مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1610 
  •    ئىنكاس 
       33 

مۇنبىرىمىزنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى شاقۇر( كۆكنۇر) بىلەن سۆھبەت

قەۋەت ئاتلاش
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4331 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55613 (سوم)
 ياخشى باھا:   2717 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2636  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1692
 سائەت
دەرىجىسى:
1692 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-10

   "vGh/sXW  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز تورداشلار،قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، تېنىڭلار سالامەت ، ئىشلىرىڭلار  ئوڭۇشلۇق بولسۇن.شادىلىق ۋە بەخت –ئامەت مەڭگۈ سىلەرگە يار بولسۇن....
n%E,[JT  
Hq.rG-,p  
1-          قېتىملىق  ‹‹مىسرانىم مۇنىرىدە تورداشلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ›› مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى تاڭنۇر بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ ،تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى،مانا بۈگۈن  ئۇزۇندىن بۇيانقى قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزاسى شاقۇر( كۆكنۇر) بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، مەن ئالدى بىلەن ماڭا سۆھبەتلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن  ،بۇ زىيارەت مەزمۇنىدىن  تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختەر ( مىسران) ۋە زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان مۇنبەردىشىم شافۇرغا مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار نامىدىن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇنداق بولسا بۈگۈنكى 2- قېتىملىق سۆھبەت مۇنبىرىمىزنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى شافور بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، دىققىتىڭلار سۆھبەت مەزمۇنىدا بولسۇن.......
M 9)4ihK  
مۇسىلىنە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم شاقۇر،تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ ؟قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە شادلىق ۋە ئامەت يار بولسۇن......
   شافۇر: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھەدە،خۇداغا شۈكرى، ئوبدان تۇرىۋاتىمەن، سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. cSL6V2F  
مۇسىلىنە: رەھمەت ،بىرگە بولسۇن. سىزنىڭ يۇمۇرلۇق چاخچاقىلىرىڭىز، مۇڭغا تولغان لېرىكىلىرىڭىزنىڭ ھەۋەسكار ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇزاقتىن بۇيانقى  سىزنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىزغا بولغان  قايىللىقىم ۋە قىزىقىشىم تۈپەيلىدىن سىز بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارزۇسىدا بولغان ئىدىم، بۈگۈن اللاھ بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشنى  نېسىپ قىپتۇ، مېنىڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر. )KZMRAT-  
شاقۇر: ماڭا تورداشلار بىلەن تونۇشۇش،مېنى چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن سىزگىمۇ شۇنداقلا بىزگە مۇشۇنداق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختەر( مىسران)غىمۇ كۆپ رەھمەت.مەن بۈگۈنكى سۆھبەت مۇناسىۋىتى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرىدىن بولغان بارلىق تورداشلارغا ئايەملىك سالام يوللايمەن، ھەممىڭلارنىڭ خاسىيەتلىك قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن...... k>&cHCS`*  
مۇسىلىنە: ئۇنداق بولسا سۆھبىتىمىزنى باشلاپ كەتسەك،ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى بىر تونۇشتۇرىۋەتسىڭىز قانداق؟ ?%3dgQB'  
شاقۇر: ئىسىم -فامىلەم :ئۆمەرجان ئىمىن kf@JEcKV  
 تۇغۇلغان ۋاقتىم:1984:-يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى j]Gn\QF  
يۇرتۇم: قەشقەر،مارالبىشى.تۇمشۇق 50-تۇەن شاقۇر بازار ئىچى،  ھۆكۇمەت ئشچىسى ئائىلىسدىن s|%R  
كەسپىم: يۇرتىمىزنىڭ بىردىنبىر ئالاھدىلگى بولغان  دىھقانچىلىق ۋە ئالاھىدە باقمىچىلىق يەنى مەن پەقەت ئاران تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرگەنلىگىم ئۇچۇن پەقەت قۇلۇمدىن مۇشۇ ئىككى ئىش كىلىدۇ . ,Zmjw@ w  
قىزىقىشىم :ئەدىبىيات سەنئەت ،كىتاب ئوقۇش، ناخشا تىڭشاش. XG|N$~N+2  
ئۆچ كۆرىدىغىنم: قايسى جەھەتتىن ئىيتىشنى بىلىمىدىم.سەمىمىيەتسىزلىك،يالغانچىلىقنى ئەڭ ئۆچ كۆرىمەن، @i#JlZM_  
ياقتۇردىغىنىم:راستچىللىق ،ۋاپادارلىق،غۇرۇر –ۋىجدان بىلەن ياشاش b8d0]YS  
ئۆزەم ھەققىدە: ھەرقانداق ئىشتا باشقىلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلالىسام،دۇستلىرىمنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرسەم،دەيمەن،بىراق ھەققى تۇرمۇشتا ياخشى كۆرۇش،ۋە ئۆچ كۆرۇش، بولسا شۇ چاغدىكى ۋاقىت،شارائىتقا باغلىق. J~%43!X\K  
مۇسىلىنە :مۇنبەرگە دەسلەپتە قانداق سەۋەبلەر بىلەن كىرگەن؟ 1(p:dqGS  
شاقۇر: دەسلەپتە مەن پەقەت تۇرخانىغا كىرىپ ئۇيۇن ئۇيناش بىلەن مەشغۇل بۇلاتتىم.كۇنلەر ئۆتكەنسىرى ئۆزۇمنىڭ پەقەت ئىچ پۇشغىنى چىقىرىش ئۇچۇن خاتىرەمگە يىزىپ قۇيغان شىئرلىرىمدىن ‹‹ئۇچۇر تۇرى››غا يىزىپ يۇللاپ ،كۆپلىگەن تۇرداشلارنىڭ قۇللىشى شۇنداقلا ماختىشغا ئىرىشتىم.ئەلۋەتتە بۇ مەزگىلدە تىخى مۇنبەر ئىچىلمىغان ئىدى.كۇنلەر مانا شۇنداق ئۆتۇپ بىر كۇنلەردە مەن پۇسكاملىق بىر قىز تۇرداش بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ،شۇنداقلا يىقىن دۇستلاردىن بولۇپ قالدۇق،بىر كۇنى ئۇماڭا ‹‹ئۇچۇر تۇرى››غىلا ئەمەس،بەلكى باشقا تۇربەتلەرگىمۇ ئەسەر يۇللاشنى تەۋسىيە قىلدى،شۇنداقلا مىسرانىم  بېتىنىڭ تۇرىنىڭ تەرەققىياتى، ياخشى تەرەپلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ تور بەتنى  ئۆزى بىلەن بىر يۇرت ،بىر مەھەللىلىك  ئابابەكرى مۇختەر ئىسىملىك بىر ياش يىگىتنىڭ ئاچقانلىغىنى ئېيتتى ،مەن شۇ سەۋەپلەر بىلەن مىسرانىم تۇرىغا ئەزا بۇلۇپ كىرىپ ئەسەر يۇللاشنى باشلىدىم.ئەسەرلىرىمنىڭ كۆرۇلۇشى شۇنداقلا قۇللاش نسبىتى مىنى تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىپ بارلىققا كەلتۇرۇشكە تۇرۇتكە بولدى. ئەلۋەتتە مەن ئۆزۇمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇنداق مۇكەممەل ياخشى دەپ كىتەلمەيمەن.كىين تور بىكەت يىڭىدىن مۇنبەر سەھىپسنى ئىچپ يىزىقچىلق ئۇچۇن تىخمۇ ياخشى شارائىت ۋە رىغبەتلەندۇرۇش ئىلىپ كەلدى ،مانا يۇقارقى سەۋەبلەر مېنىڭ مىسرانىم مۇنبىرگە ئەزا بۇلۇپ كىرىشىمگە تۈرتكە بولدى دېسەممۇ بولىدۇ. !.P||$x`&  
مۇسىلىنە : سىز دەسلەپتە مىسرانىم مۇنبىرىگە ‹‹كۆكنۇر››دېگەن ئىسىم بىلەن كىرىپتىكەنسىز،كېيىن ئىسمىڭىزنى ‹‹شاقۇر ››غا ئۆزگەرتىۋېتىشىڭىزدە بىرەر سەۋەب بارمۇ؟ 5W)ST&YPL*  
شاقۇر: شۇنداق ئەڭ دەسلەپتە ئەسلى ‹شاقۇر ›دەپ ئۇچۇر تۇرىدا ئەسەر يازغان، كىين مىسرانىمغا ئەزا بولغاندىن كىيىن ‹‹يىڭىدىن باشلاي ››دىگەن مەقسەتتە ‹‹كۆكنۇر›› دىگەن ئىسىم بىلەن كىردىم،بىراق كىم بىلسۇن كۇنلەر ئۆتكەنسىرى بۇ ئىسىم بىلەن تورغا چىقىدىغانلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىدىم،شۇنداقلا بۇ ئىسم بىلەن بىرسى تىخى توربەت ئاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇربەت قۇرغۇچىسنىڭ نامىغا ھۆرمەت قىلىش يۇزسىدىن، شۇنداقلا بەزى تۇرداشلارنىڭ بۇ ئىسمغا ئۆچ بۇلۇپ كەتكەنلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئسممىنى يەنى بۇرۇنقى نامىم،شۇنداقلا يۇرتۇمنىڭ نامى ‹شاقۇر›دەپ ئۆز گەرتتىم. <0d2{RQ;  
مۇسىلىنە :بەزى تورداشلار  سىزنىڭ ‹‹ كۆكنۇر ›› دېگەن ئىسمىڭىزغا نېمە سەۋەبتىن ئۆچمەنلىك قىلغۇدەك؟ w_{tS\  
شاقۇر: بولدىلا ،بۇ گەپلەرنى مۇنبەر يۈزىدە سۆرەپ يۈرگۈم يوق، ئىشقىلىپ ،‹‹بۇ مەۋھۇم دۇنيادا بىر –بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشى،ئىززەتلىشىپ ئۆتسەك ››دەپ ئويلايمەن. qfsPX6]  
مۇسىلىنە:  ئۇنداق بولسا سۆھبىتىمىزنى كۆڭۈللۈك ئىشلار توغرىسىدا  ئېلىپ بارايلى، قايسى سەۋەب بىلەن يېزىقچىلىق سېپىگە قەدەم قويغىنىڭىزنى سۆزلەپ بېرەەلمسىز؟ }{R*pmv$bN  
شاقۇر: پەقەت مۇھەببەت،نەپرەت ئۈچۇن،سىغىنىش ۋە ھىجران ئۈچۇن يىزىقچىلىق سىپىگە قەدەم قويدۇم. 4&W?: =H2  
مۇسىلىنە :قانداق مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى يېزىشقا قىزىقىسىز؟ H,}&=SCk  
 شاقۇر:مىنىڭ ئاساسلىق يازىدىغان ئەسەرلىرىم مۇھەببەت ۋە نەپرەتتىن مەزمۇن قىىلنغان شېئىر، لېرىكا ،شۇنداقلا تورداشلارغا قىلنغان چاخچاق قاتارىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 6*i **  
مۇسىلىنە : سىز يازغان لېرىكىلاردىن بىر خىل مۇڭ تۆكۈلۈپلا تۇرىدىكەن، بۇنىڭ تۇرمۇشىڭىز بىلەن بىرەر باغلىنىشى بارمۇ قانداق؟(  مۇھاببەتتە ئوڭۇشسۇزلىققا ئۇچراش ئەھۋالى دېگەندەك) EHUx~Q   
شاقۇر: مەن يازغان ئەسەرلىرىمنىڭ گەرچە ئاددى بولسىمۇ تۇرداشلارغا ئازراق بولسىمۇ مۇڭ ئاتا قىلالىغىندىن خۇرسەنمەن.ئەلۋەتتە بۇنداق مۇڭلارنىڭ تۆكۇلىشى پەقەت مۇھەببەت ۋە نەپرەتتىن كىلىدۇ. {KgA V  
مەيلى ئۇ سۆيۈلۈشتىن بولمىسۇن ۋەياكى سۆيۈشتىن بولمىسۇن، 7}&:07U  
تۇرمۇشتا ھەرقانداق خۇشلۇق شۇنداقلا ئوڭشسىزلىق بولۇشى بۇ بىر ئۆزگەرمەس ھەقىقەت خالاس.ئەمدى مۇھەببەتتە ئوڭشسىزلىق سەۋەبىنى بىلمەكچى بولساڭلار ،بۇ مىنىڭ ھەققى رىئال تۇرمۇشىمنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ يازغان ‹‹مەۋھۇم دۇنيادىكى كەچىمىشلەر ››دىگەن ئەسرىمنىڭ 1-قىسمىدا خىلى تۇلۇق بار.باشقا جەھەتتىكى كۆڭۇلسىزلىك ۋە خۇشاللىققلار بەلكىم ھەممىزنىڭ بىشىدا بار بىر ھەقىقەت.بۇنى دىمىسەممۇ ھەممىز قانداقلا بولمىسۇن ھەرقانداق يۇسۇندا بۇ ھەقىقەتنى باشتىن ئۆتكۇزىمىز.بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بەزىبىر كەچۈرمىشلىرىم  سەۋەبىدىن  بولسا كېرەك يازغانلىرىمدىن بىر خىل مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. oz&`3`  
مۇسىلىنە: مىسرانىم مۇنبىرىگە قانداق قارايسىز؟مىسرانىم مۇنبىرىدىن باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ تېمىلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرامسىز؟ BAQ-1kSz  
شاقۇر: مىسرانىم مۇنبىرى،ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى بىر بۇسۇش خاراكتىرىلىك يىتىلگەن تور بەتلەرنىڭ بىرىسى،ئەلۋەتتە كىينكى تەرەققىياتى يەنىلا مىسرانىم مۇنبىرنىڭ كىينكى تەقدىرگە باغلىق.مىنىڭچە مۇشۇ خىل يۇسۇندا تەرەققى قىلدىغانلا بولسا نۇرغۇن ئۇتۇقلار ئۇنى كۇتۇپ تۇرغان بۇلىشى مۇمكىن دەيمەن.ئەلۋەتتە باشقا مۇنبەرلەرگمۇ ئەسەر يۇللاپ باقتىم،شۇنداقلا يۇللاۋاتىمەن.چۇنكى ئۇمۇ بىر ئۇيغۇر تور بىتى دە.بۇ تور بەتلەرمۇ ئوخشاشلا قۇللاپ قۇۋەتلەشكە باغلىق. C  @ XS  
مۇسىلىنە :مۇنبەرنىڭ سىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرەپلىرى ۋە $e+sqgU  
ياقتۇرىدىغان سەھىپىلىرى قايسى؟ ;MN$.x+  
شاقۇر: مۇنبەرنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغان تەرەپلىرى بەلكىم يىزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دۇستلارغا ئۆز يوسۇندا رىغبەتلەندۇرۇش يۇزسىدىن بىرىلگەن مىدال ۋە ناملار.ياقتۇردىغان سەھىپىلىرىم يىزىقچىلىق تۇردىكى (تور ئەسەرلىرى، شېئىر –قوشاقلار، ھېكايە –رومان.....) ھەممە سەھىپىلەرگە ئېتىۋار بىلەن قارايمەن.
مۇسىلىنە: مۇنبەردىكى سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشلار قايسى؟ vK!`#W`X  
شاقۇر: مۇنبەردىكى بىردىنبىر ياقتۇرمايدىغان ئىشىم بولسا.باشقىلارنىڭ ئەجىرگە ھۆرمەت قىلماي.ئۆزى قىلالماي قۇسۇر ئىزدەيدىغانلار، بەزى يىزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىندىغان ،شۇنداقلار مۇنبەر ئۇچۇن ئاز بولسمۇ ئۇن-تۇنسىز تۆھپە قۇشىۋاتقانلارىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قيۇش.‹‹سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما ››دەيدىغان گەپ بار بولسا مۇشۇنداق ئەزالارنى بولسا نەزەردىن ساقىت قىلىپ يەكلەيدىغان ئىشلار بولمسا. بۇ پەقەت شەخسى كۆز قارىشىم.   "'CvB0>   
مۇسىلىنە:مۇنبەردە سىز كىملەرنىڭ ئەسارلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيسىز؟ e \Qys<2r  
شاقۇر:تاڭنۇر.كۆڭۈل .ھېسلىرىم،ئاشكار،مۇسلىنە.كۆكيار.سۈزۇكئاي.ھەسەل.كەپسىز قىز.....گەرچە بۇلارنىڭ يازمىلىرىنى  دىگەندەك مۇكەممەل دەپ كەتكىلى بولمىسمۇ ھەر ھالدا بوپ قويىدۇ. MtJ-pa~n  
مۇسىلىنە:   سىز مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان قايسى ئەسەرلەرنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟ n%3!)/$  
شاقۇر: كەپسىز قىز، ھېسلىرىم ،ئاشكار ...قاتارلىق بىر قىسم تورداشلارنىڭ ‹‹ئانا، كىم ئۇچۇن يىغلاۋاتىسەن››‹‹يىگىتلىك ئىپپىتىم بۇزۇلدى››‹‹ ئۇ ئەسلى ياخشى قىز ئىدى›› .....دېگەنگە ئوخشاش  نادىر ئەسەرلىرى بار. بۇلارنىڭ يازمىلىرى تۇرمۇشقا زىچ چۆككەن.شۇنداقلا كىشىگە ھەققى تەسىر بىرەلەيدۇ.مەن مانا شۇنداق ھەققى تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ھىكايە.رومان.نەسىر ،شىئىر دىگەندەك ئەسەرلەرنى ياقتۇرمەن. dWd%>9 }  
 مۇسىلىنە:  مۇنبەردىكى ئەڭ يېقىن دوستلىرىڭىز  كىملەر؟ *aCL/:  
شاقۇر :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار مېنىڭ  يىقىنلىرىم دەپ ئويلايمەن، ئەمدى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان يېقىن دوستلۇرۇم تاڭنۇر.كۆڭۈل.نەسىرۇللا.ھەسەل.كۈل قىز.شاتئاي...بۇلار گەرچە مەندىن كۆپ يىراق بۇولسمۇ.بۇلارنى مەۋھۇم دۇنيادىكى ‹‹ئەڭ يېقىن دوستلۇرۇم ››دەپ ھسابلايمەن.باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق ياخشى دوستلاردىن بولسام دەپ ئويلايمەن. 4vg3F(   
  مۇسىلىنە: مۇنبەرداشلارنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تېمىڭىز قايسى؟ >SXSrXyYX  
شاقۇر: بۇ ھەممىگە ئايان‹‹ ئەڭ›› دەپ كەتكىلى بۇلمىسمۇ ،لىكىن ئاز بولسىمۇ شۇ قوشاق تۇردىكى چاخچاق تىمىلار بولسا كىرەك. شۇڭا دوستلىرىم مىنى‹‹ كۆكنۇر قۇشاقچى ››دەپ ماختىشدۇ. ins(RWO  
    مۇسىلىنە:   مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق تۆھپىلەرنى  قوشتۇم دەپ ئويلايسىز؟ )|*Qs${tF  
 شاقۇر:بۇ گەپكە كەلسەك مەن بۇنىڭغا بىر نىمە دەپ بۇلالمايمەن.بۇ باھانى شۇ ئەجىركەش باشقۇرغۇچىلار.شۇنداقلا مۇنبەرداشلىرىم بەرسە ئەڭ مۇۋاپىق دەيمەن. p -$C*0{  
  مۇسىلىنە:ئىلگىرى مۇنبەرگە چاخچاق تېمىلىرىنى كۆپ يوللايتىڭىز، ھازىر ئۇنداق تېمىلارنى يوللىماس بولۇپ قالدىڭىز،باشقا مەزمۇندىكى يوللايدىغان تېمىلىرىڭزمۇ ئازلاپ كەتتى ،بۇنىڭدا بىرەر سەۋەب بارمۇ قانداق؟ WRZpu95v  
شاقۇر: شۇنداق ئىلگىرى چاخچاق يۇسۇندىكى تىمىلارنى كۆپلەپ يۇللايتىم ،سەۋەبى  مۇنبەردە  بەكراق قارشى ئىلىندىغان ،شۇنداقلا قۇللاشقا ئىرىشدىغان تىمىلار كۇلكە، چاخچاق يۇسۇندىكى يۇمۇر، قۇشاقلار ،بەلكىم شۇ چاغلاردا مىسرانمىدىكى ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ بىراقلا يۇقىرى پەللىگە چىقىشى‹‹ مۇشۇ قۇشاق يىزىش، شۇنداقلا مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆز ئارا نەقىل قۇشاقلارنى، يۇمۇر -لەتىپىلەرنى يازغانلىغىدىن بولغان›› دىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە بولماس،لىكىن كىينچە بولسا سۈپەت،نام-ئاتاق دىگەندەك ئىبارىلەر مىسرانمنىڭ كىينكى چوڭ نىشانى بولۇپ قۇشاق،يۇمۇر دىگەندەك تىمىلار سەللا دىققەت قىلمىسا پۇچەك، رىتىمىسز تىمىلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدىغان بولۇپ كەتتى.ئەلۋەتتە كۇلۇپلا ئۆتكىلى بولمايدۇ- دە،كەلگۇسى تەرەققىيات ھەممىدىن مۇھىم.كىين يەنىلا بۇرۇنقىدەك مۇھەببەتلىك شئىرلارنى يىزىشقا كىرىشتىم. شئىر يىزىشتىن نەسرى ئەسەر سۇپىتىدە لىرىكىلارنى  يازغانمۇ بولدۇم،بىراق  راس گەپنى قىلسام ،مۇشۇ مەزگىلدە بەزى تۇرداشلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپمۇ قۇيدۇم.مۇشۇ سەۋەپلىك مۇنبەردە پات-پات سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغان ئىشلار كۆپىيپ قالدى.قانداق بولغىنىنى بىلمەيمەن. شۇ سەۋەپلەر شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىدىكى  تاشقى ئىشلار سەۋەپلىك مۇنبەرگە تىما يۇللاش قىزغىنلىغم بارا-بارا سۇسلىشىپ مانا كۆرگەنسىلەر،ھەتتا يازماس بۇلۇپ قالدىم. X H%pV  
 مۇسىىلنە: مۇنبەر يېزىقچىلىق تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى سورۇن ،دېمەكچىمەنكى مۇنبەر ئارقىلق يېزىقچىلىق قابىلىيىتىمىزنى نامايەن قىلالايمىز، تورداشلارنىڭ باھاسى ئارقىلىق يازغانىلىرىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتەلەيمىز،مەۋھۇم دۇنيا دېگەندە ھەركىشىنىڭ يازمىلارغا بەرگەن باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى ‹‹ ياخشى ›› دەپ قارىشى ،بەزىلىرى ‹‹ ناچار ›› دەپ قارىشى مۈمكىن، بىز تورداشلارنى باھاسى ،پىكىر –تەكلىپلىرى ئارقىلىق  ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلقلارنى جارى قىلدۇرىشقا، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشكە  تىرىشىشىمىز كېرەك، سىز تور دۇنياسى ۋە  تۇرمۇشتىكى ئازغىنە ئوڭۇشسىزلىقلار سەۋەبىدىن يېزىقچىلقنى تاشلاپ قويسىڭىز بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ، سىزنىڭ تولۇقسىز  مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە تۇرۇپمۇ ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تور دۇنياسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يېزىقچىلىق  قابىليىتىڭىزنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرپ ئۆزىڭىزنى  ھەم مۇنبەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېزىقچلىق ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ،تېخىمۇ ئېسل  ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزنى چىن دىلمدىن  ئۈمىد قىلىمەن ھەم شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. ^ =C>  
شاقۇر: رەھمەت ھەدە،سىزنىڭ زىيارىتىڭىز ۋە ھازىر قىلغان سۆزلىرىڭىز ماڭا نىسپەتەن بىر مەدەت بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپلا قالسام  ،قابىلىيىتىمگە يارىشا يازمىلارنى يېزىپ مۇنبەرگە يوللاپ تورداشلىرىم ئۈچۈن مەنىۋى ئوزۇق بېرىشكە ۋە مۇنبەر ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن. k^}[+IFJ  
مۇسىلىنە:   سىزدىن ئەڭ ئاخىردا سۇرايدىغىنىم: سىز تۇرمۇش قۇرغانمۇ؟ ؟ھازىرىقى تۇرمۇشىڭىزدا  ئۆزىڭىزنى بەختلىك دەپ ھېسابلامسىز؟ Ubu&$4a  
شاقۇر:شۇنداق مەن تۇرمۇش قۇرۇپ بولغان.ھازىرقى تۇرمۇشۇم شۇنداق بەختلىك.مىنىڭ  يازغان ئەسەرلىرىمدىكى ھسياتىم پەقەت بۇرۇنقى ئۆتمۇشتىكى ئەسلىملەر خالاس......شۇنداق ئاچچىق،ئازابلىق  ئەسىلىملەر مىنىڭ ھازىرىقى بەخىتلىك تۇرمۇشۇمنى قۇرۇشىمغا بىردىنبىر سەۋەب بۇلغان ئىش.ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزۈمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي....
ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق بىلىم سەيناسى قۇرۇپ بەرگەن <<ئابابەكىرى مۇختەر>>گە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ،شۇنداقلا بارلىق تورداشلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۈشلۇق ،ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئالاھدىن تىلەيمەن ،بەخىت- ئامەت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن ......   >n,_Aj c  
مۇسىلىنە: سىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ مۇنبەردىكى دوستلۇق، ئۆزئارا چۈشىنىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرەلىگىنىم ئۈچۈن كۆپ خۇرسەنمەن، ئاخىرىدا سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە شادلىق، بەخت تىلەيمەن، اللاھ ئىشلىرىڭزنى ئاسان قىلسۇن، بەخت –ئامەت مەڭگۈ سىزگە يار بولسۇن. +nR("Il  
  uUfw"*D  
  ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن شاقۇر ( كۆكنۇر)بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، قالغان كەم قالغان تەرەپلەرنى تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇنبەردىكى ئەزالار بىلەن داۋاملىق ھەمسۆھبەتتە بولۇپ  ،مۇنبەرداشلار  ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش، دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ  ئىلگىرى سۈرىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تەييارمەن.خەير -خوش.... << مۇنبەرداشلار بىلەن سۆھبەت>>نىڭ كېيىنكى سانىدا كۆرىشەيلى........ 
  5x@ U<  
 مەنبە : زىيارەت خاتىرسى
  PSc=k0D  
OD'~t,St  
R"OT&:0/  
[ بۇ يازما musilina تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە
شاقۇر مۇنبەر پۇلى +200 2010-11-18 جاپا چەكتىڭىز كۇپ رەخمەت بۇندىن كىين تىرىشپ چۇقۇم بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشقا تىرشىمەن.
ئۇيغۇرۇم007 مۇنبەر پۇلى +200 2010-11-18 ئەجرىڭىز ئۈچۈن
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
Dilnaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1849

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1245 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1608 (سوم)
 ياخشى باھا:   390 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   443  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2863
 سائەت
دەرىجىسى:
2863 سائەت 127 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

  كۆكنۇر نى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم ........رەھمەت مۇسلىنە ھەدە !!! -'W:P'BG  
ئاخىردا ھەر ئىككىڭلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن !!!!
 
ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ،
ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا.
يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!!
بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....
alnazar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1594

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   391 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6612 (سوم)
 ياخشى باھا:   208 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   263  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2392
 سائەت
دەرىجىسى:
2392 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

تۇمشۇق شەھەردىن دەپ قويۇڭ `! تېخى 50-تۇەندىنكەنسىز ~! مېنىڭمۇ 49دا ئاغىنىلىرىم  خېلى  باتى~!
 
gulbaxikar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7639

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1341 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17599 (سوم)
 ياخشى باھا:   592 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4078
 سائەت
دەرىجىسى:
4078 سائەت 262 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

كىلەر ساندا كىمنى زىيارەت قىلىسىلەر ؟ ئاۋال ئوقتۇرۇپ قويساڭلار بولاتتى،  
 
مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4331 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55613 (سوم)
 ياخشى باھا:   2717 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2636  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1692
 سائەت
دەرىجىسى:
1692 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

باشقۇرغۇچىلار،بولسا ما شافۇرنىڭ رەسىمىنى سەل كىچىكلىتىپ چىقىرىپ بەرگەن بولساڭلار،شۇنچە جىدەللەشسەممۇ پەقەت قاملاشتۇرالمىدىم.....پۈتۈن ئېكراننىڭ يۈزىنى ئىگىلەپ ئالغاندەكلا كۆرۈنۈپ كېتىدىكەن....رەسىم چوڭ بولغانلىقتىن خەتمۇ نورمال كۆرۈنمەيدىكەن....
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
BiLiHchi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3629

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:    

 نادىرلانغان تېمىسى:    

 مۇنبەر پۇلى:    (سوم)
 ياخشى باھا:   0 (نۇمۇر)
 تۆھپە:     [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:1970-01-01
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

مۇسلىنە ھەدە رەھمەت سىزگە ئالدىنقى قېتىمدا تاڭنۇرنى زىيارەت قىلىپ ئۇنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن . بۇ قېتىم شاقۇرنى زىيارەت قىلىپ بەك ياخشى قىپسىز. مەن شاقۇرنىڭ لىرىكىللىرىنى بەك ياقتۇرىمەن..........بىراق تىما يوللاشلىرى بەك ئازلاپ كەتتى....ئۇنىڭ مۇڭغا تولغان لىرىكىللىرىنى يەنە كۆرسەم دەيمەن.......قوشاقلىرىنى مۇنبەردىن ئۈزۈپ قويمىسىكەن دەيمەن. مەن شاقۇرنىڭ ئىسمىنى نىمىشقا ئۆزگەرتكىنىنى ئەمدى بىلدىم........  tBq nf v  
شاقۇر سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى، ئىشلىرىڭىزنىڭ  ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن............ئوماق موما كىيىنكى قېتىمدا نەۋرەڭنى زىيارەت قىلامسەن يا؟ .......         
 
گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىققان گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ!
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4331 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55613 (سوم)
 ياخشى باھا:   2717 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2636  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1692
 سائەت
دەرىجىسى:
1692 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18
5-قەۋەت (ھەسەل) نىڭ يازمىسىغا

ماڭقاڭنى ماشتەك چۇۋۇپ يۈرسەڭ ،سېنى زىيارەت قىلغىلى بولارمۇ تاتلىق نەۋرەم.....؟   
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە
ئۇيغۇرشاھ مۇنبەر پۇلى +99 2010-11-18 جاپا چېكىپسىز.ماۋۇ ئىنكاسىڭىز كۈلدۈرۈپ يۇمىلىتىۋەتتى.
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
Zulpikar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.63

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   3035 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1839 (سوم)
 ياخشى باھا:   740 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   4324  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6764
 سائەت
دەرىجىسى:
6764 سائەت 256 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

كىلەركى قېتىم مەن بىلەن ..........
 
كۈلۈپلا قويىمەن خالاس.....
arkal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12977

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   107 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5574 (سوم)
 ياخشى باھا:   188 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   250  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 782
 سائەت
دەرىجىسى:
782 سائەت 118 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

بۇ سۆھبەت ئارقىلىق  ئۆز  -  ئارا چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۇرگىلى بولىدىكەن . گەرچە مەن ئادەتتىكى ئەزا بولساممۇ  قولۇمدىن كىلىشچە يارىدەم بىرىشنى بەكمۇ خالايمەن.
 
دوس يۈزىدە كۈلكە-چاخچاق  قوينىدا پالتا-پىچاق.
uqkurxamal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14563

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   307 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   456 (سوم)
 ياخشى باھا:   180 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   281  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 77
 سائەت
دەرىجىسى:
77 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-19
ئاخــىرقىسى:2011-09-25
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

مۇنداقمۇ سۆھبەتلەر بولىدىكىنا توۋا
 
ئۇچقۇر شامال
esil526
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16881

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   99 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4273 (سوم)
 ياخشى باھا:   192 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   252  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1962
 سائەت
دەرىجىسى:
1962 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

شاقۇر ئاكغا  قايىلمەن ،  تولۇقسىز سەۋىيەدە تۇرۇپ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپتۇ ،  تىنىنىڭ سالامەت ،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۇللۇك بولىشىنى بىر ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن .  بۇنىڭدىن كىيىن ئاچچىقلانماي،تىرىكمەي ، زىرىكمەي،  ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۇرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن .
 
غەلبە ، تىرىشقانغا مەنسۇپ !
=ALBALSI=
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3940

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2810 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   176 (سوم)
 ياخشى باھا:   803 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   459  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1398
 سائەت
دەرىجىسى:
1398 سائەت 122 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

ئەجىرىڭىزگە تەششەككۈر مۇسلىنە ھەدە،مۇشۇنداق زىيارەتلەر بۇلۇپ تۇرسا ئەزالار بىر-بىرنى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بۇلاتتى، 2BDan^:-Av  
گەرچە مەن بۇنداق ئىسىل زىيارەتلەرگە مېھمان بۇلالمىساممۇ.
 
ھاراق بارچە گۈناھنىڭ ئانىسى،ھاراق ئىچكەنلىك ئانىسى بىلەن زىناھ قىلغاندىنمۇ ئېغىر گۈناھ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى