-
تىزىم نۇمۇرى:801
-
- تىزىم ۋاقتى:2010-05-25
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-09-01
- تور ۋاقتى:936سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئايەم كۈنلىرىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! @a
WvN;v مەن ئالدىنقى كۈنى پسخىك ئالاھىدىلىكنىڭ تېمپېرامېنت قىسمىنى يوللاپ ئۆتكەن ئىدىم بۈگۈن داۋامى ؛ 2-خارەكتېر _ ئادەملەرنىڭ بىرقەدەر تۇراقلىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ ، ئۇ ئادەملەرنىڭ ئەمەليەتكە تۇتقان تۇراقلىق پوزىتسىيىسى ۋە ئادەت خارەكتېرلىك قىلمىشى شەكلىدىن ئىبارەت . بىر ئادەمنىڭ ئۆگۈنىشكە ، تۇرمۇشقا ، خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيىسى ئاكتىپمۇ ، ياكى پاسسىپمۇ ؟ ئەستايدىلمۇ ياكى ئەمەسمۇ ؟ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمەليەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىدۇر . مەسىلەن ؛ تىرىشچان ،ھورۇن ، يالغانچى ،راستچىل . مۇستەقىل قاتارلىقلار . )lBke*j~ خارەكتىرنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ پوزىتسىيە ئالاھىدىلىگى ،ئىرادە ئالاھىدىلىگە ،كەيپىيات ئالاھىدىلىگە ۋە ئاقىلانىلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە تەھلىل قىلىمىز ، خارەكتېر ئالاھىدىلىكىنى ئوخشىمىغان شەرتلەرگە ئاساسەن تۈۋەندىكى بىرقانچە تۈرلەرگە بۆلىمىز ؛ j[
kg9z [1] بىلىش ، ھېسسىيات ، ئىرادە ئالاھىدىلىكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا قاراپ ئۈچ تىپقا بۆلىمىز ؛ gW$X8ECX بىرىنچى ،ئاقىلانىلىك تېپىدىكىلەر ، ئادەتتە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئويلىنىپ ئىنكاس قىلىدۇ ھەم ئۆز پائالىيىتىنى كونتۇرول قىلالايدۇ . ئۇلار مەسىلىلەرنى ئەتىراپلىق كۈزىتىدۇ . مەسىلە ھەل قىلىشتا تەپەككۇرنى ئاساس قىلىدۇ . كەيپىيات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ . مەسىلەن ؛ قارار چىقىرىشتا ماۋۇ مەن ئامراق ياكى ئۆچ ئادىمىم ، ياكى بۈگۈن كەيپىياتىم ياخشى ياكى ناچار دىمەستىن ئويلىنىپ توغرا- خاتالىقنى ياكى ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاساس قىلىدۇ . yiWBIJ2Wu9 ئىككىنچى ، كەيپىيات تېپتىكىلەر . ئادەتتە كەيپىيات ئىنكاسى كۈچلۈك ، كەيپىياتنىڭ سىرتقى ئاپادىسى ئېنىق ، كەيپىياتى تۇراقسىز ، بەزىدە ناھايىتى خوشال ، بەزىدە قايغۇلۇق ،بەزىدە خاتىرجەم بەزىدە جىيلىخور ، سكز - ھەركىتى كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . ئوخشاش بىر مەسىلىگە نىسبەتەن ،ئۆزى ياخشى كۆرگەنگە بىر خىل ،ياخشى كۆرمىگەنگە بىر خىل ئىنكاس قايتۇرىدۇ . >5'C ئۈچۈنچى ، ئىرادە تېپتىكىلەر ، ئادەتتە ھەركەت نىشانى ئېنىق ، ئاكتىپ كەسكىن ، ئۆزىنى كونتۇرول قىلىش قابىليىتى يۇقۇرى بولىدۇ . سىرتقى ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچۇرايدۇ ، بەزىدە جايىللىق كۆرۈلىدۇ . hL+)XJu^J ئادەملەرنىڭ خارەكتېردە نوقۇل بىرلا تېپ ئىپادىلەنمەيدۇ . بىراق مەلۇم بىر تېپ ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . 'K"V{ [2] پسخىك پائالىيەتنىڭ تاشقى ئىپادىلىنىشى ياكى ئىچكى ئىپادىلىنىشىگە قاراپ خارەكتېرنى تاشقىي مايىپ تىپ ۋە ئىچكى مايىل تىپ دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىمىز . ئادەتتە مىجەز [ تېمپېرامېنت ] ئالاھىدىلىكى كۆپ قانلىق تېپى بىلەن سەپرا تېپتىكىلەرنىڭ خارەكتېر ئالاھىدىلىكى تاشقىي مايىل بولۇپ پسخىك پائالىيەتى سىرتقا قارىتىلغان بولىدۇ . ئۇلار ئىجتىمائىي مۇناھىۋەتكە ماھىر ، مۇھىتقا تېز ماسلىشالايدۇ . باشقىلارنىڭ باھالىرى بىلەن كارى بولمايدۇ . مىجەز ئالاھىدىلىكى سەۋدا تىپى بىلەن بەلغەم تىپىدىكىلەرنىڭ خارەكتىرى ئىچكى مايىل بولۇپ ، پسخىك پائالىيىتى ئىچكى قىسىمغا قارىتىلغان بولىدۇ .ئۇلار ئۆزىنى چىقىش نوقتىسى قىلىدۇ . ھېسسىياتى بىرقەدەر چوڭقۇر بولۇپ سىرتقا ئىپادىلەنمەيدۇ ، ئۇلار ئېھتىياتچان ، ئويلايدىغىنى كۆپ ، ئەمما ھەركىتى ئاز ، بەزىدە ئىنكاسى ئاستا ،ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى تۈۋەن ، مۇھىتقا ماسلىشىشى تۈۋەن ، باشقىلارنىڭ باھاسىغا ئېتىۋار بېرىشچان كېلىدۇ . بەزى ئادەملەر تاشقى مايىل بىلەن ئىچكى مايىلنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇلار ئىككى تىپنىڭ ئالاھىدىلىكى ئارىلاشقان بولىدۇ . 9l+'V0?` [3]شەخس پائالىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق دەرىجخسىگە ئاساسەن مۇستەقىل تىپ ۋە ئىتائەتچان تىپ دەپ ئىككى تىپقا بۆلىمىز . مۇستەقىل تىپ _ مۇستەھكەم ئېتىقادى بار بولغان بولىدۇ ، ئۇلار مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدۇ ، مەسىلىلەرنى بايقىيالايدۇ ۋە تەھلىل قىلالايدۇ ، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ . جىددىي مەسىلىلەرگە يولۇققاندا تەمكىن بىر تەرەپ قىلالايدۇ . !Z3iu ئىتائەتچان تىپتىكىلەر _ ئىش قىلغاندا مۇستەقىللىقى كەمچىل ، باشقىلارنىڭ تەسىرى ۋە كونتۇروللىقىغا ئاسان ئۇچرايدىغان كېلىدۇ . ئۇلار باشقىلارنىڭ پىكرىنى تەھلىل قىلماستىنلا قوبۇل قىلىدۇ . جىددىي مەسىلىلەرگە يولۇققاندا جىددىلىشىپ ئوڭاي بىر تەرەپ قىلالمايدۇ . i | |