قەلىپ شىپاگەرلىرىگە كۆرۈنگىلى كەلگەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسىدە نىرۋا چاغسىزلىقى ئالامىتى بولمىسا، خارەكتىر چاغسىزلىقى ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
2
FoLJ نىرۋىسى چاغسىزلانغانلار مەسئۇلىيەتنى ئۆزىگە مەجبۇرى ئارتۇقچە يۈكلىۋالىدۇ. خارەكتېرى چاغسىزلانغانلار بولسا، ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئىلىك ئالمايدۇ. ھەرقىتىم ياتلار بىلەن توقۇنۇش كۆرۇلگەندە نىرۋىسى چاغسىزلانغانلار شەكسىزكى،بارلىق سەۋەنلىك مەندە دەپ قارايدۇ. خارەكتېرى چاغسىزلانغانلار ھىچ ئىككىلەنمەستىن خاتالىق قارشى تەرەپتە دەپ كىسىپ ئىيتىدۇ.
\[qxOZ{ نىرۋا ئاجىزلاشقانلار بىلەن خارەكتىرى ئاجىزلاشقانلارنىڭ گەپ قىلىشتىكى ئورامىمۇ ئوخشىمايدۇ. نىرۋىسى ئاجىزلاشقانلارغا نىسبەتەن،<مەن چوقۈم>، <مەن ئەسلىدە> دىگەندەك گەپلەر ئاغزىنىڭ گىرۋىگىدىلا تۇردۇ. ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا تاللاش ھوقوقى يوقتەك ھەممىدە سىرىتقى كۈچنىڭ كونتۇرۇللىقىغا ئەلھۆكمىللا دىيىشتەك خائىشنى ئىپادىلەيدۇ.
DE7y\oO] نىرۋىسى چاغسىزلانغانلارنى داۋالاش ، خارەكتىرى چاغسىزلانغانلارنى داۋالىماقتىن خىلى ئاسان، چۇنكى ئۇلار قىيىنچىلىققا ئۆزى مەسئۇلبولىشى كىرەكلىكىگە، مەسىلىنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلىدۇ. خارەكتىرى چاغسىزلانغانلار بولسا تەرسالىق بىلەن سىرىتقى دۇنيانى تۇزەش كىرەك دەپ تۇرۋالىدۇ، ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ بىقىشنى قەتئى رەت قىلىدۇ.
bHcBjk.\ تۇرمۇشتا بۇرغۇن ئەدەملەردە نىرۋا چاغسىزلىقى بىلەن خارەكتېر چاغسىزلىقىنىڭ ئالامەتلىرى ئارلاش كۆرۇلىدۇ. بۇخىل دائىملىق يەڭگىل قەلىپ چاتىقى ئوموملاشتۇرلوپ <خارەكتىر مەنبەلىك نىرۋا چاغسىزلىقى> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇخىلدىكى ئادەملەر مەلۇم جەھەتلەردە ئۆزىگە تىگىشلىك بولغان مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۇكلىۋىلىپ، گۇناھكارلىق پاتقىقىغا پىتىپ يۇرسە، مەلۇم جەھەتلەردە بولسا ئۆزىگە تىگىشلىك ئوپئوچوق مەسئۇلىيەتلەرنىمۇ سىرىتقا دوڭگەپ، گويا بىرەرسى ئۆلسىمۇ ئىلىك ئالمايدۇ، بۇخىل كىسەللىكنى داۋالاش تەس ئەمەس.
3#x1(+c6 مەلۇم مەنىدىن ئىيىتقاندا، بارلىق بالىلارداخارەكتىر چاغسىزلىقى ھادىسىسى بولىدۇ. ئۇلار ئەيىپلىنىشتىن سەگەگلىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. توقۇنۇش ئۇچۇن مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئىلىشنى خالىمايدۇ. نىرۋا چاغسىزلىقى ئالامىتىمۇ ھەممە بالىلاردا دىگۇدەك بولىدۇ، ئۇلار چۇشۇنۇش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۇمنىڭ شورى دەپ قارايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشەلمىگەن بالىلار ئاتا-ئانامنىڭ كۆيۇنىشى كەمچىل دەپ بىلمەستىن بەلكى ئۆزۇمنىڭ ئەتىۋارلىغۇچىلىقى يوق دەپ قارايدۇ.
R>Dr1fc} يىنىك دەرىجىدىكى نىرۋا چاغسىزلىققا گىرىپتار بولغانلارسىرىتتا تىگىشسىز زىيادە مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئىلىېۋىلىپ، ئۆيىگە كەلگەندە تىگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلا لمايدىغان ھالغا چۇشۇپ قالىدۇ. ئەڭ يامىنى، خارەكتىرى چاغسىزلانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك يارىماس ئاتا- ئانىلاردۇر. بۇخىل ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىغا مۇئامىلە قىلىشتىكى پۇزۇتسىيىسى يامانلىشىپ بىر يەرگە بارغاندا ئۇلارنى داۋالىغىلى بولمايدۇ.
`\|@w@f|; نىرۋا چاغسىزلىقىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆزىنى ئادەم چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىلىپقا سالدىغانلىقىنى: خارەكتىرى چاغسىزلانغانلارنىڭ <تۇزىشى> گە ئۇچرايدىغان نەس باسقان ئادەملەردىن ئەڭ ئاۋال بالاغا قالىدىغانلىرى ئۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرى ئىكەنلىگىنى ھەممە ئورتاق ئىتراپ قىلىدۇ.
+*xc4 خارەكتىرى چاغسىزلانغان ئاتا- ئانىلارنىڭ باللىرىدا ھەم خارەكتىر چاغسىزلىقى ياكى نىرۋا چاغسىزلىقىنىڭ چاتىقى ئومومىييۇزلۇك كۆرۇلىدۇ. بۇنى <ئۇرىقىدا بولسا ئۇنىدا تىتىپتۇ > دىيىشكە بولىدۇ.
wd32q7lGo1 خارەكتىر چاغسىزلانغانلارنىڭ ئىستىلىغا قارايدىغان بولساق ئۇلار مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا-جۇرىسى، بالىسى، دوس-يارەنلىرى، ئاتا- ئانىسى، خۇجايىنى قاتارلىق كىشىلەرگە يۇكلەيدۇ.
"+4Jmf9 ھورمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ئوزوڭلارنى بۇ تىمىغا سىلىشتۇرۇپ كۆروپ ئوزىڭلاردا كۆرولگەن نورماسلىق ئەھۋاللىرىنى بۇتىمىدىكى تەپسىلاتلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ ئۆزۇڭلەردە زادى قايسى چاغسىزلىق ئالامەتلىرى بارلىقىنى بىلىۋىلىشڭلار ئۇچۇن بۇتىمىنى يوللىدىم قاملاشمىغان جايلىرى بولسا تۇغرا پىكىر تەكلىپلەرنى بىرىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن.
mR|5$1[b مەنبە: قەلىپ خەرىتىسى ناملىق كىتاپ
[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]