- 
		
		
تىزىم نۇمۇرى:4373 
	 
	- 
		
- تىزىم ۋاقتى:2010-07-20
 
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-11-05
 
- تور ۋاقتى:2468سائەت
 
		 
	 
	- 
		
	
 
	- 
		بىلوگدوستلاشقورال	
 
 
		 
	 
	   
	  
 
 
	 | 
	
		
		 
		 
		  
 
 
 |  
 |  
 |  
  
 
 |  
نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى  vo$66A   kut|A  بىرىنچى مەنزىلى : ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن توي قىلىش ؛ ئىككىنچى مەنزىلى : ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن توي قىلىش ؛ ئۈچىنچى مەنزىلى : ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن يەنە شۇنداقلا ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ‹‹ ئارقا كۆرۈنۈشى ›› بىلەن توي قىلىش .  `VsGa       KV_Ga8hs   بىرىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەي – ئاياللارنىڭ نىكاھى نىسبىي  مۇستەھكەم بولىدۇ ؛ ئىككىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەر – ئاياللارنىڭ نىكاھى بىر قەدەر  مۇستەھكەم بولىدۇ ؛ ئۈچىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەر – ئاياللار ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالىدۇ .  }/spo3,6       5B	7*Z   ھازىر نۇرغۇن قىز – يىگىتلەر توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆي تۇتمايلا ئاجىرىشىپ كېتىۋاتىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار نىكاھىنى بىرىنچى مەنزىلدىن ئىككىنچى مەنزىلگە ئېلىپ بارالمىغان . ھەممىمىزگە ئايان ، قايناۋاتقان سۇ باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ . قايناق مۇھەببەتمۇ قايناۋاتقان سۇغا ئوخشاش ئادەمنىڭ كەمچىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى يېپىپ كېتەلەيدۇ . قايناق مۇھەببەت ئىچىدىكى مۇكەممەل ، نۇقسانسىز ھېسابلانغان ‹‹ ئات ئاتلىق شاھزادە ›› بىلەن ‹‹ ئاق كىيىملىك پەرىزات ›› نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ›› نىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرى خۇددى باكتېرىيەگە ئوخشاش كۆپىيىشكە باشلايدۇ .  !P$xh       E5 oD|'=WA   بۇ چاغدا سىز نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە ئۆتۈپ ، جۆرىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ‹‹ توي قىلىپ ›› ئۇنىڭ كەمچىلىك ۋە نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىشىڭىز ھەمدە ئۇنى ئەپۇ قىلىشىڭىز كېرەك . بولمىسا ، ‹‹ نىكاھ  گۈلى ›› چوڭقۇر يىلتىز تارتالماي قۇرۇپ قالىدۇ . ئەسلىدە تولىمۇ مېھىر – مۇھەببەتلىك كەلگەن ئەر– ئاياللار ئۆي تۇتۇپ نەچچە يىل بولا – بولمايلا نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە قەدەم قويالمىغانلىقىدىن بولىدۇ . نىكاھ  ئىككىنچى مەنزىلگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، كۆپ ساندىكى ئەر– ئاياللار ‹‹ ئاجىرىشىش ›› دېگەن سۆزنى تىلغا ئالمايدۇ . چۈنكى ئۇلار جۆرىسىنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلغان بولىدۇ . بەزىلەر ھەتتا جۆرىسىنىڭ بۇ خىل يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزىنىڭ كۆيۈنۈش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ . بۇ چاغدىكى نىكاھ  شېرىن ھەم مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان بولىدۇ . ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىدىغان ئەڭ زور ئارتۇقچىلىق كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆزئارا تولۇقلاش بولىدۇ .  ;#9|l=     r6JkoPMh   نىكاھتىكى مېھر – مۇھەببەت نىكاھنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . مۇستەھكەم نىكاھ  ئۈچىنچى مەنزىلگە يېتىشى كېرەك . ئۇ بولسىمۇ جۆرىسىنىڭ يېقىن كىشىلىرى بىلەن ‹‹ توي قىلىش ›› . بۇ دېگەنلىك سىز جۆرىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە يېقىن دوستلىرىغىچە كېڭەيتىشىڭىز كېرەك ، دېگەنلىكتۇر . بۇ خىل مۇھەببەت ئىچىدە سىز ‹‹ نىكاھ ›› ھەققىدىكى ئەقلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولسىز . سىزنىڭ جۆرىڭىز سىزگىلا تەۋە بولماستىن ، ئاتا – ئانىسىغا ۋە دوستلىرىغىمۇ تەۋە . نىكاھ  ئۈچىنچى مەنزىلگە يەتكەندىن كېيىن مۇستەھكەم ھالەتكە كېلىدۇ ، بۇنداق نىكاھنى ئاسانلىقچە ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ . مۇھەببەت دۇنياسىدا ، كۆپىنچە ئەرلەر : نىكاھ – بىر قىزنى ئەمرىگە ئېلىش دەپ قاراپ ، ئەمرىگە ئالغان ئايالنىڭ ئۆز ئىنتىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە پەرۋاسىز قارايدۇ ؛ بەزى قىزلار بولسا نىكاھ – بىر ئەرگە ياتلىق بولۇش دەپ قاراپ ، ئەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە خاراكتېرى بىلەن ‹‹ توي قىلىش ›› نى بىلمەيدۇ . تونۇش جەھەتتىكى بۇنداق خاتالىقلار كۆپىنچە ھاللاردا نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ .  Td*Oljj._U    |     |