گوۋۇيۈەن 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ‹‹<ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››نى ئېلان قىلدى، يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا نىزامى›› 2011 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى سۇغۇرتىلاش مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل يولداش 28 – دېكابىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: يېڭى ‹‹نىزام›› ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.
3']=w@~ O[ ئالتە يارقىن نۇقتىغا ئىگە يېڭى ‹‹نىزام›› $eUJd Aetk بۇ مەسئۇل كىشى يېڭى ‹‹نىزام››نىڭ تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتە يارقىن نۇقتىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى:
*heX[D
&>) 1 . ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى تەتبىقلاش دائىرىسى كېڭەيتىلدى. :TN^}RML ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى تەتبىقلاش دائىرىسى مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلمايدىغان ھەر خىل تۈردىكى كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم پۇقراۋى غەيرىي كارخانا ئورۇنلىرى، فوند جەمئىيىتى، ئادۋوكاتخانا، بوغالتىرخانا قاتارلىق تەشكىلاتلارغىچە كېڭەيتىلىپ، تۈزۈم جەھەتتىن بۇ ئورۇنلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ئەندىشىسى تۈگىتىلدى.
P*sb@y>}O 2 . ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى بېكىتىش دائىرىسى تەڭشەپ كېڭەيتىلدى. 00(#_($ دائىرىسىنى بېكىتىش ئەسلىدىكى ئىشقا بېرىش، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىش يولىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ھادىسىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىشتىن ئۆزى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغان قاتناش ھادىسىسى ھەم شەھەر يوللىرىدىكى قاتناش، يولۇچىلار پاراخوتى ۋە پويىز ھادىسىسىدە يارىلىنىشقىچە تەڭشەپ كېڭەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەتچى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈلدى.
rJ}k!}G 3 . ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى بېكىتىش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلدى. يېڭى ‹‹نىزام››دا ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى بېكىتىش تالاش – تارتىشىنى ھەل قىلىش جەريانىدىكى مەمۇرىي قاراپ چىقىش بەلگىلىمىسى بىكار قىلىنىپ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى بېكىتىش ۋاقتى قىسقارتىلدى؛ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئاددىي بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى تۇرغۇزۇلۇپ، پاكىتنى ئېنىقلاش، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تالاش – تارتىش بولمىغان ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى ئىلتىماس قىلىشنى بېكىتىشنىڭ مۆھلىتى ئەسلىدىكى 60 كۈندىن 15 كۈنگە قىسقارتىلدى.
dzwto; 4 . ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.
0'.7
dzz ئىش ئۈستىدە قازا قىلىشتا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئەسلىدىكى 48 ئايدىن 60 ئايغىچە بولغان بىر تۇتاش پىلاندىكى رايونلارنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىدىن ئالدىنقى يىلدىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان، تەقسىملەشكە بولىدىغان كىرىمىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە تارقىتىشقا ئۆستۈرۈلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغان خىزمەتچىگە بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق مېيىپلىك ياردەم پۇلى تەڭشەلدى، بىرىنچى دەرىجىدىن تۆتىنچى، بەشىنچى، ئالتىنچى دەرىجىگىچە ۋە يەتتىنچى دەرىجىدىن ئونىنچى دەرىجىگىچە بولغان ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغان خىزمەتچىنىڭ مېيىپلىق ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئايرىم – ئايرىم ئۆستۈرۈلۈپ، شۇ كىشىنىڭ ئۈچ ئايلىق، ئىككى ئايلىق ۋە بىر ئايلىق مائاشى قوشۇپ بېرىلدى.
# ~T
KC|G 5 . فوندتىن چىقىم قىلىش تۈرى كۆپەيتىلدى. }X[wWH خەلقئارانىڭ تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئۆرنەك قىلىنىپ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەشۋىقات، تەربىيەلەش قاتارلىق ھەقلىرىنى فوندتىن چىقىم قىلىشقا كىرگۈزۈش بەلگىلىمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم تارمىقىمىزغا مالىيە، سەھىيە ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىنى نىسبەتلەشتۈرۈپ ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈشكە ھوقۇق بېرىلدى. يەنە ئەسلىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆلەيدىغان ئىش ئۈستىدە يارىلانغان خىزمەتچىنىڭ ‹‹داۋالىنىش، تاماق ياردەم پۇلى››، ‹‹بىر تۇتاش پىلاندىكى رايونلاردىن باشقا جايدا داۋالانغاندىكى قاتناش، تاماق، ياتاق ھەققى›› ھەم ‹‹ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلغاندىكى بىر قېتىملىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى›› ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر تۇتاش چىقىم قىلىشقا ئۆزگەرتىلدى.
*/yR_f 6 . مەجبۇرلاش سالمىقى كۈچەيتىلدى. 8]-c4zK يېڭى ‹‹نىزام››دا مەمۇرىي قاراپ چىقىش ۋە مەمۇرىي دەۋا مەزگىلىدە ئىش ئۈستىدە يارىلانغان خىزمەتچىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەشنى توختاتماسلىق توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە كۆپەيتىلىپ، ئىش ئۈستىدە يارىلانغان خىزمەتچىنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلدى، شۇنداقلا قىسمەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىدىن يامان غەرەزدە ئەرز قىلىش تۈزۈم جەھەتتىن چەكلىنىدىغان بولدى.
p[lciWEW ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتى قوغدالدى
4P\?vz" يېڭى ‹‹نىزام››نىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى توغرىسىدا بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى:
{
]CO;5: بىرىنچى، ئىش ئۈستىدە يارىلانغان خىزمەتچىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق. 8o4?mhqV يېڭى ‹‹نىزام››دا ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇش دائىرىسى ۋە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى بېكىتىش دائىرىسى تەڭشەپ كېڭەيتىلىپ، ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىنىڭ سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، جەزملەشتۈرۈش، باھالاپ بېكىتىش ۋە تالاش – تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلدى. بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئىش ئۈستىدە يارىلانغان خىزمەتچىلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ئازايتقىلى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
zV8^Hxl ئىككىنچى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق. j?
P=}_Ru يېڭى ‹‹نىزام››دا كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، پۇقراۋى غەيرىي كارخانا ئورۇنلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، جەمئىيەتتىكى بىر تۇتاش ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى ئارقىلىق، بۇ ئورۇنلار ئۈستىگە ئالغان ئىش ئۈستىدە يارىلانغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەققى تارقاقلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئىش خاراكتېرلىك يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
IrZ!.5%tV 2gnmk
TyF ئۈچىنچى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق. V
K)%Us- يېڭى ‹‹نىزام››دا مۇئامىلە كاپالەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىنى ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىدىكى مۇھىم ئورنى بېكىتىلدى؛ ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى توغرىسىدىمۇ تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرى كۈچلۈك قانۇن تىرىكى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.
8hx 3pvmk pZv>{=2hOS تۆت تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك . >^fkHbgNQ !?~>f>js_l بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: 2011 – يىلى 1 – يانۋار يېڭى ‹‹نىزام›› رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، ۋاقىت ئىنتايىن جىددىي. ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاپ بېكىتىش ئورگانلىرى يېڭى ‹‹نىزام››نىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى مەركەزلىك ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
s,|s;w*. بىرىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش.
sjISVJ? ئىككىنچى، يېڭى ‹‹نىزام››نى تەشۋىق قىلىش، ئۆگىنىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش.
$J]b+Bp ئۈچىنچى، يانداش سىياسەت، قانۇن – نىزاملارنى تۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش.
_PR>
تۆتىنچى، يېڭى ‹‹نىزام››نى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. sC=fXCGW\p
ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى قانۇن بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەمۇرىي نازارەتچىلىك، جەمئىيەت نازارەتچىلىكى، جامائەت نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرلەشمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى ‹‹نىزام››نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. jg_##Oha
u(!@6%?-
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28 – دېكابىر تېلېگراممىسى aF~ 0\XC
z`:uvEX0
مەنبە : http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-12/31/content_120727.htm