<<ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە ئاجىزلىقلار>> ناملىق كىتاپتىن ئارىيە
B#1:Y;Z
يازغۇچى : دالې كارنىگ ( 1888 - يىل 11- ئاينىڭ 24 -كۈنى تۇغۇلۇپ، 1955 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋاپات بولغان) zkd3Z$Ce
شىنجىياڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدىن 1989 - يىل تۇنجى نەشرىدىن چىققان. >o#ERNf
[ne"
T قانداق قىلغاندا تىجارەت جەھەتتىكى غەم - قايغۇنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟
L1rwIOgq^ بىز ھەمىشە بىر - ئىككى سائەت يىغىن ئېچىپ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىمىز يۇ، ھەقىقىي مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالمايدۇ. >jv\Qh
مۇبادا سىز بىر تىجارەتچى بولسىڭىز، شۇ تاپتا ئۆز - ئۆزىڭىزگە:<<بۇ بەك تېتىقسىز تېما بۇلۇپ قاپتۇ، مەن بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 19 يىل بولدى، بۇ سوئالغا جاۋاپ ئىزدەش توغرا كەلسە، ئەلۋەتتە جاۋاب مەندىن چىقىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، خەقلەر ماڭا تىجارەت جەھەتتە 50 پىرسەنت ئاۋارىچىلىقىنى ئېيتىپ بەرمەكچى بۇلۇۋىتىپتۇ - بۇ ئۇچىغا چىققان تېتىقسىزلىق>>دېيىشىڭىز مۇمكىن. QGXQ {
بۇ گەپنىڭ ھېچبىر خاتاسى يوق. نەچچە يىل ئىلگىرى بۇنداق تېمىنى ئۇچراتسام، مەنمۇ ئاشۇنداق تۇيغۇدا بولغان بولاتتىم. بۇ تېما سىزنىڭ نۇرغۇن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلەيدۇ، ئەمما ئۇنداق قۇرۇق گەپ بىر تىيىنگە ئەرزىمەيدۇ. \
ئەمدى گەپنىڭ توچكىسىغا كېلەيلى. بەلكىم مەن ھەقىقەتەن سىزنىڭ تىجارەت جەھەتتىكى 50 پىرسەنت غەم - قايغۇنى تۈگىتىشىڭىزگە ياردەم بىرەلمەسمەن. باياتىنقى تەھلىلىمدىن قارىغاندا، سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزدىن باشقا ھىچكىم ياردەم بىرەلمىگۈدەك، بىراق مەن سىزگە بۇ جەھەتتە باشقىلارنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپلا قويالايمەن. قالغان ئىشلار ئۆزىڭىزگە باغلىق. _r]nJEF5
يۇقىرىدا دۇنياغا مەشھۇر ئاللىسېس كوررېل دوكتورنىڭ <<غەم - قايغۇغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمىگەن سودىگەرنىڭ ئۆمرى كۆتەي>> دېگەن سۆزىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. kymn)Ea
غەم - قايغۇ شۇنداق يامان نەرسە بولغىنىدا، مەن سىزنىڭ غەم - قايغۇنى تۈگىتىشىڭىزگە ياردەم بېرەلىسەم - ھەتتا ئون پىرسەنتىنى تۇگىتىشىپ بەردىم دېگەندىمۇ، سىز رازى بولامسىز- يوق؟... رازى بولىسىز؟... ناھايىتى ياخشى، ئۇنداقتا تۆۋەندە بىر تىجارەتچىنىڭ قانداق قىلىپ كۆڭلىدىكى غەم - قايغۇنىڭ 50 پىرسەنتىنى تۈگىتىش بىلەن قالماي، بەلكى يەنە قانداق قىلىپ يىغىن ئېچىش، تىجارىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئازايتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرەي. #\LZ;&T'N
مەن بۇ يەردە سىزگە سىز ئىسپاتلىيالمايدىغان ئشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. بۇ ھېكايىنىڭ ئاساسىي پىرسوناژى ھايات بىر كىشى - لېئون شۈمېڭجىن. ئۇ كۆپ يىللار مابەينىدە سىمون نەشرىياتىدىكى بىر نەچچە يۇقىرى تەبىقە ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلىرىدن بىرى بولۇپ كەلگەنىدى، ھازىر نيو يورك شتاتىغا قاراشلىق نيو يورك شەھىرىنىڭ روكېفېللىر مەركىزىدىكى ئەپچىلگىنە بىر كىتاب شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى.
<<15يىلدىن بۇيان، مەن ھەركۈنى يېرىم كۈن دىگىدەك يىغىن ئىچىش ۋە مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بەند بۇلۇپ كەلدىم. بىز ئۇنداق قىلىشىمىز كېرەك، مۇنداق قىلىشىمىز كېرەك دېيىشتۇق - ياكى ھېچ ئىش بىلەن كارىمىز بولمىدى. ناھايىتى جىددىي ئۆتتۇق، ئۇرۇندىقىمىزدا خاتىرجەم ئولتۇرالمىدۇق، ئىشخانىدا قاتراپلا يۇردۇق، بىر - بىرىمىز بىلەن مۇنازىرە قىلىشتۇق، بىر دائىرىنى توختىماي ئايلاندۇق، كەچ بولغۇچە ھېرىپ ھالىم قالمىدى. مەن ئۆمۈر بويى ئاشۇنداق ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن دەپ قارىدىم. 15 يىلنى شۇ تەرىقىدە ئۆزكۈزدۈم، ئىزچىل تۈردە ئوبدانراق بىر چارە تېپىشنى ئويلاپ كەلدىم. ئۇ كەملەردە ئەگەر بىرەرى ماڭا يىغىن ئاچقان ۋاقتىڭىزنىڭ تۆتتىن ئۈچىنى قىسقارتسىڭىز نېرۋىڭىزدىكى جىددىيلىكنىڭ تۆتتىن ئۈچى ئازىيدۇ دىگەن بولسا، مەن ئۇنى كۆزىنى چەكچەيتىپ، ئاغزىنى ئېچېپلا تۇرىدىغان، ئىش ئۇقمايدىغان ئۈمىدۋارلاردىن ئىكەن، دەپ قارىغان بولاتتىم. ئاخىر مەن ئۆزۈم دەل ئاشۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر پىلان تۈزۈپ چىقتىم. بۇ چارىنى سەككىز يىل قۇللاندىم، بۇ چارە ئىش ئۈنۈمۈم، سالامەتلىكىم ۋە شاد - خورام ئۆتۈشۈم ئۈچۈن مەن ئويلىغاندىن ئارتۇقراق نەپ بەردى. t-!m
vx9Z
بۇ گەپ قۇلاققا سىھرىگەرلىك ئويۇنىدەك بىلىنىدۇ - بىراق بارلىق سىھرىگەرلىككە ئوخشاش، ئۇنىڭ سىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ھامان، ئىش ناھايىتىمۇ ئوڭايغا چۈشىدۇ. '#A:.P
تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى سىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي: بىرىنچى، 15 يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كىلىۋاتقان يىغىن تەرتىپىمىزگە دەرھال خاتىمە بەردىم - ئىلگىرى ئادەمنىڭ كاللىسىنى قوچىۋىتىدىغان خىزمەتداشلار يىغىندا ئالدى بىلەن مەسىلىنىڭ ئۇجۇر - بۇجىرلىرى چالا قويماي باشتىن - ئاخىر دوكلات قىلىناتتى، ئاندىن <بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك> دېگەن مەسىلە ئوتتۇرغا قۇيۇلاتتى. ئىككىنچى، بىر يېڭى قائىدە تۈزۈپ چىقتىم، يەنە بىرەر مەسىلىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەلمەكچى بولغان ھەرقانداق ئادەم ئالدى بىلەن بىر پارچە يازما دوكلات تەييارلىشى، دوكلاتىدا تۆۋەندىكى تۆت مەسىلىگە جاۋاب بېرىشى كېرەك دەپ بىكىتتىم: +qhnP$vIe
1. زادى قانداق مەسىلە كۆرۈلدى؟ Sl"BK0:%7
ئىلگىردىكى يىغىنلىرىمىزدا ھەقىقىي مەسىلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىر - ئىككى سائەتكىچىمۇ ھېچكىم ئادىڭلاشتۇرۇلمايتتى. كۆپ ھاللاردا مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشقا كىرىشكەنگە قەدەر، ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ مەسىلىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى يېزىپ چىقىشقا كۆنمەيتتۇق. 0yz~W(tsm
2. مەسىلىنىڭ سەۋەبى قەيەردە؟ XMw.wQ'?
مەن ئەسلەپ كۆرۈش ئارقىلىق، بۇ خىل يىغىنلاردا بىر تالاي ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغان تۇرۇقلۇقمۇ، مەسىلىنى تەشكىل قىلغان ئاساسى ئەھۋالنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقالمىغانلىقىمنى چۆچىگەن ھالدا سەزدىم. TY~Vi OC
3. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قانداق چارىلىرى بار؟ tFiR!f)
ئىلگىرىكى يىغىنلاردا بىرەيلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر خىل چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بىرەيلەن قوپۇپ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرلىشىپ كېتەتتى، كۆپچىلىك ئاچچىقلىنىپ، سۆزلە - سۆزلە گەپنى باشقا تىمىلارغا ئېلىپ باراتتى. يىغىن ئاخىرلاشقاندا بولسا، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى تېخى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولاتتى. @o&Ytd;i
4. سىزنىڭچە قايسى خىل چارىنى قوللىنىش كېرەك؟ e #M iaX
ئىلگىرى مەن بىلەن يىغىنغا قاتناشقانلار بىر خىل ئەھۋال ئۈچۈن نەچچە سائەتكىچە غەم يەيتىيۇ، يەنە شۇ بىر دائىرىدىن چىقىپ كىتەلمەيتتى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈرلۈك چارىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەيتتى، ئاخىردا يىغىن خاتىرىسىگە: مېنىڭ تەكلىپىم مۇشۇ خىل لايىھىنى قوللانساق دەپ يېزىلاتتى. NI.`mc6Xd
ھازىر قول ئاستىمدىكىلەر ئۆزىگە تەۋە مەسىلىلەر ئۈچۈن مېنى ناھايىتى كەم ئىزدەيدۇ. نىمىشقا؟ چۈنكى ئۇلار شۇنى تۇنۇپ يەتتىكى، يۇقۇرىدىكى تۆت مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بارلىق پاكىتلارنى توپلاپ، يۇلۇققان مەسىلىلىرى ئۈستىدە پۇختا ئويلىنىشى كېرەك، بۇ ئىشلارنى ئۇرۇنداپ بولغىچە، مەسىلىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى ھەل بولۇپ كېتىدۇ - دە، ئۇ توغرۇلۇق مەن بىلەن مەسلىھەتلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ. چۈنكى، ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق لايىھىسى بولكا ماشىنىسىدا پىشىپ چىققان بولكىغا ئوخشاش تەييار بۇلۇپ قالىدۇ. بەزى مەسىلىلەرنى جەزمەن مەن بىلەن مۇزاكىرلىشىش توغرا كەلگەندىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ئىلگىرىكى كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشمايدۇ، چۈنكى مۇزاكىرە جەريانى ناھايىتى تەرتىپلىك ۋە مەنتىقىلىق ئورۇنلاشتۇرۈلىدۇ، ئاخىردا ئىنتاينى ئېنىق يەكۈن چىقىرىلىدۇ. bAiJn<
بۈگۈنكى كۈندە ئەپچىل كىتاب شىركىتىنىڭ ئىشخانىسىدا بىر مۇنچە ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان ۋە ئۇنى مۇزاكىرە قىلىپ ئولتۇردىغانلار قالمىدى، ھەممەيلەن مەسىلىنى ئۆزى قول سېىلىپ ھەل قىلىدىغان بولدى.>> r|fO7PD
فىرانىك بېچىل ئامېرىكىنىڭ ئىستاراخۋانىيە ساھەسىدىكى كاتتا ئادەم. ماڭا ئېيتىشىچە، ئۇمۇ يۇقۇردىكى ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق ، تىجارەت جەھەتتىكى غەم - قايغۇسىنى ئازايتىپلا قالماستىن، بەلكى كىرىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان. B.*"Xfr8
<<نۇرغۇن يىللار ئالدىدا، - دەيدۇ فىرانىك بېچىل ، - ئىستاراخۋانىيە ئۈچۈن بازار تېپىشقا كىرىشكەن چاغدا، ئۆز خىزمىتىمگە چەكسىز سەمىمىي نىيەت ۋە مۇھەببەت باغلىغان ئىدىم. كېيىن بىر ئىش يۈز بەرگەچكە، لاسسىدە بۇلۇپ قالدىم، ئۇ خىزمەتتىن رايىم قايتتى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇم. خىزمىتىمدىن ئېستىپا بەرگىلى تاس قالدىم - شۇ ئارىلىقتا كاللامغا بىر ئىش كەلدى. بىر شەنبە كۈنى ئەتىگەندە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ، ئۆزۇمدىكى غەم - قايغۇنىڭ مەنبەسى ئۇستىدە ئىزدەندىم. c+2sT3).D
بىرىنچى، .ئالدى بىلەن ئۆزۈمدىن: <مەسىلە زادى قەيەردە؟> دەپ سورىدىم. مەسىلە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، شۇنچە كۆپ ئادەمنى زىيارەت قىلىپمۇ تۈزۈكرەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. قولغا كېلىش ئىھتىمالى بولغان خېرىدارلار بىلەن خېلى ئوبدان پاراڭلاشتىم. ئەمما پۈتۈشىشكە ئاز قالغاندا، ئۇلار: ھەي <مەن يەنە ئويلۇنۇپ كۆرەي، بېچىل ئەپەندى، كېيىن كەلگىنىڭىزدە بىر نەرسە دېيىشەرمىز> دەپ گەپنى تۈگەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنى يەنە ئىزدىشىمگە توغرا كېلىپ، بىر مۇنچە ۋاقتىم بىكارغا كەتتى، بۇنىڭدىن قاتتىق مەيۈسلەندىم. .$0Pr%0pWI
ئىككىنچى، ئۆزۈمدىن يەنە:<بۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قانداق چارىسى بار؟> دەپ سورىدىم، بۇ سوئالغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىلگىرىكى پاكىتلارنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشكە، ئۆتكەن 12 ئايدىن بۇيانقى خاتىرەمنى ئاچىقىپ، ئۇنىڭدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشىمغا توغرا كەلدى. CT p!di|
نەتىجىدە، خاتىرەمگە ئىنتايىن ئېنىق پۈتۈلگەن مەلۇماتلار ئىچىدىن ئادەم چۆچۈگىدەك بىر پاكىتنى سەزدىم، ئۇ شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، مەن قولغا كەلتۇرگەن ئستراخۋانىيىنىڭ 70 پىرسەنتى تۈنجى قېتىم كۆرۈشۈش بىلەنلا ۋۈجۈتقا چىقىپتۇ؛ 23 پىرسەنتى ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىن ئاندىن ۋۈجۈتقا چىقىپتۇ؛ پەقەت يەتتە پىرسەنتىلا، ئۈچۈنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى ...قېتىم ئۈچراشقاندىن كېيىن ۋۈجۈتقا چىقىپتۇ؛ بۇ يەتتە پىرسەنت مېنى جىق قېينىدى، بىر مۇنچە ۋاقتىمنى ئېلىپ كەتتى. باشقىچە ئېيتقاندا، خىزمەت ۋاقتىمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئەمىلىيەتتە ئاشۇ يەتتە پىرسەنت ئۈچۈن زايە بۇلۇپ كەتتى . 0x ~`5h
- ئۈچۈنچى، <ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟> بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، ئىككىنچى قېتىمدىن كېيىنكى زىيارەتنىڭ ھەممىسىنى توختىتىپ، بوش قالغان ۋاقتىمدا يېڭى خېرىدار ئېزدىشىم كېرەك. بۇ چارە ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئوبدان ئۈنۈم بەردى: قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، ھەر قېتىمدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 يۈەن 80 پۈڭ تېپىشتىن 4 يۈەن 27 پۈڭ تېپىشقا نائىل بولدۇم.>> PsbG|~
فرانىڭ بېچىل جىسمانىي ئىستراخۋانىيىگە بازار تېپىش جەھەتتە ئامېرىكا بويىچە مەشھۇر بولۇپ، ھەر يىلى ئستراخۋانىيە كەسپىدىن 1 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدۇ. ئەمما، بىر مەزگىل بۇ كەسىپتىن ۋاز كەچمەكچى بولغان، ھەتتا مەغلۇپ بولغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلغىلىمۇ تاس قالغان. ئاخىردىچۇ؟ مەسىلىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى ئۇنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشلىغان.
