بىر ئايالنىڭ دەردى l+`CgYo -ئاكا سىز مۇشۇ يەرلىكمۇ؟
ww%4MHPp8 ئۆز خىيالىم بىلەن كېتىۋاتقاچقا ئالدىمغا كېلىپ مەندىن گەپ سوراۋاتقان 30ياشلار چامىسىدىكى قارامتۇل، تەرقى-تۇرقى خېلى يامان ئەمەس بۇ ئايالنى كۆرمەي قاپتىمەن. ئۇنىڭ يېنىدا 9-10لارغا كىرگەن كىچىككىنە بىر قىز تۇراتتى.
**6X9ZIX[ - سىز مۇشۇ يەرلىكمۇ؟ -ئۇ قايتۇرۇپ يەنە بىر قېتىم سورىدى.
y|9 LtQ - ھە، مۇشۇ يەرلىك،- بىرەر جاينى تاپالماي يول سورايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم.
]i
`~J -ئۈچتۇرپاندىن دادامنى داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كەلگەن،- ئۇ ئۇدۇلدىكى دوختۇرخانىنى قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتتى،- دوختۇرخانىغا كىرىش ئۈچۈنلا پالان پۇل كېتىدىكەن. ئۇ تەكشۈرۈش، بۇ تەكشۈرۈش دەپ تۆت كۈندىلا ئېلىپ كەلگەن پۇلىمىز تۈگەپتۇ. يولدۇشۇم يۇرتقا پۇلنىڭ ئامالىنى قىلغىلى كەتكەن، -تىلەمچى، تاپقان باناسىنى قارا بۇنىڭ، ياشلا تۇرۇپ،- بۇ يۇرۇت بىزگە ناتونۇشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنى مۇشۇنداق ئاجىز يارىتىپتىكەن،- ئۇ ئاۋال قولى بىلەن ئۆزىنى، كېيىن كۆكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مىچىلداپ يىغلاپ كەتتى، - ياش بولغاندىن كېيىن بىرەر ئىش تېپىپ قىلاي دەپ چىققان...بىرەر ئاشخانىدا قاچا-قۇچا يۇيساممۇ مەيلىتى، بىرەر ئادەمنىڭ كىر-قاتلىرنى يۇيساممۇ مەيلىتى، نېمە ئامال ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئايلىنىپمۇ تۈزۈكرەك بىر ئىش تېپىپ قىلالمىدىم. ئايال خەقنى بولۇپمۇ بىزدەك ياقا-يۇرتلۇق ئاياللارنى ھېچكىم ئىشلەتمەيدىكەن. مەنغۇ مەيلى، دادام بىلەن مۇنۇ قىزىمنىڭ قوسىقى... – ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ گەپ قىلالماي قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ زور غەيرەت بىلەن، -ئۆيلىرىدە قىلغۇدەك ئىش-كۈشلەر بارمىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
K
#JO# ئۇنىڭ بىچارى ھالىتىنى كۆرۈپ، بايىقى گۇمانىمدىن نومۇس قىلىپ قالدىم ھەم ئۇنىڭ جاسارىتىگە قايىل بولدۇم.
+K;%sAZy - ئانا، قوسىقىم ئېچىپ كەتتى، -دېدى ھېلىقى قىزچاقمۇ ئانىسىنىڭ قولىنى تارتىپ.
Z yz)`>cB -بولدى يىغلىماڭ، ئۆيدىغۇ سىز قىلغۇدەك ئىش يوق. شۇنداقتىمۇ بۇنى ئېلىڭ، ئاز بولسىمۇ تاماق يەڭلا،-ئۇنىڭغا 50يۈەن پۇل بەردىم.
1'k,P;s -رەھمەت، رەھمەت سىزگە، ياخشى ئادەمكەنسىز، خۇدا يولىڭىزنى ئوچۇق قىلار...
y>
g`R^^ -ھە، راست، تۇغقانلارغا تىزراق خەۋەر قىلىپ، پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىڭ... بۇ يەردە سىز قىلغۇدەك ئىشنىڭ چىقىشى ناتايىن.
(Fk&~/SP -ماقۇلە، ماقۇل. چوقۇم شۇنداق قىلىمەن. رەھمەت، رەھمەت سىزگە.
~%: TE} ئەتىسى بۇ ئىشنى ئىشخانىدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردىم. مەقسىدىم بۇ ئايالغا ياردەم قىلىش ئىدى.
