تەربىيىنىڭ قىممىتى ۋە قىسمىتى(1)
^ slIR!L
كېچىلىك بەزمىخانىنىڭ خوجايىنلىرى بالىلارنى قارشى ئالسا، دۇكانلاردا بالىلارغا ھاراق - تاماكا سېتىپ بېرىلسە؛ بالىلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاتا - ئانىلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈشكە ۋاقتى يەتمىسە؛ يەنە بىرقىسىم كىشىلەر سەبىي بالىلارنى ئالداپ، ياقا يۇرتلاردا ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىققا ئوخشاش «تىجارەت»لەرگە ئۆگىتىپ قويسا؛ بۇلارنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئورۇننىڭ تايىنى بولمىسا... بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ بالىلار ئاسرالغان بولىدۇ؟ K>+ v" x
20 - ئەسىردە دۇنيا مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى: ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى، ئاڭ - ئىدىيە ئېقىملىرىدا ئاجايىپ جەزبدار سەھىپىلەر يارىتىلدى؛ كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. بىراق، ماددىي تەرەققىياتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ بەختسىزلىكى ۋە مالامەتلىرى ھەرقانداق بىر دەۋردىكىدىن ئېشىپ كەتتى. تەرەققىياتنىڭ پۇختا شوتىسىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئۆرلەۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىدە، مەنپەئەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىقتىسادىي قىممەت سىستېمىسى كىشىلەرنى ماددىي جەھەتتىن تويۇندۇرغان بولسىمۇ، مەنىۋى جەھەتتە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز جاراھەتلەرگە گىرىپتار قىلدى. پۇل، بايلىق، شەخسىي مەنپەئەت كۈرىشىدە ئادەم ئورگانىزملىرى، يېقىملىق چىراي، نازۇك بەدەن، ئىللىق تەبەسسۇم، ساختا كۈلكىلەر ئىش يۈرۈشتۈرۈشتىكى بازىرى ئىتتىك ۋاسىتىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى مەنپەئەت قانۇنىيىتى بويىچە چۈشەندۈرۈلدى. ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەت مەنپەئەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. بالىلار ۋە ياشلارنىڭ زەھەرگە زىيادە بېرىلىپ كېتىشى، ئۇيەر - بۇيەردە بولۇپ تۇرىدىغان نامايىشلار، پارتلىتىش ۋەقەلىرى؛ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىمۇ ئەندىشىگە سېلىپ قويۇۋاتقان تېررورىزىمچىلار؛ ئەيدىز، سارسقا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئىنسان بەختىگە قول سوزۇشى _ مەنىۋى ئېكولوگىيىسى بۇزۇلغان بىر جەمئىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق مەنىۋى بۇلغىنىش غەرب جەمئىيىتىدىن ھەرخىل ۋاسىتە، شەكىللەر ئارقىلىق دىيارىمىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، يامان سۈپەتلىك «ئۆسمە»دەك كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى چىرىتىشكە باشلىدى. ناۋادا ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن، ئاپەت يامراپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنمىغاندا، «غورا غورىنى كۆرسە ئالا بوپتۇ» دېگەندەك، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر شالغۇت مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئادەملەرگە ئۆزگىرىپ، جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ ئېغىر كرىزىسقا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن. «ئۆسمە»نىڭ شىپاسى قانداقتۇر ئامېرىكا ياكى ياپونىيىدە ئەمەس، بەلكى جاھان خەلقى ئىنتىلىۋاتقان، مەنىۋى مىراسلارغا باي زېمىنىمىزدا. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزگە خاس رىسالىلەر بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك، قۇۋۋەتلىك «دورا»لارنى ياساپ ئۆزىمىزنى داۋالىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە »دورا« بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى قانداق ئىستېمال قىلىشمۇ بىر خىل ماھارەت. Y9X,2L7V
(1) &m