%w5[*V
سىز بۇ چارىنى ئۆز مەسىلىڭىزگە تەتبىق قىلالامسىز - يوق؟ بۇ بىر نەچچە مەسىلىنى تۆۋەندە يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتەي: mmP U
1. مەسىلە قەيەردە؟ *
t!r@k
2. مەسىلىنىڭ سەۋەبى قەيەردە؟ bfdVED
3. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قانداق چارىلىرى بار؟ ,2,5Odrz
4. سىزنىڭچە قايسى خىل چارىنى قوللىنىش كېرەك؟ EB,4PEe:
تامام B4Lx{uno
--------------------------------------------------------- 8\#
^k#X
تۆۋەندىكى ئۆز قەلىمىم
مەن بۇ بابقا قارىتا ئۆز يەكۈنىمنى بايان قىلماقچى:
1. مەسىلە قەيەردە؟ |"7Y52d
بۇ سوئال ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىش كېرەك . چۈنكى ھەرقانداق بىر مەغلۇپ بولغان تىجارەت ياكى خىزمەتتە چوقۇم سەۋەپ ۋە مەسىلە جەريانى بولىدۇ، بىز پەقەت شۇنى ھەقىقىي ئىزدەنگەندىلا ئاندىن سەۋەبىنى تاپالايمىز. بەلكىم سىز ئاشۇنداق مەغلۇبىيەتنىڭ بېسىمىدا مەسىلىنىڭ قايەردە ئىكەنلىكى بىلەن ئەمەس، مەن نىمىشقا بۇنداق بولۇپ قالىمەن، بۇ ئىشلار نىمىشقا دائىم مېنىڭلا بېشىمغا كېلىدۇ دىگەندەك بىمەنە خىياللار بىلەن كۈنىڭىزنى غەزەپ - نەپرەت، ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ياكى بىمەنە ئىشلار بىلەن ئوزىڭىزنى مەس قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقانسىز. ئاگاھ بۇلۇڭكى!!! بۇ قىلمىشلىرىڭىز سىزنى ھالاكەتكە باشلايدۇ.
2. مەسىلىنىڭ سەۋەبى قەيەردە؟
دىمەك سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ھۇشىڭىزنى يۇقىتىپ قويماستىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئسسىق بىر پىيالە چاي دەملەپ، تېنچ شارائىتتا ئولتۇرۇپ ، شۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىڭ، ئىزدىنىڭ.
ھەرگىزمۇ تاپالمىدىم ، - دىمەڭ، ئەگەر سىز راستلا تاپالمىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ كېيىنلىكىڭىز مەغلۇبىيەت بىلەن داۋاملىشىدۇ،سىزدىن غەلبە سۆزىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، چۈنكى سەۋەپسىز ئىش بولمايدۇ، خۇددىي خەنزۇ تىلىدىكى بىر جۈملە تەمسىلدەك:<<世上没有巧合>>. ھېچقاچان تاسادىبىلېق بولمايدۇ.دىمەك ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. ھارىز دۆلىتىمىزدە كۇزگە كۆرىنەرلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەر مىللەت كارخانچىلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى تاسادىبىلىقتىن بولغانمۇ، ئەلۋەتتە ياق، ئۇلارمۇ نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى
تەجرىبىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا يىڭى نىشانلارنى قايتىدىن كۆزلىگەن، ھەرگىزمۇ تاسادىبىلىقتىن بولغان ئەمەس.
3. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قانداق چارىلىرى بار؟
ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭىزنى قايتىدىن ئويلاڭ، ئوزىڭىزنىڭ قىلغان ھەر بىر ئشىلىرىڭىزنى تەپسىلى ئويلاشقا تىرىشىڭ، ئاندىن مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تاپقىنىڭىزدا، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشقا چارە - ئامال ئۈستىدە ئويلىنىڭ، ھەرقانداق ئشنى قىلغاندا ياكى قىلىۋاتقاندا، سوقۇققانلىق بىلەن ئىش قىلىڭ، ھەرگىزمۇ: بولسا بولا ، بولمىسا ئىزى بولار دىگەندەك بىمەنە ئشلارنى قىلماڭ، ئەگەر شۇنداق نادان خىيال بىلەن ئىش قىلسىڭىز، راستىنلا ئۇششۇقلىق قىلغان بولىسىز.
4. سىزنىڭچە قايسى خىل چارىنى قوللىنىش كېرەك؟ .=<$S#x^Hb
مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىنى تاپقان ۋاقتىڭىزدا مېنىڭچە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ تېپېپ چىقالايسىز، بىراق ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، خاتالىقنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ، پۇختا پىلاندىن بىرنى تۇزۇپ چېقىڭ.
K5k?H
پۇشايمان قىلىش، ئاھ - ۋاھ دەپ ئۆزىنى يوقىتىش، مەسىلە ئۆزىدە تۇرۇپ جەمىيەتتىن ۋە باشقىلاردىن ئاغرىنىش، بۇ بىر تۈپىدىن نادانلىق بولىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق كېىلىشمەسلىك، مەغلۇبىيەتنىڭ كېلىپ چېقىشى دەل ئۆزىمىزدىكى مەسىلە بولىدۇ، ئالدى بىلەن ئۆز ئۈستىمىزدە ئىزدەنگەندىلا ئاندىن بۇ خىل خاپىلىقلاردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.
<<ئۆزىنى سورىغان خاندىن قوقماپتۇ.>>
<<ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەن ئادەم، باشقىلانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.>>
[ بۇ يازما awladim تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]