مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       402 
  •    ئىنكاس 
       4 

ئونسۇ  ناھىيىسىنىڭ مەمۇرى رايۇنلارغا بۆلىنىش تارىخى

قەۋەت ئاتلاش
alafasy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22705

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   2705 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   394 (سوم)
 ياخشى باھا:   1290 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   552  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8124
 سائەت
دەرىجىسى:
8124 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-08

ئونسۇ  ناھىيىسىنىڭ مەمۇرى رايۇنلارغا بۆلىنىش تارىخى qP? V{N  
ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىسى بىر بازار 9 يېزىغا ئايرىلغان. بىر بازار ئونسۇ بازىرى، تۇخۇلا، ئارال، جام، چاغراق، تۇمشۇق، قىزىل، گۈلئاۋات، ئىشلەمچى، بۆزدۆڭ قىرغىز مىللى يېزىسى، ئۇنىڭدىن باشقا يەرلىك دۆلەت ئىگلىكىدىكى 12 دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق فىرمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. KhK:%1po  
|uT|(:i84,  
تۇخۇلا يېزىسى:   تۇخۇلا يېزىسى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بۇلۇپ، 1950- يىلى 8- ئايدا ئىككىگە بۆلۈنگەن. 1958-يىل 10- ئايدا خەلىق گۇڭشى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 11- ئايدا ئونسۇ بازرىغا قۇشۇۋېتىلگەن، 1962- يىلى 5- ئايدا تۇخۇلا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىلگىرى كېيىن مەملىكەت، ئاپتونۇم رايۇن تەرپىدىن يېزا كەنىتتىكى ئىلغار كولىكتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كولىكتىپ، مول ھوسۇل ئېلىشتىكى ئىلغار كولىكىتپ بۇلۇپ كەلدى. BUR96YN.  
TtA6N8G  
تۇمشۇق يېزىسى:   تۇمشۇق يېزىسى ئونسۇنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ، 1950 –يىلى 3 رايۇنغا ئايرىلغان. 1958- يىل ئاقسۇ ناھىيىسى 8 رايۇنغا ئايرىلغان. شۇ يىلى تۇمشۇق تەڭرىتاغ خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان، 1960- يىل شېىىل چوڭ ئەترىتى ساۋابچى فىرمىسىنىڭ باشقۇرىشىغا ئايرىلغان، 1962- يىلى ئونسۇ ناھىيىسىگە تەۋە تۇمشۇق يېزىسى خەلق گۇڭشىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. داخان، باغچا رايۇندىن ئىبارەت 2 ئەترەت ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ باشقۇرىشىغا ئايرىلغان، 1966- يىلى ئويتېتر چوڭ ئەترىتى يېزا ئىگىلىك 1-دېۋىزىيىنىڭ 8-مەيدانغا ئايرىلغان. (ھازىر 1- دېۋىزىيە 4- تۈەن). 1fwjW 0t  
6qfL-( G  
1972- يىلى شېخىل چوڭ ئەترىتى ساۋابچى فىرمىغا ئايرىلغان، 1984- يىلى 5- ئايدا خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. ,h1 z8.wD|  
o%dKi]  
ئارال يېزىسى:   ئارال يېزىسى ئونسۇنىڭ غەربى جەنۇبقا جايلاشقان. ئارال يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئارال «» دېگەن مەنىسى بار. 1950- يىلى 4 رايۇنغا ئايرىلغان. 1954- يىلى چاغراق ئايرىلىپ چىققان، 8-رايۇنغا ئۆزگەرتىلگەن. 1957- يىلى 8- رايۇن 4- رايۇنغا قۇشۇۋېتىلگەن، 1958- يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ 7- رايۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن، 1958- يىلى 10- ئايدا ئارال يېزىسى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1962- يىلى ئونسۇ ناھىيسى ئارال يېزىسى خەلق گۇڭشىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1966- يىل جىگدە، دەپتەر، سۇ ياقىسى، دېھقانلار، قارا دۆۋە قاتارلىق بەش ئەترەت ناھىيىلىك شالچىلىق 2- مەيدانى قىلىپ تەشكىللەنگەن. 1980- يىل چاغراق، قارسا، ياقئېرىق قاتارلىق ئۈچ ئەترەن يېڭىدىن قۇرۇلغان چاغراق گۇڭشىسىگە قۇشۇلغان، 1984- يىلى 5- ئايدا ئارال يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. Ni]V)wGE;  
3ZRi@=kWz  
چاغراق يېزىسى: چاغراق يېزىسى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. غەربى ۋە جەنۇب تەرىپى ئارال بىلەن چىگىرداش، شەرقى تۇخۇلا يېزىسى ۋە شالچىلىق مەيدان بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى جىگدە فىرما بىلەن تۇتىشىدۇ، چاغراق ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان. 1980- يىل ناھىيىلىك شالچىلىق 2- مەيدان ئاساسىدا  ئارال گۇڭشىسىنىڭ 3 ئەترىتى قۇشۇۋېتىلگەن، چاغراق گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1984- يىلى 5- ئايدا چاغراق يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. ^Pqj*k+F  
:E ]Ys  
ئىشلەمچى يېزىسى: ئىشلەمچى يېزىسى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقى قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقى تەرىپى جام يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربى تەرىپى قىزىل بايراق دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە تەجرىبە ئورمان مەيدان بىلەن چىگىرداش، جەنۇبى قىزىل يېزىسى بىلەن چىگىرداش، شىمالى تەرىپى تاغلاق فىرما بىلەن تۇتىشىدۇ. fyYHwG  
@Z9X^Y+u^h  
ئىشلەمچى يېزىسى ئۇيغۇر تىلىدا «تىرىشچان ئەمگەكچى» دېگەن مەندە، 1949- يىلدىن ئىلگىرى خەلققە تەۋە يېزا باشقۇرۇشىدا بولغان. 1950- يىلى جام رايۇنىغا تەۋەن تۈمەن يېزىسى باشقۇرغان، 1954- يىلى يەتتە رايۇنغا ئايرىلغان. 1957- يىلى جام يېزىسى بىلەن ئىشلەمچى رايۇنى قۇشۇۋېتىلگەن، 1958-يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ 9- رايۇنى بولغان، شۇ يىلى جام شەرقى شامىلى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1984- يىلى جام گۇڭشىسىنىڭ 11 چوڭ ئەترىتى قۇشۇلۇپ، ئىشلەمچى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بۇلۇپ قۇرۇلغان. D c5tRO  
b EB3 #uc  
جام يېزىسى: جام يېزىسىنىڭ ئورنى لىيەنخېگۈەن رايۇنى ساھىلىدا. شەرقى 1- دېۋىزىيىسىنىڭ 5- تۈەنى بىلەن قوشنا. غەربى ئىشلەمچى، جەنۇبى قىزىل يېزىسى، جام ئورمانچىلىق مەيدانى، ياشلار مەيدان بىلەن چىگىرلىنىدۇ. شىمالى تاغلاق فىرما ۋە بۆزدۆڭ مىللى قىرغىز يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. 7.V'T=@x3)  
k:1p:&*m  
1949- يىلدىن ئىلگىرى خەلققە تەۋە يېزىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، 1950- يىلى 3- ئايدا بەش رايۇنغا بۆلۈنگەن، 1958- يىل 5- ئايدا ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ 9- رايۇنىغا ئايرىلغان، 10- ئايدا جام شەرق شامىلى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان، 1959- يىل قارا يۇلغۇن چوڭ ئەترىتى يېزا ئىگىلىك 1- دېۋىزىيىسىنىڭ غالىبىيەت 9- مەيدانىغا ئايرىلغان، (ھازىرقى 5- تۈەن). 1962- يىلى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ جام خەلق گۇڭشىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، 1984- يىلى جام يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. / =]h@m-`  
`" BFvF#  
قىزىل يېزىسى:   قىزىل يېزىسى ناھىيىمىزنىڭ شەرقى جەنۇبقا جايلاشقان. شەرقى ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى، گۈلئاۋات يېزىسى بىلەن چىگرىداش. جەنۇبى 1- دېۋىزيىسىنىڭ 6- تۈەنى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تەجرىبە ئورمان مەيدانى بىلەن تۇتىشىدۇ. قىزىل يېزىسى ئۇيغۇر تىلىدا «قىزىل رەڭ» دېگەن مەنىدە. 1950- يىلدىن ئىلگىرى خەلققە تەۋە يېزا باشقۇرۇشىدا بولغان، 1950- يىلى 3- ئايدا 6 رايۇنغا ئايرىلغان. 1958- يىلى 5- ئايدا ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ 10- رايۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن. 10- ئايدا قىزىل ئاۋانگارت خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1962- يىل ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ قىزىل خەلق گۇڭشىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1984- يىلى 5- ئايدا قىزىل يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. |"}F c S y  
O9%`G  
گۈلئاۋات يېزىسى: ناھىيىمىزنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ يېزا ئۇيغۇر تىلىدا «گۈللەنگەن گۈل، شەرەپلىك گۈل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1971- يىلى قىزىل گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1978- يىلى گۈلئاۋات خەلق گۇڭشىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1984- يىلى گۈلئاۋات يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. > 4n\  
uJxT)m!/  
بۆزدۆڭ مىللى قىرغىز يېزىسى: بۆزدۆڭ بولسا چارۋېچىلىقنى ئاساس قىلغان مىللى قىرغىز يېزىسى بۇلۇپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. 1950- يىلى 3- ئايدا جام يېزىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، 1958- يىلى بۆزدۆڭ پولات – تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولغان. (ھازىرقى ناھىيىلىك سېمنۇت زاۋۇتى). 1962- يىلى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان، 1984- يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى قىرغىز مىللى يېزىسى قۇرۇلغان. #bI ,;]T  
D\13fjjHlu  
مەنبە: «ئونسۇ تەزكىرىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى :V,agAMn  
> nHaMj  

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە
دىلسار مۇنبەر پۇلى +100 02-27 -
yalpuz0997 مۇنبەر پۇلى +20 2010-12-30 ياخشىمۇ سىز ،يۇرت تارخىنى بىلىش  ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بۇ  ئۆزنى بىلىشنىڭ ئاساسى.ئەمما بەزى ماتىرياللارنى يولىغاندا كۆپرەك ئىزدىنىڭ. سان ئۆزگىرىشلىرىگە دىقەت قىلىڭ .بۇ ئۆزىڭىز ئۈچۈنمۇ ،ناھىيىمىزنى چۈشۈنىشنى خالايدىغان كىشلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.مەندىمۇ ناھىيىمىزنىڭ مىلادىدىدىن بۇرۇنقى 174-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە بولغان <<چوڭ ئىشلار >>يىلنامىسى بار .نەچچە قېتىم يوللاپ قۇياي دەپ ئويلۇدۇم ،بىراق توختاپ قالدىم ،چۈنكى بەزى سان سىپىرلارغا تازا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ.
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
Michael
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3227

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1562 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13099 (سوم)
 ياخشى باھا:   445 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   442  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8520
 سائەت
دەرىجىسى:
8520 سائەت 80 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

قاچانلاردىكى گەپ بۇ،ھازىر تۇمشۇق يېزىسى ئەمەس تۇمشۇق بازىرى دەيمىز.بۇنىڭغىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى
 
مايكول سىكوفيوت
azizrosul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1822

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   93 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6015 (سوم)
 ياخشى باھا:   202 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   259  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5897
 سائەت
دەرىجىسى:
5897 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

  خەرىتىسى بولغان بولسا ئالامەت بولاتتىدە.
 
yalpuz0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6100

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   831 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4011 (سوم)
 ياخشى باھا:   364 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   383  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 567
 سائەت
دەرىجىسى:
567 سائەت 83 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-30

<<ئونسۇ تەزكەرىسى >> 1999-يىل شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىىر قىلىنىپ ھازىرغىچە 10 يىلدىن ئاشتى،بۇ جەرياندا ئونسۇنىڭ مەمۇرى رايۇنلىرى ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىش بولدى  :ھازىر ئونسۇدا 5  بازار بار .مەسلەن : $BT[fJ'k  
قىزىل بازىرى،جام بازىرى ،ئارال بازىرى،تۇمشۇق بازىرى ۋ ە ئونسۇ بازىرى قاتارلىقلار .
 
ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر
alafasy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22705

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   2705 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   394 (سوم)
 ياخشى باھا:   1290 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   552  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8124
 سائەت
دەرىجىسى:
8124 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-30

رەسىم قىستۇرالمىدىم، بولمىسا رەسىمنىمۇ ئىزدەپ تېپىپ يوللايتىم ئەمەسمۇ
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى