مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1943 
  •    ئىنكاس 
       9 

مۇئەللىم، ھەر سائەتتە ئوچۇق دەرس ئۆتكەن بولسىڭىز

قەۋەت ئاتلاش
deris
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14626

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   150 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6346 (سوم)
 ياخشى باھا:   392 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   637  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 112
 سائەت
دەرىجىسى:
112 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-20
ئاخــىرقىسى:2011-07-23

مۇئەللىم، سىزنىڭ ماتېماتىكا دەرسىڭىزنى ئاڭلاۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولۇپ قاپتۇ. راستىمنى     دېسەم، ئاشۇ سۈرلۈك تەلەتىڭىز،قوپال مۇئامىلىڭىز تۈپەيلى سىز دەرس ئۆتكەن 40مىنۇت ۋاقىت مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ،دەككە-دۈككە ئىچىدە ‹‹مەندىن سوئال سوراپ قالمىسا بولاتتى››،‹‹مېنى دوسكىغا چىقىرىپ سالمىسا بولاتتى›› دېگەندەك ئەندىشىلەر ئىچىدە ئىسكەنجىلىنىپ، پەقەتلا  ئەركىن- ئازادىچىلىك كەيپىياتىدا بولالمايتتىم، شۇ سەۋەبلىك دەرسىڭىزنىمۇ چۈشىنەلمەيتتىم، چۈشىنەلمىگەنسېرى ماتېماتىكا دەرسى ئۆگەنسىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان،تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان قاراڭغۇ،سىرلىق نەرسىدەك بىلىنىپ كېتەتتى، شۇڭا سىز بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدىكى ھېسسىيات ئارىلىقى تولىمۇ يىراقلىشىپ كەتكەنىكەن.
بىراق، ئالدىنقى سائەتتە مەكتەپ بويىچە ئۆتكەن ئوچۇق دەرسىڭىزدە، ئەھۋال تامامەن ئىلگىركىنىڭ ئەكسىچە بولدى. بىر سائەتلىك ئوچۇق دەرسىڭىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىن سىزنى قايتا تۆرۈلۈپ، باشقا بىرىگە ئالمىشىپ قالغاندەك ياكى باشقىچە دەرسخانا ئوقۇتۇش سەنئىتى بويىچە تەربىيىلىنىپ كەلگەندەكلا ھېس قىلدىم، ياسالمىلىق زۆرۈرىيىتىدىن بولسىمۇ كۈلۈشنى، دەرسخانىدا ئۆزىڭىزنى خۇش پېئىل تۇتۇشنى بىلىدىكەنسىز، ماتېماتىكا دەرسى ئۇنچىۋالا سىرلىق، قورقۇنچلۇق، ئەمەلىيەت بىلەن قىلچىمۇ باغلىنىشلىقى يوق يېگانە نەرسىمۇ؛ خاس ھالدا قىيىن، مۈجمەل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان نەرسىمۇ ئەمەس ئىكەن، بولۇپمۇ سىزنىڭ شۇ سائەتلىك ئوچۇق دەرسىكە كىرىپ، دەرس مۇنبىرى ئالدىدا تەزىم بەجا كەلتۈرگەن ھالدا مۇلايىملىق بىلەن «ساۋاقداشلار، ياخشىمۇسىلەر!» دېيىشىڭىز كۆيۈمچان ئاتامنىڭ مېھرىبانلىقىنى ئەسلىتىپ، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىمنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. «تەييارلىق سىناق سوئاللىرى» نى مۇلايىم، سەۋرچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆرسەتمە بېرىشلىرىڭىز مېنى قورقۇش، قورۇنۇش ئىسكەنجىلىرىدىن خالاس قىلدى، يېرىم-ياتا بەرگەن جاۋابلىرىمنى بولسا ‹‹ھە ياخشى، مۇنۇ جاينى مۇنداق تولۇقلىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى...››دەپ ئىلھاملاندۇرۇشلىرىڭىز ئادەتتىكى دەرسلىرىڭىزدىكى ‹‹ۋاي كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرمەي ئولتۇرغىنا، ماڭ دۆت، قاپاق باش...›› دېگەنلىرىڭىزگە سېلىشتۇرغاندا نەقەدەر يېقىشلىق-ھە ؟! مىجەز- خاراكتېرىڭىزدىكى ئاسمان-زېمىن پەرقلىق ئېغىشتىن باشقا، ئوچۇق دەرستىكى دەرسنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىڭىزغا بولغان ئىزدىنىشچانلىقىڭىز مېنى تېخىمۇ سۆيۇندۈرۈۋەتتى، كۆڭۈل قويۇپ، ئالاھىدە تەييارلانغان رەڭگارەڭ ئاسما رەسىم ۋە ئەۋرىشكە، مودېللار، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، كومپيۇتېر ئېكرانىدا ھاسىل بولۇۋاتقان خىلمۇخىل گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر...سۆزلەنگەن قانۇنىيەتلەرنىڭ شەكلى ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدا ئەكس ئېتىپ، نامايەندىلىنىپ تۇرسا ‹‹دۆت، قاپاق باش››لىقتىن خېلىلا خالىي بوپقالىدىكەنمىز ئەمەسمۇ!؟ راستىنى ئېيتسام، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى زادىلا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، بۇلارنى قايسى ماتېرىيال ۋە قايسى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى نۇقتىلىرىدىن ئىزدەندىڭىز؟ ئىشقىلىپ، بۇ ئوچۇق دەرس سائىتىدە نەقىللەپ ئۆتكەن كەڭ دائىرىلىك ئەمەلىي مىساللارنى دەرسلىك كىتاب ئەمەس، خېلى ماتېرىيال كۆرۈپمۇ تاپقىلى بولمايتتى.
ۋەھالەنكى، بۇ سائەتتىكى ئوچۇق دەرسىڭىز ئارقىلىق ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە تولىمۇ يېقىن، قوللىنىشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك، كىشىنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى، ئادەتتىكى دەرسلىرىڭىزدە بەش مىنۇتلۇق دىققەت-ئېتىبارىم باشقا نۇقتىغا ئېغىپ كەتسىلا، دوسكا يۈزىدىكى خەتلەرنىڭ تولىمۇ سەت، مالىماتاڭلىقىدىن باش-ئاخىرىنى پەرق ئېتەلمەي خاتىرە قالدۇرۇشقا ئامالسىز قالاتتىم، مانا بۇ سائەتلىك ئوچۇق دەرستە ئېھتىيات بىلەن دوسكا باشقۇرۇپ، دانىمۇدانە يازغان خەتلىرىڭىز ئارىسىدىن مۇھىم نۇقتىلارنى خاتىرە قالدۇرۇپمۇ ئۈلگۈردۈم، ئادەتتە تەقى-تۇرقىڭىزغا قىزىقىپ كەتمەيتتىم، بەزىدە ساپما كەش، ئاسما مايكا، ئۆسكىلەڭ ساقال... ھالەتلىرىڭىز بىلەن دەرس ئۆتۈپ، كونسۇلتاتسىيە قىلىپ بېرەتتىڭىز، ئەمما ئوچۇق دەرستىكى سالاپىتىڭىز كۆز ئالدىمدىن كەتمەيلا قالدى، ئېسىت، ئەركىن- ئازادىلىكمنى تاپقان ئاشۇ بىر سائەتلىك دەرس تولىمۇ قىزغىن، تولىمۇ قىسقا تۇيغۇم بىلەن توشۇپ كەتتى، مۇئەللىم، ھەر سائەتتە ئوچۇق دەرس ئۆتكەن بولسىڭىز... |=MhI5gsx  
1l Cr?  
مەنبە: http://angar0995.blogbus.com/logs/34958567.html 8_"NF%%(n  
[ بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
aynoori
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25303

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2278 (سوم)
 ياخشى باھا:   151 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 989
 سائەت
دەرىجىسى:
989 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-07
ئاخــىرقىسى:2011-10-12
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

بۇرۇن مۇئەللم بىزگە "سىلەرگە ھەر سائەتتە ئوچۇق دەرس ئۆتسەم دەيمەن چۈنكى سىلەرگە ئوچۇق دەرس ئۆتسەم ئىنتىزامغا بەك رىئايە قىلىپ، دەرسنىمۇ كۆڭۈللۈك ئاڭلايسىلەر" دەيتتى.
 
xohziba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.23502

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   709 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6178 (سوم)
 ياخشى باھا:   164 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   211  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 215
 سائەت
دەرىجىسى:
215 سائەت 55 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

مەن ئۇچۇق دەرىسنى  ياختۇرمايمەن ، چۇنكى ئادەم ئەركىن بۇلالمايدۇ .  
 
كۇلگەنلەر كۇلىۋەمەيدۇ،يىغلىغانلار يىغلاۋەرمەيدۇ . بۇدىگەن ئۆتنە جاھان .
kapsizkiz
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.42

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   888 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   29860 (سوم)
 ياخشى باھا:   536 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   624  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2950
 سائەت
دەرىجىسى:
2950 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-19
ئاخــىرقىسى:2011-09-18
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

ھى....ھى....ما تېمىنى ئوقۇپ ئوقۇغۇچلىرمنى ئەسلەپ قالدىم ،مەكتەپ خاراكتىرلىك ئوچۇق دەرس ئۆتۇپ ئەتسى L,[Q/ $S8  
مۇئەللىم بىزگە دائىم ئوچۇق دەرس ئۆتۈپ بېرىڭە دېگەن ^l!SIu  
نىمىشقا دەپ سورسام V]F D'XAl  
ئادەتتە "ساياھەت جۇغراپىيىسى "قۇرۇق گەپتەك بىلىنىپ كېتەتتى بۇ سائەتلىك دەرستە بىز خۇددى مىسرىدا ،خۇددى يۈننەندىكى يۇنياڭ پەلەمپەي ئېتىزغا بارغاندەك ھىسياتقا كەلدۇق ،كۆپ ۋاستلىك ئوتۇشتا دەرس بۇلۇپمۇ جۇغراپىيە دەرس بەك ياخشى بۇلدىكەن دېگەن qzUiBwUi@  
ئوقۇغۇىچلارنىڭ شۇ گېپىنى ئاڭلاپ مىيقىمدا كۈلۈپ قۇيۇپ ئۆتۇپ كەتكەن ئىدىم h0tiWHw  
بىزنىڭ شۇنداق دەرس ئۆتكۈىمىز يوقما xsZG(Tz  
بار pl`4&y%Me  
بىراق شارائىت يوق ،ئوچۇق دەرس ئۆتۈشتىن  ھەپتە بۇرۇن كۆپ ۋاستلىك ئوقتۇش ئۆينى باشقۇردىغان مۇئەللىمگە دەپ ،ھەر قانداق نەرسە بۇزۇلسا تۈلەيمەن دەپ قول قۇيۇپ ئاندىن ئىككى كۈن تازلىقىنى قىلىپ ئاندىن ئۆتىمىز بۇغۇ مەيلى توك راۋان ئەمەس ئەمدى دەرسكە تەييارلىق قىلسا توك قېچۋاتقان ،توك كەلسە ئاۋۇ باشقۇچغۇچى غوجامنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ ئاچقۇچىنى سۈڭگۈچىگە ئېسىپ كېتۋاتقان ،باشقا مۇئەللىمگە بەرسە بۇزۋېتەمىش ،ئۇ نەرسىلەرنى ئانسىنىڭ ئۆيدىن ئەكەلگەندەك قىلىپ كېتىدۇ ھەي o08WC'bX  
دەرىت تۇلا مۇئەللىمدىن قاخشىماڭلار ،بىزنىڭمۇ كۈلگۈىمىز بار ،ئوقۇغۇچى يالغۇز سىز ئەمەس 30 ئائىلدە چوڭ بولغان 30 ئوقۇغۇىچنىڭ خۇي -پەيلى 30 خىل ،بەزى باللارنى پۇرلاپ -پۇرلاپ ئەخلەت ساندۇقىقا سېلۋەتسەم دەيمەن،دەرس ۋاقتىدا تېلفۇن ئويناپ ئولتۇردۇ ياكى خىيال سۈردۇ ياكى ھىكايە كىتاب ئوقۇيدۇ #n>U7j9`O  
ھەي قاخشىماڭلار ،قاخشىماڭلار جىما ،ئىسنىڭ ئاچقىنى مورا بۇلدۇ
 
سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان
تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان
چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭ
قانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان
kvkbvra
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26217

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   330 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3981 (سوم)
 ياخشى باھا:   189 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   206  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 491
 سائەت
دەرىجىسى:
491 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-14
ئاخــىرقىسى:2011-10-19
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

مىنىڭمۇ پەقەت خوشۇم يوق......
 
Hacker
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11677

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   532 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1532 (سوم)
 ياخشى باھا:   293 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   253  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4593
 سائەت
دەرىجىسى:
4593 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

مىنىڭچە گەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ مىتوتىدا ،ئەگەر دەرىس ئۆتۈش مىتوتىدا بالىلارنى دەرىسكە قىزىقتۇرالىغۇدەك ئۆزگىچىلىك ياراتسا ئادەتتىكى دەرىسلەرنىمۇ ،ئوچۇق دەرىسنى ئاڭلىغاندەك ئاڭلايدۇ.(يىغىندا كىسەللىك ئالامىتى بار ئوقۇغۇچى بولمىسىلا،بۇنداق ئوقۇغۇچىلار دىققىتىنى يىغالمايدۇ ئەمەسمۇ) M(C">L]8  
مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا بىر ئوقۇتقۇچىمىز بار ئىدى ،دەرىسىنى ھەممە ئوقۇغۇچى ناھايىتى ئاكتىپ ،  ناھايىتى ياختۇرۇپ ئاڭلايتى،ئىنتىزام تىكلەش ھاجەتسىز،يەنە بىر ئوقۇتقۇچىمىز بولىدىغان، پالانى مۇئەللىمنىڭ دەرىسى باركەن دىسە دەرىسىنى ئاڭلايدىغان ئوغۇچىلارنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكى دەرىسكە كىرمەيتتى كىرسىمۇ ئۇخلاپ ئولتۇراتتى...
 
ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر
salkin11
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.27297

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   682 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6517 (سوم)
 ياخشى باھا:   295 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   356  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1655
 سائەت
دەرىجىسى:
1655 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-22
ئاخــىرقىسى:2011-08-10
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24
ئاپتۇر (deris) نىڭ يازمىسىغا

ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ... سىز مۇئەللىمگە قارىتا ھۆرمەت تۇيغۇڭىز ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن - دە ... ھەقىقەتەن ئىسمۇ - جىسمىىزغا لايىق دەرس ئىكەنسىز ... رەھمەت ...
 
yawayi-0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26107

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   946 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2076 (سوم)
 ياخشى باھا:   417 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   492  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6643
 سائەت
دەرىجىسى:
6643 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

بەزەن مۇئەللىملەرگە  كۇندە ئوچۇق دەرىس ئۆتسە  بولىدۇ ... ئۇچۇق دەرىس ھەقىقەتەن  ياخشى ئۆتىلدۇ ...  ئوقۇتقىچىلارمۇ   ئوقۇغۇچىلارمۇ  سىنىلىدۇدە ....
 
┨ENSAN┠TanGXiYaLMiGaN JaHaN Bu ╂u NiNGGa┠ALLAH┩KUPaYa┷┲aRZu HaWaS┢MiHiR▔MuHaBBaT↗① aLLaH YoLiGa BoLDu┱uNDiN BaXKiSi BiKa↓↓
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4326 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55493 (سوم)
 ياخشى باھا:   2683 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2586  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1681
 سائەت
دەرىجىسى:
1681 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

مانا بۇ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردىكى كۆز بويامچىلق، شەكىلۋازلىق ئادەتلىرى....دەرس ئۆتۈش( شۇ بىر سائەتلىك دەرس مەزمۇنىنى قايسى ئۇسۇللار ئارقىلق ئوقۇغۇچىلارغا چۈشىنىشلىك،ئۈنۈملۈك ،جەل پقىلارلىق ئۇسۇلدا يەتكۈزۈش ) ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئوچۇق دەرس ئۆتكەندىلا ئوقۇغۇچىلارغا چۈشىنىشلىك دەرس ئۆتۈپ ئىللىق مۇئامىلە قىلسا،باشقا ۋاقىتلاردا  ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قىسما لەقەلملەر بىلەن ھاقارەتلەپ، سۈرۈلۈك قىياپەتكە كىرىۋالسا ئۇنداق ئوقۇتقۇچىنى <<خامىلىيون >>خارەكتىرىدىكى  پارازىت ئوقۇتقۇچى دەيمىز.....
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
xopur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11976

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   389 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10107 (سوم)
 ياخشى باھا:   1875 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3037  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 294
 سائەت
دەرىجىسى:
294 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-28
ئاخــىرقىسى:2011-09-30
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-21

ئوقۇتۇش ۋە مائارىپقا دائىر ياخشى تىمىلارنى يوللاپسىز. v@]SddP,?  
ئەجرىڭىز يەردە قالمايدۇ، داۋاملىق تېرىشىڭ.
 
قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى