مەزكۇر تىما يالغۇز باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىشنىلا مەقسەت قىلىپ يازغان تىما ئەمەس ، پۈتكۈل ئەزالار ئەستايىدىل ئوقۇڭلار~!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى !
نەچچە كۈندىن بېرى مۇنبىرىمىز بىخەتەرلىك تەڭشەكلىرى ئاساسەن ئورۇندىلىپ بولدى.
خوش ، تۈنۈگۈنكى ئوپچە قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغايسىز ؟ ئەگەر مۇنبەردە خاتالىق سادىر قىلسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز پۈتۈنلەي يۇيۇلغاندىن سىرىت 2- قېتىم مۇنبىرىمىزگە كىرىش ئىمكانىيتىڭىز بولمايدۇ.
مۇنبىرىمىز بەزى تەڭشەكلەرنى تەڭشەۋاتقان بولغاچقا تېخنىكىلىق مەسىلە سەۋەبىدىن ئەزا قوبۇل قىلىشنى 30 كۈن توختاتتۇق . 7- ئاينىڭ 19 -كۈنى ئېچىلىدۇ ، شۇڭا مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ئەزالىق نامىنى ئوبدان قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، بىر قېتىملا پۈچەك ئىنكاس ياكى تىما يوللىسىڭىز مۇنبەردىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋىتىمىز ، تورداشلارنىڭ بۇ مەزگىلدە بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە ئاكتىپ ماسلىشىپ بىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
شۇڭا مۇنبىرىمىز تۈنۈگۈندىن بېرى بىر قىسىم ئەزالارغا قارىتا چوڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ باردۇق ، تورداشلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان تىما ، ئىنكاس يازغان ياكى باش سۈرىتىنى قالايمىقان دىنىي تۈس ئالغان رەسىملەرنى چىقىرىۋالغانلارنىڭ ئارخىبىنى پۈتۈنلەي يۇيىۋەتتۇق ياكى باش سۈرىتىنى مەجبۇرىي ئالماشتۇرۋەتتۇق~!
شۇنداقلا بۈگۈندىن باشلاپ سېستىمىدىكى باش سۈرەتتىن باشقا باش سۈرەتنى ئىشلىتىش ھوقوقىڭىزنى ئېلىپ تاشلىدۇق ، ھەممە ئەزالار ھازىر بار بولغان باش سۈرىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكىنى تەكىتلەيمىز ، ئۆزگەرتىمىز دىسىڭىز مۇنبىرىمىز تەمىنلىگەن باش سۈرەتلەرنىلا ئىشلىتەلەيسىز~!
يەنە ئەتىدىن باشلاپ پۈتكۈل ئەزانىڭ ئىنكاسلىرى تەستىق بىلەن چىقىدۇ،(تىما ئەزەلدىنلا تەستىق بىلەن چىقاتتى)~!
دىمەك ، باشقۇرغۇچىلارغا چۈشكەن بېسىم بۇرۇنقىدىن 70% ئېغىر بولدى دېگەن گەپ ، مۇنبىرىمىز كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى بويىچە ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىك ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ كەلدى ، مۇنبەرنى قوغداش ئۇنى تېخىمۇ ياخشى مۇنبەر قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيتىمىز~!
پۈتكۈل تېرىشچانلىقىمىز بىلەن ھازىرقى مۇنبەردىكى ئەزالار نادىر تىمىلارنى يوللاپ ، پۈچەك تىمىلار بىلەن مۇنبىرىمىز مېھمانلىرىنىڭ ئىچىنى سىقىپ قويمايلى ، نادىر كۈلكە چاقچاق ، يۇمۇرلۇق رەسىم ، ئېتوت ، كىنولارنى يوللاپ شىنجاڭ تور مۇھىتىنى تېخىمۇ ئاۋات قىلىپ شىنجاڭ تورچىلىقىغا تۆھپە قوشايلى~!
ئەگەر ئەزا تىزىملاتماقچى بولسىڭىز مۇنبىرىمىزدىكى بىر ئەزانىڭ كېپىللىكى بىلەن تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ ، يەنى مۇنبىرىمىزنىڭ ھازىرقى بار ئەزاسىدىن بىرسى سىزگە كېپىل بولۇپ مۇنبەرگە ئېلىپ كىرسە بولىدۇ ، تىزىملىتىش ئۈچۈن چوقۇم مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ~!ئەزالار قاتتىق دىققەت بىلەن ھەرقانداق ناچار بىر كىشىنىڭ مۇنبەرگە سوقونۇپ كىرۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى ، ئەگەر شۇنداق ناچار تىما ئىنكاسلارنى ئۇچىرىتىپ قېلىپ بىزگە مەلۇم قىلغان ئەزالىرىمىزغا مۇنبەر پۇلى ، مېدال قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلىمىز~!مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەزالارنىڭ تىما ئىنكاس تەھرىرلەش ۋاقتىنى پەقەت ۋە پەقەت 10 مىنۇتقا چۈشۈردۇق~!ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە تەھرىرلىيەلمەيسىز
مۇشۇ تەتىل مەزگىلدە مۇنبىرىمىزدە ھازىرقى ئەزالاردىن ياخشىلىرىغا مېدال تارقىتىش ، مۇنبەر پۇلى سوۋغا قىلىش پائالىيتلىرىنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئېلىپ بارىمىز~! دېمەك مۇشۇ ۋاقىتتا مۇنبەردىكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسۈشى تېز بولىدۇ دېگەن گەپ~!
ئەمدى نەق گەپكە كېلەيلى~!
ھازىرقى تېرىشچان باشقۇرۇچىلىرىمىزنىڭ بارلىق ئارخىبى بىزدە بولغان بولۇپ ئۇلارنىڭ مۇنبەر باشقۇرۇش ئىشلىرىدا بىرەر قېتىممۇ خاتالىق سادىر قىلغىنى يوق~! بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز~!
سۇنىڭ بېشى پاكىز ئاقسا ئاخىرغىچە ئاق بولىدۇ~!
شۇڭا بىز باشقۇرغۇچىلارنى ياخشى تاللىيالىساق مەسىلە كۆرۈنمەيدۇ دېگەن گەپ~!
بىراق باشقۇرغۇچىلارغا قويۇلدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى~!
بۇ قېتىمقى باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىش سانى 5 (ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ---ساز) قوبۇل قىلىش ئوبىيكتىمۇنبىرىمىزدە ھازىر ئەزالىق سالاھىتىدە زىيارەت قىلۋاتقانلار ۋە ئالىي ئەزالار~! يېشى 20 دىن يۇقىرى بولىشى كېرەك~!باشقۇرغۇچىلىققا قويۇلدىغان تەلەپھېچقانداق باشقۇرۇش تېخنىكىسى تەلەپ قىلىنمايدۇ ، بىر قوللۇق تەربىيلىنىدۇ~!
بىراق چوقۇم سىياسىي ئېڭى يۇقىرى بولىشى كېرەك.
بۇرۇن قانۇن ئورۇنلىرى تەرپىدىن جازالانمىغان بولشى كېرەك~!
توردا تۇرۇش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولىشى كېرەك
ئىتتىپاقلىقى ياخشى ، مۇنبەرداشلار بىلەن چىقىشالايدىغان بولىشى كېرەك
ئېغىر بېسىق ، ئەستايىدىل ، تەمكىن بولىشى كېرەك،
مىسرانىمغا نىسبەتەن زور دەرىجىدە قىزىقىشى بولىشى كېرەك.
بىز دېگەن كىملىكنىڭ كومپىيۇتىردىكى نۇسقىسى قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى كېرەك(مەخپىي ساقلايمىز)تورداشلارنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويسىمۇ بولىدۇ . ياكى ئەزالارنى نامزاتلىققا كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ .
مىسرانىمنى ياقتۇرسىڭىز بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە باشقۇرۇڭ ، باشقۇرۇش خىزمىتى تولىمۇ شەرەپلىك خىزمەت
يەنە باشقا ئىشلار بولسا ئەزالارغا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىپ يوللايمىز~!
باشقۇرغۇچى تاللىنىپ بولغاندىن نىمىنى قىلىش ، نېمىنى قىلماسلىق توغىرسىدا تىما يوللايمىز ياكى چۈشەنچە بېرىمىز~!
ھۆرمەت بىلەن:مىسرانىم تور بېكىتى مۇنبەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
2010 - يىلى 6- ئاينىڭ 18 - كۈنى
[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-06-18 10:51 PM دە ق ]