مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1047 
  •    ئىنكاس 
       13 

توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە

قەۋەت ئاتلاش
问容杀手
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5835

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   21 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5452 (سوم)
 ياخشى باھا:   202 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   355  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1804
 سائەت
دەرىجىسى:
1804 سائەت 86 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-07
ئاخــىرقىسى:2011-10-02
— بۇ تېمىنى ئىدىرىسجان كومپىيۇتىر بىلىملىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2010-12-29) —

>\Iy  
:$^sI"hO  
ئىلگىرى مەن تور بېكەت قۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ناملىق يازمىدا، توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم، يېقىندىن بۇيان يەنە بىر قىسىم بېكەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاھۇ-زارىنى ئاڭلاپ قالدىم، ئەلۋەتتە مېنىڭ يازمىلىرىمنىمۇ «ئوغرىلاۋاتقان» ياكى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىۋاتقانلار بولۇشى مۇمكىن، ئوغرىلاش ۋە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىش(مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ) نى ئايرىم-ئايرىم ئورۇنغا قويۇپ تەھلىل قىلغاندا، ئىككىسى ئىككى خىل ئۇقۇم. ئالدىنقىسى ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە پەقەتلا ھۆرمەت قىلمايدۇ، كېيىنكىسى ھېچ بولمىسا ئاپتورنىڭ قەلىمىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئېلان قىلغۇچىلاردۇر. UD'e%IVw  
شۇ سەۋەپتىن، كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغۇچىلارنى توغرا چۈشىنىپ كەتكىلى بولىدۇ، بىراق ئوغرىلىغۇچىلارغا ھەرگىزمۇ يۈز-خاتىرە قىلماسلىق كېرەك. XKBQH(  
ھازىر ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم ھالەتلەر Ga" 
چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟ سىزنىڭ ئاشۇ قوتۇر بلوگىڭىزدىن يازما كۆچۈرۈپ قويغانغا خوش بولسىڭىز بولىدۇ تېخى! 40LA G  
m,]h7xx  
بۇ Baidu Toolbar غا ئوخشايدىغان لۈكچەك دېتاللارغا سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ لۈكچەك مىجەز كىشىلەرنىڭ دەيدىغان گېپى. `ucr;P  
يازما ئوغرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىغا سەل قارىماڭ، Blog ياكى تور بېكىتىڭىزنىڭ زىيارەتچىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقى سەۋەبى، يازمىڭىزنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداشتىن ۋاز كېچىدىغان ئىشنى ئەسلا قىلماڭ، سىزنىڭ نەرسىڭىز ھامان سىزنىڭ، سىز ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىڭىزدىن ۋاز كەچمىسىڭىزلا، ئۇ ھەرگىز باشقىلارغا تەئەللۇق بولۇپ قالمايدۇ. {uO2m*JrI  
WB|SXto%4D  
ئىنتېرنېتتىكى مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش بىر ئاز تەس، چۈنكى بۇ توغرىسىدا مۇكەممەللەشكەن بىرەر قانۇن-تۈزۈم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم ئۇچۇرلار ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولغاچقا، يازما ئوغرىلىرى مۇشۇنداق تەلۋىلىشىپ كەتكەن. 0>?78QL9<  
بىز دائىم بىر قىسىم تور بېكەتلەردە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز: P-lE,X   
مەزكۇر تور بېكەتتىكى كۆپ قىسىم خەۋەر ۋە مەزمۇنلار توردىن ئېلىنغان، ناۋادا ھوقۇقىڭىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان بولساق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرىۋېتىپ، سىزنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىڭىزنى قوغدايمىز. qg-?Z,EB  
 ^pZ\:  
نۇرغۇن تور بېكەتلەر مۇشۇنداق بىر نەچچە جۈملىنى يېزىپ قويسىلا ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى. Y]1b3 9O  
بىر مەسئۇلىيەتچان تور بېكەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قارشى تەرەپنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئاۋال مەزمۇنلارنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى ئىجازەت ۋە كېلىشىمنامىلەرگە قاراپ بېقىشىمىز كېرەك، ناۋادا ھېچقانداق كېلىشىمنامە ئىزاھلانمىغان بولسا، ئاپتور ياكى بېكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يازمىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىش كېرەك، بۇ بىر خىل مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ ئىپادىسى. >RT02Ey>  
توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك ئېلىپ كەلگەن مەسىلىلەر zFV?,"\r  
1. مەزمۇن ۋە ئۇچۇرنىڭ تەكرارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. s@bo df&  
2. بەلكىم ئەسلى ئاپتورنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇش مۇمكىن، بۇ خىل كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇش تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: jJCd2O]  
ئەسلى ئاپتور باشقىلار تەرىپىدىن خاتا ھالدا، «ئەسلى ئوغرى» مۇشۇ ئىكەن دەپ قارىلىپ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشى، ھەتتا ئەسلى ئاپتورنىڭ كىشىلىك غورۇرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشىمۇ مۇمكىن.Google ۋە Yahoo غا ئوخشاش ئىزدەش ماتورلىرى مەزمۇننىڭ ئەسلى ئاپتورنىڭ ياكى كۆچۈرگۈچىنىڭ ئىكەنلىكىگە خاتا ھالدا ھۆكۈم قىلىشى سەۋەبى، ئەسلى ئاپتورنىڭ ماقالىسى 10-بەتتە، «يازما ئوغرىسى»نىڭ ماقالىسى بولسا 1-بەتتە كۆرۈنۈپ قېلىشى، بۇ سەۋەپتىن ئەسلى ئاپتور ئەسلىدە ئېرىشىشكە تېگىشلىك بىر قىسىم زىيارەت ئېقىمى ۋە ئېلان كىرىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. hAp<$7  
. B9rG~  
3. يازما كۆچۈرۈشنىڭ ئاسانلىشىپ بېرىشى، يېڭى كۆچۈرگۈچىلەرنى ئاسانلا خۇمار قىلىپ قويىدۇ ۋە شۇ سەۋەپتىن داڭلىق «يازما ئوغرىلىرى»نىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. m-No 8)2yA  
4. بەزى «يازما ئوغرىلىرى»نىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى، ئەسلى مەنبەدىكى مەزمۇن ئىككى دانە تېزلەتمە كۇنۇپكا بىلەنلا كۆچۈرۈلۈپ كەلگەچكە، كۆچۈرۈلگەن مەزمۇندا ئابزاسلار ئالمىشىپ كېتىش، رەسىملەر چىقماسلىق، ئەسلى يازمىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇلانمىلار ئەمەلدىن قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بىۋاستە ئوقۇرمەنگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئامىلنىڭ بىرى. e|ngnkf(G  
5. ناۋادا ئەسلى ئاپتور ئەسلى ئېرىشىشكە تېگىشلىك مەنپەئەتتىن بەھرىمان بولالمىسا، داۋاملىق ئىجادىيەت قىلىشتىن ۋاز كېچىشى، بۇ سەۋەپتىن ئىنتېرنېتتىكى ئىجادى مەزمۇنلار ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. +V6N/{^ 5  
6. ئۈستىدىكى تۈرنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتسەك، ناۋادا يازما كۆچۈرۈش ۋە ئىجادى يازما يېزىش ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالسا، بۇ ئىجادى يازمىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى بارغانسىرى ئازايتىۋېتىدۇ، بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال. aYQIe7J90J  
نېمىشقا ئىجادى يازما يېزىشنى بەكرەك تەكىتلەيمىز؟ >*%mJX/F  
1. بىز ھازىر Web2.0 دەۋرىدە تۇرىۋاتىمىز، ھەر بىر ئادەم ئەسلىدىنلا بىر تۇغما يازغۇچى، بارچە گۈللەر بەس-بەستە تەكشى ئېچىلغىنى ياخشى. `8%2F}x}qD  
2. ئىجادى مەزمۇنلار ئىنتېرنېتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ناۋادا توردا ھەر كۈنى كۆرىدىغىنىمىز ئوخشاشلا مەزمۇن بولسا، تورغا چىقىپ نېمە قىلىمىز؟ r0)X] l7  
3. ئىجادى مەزمۇنلار باشقىلارغا ئۆزگىچە ھوزۇر بېغىشلاپ قالماي، يەنە باشقىلارنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە پىكىر يۆنىلىشى جەھەتتە يېتەكلەش، ئىلھام بېرىش، قوزغىتىش رولىنى ئوينايدۇ. WL<$(y:H  
توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك ئىجادى يازمىلارنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولامدۇ؟ EI*B(  
مەلۇم دەرىجىدە شۇنداق، بىراق قانۇن-نىزاملارنىڭ مۇكەممەللىشىپ بېرىشى، بىر قىسىم تور بېكەت باشلىقلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىلەر بارا-بارا ئازىيىشىقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن. aoh"4  
توردىكى يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەر: 9a5x~Z:'  
1. بارلىق مەزمۇننى تولۇق كۆچۈرۈپ كېلىشكە مەن ئۆزۈم شەخسەن قارشى، مەلۇم مەزمۇننى ياكى يازما تېمىسىنى كۆچۈرۈپ ئالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك يازما ئادرېسى بىلەن ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك. c3&;Y0SD  
2. يازما كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن، ئەسلى تور بېكەتتىكى يازما كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك: كۆچۈرۈپ ئېلان قىلسا بولامدۇ يوق؟ قايسى خىل شەكىلدە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلساق بولىدۇ؟ lV-b   
3. رەسىم ۋە مېدىيا ھۆججەتلىرىنى ئەڭ ياخشىسى بىۋاستە كۆچۈرۈپ ئۇلانما قىلماسلىق كېرەك، بۇ قارشى تور بېكەتنىڭ ئېقىم مىقدارىنى ئازلىتىۋېتىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆز تور بېكىتىمىزدە قارشى تەرەپ ئىشلەتكەن ئوغرىلىقتىن ساقلاش تېخنىكىسىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىغان بىر پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ. #%xzy@`  
ئۇنداقتا، شەخسى تور بېكەتلەر قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك؟ B6&;nU>;  
1. ناۋادا تور بېكىتىڭىزدە يازما كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات ياكى بەلگىلىمە بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ يازمىلارنىڭ ھوقۇقى بارلىق كىشىگە تەۋە بولۇپ قارىلىدۇ، يەنى all right reserved. 6.| {l8%r  
2. ئاز بىر قىسىم تور بېكەتلەر Creative Commons كېلىشىمىدىكى «سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» دېگەن ماددىنى قوشۇپ قويىدۇ، يەنە بىر قىسىم تور بېكەتلەر مەزكۇر يازمىنى ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرقانداق جايدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دېگەندەك ئىزاھاتلارنى قوشۇپ قويىدۇ. 0?KY9  
Creative Commons كېلىشىمى دېگەن نېمە؟ tO$/|B74Bz  
ئۈستىدە Creative Commons كېلىشىمى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتۇق، ئۇنداقتا Creative Commons كېلىشىمى دېگەن نېمىدۇ؟ VL5GX (  
ئىنتېرنېتنىڭ خاراكتېرى بىر قەدەر ئالاھىدە بولغاچقا، دەل مۇشۇنداق ئاپتورلۇق ھوقۇقى كېلىشىمىدىن ئىبارەت بىر كېلىشىم مەيدانغا چىققان، Creative Commons كېلىشىمى تۆت خىل ئېلىمېنتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3? F*|E_  
1. مەنبەنى ئىزاھلاش K ErQCBeJ  
چوقۇم ئۇلانما شەكلىدە ئەسلى مەنبەنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش كېرەك. d7.}=E.L  
2. ئۆزگەرتىشنى چەكلەش )a ov]Ns  
ئەسلى مەزمۇننى ئۆزگەرتىش ساقلىنىش كېرەك. C:+-T+m[  
3. سودا خاراكتېرىدە ئىشلەتمەسلىك >YwvM=b"V  
ئەسەر سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىلمەسلىكى، مەسىلەن سودا خاراكتېرىدىكى تور بېكەت، ژۇرنال قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنماسلىقى كېرەك. K}e %E&|>  
4. بەلگىلەنگەن ئۇسۇلدا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىش +ML4.$lc^  
چوقۇم ئاپتور بەلگىلىگەن كېلىشىم ئاساستا ئىشلىتىش كېرەك. >?/Pl"{b  
سىز تەدبىركار تور بېكىتىنىڭ يازما ئۇچۇرلىرى قىسمىدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، يەنى يازمىنى ئىشلەتكەندە ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىش توغرىسىدا ئۇچۇر قوشۇلغان. ناۋادا سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدە تېخى بۇ خىل ئۇلانما قوشۇلمىغان بولسا، سىز بىر ئىجادى يازما يازىدىغان ئاپتور بولسىڭىز، بۇ خىلدىكى ئەسكەرتمىلەرنى قوشۇپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. % ~eIx=s  
يازمىلىرىمنى «يازما ئوغرىلىرى» كۆچۈرۈپ كېتىپ بارىدۇ، قانداق قىلىمەن؟ jlvh'y`  
ئادەتتىكى ئەھۋالدا شەخسى تور بېكەتلەر «يازما ئوغرىلىنىش» ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ: (gY3?&Ok*  
1. بىۋاستە يازما كۆچۈرگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىش l`S2bb6uMR  
كۆچۈرگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىپ تور بېكىتىڭىزنىڭ يازما ئېلان قىلىش ھەققىدىكى كېلىشىمنامىسى بارلىقىنى، سىزنىڭ كۆچۈرۈلۈپ ئېلىپ كېتىلگەن يازمىڭىزنى ئۆچۈرىۋېتىش ياكى مەنبەسىنى ئۇلانما شەكلىدە ئەسكەرتكەن ھالدا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە يازما كۆچۈرگۈچىلەر كۆپ قىسىم ئەھۋالدا ئەسلى ئاپتورنىڭ پىكرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشنى خالىمايدۇ. w;@NYMK)  
2. ناۋادا كۆچۈرگۈچى تەرەپ پىكرىڭىزنى ھۆرمەت قىلمىسا،Google نى ياردەمگە چاقىرىڭ >|{n";n&  
F|+Qi BO  
نېمىشقا Google غا ئەرزى قىلىمىز؟ 7Gwn,&)  
SlU?,)J}  
(1) ناۋادا ئەرز قىلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسىلا، جاۋاپكار تور بېكەتنىڭ Adsense ھېساباتى شۇ ھامان توختىلىشى مۇمكىن. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەك، نۇرغۇن تور بېكەتلەرگە نىسبەتەن Google Adsense ئۇلارنىڭ بىردىنبىر كىرىم مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. tB S+?N  
(2) ناۋادا مەلۇم تور بېكەت كۆپ قېتىم ئەرز قىلىنسا ھەمدە ئىزچىل ئۆزگەرتمەي بۇ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ ھالدا Google بۇ تور بېكەتنى ئۇچۇر ئامبىرىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ، Google نىڭ مۇلازىمىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ياخشىلىقىنى بىلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورلىرى ياكى تور بېكەتلەر Google نى مەنبە قىلغان ھالدا ئىزدەش ئېلىپ بارىدۇ. HQtR;[1  
Google غا ئەرز قىلىش جەريانلىرى:(1) يازمىچە ئەرزنى فاكس ئارقىلىق Google غا يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ، تەپسىلاتى بۇ يەردە. _"_ 21uB  
 |2 
(2) Google Adsense مۇلازىمەت خەت ساندۇقى adsense-zhs@google.com غا email ئارقىلىق ئەمەلىي ئەھۋالنى يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ. b |SDg%e  
مەن چاقچاق قىلمىدىم، ئىلگىرى بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى قوغدىغانلار ئاز ئەمەس. <}uhKp>*  
3. ناۋادا زۆرۈر تېپىلسا، قانۇن ئارقىلىق مەسىلىڭىزنى ھەل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. @477|LO  
كۆچۈرمىكەشنىڭ ھەممىسى ئۇنچە ئەسكى بولۇپ كېتىشى ناتايىن bVLBqa=  
كۆچۈرمىكەشلىك قىلمىشى گەرچە بىر خىل سەمىمىيەتسىز قىلمىش بولسىمۇ، بەزىدە سىز تۆۋەندىكىدەك سەۋەپلەر بىلەن ئۇلارنى كەچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ: &`@S_YLr  
1. ناۋادا سىز تەدبىركارغا ئوخشاش يازما ئىچىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلارنى ئۇلاپ مېڭىشنى ئادەت قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا يازمىڭىز كۆچۈرۈلگەندە، بەلكىم بىر قىسىم سىرتقى ئۇلانمىلارغا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. KgD sqwy  
2. سىرتقى ئۇلانمىغا ئېرىشتىڭىز دېگەن گەپ، PR قىممىتىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە سىز PR قىممىتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تور بېكەت باشلىقى بولسىڭىز، بۇمۇ سىز ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە تەسەللىي بولالىشى مۇمكىن. GZefeBi  
3. بەلكىم قارشى تەرەپ بۇ قېتىم مەنبە ئۇلانمىسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. s9#WkDR  
4. يازما كۆچۈرگۈچى تورغا ئەمدىلا چىقىشنى ئۆگەنگەن تور بېكەت باشلىقى ياكى ئوقۇرمەن بولۇشى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى كېلىشىمىگە ئوخشاش كېلىشىمنامىدىن خەۋىرى بولماسلىقى مۇمكىن. D02'P{  
ئەڭ ئاخىرىدا «يازما ئوغرىلىرى»غا سەمىمىي مەسلىھەتىم SEKR`2Zz,  
1. كۆچۈرۈشتىن ۋاز كېچىڭ، بەك كۆچۈرگىڭىز بولسىمۇ، ئەخلاق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغان ھالدا، قارشى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە قوشۇلغان ھالدا، يازما مەنبە ئۇلانمىسىنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرۈڭ. _xWX/1DY  
2. بىر قىسىم «داڭلىق» تور بېكەتلەر بۇ ئىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلغىنى ياخشى، چۈنكى بۇ تور بېكەتلەر ئۇيغۇر تور بېكەتچىلىكىنىڭ باشلامچىلىرى، ناۋادا بۇ تور بېكەتلەردىنمۇ مەسىلە چىقسا، بۇ ھەقىقەتەن بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال بولۇپ قالىدۇ. "?*B2*|}`  
3. مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا يازما كۆچۈرۈش، بىر تور بېكەتكە نىسبەتەن ئانچە كۆپ ئېقىم مىقدارىنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەكسىچە بۇ خىل مەسئۇلىيەتچانلىق قىلمىشى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. #]rfKHW9  
4. ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى ھەقسىز بايلىقلار ھەددى ھېسابسىز، بۇ بايلىقلاردىن سىز مۇۋاپىق پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. يەنى سىز قىممىتى بار دەپ قارىغان باشقا تىلدىكى، مەسىلەن ئېنگلىزچە، خەنچە مەزمۇنلار بولسا، مۇۋاپىق ئىجادى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ يوللىسىڭىز تامامەن بولىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن ئۇيغۇرچە تور بېكەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ تىل سەۋىيەسى نىسبەتەن ئۇنچە يۇقىرىمۇ ئەمەس، سىز بۇ ئارقىلىق توردىكى نادىر ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە بېغىشلىسىڭىز، ئۇلارمۇ تور بېكىتىڭىزدىن مۇۋاپىق نەپ ئالسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ نېمىلا قىلمىغان بىلەن خەقنىڭكىنى «ئوغرىلاپ» كەلگەندىن ياخشىدە؟ fw&cv9X(IU  
5. كۆچۈرمىكەشلىك قىلمىشىغا، خەقنىڭ نەرسىسىنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋېلىشقا سەل قارىماڭ، 番茄花园 نىڭ قۇرغۇچىسى ساختا XP نى تۈركۈملەپ چىقىرىپ يانچۇقىنى تومپايتقان ھالدا ھوزۇر سۈرىۋاتقان چاغدا، ئۆزىنىڭ بۇنچە تېزلا بارىدىغان يېرىگە بېرىپ قالىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغان، بۇ خىل ئىشتا، مەسئۇلىيەت سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاددى ئەمەس. p=XEMVqm  
u Vth&4dh9  
zQ xTPd  
مەنبە:   «تەدبىركار تور بېكىتى»
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
saba0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3624

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   761 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10572 (سوم)
 ياخشى باھا:   524 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   766  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8544
 سائەت
دەرىجىسى:
8544 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-28

مەن جېق ئىشلارنى بىلىۋالدىم رەخمەت
 
Uxxukum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19807

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   256 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5832 (سوم)
 ياخشى باھا:   173 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   230  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 948
 سائەت
دەرىجىسى:
948 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-30
ئاخــىرقىسى:2011-02-15
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

. كۆچۈرمىكەشلىك قىلمىشىغا، خەقنىڭ نەرسىسىنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋېلىشقا سەل قارىماڭ، 番茄花园 نىڭ قۇرغۇچىسى ساختا XP نى تۈركۈملەپ چىقىرىپ يانچۇقىنى تومپايتقان ھالدا ھوزۇر سۈرىۋاتقان چاغدا، ئۆزىنىڭ بۇنچە تېزلا بارىدىغان يېرىگە بېرىپ قالىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغان، بۇ خىل ئىشتا، مەسئۇلىيەت سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاددى ئەمەس. fK{Z{)D  
مەن مۇشۇنىڭ سېستىمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم...   lgC^32y  
  
 
ـ ئەي،ئاشىغىم ! يامغۇر سۈيىنى توققۇز كۈن سۈزۈلدۈرۈپ،توققۇز ئوچاقتا توققۇز كۈن قاينىتىپ،توققۇز خىل دان،توققۇز خىل گۈل بەرگىنى تاشلاپ نورۇز ئېشى ئەتسەم،ئۇنىڭغا 99تامچە يېشىمنى قوشۇپ بەرسەم ئىچەرسەنمۇ؟!
umak88
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1969

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1679 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14281 (سوم)
 ياخشى باھا:   611 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   478  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3311
 سائەت
دەرىجىسى:
3311 سائەت 189 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

راسلا جىق ئىشلارغا دىققەت قىلشىمىز كىرەك ئىكەن جۇمۇ ......تورغا كىرگەنلا ھىساب ئەمەس ، ماۋۇ ئاپتۇرنىڭ ئەمگىكىنىمۇ ئويلىشىپراق ئىش قىلشىمىز كىرەك ئىكەن .
 
http://blog.sina.com.cn/esma88
kugul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.129

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   3516 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1919 (سوم)
 ياخشى باھا:   1923 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2172  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2521
 سائەت
دەرىجىسى:
2521 سائەت 229 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

جىق ئىشلارغا دىققەت قىلشىمىز كىرەك ئىكەن جۇمۇ ،بىلىۋالدىم رەخمەت
 
بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.
دەقيانوس
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1972 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11592 (سوم)
 ياخشى باھا:   808 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   723  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4540
 سائەت
دەرىجىسى:
4540 سائەت 100 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

كۆچۈرمىكەچلىك ئىجادىي ئەسەرنىڭ قاتىلى بۇلۇپ قالىدۇ، چۈنكى بىر ئادەم جاپا تارتىپ شۇنچە كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن سەرىپ قىلغان ئىجادىي ئەسىرى قەدىرلەنمىسە، ياكى كۆچۈرۇلمە تېملار بىلەن بىر قاتاردا مۇئاملىگە ئۇچرىسا، ھەتتاكى كۆچۈرۇلمە بولغان قىممىتى يوق تېمىلاردىن تۆۋەن مۇئامىلىگە ئۇچراپ قالسا قىزغىنلىق بىراقلا پارغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆچۈرۇپ جان بىقىش خۇيى بىخ سۈرىدۇ. خۇددىي جاھانسازلىققا كۈنۈپ كەتكەندەك ئاخىرى بۇنىڭغىمۇ كۈنۈپ كىتىدۇ.
 
mawlanof
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2595

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   292 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7150 (سوم)
 ياخشى باھا:   284 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   403  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2877
 سائەت
دەرىجىسى:
2877 سائەت 113 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

ئۆتكەندە مەن بىر تېمىغا"كۆچۈرۈلگەن" تېما دەپ ئېنكاس يىزىپ قويسام، ئۇ كىشى، خۇددى ئەسلى ئاپتۇردەك كايىپ كېتىپتىكەن. ";9cYoKRY  
بىز بۇ تور دۇنياسىدا كۆچۈرمىكەشلىك قىلمىساقلا،سان جەھەتتىن كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بىرىۋاتقان، ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان تور بەتلەر ئەسەر مەنبەسى يوق بولۇش سەۋەبى بىلەن،تىزلا ئۆز جايىنى تاپىدۇ، بىزگە سەرخىل تور بەتتىن ئون نەچچىسى بولسىلا بولدى.بىزنىڭ تور يازغۇچىلىرىمىزمۇ بۇ ئون نەچچە تور بەتنى كۆچۈرمىكەشلىك قىلمايمۇ ياخشى ئەسەرلەر بىلەن تۇشقۇزىۋىتىدۇ.
 
سىقىلغان يۈرەك كېڭەش ئىلاجى قىلالمىسا، ئىچكى دۈنياسىنى قىزىشقا باشلايدۇ.
sirikbuya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17444

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   646 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8346 (سوم)
 ياخشى باھا:   615 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   980  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1405
 سائەت
دەرىجىسى:
1405 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

مەنمۇ دىققەت قىلاي  باشقىلارمۇ دىققەت قىلسۇن .بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق تىما ئىگىسىگە vO%n~l=  
رەھمەت
 
بىلىپ سۆيگىن كىيىن ئىچىنما .بىلىپ ئايرىل كىيىن سېغىنما
ئاللاھتىن يانسا مىنىڭدىن كۆرمىگىن جېنىم
Ruin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8076

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1223 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   301 (سوم)
 ياخشى باھا:   310 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   329  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1093
 سائەت
دەرىجىسى:
1093 سائەت 97 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

بىلۋالدىم رەھمەت مەنمۇشۇكەمگىچە بىرەرتىمايوللاپمۇ باقمىدىم خەقنىڭكىنى كۈچىرەيدىسەم سەتتۇردىكەن ئۆزەم يازايدىسەم ......... ھالىم مۇشۇنچىلىك .] mYpz  
شۇڭاباشقىلاريوللىغاندىن ھۇزۇرلىنىپ ھەۋەسلىنىپ ئولتادىمغۇ مانا  
 
سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !
tikan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4199

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5713 (سوم)
 ياخشى باھا:   207 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   293  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 70
 سائەت
دەرىجىسى:
70 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-17
ئاخــىرقىسى:2011-09-10
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

ئەلۋەتتە مېنىڭ يازمىلىرىمنىمۇ «ئوغرىلاۋاتقان» ياكى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىۋاتقانلار بولۇشى مۇمكىن، #.O,JG#H  
**************************************************** "%~\kJ(G  
دەل مانا ، تەدبىركار ئەپەندىنىڭ تىمىسى ئوغۇرلىنىپتىغۇ  
 
شۇنداق بىر ئادەم بولغىنكى ، ھەممى سىنى ئاسىرىسۇن ، ياقتۇرسۇن ، ئەسلىسۇن .....
                        يەڭگىن ، يىڭىلمە
Naprat2009
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4456

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   319 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8473 (سوم)
 ياخشى باھا:   448 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   583  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5777
 سائەت
دەرىجىسى:
5777 سائەت 163 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

مەن تولا تارتىۋاتىمەن بۇنىڭ دەردىنى...
 
kokyal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4418

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2827 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   410 (سوم)
 ياخشى باھا:   1275 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   604  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3110
 سائەت
دەرىجىسى:
3110 سائەت 130 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-21
ئاخــىرقىسى:2011-07-19
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-29

يازما ئوغرىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تەنقىد قىلىش كېرەك، بىر قىسىملار دېگەندىن كېيىنلا باشقىلار ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەيدۇدە ئۇ ئوغرىلار خىرامان يۈرۈشىۋېرىدۇ.
 
ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى
www.4tadu.com/
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى