مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1735 
  •    ئىنكاس 
       9 

ئوچۇق دەرس ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

قەۋەت ئاتلاش
deris
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14626

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   150 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6346 (سوم)
 ياخشى باھا:   392 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   637  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 112
 سائەت
دەرىجىسى:
112 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-20
ئاخــىرقىسى:2011-07-23

ھازىرغىچە ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوچۇق دەرس ئۆتمەكچى بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ئارىلاش بولغان جايدا ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ گەرچە ئىجابىي تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بولسىمۇ بىراق مېنىڭچە يېتەرسىز تەرەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس.   1. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئارىلاش سۆزلىگەندە، ھەرقانداق نورمال پسىخىكا قابىلىيەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچىمۇ شۇ سائەتلىك دەرستە چوقۇم ياسالمىلىق قىلىشتىن خالىي بولالمايدۇ. يەنى دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا ماس ھالدىكى سەۋىيىدە  ئەمەس بەلكى شۇ سىنىپتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە  ماس ھالدا سۆزلەيدۇ - دە، چۈشىنىكسىز ئىبارىلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.    2. ئوچۇق دەرس ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلسە دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش مېتودىنى تولۇق ئىگىلىيەلمەيدۇ. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇغۇچىسىدىن سوئال سورىشى،  كۆز قاراش،  چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تولىمۇ ئەپسىز بولۇپ، دەرس ئاڭلىغىلى كىرگەن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا بىرخىل بۇرۇقتۇرمىلىق  ئىچىدە بىر سائەتلىك دەرسنى ئاران تۈگىتىپ چىقىدۇ. نېمىدۇر بىر نەرسە كەم قالغاندەك ئۆزى  سورىماقچى بولغان نۇرغۇن مەسىلىلىرى باردەك ھېس - تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.    3. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى ناھايىتى نازۇك مۇناسىۋەت بولغاچقا، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل مۇناسىۋەتكە ناھايىتى سەزگۈر كېلىدىغان بولغاچقا ئوچۇق دەرس ئۆتمەكچى بولغان ئوقۇتقۇچى روھىي كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرالماي، خاتا سۆزلەپ قويسا ياكى دۇدۇقلاپ بەك تەمتىرەپ كەتسە، دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازىغا ياخشى بولمايدۇ. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارمۇ تۇرغان يەردە دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى بىرخىل تەقىپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېسىياتقا كېلىپ قالىدۇ.   ئەگەر بىز ئەزەلدىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ئوچۇق دەرس ئاڭلايدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ پەقەت ئوقۇغۇچى ئەكىرمەي، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار قاتناشقان ئوچۇق دەرس ئۆتكۈزۈپ باقساق،  بولۇپمۇ ئۈلگىلىك بولغان ئوچۇق دەرسنى شۇنداق ئۆتكۈزۈپ باقساق قانداق بولار؟   مېنىڭ ئويۇمدا دەرس ئاڭلاۋاتقان بارلىق ئوقۇتقۇچى،  مۇدىرلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچى ھېسابلانسا، دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىمۇ ئۇلارنى ئوقۇغۇچى دەپ تونۇپ تەبىئىي ھالدا دەرسكە كىرىشىپ كەتسە،  ئوقۇتقۇچى بۇ ساقاللىق "ئوقۇغۇچىلار" دىن تارتىنماي سوئال سورىسا، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈپ ئوقۇتقۇچىدىن كۆڭۈلدىكى سوئاللارنى سورىسا، ئۆز ئارا تەجرىبە،  بىلىم ئالماشتۇرۇلسا، بۇ سىنىپتىكى دەرس ئاڭلاش ھەم ئۈنۈم ھەم تەجرىبە قولغا كېلىدىغان دەرس ئاڭلاش بولامدىكىن دەپ قارايمەن.       moZ)|y  
k-;.0!D^  
    (قاراقاش ناھىيە سايباغ 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن)  ئالىمجان ئەخمەت mJ7 ` .  
     شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى 2009-يىلى 18-يانۋار سانى
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
salkin11
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.27297

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   682 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6517 (سوم)
 ياخشى باھا:   295 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   356  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1655
 سائەت
دەرىجىسى:
1655 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-22
ئاخــىرقىسى:2011-08-10
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

ناھايىتى ياخشى يېزىلغان يازما بولۇپتۇ ... ھەقىقەتەن ئۇچۇق دەرىس سىز دىگەندەك شۇنداق بىرخىل كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ ... ھازىر شەكىلگە ئات  قويۇپ ، ياسالمىلىق قىلىدىغان ... خۇددىي ئۈزىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەندەك ، شۇ رەھبەرلەر دۇنيادا بىر دەڭە ... رەھمەت ! ... جاپا چېكىپسىز ...      
 
篮球美女
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26880

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   828 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1123 (سوم)
 ياخشى باھا:   799 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   704  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1181
 سائەت
دەرىجىسى:
1181 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

بىزدەك مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر تىما يوللاپسىز قىرىندىشىم . Fm+)mmJP  
مەن مۇشۇ خېزمەتكە چىقىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەرىيانىدا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش- تەتقىقات ئىشخانسىدا بىر يىل ، ئاندىن كىيىن تا ھازىرغىچە ئەخلاق بۆلىمىدە ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن . o2U J*4  
مەن مۇشۇ جەرىياندا تالاي قىتىم ئۆزۈم ئىختىيار قىلىپ ، نەچچە قىتىم مەكتەپ رەھبەرلىرى ھەم ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى بىلەن ، يەنە بىر نەچچە قىتىم مەكتەپنىڭ پىلانى بويىچە ئوچۇق دەرس ئاڭلىغىلى مىللىي سىنىپنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىنى ، خەنزۇچە مائارىپ بىلەن ئوقۇۋاتقان سىنىپنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئەدەبىيات دەرىسى بىلەن ماتىماتكا دەرسىگە ئوچۇق دەرس ئاڭلىغىلى كىرىپتىمەن . مۇشۇ جەرىياندا ھېس قىلغانلىرىم تۆۋەندىكىدەك : 38S&7>0@|q  
YY>Uf1}*9  
دەرس تەييارلاشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىن: - P\4o4MF@K  
دەرس تەييارلاش نىشانلىق ئوقۇتۇش قاتلىمىدا توختاپ قالغان، ئوقۇتۇش لايىھىسىدە يېڭى دەرس ئىدىيىسى گەۋدىلەنمىگەن، ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئوقۇتقۇچى پىلانلانغان ئوقۇتۇش نىشانىنى ئۇرۇنداش ، ئوقۇتۇش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش ، ئۆز-ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورال ، ۋاستە ياكى ئۈسكۈنىلەردىن ئىبارەت . مەسىلەن ، دەرسلىك كىتاپ ، بور ، دوسكا ، ئاسما رەسىم ، پرويىكسىيە ئاپپاراتى ، كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپپاراتى ، ئۈنئالغۇ ، سىنئالغۇ ، تېلۋۇزۇر، VCDئاپپاراتى ، DVDئاپپاراتى ، كومپىيوتېر قاتارلىقلار ، لىكىن ئۇلار ئەشۇ تەييار كۆرسەتمىلىك قۇرالدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلنالمغان . ;,hoX6D$  
ئوقۇتۇش جەريانى (يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ، يېڭى دەرس سۆزلەش ، خۇلاسە ) كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغان ......دېگەندەك مەسىللەر كۆپلەپ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان .
[ بۇ يازما 篮球美女 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

 
تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .
يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .
kay~nam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6091

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   260 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   314 (سوم)
 ياخشى باھا:   247 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   328  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4368
 سائەت
دەرىجىسى:
4368 سائەت 272 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-11
ئاخــىرقىسى:2011-09-26
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

ئەگەر بۇ خىل ئۇسۇلنى جانلىق ھالدا قوللانسا بەك ياخشى بولاتتىكەن .2005-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىن ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بىرىلدى. شۇ چاغدا مەنمۇ ئىلى ئوبلاستتىغا ۋاكالەتەن تىل -ئەدەبىيات دەرس تۈرىدىن قاتناشقان ئىدىم. ئېسىمدە قىلىشىچە شۇ چاغدا مەن قاتناشقان گۇرۇپپىسىدا 40نەچچە ماھىر بارئىدى. مۇسابىقە 65-ئوتتۇرىدا ئۆتكۈزۈلگەن يالقۇن روزى قاتارلىق بىر قاتار ئۇستازلار باھالىغۇچى بولغان ئىدى. dz9-+C{m  
قىزغىن دەرسخانە موھىتى ، باھالىغۇچىلار نىڭ ،دەرس ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ماسلىشىشى شۇ چاغدىكى بىر سائەتلىك دەرسنى ھەممە ئۇنتۇلغۇسىز دەرىجسىگە كۆتۈرگەن ئىدى. چۈنكى دەرس ئىچىدىكى كىچىككىنە مۇنازىرە پائالىيتىدە ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاۋاز قوشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەندىكى تارتىنىش تىخىمۇ تۈگەپ ھەتتا دەرسنىڭ توشقانلىقىنىمۇ بىلمەي قاپتىكەنمەن.تېخى ئارىدا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابىغا شۇنداق قاتتىق كۈلدۈمكى ئەتراپىمدا ئادەم بارلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بولمىسا زالدا ئاز دېگەندە بەش يۈزدىن كۆپ  ئادەم بار ئىدى. كۈلۈپ بولۇپ شۇنچە خىجىل بولدۇم .لىكىن شەيتىنىم قىستاپ تاكى دەرس ئۆتكۈچە توختىماي كۈلۈپلا چىقتىم. باھالىغۇچىلارمۇ ماڭا قوشۇلۇپ كۈلۈپ كەتتى. بۇ خىل كەيپىياتتا مەنمۇ بارىمنى تۆكتۈم ئوقۇغۇچىلارمۇ ياخشى ماسلاشتى. شۇنىڭ بىلەن شۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ماھىرى بولۇپ قالغان ئىدى. 0)4 4*T  
خۇلاسە شۇكى - ھەقىقىي دەرس ئەنە شۇنداق ئازادە كەيپىيات ئىچىدە بولىدۇ.
 
دۇنياداچېكىلىۋەرسە ئېچىلمايدىغان ئىشىك يوق.گەپ  ئىشىك چەككۈچىنىڭ سەۋىرچانلىقىدا!
قۇملۇق
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.252

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   890 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   278 (سوم)
 ياخشى باھا:   281 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   378  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5827
 سائەت
دەرىجىسى:
5827 سائەت 113 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

بۇ ھەقتە مەنمۇ بىر -ئىككى ئېغىز سۆز قىستۇراي . ZP<X#]$qb  
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ، مەنمۇ بىر قانچە قېتىم مەكتەپتە ئۇچۇق دەرىس ئۆتكەن . كىيىن ناھىيە دەرىجىلىك مۇسابىقىگە قاتناشتىم . بۇ يەردە شۇنى ھىس قىلدىمكى بەزى يەرلەر تېما ئىگىسىنىڭ دىگەنلىرىگە تامامەن ئوخشاپ كىتىدۇ .  بۇ مۇسابىقە ئىلغار ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى بولغاندىن كىيىن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ بارلىق ماھارەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ دەرىس ئۆتتى . بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاپ شۇنداق سۈيۈنۈپ ، ئۇلارنىڭ ئۇقۇتۇش مىتودىنى ئىگەللەپ ، خاتىرەمگە قالدۇرغان بولسام ، يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاپ شۇنداق زېرىكىش ھىس قىلىپ كەتتىم . ئۇ يەردە مەنلا ئەمەس مەندىن باشقا  ، دەرىس ئۆتۈدغان ماھىرلار ، دەرىس ئاڭلىغۇچىلار ، باھالىغۇچىلار بۇلۇپ 100 دىن كۆپىرەك ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى . شۇنداق ياسالمىلىق بىلەن بىر سائەتنى توشقۇزۇپ چىقتى . ئادەمنىڭ غىدىغىسىنى كەلتۈرۈپ ، بۇنداق ئەھۋال ناھايتى ئاسانلا بىلىنىشىپ قالىدىكەن . دەرىس ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئوقۇتقۇچىلار ئاغزىنى تۇتۇشۇپ ئولتۇرۇپ چىقتى . بۇنداق مۇسابىقىدە ئادەم ھەر خىل ئىشلارنى كۆرىدىكەن . 9g"H9)EZ^  
سەۋىيە بىر مەسىلە ، ئوقۇتۇش مىتودى بىر مەسىلە ئىكەن . سەۋىيىڭىز تېشىپ كەتكەن بىلەن مىتودىڭىزدا مەسىلە بۇلۇپ ئوقۇغۇچىلارغا توغرا يەتكۈزەلمىسىڭىز ، دەرىسىڭىز بىر ئاۋاز بىلەن لاياقەتسىز باھالىنپ چىقىدۇ . شۇنىڭغا ئوقۇتۇش مىتودىغا سەل قارىماڭ . يىڭىدىن خىزمەتكە چىققان يولداشلار بىلىم سەۋيىسى  يۇقۇرى ، لىكىن تەجىربىسى كەمچىل ، ئوقۇتۇش مىتودى مۇكەممەل ئەمەس ، بىلىمى بولغان بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا توغرا يەتكۈزۈش بىر مەسىلە  . بۇلار مىنىڭچە  كىبىرلىك قىلماي مەكتەپتىكى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ ، تەجىرىبە توپلىشى ، پىشقەدەملەردىن ئۈگىنىشى كىرەك .
 
erktikin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19853

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   207 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6537 (سوم)
 ياخشى باھا:   423 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   582  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2813
 سائەت
دەرىجىسى:
2813 سائەت 177 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-01
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

     ناۋادا ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىپ قالسا ، قانچىلىك ئوقۇتقۇچى لاياقەتلىك بولار ...
 
篮球美女
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26880

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   828 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1123 (سوم)
 ياخشى باھا:   799 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   704  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1181
 سائەت
دەرىجىسى:
1181 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  erktikin كە 2011-01-24 05:29 PMئەۋەتىلدى  : 0KZ 3h|4lP  
     ناۋادا ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىپ قالسا ، قانچىلىك ئوقۇتقۇچى لاياقەتلىك بولار ... R Q 8okA  
LF0~H}S;6B  
)fa  
0,c z&8  
مانا بۇ ئىنكاس جىڭ چەك باسىدىغان ئىنكاس بوپتۇ . مۇشۇنداق سۆزنى دەيدىغان ئوقۇغۇچى چىقىدىغان بولسا ئاندىن ئوقۇتقۇچىلار ھازىرقى بىخوتلىقتىن قۇتۇلغان بولار ئىدى . )Q8Q#S  
راىست دەيسىز ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئادەتتىكى سىناق ئىلىپ، ئوقۇغۇچى جاۋاب بىرەلمىسە ، تىللايدىغان ئوقۇتقۇچى جىق چىقىدۇ . لىكىن ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىمتىھان ئالسا ئاساسەن كۆچىرىدۇ . مەسىلەن كەسپى ئىمتىھانلاردا كۆچۈرمىچىلىك قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار خىلى جىق سالماقنى ئىگەللەيدۇ . GgtL./m  
قايسى بىر كۈنى مەكتەپ سىكىرتارىمىز بىر قىتىملىق يىغىندا ئۈچنى سۆيۈش قايسى دەپ سوراپتى جاۋاب بىرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئاران ئىككى چىقىتى ..................

 
تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .
يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .
kapsizkiz
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.42

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   888 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   29860 (سوم)
 ياخشى باھا:   536 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   624  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2950
 سائەت
دەرىجىسى:
2950 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-19
ئاخــىرقىسى:2011-09-18
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

،ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچى ئارقىلىقلا ئۆزنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردۇ ،ئوقۇتقۇچىمۇ يۈركى گۈشتىن پۈكۈلگەن ئىنسان ھەر ۋاقىت خاتالىقتىن خالى ئەمەس ،نەچچە ئون يىللىق تەجىربلىك ئوقۇتقۇچىمۇ جىدىلىكتىن خالىي ئەمەس ،ئوچۇق دەرس دېگەن نېمە ؟ !d^`YEfE  
پەقەت رەھبەرلىك باھالايدىغان ،ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ رەڭلەيدىغان دەرسما ؟ n>Ei1  
ئوچۇق دەرس ئۆتۈشنىڭ مەخستى نېمە ؟ &td#m"wI  
ئوقۇتقۇچى ئۈزىنى كۆز -كۆز قىلىشما 3LmHH =  
توغما جىدىيلىك كىسلى بار بىراق بىلىم ،كەسپى ئەخلاق ،مىتوت ياخشى ئوقۇتقۇچى ئوچۇق دەرسنىڭ قۇربانى بۇلدىغان ئىشما ؟ V;V9_qP,  
مىنىڭچە ئوچۇق دەرس ئوقۇغىچلارنى ھەر جەھەتتە ئەتراپىلىق تەربىيلەش ئۈچۈن تىرش `#ztp)&  
شۇنداق بولغاندىن كىين نىمىشقا ئوچۇق دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلارغا ئاي بۇرۇن خەۋەر قىلىپ قۇيۇپ دەرس ئۆتكۈزدۇ ،ئۇشتۇمتۇت كىرىپلا دەرس ئاڭلىسا بولمامدۇ ، j{=%~  
بىز مۇئەللىملەرمۇ نىمىشقا ھورۇنلۇق قىلىپ ئوچۇق دەرس ئۆتۈڭ دەپ زخىلىسا ئاندىن كۆپ ۋاستلىك ئوقۇتشقا كىرىمىز ،ئادەتتە شۇنداق دەرس ئۆتسەك بولمامدۇ ؟ U]acm\^Z  
مەكتەپلەر ھۆكىمەت بەرگەن شۇ ئوقۇتۇش ۋاستلىرىنى نىمىشقا بىزنى خالىغانچە ئىشلەتكىلى قويمايدۇ ؟ N_ 
بۇ مەۋسۇممۇ بىر گۈلبوسقا 30 قېتىم دەپ ئاندىن ئېرشتىم تەكشۈرۈش ئۈمكى كىلدىغانلقىنى ئاڭلاپ ئاندىن بەردى بولمىسا بەرگسى يوق 8vo} .JIl  
ھەي شۇ ئوقۇتۇش ۋاستلىرىنى ھۆكىمەت توپا -چاڭ باستۇرۇش ئۈچۈن تارقاتقانمدۇ دەپ قالىمەن |`nVr>QF&  
يەنە تېخى تاينى يوق كەسپى ئۆگنۇش ،دەرس تىڭشاش kD>vQ?  
يالغاندىن يېزىپ قۇيىمىز ،دەپتەر ئىسراپچىلقى ،دەپتەر ئىسراپ بولسا مەيلىتغۇ ،دەپتەرنى ياغاچتىن ،ساماندىن ،قوۋزاقتىن ياسايدىغۇ ،دەرەخ ئىسراپچىلقى ،كالىنىڭ يىمنىڭ ئىسراپچىلقى ،ھەي  
 
سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان
تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان
چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭ
قانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان
kapsizkiz
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.42

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   888 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   29860 (سوم)
 ياخشى باھا:   536 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   624  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2950
 سائەت
دەرىجىسى:
2950 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-19
ئاخــىرقىسى:2011-09-18
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-24

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت 篮球美女 كە 2011-01-24 02:43 PMئەۋەتىلدى : .+}o 'rU  
بىزدەك مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر تىما يوللاپسىز قىرىندىشىم . **w~  
مەن مۇشۇ خېزمەتكە چىقىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەرىيانىدا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش- تەتقىقات ئىشخانسىدا بىر يىل ، ئاندىن كىيىن تا ھازىرغىچە ئەخلاق بۆلىمىدە ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن . _x 6E_i-(  
مەن مۇشۇ جەرىياندا تالاي قىتىم ئۆزۈم ئىختىيار قىلىپ ، نەچچە قىتىم مەكتەپ رەھبەرلىرى ھەم ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى بىلەن ، يەنە بىر نەچچە قىتىم مەكتەپنىڭ پىلانى بويىچە ئوچۇق دەرس ئاڭلىغىلى مىللىي سىنىپنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىنى ، خەنزۇچە مائارىپ بىلەن ئوقۇۋاتقان سىنىپنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئەدەبىيات دەرىسى بىلەن ماتىماتكا دەرسىگە ئوچۇق دەرس ئاڭلىغىلى كىرىپتىمەن . مۇشۇ جەرىياندا ھېس قىلغانلىرىم تۆۋەندىكىدەك : fMPq  
2Q|*xd4B^  
دەرس تەييارلاشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىن: - IA#*T`  
....... Pl& `&N;  
a 
ھى....ھى......دەرس ۋاقتى ئېشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنەپۇسنى ئالدى دەپ نۇمۇر تارتمىدىما ،بىزنىڭ مەكتەپ بولسا ۋاقىت قارشى ياخشى ئەمەس ،دەرس سائىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالىمىدى دەپ قالپاق دېگەننى كەيدۇرۇپ ،ئىككى پۈتىمىزنى بىر ئۆتۈككە تىقاتتى
 
سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان
تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان
چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭ
قانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان
xopur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11976

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   389 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10107 (سوم)
 ياخشى باھا:   1875 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3037  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 294
 سائەت
دەرىجىسى:
294 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-28
ئاخــىرقىسى:2011-09-30
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-21

ئوقۇتۇش ۋە مائارىپقا دائىر ياخشى تىمىلارنى يوللاپسىز. ^ Xy$is3  
ئەجرىڭىز يەردە قالمايدۇ، داۋاملىق تېرىشىڭ.
 
قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى