مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       610 
  •    ئىنكاس 
       5 

ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا......

قەۋەت ئاتلاش
turkiyar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8952

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   172 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4156 (سوم)
 ياخشى باھا:   414 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   603  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2151
 سائەت
دەرىجىسى:
2151 سائەت 149 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-06

<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا> دىن ئاياللارنىڭ ساپاسى ھەققىدىكى تەھلىللەر
DX#Nf""Pw  
   ياپونىيە ئاياللىرى بىر-بىرىنىڭ كىيىمىگە سەپسېلىپ ،بىر- بىرىنىڭ قىممىتىنى ئۇچىسىدىكى لاتا ۋە مىتاللار بىلەن باھالايدىغان سەۋىيىدىن ئاللىبۇرۇن خوشلاشقان بولسا كېرەك .ئۇلار كىيىمنى كۆز -كۆز قىلىش رەۋىشتە ئەمەس ،بەلكى ئىنسانىي ھوزۇر سۈپىتىدە كىيىدىغاندەك تۇراتتى. كىيىم ئۇلار ئۈچۈن خاراكتىردىكى ئاجىزلىقنى بېزەيدىغان ئالامەت ئەمەس ئىدى، بەلكى بىر خىل تۇرمۇش سەنئىتى ئىدى. بىنادا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېتىۋاتقان ئادەم مىڭىۋاتقان پەشتاقنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ، كىيىم -كېچەككە كۆزى تويغان ئادەملەر ئۈچۈن كىيىممۇ ئەنە شۇنداق بىر نەرسە . كىيىم -كېچەك ئارقىلىق ئۆزىنى ھىسابقا ئۆتكۈزۈش ئەمىلىيەتتە نامراتلىقنىڭ يەنە بىر شەكلى بولۇپ ،كىيىمگە بولغان مەستانىلىق ئىنساننىڭ خاراكتىرى ۋە ۋۇجۇدىدىكى بىباھا گۈزەللىكنى خاراب قىلىدۇ، بۇ خۇددى كۆزنى ئۇيۇپ بېرىش بەدىلىگە كۆزەينەككە ئېرىشىشكە ئوخشايدۇ. xQ7l~O b  
      مەزكور تاتسۇنو كوچىدىكى يېزا ئاياللىرى شەھەردىكى ئاياللارغا ئوخشاشلا ياشلىقىدا زىلۋا ،،نازۇك ، ئەركىن بولۇپ ،ئىختىيارى ياشايتتى.ئۇلار ئەرلەر ئۈچۈن خوتۇنغا،بالىلار ئۇچۈن ئانىغا ئايلانغاندا،ئۆزلىرىنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە ۋاپادارلىغىنى نامايەن قىلاتتى،بارلىقىنى ئەرلىرىگە ۋە بالىلىرىغا ئاتىۋېتەتتى.ياپون ئاياللىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ھەقىقەتەن ئېغىر .بالىلار يەسلىگە كىرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ ،ئانىلارمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئۇقۇش ھاياتىغا قەدەم قويىدۇ . ھەپتىدە بىر ئىككى نۆۋەت يەسلى ۋە مەكتەپلەرنىىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىسا بولمايدۇ. ئۇلار ئوقۇتقۇچىغا ھەمكارلىشىپ ،بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىدۇ،بالىلىرىغا ھەر خىل تەربىيىلەرنى بېرىدۇ.ياپونىيە بالىلىرى مەكتەپكە كىرگەن ئانىلار ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە ،خىزمىتى بارلىرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدۇ-دە ،پۈتۈن زىھنىنى پەرزەنت تەربىيىسىگە قارىتىدۇ .ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خىزمەت قىلىپ ئېرىشكەن پايدا پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ ئارقىسىدىكى كۆرۈنمەس پايدىغا قارىغاندا ،ئەرزىمەس بىر نەرسە ئىدى.ئانىلار يەنە ئەرلىرىنى كۈتىدۇ،ئوي تازىلايدۇ.شۇنى كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ،ياپونلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئەڭ چەت بۇلۇڭىدىنمۇ ئەخلەت ۋە چاڭ توزاڭ تاپقىلى بولمايدۇ. ياپون ئاياللىرى پاكىزلىقنى گويا پاكىزلىققا شەيدا بولۇپ قالغاندەك ياخشى كۆرىدۇ. كاۋاساكىمۇ ئەنە شۇنداق پاكىزلاردىن بولۇپ ،مونچا لۈڭگۈسىدىن سەككىزنى تۇتاتتى، ئۇلارنى بىر قېتىم ئىشلەتكەندىن كېيىن تەلتۆكۈس دىزىنفىكسىيە قىلاتتى . ئۇنۇڭ يوتقان كۆرپىلىرى ۋە كىرلىكلىرىمۇ كۆپ بولاتتى. شۇ قەدەر ئالدىراش بولغان ياپون ئاياللىرى تۈرلۈك خالىس ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقىت چىقىراتتى، ئۇلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ،تاماق ئىتىشنى ئۆگىنەتتى، پىرەنىك پىشۇراتتى، مەنمۇ ئۇلارغا لاغمەن ۋە پولۇ ئېتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتىم. دوستلار ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇلار قۇرۇق پاراڭ سېلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزئارا بالا تەربىيلەش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇراتتى.......مەن ياپون ئاياللىرىنىڭ ئاشۇ خىل پائالىيەتلىرىگە قاتناشقىنىمدا ، تەبىئى ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قاتار چايلىرىنى ئەسلەپ قالاتتىم ، سەمىرىپ تىقىلىپ كەتكەن ئاياللار چۇۋۇلچاق گەپلەرنى دىيىشىپ ، تالاي ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتەتتى،ئۈستەلگە تۈرلۈك قورۇمىلار دۆۋىلەپ تىزىلغان ،سېمىز ئاياللار خۇددى ئولجىغا ئېرىشكەن ۋەھشىي گۆشخور ھايۋانلاردەك قورۇمۇلارنى يالماپ يالماپ يىيىشىدۇ. ئۇلار ئۆيلىرىگە بىر قانچە تېتىقسىز يۇمۇردىن باشقا ھىچنىمە ئۆگىنەلمەي قايتىشىدۇ. ^O?/yV?4c  
    كاۋاساكى بىلەن مۇرائۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەپەر ياپون قىزىنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ،سۆيۈملۇك ئىدى.ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى،ئەخلاقى ۋە ئېتىقادى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا قانداق تۇتۇشنى ،ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تىكلەشنى بىلەتتى،شۇنۇڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاددى چىرايىمۇ ئۆزلىرىگە مۇھەببەت ۋە قەدىرىيەت ئېلىپ كېلەتتى.بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا قارىسىڭىز شۇنداق چىرايلىق ،ئەمما ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىدا قىزلارغا خاس نازاكەت ئۆچكەن.ئۇلار ئۆزلىرىنى پەۋقۇلئاددە چىرايلىق دەپ بىلىپ ،قېتىۋالىدۇ .خۇرۇم يوپكا ۋە خۇرۇم ئىشتان كىيىشىۋالغان بەزى قىزلار كۆرەڭ ھالدا ئۆزىنى ئەركەك چىۋىن قونمىغان ئاقسوڭەك گۈزىلىدەك ھىساپلايدۇ.ئەمىلىيەتە ،ئۇلار ئەر -ئايالنىڭ خاراكتىر پەرقى نەزەرگە ئېلىنمىغان تەلىم -تەربىيىنىڭ مەھسولاتى بولۇپ ،ئەر -ئايال باراۋەرلىگىنى ئەر ئاياللار ئوخشاشلىغى دەپ چۈشىنەتتى.ئۇلار دۇنيانى ناھايىتى ئاز بىلىدۇ.شۇڭا ئۇلار ئامىركىنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن فىلىملىرىدىكى نامراتلار مەھەللىسىدە يۈرگەن كوچا لۈكچەكلىرىنىڭ تەقى -تۇرقىنى مودا قاتارىدا چۈشىنىۋېلىشقانىدى.نەتىجىدە <قاندىغاي>دىگگن ھايۋانغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تۇركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى بارلىققا كەلدى.ئۇلار بىرەر كىشىنى مەسئۇلىيەت بىلەن سۆيمەيدۇ ياكى سۆيدۈرەلمەيدۇ. {'7B6  
f\|w '  
مەنبە:80خالتا بلوگى ئۈچۈن تەييارلاپ يوللىغۇچى: كەۋسەر خانىم
[ بۇ يازما saptilak تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
bahirah
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13057

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1167 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10163 (سوم)
 ياخشى باھا:   693 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   549  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3585
 سائەت
دەرىجىسى:
3585 سائەت 185 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-28

ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ. بىزمۇ پەرزەنت تەربىيىسىگە شۇنچىلىك كۆيۇنگەن بولساق ھە! ئاياللار خىزمەت قىلسا بالىلىرىنى پۈتۈن زىھنى بىلەن تەربىيلەشكە ۋاقىت ئاجرىتالمايدۇ. ئاياللارمۇ ئادەم،ئۇلار ھەم خىزمەت قىلىپ پۇل تىپىپ،ھەم بالا بىقىپ يەنە تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ،قايسى بىرىگە يىتىشىدۇ؟ لىكىن بەزى ئاياللار خىزمەت قىلىشنى ئەركىنلىكنىڭ ئسپاتى قىلىۋالىدۇ. O %\*@4zM  
ئىنكاسىمغا قارىتا قوپال گەپلەرنى قىلماڭ، بۇ مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم.
 
ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ للە پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!
DAWRAN0991
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3503

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   295 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7072 (سوم)
 ياخشى باھا:   206 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4549
 سائەت
دەرىجىسى:
4549 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-28

ياپۇنىيە جەمىيىتىدىكى سامۇراي خوتۇن-قىزلىرى بىلەن ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنى ئوبدان سىلىشتۇرما قىپسىز،ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
 
TORGONJAN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10856

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   876 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   39 (سوم)
 ياخشى باھا:   367 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   369  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1519
 سائەت
دەرىجىسى:
1519 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-20
ئاخــىرقىسى:2011-09-24
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-28

ياپۇنلارنىڭ تەربىيللرى...بەك ياخشى بولۇپمۇ.....ئەر-ئاياللار ھۆرمىتى..ئاتا--بالىلار ھۆرمىتى....
 
mihir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.594

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   887 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9018 (سوم)
 ياخشى باھا:   302 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   276  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5914
 سائەت
دەرىجىسى:
5914 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-28

  بۈگۈنكى ئەڭ ياخشى تىما  دەپ ھىساپلايمەن ،  چوقۇم مۇنازىرە قىلىشىم كىرەك دەپ ئويلىسام ،چەتئەل ئاياللىرى بىلەن بىزنىڭ پەرقىمىز نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىپادىلنىدۇ . مەسىلەن ،ئىختىزاد گۈللەنگەن ، مەدىنىيەت سەۋىيىسى يۇقۇرى ، ئىستىمال جەھەتتە تويۇنغان ،ئەمىلىيەتتە دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەمدىن بارلىققا كەلگەن . پۇت- قوللىرىمىز بىر- بىرىمىزگە ئوخشايدۇ  بىرلا ئىتىقادىمىز ئوخشىمايدۇ ، بىزنىڭمۇ ئۇلاردىن قىلىشقىچىلىكۈمىز يوق ..................
 
xaxalim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4175

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   900 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7381 (سوم)
 ياخشى باھا:   508 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   472  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6125
 سائەت
دەرىجىسى:
6125 سائەت 165 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-28

بىر چەتلىك قەشقەر ئالتۇن بازرغا بىرىپ  ئۇيغۇر ئايالىرى دۇنيادا ئەڭ باي دىگەنمش
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى