قىزارغان چىچەك
پوۋىسىت
A4IPd
~|R/w%*C Wg[ThaZ
قايسى قىزكى توي نىكاھسىز تۇرمۇشىدا سۈردى كەيىپ a-Ne!M[
نە كەيىپ بىلسۇن دوۋزاخ دەرۋازىسى ئاچىلدى دەپ
E[8i$ مارجانلىق بىر خىلۋەت ماكان تۇلىمۇ ئۆزگىچە بىر يۇرىت ، بۇ يەردە نەچچە ئەسىردىن بۇيان پەقەت بىر خىللا كىشلەر ياشاپ كەلگەن ، ئۇلارنى مەدەنىيەت ۋەتەرەققىياتتىن بىرلا دەريا ئايرىپ تۇرىدۇ . بىر ئۆي بىلەن بىر ئۆينىڭ ئارلىقىمۇ نەچچە چاقىرىم كىلىدۇ ، تۆت ئەتراپى قۇم بىلەن ئورالغان. بۇ يەردە نە پاختا نە ئاشلىقلارمۇ ئۆسەلمەيدۇ ، پەقەت ئۆزىدىن 500 چاقىرىم يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىدىن ئاشلىق ئەپكېلىنىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىختىسادى چارۋىچىلىقتىن كىلىدۇ . ئەشۇ شەھەر تۇرمۇشىنى كۆرمىگەن ساددا كىشلەر تۇلىمۇ ئاقكۆڭۈل، ئۆيلىرىنىڭ ئارلىقىنىڭ يىراقلىقىغا باقماي تېخى شۇنچىلىك مېھماندۇس ۋە ئىناق – ئىتىپاق ئۆتىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى پاكار ۋەدىك قوشام تاملاردىن قوپۇرۇلغان تۇلىمۇ ئاددى . يىراقلاردىن كەلگەنلەرنى بەكمۇ قىزغىن كۈتىۋالىدۇ . بىر چارەك ئۇندا بىر كۆمەچنى كۆمۈپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئەپكېلىدۇ .بەكرەك ئىززەتلىك مىھمانلىرىنى بولسا قوي سويۇپلا قېرىن كاۋېپى سالىدۇ . ھەي ! بەكمۇ مىھماندوست خەلق. بۇ يەردىكى چارۋىلار قىش ياز دۆڭلەردە ئوتلاپ يۈرۈيدۇ . بۇ يەردە نە ئوغرى ، نە بەڭگى - قىمارۋازلارمۇ يوق . پۈتكۈل ۋادىسى ياپيېشىل يايلاق ، ھاۋاسى بەكمۇ ساپ ، يۇلغۇن توغراقلار ۋە قومۇش بىلەن ئورۇلغان كۈمۈشرەڭ بىپايان دالا .... تىك ئۆسكەن يۇلغۇن ،توغراقلاردىن ئاندا – ساندا كۆرۈنۈپ تۇرغان قىزارغان چىچەكلەر يالتىراپ باھارنى ئەسلەتمىسە ئۇنىڭدىن ئۆزگە گۈل – گىياھلاردىن بۇزىمىندا سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ئەمما توپ – توپ بۇلىشىپ چوڭ بېغىرلاردا ،يۇلغۇن تۈۋلىرىدە سەكرىشىپ ئويناقشىپ تۇرغان بۆجەن ، غاز ، ئۆردەك ، ھاڭگىرىتلار كىشىگە تۇلىمۇ گۈزەل ھىسلارنى بېرىدۇ . بۇنداق مەنزىرلەر شەھەردە تۇلىمۇ كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ .
&^JYIRn1\ ھىكايەت دەل مۇشۇ زىمىندا يۈز بەرگەن . ناھىيىلىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئادىل يۈك – تاقلارنى يۇغۇشتۇرۇپ مارجانلىققا قاراپ يول ئالدى . يولبۇيى كاللىسىدا گادىرماچ خىياللار ئەكىس ئىتەتتى . نىمىشقىدۇر ئۆزىنىڭ بۇ يىراق سەھراغا تۇيۇقسىز يۆتكىۋېتىلگەنلىكى كاللىسىدىن پەقەت ئۆتمەيتتى . ئەمما يەنىلا يالغۇز ئانىسىنى بېقىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تاپمىسا بولمايتتى . «يىتىمنىڭ ئاغىزى ئاشقا تەككۈچە، كۆتى تاشقا تىگىپتۇ » دىگەندەك ئۇ خىزمەتكە چىققىلى تېخى بەش ئايمۇ بولمىغان ئىدى . ئۆيىنىڭ بارلىق ئىقتىسادى ئۇنىڭ مائاشىدىنلا كىرەتتى . ئادىل قەددى قامىتى كىلىشكەن، ئاق يۇزلۇك،قارا كۆزلۈك،بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان تۇلىمۇ ئېغىر تەبىئەتلىك بىر يىگىت ئىدى......
gVpp9VB - بالام ، مارجانلىق يىراق ،چەت بىر يەر ئاللا رىسقىڭنى تىزراق كۆتۈرۋېتەر ئۇ يەردىن ، دۇئايىمنى ئېلىپ ماڭ بالام ، نە ئامال ئەمدى بۇنىڭغىمۇ شۈكرى،- . سارىخان ئانىنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن ئوغلىنى ئۇزاتقاندىكى ھالىتى ئادىلنىڭ كۆز ئالدىدىن پەقەت كەتمىدى .
-z?O^:e#x مىڭىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن تارتىپ ئۈچ كۈنگىچە بىچارە ئانا كىچىلىرى كىرپىكمۇ قاقمىدى . كۈندۈزلىرى تاپقان تەرگىنىنى يىغىپ ئوغلىغا ئۇزۇق – تۈلۈك تەييارلايتتى . بىر ساندۇققا ئۆز قولى بىلەن ياققان مايلىق توقاچنى قاچىلىدى ، ئۈزۈم،ياڭاق دىگەندەك يول يىمىشلەردىن ئاز – ئازدىن رەخت خالتىلارغا قاچىلاپ ئۇنىمۇ بىر بوخچا قىلىپ تۈگدى .
l
EsE]f نەچچە كۈن يېڭى يوتقان – كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىپ تازا ئۆرلىتىپ ئاندىن چىرايلىق رەخت سىتىۋېلىپ ئۆز قولى بىلەن كىرلىق تىكىپ ئۇنى قاپلىدى .
Yvxp( - ئانا ، نىمانچە جاپا تارتىدىغانسىز ؟ ئازراق تەييارلىق قىلىڭ سىزگىمۇ قالسۇن،-
V~ [I /Vi - ۋاي بالام بۇ يەردىگەن كەڭرىچىلىك ، نىمە ئىزلىسەڭ شۇ بار بالام ،ئەمما سەن بارغان يەردە كەچكىچە كۈمەچ كۆمۈپلا يەيدۇ ئۇ خەقلەر، نەدە بۇنداق تاتلىق نانلار بالام ، ئال بالام ئال ، ماڭا ئاللا ئىگەم بار ،- دىگىنىچە سارىخان ئانا كۆز ياشلىرىنى يۇشۇرالماي ئادىلنىڭ قۇيۇق قارا چاچلرىنى سىلاپ تۇرۇپ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويغان ئىدى ......
;h#nal>w@S مارجانلىققا ماڭىدىغان يول پۈتۈنلەي قۇملۇق چىغىر يول بولغاچقا ، بۇ يەرگە پەقەت قارا يۈك ماشىنىلار قاتنايتتى ، شوپۇر بىلەن ئۇنىڭ بىرەر يېقىنى كىپىنكىدە ئولتۇرغاندىن ئۆزگە يولۇچىلار پۈتۈنلەي ماشىنىنىڭ كۇزۇپىدا ئولتۇراتتى .
HHaerc ئادىل سارىخان ئانىغا قىيمىغان ھالدا كۆز ياشلىرىنى تەسلىكتە يۇشۇرۇپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ مارجانلىققا يۈرۈپ كەتتى .
fH[:S9@ ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئادىل ئۆزىنىڭ تۇلىمۇ كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان تالانتى بىلەن بىرىنجى قېتىملىق خىزمەتكە قۇبۇل قىلىش ئىمتاھانى بىلەن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەنىدى . نەتىجسى گەرچە ناھىيە بۇيىچە بىرىنجى بولغان بولسىمۇ بىراق بۇ ئاددىي ئائىلىدىن كىلىپ چىققان يىگىتنىڭ نە بىرەر ئارقا تىرىكى بولمىغاچقىمۇ ئاشۇ چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ناھىيىدىن 10 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى .
VkDFR
[k_ ئۇ خىزمەتكە چۈشكەندىن كىيىن ، يېزا باشلىقلىرىنىڭ كۆزىگە ناھايىتى تىز چېلىقىپ ياخشى ئىشلىگەن بولسىمۇ ، بۇ كاج تەقدىر تۇيۇقسىزلا ئۇنى يەنە 500 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بۇ خىلۋەت ماكانغا ئۇچۇرۇپ ئېلىپ كەلدى .
-E>se8 %" - ئىنىم ، بۇ ناھىينىڭ يېزا – بازاردىكى قابىليەتلىك ياشلارنى چېنىقتۇرۇش پىلانى ئىكەن ، سەن ياخشى بىر كادىر.يېزىمىزغا كەلگەن بۇ ساننى باشلامچىسى بۇلۇپ قۇبۇل قىلىشىڭ كېرەك . بىر يىل دېگەنمۇ توشۇپ قالىدۇ ، تېخى تىزلا ئۆسۈپ كىلەمسەن ئۇ يەردىن ،كىم بىلىدۇ ! .-
G8ksm2 } يېزا باشلىقىنىڭ بۇ سۆزىدىن ئانچە رازى بولمىغان بولسىمۇ ئەمما بارماي ئامالمۇ يوق ئىدى .
xrky5[XoD ماشىنا ئوڭغۇل - دوڭغۇل ساي يولىدا ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ئاخىرى كۆزلىگەن مەنزىلگە يىتىپ كەلدى . تەكلىماكان ئاجايىپ بىر سىرلىق ماكان ، قۇملۇق تېگىگە تىلسىملار يۇشۇرۇلغان ، قاغىجىراپ كەتكەن يالىڭاچ توغراقلار پۈتۈن كائىناتقا ، ئەسىر – ئەسىرلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . قۇمۇشلار پۈپۈكلەپ ، يۇلغۇنلار چىچەكلەپ ، سۈبھى بىلەن تەڭ قۇشلارمۇ نەغمە قېتىپ كىتىدۇ .
^"\.,Y شەپەق نۇرىدا يۇلغۇنلارنڭ قىزارغان چىچەكلىرى ،شۇنچىلىك گۈزەل تۈسكە كىرىدىغان بۇلۇپ ، كىشىلەرگە ساماۋى چۈشنى ئەسلىتىدۇ .
C%+>uzVIw ئادىل يۈك – تاقلىرىنى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرۈپ ، ينىككىنە نەپەس ئالدى .
D:Y`{ { ئەمىلىيەتتە كۆز ئالدىدا تۇرغىنى تۇلىمۇ ئاددى سېلىنغان بىر قاتار ئۆيلەر ئىدى . ئۇنىڭ كىچىككىنە پاكار تاملاردىن قۇپۇرۇلغان تۆت ئەتراپىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، ئۇمۇمىي كۆلىمى بىر موغىمۇ يەتمەيتتى ، يېزىلىق ھۆكۈمەت دەرۋازىسى ئالدىغا بىر قانچە ئىشەك ھارۋاسى باغلاقلىق بۇلۇپ ، بۇ يۇرت كىشىگە 40 – يىللاردىكى شىنجاڭنىڭ ئارقا كۆرۈنىشنىنى ئەسلىتەتتى .
j])nkm7_ بىر قانچە ياشانغان بوۋايلار يەكتەكلىرىنىڭ بىر پىشىنى بېقىنىغا قىسىپ دەرۋازا ئالدىدىكى كىچىككىنە ئات ئورۇندۇقتا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ، نىمىلەردۇر توغرىسدا مۇنازىرە قىلىشىۋاتقاندەك ئىدى .
>5!/&D.q - ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! .-ئادىل ئۇلارغا سالام بەردى .
vXi}B - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! ، بالام كىمنى ئىزلەيسىزكىن ؟ ،- دىدى ئارىسىدا قارامتۇق كەلگەن بىرى
,*$/2nB^ - مەن بۇ يەرگە يېڭى خىزمەتكە كىلىۋېدىم ، بۇ يېزىنىڭ يېزا باشلىقىنى ئىزدەيتتىم .
6lc/_&0 - كىرسىلە ئىچىگە ، ئاۋۇ كۆك سىرلانغان ئىككىنچى ئىشىك ، قادىر شاڭجاڭنىڭ ئىشخانىسى شۇ ، - دەپ كۆرسىتىپ قويدى ھېلىقى بوۋاي .
I NE,/a= ئادىل ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرگىنىچە يېزىلىق ھۆكۈمەت دەرۋازىسدىن كىرىپ كەتتى .
vDAv/l9 ئىشىك ئالدىغا كەلگەن ئادىل ئىشىكنى ئەمدىلا چىكەي دەپ تۇرىشىغا ، ئىچىدىن كىمدۇر بىرىنىڭ ۋاقىراپ ، توۋلاپ سۆزلەۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئىشكنى چىكىشىگە تەمشىلىۋاتقان قوللىرىمۇ ھاۋادا پۇلاڭلاپ قالدى، . ئادىل سىرىتتا بىر ھازا ساقلىغاندىن كىيىن ئىشىكنى يىنىككىنەچەكتى.
FE/2.!]&o -كىمۇ ،كىر،-تۇلىمۇ قۇپال ئاۋاز...ئادىل سەل ئەندىككەن بولسىمۇ يەنىلا ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئىشخانىغا كىردى.
"@[xo7T ئىشخانا ئىچى تۇلىمۇ ئاددى ياسالغان بۇلۇپ يەنىلا بىر ئاز ئىدى ، ئىشخانا ئىچىدە 4 – 5 كە يېقىن ئادەم ساپادا چۆرىدەپ ئولتۇراتتى . ئادىل بۇلارنىڭ يېزىنىڭ كادىرلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى . ساپانىڭ بىر چىتىدە ئىش ئۈستىلى ، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئايلانما ئورۇندۇق بۇلۇپ ، ئۇنىڭدا ئولتۇرغان 45 ياشلار چامىسىدىكى سۈزۈك يۈزلۈك ، ماڭلىيى دوقىراق كەلگەن سېرىققا مايىل بوز كۆز بۇ كىشىنىڭ قادىر شاڭجاڭ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ئادىل ، قولىدىكى تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى . ئۇ ئادەم بىر تۇنۇشتۇرشقا بىر ئادىلغا سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن،-
fJ3qL#' - ھە ، كەسىلە ئۇكام ، سىلىدەك شەھەردە چوڭ بولغان جاپا كۆرمىگەن بالىنى بۇ يەرگە بىرىپ نىمە قىلار بۇ ھۆكۈمەت ، بوپتۇ ئولتاسىلا ، دىدى قادىر شاڭجاڭ سوغۇقلا . ۋە ئارقىدىن ئولتۇرغانلارنى بىر – بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ چىقتى . ئادىل يېزىدىكى كادىرلار بىلەن بىر قۇر تۇنۇشقاندىن كىيىن ئۇلاردىن قىسقىچە تىنىچلىق سوراشتى . بۇ كەچ پىشىنگە يېقىنلاشقان ۋاقىت ئىدى .
7TQh'j - ئەمدى ئىشتىن چۈشسەك بۇلار ؟ ھە راست ماۋۇ بۇرۇتلۇق يىگىت ئىسمىڭ نىمىدى سىنىڭ ؟
_(\\>'1q! - ئادىل
D{,B[5 - ھە ئادىل ئۇكىمىزنى سىلى ئۆيلىرىگە ئەكىتىپ تۇرسىلا تۇردى ئاخۇن ،سىلىنىڭ ئۆيلىرى يېزىغا يىراق ئىكەن دىدى - بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ،
uhLg2G^h -قارا ئۇكام ، يېزىدا ئىشخانا قىس، ئاۋۇ تۇردى چۇناق يېزىنىڭ سىياسى قانۇن شۇجىسى ، شۇنىڭ ئۆيىدە يېتىپ تۇرغىن ،-
C"IP1N - بولىدۇ شاڭجاڭ ،- دىدى ئادىل قىسقىغىنا .
xUD$i?3z داۋامى بار
s geP`O% NwG&uc+Q مەنبە ئۈزۈم... بۇ ئەسەرنىڭ رەسىملىرىنى مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تاتلىقىم لاھىلىگەن ...
8[FC بۇ ئەسەر مىسرانىمغىلا تەۋە باشقىلارنىڭ قالايمىقان باشقا تور بەتلەرگە كۈچۇرمەسلىكىنى تەۋىسيە قىلىمەن .
':!;6v|L كۆزۈمدن
[ بۇ يازما kuzum تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]