0J=
$ A -ھەي... ئالدىنىپسىز،- دېدى بىر خىزمەتدېشىم بېشىنى چايقاپ،- سىز ئارقىڭىزغا يېنىپ ھېلىقى ئايالنى كۈزىتىپ باقتىڭىزمۇ؟
'}P$hP_d -ياق، كۈزىتىپ نېمە قىلىمەن.
sNC~S%[ -بەكمۇ ساددا جۇمۇ سىز، ئۇ سىزگە دېگەن گەپلەرنى باشقىلارغىمۇ دېيەلەيدۇ. سىزنى ئالدىغان ئۇسۇل بىلەن باشقىلارنىمۇ ئالدىيالايدۇ. ھازىر مۇشۇ خىلدىكى ئالدامچىلار خېلى كۆپىيىپ قالدى،- ئۇ بىزگە يېقىندا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ھېكايىنى توردا ئوقۇغانلىقىنى، بىر سىتودىنت قىزنىڭ باشقىلارنى قانداق ئالداپ يۈرگەنلىكىنى ئۇجۇر-بۇجىرىگىچە تەپسىلى سۆزلەپ بەردى.
Vt4,?" شۇ كۈنى كۆڭلۈم غەشلا يۈردى. ئايالىمنىڭ «ئەخمەق» دەپ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقۇپ بۇ گەپنى ئۇنىڭغا ئېيتمىدىم. ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتتى. بىر كۈنى بىر ئىش بىلەن ئۆيگە كەچرەك قايتتىم. ئۆيگە كىرىپلا قاققان قوزۇقتەك داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. مىھمانخانا ئۆيدە قايسى كۈنى دوختۇرخانا ئالدىدا ئۇچرىغان ھېلىقى ئايال بىر يوتقاننى قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ يىڭنە ئىشى قىلىپ ئولتۇراتتى. ئايالىم بولسا ئاشخانا ئۆيدە بىر ئىشلار بىلەن بەنت ئىدى.
>LEp EMJ\ -ھارمىغايسىز، - ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، قورۇنۇپقىنا سالام قىلدى.
v(jZ[{x@ -ھوي، بۇ سىز... قانداق قىلىپ... مەن كۆڭلۈمدىكى ھەيرانلىقنى يوشۇرالمىدىم. ئۇمۇ مېنى تونىدى بولغاي، خىجىل بولغىنىدىن بېشى يەرگە چۈشۈپلا كەتتى. خەير، قانداقلا بولسۇن ئۇ دېگەن ھازىر مىھمان،-سادىقجان كەلدىڭىزما؟-ئاشخانا ئۆيدىن ئايالىمنىڭ چاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاچچىقىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم.
SR9M:%dga -بۇ ئالدامچى بۇيەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟-دەپ سورىدىم جىددى تەلەپپۇزدا،- ئۇ ئەمدى سېنىمۇ ئالداي دەپتۇ-دە؟
93Q
x+oK] -ئاۋازىڭىزنى پەسرەك قىلىڭ، نېمىگە ئاچچىقلايسىز؟ كىم ئالدامچىكەن؟ ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىپ ئاۋال مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ،- دېدى ئايالىم ۋە مېنىڭ سۈكۈت قىلىشىمنى كۈتۈپ بىردەم تۇرىۋالدى، - بۇ ھەدىمىزنىڭ ئىسمى تاجىقىز. ئۈچتۇرپاندىن قېينىئاتىسىنى داۋالاتقىلى كەپتىكەن. چۈشتىن كېيىن ئىشخانىمىزدىكى ئالىيە ئاچامنىڭ ئانىسىنى يوقلىغىنى دوختۇرخانىغا كىرىپ تونۇشۇپ قالدۇق. قولى ئەپچىل، تىرىشچان چوكانكەن. بۇ يۇرۇتقا مۇساپىر ئەمەسمۇ؟ قېينىئاتىسىنى داۋالىتىمەن دەپ قىينىلىپ قاپتۇ. ئوڭشايدىغان بىر ئىككى يوتقان كۆرپەم بار ئىدى، شۇنىڭغا ياردەملەشسۇن دەپ باشلاپ كەلدىم. جۈرىڭە، سىزنى مىھمانغا تونۇشتۇراي،-ئۇ مېنى باشلاپ مىھمانخانا ئۆيگە چىقتى.
+n<;);h تاجىقىز بىر يوتقاننى كەڭ ئېچىۋېلىپ ئۇنىڭ پاختىلىرىنى ئوڭشاۋاتقان ئىكەن، بىزنى كۆرۈپ يەنە ئورنىدىن تۇردى. ئايالىم بىزنى قىسقىلا تونۇشتۇرۇپ چىقتى. ئۇنىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ، ماڭا تىكىلىپ قارىيالمايلا قالدى. مەن ئۇنى بۇ خىل مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گەپنى باشقا ياققا بۇرۇدۇم.
YzAGhAyw -قىزچىقىڭىزچۇ؟ ئۇنى بىرگە ئېلىۋالماپسىزغۇ؟- ئايالىم سىلەر تونۇشامسىلەر دېگەندەك مەنىلىك قاراپ قويدى.
d1d:5b -شۇ قىزىمنىڭ گېپىنى قىلماڭ، تاس قالدىم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغىلى.
{=E,.%8 -بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
ew8Manx -ھەممە ئىش كەلسە، بىزدەك غېرىپلارنىڭ بېشىغىلا كېلىدىكەن. قارىمامسىز بۇ ئىشنى،- ئۇ يىڭنە ئىشى قىلغاچ ئالدىنقى كۈنى كەچتە بولغان بىر ئىشنى بىزگە سۆزلەپ بەردى.
Dt+uf5o( ئۇ كۈنى تاجىقىز قىزىنى ئېلىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى ئاشخانىغا تاماققا چىققان ئىدى. ئاشخانىدا ئۇ چۇچىلىق رومال ئارتقان، قوش ئېڭەك، سىمىزلىك دەردىدىن قاش-قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن بىر ئايال بىلەن بىر جوزىدا ئولتۇرۇپ قالدى. بۇ ئايال قىزىنى يېتىلىۋالغان مۇنۇ ئايالنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن تارتىپ، يۇرۇش تۇرۇشلىرىغىچە دىققەت قىلىپ ئولتۇردى. ئارىدا ئۇلار چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ تونۇشۇپمۇ قالدى. بۇ ئايالنىڭ تاجىقىزنىڭ يېنىدىكى ئاۋۇ كىچىككىنە قىزغا كۆزى چۈشكەن ئىدى. بۇ ئايال ئاۋال تاجىقىزنىڭ ئەخۋالىنى سۈرۈشتە قىلدى. ئاندىن ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئانىسىغا قاراۋاتقانلىقىنى، ئۆيىدە كىچىك بىر بالىسىنىڭ بارلىقىنى، ئانىسىغا قارايمەن دەپ ئىككى ئارلىقتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى. ئاخىرىدا بالىسىغا قارايدىغان بىر بالا باققۇچى ئىزدەۋاتقانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى. قايتىدىغان چاغدا ئۇ تاجىقىزنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇلارنىڭ تاماق پۇلىنى تۆلىۋەتتى. ئاشخانىدىن چىقىدىغان چاغدا ئۇ:
4=hz4(5a -ئەگەر ماقۇل بولسىڭىز قىزچىقىڭىز بالامغا ئىككى-ئۈچكۈن قاراپ بەرسە بوپتىكەن، - دەپ يالۋۇرۇپ تۇرىۋالدى.
G/}nwj\ تاجىقىز ئويلىنىپ قالدى. ئۇ بىرەر ئىش بىلەن سىرتقا چىقماقچى بولسا مۇشۇ قىزى چوڭ دادىسىغا ھەمرا بولۇپ تۇرغان ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ قېينىئاتىسىمۇ كۈندىن-كۈنىگە ياخشى بولىۋاتاتتى . يەنە بىرقانچە كۈن تۇرسىلا دوختۇرخانىدىن چىقاتتى. بىراق، تاجىقىز «قايماق يېگەن مۈشۈكنىڭ يۈزى سۆرۈن» بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىۋاتاتتى. بۇ خوتۇننىڭ تاماق پۇلىنى نېمە ئۈچۈن تۆلىۋەتكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدى.
`[.4SIah -مەيلى، ئىككى كۈن قاراپ بەرسۇن بولمىسا، ئۆزىمىغۇ بۇ يەردىن زېرىكىپ تۇرىۋاتاتتى. شۇغۇنىسى، چوڭ دادىسى نېمە دەركىن،
]4-t*Em -بالا سىزنىڭ تۇرسا، چوڭ دادىسى نېمە دەيتى،- تاجىقىزنىڭ قاپقانغا دەسسىگەنلىكىنى پەملىگەن بۇ ھېلىگەر خوتۇن ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولۇپ كېتىۋاتاتتى.
TZ@S?r>^ -شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئىشنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر سالاي، كېيىن ماڭا دېمەپسىز دەپ خاپا بولمىسۇن دەيمىنا...
(
ESmP شۇنداق قىلىپ ئۇلار دوختۇرخانا ياتاق بىناسىغا بىرگە چىقىشتى. چىققىچە بۇ خوتۇن كىملەرگىدۇر خۇپىيانە تېلفۇن قىلىپ ئۈلگىردى. تاجىقىز ئۇنىڭ خۇپىيانە ھەركەتلىرىدىن قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى. لىكىن، ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
Gv}~ ئۇلار ياتاققا چىققاندا بىمار ھاجەتكە چىقىپ كەتكەن ئىكەن، بىردەم ساقلاشقا توغرا كەلدى. ھايال ئۆتمەي قېينىئاتىسىمۇ ياتاقتا پەيدا بولدى. تاماقتىن كېيىن تاجىقىز بۇ ئىشنى قېينىئاتىسىغا دېۋىدى، تەلىيىگە قېينىئاتىسىمۇ قارشى سۆز قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ قىزىغا خېلى كۆپ بىرنەرسىلەرنى ئېزىپ ئىچۈرۈپ،قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ياخشى تاپىلاپ، ھېلىقى ئايالغا قوشۇپ قويدى. بۇ ئايال كارىدوردىن چىققىچە تاجىقىزغا رەھمەت، ھەشقاللىلارنى ياغدۇرۇۋەتتى ۋە پورتمالىدىن ئىككى يۈز يۈەن چىقىرىپ، ئۇنڭغا تۇتقۇزدى.
w<=-n;2 تاجىقىز بۇ ئايالنىڭ شۇنچە كەڭ قورساق، شۇنچە مەرتلىكىدىن ھەيران قالدى. ئۇ بىر ھازا گاراڭ بولۇپ قالغاندەك بولدى. بىر كىچىككىنە قىزنىڭ بالىسىغا ئىككى كۈن قاراپ بەرگىنىگە ئىككى يۈز سوم بەرگىنىگە زادى ئىشىنەلمەيۋاتاتتى. ئۇلار ياتاق بىناسىدىن چىقتى. ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى بىر قارا رەڭلىك سانتانا ساقلاپ تۇرغان ئىدى.
DP7B X^e ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ بولىشى تاجىقىزنىڭ كۆڭلىگە «بۇ ئايالنىڭ ئۆيى نەدىدۇر؟ ھەجەپ ئۇنىڭ ئۆيىنى سورىۋالماپتىمىنا » دېگەن بىر گۇمان كەچتى.
9TOqA4 -توختاڭ، توختاپ تۇرۇڭ...
Yu9.0A_) : ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى باشقا غەرىزى بارمۇ ماشىنا بىرلا ئايلىنىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بۇ يەردىن غايىپ بولدى. ماشىنا ئايلىنىۋاتقان شۇ دەقىقىدە تاجىقىز شۇنى بىلدىكى بۇ ماشىنىغا نومۇر تاختىسى ئورنىتىلمىغان ئىدى. ئۇنىڭغا قىزى قانداقتۇر بىر قاباھەتلىك ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەندەك بىلىندى-دە، قاتتىق ۋاقىرىغىنىچە بار كۈچى بىلەن دوختۇرخانا دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ئوقتەك ئېتىلدى.
!5h@uar دوختۇرخانا دەرۋازىسىنى شاراقشىتىپ ئېچىۋاتقان دەرۋازىۋەن يىراقتىن ۋاقىراپ، دات-پەريات چېكىپ كېلىۋاتقان بىر ئايالنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ دەرۋازىنى قايتىدىن تاقىدى. ئۇ ئالدىرىتىپ چېلىنىۋاتقان ماشىنا سىگنالىغا پىسەنت قىلىىپمۇ قويمىدى. تاجىقىز ئۇچقاندەك كەلگىنىچە ماشىنا ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىۋەتتى.
,zH\&D$>u -خۇدا بىر ساقلىدى... قىزىمنى خۇدا ساقلىدى... كىشىگە يامانلىق قىلمىغاچ قىزىم قۇتۇلۇپ قالدى...- تاجىقىز بىلەن ئايالىمنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان تارام-تارام ياشلار ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى يۇيۇپ، كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى.
Ewczq1%l: -ۋۇ ھايۋانلار، ئادەم قېلىپىدىن چىققان مۇناپىقلار، سەنلەرنى خۇدا ئۆزى جازالايدۇ، - قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىمدىن غەزەپ-نەپرىتىمنى باسالمىدىم. ئالدىمدا ئولتۇرغان بۇ ئاددىي دىھقان ئايالنىڭ ۋۇجۇدىغا ئورناپ كەتكەن ئاقكۆڭۈللۈككە، غەيرەت-شىجائەتكە، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان باتۇر، قەيسەرلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم.
B"fKv0 مەنبە: قەلەم
BvV!?DY4 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى
[ بۇ يازما altunboxuk تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]