزۈمنى بىلىش، ئۆزگىنى تۇنۇش، ئۆزۈمدىن  ھالقىش $!goM~pZ  
?s5/  
    مۇسىلىنە: ئوتلۇق شېئىرىڭىز ئارقىلىق سىزنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىڭىزنى،مەسئۇلىيەتچانىلىقىڭىزنى،ئادىمىگەرچىلىكىڭىزنى،يۈكسەك پەزىلەتلىرڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم ۋە سىزگە بولغان قايىللىققىم تېخىمۇ ئاشتى.ھايات يوللىرىڭىز تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى. ;q33t% j  
    سىزدىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ ،قايسى تۈردىكى  كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىسىز؟  قايسى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى ياقتۇرىسىز؟ Dqg01_O9O  
    ئودۇن ئوغلى:تارىخى كىتابلارنى ئوقۇشنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇندىن باشقا كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دائىر، پەلسەپىگە دائىر كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇيمەن. Yln[ZmK9g  
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر،  ئابدۇقادىر جالالىدىنلارنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك، ئادەمنى ئويلىنىشقا، ئىزدىنىشكە، تىنىمسىز ئىزدىنىشكە دەۋەت قىلىدىغان ئەسەرلىرىنى.  نەۋائى، نەۋبەتى قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلارنىڭ دوردانە شېئىرلىرنى، رۇزى سايىت، مۇھەممەدجان راشىدىن قاتارلىقلارنىڭ ئاممىباب شېئىرلىرىنى، غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەد، ئادىل تونىياز قاتارلىقلارنىڭ تىل سەنئىتىگە باي شېئىرلىرنى ئوقۇشنى ياقتۇرىمەن ھەم كۆپرەك ئوقۇيمەن. * "d['V3  
     مۇسىلىنە: سىزنىڭ داۋاملىق مۇنبەرگە شېئىر يوللىغانلىقىڭىزنىلا كۆرىمەن،باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى يېزىپ بېقىشنىمۇ ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ -Oplk*  
     ئۇدۇن ئوغلى:خالمۇرات ئۆمەر ئاكىمىز دىگەندەك. ھەممىمىز پۇتبول مەيدانىغا كىرىۋالساق ، ھەقىقى پۇتبولچىلار نىمە ئىش قىلىدۇ. ئونىڭ ئۈستىگە مەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ‹‹قۇچقاچنى بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن›› دىگەن تەمسىلىگە بەك قايىل. قىسقىسى مەندە باشقا ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىنىتلىرى كەم. شۇڭا مەن ئەزەلدىن باشقا ژانىردىكى ئەسەرلەرنى يېزىپ بېقىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم. 6 
    مۇسىلىنە:قانداق بولۇپ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئىشتىياق باغلاپ قالغانلىقىڭىزنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ B=)tq.Q7  
    ئۇدۇن ئوغلى:راست گەپنى قىلسام، دەسلىپىدە دوستلىرىمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن كىرگەن. كىيىنچە مۇنبەرداشلارنىڭ قوللىشى، قىزغىنلىقى مىنى مۇنبەردىن ئايرىلالماس قىلىپ قويدى. |t6:4']  
     مۇسىلىنە: بىلىشىمچە سىز دەسلەپتە مىسرانىم مۇنبىرىگە ‹‹ئوستاز ››تەخەللۇسى بىلەن قەدەم قويغانغۇ دەيمەن،كېيىن نېمە ئۈچۈن ‹‹ ئۇدۇن ئوغلى››دېگەن ئىسىمنى تاللىغىنىڭىزغا قىزىقىپ قالدىم، مۈمكىن بولسا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟ IFbN ]N0  
     ئۇدۇن ئوغلى :دەسلەپتە مۇنبەرگە يىڭى ئەزا بولغان ۋاقتىمدا كەسىپ ئالاھىدىلىكىمگە ئاساسەن ئويلاشمايلا ‹‹ئۇستاز›› دىگەن نامنى قوللانغان ئىدىم. كىيىن بىر تورداش مەندىن ‹‹ئۇستاز›› نامىنىڭ مەنىسى، مىنىڭ شۇ نامغا لايىق، لايىق ئەمەسلىگىم قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەستائىدىل ئويلىنىپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. مانا شۇ توردىشىمىزنىڭ ئەينەك كەبى راست سۆزلىرى قەلبىمنى يۇرتتى. كۆپ ئويلاندىم. S0WKEv@ Hn  
   ‹‹ئۇستاز›› دىگەن نامغا يۈز كىلەلەمدىم؟ بۇ نامنى يۈزەكى چۈشىنىپ، قالايمىقان قوللانسام بولامدۇ؟ دىگەنلەر ئۈستىدە ئەستائىدىل ئويلاندىم. ھەمدە ئۆزۈم قەدىمى ئۇدۇن دىيارىنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ‹‹ئۇدۇن ئوغلى›› دىگەن نامنى ئىشلىتىشنى لايىق تاپتىم. bScW 
    مۇسىلىنە: مىسرانىم مۇنبىرىدە  باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ =gAn;~  
    ئۇدۇن ئوغلى:بەش ئايدىن ئاشتىغۇ دەيمەن. (9KiIRN   
    مۇسىلىنە: باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىنى ئىشلەش  جەريانىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىڭىز؟بۇ قىينچىىلقلارنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟ TG6E^3a P  
    ئۇدۇن ئوغلى: سىزمۇ بىلىسىز ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئىشخانىدا بىكار ئولتۇرۇپ قىلىدىغان خىزمەت ئەمەس. مەن مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىنى ئىشلەش جەرىيانىدىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىق ۋاقىت يىتىشمەسلىك بولدى. ئۇندىن باشقا مەن ئادەتتە كۆپرەك شېئىرى تىمىلارنى تەستىقلايمەن. بۇ جەرياندا بەزى شېئىرلارغا خېلىلا ئىشلەشكە توغرا كىلىدىكەن. باشقىلارنىڭ ئەجىرىنى سۈپەتسىز، پاخال دەپلا ئۈچۈرۈشكە قولۇم بارماي ، تۆزىتىشكە، ئىشلەشكە توغرا كەلدى. بەزىلەر بۇنى توغرا چۈشەنسە، يەنە بەزىلەر مىنى تىللىغانمۇ بولدى. مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەن ئۈچۈن خېلىلا قىينغا توختىدى. Q#PkfjXS  
ئ   ەمما مىنى خوشال قىلىدىغىنى مۇنبىرىمىزدىكى كۆپ قىسىملار يەنىلا سۈپەتنى چىڭ تۇتۇشنى قوللايدۇ. مىنى توغرا چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. Vrt*,R&  
    مۇسىلىنە: مۇنبەرنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا قانداق باھا بىرىسىز؟ 4Un%p7Y~  
     ئۇدۇن ئوغلى:گاھ مۇشائىرلەردە قەھ – قەھلەپ كۈلۈشتۇق، گاھ مۇنازىرلەردە ئۆز – ئارا قاپاق تۈرۈشتۇق. گاھ تىمىلاردىن مېھىرى مۇھەببەتنىڭ، ئاتا – ئانىنىڭ، يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلىشتۇق، گاھ بىر – بىرىمىزنى رەنجىتىپ باغىرىمىزنى تىلىشتۇق، گاھ تونۇشمىساقمۇ دوستلارچە قول بىرىشتۇق، گاھ رەقىبلەردەك بىر – بىرىمىز بىلەن ئېلىشتۇق، گاھ خەلقى ئالەم ئالدىدا مەرتلەرچە چېلىشتۇق... ئەمما ئاخىرى ھەقىقەت ھەممىدىن ئۈستۈنكەن، ئىنانلىق، ئىتتىپاقلىق ھەممىدىن مۇھىمكەن، ۋىجدان – غورۇر، شەرمى – ھايا ئىنساننىڭ زىننىتى ئىكەن، ئىلىم – ئىرپان ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى ئىكەن دىيىشتۇق. H{g&y o  
     مۇسىلىنە : مۇنبەردىكى سىز ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان تور  يازغۇچىلىر ى قايسى؟ &+")~2 +  
    ئۇدۇن ئوغلى:ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى سىزىپ، قەلبىمىزنى لەرزىگە سالدىغان ‹‹ئاشكار››، مىنى تولا يىغلىتىدىغان، ئويلاندۇرىدىغان ‹‹زامانى››، چوڭقۇر مەنىلىك، تېتىملىق شېئىرلارنى يازىدىغان ‹‹قىرغاق››(ئەسلىدىكى مۇش)، غەزەل پىشىۋاسى‹‹تارئۇرۇم›› ئەپەندى، ئوتلۇق كۈيلىرى بىلەن قەلبىمىزنى لەرزىگە سالىدىغان ‹‹ئوتقاش››، ‹‹ئۈرۈكجان›› ۋە مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقان بارلىق مېھنەتكەشلەر. HFW8x9Cc  
   مۇسىلىنە :   مۇنبەرداشلارنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىڭىز قايسىلار؟ aA=7x&z@  
    ئۇدۇن ئوغلى:‹‹نايناقلارغا ئوچۇق خەت››، ‹‹ئېھتىرام››، ‹‹ئۇيغۇر قىزى›› ، ‹‹پەخىرلىكمەن بولغىنىمدىن سەھرالىق›› ھەم ‹‹ئاز ئەمەس›› نامىدىكى يۈرۈشلۈك شېئىرلىرىم بىر قەدەر ئالقىشقا ئېرىشتى دەپ ئويلايمەن.   Qq<+QL|  
   مۇسىلىنە : مۇنبەردىكى سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشلار قايسى؟ mI,!8#  
  ئۇدۇن ئوغلى:بىرىنجى، مۇنازىردە ئىلمى بولماسلىق، مۇنازىرە تىمىسىدىن چەتنەپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىش. /=g$_m@yWI  
   ئىككىنجى، باشقىلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەم تەكلىپكە قارىشى ئىنكاس يېزىش. 'Omj-o'tn9  
    ئۈچىنجى، گوروھۋازلىق، يۇرتۋازلىق "p"~fN /I9  
     تۆتىنجى، قارغۇلارچە ئەگىشىش، مەيدانسىزلىق c52S2f7  
    مۇسىلىنە : مۇنبەرنىڭ سىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرەپلىرى ۋە ياقتۇرىدىغان سەھىپىلىرى قايسى؟ x%%OgO +>  
    ئۇدۇن ئوغلى:مۇنبەرنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرىپى. مۇنبەردىكى ياردەم تىمىلىرىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ ياخشىلىقى. مەن بارلىق سەھىپىلەرنى ياقتۇرىمەن. kB=\ a(  
     مۇسىلىنە :    مۇنبەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟ 6.k>J{GG  
     ئۇدۇن ئوغلى:مۇنبىرىمىز سان جەھەتتىن نۆۋەتتىكى مۇنبەرلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتىدۇ. سۈپەت جەھەتتىن تېخى تەلەپتىن خېلىلا يىراق. مەن مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالارنىڭ قوللىشى، تېنىمسىز مېھنىتى، تەھرىرخانىدىكى ھەر بىر باشقۇرغۇچىنىڭ ئەستائىدىل ئەمگەك قىلىشى، مۇنبەر قۇرغۇچىسى ئابابەكىرىنىڭ دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى ئارقىسىدا مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ تەدرىجى ساندىن سۈپەتكە، پاخالدىن جەۋھەرگە قاراپ تەرەققى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. {xCqz0  
    مۇسىلىنە: مۇنبەرگە قارىتا بېرىدىغان قانداق تەكلىپ –پىكىرلىرىڭىز بار؟ 1Ts$kdO  
   ئۇدۇن ئوغلى:بۇ ھەقتە ئارتۇق توختالماي. پەقەت مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالارنىڭ بۇ مۇنبەرنى ئۆز ئائىلىسى دەپ بىلىشىنى، بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرشىنى  ئۈمۈد قىلىمەن. W6jdS;3  
   مۇسىلىنە:بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانىڭىز( ئارزۇ –ئۈمىدلىرىڭىز )نېمە؟ .y>G /8_i  
    ئۇدۇن ئوغلى:ئەڭ ئاۋۋال تارىخ ۋە خەلق ماڭا تاپشۇرغان ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپەمنى ، ئەۋلاد تەربىيلەش بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىمەن. ۋاقىت چىقسا چامىمنىڭ يىتىشچە شېئىر يېزىپ مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمەن. كۆپرەك ۋاقتىمنى قەدىمى شېئىر شەكىللىرىدىن بىرى بولغان غەزەل ئۆگىنىشكە قارىتىمەن. /7uA f{  
     مۇسىلىنە:مۇنبەرداشلارغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز  باركىن؟ X*e 
    ئۇدۇن ئوغلى:ئىنسان ھاياتى تۇلىمۇ چەكلىك بولىدۇ. $kd 9^lj#[  
بەزىلەر چەكلىك ھاياتىنى چەكسىز مەنالار بىلەن بىزەيدۇ. ھايات بېغىنى ئەخلاق گۈللىرى بىلەن تولدۇرۇپ، ۋىجدان – غورۇر ئوغۇتىدا ئوغۇتلاپ، ساداقەت سۈيىدە سوغۇرۇپ پەرۋىش قىلىدۇ.  يەنە بەزىلەر ئۆزىنى ئەيشى – ئىشرەت دەرياسىغا ئېتىپ، كەيىپ – ساپا قۇلۋىقىغا چىقىۋېلىپ، شەيتان بىلەن سۆھبەت قۇرىدۇ. .{4U]a;[  
   يوقارقى ئىككى خىل ئادەملەردىن ئىككى خىل ئاقىۋەتنىڭ چىقىشى ئېنىق. ئالدىنقى ئادەم ھامان ھۆرمەت تونىنى كىيىپ، شان – شەرەپ تاجىنى تاقاپ ، ئەلنىڭ قەلبىدە سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرىدۇ. كىيىنكى ئادەم بولسا ئىشرەت پاتقىقىغا پېتىپ، ئەسلىنى ئۇنتۇپ ئەل قەلبىدە تىرىك تۇرۇپ ئۆلىدۇ. E @7);i5K  
    تورداشلار سىلەر زادى قايسى خىلدىكى ئادەم بولماقچى؟؟؟ PEPf=sm  
    ئاخىرىدا مۇسلىنە ھەدە ،سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.... o>Q =V 0?  
    مۇسىلىنە:سىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ مۇنبەردىكى ئۆزئارا دوستلۇق، چۈشىنىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرەلىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆپ خۇرسەنمەن،اللاھ تېنىىڭزنى سالامەت قىلسۇن ،ئىشلىرىڭىزغا ئاسانچىلىق بەرسۇن..... S94S[j0D  
  k.!m-5E  
    ئەزىز مۇنبەرداشلار، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇدۇن ئوغلى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، قالغان كەم قالغان تەرەپلەرنى تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ كېتىشىنى ۋە مۇشۇ قېتىملىق سۆھبەت مەزمۇنىنى كۆرۈش  داۋامىدا ئۇدۇن ئوغلىدىن، مەندىن سورايدىغان سوئاللىرى بولسا ئىنكاس شەكلىدە يوللىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇنبەردىكى ئەزالار بىلەن داۋاملىق ھەمسۆھبەتتە بولۇپ  ،مۇنبەرداشلار  ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش، دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ  ئىلگىرى سۈرىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تەييارمەن.خەير -خوش.... << مۇنبەرداشلار بىلەن سۆھبەت>>نىڭ كېيىنكى سانىدا كۆرىشەيلى........  t>JPK_b0  
  P; 9{;  
  ~;yP{F8?  
مەنبە : ئەمىلىي زىيارەت مەزمۇنلىرى Zk> #T:{h  
k%%0"+y#a  
 |: ,i  
[ بۇ يازما Asman تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 3 پارچە
moghal مۇنبەر پۇلى +200 02-24 مۇشۇنداق تىمىلار بىلەن مۇنبەرداشلارنى چۇشۇنىش پۇرسىتى ياراتقانلىقىڭىزغا رەھمەت
KirGak مۇنبەر پۇلى +100 02-22 ئۇدۇن ئوغلى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇشۋالغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.
adella مۇنبەر پۇلى +300 02-22 رەخمەت
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
ئارقۇ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15755

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   352 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6887 (سوم)
 ياخشى باھا:   409 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   484  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6101
 سائەت
دەرىجىسى:
6101 سائەت 189 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22
Re:مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى ئۇدۇن ئوغلى  بىلەن سۆھبەت

  ئۇدۇنجاننى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگىنىمدىن خۇشالمەن.ئۇنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن خەلقىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيلەش روھىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.ئۇنىڭدىن قالسا ئۈزلۈكسىز ئۈگۈنۈپ ئۆزىنى تاكامموللاشتۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش روھىنى ئەينەك قىلىشقا بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم.مۇۋەپپەقىيەت تىرىشچانلارغا مەنسۇپ.ئالغا ئۇدۇن....
 
ئاددىي ئادەم دائىم ياش تۇرۇدۇ.ياخشىچاق ئادەم ئاسانلا قېرىپ كىتىدۇ.
قاباھەتكە خەيرىلىك قىلىش مۈمكىن ئەمەس.ئەڭ موھىمى قاباھەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش.
wazipa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31310

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   179 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1793 (سوم)
 ياخشى باھا:   117 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   107  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 24
 سائەت
دەرىجىسى:
24 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22

مەن يىڭى ئەزا بولغاچقا بلىمەيدىكەنمەن `ھازىر بىلۋالدىم! تىرىشڭ ئۇدۇن
 
今天失去了很重要的东西,学会了一个道理。“人永远要保持谦虚,因为永远有人比你杰出!”
kixlak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17326

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   382 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7097 (سوم)
 ياخشى باھا:   288 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   401  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 859
 سائەت
دەرىجىسى:
859 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22

مۇسىلىنە ھەدىمىزنىڭ بۇ خىل شەكىلدىكى مەزمۇنلار بىلەن تور بەتتىكى تىرىشچان، ئىزدىنىشچان ئەزالارنىڭ ئەھۋالىنى بىزگە بىلدۈرگۈ قىلغان خالىسانىلىق بىلەن تىنماي ئىشلەش روھىغا ئاپىرىن! h]&o)%{4  
ئودۇن ئوغلىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئوتۇق تىلەيمەن!
 
كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.
arif
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5544

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1205 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21189 (سوم)
 ياخشى باھا:   1595 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2226  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1751
 سائەت
دەرىجىسى:
1751 سائەت 139 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22

ئوقۇتقۇچىلىق ھەم شەرەپلىك ھەم جاپالىق خىزمەت ،بۇنى پەقەت ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققانلارلا بىلىدۇ .مەزكۇر سۆھبەت ئارقىلىق ئۇدۇن ئەپەندىنى ئەتراپىلىق چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن تولمۇ خۇشالمەن .مۇسلىنە سىزگىمۇ رەھمەت ،جاپا چەكتىڭىز ،بولسا ئېرىنمەي تېخىمۇ كۆپ ئەزالار بىلەن چۈشۈنۈش پۇرسىتى ھەم سورۇنىنى بىزگە ھازىرلاپ بېرىشىڭىزنى ،مەزكۇر سەھىپىنى تېخىمۇ بېيتىپ مۇنبەر گە تېخىمۇ يڭى تۈش قوششىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ،ئاخىردا ئۇدۇن ئەپەندىنىڭمۇ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
 
    ئەڭ يېڭى تور بەتلەر    http://www.xjyiyao.tv
KirGak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22404

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   287 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10878 (سوم)
 ياخشى باھا:   207 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   284  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2326
 سائەت
دەرىجىسى:
2326 سائەت 194 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-15
ئاخــىرقىسى:2011-08-02
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22

مۇسلىنە ھەدىمىزنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىسى ۋە تالانتلىق شائىرى ئۇدۇن ئوغلى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن. دوستۇمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
 
بىلىمەن دوستلىرىم ئۆلۈپ كېتىمەن،
ئۆلۈمنى ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن.
بەزىلەر دوزاققا كىرىسەن دەيدۇ،
كېرەك يوق ئۇ يەرگە كۈنۈپ كېتىمەن.
Gulbike
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.20583

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1555 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1536 (سوم)
 ياخشى باھا:   261 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2452
 سائەت
دەرىجىسى:
2452 سائەت 68 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-03
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22

ئۇدۇن ئاكىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندىم، يەنىمۇ تىرىشىڭ ئاكا، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ،تېنىڭىزغا سالامەتلىك يار بولسۇن! Ifq|MZ\  
ئۇدۇن ئاكىمىزنى چۈشىنىش پۇرسىىتىگە ئىگە قىلغان مۇسلىنە ھەدەمگىمۇ رەھمەت!   
 
yanghin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1354

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   113 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17946 (سوم)
 ياخشى باھا:   303 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   337  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1749
 سائەت
دەرىجىسى:
1749 سائەت 141 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-18
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22

ئۇدۇننىڭ بۇندىن كىيىنكى بارلىق ئىشىلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . a#,lf9M  
بىزگە ئۇدۇن ئوغلىنى چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان مۇسلىنەگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن . om,=.,|Ld  
.ئۇدۇننىڭ خىزمىتى ئۇڭۇشلۇق ، تېنى سالامەت بولغاي ...
 
قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟
sawapkar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14934

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   591 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10341 (سوم)
 ياخشى باھا:   587 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   892  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 436
 سائەت
دەرىجىسى:
436 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22

يۇرتىشىمىز بىلەن يەنى مۇنبەر باشقۇرغۇچىمىز بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن تەپسىلى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن    
 
ھاياتقا بەزدە كۈلگۈم كىلدۇ
خاتالىق ئوتكۈزسەم تۈزگۈم كىلىدۇ
نە ئامال ھېچ كىشى مەندەك ئەمەسكەن
شۇڭلاشقا ئۇن تۈنسىز يۈرگۈم كىلىدۇ
15199293643
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31079

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   21 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1072 (سوم)
 ياخشى باھا:   98 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-20
ئاخــىرقىسى:2011-05-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22

نىمە  دىسەم  بۇلار  ھەقىقەتەن  قالتىسكەن     
 
ئەجەل
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.23152

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   540 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3931 (سوم)
 ياخشى باھا:   178 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 947
 سائەت
دەرىجىسى:
947 سائەت 93 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-29
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22

مەن مۇنبەردە ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان، ۋە ھۆرمەتلەيدىغان <ئۇدۇن ئوغلى>بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە نائىل  بولغىنىمدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن!ۋە مۇشۇ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن مۇسلىنە خانىمغا رەھمەت ئېيتىمەن!(پاق-پۇق،پاق-پۇق،پاق-پۇق)گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنە سۆزى ئاخىرلاشتى! ]y@9 z b  
ئەمدى ئاساسى گەپكە كەلسەك مەن ئۇستازنىڭ كىچىك پېئىللىقىغا ،ۋە ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى،ۋەزنىگە بەك قايىل! بولسا بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
 
كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ.
شەرەپ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10414

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   824 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11245 (سوم)
 ياخشى باھا:   541 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   632  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8041
 سائەت
دەرىجىسى:
8041 سائەت 149 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-22

ياخشى تىمىكەن. ئۇدۇن ئوغلىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
 
قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى