مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       14691 
  •    ئىنكاس 
       106 

مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى ئاشكار بىلەن سۆھبەت

قەۋەت ئاتلاش
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4331 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55613 (سوم)
 ياخشى باھا:   2717 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2636  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1692
 سائەت
دەرىجىسى:
1692 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-10

      ئەدەبىي - ئەسەرلەرنى قىزىقىپ ئوقۇشقا بولغان زوقمەنلىكىم  بىلەن ھەر خىل مول بىلىملەر بىلەن كۆزنى چاقنىتىپ كېلىۋاتقان ،ھەر خىل ئەدەبىي -ئەسەرلەرنىڭ يىغىندىسى جەملەنگەن ،تور دۇنياسىنىڭ  يولباشچىسى بولغان مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ ،بۇ جايدىكى مول مەزمۇنلارغا تولغان ھەر خىل تىپتىكى ئەسەرلەردىن بەھر ئېلىۋاتقىلى  ئىككى يىلدىن ئېشىپ قاپتۇ، بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان تور يازغۇچىلىرىنىڭ ھەر خىل ئەسەرلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ  چىقىپ،  روھىي ئوزۇق ئالدىم دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ ،مانا مۇشۇنداق بىر خىل قىزغىنلىق مېنىڭ   ئۆزىنىڭ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان، ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان ‹‹ كۆز ياشقا چىلانغان تەقدىر›› ‹‹ پولات قانداق داتلاشتى›› ....قاتارلىق  ئېسىل ئەسەرلىرى   بىلەن تور دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ مېنىڭلا ئەمەس ،بەلكىم  مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولغان  تور يازغۇچىمىز ،مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى ئاشكارنى زىيارەت قىلىپ ئۇنى چۈشىنىش ۋە تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش ئىستىكمنى ئويغاتتى،شۇ خىل كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە مەن مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى  ئاشكارنى زىيارەت قىلىش ئارزۇسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالدىم، مەن ئالدى بىلەن ئۆزىنى چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئاشكارغا ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇشۇنداق ئىللىق ماكان بولغان مىسرانىمنى بىزگە ھازىرلاپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختەر ( مىسرانىم)غا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. بۇ بىر دەستە گۈل سىلەرگە  دوستلۇق سوۋغام بولسۇن.
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى  ئەزىز قېرىنداشلار، مەنكى مۇسىلىنەدىن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام، مەن ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى، كۈنلىرىڭلارنىڭ خۇشال –خۇراملىق ئىچىدە ئۆتىشىنى ئۇلۇغ اللاھتىن ھەر زامان تىلەيمەن.ھەممىڭلارغا بەخت –ئامەت يار بولسۇن، كۆڭلۈڭلار ئىنساپ –ئىمان، ئېتىقاند، شەرمى –ھايا نۇرلىرى بىلەن نۇرلانسۇن..... H]31l~@]  
     2-قېتىملىق ‹‹مىسرانىم مۇنبىرىدە تورداشلار بىلەن سۆھبەت ››زىيارەت مەزمۇنى مۇنبىرىمىز ئەزاسى شافۇر بىلەن ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ۋاقىت يېتىشمەسلىك مۇناسىۋىتى بىلەن  مۇنبەرداشلار  زىيارەت پائالىيىتى ۋاقتىنچە توختاپ قالغان ئىدى،مانا ھازىر ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ 3- قېتىملىق  ‹‹ مۇنبەرداشلار زىيارىتى››نى مۇنبىرىمىز ئەزاسى ئاشكار بىلەن ئېلىپ بارماقچى، ئەمسە دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى زىيارەت مەزمۇنىدا بولسۇن،مەرھەمەت....
      مۇسىلىنە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم ئاشكار  ،تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ ؟مەن سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە شادلىق ۋە ئامەت تىلەيمەن، بەخت ۋە ئامەت سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن......
BRbV7&  
     ئاشكار: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھەدە،خۇداغا شۈكرى، ئوبدان تۇرىۋاتىمەن، سىزنىڭمۇ ئائىلىڭىزگە بەخت ۋە ئامەت يار بولسۇن.....  
     مۇسىلىنە: رەھمەت،  ،تور ئەدەبىياتىنىڭ  ھەۋەسكار ئوقۇرمەنلىرىدىن      بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇزاقتىن بۇيانقى  سىزنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىزغا بولغان  قايىللىقىم ۋە قىزىقىشىم تۈپەيلىدىن سىز بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارزۇسىدا بولغان ئىدىم، بۈگۈن اللاھ بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشنى  نېسىپ قىپتۇ، مېنىڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر.   r;iV$Rq !  
znZ7*S >6\  
      ئاشكار: ماڭا تورداشلار بىلەن تونۇشۇش،مېنى چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن سىزگىمۇ شۇنداقلا بىزگە مۇشۇنداق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختەر( مىسران)غىمۇ كۆپ رەھمەت.مەن بۈگۈنكى سۆھبەت مۇناسىۋىتى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرىدىن بولغان بارلىق تورداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن سالام يوللايمەن، ھەممىڭلارنىڭلارغا بەخت –ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن.....  
       مۇسىلىنە: ئۇنداق بولسا سۆھبىتىمىزنى باشلاپ كەتسەك  ،ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى بىر تونۇشتۇرىۋەتسىڭىز قانداق( ئىسىم –فامىلىڭىز.يۇرتىڭىز،كەسپىڭىز،قىزىقىشىڭىز،ئۆچ كۆرىدىغىنىڭىز،ياقتۇرىدىغىنىڭىز...)
zPZF|%|  
     ئاشكار: ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مىسرانىم ئەزالىرى . مۇسلىنە ھەدەمنىڭ زىيارىتىگە نائىل بولۇپ قاپتىمەن  مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت ، ھايات يولۇڭلارغا پاكلىقنىڭ يار بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .  ; ! $m1  
      ئىسىم-فامىلەم: تۇرسۇنتاي پەرھات ، (paf2F`~#  
     يۇرتۇم: غۇلجا شەھىرىدىن R[A5JQ$[  
     كەسپىم:   يۇقىرى سۈرئەت تاشيولى ھەق يىغىش پۇنكىتىدا ئىشلەيمەن . gs`^~iD]m  
     قىزىقىشىم:  تەنتەربىيە ، يېزىقچىلىق قاتارلىقلارغا قىززىقىمەن دىسەممۇ بولىدۇ .  d*;$AYI#R  
 ئۆچ كۆرىدىغان تەرەپنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولمايدۇ  ، بەلكىم بۈگۈن ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىمىز ئەتە بىزنىڭ ئامىراق نەرسىمىزگە ئۆزگىرىپ قىلىش مۈنكىن ، ياقتۇردىغىنمىزمۇ ھەم شۇنداق  .
 
  مۇسىلىنە: سىزنىڭ ياشاش مىزانىڭىز نېمە؟ S2=%x.  
  ئاشكار: خۇدا بەرگەن ھاياتلىقنى خار قىلماي ئۆتسەكلا مۇشۇمۇ چوڭ بىر ئىش ئىدى .  ئاددىيلا قىلىپ ئىيتسام ئۇيغۇردەك ياشىسام . ھەقىقى ئۇيغۇردەك ياشىساملا بولدى .
   مۇسىلىنە:  سىزنىڭ تور بەتلەردىكى ھەر بىر ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئىخلاسمەن كۆرۈرمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىزدىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ،  قايسى سەۋەب بىلەن يېزىقچىلىق سېپىگە قەدەم قويغىنىڭىزنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟ K5 vNhA  
   ئاشكار:  باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئەدەبىيات ، يېزىقچىلىق قاتارلىق تەرەپلەرگە ئۆزۈمنى ئۇرۇپ كەلدىم . تور يېزىقچىلىقىنى دىسەك  2005- يىلى سەنەم مۇنبىرىگە قەدەم باسقاندىن ياقى توردا خام يازمىلارنى يېزىپ كىلىۋاتىمەن . باشتا پەقەت قىززىق بىلىنىپلا يازما يوللىغان ، سەنەم مۇنبىرىگە يۇمۇر يوللاپ باشلىغان ، دىيارىم مۇنبىرىگە < دىيارىم ھابابام سىنىپى > دىگەن يازمام بىلەن باشلىغان . كىيىنچە مۇنبەردىكى ياخشى تىمىلارنىڭ تەسىرى ھەم ئۆزۈمدىكى كىچىگىمدىن پەيدا بولغان مىللى ئاڭ تۈپەيلى  يازغام يازمىلىرىمنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك  سىسىق ، ئاچچىق بولۇپ كەتتى ، مىنىڭ مۇنبەرگە بىر تىما يوللىشىم ئۇنىڭ قانچە ئىنكاس ياكى قانچە ماختاشقا ئىگە بولىشى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى كۆپىرەك ئادەمنىڭ كۆرۈپ ئۆز-ئۆزىگە ئۇيغۇر ھەققىدە بىر كىچىك سوئال بولسىمۇ قويۇشتۇر .
   
    مۇسىلىنە:   سىزنىڭ  ‹‹ ئاشكار ››دېگەن ئىسىمنى تور تەخەللۇسى قىلىپ قوللانغانلىقىڭىز ۋە ‹‹باشقىلار ھازىر كىتاب كۆرىۋاتىدۇ››دېگەن ھېكمەتنى باش سۆرەت ئىمزاسى قىلىپ تاللىغىنىڭىزغا قىزىقىپ قالدىم، مۈمكىن بولسا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟
     ئاشكار:   ئاشكار دىگەن ئىسىمنى مەن ئەمەس بۇ ئىسىم مىنى تاللىدى ( ئەينى يىللاردا دىيارىمدا زىيارەت قىلىنغاندىمۇ مۇشۇ گەپنى قىلغىنىم ئىسىمدە ) . << باشقىلار ھازىر كىتاب كۆرىۋاتىدۇ !>>  بۇ ئېمزاغا يۈز كىلەلمەيمەن . بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئارسىدا كىتابنى ئەڭ ئاز ئوقىغان ئادەم مەن بولسام كىرەك . << ئانا يۇرت>> رومانىنىمۇ تىخى بۇلتۇر قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇدۇم . شۇڭا مۇشۇ ئىمزا بىلەن ئۆزۈمنى ئەسكەرتىپ تۇرىمەن .
     مۇسىلىنە: قايسى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى ياقتۇرىسىز؟
      ئاشكار:  مۇھەممەتجان راشىدىن تاغا بىلەن  تايماس ئەپەندىنىڭ شئېرلىرىنى . مەمتىمىن ھوشۇر تاغىمىزنىڭ ھىكايىلىرىنى   ...  كىچىك چېغىمدا ئۆيىمىزدە بىر ئۈنئالغۇ لىنتىسى بولىدىغان <<  سۇنۇق قىلىچ>> ، << ئاخىرەتتىن كەلگەن خەت >> ، << مەن ئاق بايراق ئەمەس >> ، << كونا ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ كەتسۇن >> دىگەندەك شېئىرلار باتتى . ھازىر ئۇنداق شېئىرلار يېزىلماس بولۇپ كەتتى . a&/HSf_G  
      مۇسىلىنە: قانداق مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى يېزىشقا قىزىقىسىز؟
    ئاشكار:   مەن پارچە يېزىشقا ،يەنى شېئىر يېزشقا ئامىراق ، مەزمۇنى ئاساسەن  بىر قىسىم دانالارنىڭ سۆزى بويچە ئىيتساق ، قاقشاش ، زارلىنىش ، غەيۋەت . ئۆزۈمنىڭ قارىشىچە بولسا قامچىلاش ، پاش قىلىش ، ئىتىراپ قىلىش . بىزنىڭ ھەممە يىرىمىز بولىدۇ ، پەقەت ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلىشتىن قورقىمىز خالاس .
     مۇسىلىنە :  يازغان ئەسەرلىرىڭىزدىكى چىن مۇھاببەت تەسۋىرلىرى ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ قويۇدىكەن، ئوقۇرمەنلەر بۇ تەسۋىرلەرنى ئوقۇغاندا ۋەقەلىك ئىچىگە چۆكۈپلا كېتىدىكەن، سىزنىڭ مۇھاببەت ۋەقەلىكلىرىنى مۇشۇنداق چىن تەسۋىرلەپ يازالىشىڭىزنىڭ   ئۆزىڭىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇھاببەت ھېكايىلىرى بىلەن   بىرەر باغلىنىشى بارمۇ قانداق؟
     ئاشكار:  مۇھەببەت ئۇلۇغ تىما ، ئەمما  بۇ مەزمۇندا يازغان تىمىلىرىم ساناقلىقلا . ھەر قىتىم مۇھەببەت توغىرسىدا بىر يازما يېزىۋىتەي دەپ باشلايمەن، ئەمما يېزىپ بولغاندا باشقا مەزمۇنغا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ . مەنمۇ بىر ئىنسان بولغاندىكىن  مۇھەببەت جەھەتتە ئاز-تولا تارىخم بار ئەلۋەتتە ، ئەمما ئۇ تارىخلار ئاچچىقمۇ ئەمەس ، تاتلىقمۇ ئەمەس ، يازغان يازمىلىرىم بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق .
BpT"~4oV5  
     مۇسىلىنە:   سىزنىڭ نىگار بىلەن بىرلىكتە يېزىپ چىققان ‹‹ كۆز ياشقا چىلانغان تەقدىر››دېگەن پوۋېستىڭىزنى دەسلەپتە  ئەلكۈيى مۇنبىرىدە كۆرۈپ پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن ئوقۇپ،پوۋېست ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ئىدىم، پوۋېستتىكى چىن مۇھاببەت تەسۋىرى،ۋەقەلىك  راۋاجى،يېشىمى......قاتارلىقلاردىكى تىل ئىشلىتىش سەنئىتى مېنى بەكلا قايىل قىلغان ئىدى،كېيىن بۇ پوۋېستىڭىزنى مىسرانىم مۇنبىرىدە كۆرۈپ يەنە بىر نەچچە قېتىم زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم،يالغۇز مەنلا ئەمەس بۇ پوۋېستنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەن پوۋېستقا يۈكسەك باھالارنى بەردى، بۇنى چۈشكەن ئىنكاسلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.پوۋېستنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن ‹‹ بۇ ئەسەر ئەينى چاغدا تۇنجى بولۇپ مۇنبەردىكى ئىككى ئەزانىڭ ئۇلاپ يازغان يازمىسى ھىسابلىنىدۇ .( ئەلۋەتتە مەن يەنە بىر ئاپتۇر بولغان نىگارنى كۆرۈپ باقمىدىم ، بىر شەھەردە تۇرۇپ )››دېگەن ئەسكەرتىشنى ئوقۇپ يۈرىكم ئامبۇردا قىسقاندەك ئېچىشىپ ئاغرىدى، نىگارنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق ئېچىندىم،(رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەنئەتتە بولسۇن) boQ)fV"  
 ئىككىڭلار قانداق بولۇپ مۇشۇنداق بىر ئېسىل ئەسەرنى يېزىش خىيالىغا كېلىپ قالدىڭلار؟ ئەسەرنىڭ شۇنداق مۇۋاپپەققىيەتلىك چىقىشىغا قانداق كۈچ تۈرتكە بولدى؟
]XrE  
       ئاشكار:  نىگار شۇنداق ئىستىدادلىق قىز ئىدى ،( ياتقان يىرىنى جەننەتتىن قىلسۇن ئىلاھىم ) . ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشى ئاساسەن نىگارنىڭ كۈچى .  مەن پەقەت ۋەقەلىككە ئەگەشتىم خالاس . ئېسىمدە قىلىشىچە نىگار ئىككىمىز كۈچ ئۇلاپ 2-3 كۈندىلا يېزىپ بولغانتۇق .  نىگار بىر بۆلەك يازسا مەن يازغىنىنى ئۇقۇپ بولۇپلا ئۇلاپ يازاتتىم .  بۇنداق ئەسەر يېزىشنى نىگار ئوتتۇرغا قويغان  ، نىگار  ‹‹مۇشۇنداق ئۇسلۇبتا بىر نەرسە يېزىپ باقايلى ››دىگەندە مەن ئاۋال قوشۇلمىغان، چۈنكى مەن ئەزەلدىن مۇھەببەت تىمىسىدا ھىكايە ، پوۋىست دىگەندەك نەرسىلەرنى يېزىپ باقمىغان ئىدىم .  قىسقىچە يىغانچاقلىسام  ھەممىسى نىگارنىڭ نەتىجىسى .
     مۇسىلىنە: دەسلەپتە ئەلكۈيى مۇنبىرىدە  يازمىلىرىڭىزنى كۆرگەن ۋە ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم،كېيىن مىسرانىم مۇنبىرىدىمۇ ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزدىن بەھرلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئۆزىڭىزنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە  نېمە سەۋەبتىن قىزىقىپ قالغانلىقىڭىزغا چۈشەنچە بېرىپ باقسىڭىز؟
 
     ئاشكار:  تور قاماللىنىپ پىشقەدەم مۇنبەرلەر يوق بولغاندىن كىيىن مەن بىر مەزگىل مۇنبەردىن مىھرىمنى ئۈزگەن ئىدىم ، كىيىنچە سىرلىق كۇلۇبىدەك كۇلۇبلار پەيدا بولدى ، مەن شۇ يەرلەردە پىرقىراپ يۈردۈم ، مىسرانىم مۇنبىرى يىڭى ئېچىلغاندا مەن پەقەت يازمىلىرىمنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈنلا مىسرانىمغا قەدەم باسقان . بارا -بارا بۇ يەرگە مىھرىم چۈشۈپ كۆنۈپ قالدىم . قىززىقىپ قىلىشمنىڭ مۇھىم سەۋەبى - مىسرانىمدا ئۆتكۈر كىشلەر كۆپ . تىېتىملىق  ، جانلىق  تىما ، ئىنكاس يوللايدىغانلار نۇرغۇن . ئەلۋەتتە قولۇم-قوشنىلار ياخشى بولسا يىڭى مەھەللە بولسىمۇ كۆنۈپ كىتىمىز .
       مۇسىلىنە :مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟مىسرانىم مۇنبىرىدىن باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ  ئەسەرلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرامسىز؟
kfpm=dKL  
      ئاشكار:  مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزا سانى كۆپىيىۋاتىدۇ ، ئەمەليەتتە ئەزا سانى قۇرۇق سان خالاس ، بىزگە كىرىگى سۈپەت ،  ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئۇيغۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىلا ئۇ ياخشى مۇنبەر .  مىنىڭ شۇنداق بىر خۇيۇم بار ، بۇرۇنمۇ دىيارىمدىن باشقا مۇنبەرگە ئانچە قەدەم بېسىپ كەتمەيتتىم ، ھازىرمۇ شۇنداق مىسرانىمغىلا ئەسەر يوللايمەن ، ھەممە مۇنبەردە پىرقىراپ يۈرىدىغان كىشلەرنىمۇ ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن .
 
      مۇسىلىنە:‹‹مەن نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا›› دېگەن پوۋېستىڭىزنىڭ بېشىغا يازغان ‹‹ ئەسلى بۇ پوۋىستنى مەن مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە تەييارلىغان ئىدىم ، ئەمما خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن ئاخىرىنى چىقىرىشقا ۋاقىت يار بەرمىدى ››دېگەن ئەسكەرتىشىڭىزنى ئوقۇپ  كاللامغا ‹‹ ‹ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر› پائالىيىتىگە  يوللىغان ‹ ئۇيغۇر ھەققىدە راست –يالغان پاراڭلار› دېگەن يازمىنى يېزىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقىت ،بۇ پوۋېستنى يېزىشقا يېتەر بولغىيدى››دېگەن بىر ئوي پەيدا بولدى،  ‹‹ ئۇيغۇر ھەققىدە راست –يالغان پاراڭلار›› دېگەن ئەسەرنى يوللىشىڭىزدا كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولغان  بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقى سەۋەب بولدىمۇ  قانداق؟
      ئاشكار: بىكار بولۇپ قالسام خەنزۇ بازىرىدا گەپ تىڭشايمەن . دوقمۇشلاردىكى دىۋانىلەرگە يىراقتىن قاراپ تۇرىمەن . ئىشقىلىپ مىنى ئۆزىگە رام قىلىدىغانلا ئىش بولسا ۋاقتىمنى شۇنىڭدىن ئايىمايمەن . غۇلجا تىخى ئۇنچىلىك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكىنى يوق . ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىمۇ ھەم شۇ ، بۇنىڭغا زارلىنىپ يۈرگەننىڭ پايدىسى يوق ئەلۋەتتە . ئەمما ئا كىيۇۋ دەك مەغرۇرلۇقمۇ بىزگە ماس كەلمەيدۇ . ‹‹  ‹ ئۇيغۇر ھەققىدە يالغان پاراڭلار›  دېگەن يازمىنى يېزىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقىت ،بۇ پوۋېستنى يېزىشقا يېتەر بولغىيدى >> دەپ ئويلىغىنىڭىزنى دەپسىز .  مەن  ‹< ئۇيغۇر ھەققىدە يالغان پاراڭلار ›> دىگەن يازمامنى بىر سائەتتىن ئارتۇقاراق ۋاقىتتا تاماملاپ بولغان . بۇ ۋاقىت ئۇ پوۋىستقا يەتمەيدۇ .
     مۇسىلىنە: مېنىڭ بۇ پوۋېستنى يېزىشڭىزغا قارىتا خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالغانلىقىمنى كەچۈرۈڭ.
      مۇسىلىنە : ‹‹ مەن نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا ›› دېگەن ئەسىرىڭىزنىڭ  داۋامىنىڭ تېزراق مەيدانغا كېلىشىنى ئوقۇرمەنلەر تەقاززالىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ، بۇ ئەسىرىڭىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا تاماملىنىپ بولار؟
      ئاشكار:  12 كۈندە ئىككى  بۆلەكتىن يازسام بىر  ئايغىچە يېزىپ بولىمەن ، بۇنىڭدىنمۇ تىز تاماملاشقا تىرىشىمەن .
       مۇسىلىنە: سىزنىڭ يېزىقچىلىق جەھەتتىكى تالانتىڭىزغا مەنلا ئەمەس باشقا نۇرغۇنىلغان ئوقۇرمەنلەر قايىل،مىسرانىم مۇنبىرىدە دىللارغا روھىي ئوزۇق بېغىشلاپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ كېلىۋاتىمىز، ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان ‹‹ مەن نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا ›› دېگەن ئەسىرىڭىزدىن باشقا  بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش يۈززىسىدىن يېزىۋاتقان،تېخى تاماملىنىپ بولالمىغان يەنە  باشقا ئەسەرلىرىڭىزمۇ بارمۇ؟
{'(ej5,6  
      ئاشكار:  يوق ، مەن يازمىلارنى ئۇدۇل يېزىپ كۆنۈپ قاپتىمەن . كومپىيۇتېر ئالدىغا كىلىپ كاللامغا نىمە كەلسە شۇنى يازىمەن . 
 
      مۇسىلىنە :  مۇنبەردىكى سىز ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان تور  يازغۇچىلىر ى قايسى؟ URw!7bTz  
?Y`zg`  
     ئاشكار: مىللەت ئۇچۇن جان كۆيدۈرپ ئەسەر يوللاۋاتقان مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆرمەتلەيمەن  .
@f=RL)$|  
      مۇسىلىنە:  سىز مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان قايسى ئەسەرلەرنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟
]I XAucI]  
    ئاشكار:  زامانىنىڭ << يىڭى دەۋىردىكى دىھقان بولماق تەس >> . كەپسىز قىزنىڭ << ئاپامنى ئەرگە بىرەيلى >> ، يەنە ئاتا بۆرىنىڭ ھازىرغا قەدەر يوللىغان شېئىرلىرىنى ...  يەنە نۇرغۇن ئىدى ،دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم . U(A4v0T  
     مۇسىلىنە :  مۇنبەرگە قايسى مەزمۇندىكى تېمىلارنى كۆپرەك يوللاشنى ياقتۇرىسىز؟
 
     ئاشكار: ئەزالارمۇ بىلىپ يەتكەندۇ  ، مىنىڭ يوللانمىلىرىم ئاساسەن بىرلا مەزمۇنغا يىغىنچاقلىنىپ قالدى . تىمىلىرىم مىللەت ئۈستىدىكى << داتلاشلىرىم >> بىلەن توشۇپ كەتتى . tMG@K  
1,u{&%yL"w  
    مۇسىلىنە :   مۇنبەرداشلارنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئەسىرىڭىز قايسىلار؟
 
      ئاشكار: بەلكىم << ئاشكار سۆزلىمەيدۇ ،رەسىم ئۆزى سۆزلەيدۇ>> دىگەندەك پارچىلىرىم بولسا كىرەك .
     مۇسىلىنە : مۇنبەردىكى سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشلار قايسى؟ zPE#[\O21B  
       ئاشكار: مۇنبەردىكى گۇرۇھۋازلىق ، يۇرتۋازلىق . خوشامەتچىلىك ، بىر چاغلاردا مىسرانىم توغىرسىدا ئەزالار كەينى-كەينىدىن مەدىھىيەلەرنى يوللاپ كەتكەندە مۇنبەرنى ئاچقۇممۇ كەلمەي قالغان .
  `Of[ {.Q  
      مۇسىلىنە : مۇنبەرنىڭ سىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرەپلىرى ۋە ياقتۇرىدىغان سەھىپىلىرى قايسى؟
 
          ئاشكار: ياقتۇرىدىغان - تەرەپلىرىم  بەزى ئەزالارنىڭ بىر تىمىغا تەڭ ئىنكاسلىرى .
ياقتۇرمايدىغىنىم بولسا - ھىچقانداق پوقى بولمىغان تىمىلارنى قۇلۇبلاپ ، نەدىكى ئەخلەت تىمىلارنى مۇنبەر يۈزىگە ئېسىپ قويىدىغانلىقى .
       مۇسىلىنە :     مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق تۆھپىلەرنى  قوشتۇم دەپ ئويلايسىز؟ o~}1 oN  
      ئاشكار: ھازىرغىچە ھىچقانداق تۆھپەم يوق . پەقەت باشقىلارغا ئوخشاش تىما يوللاۋاتىمەن ، ئىنكاس يېزىۋاتىمەن .
|)';CB b  
      مۇسىلىنە :    مۇنبەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟ 
%30T{n:  
      ئاشكار: نۇرغۇن گەپلەرنى دىگۈم بار ئىدى ، دەۋىرنىڭ تەلىپى، ھازىرقى سىياسەت  ھەم چوڭاملارنىڭ تىل قىسىنچىلىقى تۈپەيلى ،  مۇنبەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بەك ياخشى دەپلا جاۋاب بىرەي . !a)s`  
       مۇسىلىنە: مۇنبەرگە قارىتا بېرىدىغان قانداق تەكلىپ –پىكىرلىرىڭىز بار؟
        ئاشكار: مۇنبەر بانكىسىنى تولۇق ئېچىۋەتكەن بولسا ، ‹‹ ئاشكار مۇكاپاتى›› نى خاتىرجەم تارقىتىۋەتكەن بولسام ، ‹‹ قىزلار كىرمەڭلا›› دىگەن تىمىغا قىزلا كىرمىگەن بولسا ، ‹‹ئوغۇللار كىرمەڭلا ››دىگەن تىمىغا ئوغۇللار كىرمىگەن بولسا .  ئىنكاسلاردا پۈچەك ئىنكاس بىلەن < بىزنىڭ **** يۇرتتىن چىققان ئەزادە >>، دىگەندەك بۆلگۈنچى ئىنكاسلار يېزىلمىسا . كەچكىچە مۇھەببەت دەپلا ناخشا توۋلىماي ، مىللەتكە پايدىلىق  تىمىلارمۇ كۆپىرەك يوللانسا ....
     مۇسىلىنە:بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانىڭىز( ئارزۇ –ئۈمىدلىرىڭىز )نېمە؟ iZ u:uMoc  
      ئاشكار: توي قىلىش ،  بۇنداق دىسەم كۈلۈپ كەتمەڭلا . ئاپامنى ئازىراق بولسىمۇ ئارام ئالغۇزاي دەيمەن ، يەنە يېشىممۇ 25 كە كەلدى  ھەم ئەقىل جەھەتتىمۇ ئەر بولغۇدەك قابىليەتنى ھازىرلاپ بولدۇم ،يەنە ئازىراق مەبلەغ توپلاپ خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىپ ئۆز ئالدىمغا سودا قىلىش .  بۇ يەردىكى ئارزۇ-ئۈمىدلەرگە ئەمەلىي گەپلەرنى قىلدىم ،‹‹ ئاھ ۋەتەن ، ئاھ يۇرتۇم ، گۈللەندۈرىمەن .....›› دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ دەپ كەتتۇق .  '@S,V/jy0z  
      مۇسىلىنە:مۇنبەرداشلاردىن كۈتىدىغان قانداق ئارزۇلىرىڭىز باركىن؟  kYTOldfY2  
       ئاشكار: ھەربىر تىما ئوقىغان چېغىڭلاردا ، شۇ تىمىدىن ئازىراق بولسىمۇ بىر نەرسە قۇبۇل قىلىڭلا . ھەر قانچە ئاچچىقىڭلا كىلىپ كەتكەن بولسىمۇ مۇنبەر يۈزىدە سەتلەشمەڭلا . كىچىك نومۇر بىلەن كىرىپ زەھەر سانجىماڭلا . يەنە مۇنبەرنى مەشىق دەپتىرى قىلىۋالماڭلا ، مۇنبەردە  پەن-تىخنىكا ، مىللەت ، ئويغۇنۇش تىمىلىرىغا 1 پىرسەنىت بولسىمۇ بوشلۇق قالدۇرۇپ قويۇڭلا .  تۇرمۇشتا ئەتىراپىڭدىكىلەرگە ياردەم قىلىڭلا . نەرسە كىرەكلەرنى ئامال بار كىچىك يايمىلاردىن ئىلىڭلا . باھا تالاشماڭلا . ئىشقىلىپ بىر -بىرىمىزنى يۆلەپ ئۆتەيلى ئۇيغۇرلۇرۇم . بىز كىتىمىز دۇنيا قالىدۇ ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا  بۇرۇنقىلاردەك ئېسىل كىتابلارنى قالدۇرالمىساقمۇ  ، ئېسىل ئەخلاقى- پەزىلەت قالدۇرۇپ كىتەيلى .
$ #t|(\  
       مۇسىلىنە: سىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ مۇنبەردىكى دوستلۇق، ئۆزئارا چۈشىنىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرەلىگىنىم ئۈچۈن كۆپ خۇرسەنمەن، اللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن.....
kYm o7  
j&  
  ئەزىز مۇنبەرداشلار، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاشكار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، قالغان كەم قالغان تەرەپلەرنى تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ كېتىشىنى ۋە مۇشۇ قېتىملىق سۆھبەت مەزمۇنىنى كۆرۈش  داۋامىدا ئاشكاردىن ،مەندىن سورايدىغان سوئاللىرى بولسا ئىنكاس شەكلىدە يوللىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇنبەردىكى ئەزالار بىلەن داۋاملىق ھەمسۆھبەتتە بولۇپ  ،مۇنبەرداشلار  ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش، دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ  ئىلگىرى سۈرىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تەييارمەن.خەير -خوش.... << مۇنبەرداشلار بىلەن سۆھبەت>>نىڭ كېيىنكى سانىدا كۆرىشەيلى........ 
SAQs {M  
 مەنبە : زىيارەت خاتىرسى 
rS=tcB O  
X!2.IsIS8  
$:PF9pY(  
p"g1V7B  
J.*[gt%O|  
8H&_,;  

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 6 پارچە
@OTKAX@ مۇنبەر پۇلى +100 2010-12-19 -
MIRIGUL مۇنبەر پۇلى +100 2010-12-14 مۇسلىنە ھەدە،ئاشكار ئەپەندىم رەھمەت سىلەرگە~!بۇ تىمىنى كۆرۇپ شۇنداق خوش بولدۇم~!
قاتىل مۇنبەر پۇلى +100 2010-12-14 موسلىنە ھەدە جاپا تارتىڭىز .
ئوگەنگۇچى مۇنبەر پۇلى +211 2010-12-14 بذتىمىنى كأرذپ كأوپ خذسەن بولدذم،ظاشكارغا نىپەتەن  بەلگىلىك چإشذنچڭگە ظئگە بولدوم .رەەمەت.
=ALBALSI= مۇنبەر پۇلى +200 2010-12-13 -
ئۇيغۇرۇم007 مۇنبەر پۇلى +300 2010-12-13 ئەھمىيەتلىك تىما ، بۇ قىتىملىق زىيارەت بەك ياخشى چىقىپتۇ ، رەھمەت سىزگە .
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
=ALBALSI=
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3940

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2810 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   176 (سوم)
 ياخشى باھا:   803 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   459  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1398
 سائەت
دەرىجىسى:
1398 سائەت 122 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13

مەن بۇ سۆھپەتتىن ھەقىقى خوشال بولدۇم،ئاشكار ئەپەندىمنىڭ سۆزلىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى،،بۇلۇمۇ مىللەت توغىرسىدا،،   مۇھەببەت دەپلا ئېسىلۋالدۇق،ئاشكار بۇ سۆھپەتتە ھەقنى ئىپادىلەپ بېرىپتۇ،رەخمەت مۇسلىنە  ھەدە سىزنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقانلىقىڭىزغا كۆپ رەخمەت،
 
ھاراق بارچە گۈناھنىڭ ئانىسى،ھاراق ئىچكەنلىك ئانىسى بىلەن زىناھ قىلغاندىنمۇ ئېغىر گۈناھ.
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906746 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11887
 سائەت
دەرىجىسى:
11887 سائەت 353 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13

ئۇشبۇ سۆھبەت ئارقىلىق ئاشكار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇق، ھەم ئۇنىڭ ھىس-تۇيغۇلىرى بىلەن ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ ئورتاقلاشتۇق،ئۇشبۇ سۆھبەتنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ ھوزۇرىمىزغا سۇنغان مۇسلىنەگە تەشەككۈر!
 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...
borayar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9719

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   41 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4689 (سوم)
 ياخشى باھا:   232 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2238
 سائەت
دەرىجىسى:
2238 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13

ئۆزخەلقىم ماڭاتاش ئاتقان تەقدىردىمۇسۆيۈملۈكتۇر     
 
بۆرەتېگىن خەتلىك تەرجىمىلىرى                                             http://boretegin.com
qaplin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1809

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1799 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1838 (سوم)
 ياخشى باھا:   717 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   276  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 599
 سائەت
دەرىجىسى:
599 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13

ئاشكار ئەپەندىمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن  
 
چاتىقىڭ نىمە دىگەن سۇئالنى ئۆگىنىدىغان يەرگە يەتتى
Uxxukum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19807

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   256 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5832 (سوم)
 ياخشى باھا:   173 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   230  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 948
 سائەت
دەرىجىسى:
948 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-30
ئاخــىرقىسى:2011-02-15
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13

ئاشكارنى يەنە بىر قېتىم چۈشۈنىۋېلىشىمىزغا مۇيەسسەر بوپتۇق مانا مۇسلىنە ھەدەمنىڭ ياردىمىدە ،،، مەنمۇ بۇرۇن ئاشكارغا ئوخشاش بىرلا سەلكىن مۇنبىرىگە كۆنگەن ئەزا ئىدىم، كېيىن ئانچە مۇنچە شەبنەم، دىيارىم، ئىزدىنىشلارغا كىرىپ قۇيىدىغان بولدۇم، شۇ ۋاقىتلاردا دىيارىمغا كىرىپلا ھازىرقى جىن شەيتان سىڭلىم مەلەك ، ئاشكار ، نىگار، چوغلۇق 3.8 مۇشۇلارنىڭ ئەسەرلىرى دىققتىمنى تارتتى، ئەزەلدىن ياخشى ئەسەر يازىدىغانلار بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ تۇنۇشۇپ پىكىرلىشىپ كۆنۈپ قالغان مەن ئۈچۈن بۇلار بىلەنمۇ تۇنۇشۇش قىزغىنلىقىم باشلاندى، شۇنداق قىلىپ چوغلۇق 3.8 ھەدەمنى ئەكىرۋالدۇق سەلكىنگە، ئاندىن ئاشكار تايچىقىم دېگەن ئىسىمدا كىردى، ھەمدە شۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلدى، كېيىن تور تاقالغاندىن كېيىن سىرلىق كۇلۇبىدا ئانچە مۇنچە دۇقۇرۇشۇپ يۈردۈق ئۇنى بۇنى يېزىشىپ، ھازىر ئاشكار بۇرۇنقىغا قارىغاندا راستلا قۇلىغا قەلەم ئالماس بۇلىۋالدى،،، قەلەمنى تاشلىۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن، سىزنىڭ جانلىق، چوڭقۇر ئوي -پىكىرلەرگە تۇيۇنغان ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشنى مەنلا ئەمەس بەلكىم باشقىلارمۇ  كۆرۈشنى ئارزۇ قىلسا كېرەك... ئىشقىلىپ بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق تىلەيمەن...
 
ـ ئەي،ئاشىغىم ! يامغۇر سۈيىنى توققۇز كۈن سۈزۈلدۈرۈپ،توققۇز ئوچاقتا توققۇز كۈن قاينىتىپ،توققۇز خىل دان،توققۇز خىل گۈل بەرگىنى تاشلاپ نورۇز ئېشى ئەتسەم،ئۇنىڭغا 99تامچە يېشىمنى قوشۇپ بەرسەم ئىچەرسەنمۇ؟!
شەيدا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2137

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   964 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7263 (سوم)
 ياخشى باھا:   353 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   254  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13105
 سائەت
دەرىجىسى:
13105 سائەت 145 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13

ئاشكارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىنكاسلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،چۈنكى ئۇ يازغان  جۈملىلەردە چىنلىق ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ،ياسالمىلىقتىن خالىي،شۇنىڭغا قاراپ ئاشكارنى بەك تۈزمىكىن دەپ ئويلايمەن،بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇپمۇ  شۇنداق بىر چىن ئادەمنى كۆرگەندەك بولدۇم. بۇندىن كىيىن ئاشكارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا نېسىپ بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مۇشۇ قېتىملىق سۆھبەتكە كۈچ سىڭدۈرگەن مۇسلىنە ھەدىگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.
 
ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!
ئۇيغۇرشاھ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.666

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   386 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   688 (سوم)
 ياخشى باھا:   326 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   572  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5976
 سائەت
دەرىجىسى:
5976 سائەت 314 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13
Re:مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى ئاشكار بلىەن سۆھبەت

بۇ ئىنىمىزنى توردا بولسىمۇ خېلى چۈشىنىۋالدىم.مۇشۇنداق سۆھبەت سورۇنى ھازىرلىغان مۇسلىنە خانىمغا رەھمەت. ]]J2#mN:n  
ئۇكام ئاشكار،قەلىمىڭ توختىمىسۇن،يۈرىكىڭدىن چىققاننى يېزىپ تۇر.پىكىرىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈر بولسۇن.توردىكى خېلى قايىل بولىدىغان ئادەملىرىمنىڭ بىرى سەن.سەندىن ئۈمىد كۈتكەنلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويما.ئۆزۈڭنى ئاسرا.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە
kapsizkiz مۇنبەر پۇلى +1 2010-12-15 ************ما چوڭامنىڭ گەپلىرىدىن ئايلاندىم ،ئۆزدىن ئون ياش چوڭ ئادەمنى ئۇكام دەپ كەتكىنى قانداق قىلاي ئەمدى
 
تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ.
ـــ مەمتىمىن ھوشۇر(قۇم باسقان شەھەر)
mawjud_
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12913

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   342 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5074 (سوم)
 ياخشى باھا:   389 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   445  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 854
 سائەت
دەرىجىسى:
854 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-06
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13
Re:مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى ئاشكار بلىەن سۆھبەت

تولىمۇ ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ئىكەن بۇ. منىڭ مىسرانىمغا ئەزا ئەزا بولغىنىمغا ئۇزاق بولمدى، لىكىن مۇنبەردە ئىلغار پىكىرلىك،ئىلغار ئىددىيىلىك كىشىلەرنى ئۇچرىتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىپ كىلىش بىلەن بىرلىكتە كۆپلگەن مەسلىلىەردە ئورتاقلىشىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرەتتىم.ئاشكار ئەپەندىنى چۈشىنىۋىلىشمىزغا ۋاستە بولغان مۇسلىنە ھەدىمىزگىمۇ رەھمەت. u4*7 n-(  
سىز بىلەن دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قاراشتا مەلۇم ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنمەن،بىر قىرىنداش (ئۇيغۇر)بولغاچقىمۇ يا. /^v?Q9=Y  
پىكىرلىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق،ئۆتكۈر،ھەق سۆزلەيدىكەنسىز. بولسا بۇنىڭدىن كىيىن ئەيىىبكە بۇيرۇمىسىڭىز ئورتاقلاشساق تونۇشساق دىگەن ئۈمۈتتە مەن . >Ng7q?h   
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق،تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت،يوللىرىڭىزغا تازالىق ھەمرا بولغاي.
 
—مەۋجۇد
شاقۇر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.169

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1143 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   958 (سوم)
 ياخشى باھا:   958 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1219  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6700
 سائەت
دەرىجىسى:
6700 سائەت 320 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13
Re:مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى ئاشكار بلىەن سۆھبەت

يەنە بىر تالانتىلىق يازغۇچىمىز بىلەن تۇنۇشقانلىقىمدىن خۇشالمەن.. :.5l9Ci4  
ئاشكار ئەپەندىنىڭ كىينكى ئىجادىيەتلىرىگە شۇنداقلا تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
 
رېئالىقتا ساختىلىقىڭ ئاشكارە تۇرسا.مەۋھۇم دۇنيادا ساڭا قانداقمۇ ئىشىنەي!!!
gherip
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1695

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2558 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4188 (سوم)
 ياخشى باھا:   963 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   974  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10297
 سائەت
دەرىجىسى:
10297 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13
Re:مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى ئاشكار بىلىەن سۆھبەت

ئاشكارنىڭ مىللەت قارىشىغا مەن بەكمۇ قايىل ، مىللەت ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئەمىلى ئىش قىلغىنىمىز تۈزۈك ....
 
بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.
kasami
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16613

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   285 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4742 (سوم)
 ياخشى باھا:   315 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   361  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5074
 سائەت
دەرىجىسى:
5074 سائەت 196 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13
Re:مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى ئاشكار بلىەن سۆھبەت

ئاشكار: +S M $#  
  ياخشىمۇ سىز ! yhEU *\:  
ئەجرىڭىز ھەرگىز يەردە قالمايدۇ،پۇرسەت بولۇپ قالسا  خوتەن تەرەپلەرگە ئۆتۇپ  مىللى مەدەنىيەتكە چىلىشىپ تۇرىۋاتقان  كېرىيە شەنبە بازار،قاراقاش چوڭ بازىرى ۋە  خوتەن شەھەر  چوڭ بازار قاتارلىق  مەدىنىيەت ئىزلىرىنىمۇ يوقلاپ قۇيارسىز. ) 0$7{3  
       نىمە سەۋەپتىن خزمىتىڭىزنى تاشلاپ تىجارەت قىلاي دىگەن ئويغا كەپقالدىڭىز؟
[ بۇ يازما kasami تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

 
تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى