جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامى H9Vn(A8&`
aSI%!Vg.
"LH3ZPD
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ Hs6Kki1
UzW]kY[A<
1- ماددا بۇ نىزام ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت تەرتىپىنى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلدى. !_oR/)
2- ماددا جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، جامائەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان، جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» دىكى بەلگىلەنگەن جىنايەتنى شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازا بېرىشكە تېگىشلىكلەرگە بۇ نىزام بويىچە جازا بېرىلىدۇ. FI~=A/:
3- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە يۈز بەرگەن ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەردىن قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلىمە بارلىرىدىن باشقىلىرىغا بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ. 40z1Qkmaey
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاراخوتى ياكى ئاۋىئاتسىيە قوراللىرى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگىمۇ بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ. nWhf
4- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا قارىتا، تەربىيە بېرىش بىلەن جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. %*
RZxR):
5- ماددا خەلق ئارىسىدىكى ماجىرا تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش - ماجىرا ياكى باشقىلارنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇرەسسە يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. X&Sah}0V&
gSf> +|
2- باب جازا تۈرلىرى ۋە ئۇلارنى قوللىنىش ;= 1[D
^ >
?C
6- ماددا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە كۆرۈلىدىغان جازا ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: &|' NDcp
(1) ئاگاھلاندۇرۇش؛ M1T .
(2) جەرىمانە قويۇش: بىر يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن، مۇشۇ نىزامنىڭ 30 -، 31 -، 32 - ماددىلىرىدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇلىدۇ؛ l}k'ZX 4
(3) توختىتىپ قويۇش: بىر كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن. j`K0D65
7- ماددا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە ئېرىشكەن نەرسىلەر ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەن مەنئى قىلىنغان نەرسىلەر بەلگىلىمە بويىچە ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ ياكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتا ئىشلىتىلگەن قورال - سايمانلار بەلگىلىمە بويىچە مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. B\qy:nr j
8- ماددا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن كېلىپ چىققان زىيان - زەخمەتلەردە، ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچى زىياننى تۆلەيدۇ ياكى داۋالىنىش راسخوتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئەگەر ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك بولۇپ، زىياننى ئۆزى تۆلەش ياكى ئۈستىگە ئېلىشقا چامى يەتمىسە، تۆلەش ياكى ئۈستىگە ئېلىشقا قانۇن بويىچە ۋەسىيسى مەسئۇل بولىدۇ. &}K%F)S
9- ماددا يېشى 14 كە توشقان، 18 گە توشمىغانلار ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، يېنىك جازا بېرىلىدۇ؛ يېشى 14 كە توشمىغانلار ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن تەنبىھ بېرىشكە بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ. hh2&FI
10-ماددا روھىي كېسەللەر، ئاق - قارىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ياكى ئۆز ھەرىكىتىنى كونترول قىلالمايدىغان ئەھۋالدا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، جازا بېرىلمەيدۇ، بىراق ۋەسىيلىرىنىڭ ئوبدان قارىشى ۋە داۋالىتىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئارىلاپ تۇتىدىغان روھىي كېسەللەر روھىي ھالىتى نورمال ئەھۋالدا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلسا جازا بېرىلىدۇ. px(~ZZB"
11- ماددا ھەم گاس ھەم گاچا ياكى ئەمالار فىزىئولوگىيىلىك ك ەم ت ۈك ل ۈك تۈپەيلىدىن ئامانلىق باشقۇرۇش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، جازا بېرىلمەيدۇ. F8M};&=*1r
12- ماددا مەستلەر ئامانلىق باشقۇرۇش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلسا جازا بېرىلىدۇ. 9[lk=1.qN
ئۇلار مەست ھالەتتە تۇرغاندا، مەستلىكى ئۆزى ئۈچۈن خەۋپلىك بولسا ياكى ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئامانلىقىغا تەھدىت سالسا، مەستلىكى يېشىلگۈچە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. B~J63Os/
13- ماددا بىر كىشى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەردىن ئىككىدىن كۆپرەكىنى ئۆتكۈزسە، ئايرىم - ئايرىم جازا بېرىلىپ، قوشۇپ ئىجرا قىلىنىدۇ. kuq&; uk$Q
14- ماددا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بىرلىكتە ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلسا، قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئايرىم - ئايرىم جازا بېرىلىدۇ. GiXs`Yt|
ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ياكى مەجبۇرلىغان، ئالدىغانلارغا كۈشكۈرتۈش، مەجبۇرلاش، ئالداش قىلمىشى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. S,f#g?V
15- ماددا ئورگانلار، تەشكىلاتلار، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغانلارغا جازا بېرىلىدۇ؛ شۇ ئورۇندىكى مەسئۇل خادىمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولغان بولسا، شۇ مەسئۇل خادىمغىمۇ جازا بېرىلىدۇ. UPPlm\wb*
16- ماددا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بېرىلىدىغان جازا يېنىكلىتىلسە ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ: %?F$3YN,
(1) قىلمىشى ئالاھىدە يەڭگىل بولغانلار؛ `-K[$V
(2) خاتالىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئىقرار قىلىپ ۋاقتىدا تۈزەتكەنلەر؛ K4I/a#S'@6
(3) باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان ياكى ئالدانغانلار. +Fh,!`
17-ماددا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ: L"0?g(
<
5
(1) ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىرراق بولغانلار؛ bfpoX,:
(2) باشقىلارنى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان، ئالدىغان ياكى 18 ياشقا توشمىغانلارنى كۈشكۈرتكەنلەر؛ H\a\xCP3
(3) پاش قىلغان، گۇۋاھلىق بەرگەنلەردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلار؛ }wI+eMr
(4) تۈزەتمەي تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر. B(O6qWsL
18-ماددا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەر ئالتە ئاي ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن سېزىلمىسە، جازا بېرىلمەيدۇ. H^vA}F`
ئالدىنقى تارماقتىكى مۆھلەت ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەت يۈز بەرگەن كۈندىن ئېتىبارەن ھېسابلىنىدۇ، ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەت ئۈزۈلمىگەن ياكى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، ھەرىكەت ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. BxZ7Bk
#.C2_MN>
3- باب ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەر ۋە جازا T[c-E*{hR
nw
qA\
19- ماددا جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى كۆرۈلگەن، لېكىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ: ug;~dhe~
(1) ئىدارە، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېببىي داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى ئىشلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا دەخلى يەتكۈزگەن، لېكىن ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلار؛ 1TF S2R n
(2) پويىز ئىستانسىسى، پرىستان، خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىستانسىسى، بازار، سودا سارىيى، باغچا، كىنو - تىياتىرخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، تەنھەرىكەت مەيدانلىرى، كۆرگەزمىخانا ياكى باشقا ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ *O\lR-z!k
(3) ئاپتوبۇس، تراللىبۇس، پويىز، كېمە قاتارلىق ئاممىۋى قانتاش قوراللىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ `O;4b#!g
(4) توپلىشىپ ئۇرۇشقان، قەستەن ماجىرا تۇغدۇرغان، ئاياللارغا ھاقارەت قىلىدىغان ياكى باشقا لۈكچەكلىك ھەرىكەتلىرىدە بولغانلار؛ @2-;,VL3
(5) پاكىت ئويدۇرۇپ ياكى بۇرمىلاپ، قەستەن پىتنە - ئېغۋا تارقىتىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ 8U4In[4
(6) خەتەرلىك ھادىسە توغرىسىدا يالغان مەلۇمات بېرىپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلار؛ _N>#/v)Yi
(7) دۆلەت خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلاردىن زورلۇق كۈچ، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلار. |x>5 T}
20- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ: 6':Egh[;
(1) قانۇنسىز ھالدا مىلتىق، ئوق - دورىلارنى ئېلىپ ماڭغان، ساقلىغان ياكى قورال - ياراغ باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار؛ FV,aQ#
(2)پارتلاتقۇچ بۇيۇملار، ئۆتكۈر زەھەرلىك بۇيۇملار، ئاسان ئوت ئالىدىغان، رادىئو ئاكتىپلىق بۇيۇملار قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان، ساقلىغان، توشۇغان، ئېلىپ ماڭغان، ئىشلەتكەنلەردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار؛ GCv1x->
(3) خەنجەر، ئۈچ قىرلىق تىغ، پۇرژېنىلىق پىچاق ياكى چەكلەنگەن تىغلارنى قانۇنسىز ھالدا ياسىغان، ئېلىپ ساتقان، ئېلىپ يۈرگەنلەر؛ aygK$.wos
(4) ساراي، مېھمانخانا، ئاشخانا، كىنو - تىياتىرخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، تەنھەرىكەت مەيدانى، كۆرگەزمىخانا ياكى باشقا ئاممىۋى يىغىلىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشتا، بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛ dO,;k+
(5) ئاممىنى يىغىلىش ياكى مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە، كۆرگەزمە، يەرمەنكە قاتارلىق ئاممىۋى ھەرىكەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغانلاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛ WN#2
(6) كېمە، كېچىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۇقتۇرۇش قىلسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛ /WLZyT2
(7) نەسىھەتكە قۇلاق سالماي، كېمىلەرگە زورلۇق بىلەن چىقىۋېلىپ، كېمىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋەتكەن ياكى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېمە ھەيدىگۈچىلەرنى تەۋەككۈلچىلىك بىلەن كېمە ھەيدەشكە مەجبۇرلىغانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار؛ IY
mkZ?cW
(8) تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ يوللىرى ۋە قىرغاقلاردا ئورەك كولاپ، توساق قۇرۇپ، كۆرسەتكۈچ بەلگىلىرىنى بۇزۇپ، قاتناش - ترانسپورتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىش ئېھتىمالى پەيدا قىلغانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار. Nw-U*y
21- ماددا جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ: {LCKt/Z>P
(1) بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاممىۋى قارىغا ئېتىش مەيدانى ئاچقان ۋە ئىشلەتكەنلەر؛ m|
7v76(
(2) تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ توك تورى قۇراشتۇرغان، ئىشلەتكەنلەر ياكى قۇراشتۇرغان، ئىشلەتكەن توك تورى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق كەلمىسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلار؛ OK47Q{.gh
(3) ئاپتوموبىل، پىيادىلەر ماڭىدىغان يولدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغانلاردىن ئورەك، قۇدۇق، ئازگاللارنىڭ ئاغزىنى ياپمىغان، بەلگە قويمىغان ۋە ئۇلارنى چىتلاپ قويمىغان ياكى يوپۇق، بەلگە، چىتلارنى غەرەزلىك ھالدا بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەنلەر. *~b~y7C
22- ماددا باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ: nNnfcA&W
(1) باشقىلارنى ئۇرۇپ، يېنىك دەرىجىدە زەخمىلەندۈرگەنلەر؛
a3a:H
(2) باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز ھالدا چەكلىگەن ياكى باشقىلارنىڭ تۇرالغۇ جايىغا قانۇنسىز ھالدا بېسىپ كىرگەنلەر؛ mQ:YHtHE.F
(3) باشقىلارنى ئوچۇق - ئاشكارا ھاقارەتلىگەن ياكى يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغانلار؛ &n0Ag]$P
(4) ئائىلىسىدىكىلەرنى خورلىغانلاردىن خورلانغۇچىلار چارە كۆرۈشنى تەلەپ قىلغانلار؛ }qZ^S9
(5) تەھدىت خېتى يېزىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان ياكى باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاشىلا سالغانلار؛ ;W FiMM\
18 (6) ياشقا توشمىغانلارنى مەجبۇرلاپ ياكى ئالداپ تېررورلۇق ۋە قەبىھ ئويۇنلارنى ئوينىتىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىنى نابۇت قىلغانلار؛ ]v]:8>N
(7) باشقىلارنىڭ خەت - پوسۇلكا، تېلېگراممىلىرىنى يوشۇرغان، تاشلىۋەتكەن، يىرتىۋەتكەن ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يىرتىپ ئاچقانلار. Fzy#!^9Nu
23- ماددا ئومۇمنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، ئايرىم جازا بېرىلسىمۇ ياكى قوشۇپ 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسىمۇ بولىدۇ: e#F3KLSL`
(1) ئومۇمنىڭ ياكى شەخسلەرنىڭ ئاز مىقداردىكى مال - مۈلكىنى ئوغرىلىغان، ئالداپ ئېلىۋالغان، تارتىۋالغانلار؛ k5+ Fxf
(2) دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغانلار؛ CteNJBm
(3) ئومۇمنىڭ ياكى شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى قاقتى - سوقتى قىلغانلار؛ q]SH'Wd
(4) ئومۇمنىڭ ياكى شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەر. OIjG`~Rx
24- جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ، ئۇلارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگالاندۇرۇش بېرىلىدۇ: 3 +`,'Q9
(1) زاڭ مال ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ساقلىغان، ساتقان، بۇزغان، يۆتكىگەنلەردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار ياكى زاڭ مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغانلار؛ 5D
XBTpCVM
(2) ماشىنا بېلىتى، كېمە بېلىتى، ئويۇن ياكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ بېلەتلىرى ۋە باشقا بېلەتلەرنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار؛ 1|:;~9n
(3) ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئەپيۇن چەككەن، مورفىي قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇردۇرغانلار؛ %dhrXK5
(4) خۇيداۋمېن، فېئودال - خۇراپاتلىق ھەرىكەتلەردىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالغان ياكى مال - مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار؛ N$.ls48a4-
(5) باشقىلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنى ئوغرىلىقچە ھەيدىگەنلەر؛ 1(%6X*z
(6) ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىزىمغا ئالدۇرماي تۇرۇپ ئىجتىمائىي تەشكىلات نامى بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ياكى تىزىملاشنى ئىناۋەتسىز قىلىپ، تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغاندىن كېيىن، يەنىلا ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات نامى بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار؛ ")nKFs5
(7) قانۇن بويىچە رېجىمغا ئېلىنغان، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ياكى جازا كېچىكتۈرۈلگەن، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن، داۋالىنىشىغا كېپىلگە بېرىلگەن ۋە سىرتتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەر ياكى قانۇن بويىچە، جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان خادىملار ئىچىدىكى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولغانلاردىن يېڭىدىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛ l\d[S]
(8) يالغاندىن دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغان، قاقتى - سوقتى قىلغانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار. )M(//jX
25- ماددا جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزگەنلەردىن تۆۋەندىكى 1 - تارماقچىسىدىن 3 - تارماقچىسىغىچە كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ؛ 4 - تارماقچىسىدىن 7 - تارماقچىسىغىچە كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ: P4c}@Mq3
(1) يەر ئاستىدا، دەريا - كۆللەردە، دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋە باشقا جايلاردا مەدەنىي يادىكارلىقلارنى بايقاپ، ئۇنى مەلۇم قىلماي يوشۇرغان، دۆلەتكە تاپشۇرمىغانلار؛ ,JPDPI/a
(2) تامغا ئويۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن ھۆكۈمەت تامغىسى ئويۇشنى ھۆددىگە ئېلىشتا باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلار؛ _)4zm
(3) دۆلەت قوغدايدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلار، مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەرگە قەستەن زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەن، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ھەيكەللەرنى بۇزۇۋەتكەنلەردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار؛ :?i,!0#"
(4) يول تاختايلىرىنى، قاتناش بەلگىلىرىنى قەستەن ۋەيران قىلغان ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتكەنلەر؛ %+UTs
'I
(5) يول چىرىغى، پوچتا ساندۇقى، ئاممىۋى تېلېفونلار ياكى باشقا جامائەت ئەسلىھەلىرىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار؛ t_(S e
(6) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بوستانلىق، گۈل - گىياھ ۋە دەل - دەرەخلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار؛ /1= x8Sb
(7) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەھەر - بازارلاردا ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەن، ئاۋازى بەك يۇقىرى بولۇپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ خىزمىتى ياكى دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەردىن توسىسىمۇ ئۇنىمىغانلار. ?}u][akM
26- ماددا ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش باشقۇرۇشىغا خىلاپ كېلىدىغان تۆۋەندىكى 1 - تارماقچىدىن 4 - تارماقچىغىچە كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ. ئۇلارغا 100 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ؛ 5 - تارماقچىدىن 8 - تارماقچىغىچە كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 100 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ: pF}E`U=Z
(1) ئوڭاي ئوت ئالىدىغان، ئوڭاي پارتلايدىغان بۇيۇملار بار جايلاردا چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ تاماكا چەككەن، ئوت ياققانلار؛ A v;NQt8ut
(2) ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش كېمىلىرىنىڭ مېڭىشىغا قەستەن توسقۇنلۇق قىلغان ياكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار؛ oB
'5'
:
(3) ئوت كەتكەن مەيداندا قومانداننىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛ D (e,R9hPU
(4) سەۋەنلىكتىن ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلاردىن ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلار؛ :z|$K^)7Z
(5) باشقىلارنى ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇغان ياكى مەجبۇرلىغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلار؛ )[y
KO
(6) ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن قالدۇرۇلغان بوش ئورۇننى ئىگىلىۋېلىپ ياكى لاپاس ئۆي سېلىپ، ئېرىق كولاپ، تام سېلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ قويغانلار؛ @ W q8AFo
(7) ئوت ئۆچۈرگۈچ، سۇ پومپىسى، سۇ مۇنارى، سۇ كۆلچەكلىرى قاتارلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى كۆمۈۋەتكەن، چىتلاپ ئىگىلىۋالغان، بۇزۇۋەتكەنلەر ياكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛ Us>
(8) زور ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈش خەۋپى بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر. {%\;'&@z\
27- ماددا قاتناش باشقۇرۇشىغا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى 1 - تارماقچىدىن 6 - تارماقچىغىچە كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ، ئۇلارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، 7 - تارماقچىدىن 11 - تارماقچىغىچە كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ: FE1En
(1) ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرى ياكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكەنلەر ۋە ئارىيەت بەرگەنلەر؛ Ct3+ga$
(2) شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوق كىشىلەر، مەستلەردىن ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنى ھەيدىگەنلەر ياكى ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەيدىشىگە بەرگەنلەر؛ 0-d&R@lX.
(3) شەھەردە يېغىلىش، نامايىش ئۆتكۈزگەندە، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتناشقا توسقۇنلۇق قىلغان، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنمىغانلار؛ Lr`Gyl62
(4) ئاپتوبۇسلارنى يولسىزلىق بىلەن توسىغان ياكى ئاپتوبۇسقا زورلۇق بىلەن چىقىپ، نورمال قاتناشقا تەسىر يەتكۈزگەنلەردىن نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلار؛ GB6(WAmr
(5) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئېنىق بۇيرۇق چىقىرىپ، مېڭىشنى چەكلىگەن رايونلاردا زورلۇق بىلەن ماڭغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنىڭ توسۇشىغا قۇلاق سالمىغانلار؛ }j\8|UG
(6) قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرغانلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا توشمايدىغانلار؛ eYv+tjIF
(7) قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقىدىن ئۆتمىگەن ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنى ھەيدىگەنلەر؛ S7R*R}
(8) زاپچاسلىرى بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنى ھەيدىگەنلەر؛ wFBSux$
(9) ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنى ھەيدىگەنلەر؛ p\]rxtm
(10) ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە مەجبۇرلىغانلار؛ 2k`Q+[?{q>
(11) باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ كوچىغا لاپاس، ئۆي سالغان، يايما يايغان، نەرسە - كېرەكلىرىنى دۆۋىلەپ قويغان ياكى قاتناشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولغانلار. ,JJ1sf2A
28- ماددا قاتناش باشقۇرۇشىغا خىلاپ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ: _IvqZ/6Y(
(1) ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنى ھەيدەپ يۈك قاچىلاش، سۈرئەت بەلگىلىمىلىرىگە ياكى قاتناش بەلگىسى، سىگنال كۆرسەتكۈچلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛ G[P
(2) ماتورسىز قاتناش قوراللىرىنى ھەيدىگەنلەر ياكى پىيادىلەردىن قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛ YsRq.9Mr
(3) قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپتوموبىل توختىتىشنى بۇيرۇق بىلەن مەنئى قىلغان جايدا ئاپتوموبىل توختاتقانلار؛ 8:
VRq
(4) ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىغا قانۇنسىز ھالدا ئالاھىدە ئاۋازلىق سىگنال ئەسۋابى ياكى بەلگە چىرىغىنى بېكىتكەن ۋە ئىشلەتكەنلەر. (~
:ip)v
29- ماددا نوپۇس ياكى ئاھالىلەرنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى 1 - تارماقچىدىن 3 - تارماقچىغىچە كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ؛ 4 - ياكى 5 - تارماقچىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغانلارغا 100 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ: ]TsmW ob
(1) بەلگىلىمە بويىچە نوپۇسنى مەلۇم قىلمىغان ياكى ئاھالىلەر كىملىك گۇۋاھنامىسى ئالمىغانلاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۇقتۇرۇش قىلسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛ 36 ]?4, .
(2) نوپۇسىنى يالغان مەلۇم قىلغان ياكى باشقىلارنىڭ نوپۇس كىنىشكىسى، ئاھالىلەر كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛ 2(Nf$?U@0
(3) نوپۇس كىنىشكىسىنى قەستەن ئۆزگەرتكەنلەر؛ BR~+CBH
(4) ساراي باشقۇرغۇچىلاردىن قونغۇچىلارنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىمغا ئالمىغانلار؛ $,1KD3;+]
(5) ئۆينى ئىجارىگە بېرىپ ياكى ئۆيىدە ئادەم قوندۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە نوپۇسقا تىزىملاتمىغانلار. DM{Z#b]
30- ماددا ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، يوشۇرۇن پاھىشىۋازلىق قىلىش ھەمدە ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشە قىلىشقا شارائىت تۇغدۇرۇپ بېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلار 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، توۋا قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. L
T/*y=
14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 139 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باسقۇنچىلىق جىنايىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 1_
)Y{3L
31- ماددا ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا زەھەرلىك چېكىملىك تەييارلىنىدىغان ئەپيۈنگۈل قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تەييارلىنىدىغان ئەپيۈنگۈل قاتارلىق ئۆسۈملۈكلىرى يۇلۇۋېتىلگەندىن سىرت، ئۇلار يەنە 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ، ئايرىم جازا بېرىلسە ياكى ئۇنىڭغا قوشۇپ 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. u4:6zU/{
قانۇنسىز ھالدا ئەپيۈن غوزىكىنى توشۇغان، ئېلىپ ساتقان، ساقلىغان، ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەپيۈن غوزىكى يىغىۋېلىنىدۇ، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ئايرىم ياكى ئۇنىڭغا قوشۇپ 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. XC,by&nY
32- ماددا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەر قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ: <\?dPRw2>
(1) قىمار ئويناش ياكى قىمار ئوينىغۇچىلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىش؛ sTECNY=l
(2) شەھۋانىيلىققا دائىر كىتاب، رەسىم، سىنئالغۇ ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئىشلەش، كۆچۈرۈش، سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ياكى تارقىتىش. M` |E)Y
يۇقىرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ، ئايرىم جازا بېرىلسە ياكى ئۇنىڭغا قوشۇپ 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشكە تاپشۇرۇلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. 6W N(Tw
%r:Uff@
4- باب كېسىم ۋە ئىجرا EA<x$O
>jm^MS=
33- ماددا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە بېرىلىدىغان جازا ئۈستىدە ناھىيىلىك، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىلىرى ياكى ناھىيە دەرىجىلىككە تەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى كېسىم چىقىرىدۇ. qmbhx9V
ئاگاھلاندۇرۇش، 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش ئۈستىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى كېسىم چىقارسا بولىدۇ؛ يېزىلاردا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى بولمىغان جايلاردا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېسىم چىقارسا بولىدۇ. j 4eq.{$
34- ماددا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش ياكى 50 يۈەندىن تۆۋەن ياكى 50 يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇش جازاسىنى جازالانغۇچىلاردىن باشقىچە پىكرى بولمىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى نەق مەيداندا جازا بەرسە بولىدۇ. ++d[YhO
ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان باشقا جازالار تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ: ~G8haN4
(1) چاقىرتىش. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى چاقىرتىشتا چاقىرىق قەغىزى ئىشلىتىدۇ؛ نەق مەيداندا سېزىلگەن ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئېغىز ئارقىلىق چاقىرتىلسا بولىدۇ. چاقىرىقنى يولسىزلىق قىلىپ قوبۇل قىلمىغان ياكى چاقىرىقتىن قاچقانلار مەجبۇرىي چاقىرتىلسا بولىدۇ. gPy}.g{tH$
(2) سوراق قىلىش. ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئەينەن جاۋاب بېرىشى، سوراق خاتىرىگە ئېلىنىشى كېرەك. سوراققا تارتىلغۇچى خاتىرىنى تەكشۈرۈپ خاتاسى يوق دەپ قارىغاندىن كېيىن، خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى، سوراق قىلغۇچىمۇ خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك. c4FU@^Vv
(3) گۇۋاھلىق ئېلىش. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دەلىل - ئىسپات ۋە ماتېرىيال توپلىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە پۇقرالار پائال قوللىشى ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىشى كېرەك. گۇۋاھچىلاردىن سوئال سورىغاندا، گۇۋاھچىلار ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، سوراق ئەھۋالى خاتىرىگە ئېلىنىشى كېرەك. گۇۋاھچىلار خاتىرىنى تەكشۈرۈپ خاتاسى يوق دەپ قارىغاندىن كېيىن، خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى كېرەك. 5m
rkw
(4) كېسىم. سوراق قىلىش ئارقىلىق ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل - ئىسپاتلىرى تولۇق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ نىزامدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلار بويىچە كېسىم چىقىرىلىدۇ. wRQMuFGY
كېسىم چىقىرىشتا كېسىمنامە تولدۇرۇلۇشى ۋە دەرھال شۇ كىشىگە ئۇقتۇرۇلۇشى كېرەك. كېسىمنامە بىر خىل شەكىلدە ئۈچ نۇسخا قىلىپ، بىر نۇسخىسى كېسىم چىقىرىلغۇچىغا، بىر نۇسخىسى كېسىم چىقىرىلغۇچىنىڭ ئورنىغا، بىر نۇسخىسى كېسىم چىقىرىلغۇچى دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسىغا بېرىلىدۇ. كېسىم چىقىرىلغۇچىنىڭ ئورنى ۋە دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى كېسىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك. =~{W;VZt'
(5) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىنى چاقىرتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋاقتىدا سوراق قىلىپ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى كېرەك. ئەھۋال مۇرەككەپ بولۇپ، بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىشكە توغرا كەلسە، سوراق قىلىپ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ۋاقتى 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ~{np G
35- ماددا توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەنلەر بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە، كۆرسىتىلگەن توختىتىپ قويۇش ئورنىغا بېرىپ جازانى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلارغا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇلىدۇ. Cg%}=
توختىتىپ قويۇلغان مەزگىلدە، توختىتىپ قويۇلغۇچى تاماق پۇلىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. Y
j>ezFo
36- ماددا جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلگەنلەر جەرىمانە پۇلىنى نەق مەيداندا جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىغا تاپشۇرۇشى ياكى جەرىمانە قويۇلغانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ياكى كېسىمنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىكى بەش كۈن ئىچىدە، كۆرسىتىلگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك. يولسىزلىق بىلەن ئۆز قەرەلىدە تاپشۇرمىغانلاردىن كۈنىگە بىر يۈەندىن بەش يۈەنگىچە قوشۇپ جەرىمانە ئېلىنسا بولىدۇ. جەرىمانە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلار 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ، جەرىمانە ئوخشاشلا ئېلىنىۋېرىدۇ. 3 bll9Ey
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى جەرىمانىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جەرىمانە تاپشۇرغۇچىغا ھۆججەت كېسىپ بېرىشى كېرەك. k\lU
Q\/O5
جەرىمانە پۈتۈنلەي دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. '8UhYwyr
37- ماددا كېسىم چىقارغۇچى ئورگان مال - مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىشتا، مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغۇچىغا ھۆججەت كېسىپ بېرىشى كېرەك. qJ
مۇسادىرە قىلىنغان مال - مۈلۈك پۈتۈنلەي دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. ئوغرىلىغان، بۇلىغان، ئالداپ ئېلىۋالغان، قاقتى - سوقتى قىلغان نەرسىلەردىن مەنئى قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرىنى ئالتە ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ، ئىگىسىنى تېپىپ قانۇن بويىچە قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. 5*r5?n
e
38- ماددا زىياننى تۆلەپ بېرىش، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىش كېسىم قىلىنغانلار كېسىمنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بەش كۈن ئىچىدە خىراجەتنى كېسىمنامە چىقارغان ئورگاننىڭ ۋاكالىتەن يەتكۈزۈپ بېرىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ خىراجەت كۆپرەك بولسا، مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ. تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا، كېسىم چىقارغۇچى ئورگان شۇ كىشى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا شۇ كىشىنىڭ ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قېلىشنى ياكى مال - مۈلۈكنى تۇتۇپ قېلىپ پۇلغا سۇندۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ. jI,?*n<
39- ماددا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە جازا كېسىم قىلىنغانلار ياكى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بەش كۈن ئىچىدە، بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەرز سۇنسا بولىدۇ؛ بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بەش كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىدۇ؛ بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بەش كۈن ئىچىدە، شۇ يەردىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. Xa/]}
B
40- ماددا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە جازالانغانلار ئەرز سۇنسا ياكى دەۋا قىلسا، ئەرز سۇنغان ياكى دەۋا قىلغان مەزگىلدە ئەسلىدىكى كېسىم داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ. TDHS/"MbA7
توختىتىپ قويۇشقا كېسىم قىلىنغانلار ياكى ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى كېپىل بولغۇچىنى تاپالىسا ياكى بەلگىلىمە بويىچە كاپالەت پۇلى تاپشۇرسا، ئەرز سۇنغان ياكى دەۋا قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئەسلىدىكى كېسىم كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ. كېسىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى ئىجرا قىلىش باشلانغاندا، بەلگىلىمە بويىچە كاپالەت پۇلى قايتۇرۇلىدۇ. _:?b-44
41- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى بۇ نىزامنى ئىجرا قىلغاندا، قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلماسلىقى كېرەك. ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ئۇرۇش، تىللاش، خورلاش ياكى ھاقارەتلەش مەنئى قىلىنىدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. -bQi4
42- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ پۇقرالارنى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇشى ۋە جازالىشى خاتا بولۇپ قالسا، جازالانغۇچى ئالدىدا خاتالىقىنى ئىقرار قىلىپ، ئېلىنغان جەرىمانە ۋە مۇسادىرە قىلىنغان مال - مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشى؛ جازالانغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكەن بولسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. )TyI~5>;
MnD^jcx
5- باب قوشۇمچە پرىنسىپ u_X(c'aE;
!eGUiE=
مەنبە : ‹‹ قانۇن-نىزاملاردىن تاللانما ›› دىن ئېلىندى s f<NC>-
43- ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان دىن يۇقىرى، دىن تۆۋەن نىڭ ئىچىدە دېگەنلەر شۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. L QA6iZBP
44- ماددا قاتناش باشقۇرۇشىغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى جازالاش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ. %3 VToj@`>
45- ماددا بۇ نىزام 1987 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1957 - يىل 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.