ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇپ بەرگۈچى ئايال ئاشنىسىنىڭ بالىسىنى تۇغۇپ قويغاچقا "ياللىغۇچى" 500مىڭ يۇەن تۆلەم تەلەپ قىلدى n,#o6ali>
خەيجوۋ رايونلۇق ۋاڭ خانىم ھاماقەتلەرچە كىلىشىم تۈزۈپ پەسكەش ئىش قىلغىنىم ئۈچۈن ئۆيدىكىلەر تەھدىتكە ئۇچراپ ساقچىلاردىن ياردەم سوراشقا توغرا كەلدى دېدى.ياللىغۇچىنىڭ ئايالى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇپ بېرىش ئىشىنى ئىنكار قىلدى . XyYP!<].C
&SM
M<^P. ۋاڭ خانىم ئۇ بىر ئېرى بار ئايال بولۇپ، ھېسىيات يىمىرىلىش تۈپەيلىدىن ئېرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرغىلى كۆپ يىللار بولغان. "ياللىغۇچى"بولسا ئايالى بار ئەر بولۇپ گەرچە يېشى 50كەيېقىنلاشقان بولسىمۇ ئايالىنىڭ تۇغمىغانلىقىدىن ئىزچىل ئازابلىنىپ كەلگەن. "ياللىغۇچى"ۋاڭ خانىمنى ئىزلەپ ،ئۆزىنىڭ ئەۋلادىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم قىلىشىنى ،ئوغۇل تۇغسا 200مىڭ يۇەن ، قىز تۇغسا 150مىڭ يۇەن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.ۋاڭ خانىم ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇپ بېرىشكە قوشۇلغان ، لىكىن ھامىلدار بولۇش مەزگىلىدە توردىكى مەلۇم دوستى بىلەن"بىر كىچىلىك مۇھاببەت"نى باشتىن كەچۈرگەچكە ،ئاخىرىدا ئوغۇل ھامىلىنىڭ دادىسىنىڭ باشقا بىرسى بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .بۇ كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتتىن كىيىن ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇشنى كىلىشكەن ئىككى تەرەپ ئوتتىرىسىدا بىىرمەزگىللىك تولىمۇ بىمەنە بولغان "ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش "ماجراسى كىلىپ چىققان. a|-B# S
^tL]QE?| ئوغۇل تۇغۇلسا 200مىڭ يۇەن ، قىز تۇغۇلسا150مىڭ يۇەن بېرىشكە كىلىشكەن eIcIl2
1–ئاينىڭ 4–كۈنى خەيجوۋ رايونلۇق ۋەنگو مەيدانىغا يېقىن جايدا ۋاڭ جىڭ مۇخبىرغا بۇ بىمەنە ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇپ بېرىش ماجراسى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى .ۋاڭ جىڭ(ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى)گۇاڭجولۇق،ئۆيى خەيجوۋ رايونلۇق جىياڭنەن چوڭ كوچىسىدا، ئۆزىنى كوچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ تونۇشتۇرغان.يولدىشى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوس شوپىرى ، ئىككەيلەننىڭ بىر ئوغلى بار بولۇپ بۇيىل ئالتە ياش ، يەسلىدە. ۋاڭجىڭنىڭ دىيىشىچە يولدىشى ئۆيىگە ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەچكە ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھېسىيات بار–بارا يىمىرىلگەن ، ئىككى –ئۈچ يىل بۇرۇنلا ئۇلار ئايرىلىپ تۇرغان ، لىكىن ئوغلىنى دەپ ئاجراشمىغان. QE6L_\l
_iH:>2p 5R 2008–يىلى 10–ئاينىڭ ئالدى –كەينىدە ۋاڭ جىڭ خىزمەتدىشى بىلەن ماجىياڭ ئويناش جەريانىدا گۇاڭجوۋلۇق ئەر فەنروڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى)بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. فەنروڭ ۋاڭجىڭنىڭ خىزمەتدىشىنىڭ نەۋرە ئاكىسى بولۇپ ، بىر نەچچە قېتىملىق ئالاقىدىن كىيىن فەنروڭ ۋاڭجىڭنى يالغۇز ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.ۋاڭ جىڭ بۇھەقتە سۆزلەپ :" ئۇ مېنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمنى چۈشىنەتتى ، شۇنداقلا بىرنەچچە قېتىم ماڭا ئايالىنىڭ تۇغمىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ بىر بالىسى بار بولۇشىغا ياردەم قىلىشىمنى ئېيتقانىدى . ھەم بالا ئوغۇل تۇغۇلسا 200مىڭ يۇەن ، قىز بولسا 150مىڭ يۇەن ھەق بېرىشكە ۋەدە قىلغان "دېدى. فەنروڭ بۇ ئىشنى بىرنەچچە قېتىم تىلغا ئالغاندىن كىيىن ، نىكاھى ئوڭۇشسىز ھالەتتە تۇرغان ۋاڭجىڭ كۆپ ئىككىلىنىپ ئاخىرى ئىككى تەرەپ ئاغزاكى كىلىشىم ھاسىل قىلغان. ~.Er
9gFfbvd ھامىلىنى ئۆيىدىكىلەردىن يوشۇرۇپ شىياڭگاڭغا بېرىپ بوشانغان RY}:&vWDk
چىگرىدىن ئۆتكەنلەرنى تىزىملاش خاتىرىسدە كۆرسىتىلگىنىگە ئاساسەن ، ۋاڭجىڭ فەنروڭ بىلەن 2010–يىلى 1–ئاينىڭ 18–كۈنى تۇنجى قېتىم بىرگە بولغانلىقىنى ئېيتتى،"ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئايلىنىپ ئويناپ كىلىش نامىدا مېنى ئاۋمىنغا ئېلىپ باردى" دېدى . كىيىنكى ئىككى ئايدا فەنروڭ ۋاڭجىڭنى بەش– ئالتە قېتىم ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ۋە بىرگە بولغان. "بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئايالى ئېنىق بىلىدۇ ، بولمىسا ئۇ مېنى ئۆيىگە ئېلىپ بارمايتتى"دەيدۇ ۋاڭجىڭ .ۋاڭجىڭنىڭ دېيىشىچە فەنروڭ ئىلگىرىمۇ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۇچۈن باشقا ئاياللارنى ئىزلەپ باققىنىنى ، لىكىن ئۇلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن فەنروڭغا بالا تۇغۇپ بەرمىگەنلىكىنى ۋاڭجىڭغا ئېيتىپ بەرگەن. 2010–يىلى 3–ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋاڭجىڭ ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. 7–ئايغا كەلگەندە ئۇنىڭ قورسىقى بارغانسېرى يوغىناشقا باشلىغاچقا ئۆيىدىن كۆچۈپ چىقىپ كىتىدۇ، فەنروڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن شىياڭگاڭدا خىزمەت قىلىش كىلىشىمى بىجىرىپ بېرىدۇ، ۋاڭجىڭ ئۆيدىكىلىرىگە يالغان ئېيتىپ ئۆزىنىڭ شىياڭگاڭغا خىزمەت ئۈچۈن بارىدىغىنىنى ئېيتىدۇ ،فەنروڭ ئۇنىڭغا ئازراق پۇل بېرىپ ، لى ۋەن رايونىدا بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇغۇتتىن بۇرۇن شۇ يەردە كۈتۈنۈشنى تاپىلىغان ھەم خالىغانچە سىرتقا چىقماسلىققا كىلىشىكەن. ۋاڭجىڭ كۆرسەتكەن تۇغۇلۇش ئىسپاتنامىسىگە ئاساسلانغاندا ئۇ 10–ئاينىڭ 2–كۈنى شىياڭگاڭ چىنخۇي دوختۇرخانىسىدا بىر ئوغۇل تۇغىقان ۋە بالىنىڭ ئىسمى فەن*چېڭ بولغان ، 10–ئاينىڭ 7–كۈنى ۋاڭجىڭ بىلەن فەنروڭ گۇاڭجوغا قايتىپ كەلگەن 2Uy}#n|)r
:+
د ن ئا تەكشۈرىشىدە كۈتۈلمىگەندە بالىنىڭ دادىسى باشقا بىرى بولۇپ چىققان
\|7Y"WEQ
ۋاڭجىڭنىڭ دىيىشىچە،ئىلگىركى كىلىشىمگە ئاساسەن ،ئۆيدىكىلىرىگە جاۋاپ قىلىش ئۈچۈن 10–ئاينىڭ 6–كۈنى فەنروڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئاتا–بالىلىقنى ئېنىقلاش تاكشۈرتۈشى ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بوۋاق ئۆز بالىسى بولماي چىققان. "ئۇ ئىشەنمەي گۇاڭجوغا قايتىپ كىلىپ يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتتى "دەيدۇ ۋاڭجىڭ ئەسلەپ. "11–ئاينىڭ 18–كۈنى فەنروڭ ۋاڭجىڭ، بوۋاق ۋە ئۆزىنى قايتا تەكشۈرتكەن 11–ئاينىڭ 30–كۈنى چىققان نەتىجە يەنە بىر قېتىم فەنروڭ بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدا قانداشلىق مۇناسىۋەت يوقلىقىنى كۆرسەتكەن. "ئۇ مېنىڭ ھامىلدار بولۇش مەزگىلىدە ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئاشنا تۇتقانلىقىمدىن تېرىكتى " ۋاڭجىڭ ئۆزى بىلەن فەنروڭ ئوتتۇرىسىدا ئازراقمۇ ھېسىيات يوقلىقى ، ئۇىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم بىرگە بولۇش پەقەت ئوڭۇشلۇق ھامىلدار بولۇپ پۇل ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ 2010–يىلى 1–ئاينىڭ 25–كۈنى كەچتەكۈنلىرى مەنىسىز ، ھېسىياتى قۇرۇق ھېس قىلغانلىقتىن توردا چ چ ئارقىلىق بىر سى بىلەن تونۇشقانلىقى ۋە "بىر كىچىلىك مۇھەببەت"نى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى."ئۇ ئەرنى چۈشەنمەيمەن ھەم نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيمەن ئەگەر تاپالىغان بولسام چوقۇم ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقىراتتىم ، ھېچ بولمىسا ئازراق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى" 7#sb},J{
,-)ww:
ياكى يەنە بىرنى تۇغىسەن ، بولمىغا 500مىڭ يۇەن تۆلە s x) x7
i%otvDn1
ۋاڭجىڭنىڭ دىيىشىچە كۈتۈلمىگەن بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كىيىن فەنروڭ ئۇنىڭغا ئۈچ تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرىنچىسى، فەنروڭ ئۈچۈن يەنە بىر بالا تۇغۇپ بېرىش ، ۋاڭجىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمىغان ، "مەن ئككىلا ھامىلىنى ئوپراتسىيە قىلدۇردۇم . سالامەتلىكىم يار بەرمەيدۇ، شۇنداقلا ئالدىنىپ قېلىشتىن قورقىمەن"ئىككىنچىسى ۋاڭجىڭ فەنروڭغا "ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش پۇلى" سۈپىتىدە500مىڭ يۇەن تۆلەم بېرىش ؛ ۋاڭجىڭ بۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ھېسابلاپ كۆرۈش ئارقىلىق ھامىلدار مەزگىلدە فەنروڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بەرگەن نەرسىلەر ،ئۆي ئىجارىسى، شىياڭگاڭغا بېرىپ بوشىنىش ئۈچۈن قىلغان چىقىم بولۇپ ھەممىسى 110–120مىڭ يۇەن ئەتراپىدا بولغان بولۇپ،بۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشمىگەنلىكىنى ،500مىڭ يۇەن تۆلەم پۇلىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ، تۆلەشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .فەنروڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچىنچى خل تاللاش :"ئۇ ماڭا تەھدىت سېلىپ يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىنى سېتىۋېتىشىمنى ، بولمىسا چوڭ ئوغلۇمنى مېيىىپ قىلىدىغانلىقى ، ئۆيدىكىلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى"دېدى .ۋاڭجىڭنىڭ دىيىشىچە فەنروڭ راستىنلا ئادەم ياللاپ ئۇنىڭ ئاىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇشقان ۋە ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتكەن. "ئۇ ۋە ئايالى دائىم ماڭا تېلىفۇن ۋە ئۇچۇر قىلىپ ئۆزلىرىنى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يۇرۇش–تۇرۇشىنى بەش قولدەك بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى قورقۇتتى ، مەن ئۇنىڭ راسلا بىرەر ئىش قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئوغلۇمنى يەسلىگە ئەۋەتىشكە پېتىنالمىدىم. "2010–يىلى 12–ئاينىڭ25–كۈنى ۋاڭجىڭ ئىشنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ . بولغان ئىشلارنى يولدىشى مىيۇ**گە بىرمۇبىر ئېيتىدۇ،بۇنىڭغا نىسبەتەن ۋاڭجىڭنىڭ يولدىشى مىيۇ**زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئايالىنىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى، بۇنڭدىن تولىمۇ بىمەنىلىك ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەر–ئايال 12–ئاينىڭ 30–كۈنى رەسمىي ئاجرىشىپ كەتكەن. فەنروڭ ئەر–ئايالنىڭ قىستىشى، توختىماي تەھدىت سېلىشى نەتىجىسىدە ۋاڭجىڭ ئىلگىرى–كىيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم لى ۋەن رايونى چوڭكوۋ ساقچىخانىسى، بەييۈن رايونلۇق جىڭشى ساقچىخانىسى ۋە جىياڭنەن ساقچىخانىسىغا بېرىپ ئەھۋال مەلۇم قىلىدۇ. ساقچى تەرەپ تېخى ئەمىلىي زىيانكەشلىك يۈز بەرمىگەچكە بىرنەچچە تال قىسقا ئۇچۇر "تەھدىت"شەكىللەندۇرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىغان ۋاڭجىڭ ئاخىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ. ۋاڭجىڭنىڭ دىيىشىچە ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا بىر مەزگىل سىرتلارغا چىقىپ دالدىلىنىشنى ئېيتقان.لىكىن ئۇ ئەمدىلا تۇغۇلغان ئوغلى "فەنروڭنىڭ قولى "دا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنداق قىلالمىغان، ئۇ كەتسىلا ئۆيدىكىلىرى چوقۇم تەھدىتكە ئۇچرايتتى. ئۇ رېئاللىققا يۈزلىنىشنى تاللاپ، بۇ ئىشنىڭ تېچلىق بىلەن ھەل بولىشىنى ئۈمىد قىلدى. xHaoSs*C9
84c[ Z
دېئالوگ ?>iZ){0,
ۋاڭجىڭ: مەن ئۇنىڭ بالىنى سېتىۋېتىشىگە يول قويمايمەن 98!H$6k
J
Sms
\
مۇخبىر : سىز ئەينى ۋاقىتتا نىمىشقا ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇپ بېرىشكە قوشۇلغانتىڭىز؟ u`wT_?%w
O;RNmiVoq
ۋاڭجىڭ:بىرىنچى قېتىم دەرھال ماقۇل بولمىدىم ، بىرنەچچە قېتىم دېگەندىن كىيىن كۆپ ئويلاپ ئاچكۆز نەپسىمنىڭ كەينىگە كىرىپتىمەن. يولدىشىم بىلەن مۇناسىۋىتىم ناچار، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىۇ ياخشى بولمىغاچقا ئاخىرى قوشۇلدۇم l 5z8]/
l]mn
4cn3
مۇخبىر :بۇنداق قىلىشنىڭ خارەكتىرىنى بىلەمسىز ؟ 3L%g2`
hP=z<&zb/
ۋاڭجىڭ:ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇش قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ مۇقەررەر . مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلدىم ، جازالىنىشقا تىگىشلىك. لىكىن ئائىلەمدىكىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى ، ئۇ بالىنى سېتىۋەتمەسلىكى كېرەك دەپ قارايمەن. l&m'?.gf
k?'PCV
مۇخبىر :بۇ ئىش سىزنىڭ تۇرمۇشۇڭىزغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ W'<cAg?
'W|@d8}h
ۋاڭجىڭ: بۇ ئىش مېنىڭ ئائىلەمگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.مەن ئۇرۇق– تۇغقانلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم ، ئۆيدىكىلەرنىڭمۇ مەن بىلەن كارى بولمىدى،ئوغلۇم گەرچە بۇ ئىشلارنى بىلمىسىمۇ مەكتەپكە بارالماي، سىرتىغا چىقالماي تولىمۇ قورقتى، ئۇ مەكتەپكە بېرىشى كېرەك، بۇنداق سىرتىغا چىقماي تۇرىۋەرسە بولمايدۇ، ?mW;%d~]
+hd1|qa4
مۇخبىر :سىز ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىغا قانداق قارايسىز ؟ .X(ocs$
}
s*W)BK|+?
ۋاڭجىڭ:بۇ بالائۇنىڭ ئايالىنىمۇ جىددىيلەشتۈردى،بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ پۇشتى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، ئۇمۇ ئاچچىقلاندى، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلىگەچكە مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن، لىكىن مەن بۇ ئىشنىڭ تېچ ھەل بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،پۇلنى قايتۇرۇپ كېلەلمىسىلا مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلسا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىشمۇ توغرا ئەمەس . U-3uT&m*9.
&_y+hV{
مۇخبىر:قورقۇۋاتامسىز ؟ 2\=cv
{cBLm/C
ۋاڭجىڭ: قورقۇۋاتىمەن(كۆزىگە ياش ئېلىپ )، لىكىن چوقۇم ئوتتۇرىغاچىقىشىم ، ئۆزەمنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزەم مەسئۇل بولىشىم كېرەك. مەن ئۇنىڭ بالىنى سېتىۋېتىشىدىن ، ئۆيدىكىلەرگە زىيان يەتكۈزىشىدىن ئەڭ قورقىمەن، مەن بۇنى كۆرۈشنى خالىمايمەن، بالا ئۇنىڭ ئەمەس، ئۇمۇ ھەم باقمايدۇ. _G5MQ%z
#]5|Qhrr+
مۇخبىر:بالا گۇناھسىز، ھەتتا دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ، قانداق قىلىسىز ۋاڭجىڭ:بالاچوقۇم ھېلىقى كىشىنىڭ (توردىشى ) ، لىكىن مەن ئۇنى تاپالمىدىم، بالىنى ئېلىپ كېتىپ ئۆزەم باقماقچى. iXDQ2&gE*
er0ClvB
فەنروڭنىڭ ئايالى : مەن پەقەت ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن بېقىپ بەردىم $W;IW$
1–ئاينىڭ 6–كۈنى كەچ سائەت سەككىزلەردە ئالاقىدارنىڭ ئايالى چى خانىم مۇخبىرغا تېلىفۇن قىلىپ ،ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇپ بېرىش ئىشىنى ئىنكار قىلدى ۋە پۈتۈنلەي ئىشنىڭ ئەكسىچە سۆزلىدى. چى خانىم ئۆزىنىڭ ۋاڭجىڭنىڭ دىگىنىدەك تۇغۇش ئىقتىدارى يوق ئەمەس بەلكى بىر ئوغلى بار بولۇپ بۇ يىل بەش ياشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ۋڭ جىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى ماجرا ، ۋاڭ جىڭ باشقىلاربىلەن "بىر كىچىلىك مۇھەببەت "لىشىپ بالىسى بولۇپ قالغانلىقتىن ، بالىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ باققاندىن تارتىپ باشلانغان . "بىز ئىككى ئائىلە ئىلگىرى ناھايىتى يېقىنتۇق، لىكىن كىم بىلسۇن ، ئۇ بالىنى بىر ئەكىلىپ قويغانچە يېرىم يىلغىچە ئېلىپ كەتمىدى، بىز بالىنىڭ بېقىش راسخودى ھەققىدە تالىشىپ قالدۇق ، پەقەت ۋاڭجىڭ بېقىش راسخودىنى بەرسىلا بالىنى قاچان كىلىپ ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. مۇخبىر بېقىش ھەققىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى سورىغاندا ، چى خانىم جاۋاپ بەرمىگەن.مۇخبىر يەنە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ فامىلىسىنى ۋە نىمە ئۈچۈن بوۋاق فەن*چېڭ بىلەن يولدىشىنىڭ ئىسمى بىرلا ۋاقىتتا بىر تۇغۇلۇش ئىسپاتنامىسىدە كۆرۈلگەنلىكىنى سورىغاندا چى خانىم جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلغان."مىنىڭ يولدىشىمنىڭ فامىلىسىنىڭ قانداق بولىشىنىڭ بۇ ئىش بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار ، مەن بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ ئائىلەم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئىدارەمنى يازماڭ ." 3fJwj}wL
N:@C%
UW
}
ئادوۋكاتنىڭ قارىشى :بالىنى چوقۇم ئايالغا قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم tEl4 !vA
گۇاڭدوڭ داتوڭ ئادوۋكاتلىق ئورنىدىن ئادوۋكات جۇيوڭپىىڭنىڭ قارىشىچە ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇشنى كىلىشكەن ئىككى تەرەپنىڭ قىلمىشى ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئادەتلەر پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان بولغاچقا ، ئىككى تەرەپ ئاغزاكى كىلىشىم ئارقىلىق تۈزگەن ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇش توختىمى كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىكەن. بۇ ئىشتا ھەر ئىككى تەرەپتە سەۋەنلىك مەۋجۈت. شۇڭا كۈچكە ئىگە بولمىغان توختامنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسلىنىش كېرەك، بوۋاق د ن ئا تەكشۈرۈلۇش ئارقىلىق ئەر تەرەپنىڭ بالىسى ئەمەس ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. شۇڭا بالىنى ئايال تەرەپكە قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم، ئەگەر ئەر تەرەپ قوشۇلمىسا ، ئايال تەرەپ ئەرز قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغدىسا بولىدۇ. ئايال تەرەپ ئىشتىن بۇرۇن قوبۇل قىلغان نەق پۇل قاتارلىق مال– مۈلۈكنى ئەر تەرەپكە قايتۇرىشى كېرەك.بۇنىڭدىن باشقا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يەنە تۆلەم مەجبۇرىيىتى مەۋجۈت ئەمەس . مۇخبىرنىڭ ئەھۋالنى بىلىدىغان تارماقلاردىن ئىگەللىشىچە ، ساقچى تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ئىشنى بىر ھەق –تەلەپ ماجراسى دەپ بىكىتىپ ئىككى تەرەپكە دەۋا تەرتىپى ئارقىلىق ھەل قىلىش پىكرىنى بەرگەن. =}~hbPJM
&xqr&(o
قانۇن –ئۇچۇر تورىدىن :=tPC A=
http://www.law-star.com/cacnew/201101/615068083.htm HH|&$C|64
5i$~1ZC
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن بىرگۈل تەرجىمىسى Y2Y2>^
y6o^ Knl
ھەرقانداق توربەتكە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ `8TM
sHrpBm&O4
1h+!<