مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       978 
  •    ئىنكاس 
       8 

قاتناش ۋەقەسى ۋە سىز

قەۋەت ئاتلاش
adwukat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.27003

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2185 (سوم)
 ياخشى باھا:   151 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   201  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 67
 سائەت
دەرىجىسى:
67 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-20
ئاخــىرقىسى:2011-02-13

قاتناش ۋەقەسى ۋە سىز
!<2*B^   
vP'R7r2Yx  
شىنجاڭ ئادىل ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن ئادۋوكات كامىل ئابلەت ، 2010-يىلى 1- ئايدا «قانۇن ئەتراپىڭىزدا تېمىسىدا » سۆزلىگەن ھەقسىز لىكسىيە 6C/D&+4  
WiviH#hF  
-تور ئەھلىگە ياردىمى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن مەزكۇر يازمىنى سۆزلەنگەن لىكسىيەدىن ئۆزلەشتۈرۈپ يازدۇق ! پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ ، ئاساس قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ ! بۇرچىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى !
%3VwCuE  
ھازىر زاماننىڭ تەرەققى قىلىىشى بىلەن قاتناش بارغانسىرى راۋانلاشتى بىراق قاتناش ۋاستىلىرى كۆپىيىپ يولغا پاتماي قېلىشى قاتناش ۋەقەسدىن ئىبارە ئىجتىمائى ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىۋەتتى . سىز قاتناش ۋەقەسىگە ئىلگىرى يۇلۇقۇپ باققان بولسىڭىز ھازىر ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىش ۋە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىشىڭىز مۇمكىن بىراق يۇلۇقۇپ باقمىغان تەلەيلىك توراداشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس ئەلبەتتە ئۇنداقتا قاتناش ۋەقەسىگە يۇلۇققىنىڭىزدا قانداق قىلىسىڭىز بولىدۇ . بىر ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە قانۇن جەھەتتىن تۆۋەندىكىچە مەسلىھەتلەرنى بېرەي .
~ab"q %  
 قاتناش ۋەقەسىگە يۇلۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك ؟
 
قاتناش ۋەقەسى كۈندۈلۈك تۇرمىشىمىزدا بۇلۇپمۇ بولسا شوپۇرلارنىڭ تۇرمىشىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچىرايدۇ . 4!gyFi6$  
قاتناش ۋەقەسىگە يۇلۇققاندا  دوستلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ، تەمكىنلىك بىلەن تۆۋەندىكىچە مەشخۇلات قىلغىنى ياخشىراق . oa1a5+ A  
(1) نەق مەيداننى قوغداش ؛ =C\S6bF%  
ئېسىڭىزدە بولسۇن ياخشى قوغدالغان نەق مەيدان ھەركىمنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق ، يول قاتناش بېخەتەرلىك قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا نەق مەيدان بۇزىۋېتىلسە مەسئۇلىيەت توغرا ئايرىلماي ، تەڭسىزلىك كېلىپ چىقىشى تەبئى چۈنكى نەق مەيدان قاتناش ۋەقەسىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىۋاستە دەلىل – ئىسپات نەق مەيدان بۇزىۋېتىلسە نەق مەيداننى بۇزىۋەەتكۈچىگە مەسئۇلىيەت ئارتىشنىڭ ئارتىشنىڭ ئاساسى قىلىندۇ . 65J'u N  
ئەگەر قاتناش ۋەقەسى نەق مەيدانى بەك قستىقىستاڭ ، ناۋادا نەق مەيداننى قوغدايمەن دېسەك يەنە قىستاڭچىلىق پەيدا قىلىشقا ياكى قىستاڭچىلىقنى ئېغرىلاشتۇرىۋېىتىتىش ئېھتىماللىقى بولۇپ قالسا يېنىڭىزدىن يانغون ، سىنئالغۇ ئاپىراتى ، رەسىمگە تارتىش ئاپىراتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سىن ياكى سۈرەت ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاپپاراتلار بىلەن نەق مەيداننى رەسىمگە ئېلىۋېلىپ ، قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن قاتناش ۋاستىلىرىنى قاتناش قىستىقستاڭچىلىقى پەيدا قىلمايدىغان بوشلۇققا تارتىڭ . تارتىۋالغان سۈرەتلىرىڭىز كېيىن ھادىسە مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىشتە نەق مەيدان ئاساسى بولالايدۇ. KQ9:lJKr  
ئۇنىڭىدىن سىرت بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك مۇنداق بىر كىچىك نەرسە بار يەنى قارا قۇتا ، قارا قۇتا دىيىلسە نۇرغۇن كىشىلەر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ ، قىممەت پۇللۇق ماشىنلار بولسۇن ياكى ئەرزان پۇللۇق ماشىنلار بولسۇن ھازىر ماشىنىلارغا قارا قۇتىلارنى بېكىتىپ يول يۈرسە كېيىنكى ئاۋارچىلىقتىن خالاس بولالايدۇ . قارا قۇتا سىزنىڭ بىخەتەر يول يۈرىشىڭىزنىڭ ئاساسى بولالىشى ناتايىن بىراق ماشىنىغا قارا قۇتا ئورنىتىلسا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جەريان ئاپتوماتىك سىنغا ئېلىنپ قېلىنىدىغان بولۇپ ، ماشىنىغا ئىشلىتىلىدىغان قارا قۇتىنىڭ 1~50 كىچە كۆزىتىش بېشى (摄像头) ، مەشخۇلات توختاشتىن بۇرۇنقى 1~500 سائەتلىك سۈرەتلەرنى ھەر قايسى يۆلىنىشلەردىكى سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارى بولىدۇ . يەنى ھادىىسىنىڭ جەريانى مەخپى سىنغا ئېلىۋېلىنغان بولۇپ ، كېيىن ھادىسە بىر تەرەپ قىلغاندا قاتناش ساقچى تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز ھەر قايسى يۆلىنىشلەردىن ئېلىنغان نەق مەيدان سۈرىتى مەسئۇلىيەت ئايرىشتا توغرا دەلىل - ئىسپات بولالايدۇ .ھازىر قارا قۇتىنى سىز توردىن ياكى ماشىنا زاپچاسلىرىنى سېتىش ئورۇنلرىىدىن سېتىۋالالايسىز . .(1$Q6yG  
ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك : H_8@J  
ئەگەر يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى كىچىك زىيان - زەخمەت ئاز بولغان بولسا ئۇنداقتا ئالاقىدارلار كېڭىشىپ نەق مەيداندىلا بىر تەرەپ قىلساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولۇپ ۋاقىت ۋە زىھنىڭىزنى تېىجەپ قالىسىز . ) L{Tn 8  
(2) خەتەرنى تۈگىتىش ؛ @xkM|N?  
ئەڭ مۇھىم مەشخۇلات خەتەرنى تۈگىتىش ، خەتەر دىگەندە ماشىنلارنىڭ سوقۇلغاندىن كېيىن ئوت كېتىشى ، نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ ئۈلۈپ كېتىشى ياكى يارلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ تىزگىنلەش ياكى ئالدىنى ئېلىشىنى كۆرسىتىدۇ . ئەگەر ماشىنىغا ئوت كەتسە ، مۇۋاپىق ھالدىكى ئوت ئۈچۈرۈش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق ئوت ئۆچۈرۈپ كەتكەن ئوتنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ . ئەگەر توك يولى ياكى ماي يولىغا ئوت كەتكەن بولسا ھەرگىزمۇ سۇ تۈرىدىكى ئوت ئۈچۈرۈش ۋاستىسى بىلەن ئوت ئۈچۈرمەڭ ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئوت ئۆچمەيلا قالماستىن بەلكى ، پارتىلاش ياكى ئوت ئاپىتىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن . b]g.>$[nX  
ئەگەر نەق مەيداندا ئادەم يارلانغان بولسا دەرھال ئادەم قوتقۇزۇڭ ، چۈنكى ھاياتلىق ئەڭ مۇھىم ، ئادەم قۇتقۇزۇشتا 120 گە تېلفون قىلىپ جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ . ياكى ماشىنىغا سېلىپ يېقىن ئەتىراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ . @g=A\2  
(3) دىلو مەلۇم قىلىش : \iE'E  
دىلو مەلۇم قىلىش ئىككىگە بۆلىنىدۇ ، يەنى قاتناش ساقچى تارماقلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىش ۋە سوغۇرتا شىركىتىگە دىلو مەلۇم قىلىش . =0]Mc$Ih  
ئادەتتە تەرەپلەر كېلىشىپ قېلىش ئىمكانىيىتى بار زىيان كۆپ كۆرۈلمىگەن دىلولارنى مۇرەسسە ئارقىلىق كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلغىنىڭىز تۈزۈڭ . ئەگەر كېلىشەلمىسەڭلا دىلو مەلۇم قىلساڭلار بولىدۇ .  vo(?[[  
قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش نومىرى 122 گە تېلفون قىلىپ دىلو يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ئېنىق ئېيتىپ بېرىڭ . . .$OInh  
ئەمدى سىز قىلىدىغان قىززىق ئىش ، سۇغۇرتا شىركىتىگە دىلو مەلۇم قىلىش ، دىلو مەلۇم قىلىشتا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ، مەسىلەن بىر سانتانا ماشىنا دەپ مىسالغا ئالساق ، شۇ سانتانا ماشىننىڭ ئالدى ئەينىكى ، (挡风玻璃) غا چاپلاقلىق سوغۇرتا (保险) بەلگىىسىنىڭ ئىچى تەرىپىدە سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ قىززىق لىنىيە تېلفون نومىرى يېزىلغان بولىدۇ ، ئاپتۇماتسىز ئىستانىتسى ئارقىلىق كۆرسەتمە بويىنچە سۇغۇرتا تالون نومىرى ، ماشىنا نومىرى قاتارلىقلارنى ئېيتىپ بېرىپ دىلو مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ . XWUT b\@  
(سۇغۇرتا شىركىتىگە دىلو مەلۇم قىلغاندا باشتا تېلفون پۇلىدىن باشقا ھەق ئالمايدۇ ، ئەگەر سىز سادىر قىلغان قاتناش ھادىسدە كۆرۈلگەن زىيان چوڭ ، مەسئۇلىيىتىڭىز ئېغىر بولۇپ سوغۇرتا شىركىتى سىزنى سۇغۇرتىلاتقانغا پۇشايمان يەپ قالسا كېيىنكى يىلى سىزگە مەجبۇرى سۇغۇرتا ساتقاندا كۆپرەك پۇل تۇتۇپ قالىدۇ . ) ئەگەر راستلا ۋەقە چوڭ بولۇپ سوغۇرتا شىركىتى تۆلەشكە تېىگىشلىك ئىكەن دەپ قارىسىڭىز سۇغۇرتا شىركىتىگە ئىككىلەنمەي دىلو مەلۇم قىلىڭ ، قاتناش ۋەقەسىدە سۇغۇرتا دىگەن ئاجايىپ تاتلىق نەرسە جۇمۇ ! ئەمما سوغۇرتىغا سەل قارىماڭ ، ھەرقانداق ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى يولغا چىقىشىتىن بورۇن چوقۇم ئۈچىنچى كىشى مەجبۇرى مەسئۇلىيەت (第三人强制责任险) سۇغۇرتىسى ئېلىشى كېرەك . سوغۇرتا ئالمىغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بىردەك يولغا چىقىشقا بولىمايدۇ. =91'.c<  
(4) ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش : 4 ?c1c  
ۇەقەنى ئەلبەتتە قاتناش ساقچى تارماقلىرى كېلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ، قاتناش ساقچى تارماقلىرى دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن تەرتىپ بويىنچە قاتناش ھادىسىگە قارىتا ھادىسە ئىتىراپنامىسى چىقىرىپ بېرىدۇ ، ھادىسە ئىتىراپنامىسىدا ئالاقىدالارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايرىلغان بولىدۇ ، يەنى ئىتىراپنامىدە خاتالىق دەرىجىسىنىڭ چوڭ كىچىلىكىنى ئاساس قىلىپ : ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بارلىق مەسئۇلىيەت ، ئاساسى مەسئۇلىيەت ، تەڭ مەسئۇلىيەت ، قوشۇمچە مەسئۇلىيەت ياكى مەسئۇلىيىتى يوق دەپ مەسئۇلىيەت ئارتىلىدۇ. .ئەلبەتتە ئالاقىدارلارنىڭ خىلاپلىق قىلىغان قانۇن ۋە قانۇن ماددىلىرىمۇ ئېنىق ئەسكەرتىلىدۇ. P< &/$x6  
دىلو بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا مۇرەسسەلىشىشكە بولىدۇ ، ئەگەر مۇرەسسەلىشش ئۈنۈم بەرمىسە ياكى مۇرەسسەلىشىپ بولغاندىن كېيىن قايسى تەرەپ مۇرەسسەنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلسا ياكى تۇلۇق ئادا قىلمىسا تەرەپلەر تارتقان زىيانلىرىنى سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. مۇرەسسەنامىدىكى مەسئۇلىيەت ئايرىشقا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولغۇچى مەسئۇلىيەتنامىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 3 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى قاتناش ساقچى تارمىقىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . ( gFA? aD<  
ئەسكەرتمە: |zT0g]WH  
يول قاتنىشىغا دائىر بەلگىلىمە ياكى قانۇنلار ھازىر بارغانىسرى مۇكەممەللىشىپ كەتتى ، شۇڭا دوستلار تەرتىپنى بىلمەي دىلو بېجىرىپ بېرىۋاتقان ئەجىر قىلىۋاتقان ھەم بىخەتەر يۈرۈشىمىزنى سەمىمىزگە سېلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى ئۈستىدىن قالايمىقان بۆھتان چاپلاپ :«پارا ئالدى ، يەپ كەتتى » دەپ ئولتۇرماي قانۇنى تەرتىپ بويىنچە مېڭىشىلارنى سەمىڭلارغا سالىمەن . ئەگەر راستلا پارا ئالغان ، خىيانەت قىلغان پاكىتىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتىڭىز بولسا مەسئۇل ج خ ئورگىنىغا ياكى مۇپەتتىش ئورگىنىغا مەلۇم قىلىڭ! بولمىسا ئەڭ ياخىشىسى باشقىلارغا قارا چاپلىماڭ . قارا چاپلاش شەرىئىتىمىزدىمۇ ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدىمۇ ، ئەخلاقىمىزدىمۇ ئېغىر گۇناھ ھىسابلىنىدۇ . &Egn`QU  
(5) جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ؛ <&Uk!1Jd  
ئادەتتە قاتناش ھاددىسى تۆۋەندىكى تۆت يول بويىنچە بىر تەرەپ قىلىندۇ . U+RPn?Q  
1. ئەل ئارىسىدىكى مۇرەسسە: خوشنام بالامنى سوقۇپ قويدى لېكىن يارىسى ئېغىر ئەمەس ، ئۇنداقتا بىز يۈزتۇرانە داۋالىتىش پۇللىرىنى مۇرەسسە قىلىپ ئالساق بولىدۇ . ئۆز ئارا كېلىشەلمىسەك ، ئىشىك تۈۋىمىزدە يەنە باشقا قوشنىلار ، مەسچىتتە مۆتىۋەللىلەر ، يۇرت مەھەلىدە ئاقساقاللار تۇرۇپتۇ . شۇلار مۇرەسسە قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ .(دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدا ئىجتىمائى ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش بەلگىلەنگەن ، ) y,>m#6hx#  
2. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئارقىلىق مۇرەسسەلىشىش :ئەڭ تىپىك قاتناش ۋەقە مۇرەسسە ئورگىنى قاتناش ساقچى تارماق ئەتىرىتى ، ئالاقىدالار قانۇن بويىنچە شۇ ئورگاننىڭ مۇرەسسە قىلىپ قويۇشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . بۇنىڭىدا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. ئەگەر قاتناش ساقچى تارماقلىرىغا مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىسىڭىز ئاقىلانە تاللىشىڭىز سوت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش. MGz> ,c^wW  
3. سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش : يۇقىرىدا ئېيتىقىنىمىزدەك قاتناش ۋەقەسدىن كېلىپ چىققان جىسمانى ، ماددى ، ۋە روھى زىيانلارنى سوت مەھكىمىسگە دەۋا قىلىپ سوغۇرتا شىركىتى ۋە شوپۇر ، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئىگىلىرىدىن تۆلىتىپ ئالساق بولىدۇ . ئادەتتە قاتناش ۋەقەسىدە زىيان دائىرىسى ئىچىدە سوغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلىشى ھۆكۈم قىلىندۇ ، شۇنداقلا سوت مەھكىمىسى روھى زىيان تۆلىمى قاتارلىقلارنى تەپسىلى يۈزلەشتۈرۈپ ھۆكۈمگە يازىدۇ ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنى ئىجىرا قىلىشنى باش تارتقا تەرەپنى سوت مەھكىمىسى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن مەجبۇرى ئىجىرا قىلدۇرىدۇ . مەسلەن بانكا ھىسابى ، ئۆي مۈلۈكلىرىنى پىچەتلەش ، توڭلىتىش ، تۇتۇپ قېلىش ، جىسمانى جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئاپىرىۋېتىش قاتارلىقلار . 3d 
4. تەپتىش ئورگىننڭ دىلو بىر تەرەپ قىلىشى : بىلەمسىز قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلىش جىنايەتكە بېرىپ تاقىلىدىغان ئىش جىنايى ئىشلار قانۇنىدا قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى دەپ جىنايەت بار ، گېزى كەلسە ھەتتا خەتەرلىك ۋاستىلار بىلەن جامائەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈلۈم جازاسىغا ئۇچىرايدىغان ئىشمۇ بار ، مەسىلەن : ئەگەر سىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلىپ تۇلۇق ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتىلىپ ھەم بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى ياكى 3تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارلىشىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارسىڭىز سىزنى بۇ جىنايەت بىلەن تەپتىش مەھكىمىسى سوت مەھكىمىسگە ئەيىبلەيدۇ ، 3 يىلدىن تۆۋەن تۈرمىدە ياتىدىغان ئىشلار چىقىدۇ . بۇنىڭدىن سىرىت پىراۋىسىز ، مەس ، سۈرەتىنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ ، ئادەم سوقۇپ بولغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىپ ھادىسنىڭ چوڭىنى سادىر قىلغانلارنى باشقا جىنايەت نامى بىلەن ئەيىبلەپ جازانى ئېغىر بېرىشكە بولىدۇ . شۇڭا ھەممەيلەن بىخەتەرلىككە دىھقەت قىلىپ يول يۈرەيلى ! _Kj.  
=ar soCa  
(6)تۆلەم بېرىش ۋە تۆلەم ئېلىش ؛ *! /#39  
تولەم بېرىش ياكى تۆلەم ئېلىش مەسىلىدە توغرا بولغان روھى كەيپىياتنى ساقلاڭ ، تۆلەم تۆلەيدىكەنمەن دەپ چۈشكۈنلىشىپ كەتمەڭ ياكى تۆلەم ئالىمەن دەپ ئۇششۇقلۇق قىلماڭ . ئەگەر تۆلەم تۆلىگىچى بولسىڭىز سوغۇرتا شىركىتى بىلەن ماسلىشىڭ ، ئەگەر سىز ئالىدىغان تۆلەمنىڭ دائىرىسى سۇغۇرتا دائىرىسىگە كىرىدىغان بولسا (: مەسىلەن سىز ماشىنىڭىزغا 3- كىشى مەجبۇرى سۇغۇرتىسى ئالغان بولسىڭىز سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ ، بۇ تۆلەمنى سىزگە ئەمەس ، سىز يارلاندۇرغان ياكى ئۆلتۈرۈپ قويغان سىزدىن باشقا ماشىنا سىرتىدىكى زىيانغا ئۇچىرىغان 3- كىشىگە بېرىدۇ ئەلبەتتە ) بۇ ھەقتە سۇغۇرتا خادىملىرى بىلەن ئەستايىدىل سۆھبەت قىلىڭ . 9"RfL7{  
6.1 تۆلەم دائىرىسى : ئادەتتە تۆلەم جىسمانى تۆلەم ۋە ماددى تۆلەم ۋە روھى تۆلەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . .Topg.7W  
جىسمانى تۆلەم دىگەندە : مېيىپلىق تۆلەم پۇلى ، داۋالىنىش خىراجىتى ، كۈتۈنۈش ھەققى ، ئۇزۇقلىنىش ھەققى قاتارلىقلارنى جىسمانيىتى زەخمىلىنىشتىن بولغان تۈرلۈك تۆلەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ . ھەر بىر رايوننىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇش ئەھۋالنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن شۇ جاينىڭ تۆلەم سوممىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ، ئادەەتتە جىسمانى تۆلەمدە جىسمانىيىتى زىيانغا ئۇچىرىغۇچىنىڭ نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ئاساس قىلىنىپ يېزا نوپۇس ياكى شەھەر نوپۇسى بويىنچە ئايرىپ بېرىلدۇ. Kzu9Qm-+z^  
ماددى تۆلەم : ماددى تۆلەم دىيىلگەندە قاتناش ھادىىسى سەۋەبلىك ماددى بۇيۇم زىيانغا ئۇچىرىغانلىقتىن بېرىلىدىغان تۆلەم ، مەسلەن كۆپىنچە قاتناش ۋەقەسىدە ماشىنىلار زىيانغا ئۇچىرايدۇ ، بۇ شۇ ماددى بۇيۇمنىڭ زىيانغا ئۇچىرىغان ۋاقىتتىكى ئەمەلي باھاسىنى ئاساس قىلىپ بېرىدۇ . مەسىلەن : 10 يىل بورۇن بىر بېك ماشىننى 2 مىلىيونغا سېتىلۋالغان بولسىڭىز ، ھازىر قاتناش ھادىسى يۈز بەرسە ماشىننىڭ ھازىرقى باھاسى ياكى ، ماشىنا زاپچىسىنىڭ ھازىرقى باھاسى بويىنچە تۆلەم بېرىلىدۇ . 15:@pq\  
روھى تۆلەم : روھى تۆلەم يەنە روھى زىيان تۆلىمى ، روھى تەسەللي پۇلىمۇ دىيىلدىغان بولۇپ بىۋاستە پۇل بىلەن بېرىلدۇ ، روھى تۆلەم بېرىشىنىڭ كونكىرىتىنى ۋە تەپسىلى تۆلەم ئۆلچىمى ئوتتۇرغا چىققان ئەمەس ، چۈنكى زامان شۇنچە تەرەققىي قىلىپ ھەرخىل ماشىنا ئۈسكىنلەر ياسىلىپ چىقىپ كىشىلەرنىڭ قېنى ، سۈيدىكى ، ئېغىرلىقى ۋەھاكازا تەرەپلىرىنى ئۆلچىيەلىدى يۇ بىراق ، يۈرەك يارىسى ، روھى بېسىمىنى ئۆلچەيدىغان ماشىنا ئىجاد بولمىدى ، سىزدە قانچە كىلو ۋىجدان بارنى قانچە كىلوسى زىيانغا ئۇچىرىدى دوختۇرلار ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. x=#5\t9  
6.2 تۆلەم تۈرلىرى ، K@~#Gdnl  
بۇ يەردە ئاساسلىق قىلىپ زەخمىلەنگۈچى ياكى مېيىپ بولغۇچىنىڭ قايسى تۆلەملەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىمىز . Z+W&C@Uw  
مېيىىپ بۇلۇش دىيىلسە نۇرغۇن كىشىلەر قولى ياكى پۇتى يوق بولۇش ، بىرەر كۆزى كۆرمەسلىك ، قۇلىقى ئاڭلىماسلىق قاتارلىقلار ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىغا ئېلىپ كېلىۋالدۇ ، ئەمەلىيەتتە مېيىپ بۇلۇشنى قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمىدە 10 دەرىجىگە ئايرىيمىز ، ئەڭ يۇقىرىسى 1- دەرىجىلىك مېيىپ ، ئەڭ تۆۋىنى 10 – دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ بۇنى مەخسۇس ئەدلىيلىك باھالاش سالاھىيىتى بار ئورۇن باھالاپ بېكىتىدۇ ، ئادەتتە قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك بىراۋ مېيىپ بولغان بولسا شۇ كىشىگە داۋالىنىش خىراجىتى ، قاراش ھەققى ، قاتناش ھەققى ،ئۇزۇقلۇق پۇلى ، دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدىكى تاماق پۇلى قاتارلىق پۇللار بېرىلگەندىن سىرىت مېيىپلىق تۆلەم پۇلى ، مېيپلىق سايمان پۇلى ، مېيىپ بولغانلىقتىن ئېرىشىدىغان كۈتۈنۈش پۇلى ، بېقىلىدىغان كىشىسىنىڭ تۇرمۇش پۇلى قاتارلىقلار پۇللار بېرىدۇ . ئەلۋەتتە مېيىپ بولغۇچىدا ھادىسە جەريانىدا خاتالىق بار دەپ بېكىتىلگەن بولسا خاتالىق دەرىجىسىگە ماس تۆلەم پۇلى تۇتۇپ قېلىنىدۇ . ncr-i!Jjk  
)YtL=w?L'  
(7) سوتقا چىقىش ؛ [s{:}ZuKc  
قاتناش ۋەقە دىلوسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر تەرەپ بولۇش يولى ئەدلىيە تەرتىپى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش يەنى ، سوتقا چىقىش ، مەيلى سىز تۆلەم ئالغۇچى ياكى تۆلەم بەرگۈچى بولۇڭ ئەڭ ياخشسى ئادۋوكاتلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ . ئادۋوكاتلار ياردىمىگە ئېرىشىنىڭ يولى ئىنتايىن كۆپ . Ux T[  
1. مەسلىھەت سوراش : gt GKV  
قولىڭىزدىكى بار ماتىرىياللارنى كۆتۈرۈپ ئادۋوكاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئازغىنە مەسلىھەت ھەققى تۆلىسىڭىزلا قانداق قىلىش ھەققىدە تەپسىلى مەسلىھەتكە ئىگە بولىسىز . ئەگەر تۆلەم سوممىسى بەك چوڭ بولمىسا ئادۋوكات تەكلىپ قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . 'm5(MC,  
2. ھەقلىق ئادۋوكات ئېلىش : ydqmuZ%2h#  
ئەگەر دىلو ئەھۋالىڭىز مۇرەككەپ ، تۆلەم سوممسى يۇقىرى بولسا بۇ ساھەدە تەجىرىبىسى بار ئادۋوكاتلارنى مۇۋاپىق ھەق تۆلەپ تەكلىپ قىلسىڭىز بولىدۇ . ئۇنداقتا ئادۋوكات تەكلىپ قلىشتا نىمىلەرگە دىھقەت قىلىش كېرەك ؟ f$|v0Xs  
ئالدى بىلەن شۇ ئادۋوكاتنىڭ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك ، ئەگەر رەسمى ئادۋوكات بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئادۋوكاتلىق خىزمەت كېنىشكىسى بولغان بولىدۇ . xt,L* B  
(ئادۋوكاتلىق كېنىشكىسىنىڭ رەسىمى .) qg{<&V7fE  
ئەگەر ئادۋوكاتلىق كېنىشكىسى بولمىسا دىمەك ئۇ ئادۋوكات ئەمەس . r{R7"  
رەسمى ئادۋوكاتنىڭ ئىسىم كارتوچكىسىدا ئۇنىڭ خىزمەت كىنىشكە نومىرى بولغان بولىدۇ ، uEGPgYY(  
ئۇ ئادۋوكاتنىڭ پىراكتىكانت ئادۋوكات ياكى پىشقەدەم ئادۋوكات ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش كېرەك ، پىراكتىكانت ئادۋوكاتلار ئۆز ئالدىغا دىلو بېجىرسە بولمايدۇ . WTYFtZD[yH  
رەسمى ئادۋوكات ئېلىشنىڭ نىمىگە پايدىسى بار ؟ kz;_f  
1. ئادۋوكات ئالسىڭىز كەلگۈسىدە كېلىدىغان نۇرغۇن خېيىمخەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز qZsddll  
2. ئۆزىڭىزگە كېلىدىغان تۆلەم سوممىسىنى توغرا ۋە تۇلۇق ھىسابلاپ چىققىلى بولىدۇ . y*b.eO  
3. ئەگەر ئادۋوكات دىلونى ياخشى بېجىرمىسە شىكايەت قىلسىىڭىز ئادۋوكات جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ .بۇنى سورايدىغان شۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى ، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ياكى ئەدلىيە ئىدارىسى (نازارىتى ) قاتارلىق ئورۇنلار بار بولغان بولىدۇ . Gb|}Su  
4. يىغىنچاقلىغاندا ئورۇنسىز ئاۋارچىلىقلاردىن خالاس بولالايسىز
lJzy)ne  
CCh8?sM  
ئادۋوكاتلارنىڭ ھەق ئېلىش شەكلى ۋە ئۆلچىمى :  
ئادەتتە ئادۋوكاتلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ : MhI)7jj`mt  
1. ئادەتتىكى ۋاكالەتچىلىك : ئادەتتىكى ۋاكالەتچىلىكتە ، ئادۋوكاتقا 1- سوت ياكى 2- سوتقا چىقىشقا تولۇق ھوقۇق ياكى ئادەتتىكى ھوقۇق بىلەن ھاۋالە قىلىسز . ئادۋوكات 1- سوت ياكى 2- سوتنىڭ ھۆكۈم كېسىملىرىنى قولىڭىزغا تەككۈزگەندە ۋەكالەتچىلىك ئاخىرلاشقان بولىدۇ ، بۇنىڭ ھەق ئېلىش سوممىسى دىلو نىشاننىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ، دىلو ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپ ئاددىيلىقى ، يولنىڭ يىراق – يېقىنلىقى قاتارلىق ئوبىكتىپ ئامىىللار تەرىپىدىن بەلگىلىندۇ ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ دىلو نىشانىنىڭ %4 تىدىن كەم بولمايدۇ ، ياكى 1000 يۈۋەندىن تۆۋەن بولمايدۇ . iq ednk%  
2. خېيىمخەتەر ۋاكالەتچىلىكى : يەنى دىلو ماتىرىياللىرىنى ئادۋوكاتنىڭ تەلىپى بويىنچە تەييار قىلىپ بېرىسىز ۋە ئادۋوكات بىلەن خېيىمخەتەر- ۋاكالەتچىلىك توختامى تۈزۈسىز . ئادۋوكات باشتىن ئاخىرى تاكى ئىشىڭىز ھەل بولۇپ قولىڭىزغا پۇل تەگكۈچە سوتقا چىقىش بولسۇن ، دەلىل – ئىسپات ئېلىش بولسۇن ھەرقايسى جەريانلارغا تۇلۇق ۋاكالەتچلىك قىلىدۇ ، سىزدىن ئالدىن پەقەت ئادۋوكاتنىڭ قاتناش ، ياتاق ، تاماق ، ماتىرىيال كۆپەيتىش ، ئالاقىلىشش قاتارلىق ھەقلەر ئېلىندۇ ، قالغان ھەقلەر دىلودىكى ئېرىشكەن پۇلنىڭ 20% تىن يۇقىرى قىلىنىپ ئېلىندۇ . < VaMUm<2  
N.{jM[\F  
3. ھەقسىز ئادۋوكات ئېلىش ! CFJjh^ ~=  
ئەگەر سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىز بولسا مېيىپ ياكى ئوقۇغۇچى ياكى قورامىغا يەتمىگەن كىشى بولسىڭىز بىۋاستە تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ قانۇن ياردەم مەركىزىگە كىرىپ قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلىسىڭىز بولىدۇ . CC>fm 1#i\  
قانۇن ياردىمىنى يالغۇز قانۇن ياردەم مەركىزىلا بېجىرىپ قالماستىن بەلكى يەنە مەخسۇس قانۇن ياردەم جەمىيەتلىرى ، ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىمۇ بېجىرىدۇ . jfY{z=*]u  
قانۇن ياردىمىدە ئەگەر سىزنىڭ شەرتىڭىز چۈشسە دىلويىڭىزنى ھەقسىز بېجىرىپ بېرىشكە ئادۋوكات بەلگىلەپ بېرىلىدۇ . q#(/*AoU  
IjDT'p_  
G?ugMl}  
ئەرىز قىلىش ، ئەرىز قىلشتا ئەرىز خېتى بولىشى (ئەرىزنامە تاپشۇرۇلىشى) كېرەك .......مەزمۇن بەك كۆپ بولغانلىقتىن تەپسلى جەريانى قىسقارتىلدى ، 2b#(X'ob  
ئەگەر سىز جاۋابكار بولغان بولسىىڭىز ، سوت مەھكىمىسى سىزگە چاقىرىق ئىۋەتىپ سوت ۋاقتى ۋە دەۋاگەرنىڭ يازغان ئەرىزنامىسىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى سىزگە بېرىدۇ . E./__Mz @  
سوتقا چىقىش . سوتقا چىقىشتا سىز بىۋاستە ئۆزىىڭىز چىقسىڭىزمۇ ياكى ۋاكالەتچىڭىزنى ئادۋوكاتىڭىزنى ئىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ .سوتقا چىقسام تاققا – تۇققا سۆزلەپ سېلىپ چاتاق چىقارمۇ دەپ ئويلىسىڭىز سوتقا چىقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، بىراق سوت مەھكىمىسىى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ سىزنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك دەپ قارىسا ئۈستىڭىزدىن ھۆكۈم چىقىرىۋېرىدۇ . سوت جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ بىر جەريان بولۇپ ، نۇرغۇن قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرگە چېتىلىدۇ . !FB \h<6  
t[?a @S~6  
Cfr<D3&,]  
=a9etF%B  
(8) سۇئال – جاۋابلار : kG$E tE#  
سۇئال : نۇرغۇن دىلولاردا يېڭىلىپ قېلىشتىكى سەۋەبلەر نەدە ؟ -MrtliepW*  
جاۋاب : كۆپىنچە دىلولاردا يېڭىلىپ قېلىشىتكى سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ . v_z..-7Dq+  
1. دەلىل – ئىسپات تۇلۇق ياكى توغرا بولماسلىق : مەسلەن يۇقارقىدەك قاتناش ۋەقەسى دىلوسىدا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ئۆزىنىڭ زىيىنى توغرىسىدا دەلىل ئىسپات كۆرسىتدۇ ، كونكىرىتىنى قىلىپ ئېيتساق بىر كىشى داۋالىنىش پۇلى ئۈچۈن ئۆزىنى سوقۇپ يارلاندۇرۇپ قويغۇچىدىن 40مىڭ يۈۋەن تەلەپ قىلغان بولسا چوقۇم داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ چىقىرىپ بەرگەن تالونى سوتتا كۆرسىتىشى كېرەك . بىراق نۇرغۇن كىشلەر قارشى تەرەپ مېنىڭ 40 مىڭ يۈەنلىك داۋالانغانلىقىمىنى بىلىدۇ دەپ قارايدۇ ياكى تالون ئېلىشقا سەل قارايدۇ ، بىراق سىزنىڭ 40 مىڭ يۈەنلىك دەۋالانغانلىقىڭىزنى سۇغۇرتا شىركىتى ياكى سوت مەھكىمىسى بىلىشى ناتايىن . شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز دەۋادا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكتىن ئىبارەت ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغان ئىش چىقىدۇ ، ?Q96,T-) c  
2. دەلىل – ئىسپات ئالالماسلىق ياكى ئالماسلىق : كۆپىنچە دەلىل – ئىسپاتلار دۆلەت ئورگانلىرى ، كەسپى ئورۇنلار ياكى چوڭ شىركەتلەردە ساقلانغان بولىدۇ ، ئالاقىدارلار بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا قارشى تەرەپ ھىچقانداق ئاساسسزىلار بېرىشىنى رەت قىلىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن تەبئى ، بۇنىڭىدىن سىرىت يەنە نۇرغۇن كىشلەر قانداق دەلىل – ئىسپاتلارنى تەييار قىلىشنى بىلمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويۇش مەسلىسى كېلىپ چىقىدۇ . ~{4n}*  
3. سۈرۈكنى ئۆتكۈزىۋېتىش : قانۇندا دەۋا سۈرىكى دىگەن بىر ئاتالغۇ بار ، يەرلىك تىلدا چۈشەندۈرسەك دەۋا سۈرىكى دىگەنلىك ھوقۇق تەشەببۇس قىلىش مۆھلىتى بولغان بولىدۇ ، يەنى مەسلەن : بىر كىشى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ مېيىپ بولۇپ قالغان بولسا يەنە 10 يىلغىچە تۆلەم توغرىسىدا ئېغىز ئاچماي 10 يىلدىن كېيىن زىيان سالغۇچىدىن پۇل بەر دىسە زىيان سالغۇچى ، سەن ۋاقتىدا دەۋا قىلمىدىڭ دىگەننى ئاساس قىلىپ رەت قىلسا بولىدۇ ،(قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك 1، 2، 3، 4 يىللىق دەپ بۆلىنىدۇ ، تېنى زەخمىلەنگەنلىكتىن قىلىنغان دەۋانىڭ سۈرىكى 1 يىل بولىدۇ ، ) K$GRJ  
4. دەۋاغا سەل قاراش : يەنى سوت مەھكىمىسى دەۋاغا جاۋاب بېرىشىنى ئېيتقاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە دەۋاغا جاۋاب بەرمەسلىك ، دەلىل – ئىسپاتى تۇلۇق تۇرۇقلۇق سوتقا كەلمەسلىك ، دەۋا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالماسلىق ياكى تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك قاتارلىق ھۆرۇنلۇق ياكى قېرىقلىق قاتارلىقلار . '%SR.JL  
5. قانۇن بىلمەسلىك : دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئەڭ تۈپكى سەۋەبى قانۇننى بىلمەسلىك ، ھازىر قانۇنلار بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك مۇرەككەپلىىششكە يۈزلىنىپ كەتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن بىلمەسلىك دەۋا يېڭلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان ئەڭ ئاساسى سەۋەبنىڭ بىرى دىسەك خاتا ئەمەس /mn-+u`K  
. C,A!tj7@  
سۇئال : يۇقىرىدا ماشىنىلارنىڭ سۇغۇرتىسى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتىڭىز ؟ سۇغۇرتا ئېلىش بەك تاتلىق ئىش دېدىڭىز ئۇنداقتا بۇ گېپىڭىزنى تەپسلى شەرھىلەپ بەرسىڭىز بولامدۇ ؟ yB,{#nM>8  
جاۋاب : سوغۇرتا قانۇنىدا سوغۇرتا دىگەنگە ئېنىقلىما بېرىپ ، سۇغۇرتىلىغۇچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا مەلۇم ئىشنىڭ يۈز بېرىش ياكى يۈز بەرمەسلىكى ھەققىدە پۈتۈشىدىغان ۋە شۇ ئىش كېلىپ چىقىپ قالسا توختام بويىنچە جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ دەيدۇ . سۇغۇرتا بولغاچقا نۇرغۇن كىشلەر نۇرغۇن تۆلەم تۆلەش ئاۋارچىلىقىدىن خالى بولۇپ قالىدۇ . مەسلەن : ماشىنا زىيانغا ئۇچىراش سۇغۇرتىسى : بۇنىڭدا ماشىنا ۋەقە سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچىراپ قالسا سۇغۇرتا شىركىتى شۇغۇرتىلاتقۇچىغا پۈتۈشكەن سومما دائىرىسىدە پۇل بېرىدۇ . يەنە مەسلەن : سۇغۇرتا ھەققى كۆپىنچە بىر قانچە مىڭ يۈۋەن ۋە ھەتتا نەچچە يۈز يۈۋەن ئەتىراپىدا بولىدۇ . لېكىن تۆلەم سوممىسى غايەت زور بولۇپ نەچچە تۈمەن يۈۋەندىن نەچچە ئون تۈمەن يۈۋەنگىچە بولىدۇ . دىمەك سۇغۇرتا ئالغۇچى 3000 يۈۋەن خەجلەپ 300000 يۈۋەن سېتىۋالغان بولىدۇ ، ۋاقتى كەلگەندە بىرەر ئادەم ئۈلۈپ كەتسىمۇ سۇغۇرتا شىركىتى 200~300 يۈۋەن تۆلەپ ئىشنى بېسىقتۇرىدۇ . ~)q  g  
C$<"w ,  
سۇئال : ئەرىز قىلغۇچى ئەرىز قىلىشتىن بۇرۇن قانداق قىلىشى كېرەك ؟ ZfPd0 p  
جاۋاب : ھەق – تەلەپ دەۋاسى قىلىشتا دەۋا ماھىيەتلىك شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك ، يەنى ماھىيەتلىك شەرىت دىگەندە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتدۇ . yiV G ]s  
1. دەۋا سوبىكتى توغرا ۋە ئېنىق بولۇش : يەنى كىم – كىمنىڭ ئۈستىدىن دەۋا قىلدۇ ، دىگەن مەسىلە . بۇنىڭ ئۈچۈن قاتناش ۋەقە دىلولىرىنىڭ جاۋابكارلىق سوبىكىتى ، سوغۇرتا شىركىتى ، شوپۇر ، ماشىنا ئىگىسى ، ماشىننى باشقۇرغۇچى شىركەت قاتارلىقلار بولغان بولىدۇ . دەۋاگەر بولسا ئۆلگىچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ، زىيانلانغۇچىنىڭ ئۆزى بولىدۇ. Wy<[(Pd   
2. دەۋانىڭ تەلىپى ئېنىق بولۇش : يەنى سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغاندا ئېنىق بىر تۆلەم بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويۇشى يەنى سوت مەھكمىسىگە نەچچە پۇل ئېلىشنى دەۋا قىلىسىز . ئېنىق ئېيتىشىڭىز كېرەك . l{Jt sI  
3. سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇش : يەنى ھەق تەلەپ دەۋاسىمۇ ئەمەسمۇ ئەگەر ھەق تەلەپ دەۋاسى بولسا قايسى سوتقا دەۋا قىلىش كېرەك مەسىلسىنى ئېنىق قىلىش كېرەك . $. %L  
شۇنىڭ ئۈچۈن دەۋا قىلىشتىن بۇرۇن يۇقارقى شەرتلەرنى تۇلۇق ھازىرلاپ دەۋا قىلماق زۆرۈر.
q!6|lZB3  
9W!8gCs  
Q>.BQ;q]  
يەنە چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولسا داۋاملىق سورىسىڭىز بولىدۇ . قانۇندىن مەسلىھەت سوراش تېلفونى 0991-8110116 iF!mV5#  
zfhTc=(/  
تامام .  gH %y  
[ بۇ يازما پىغانىم تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ۋاپا ئىزلەپ جاپا چەكتىم ، جۇدالىق باستى قەلبىمنى .
نادانلارغا كۆڭۈل بەرسەم چۈشەنمەي كەتتى كۆڭلۈمنى .
HANJAR
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1477

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1159 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1675 (سوم)
 ياخشى باھا:   338 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3377
 سائەت
دەرىجىسى:
3377 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-30
ئاخــىرقىسى:2011-07-25
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-01
Re:[ئادۋوكات1]قاتناش ۋەقەسى ۋە سىز

       قاتناش ۋەقەسى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە تۇنجى كۆرگەن تەپسىلى يېزىلغان تېما ئىكەن .
 
سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !
ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!
ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !
تىلى ياتنىڭ دىلى يات !
qakmat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28081

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2075 (سوم)
 ياخشى باھا:   145 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 66
 سائەت
دەرىجىسى:
66 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-27
ئاخــىرقىسى:2011-06-19
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-01

قارا قۇتا دېگىنىمىز 行车记录仪 غۇ دەيمەن ، مۇشۇ نەرسە ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىشكىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، ئۇزۇن يول ماڭغاندا بولسۇن ياكى شەھەر ئىچىدە بولسۇن ياخشى دەلىل -ئىسپاتلارنى خاتىرىۋالالايدۇ .
 
η!Ri^TuRa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22639

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   259 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4356 (سوم)
 ياخشى باھا:   178 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   230  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 243
 سائەت
دەرىجىسى:
243 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-17
ئاخــىرقىسى:2011-04-17
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-01

بۇ تىما  قاتناش   ۋەقەسى  توغرىسىدا   راسلا  تەپسىلىي   يىىزىلىپتۇ،،، M|,mr~rRG  
I%j_"r9-I  
   ئادەم  تۇيۇقسىز  بۇنداق  ۋەقەلەرگە  ئۇچىراپ تۇرىدىكەن،،،، g[H',)A)  
rG}\Zjn{  
  بولۇپمۇ   شوپۇرلار ئارىسىدا  بەك ئىغىر  بۇ ئىشلار... X5LBEOG  
\xv;sl$f  
  رەھمەت   قەلىمىڭىزگە   تەشەككۈر،،
 
ئىسىل ياشاڭ- كۈلۈپ ياشاڭ ،
سۆيگۈ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.521

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   314 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7504 (سوم)
 ياخشى باھا:   247 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   312  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3519
 سائەت
دەرىجىسى:
3519 سائەت 251 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-01

دۇنيادىكى ئىلىم ئالىملىرىمىز بىرلىككە كىلىپ بۇ مەسىلىگە مۇنداق پەتىۋا بىرىپتۇ~! 94B\5I}  
نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا يىشىل،قىزىل،سىرىق چىراققا بويسۇنىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا كىمكى قىزىل چىراققا بويسۇنماي مىڭىپ ئۆلۈپ كىتىپ قالسا شۇ كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرىۋالغان بىلەن باپ-باراۋەر~!   dFKM 8_jH  
كىمكى بەلگىلەنگەن سۈرەتتىن ئاشۇرۇپ ماشىنىنى ھەيدەپ ئۆلسە ئوخشاشلا ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرىۋالغان بىلەن باراۋەر~~!   ep)>X@t  
شۇڭا ماشىنىسى بار ھەربىر قىرىندىشىمىزنىڭ ماشىنىنى ئاستا ھەيدىشىنى، قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رۇئايە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ~!  
 
خالىغانچە ياشا بىراق سەن يەنىلا ئۆلىسەن ، خالىغان نەرەسىنى ياخشى كۆر بىراق سەن ئۇنىڭدىن ئايرىلسەن ، خالىغان ئىشنى قىل بىراق سەن شۇ قىلغان ئىشلىرىڭغا قاراپ مۇكاپەتلىنسەن ياكى جازالىنسەن .!
only
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2483

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   336 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8295 (سوم)
 ياخشى باھا:   207 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   277  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1231
 سائەت
دەرىجىسى:
1231 سائەت 119 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-01

ماشىنا دېگەن تۆمۈر يولۋاستە....ھەقىقەتەن دېققەت قىلىش لازىم ... ivN&HAxI@  
سىكۇنت ئىچىدە ئويلىمىغان ئاۋارىيەلەر كېلىپ چىقىدىكەن ... 'F9jq  
بۇ تېما ناھايىتى تەپسىلىي تېما بوپتۇ !ئەجرىڭىزگە رەھمەت !جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ~
 
سەن كۈلسەڭ پۈتۈن دۇنيا كۈلىدۇ ،سەن  يىغلىساڭ يالغۇز ئۆزۈڭلا يىغلايسەن!
nawkeran
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14852

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   247 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7330 (سوم)
 ياخشى باھا:   292 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   426  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4302
 سائەت
دەرىجىسى:
4302 سائەت 38 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-01

ياخشى تىما ئىكەن ، مەن مۇشۇ ئادۋۇكات بىلەن بىر پىكىرلىشەي دىگەن ئۇمۇتتە ئىدىم. لىكىن چچ  نۇمۇرنى بىلمىدىم .   شۇڭا ئادۋۇكات قېرىندىشىم 1304985870 بۇ مىنىڭ چ چ  نۇمۇرۇم ، بىر قۇشۇڭە  سوزلىشەيلى. رەھمەت
 
مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .
پۈتۈن جاھاننىڭ سەلتەنىتى يەرگە تامچىلىغان بىر تامچە قانغا ئەرزىمەيدۇ .
SORINTO
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26007

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   523 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4818 (سوم)
 ياخشى باھا:   285 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   252  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5029
 سائەت
دەرىجىسى:
5029 سائەت 241 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-24
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-01

بۇ تىما ، ھەممىمىزگە ئۆتۈلگەن ئەڭ ياخشى بىر قىتىملىق دەرس ئىكەن . مۇمكىن بولسا يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق قانۇن توغرلۇق دەرس بىرىپ تۇرىشىڭىزنى سورايمىز ؛ 9 &$y }Y  
سالامەت بولۇڭ .  ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .    
 
adwukat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.27003

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2185 (سوم)
 ياخشى باھا:   151 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   201  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 67
 سائەت
دەرىجىسى:
67 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-20
ئاخــىرقىسى:2011-02-13
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-01

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت SORINTO كە 2011-02-01 03:08 PMئەۋەتىلدى : *F WMn.  
بۇ تىما ، ھەممىمىزگە ئۆتۈلگەن ئەڭ ياخشى بىر قىتىملىق دەرس ئىكەن . مۇمكىن بولسا يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق قانۇن توغرلۇق دەرس بىرىپ تۇرىشىڭىزنى سورايمىز ؛ v0ujdp,B  
سالامەت بولۇڭ .  ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .       &)2i[X  
$': E\*ICb  
+00b)TF  
Q_1:tW &  
رەھمەت چوقۇم دىگىنىڭىزدە قىلىمىز! 
 
ۋاپا ئىزلەپ جاپا چەكتىم ، جۇدالىق باستى قەلبىمنى .
نادانلارغا كۆڭۈل بەرسەم چۈشەنمەي كەتتى كۆڭلۈمنى .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى