مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2696 
  •    ئىنكاس 
       26 

ئۇيقۇسىزلىق سىزنى بىئارام قىلىۋاتامدۇ؟!

قەۋەت ئاتلاش
awladim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28617

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   91 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6238 (سوم)
 ياخشى باھا:   273 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   386  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3366
 سائەت
دەرىجىسى:
3366 سائەت 134 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-01
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
— بۇ تېمىنى خوك ماشىنا دۇنياسى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-02-05) —

بۇ كىتاپتا ئىنتايىن ياخشى مەزمۇنلار بار ئىكەن . مۇشۇ يېقىندا مەن ئۇيقۇسىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ قالدىم،شۇ سەۋەپتىن بۇ كىتاپنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئوقۇپ ،نىمىشقا بالدۇر ئوقىمغاندىمەن دەپ قالدىم . ھازىرقى ئالدىراش خىزمەت،تۇرمۇشتىن بولغان بېسىم كىشىلەرنى ئۇخلىيالماي،ئۇيقۇسىزلىقتىن ئازابلىنىپ يۇرگەنلەر ئاز ئەمەس، شۇنىڭغا بۇ كۆچۇرمە يازمىنىڭ ئاز بولسىمۇ ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەتتە يوللىدىم . a|eHo%Qt  
zv0bE?W9   
<<ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە ئاجىزلىقلار>> ناملىق كىتاپتىن ئارىيە g0ks[ }f-  
`i 
يازغۇچى :  دالې كارنىگ ( 1888 - يىل 11- ئاينىڭ 24 -كۈنى تۇغۇلۇپ، 1955 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋاپات بولغان) `IV7\}I|  
شىنجىياڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدىن 1989 - يىل تۇنجى نەشرىدىن چىققان. n#^ii/H  
'S%H"W\  
ئۇخلىيالماسلىقتىن قايغۇرمايلى.
S`8Iu[Ma  
JIPBJ  
ئوبدان ئۇخلىيالمايۋاتقانلىقىڭىز، ئۆزىڭىز << ئېيتقان >> ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىزدىندۇر. ?W2u0N  
4-m6e$p;  
lHAWZyO  
ئوبدان ئۇخلىيالمايۋاتقانلىقىڭىزدىن قايغۇرامسىز؟ئۇنداقتا سانتېر ئانتېرمېل - خەلقاراغا تۇنۇشلۇق بولغان چوڭ ئادوۋكات - نىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە بىر كۈنمۇ تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمىغانلىقىدىن خەۋاردار بولۇشنى خالايدىغانسىز؟ 2Gh&h(  
سانتېر ئانتېرمېل ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقىۋاتقان چاغلىرىدا ئىككى ئىشتىن - دېمى سىقېلىش كېسىلى ۋە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن قاتتىق پەرىشان بولغان ھەمدە ئۇنى داۋالىغىلى بولمايدۇ دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇ بۇ كېسەللەرنى ئېسىدىن چىقىرىۋېتىپ، كاللىسى سەگەك ۋاقىتلاردىن تۇلۇق پايدىلىنىش قارارىغا كەلگەن. ئۇيقۇسى كەلمىگەن چاغدا كارىۋاتتا ئۇياق - بۇياق ئۆرۈلۈپ، غەم يەپ روھىي جەھەتتە ئازاپلانغاننىڭ ئورنىغا كارىۋاتتىن چۈشۈپ كىتاب كۆرگەن. نەتىجىدە قانداق بولغان؟ ھەممە دەرستە سىنىپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، نيو يورك شەھىرى ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە تالانتلىق ئوقۇغۇچىلاردىن بۇلۇپ قالغان. rCUGaf~  
ھەتتا ئۇ ئادوۋكاتلىق كەسپىگە كىرىشكەندىن كېيىنمۇ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن خالىي بولالمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن پەرىشان بولمىغان. ئۇ: << تەبىئەت دۇنياسى ماڭا غەمخورلۇق قىلىدۇ>> دىگەن. ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق بولغان. ئۇنىڭ ھەركۈنى ئۇخلايدىغان ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ، سالامەتلىكى ئوندان تۇرغان، ئۇنىڭ ئۇستىگە، ئۇ نيو يوركنىڭ قانۇن ساھەسىدىكى بارلىق ياش ئادوۋكاتلارغا ئوخشاش تىرىشىپ ئىشلىگەن، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كەتكەن. چۈنكى باشقىلار ئوخلىغان چاغدا ئۇ سەگەك ئولتۇرۇپ ئىشلىگەن. F1meftK  
21 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، چوڭ ئادوۋكات سانتېر ئانتېرمېلنىڭ يىللىق كىرىمى 75 مىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا يەتكەن، شۇڭا باشقا نۇرغۇن  ياش ئادوۋكاتلار سوتقا بېرىپ ئۇنىڭ چارىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. 1931- يىلى بىر دەۋا دىلوسىدا، ئۇ ئادوۋكاتلار تارىخىدا ئەڭ يۇقىرى ھەقكە ئېرىشكەن - بىر قېتىمدىلا توپتوغرا 1 مىليون ئامىرىكا دوللىرىغا ئىگە بولغان، ئۇنىڭ ئۇستىگە نەق پۇل ئالغان. YPW UncV  
لېكىن ئۇ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن يەنىلا قۇتۇلالمىغان، ھەر كۈنى كېچىنىڭ يېرىمنى كىتاب كۆرۇش بىلەن ئۆتكۇزگەن، تاڭ سەھەر سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ، كىشىلەردىن كەلگەن خەتلەرگە ئېغىزاكى جاۋاب تەييارلىغان. كۆپىنچە ئادەملەر ئەمدىلا خىزمەتكە كىرىشكەن چاغدا، ئۇ كۈنلۈك خىزمىتىنىڭ يېرىمىنى تۈگىتىپ بولغان.ئۇ 81 ياش ئۆمۈر كۆرگەن تۇرۇقلۇق، پۈتۈن ئۆمرىدە بىر ئاخشاممۇ ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىيالمىغان ئۇ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن پەرىشان بۇلۇپ، قايغۇرۇرۇپ يۈرگەن بولسا، ئاللىبۇرۇن جېنىدىن جۇدا بولغان بولاتتى. &`oybm-p(  
ھاياتىمىزنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئۇيقىغا سەرپ قىلىمىز، بىراق ئۇيقۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز. بىز ئۇيقۇنى بىر خىل ئادەت، ئارام ئېىلىش دەپلا قارايمىز. ئەمما ئادەم قانچىلىك ئۇخلىسا بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇخلىمىسا  بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ  بىلمەيمىز. ocu,qL)W  
بۇنى تەسەۋۇر قىلىش قېيىنمۇ؟ 1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ۋېنگىرىيىلىك پائۇل كوت ئىسىملىك بىر ئەسكەرنىڭ ئالدى مېڭىسىنى ئوق تېشىۋىتىدۇ، كېيىنچە ئۇنىڭ جاراھىتى ساقىيدۇ، ئەمما شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۇخلىيالماس بۇلۇپ قالىدۇ. دۇختۇرلارنىڭ ھەرقانداق چارىلەرنى قوللىنىشىدىن قەتئىنەزەر -  دۇختۇرلار ھەر خىل تېنچلاندۇرۇش، ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلىتىپ باقىدۇ، ھەتتا ئۇيقۇ كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپمۇ كۆرىدۇ -  پائۇل كوت زادى ئۇخلىيالمايدۇ، ھەتتا ئۇ ئۇيقۇسىرىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلمايدۇ. T'{9!By,P  
دۇختۇرلار ئۇنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇلار ئالدانغانىدى. كېينىچە ئۇ بىر خىزمەت تېپىپ ئىشلەيدۇ ۋە ناھايىتى ساغلام پېتى نۇرغۇن يىللار ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئۇ بەزىدە كارىۋاتتا يېتىپ كۆزنى يۇمۇپ ئارام ئالىدۇ، ئەمما ئەبەدىي ئۇخلىيالمايدۇ. ئۇنىڭ كېسىلى مېدىتسىنا تارىخىدىكى يېشىلمىگەن بىر سىر بۇلۇپ، بىزنىڭ ئۇيقۇ ھەققىدىكى نۇرغۇن ئوي - پىكىرلىرىمىزنى ئاغدۇرىۋەتتى. 2+_a<5l~  
بەزىلەر باشقىلاردىن كۆپرەك ئۇخلايدۇ. مەشھۇر كومپوزىتۇر توسكاننىي ھەر ئاخشىمى پەقەت بەش سائەتلا ئۇخلايتتى، ئەمما كولىگې زۇڭتۇڭ ئۇنىڭدىن بىر ھەسسە كۆپ ئۇخلايتتى، ئۇ ھەر 24 سائەت ئىچىدە 11 سائەت ئۇخلايتتى، باشقىچە ئېيتقاندا، توسكاننىي پۈتۈن ئۆمرىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى ئۇخلاشقا سەرپ قىلغان بولسا، كولىگې  ئۆمرىنىڭ ئازغىنە كەم يېرىمىنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن.  TJ1h[  
ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن قايغۇرۇشنىڭ ئادەمگە كەلتۈرىدىغان زېيىنى  ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنىڭ زېيىنىدىن كۆپ ئارتۇق. بۇ ھەقتە مەن بىر مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتەي: مېنىڭ ئېللېئا ساندېلېر ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچۇم بار ئىدى، ئۇ ئېغىر ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىغى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغىلى تاس قالغان. h+ud[atk.  
<< مەن راستتىنلا نېرۋامدىن ئادىشىپ قالىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىدىم، - دىدى ئېللېئا ساندېلېر ماڭا، - چۈنكى بۇرۇن ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ ئۇخلايتىم، بېشىمدا قوڭغىراق چېلىنسىمۇ ئويغىنىپ كەتمەيتىم، شۇڭا ھەر كۈنى ئەتىگەن ئىشقا كېچىكىپ قالاتتىم. بۇ ئادىتىم ڭۆڭلۈمنى بىئارام قىلاتتى - ئەمىلىيەتتە، خوجايىنىممۇ مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ، جەزمەن ۋاقتىدا ئىشقا كەل دېگەنىدى. يەنە ئاشۇنداق ئۇخلاپ ئىشقا كېچىكىۋەرسەم، خىزمەتتىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىممۇ كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. `/^ _W <  
مەن بۇ ئىشنى دوستلىرىمغا ئېيتسام، بىر دوستۇم ئۇخلىغان چېغىڭدا سائەتنىڭ جىرىڭلىشىغا دىققەت قىل دىگەن تەكلىپنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيقىۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالدىم. باش تەرىپىمدىكى پالاكەت سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىۋىلىپ ئۇخلاتمايدىغان بولدى، كېچىلەرنى ئۇياق - بۇياق ئۆرۈلۈپ كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزدۈم، ئەتىگىنى كېسەل ئادەمدەك ئۆزەمنى كارىۋاتتىن يۇلۇۋالالمايدىغان، چارچاش ھېس قىلىدىغان، قايغۇرىدىغان بۇلۇپ قالدىم. بۇ خىل ھالەت سەككىز ھەپتە داۋام قىلغاندىن كېىيىن، كۆڭلۈمدىكى ئازاپ سۆز بىلەن سۈرەتلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى، جەزمەن نېرۋامدىن ئادىشىپ قالىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىدىم. بەزىدە سرتتا نەچچە سائەتلەپ ئايلىنىپ يۇردۇم، ھەتتا دەرىزىدىن سەكرەپ بىراقلا تۈگەشسەم بولمامدۇ دەپمۇ خىيال قىلدىم. 2vWn(6`  
ئاخىردا، تونۇش بىر دوختۇر بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ:< ئېللېئا، مەن سىزگە ياردەم قىلىشقا ئامالسىز، سىزگە ھىچكىم ياردەم قىلالمايدۇ، چۈنكى بۇ كېسەلنى ئۆزىڭىز تېپىۋاپسىز. كەچقۇرۇنلىقى ئۇيقۇڭىزنىڭ كېلىش - كەلمەسلىكىگە پەرۋا قىلماي، كارىۋاتقا چىقىپ يېتىۋېرىڭ. ئۆز - ئۆزىڭىزگە: ئۇيقۇم كېلىش - كەلمەسلىك بىلەن چاتىغىم يوق، تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمىساممۇ كېرەك يوق دەڭ. كۆزىڭىزنى يۇمۇۋىلىپ يەنە: ئىش قىلىپ ئۇيقۇسىزلىقتىن قايغۇرماي، كارىۋاتتا جىم ياتسام ئوخشاشلا ئارام ئالالايمەن دەڭ>دىدى. A,BYi$  
مەن ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلىۋىدىم، ئىككى ھەپتىگە قالماي بەخىرامان ئۇخلايدىغان بۇلۇپ كەتتىم. بىر ئايغا يەتمەي، ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلىيالايدىغان بولدۇم، روھىي كەيپىياتىممۇ نورماللاشتى.>> A; wT`c  
دېمەك، ئېللېئا سادىلېرنى ئازابلىغىنى ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى بولماستىن، بەلكى ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى پەيدا قىلغان غەم - قايغۇدۇر. LT"H -fTgs  
چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شانلې كرېتمان دوكتور ئۇيقۇ توغرىسىدا نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، دۇنيا بويىچە ئۇيقىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇتەخەسسىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئۇ: ئەزەلدىن بىرە ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن ئۆلۇپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەمىلىيەتتە، بەزىلەر ئۇيقۇسىزلىقتىن قايغۇرغانلىقى سەۋەبىدىن بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىپ باكتىرىيەنىڭ ھۇجىمىغا ئۇچرىغان بۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل زىياننى ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى ئەمەس، بەلكى غەم - قايغۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەيدۇ. kg 8Dn  
كېرتمان دوكتۇر يەنە: ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن بىئارام بولىدىغانلارنىڭ ئۇخلىغان ۋاقتى ئۆزىنىڭ تەسەۋۇر قىلغىنىدىن كۆپ ئارتۇق بولىدۇ. خۇدا ئالدىدا << تۈنۈگۈن ئاخشام زىنھار كۆزۈمنى يۇممىدۇم>> دەپ قەسەم بەرگەنلەر ئەمىلىيەتتە بىر نەچچە سائەت ئۇخلىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇخلىغانلىقىنى ئۆزى بىلمىگەن - خالاس. بۇ توغرۇلۇق بىر مىسال كەلتۇرۇپ ئۆتەيلى. مەشھۇر مۇتەپەككۇر جېبېرىت سېبېنسېي قېرىغىچە بويتاق ئۆتكەن بۇلۇپ، بىر ئېغىز ئۆيدە يالغۇز يېتىپ قوپقان، ئەتىدىن كەچكىچە ئۇيقۇسى كەلمىگەنلىكى توغرۇلۇق پاراڭ سېلىۋېرىپ ھەممە ئادەمنى زېرۈكتۈرىۋەتكەن. ئۇ ھەتتا نېرۋېسىنى تېنچ تۇتۇش ئۈچۈن، سىرتتىكى ۋارڭ - چۇرۇڭلاردىن قېچىپ قۇلىقىغا <<قۇلاق پۇرۇپكىسى>> تىقۋالغان، بەزىدە ئەپيۇن يەپ ئۇخلىغان. بىر كۈنى ئۇ مىھمانخانىدا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى سىيىس بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ قالغان، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ تاڭ ئاتقۇچە كۆز يۇمماي چىقتىم دىگەن، ئەمىلىيەتتە سىيىس پروفىسسور ئۇنىڭ خورەك ئاۋازىدىن كىچىچە ئۇخلىيالمىغان. Z"RgqNf  
كېچىسى بەخىرامان ئۇخلاشنىڭ بىرىنچى زۆرۈر شەرتى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. بىز ئۆزىمىزدە ئۆزىمىزدىن غالىبانە بىر خىل كۇچنى ھېس قىلغىنىمىزدا، ئاندىن ئاشۇ كۈچ بىزنى تاڭ سۈزۈلگەنگە قەدەر مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ. توماس ھىسروپ دوكتۇر ئەنگىلىيە تىبابەتچىلىك - دورىگەرلىك جەمىيىتىدە سۆزلىگەن بىر قېتىملىق نۇتقىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇ: << كۆپ يىللىق تىبابەتچىلىك تەجرىبەمدىن مەلۇم بولدىكى، ئادەمنى ئۇيقۇغا كىرىشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى چارىلەرنىڭ بىرى دۇئا - تىلاۋەت قىلىش. مەن بۇ گەپنى پۈتۈىلەي بىر دوختۇرلۇق سالاھىيتىم بىلەن ئېتىۋاتىمەن. دۇئا - تىلاۋەت قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېىتقاندا،  دۇئا - تىلاۋەت قىلىش ئىدىيىنى ۋە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ دائىملىق ئۇسۇلى>> دىگەن . xJ2I@*DN  
<< خۇدا ئۆزۇڭگە ئامانەت دېيىش - ئاندىن ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلىش لازىم.>> k%FA:ms|k  
يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى، كىنو چولپانى جېنى مادوۋئالدنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ روھىي چۈشكۈنلۈك تۇپەيلى قايغۇرۇپ ئۇخلىيالماي قالغان چاغلىرىدا شېئىرنامىنىڭ 23 - كۇپلىتىنى يادلاش ئارقىلىق ئۆزىدە << بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى>> ھېس قىلىدىكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ:<<جىخوۋاخ مېنىڭ يىنىمدا تۇرىدىغان پوپ، مەن ئۇنىڭدىن زىنھار ئايرىلالمايمەن، ئۇ مىنى يېشىل كىمخابتەك كۆكلەم ئىچىگە ئېلىپ بارىدۇ، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ بويىدا بەخىرامان ئۇخلىتىدۇ...>> 15hqoo9!  
ئەگەر سىز دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان بۇلۇپ، مەسىلىنى بۇنداق ئاسان ھەل قىلىشقا ئمكانىڭىز بولمىسا، باشقا بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىڭىزنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. داۋىد خالوفىنىك دوكتور <<نېرۋىدىكى جىددىيلىكنى چىقىرىپ تاشلاش ھەققىدە>> ناملىق بىر پارچە كىتاب يېزىپ، ئۆزىنى  يېنىكلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى بىر خىل چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ بولسىمۇ ئۆز بەدىنىڭىز بىلەن پاراڭلىشىشتىن ئىبارەت. فىنىك دوكتور :تىل ئادەمنى ئۇخلىتىدىغان بارلىق ئۇسۇللار ئىچىدىكى مۇھىم ئاچقۇچ، سىزنىڭ ئۇخلىيالماسلىقىڭىز، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بۇلدۇم <<دەپ>> يۈرگەنلىكىڭىزدىن بولغان. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئۆزىڭىزنى ئاشۇ خىل ئۇيقۇسىزلىق ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش - بەدىنىڭىزدىكى مۇسكۇللارغا: << ئۆزۇڭنى ئەركىن تۇت، ئۆزۇڭنى قۇيۇۋەت - ھەممە جىددىيلىكتىن خالاس بول>> دىيىشتىن ئىبارەت دەپ ھىسابلايدۇ. موسكۇل جىددىيلەشكەن چاغدا، ئىدىينى ۋە نېرۋىنى ئەركىن تۇتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇخلىماقچى بولساق، ئشنى مۇسكۇللارنى ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىشتىن باشلىشىمىز كېرەك. فىنىك دوكتور: تونۇشتۇرغان ئۇسۇل - ئەمىلىيەتتىمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان ئۇسۇل - بويىچە، تىزىمىزنىڭ ئاستىغا ياستۇق قۇيۇپ، ئىككى پۇتۇمىزدىكى جىددىيلىكنى ئازايتىمز، ئارقىدىن يەنە شۇ مەقسەتتە بىلىكىمىزنىڭ ئاستىغا بىر نەچچە كىچىك ياستۇق قويىمىز، ئاندىن كېيىن، تاڭلىيىمىز، كۆزىمىز ۋە پۇت - قوللىرىمىزنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشىمىز كېرەك، شۇندىلا نېمىشقا ئۇنداق قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىشكە ئۈلگۈرمەيلە ئۇيقۇغا كىتىپ قالىمىز. مەن بۇ ئۇسۇلنى سىناق قىلىپ كۆرگەن، شۇڭا بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىگى ماڭا ئايان. ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز ئامال قىلىپ فىنىك دوكتۇرنىڭ <<نېرۋىدىكى جىددىيلىكنى چىقىرىپ تاشلاش ھەققىدە>> دىگەن كىتابىدىن بىرنى سېتىۋىلىڭ، يۇقىردا ئېيتقىنىمدەك، بۇ كىتاب بىر ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىغان ھەمدە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالىيالايدىغان بىردىنبىر كىتاب. [iEz?1.,  
 ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالاشنىڭ يەنە بىر ياخشى ئۇسۇلى بار.  ئۇ بولسىمۇ، چارچىغۇدەك جىسمانى ئەمگەك قىلىش، يەنى گۇل تېرىش، سۇ ئۈزۈش، تور توپ ئويناش، گولف توپى ئويناش، قار تېيىلىش ياكى نۇرغۇن جىسمانى ئەمگەك سەرپ قىلىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەشتىن ئىبارەت. بۇ مەشھۇر يازغۇچى دىرېيسېرنىڭ ئۇسۇلى. ئۇ تىرىكچىلىك يولىدا تىرمىشىۋاتقان ياش يازغۇچى چاغلىرىدا، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن قايغۇرغانلىقى ئۈچۈن، نيو يوركتىكى مەركىزىي تۆمۈر يولغا بېرىپ ئىشچى بولغان. بو يەردە كۈن بويى قوزۇق قېقىش ۋە شېغىل ئۇسۇشقا ئوخشاش ئېغىر ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن، ھېرىپ ھەتتا ئولتۇرۇپ تاماق يېگۈچىلىكىمۇ قالمىغان. x-e6[_F  
بەك ھېرىپ كەتكەن چاغلاردا، تەبىئەت دۇنياسى بىزنى يول مېڭىۋاتقان بولساقمۇ ئۇيقۇغا غەرق قىلىدۇ. بۇنۇقتىنى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي: 13 ياش ۋاقتىمدا، دادام بىر ۋاگون چوشقىنى مىسسۇرى شتاتىنىڭ ساينت گېئىوركې شەھىرىگە ئاپارماقچى بۇلۇپ قالدى، دادامدا ئىككى كىشلىك ھەقسىز پويىز بېلىتى بولغاچقا مېنىمۇ بىرگە ئېلىۋالدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىسى بار شەھەرلەرگە بېرىپ باقمىدىم. ساينت گېئىوركېدىن ئىبارەت بۇ 60 مىڭ ئاھالىسى بار چوڭ شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، ھاياجاندىن ئېغىزىم ئېچىلىپلا قالدى. ئالتە قەۋەتلىك ھەيۋەت بىنالارنى كۆردۇم، ھەممىدىن ئېشىپ چۈشىدىغىنى تېرامۋاينى كۆردۈم. ھازىرمۇ كۆزۈمنى شۇنداق يۇمسام، ئاشۇ بىنالار كۆزۇمگە كۆرىنىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ھاياتىمدىكى بۇ ئەڭ خۇشاللىق كۈننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پويىزدا ئولتۇرۇپ يۇرتىمىزغا قايتتۇق. پويىزدىن چۈشكەندە يېرىم كېچە سائەت ئىككى بولۇپ قالغاچقا، تۆت ئىنگلىز مىلى يولنى پىيادە بېسىپ يىزىغا قايتىشقا توغرا كەلدى. ئەمدى گەپنىڭ توچكىسىنى ئېيتاي: ئۆر ۋاقتىدا بەك ھېرىپ كەتكەنلىكىمدىن يولدا ئۇخلاپ مېڭىپتىمەن، تېخى چۈشمۇ كۆرۈپتىمەن. تولا چاغلاردا ئات ئۇستىدە ئۇخلاپ قالاتتىم، بۇ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار. tM^4K r~o,  
قاتتىى چارچاپ كەتكەن چاغلاردا، ئادەم چاقماق چېقىۋاتسىمۇ، ياكى ئۇرۇش ۋەھىمىسى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ بەخىرامان ئۇخلاپ كېتىدۇ. مەشھۇر نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى فىستېرگاننادى دوكتۇرنىڭ ئىيتىشىچە، ئۇ 1918 يىلى ئەنگلىيىنىڭ 5 - كورپۇسى جەڭدىن چېكىنىپ ماڭغاندا، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئەسكەرلەرنىڭ ھۇشىدىن كەتكەن ئادەمگە ئوخشاش ئۇچرىغانلا يەردە يېتىپ ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قاپىقىنى قولى بىلەن ئۇستىگە قايرىپ باقسىمۇ ئويغانمىغانلىغىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىكەن. ئۇ يەنە ھېرىپ ئۇخلاپ قالغان ئەسكەرلەرنىڭ كۆز ئالمىسىنىڭ يۇقىرىغا ئالىيىپ قالغانلىقىنى سەزگەن. c(e>Rmh  
<<شۇنىڭدىن كېيىن، - دەيدۇ گاننادى دوكتۇر، - ئۇخلىيالماي قالغان چاغلىرىمدا كۆزۈمنىڭ ئالمىسىنى يۇقىرىغا ئالايتىپ قويىمەن. شۇنداق قىلسام، نەچچە سېكونت ئۆتمەيلا مۇگدەشكە باشلايمەن، بۇ مېنىڭ رايىمغا باقمايدىغان تەبىئىي ئىنكاستۇر.>>  t`&x.o  
ئەزەلدىن بۇيان بىرمۇ ئادەم ئۇخلىيالمىغانلىقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالغىنى يوق. ئادەمنىڭ قايسى دەرىجىدە شىجائەتلىك بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر، تەبىئەت دۇنياسى ھامان ئۇنى ئۇيقۇغا مەجبۇرلايدۇ.  q;")  
تەبىئەت دۇنياسى بىزىن تاماق يېىىشتىن، شۇ ئىچىشتىن ئۇزۇنغىچە مەھرۇم قىلسا قىلىدۇكى، ھەرگىز ئۇيقۇدىن ئۇزۇنغىچە مەھرۇم قىلمايدۇ. XS">`9o!  
ئۆزىنى ئۆلتۇرۋىلىش گېپى چىقسا، ھېنرى لىنىك دوكتۇرنىڭ <<ئىنسانلارنىڭ قايتا تونۇشى>> ناملىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان بىر مىسال ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ.لىنىك دوكتۇر پىسخىكا مەسىلىلىرى شېركىتىنىڭ مۇئاۋىن  باش مۇدىرى بۇلۇپ، غەم - قايغۇ تۇپەيلى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىپ كۆرگەن. ئۇ ئۆز كىتابىنىڭ << تەشۋىش ۋە غەم - قايغۇنى تۈگىتەيلى>>دىگەن بابىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولغان بىر كېسەل ئۇستىدە توختالغان. لىنىك دوكتور ئۇ كىشى بىلەن مۇنازىرىلەشسە ئىشنىڭ تېخىمۇ يامىنىغا تارتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭغا: << جەزمەن ئۆلىۋالماقچى بولغان بولسىڭىز، ھېچ بولمىسا مەرتلەرچە ئۇلىۋېلىڭ، مۇشۇ كوچىنى ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئۆلۇپ كېتىڭ>>دىگەن. {X&lgj  
دەرۋەقە ئۇ كېسەل كېشى لىنىڭ دوكتورنىڭ دىگىنىدەك قىلىپ، كوچىنى بىر قېتىم ئەمەس، نەچچە قېتىم ئايلانغان. ھەر قېتىم ئايلانغاندا بۇرۇنقىدىن ئاز - تولا ئوڭشىلىپ قالغاندەك بولغان، فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى پىسخىك جەھەتتىن ئوڭشىلىپ قالغاندەك بولغان. ئۈچۈنچى كۈنى كەچكە بارغاندا، لىنىك دوكتور دەسلەپتە يەتمەكچى بولغان مەقسىدىگە ئاخىر يەتكەن - ھېلىقى كېسەل كىشى جىسمانى جەھەتتىن چارچاپ كەتكەنلىكتىن غەپلەت ئۇيقۇغا پاتقان. ئارقىدىن ئۇ كىشى تەنتەربىيە كولۇبىغا بېرىپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشقان، ئۇزۇن ئۆتمەي كۆڭلى ئېچىلىپ مەڭگۇ ياشاش قارارىغا كەلگەن. \1X k[%  
شۇڭا، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن قايغۇرماسلىق ئۈچۈن تۆۋەندىكى قائىدىگە رىئايە قىلىش شەرت: 6oNcj_?7?q  
1. ئۇخلىيالمىغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ مۇگدىگەنگە قەدەر ئىشلەش ياكى كىتاب كۆرۈش لازىم. {VE h@yn  
2. ئەزەلدىن بۇيان كەم ئۇخلىغانلىقتىن ئۆلۈپ قالغان بىرمۇ كىشى يوق، ئۇيقۇسىزلىقتىن قايغۇرۇشنىڭ زېيىنى ئۇيقۇسىزلىقتىن يامان. e[fOm0^.c  
3. دۇئا - تىلاۋەت قىلىش RHg-Cg`  
4. بەدەننى ئەركىن تۇتۇش، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش، جىسمانىي ئەمگەك ئارقىلىق ھېرىپ مۈگدەپ قېلىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم k=hWYe$iAz  
||_hET  
تامام uv27Vos  
{ K]5[bMT  
كېيىنكى باب << قانداق قىلغاندا تىجارەت جەھەتتىكى غەم - قايغۇنى ئازايتقىلى بولىدۇ>>
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
نىمىلەرنىدۇ تالىشار ئىكەنمىز ئۆز - ئارا،
بىر-بىرىمىزگە يول بەرمەستىن كولاپ ئورا.
ئىنسان دىگەن تويماس ئىكەن قارنى بالا،
ئالەممۇ ئۇنىڭ نەپسىگە ئازلــىـــق قىلا.
ruhsana
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18299

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   429 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4418 (سوم)
 ياخشى باھا:   305 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   377  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4671
 سائەت
دەرىجىسى:
4671 سائەت 279 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-05

ئۇخلىيالمىغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ مۇگدىگەنگە قەدەر ئىشلەش ياكى كىتاب كۆرۈش لازىم. P"YdB|I  
Kkvc Zs'4m  
مەن  بۇنى  سىناپ باقسام بولغۇدەك ..........خىيال سۈرۈپ ياتماي .....   
 
♥ ئاللاھنىڭ  ئىنسانلارغا   قىلغان خىتابى : نامىمنى، ئىسمىمنى ئۇلۇغلاپمۇ  باق ،مىسلىسىز ئۇلۇغلۇق بەرمىگىنمنى كۆر!
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1893 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14857 (سوم)
 ياخشى باھا:   1132 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   985  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 839
 سائەت
دەرىجىسى:
839 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-05

ئەھمىيەتلىك  ،  پايدىلنىش  قىممىتى  بار  تىمىللىرىڭىزغا  رەھمەت ،  كىيىنكى  تىمىڭىزنى  كۆرۈشكە  تەشنا  بولۇۋاتىمەن  ،    تىجارەتكە  دائىر  wk(25(1q  
 تىمىلار  بولسا يوللاپ  تۇرسىڭىز  ،  ئورتاق  بەھىرلەنسەك  . *a9cBl'_  
مۇنبەردە  دەل  تىجارەتكە  دائىر  سەھىپە  كەم ،  ئابابەكرىنىڭ بۇ ھەقتە  ئويلىنىپ  مەخسۇس  تىجارەتكە  دائىر  سەھىپە  يولغان  قۇيۇشنى  ئۈمىد  قىلمەن ،  بۇنىڭ  باشقىلارغا  ،  مۇنبەر  تەرەققىياتىغۇ  پايدىسى  زور  . _NDQ2O  
ئاھ  ،  پاھ  ،  كۆيدۈم ،  سۆيدۈم  ،  ئايرىلدىم  ،  ئۇ  بولدۇم ،  بۇ  بولدۇم دىگەندەك Od1\$\4Z  
چۈشكۈن تىمىلارنى كۆرۈۋەرمەي  ئىقتىسادقا  ئائىت  بىلىملەرنى  كۆرۈپ  تۇرايلى  !  ئىقتىساد  بولغاندا   'aSsyD!?<  
نۇرغۇن  غەملەردىن  قۇتۇلۇپ  ،  ئائىلمىزدىكىلەرنى خاتىرجەم  ، بەخىتلىك تۇرمۇشقا  ئېرشتۈرگىلى ھەم  جەمىيئەت  ،  مىللەت  ئۈچۈن  تۆھپە  قوشقىلى  بولىدۇ.
 
دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس ، بەيگىگە كەلدىم
Tabarak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.23112

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   901 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6630 (سوم)
 ياخشى باھا:   180 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 842
 سائەت
دەرىجىسى:
842 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-05

خىلى كۈن بولدى مەن شۇنداق بوپ قالغىلى。。。
 
يارزات
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.20112

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   332 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4312 (سوم)
 ياخشى باھا:   202 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 637
 سائەت
دەرىجىسى:
637 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-02
ئاخــىرقىسى:2011-05-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-05

مېنىڭمۇ ئۇيقۇم شۇنداق ئاز،كۈندە 5 سائەتكە بارمايدۇ.ئەڭ ئۇزاق ئۇخلىسام 6 سائەتلەر ئۇخلىيالىشىم مۇمكىن.
 
ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق،ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز!
kamran
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.632

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1638 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8340 (سوم)
 ياخشى باھا:   495 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   397  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2282
 سائەت
دەرىجىسى:
2282 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

مېنىڭمۇ پەقەتلا ئۇقۇم كەلمەيدۇ ، كۈندە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 4سائەتلا ئۇخلايمەن .
 
sirikbuya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17444

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   647 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8351 (سوم)
 ياخشى باھا:   616 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   980  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1405
 سائەت
دەرىجىسى:
1405 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  يارزات كە 2011-02-05 11:51 PMئەۋەتىلدى  : q)"yP\  
مېنىڭمۇ ئۇيقۇم شۇنداق ئاز،كۈندە 5 سائەتكە بارمايدۇ.ئەڭ ئۇزاق ئۇخلىسام 6 سائەتلەر ئۇخلىيالىشىم مۇمكىن. =4/K#cQ  
w!UIz[ajI  
ئىككىمىز  ئوخشاشكەنمىز  مەنمۇ  بەك جىق ئۇخلۇدۇم بۈگۈن  دىسەم 6 سائەت
 
بىلىپ سۆيگىن كىيىن ئىچىنما .بىلىپ ئايرىل كىيىن سېغىنما
ئاللاھتىن يانسا مىنىڭدىن كۆرمىگىن جېنىم
FOCUS
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.27565

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   46 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2426 (سوم)
 ياخشى باھا:   180 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   250  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1615
 سائەت
دەرىجىسى:
1615 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

مەن چوڭ بولۇپ تاكى ھازىرغىچە قېنىپ ئۇخلاپ باقمىغان.
 
Merter007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18197

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   481 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6240 (سوم)
 ياخشى باھا:   255 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   266  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3497
 سائەت
دەرىجىسى:
3497 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

مېنى ئۇيقۇسىزلىق ئەمەس، كۆپ ئۇخلاپ قېلىش قىيناۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بولا؟  
 
ياشلىقىڭدا تىرىشمىساڭ ، قېرىغاندا پۇشايمان قىلىسەن.
benazar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7133

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   593 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7644 (سوم)
 ياخشى باھا:   242 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8862
 سائەت
دەرىجىسى:
8862 سائەت 158 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

مىنى ئۇيقۇسىزلىق ئەمەس كۆپ چۇش كۆرۈش قىيناۋاتىدۇ.......
 
كوڭۈل كوڭۇلدىن سۇ ئىچەر!!!!!!
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1893 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14857 (سوم)
 ياخشى باھا:   1132 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   985  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 839
 سائەت
دەرىجىسى:
839 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06
8-قەۋەت (Merter007) نىڭ يازمىسىغا

سىزنى  غەپلەت  بېسۋېتىپتۇ  ،  قوڭغۇراقلىق  سائەتتىن  بىر  ،  ئىككىنى  بېشىڭىزغا  قويۇپ  يېتىڭ ! fs?H  
بۇ  پەقەت  سىزدىكى  كۆپ  ئۇخلاپ  ئادەتلىنىشتىن  كەلگەن  .  غەم  قىلىشنىڭ  ھاجىتى  يوق ، ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.  
ئاچا ، ( ئارخىبىڭىزغا  قارىسام  مەندىن  چوڭ ئىكەنسىز )  <<  قانداق  قىلغاندا  تىجارەتتىكى  غەم - ئەندىشىنى  تۈگەتكىلى  بولىدۇ >> دىگەن  تىمىنى  قاچان  يوللايسىز  ؟ ئۇ  كىتابنىڭ  ئىسمى  نىمە ؟  سىزنى  ئاۋارە  قىلدىغان  بولدۇم  .  قىسقا  ئۇچۇر  ،  يا  1182313370غا  يوللاپ  خەۋەرلەندۈرۈپ  قويسىڭىز  ،  سىزدىن  مىننەتدار  بۇلاتتىم .
[ بۇ يازما sargarda تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

 
دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس ، بەيگىگە كەلدىم
awladim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28617

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   91 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6238 (سوم)
 ياخشى باھا:   273 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   386  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3366
 سائەت
دەرىجىسى:
3366 سائەت 134 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-01
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06
ئ<<  قانداق  قىلغاندا  تىجارەتتىكى  غەم - ئەندىشىنى&nb

بۇ كىتاپنىڭ ئىسمى : <<ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە ئاجىزلىقلار>>. jw9v&/-  
كىيىنكى بابنى ئاللاھ خالىسا، بۇگۇن كەچكىچە يوللايمەن.
 
نىمىلەرنىدۇ تالىشار ئىكەنمىز ئۆز - ئارا،
بىر-بىرىمىزگە يول بەرمەستىن كولاپ ئورا.
ئىنسان دىگەن تويماس ئىكەن قارنى بالا،
ئالەممۇ ئۇنىڭ نەپسىگە ئازلــىـــق قىلا.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى