مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       9323 
  •    ئىنكاس 
       125 

مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا!(تەۋسىيە)

قەۋەت ئاتلاش
Asman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3590

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   453 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19073 (سوم)
 ياخشى باھا:   523 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   786  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3740
 سائەت
دەرىجىسى:
3740 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
— بۇ تېمىنى Misranim باشقۇرغۇچىلار رايونى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-06-03) —

مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بارلىق باشقۇرغۇچى-ئەزالىرىغا! 
 

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىمىزنىڭ بارلىق مۆھتەرەم ئەزالىرى !  
ئاسماندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!  كەمىنە مۇنبەردىكى بىرىنجى تېمامنى مۇنبەر توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى قاراشلىرىم بىلەن باشلىماقچى ، ھەربىر مىسرانىم ئەزاسىنىڭ 5 مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ ئوقۇپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن.

      مۇنبەر دىگەن نىمە؟
  مىنىڭچە ھەممىمىزنىڭ كۈندۈلۈك تور تۇرمۇشىمىزدا  <مۇنبەر>نىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاز ئەمەس ، ئۇنداقتا سىز خۇددى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى دەرىسلەردىكىدەك ئۆزىڭىزگە <مۇنبەر> دىگەن بۇ سۆزگە ئېنىقلىما بىرىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر بىرىپ باقمىغان بولسىڭىز  ھازىرلا كاللىڭىزدا بۇ ئىبارىگە ئىنىقلىما ھاسىل قىلىڭ.
   <مۇنبەر>گە ئېنىقلىما بىرىش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان تەركىب <تېما> ۋە <ئىنكاس>  ، ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق <مۇنبەر> بىر كىتاب جازىسىغا ئوخشايدۇ ، <تېما ۋە ئىنكاس>لار كىتاب جازىسىدىكى چوڭ-كىچىك كىتاب ، ژورناللارغا ئوخشايدۇ ،  كىتاب جازىسى  بىلەن  كىتابنى سىلىشتۇرىدىغان بولساق سىزگە  ئەك كۆپ  نەپ  ئاتا قىلدىغىنى كىتاب جازىسى بولماستىن ئۇنىڭ ئۈستىگە تىزىلغان كىتابلاردۇر.  
        دىمەك ، مۇنبەرنىڭ جېنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى نادىر تېمىلار ۋە ئۇنىڭغا بىرىلگەن نادىر ئىنكاسلاردۇر.  مۇنبەردىكى پۈچەك تېما-ئىنكاسلار بولسا كىتاب جازىسىغا تىزىلغان كىشىگە قىلچىلىك ئەھمىيىتى بولمايدىغان ، يىللارمۇ-يىللار ھىچكىشى قولىغا ئىلىپ كۆرۈشنى خالىمايدىغان كىتابلارغا ئوخشايدۇ.  
       مىسرانىم مۇنبىرى قۇرۇلۇپ بۈگۈنكى كۈندە 20مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى ۋە ئىچىدىكى ئەڭ يىڭى ، ئەڭ نادىر تېمىلىرى بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى يۇقىرى پەللىنى ساقلاپ كەلمەكتە ، مۇنبىرىمىزنىڭ ھازىرقىي ھالىتىنى ساقلاش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقىگە تىخىمۇ زور روھىي نەپ بىرىش مىسرانىمنىڭ ئۇلۇغ غايىسى ھەمدە مەسئۇلىيىتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن مىسرانىم قۇرغۇچىلىرىغا ھەمدە باشقۇرغۇچىلار كوللىكتىۋىغا ۋاكالىتەن مۇنبەر ئۇنۋىرساللىقى ۋە مۇنبەر خاسلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېما يوللىغۇچى ئەزالارغا  تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەرنى ئورۇنداشنى تەلەپ  قىلىمەن:

1.ئەزالارنىڭ قىسقا ۋاقىتتا بىر قانچە  تېمىنى ئارقا-ئارقىدىن  يوللىشى چەكلىنىدۇ. 
   بەزى ۋاقىتلاردا قارايدىغان بولساق يېڭى تېمىلار تىزىملىكى بىر ئەزانىڭلا   تېمىلىرى بىلەن تولۇپ  كىتىدۇ ، بۇ خىل ئەھۋالدا تېمىلىرى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تەستىقلانماي قالغان ئەزالاردا غەيرىي تۇيغۇ ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنى پەيدا قىلىپلا قويماسىتىن مۇنبەرنىڭ ئۇنۋىرساللىق ئالاھىدىلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇ سەۋەبدىن ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقا ۋاقىتتا مۇنبەرگە بىرلا  ۋاقىتتا بىرقانچە تېمىلارنى ئار-ئارقىدىن يوللىمىغايسىز ، ناۋادا بۇ ئەھۋالنى يەنە سادىر قىلىپ تېمىڭىز تەستىقلانمىسا ھەرگىز باشقۇرغۇچىلاردىن ئاغرىنماڭ.
 
2.يېڭى تېما يوللاشتىن بۇرۇن تېمىلار تىزىملىكىدىكى تېمىلارنى بىرقۇر كۆرۈپ چىقىڭ.
مۇنبەرگە تېما يوللاشتىن ئاۋال چوقۇم مۇنبەردىكى يېڭى تېمىلار تىزىملىكىدىكى تېمىلارنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىڭ . ناۋادا سىز  بىر  رەسىملىك تېما يوللىماقچى ئەمما يېڭى تېمىلار تىزىملىكىدە رەسىمنى ئاساس قىلغان تېمىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن بولسا  تېمىڭىزنى باشقا ۋاقىتتا يوللاڭ . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب تېمىڭىزنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاشۇرۇش ، ھەرقانداق ئادەم مۇنبەرگە كىرىلا يېڭى تېمىلارغا كۆز يۈگۈرتىدۇ ، ناۋادا باشقىلارمۇ رەسىملىك تېما يوللاپ سىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ رەسىملىك تېما يوللىسىڭىز كىشىدە بىئاراملىق تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ  ھەمدە بۇ مۇنبەرنىڭ خاسلىقىغا ئالاھىدە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ ، چۈنكى مۇنبىرىمىز ئۇنۋىرسال مۇنبەر ،ھەرگىزمۇ رەسىمنىلا ۋەياكى شېئىرنىلا ئاساس قىلغان مۇنبەر ئەمەس ،  مۇنبەردىكى 20مىڭدىن ئارتۇق  چوڭ-كىچىك ، ئوتتۇرا-ياش ھەممە ئەزانىڭ ئىھتىياجىدىن قاندۇرۇش ، روھىي دۇنياسىنى بىيىتىش  مۇنبىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى. 
 
3.تېما يوللىغاندا تېما ماۋزۇسىىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىڭ.
ماۋزۇ تېمىنىڭ ناھايىتى مۇھىم قىسمى ، بەزىدە ماۋزۇ  تېمىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىشى مۇمكىن ، ماۋزۇ تاللىغاندا چوقۇم تېمىڭىزنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى روشەن ئىپادىلەپ بىرىدىغان قىلىپ تاللاڭ ، بەك ئۇزۇن ھەم بەك قىسقا ماۋزۇ كىشىنى ئۆزىگە قىزىقتۇرالمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماۋزۇ يازغاندا ئىلمىيلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بىرىڭ ، يەنى تېمىڭىزنىڭ ماھىيىتىگە قارىتا ئۇنىڭ ئالدىغا قوشۇمچە يېزىڭ ، يەنى شېئىر بولسا [شېئىر] ، نەسىر بولسا [نەسىر] ، ھىكايە بولسا [ھېكايە] ،جىددىي ئۇقتۇرۇش ، خەۋەر ، ياردەملەر بولسا [جىددىي] ، [خەۋەر] ، [ياردەم]دىگەندەك قوشۇمچىلارنى يېزىڭ ، كۆچۈرۈلگەن تېما بولسا [كۆچۈرۈلمە]دەپ ئېنىقلىما قوشۇڭ ، بۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ئىلمىيلىكى ئىپادىلەيسىز ، مۇنبەرنىڭ خاسلىقى،ئوبرازىنى ئاشۇرىسىز ھەمدە  باشقىلارنىڭ قەلبىدە ياخشى ئورۇن ئالالايسىز ، يەنە بىر مەسىلە ، كۆپۈنچە ياردەم سوراپ تېما يازغانلار تېمىسىنىڭ ماۋزۇسىنى (جىددىي ياردەم سورايمەن) ، (ماڭا ياردەم لازىم) دىگەندەك ماۋزۇلارنىڭ يازىدۇ ، بۇنداق تېمىلارغا كۆپلىگەن ئەزالار ئانچە ئېتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ ، شۇڭا ، ياردەم سوراپ تېما يازسىڭىز چوقۇم ماۋزۇغا نىمىدىن ياردەم سورىدىڭىز يەنى كومپىيوتۇردىن ياردەم سورىسىڭىز (كومپىيوتۇردىن ياردەم سورايمەن) ۋەياكى (توردا مال سېتىۋىلىشتىن ياردەم سورايمەن)دىگەندەك ماۋزۇلارنى تاللىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. 
 
4.  كۆچۈرۈلگەن تېما يوللىغاندا تېمىڭىزنىڭ مۇنبىرىمىزدە تەكرار تېما بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىڭ.
    مىسرانىم مۇنبىرى ئىجادىي تېمىلانى بەكرەك تەلەپ قىلىدۇ ، ناۋادا ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىلار بولسا ئەڭ ئاۋال چوقۇم مۇنبەرنىڭ ئۈستى سول تەرىپىدىكى <ئىزدەش>دىگەن ئىقتىدارىنى بىسىپ كۆچۈرۈپ يوللىماقچى بولغان تېمىڭىزنىڭ ماۋزۇسىنى ئىزدەپ بىقىپ مۇنبىرىمىزدە يوللانمىغان تېما ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن تېمىنى يوللاڭ ، كۆچۈرۈلگەن تېمىڭىزنىڭ ئېنىق مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنىمۇ ھەرگىز ئۇنۇتمىغايسىز.

5.تېما يوللىغاندا تېمىڭىزنىڭ كۆرۈنىشىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىرىڭ.
قىسمەن ئەزالار بىر-ئىككى قۇر شېئىر ، بىرەر تال ناخشا-فىلىم دىگەندەكلەرنى تېما قىلىپ يوللاۋاتىدۇ ،يەنە بەزى تېمىلاردا بولسا ئېملا خاتالىقى ناھايىتى ئېغىر ، بۇنداق تېمىلارنى بۇنىڭدىن كىيىن قەتئىي تەستىقلىمايمىز ، تېمىڭىزنىڭ تەستىقلىنىشىنى ، كەڭ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىنى ئۈمۈد قىلسىڭىز تېمىڭىزنىڭ قايتا-قايتا تەھرىرلىڭ ، ئېملا خاتالىقىنى تەكشۈرۈڭ ، تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا ، مۇۋاپىق ئىشلىتىڭ ، جۈملە ، بۆلەك ، ئابزاسلىرىنى ئېنىق ئايرىڭ ، ئەگەر زۆرۈر بولغان ئەھۋالدا رەسىم ، مۇزىكىلارنى قوشۇپ تېمىڭىزنىڭ يارقىنلىقىنى ، جەزبىدارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ماھىر بولۇڭ.
6.رەسىملىك تېما يوللىغاندا رەسىمنىڭ كىلىش مەنبەسىگە دىققەت قىلىڭ.
مۇنبەرنىڭ قوشۇمچە يوللاش ئىقتىدارى ئېتىۋىتىلگەنلىك سەۋەبلىك مۇنبىرىمىزگە ۋاقتىنچە قوشۇمچە يوللىغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا رەسىملىك تېما يوللىغاندا baidu ۋە باشقا ئىزدەش ماتورىدىن تىپىۋالغان رەسىملەرنى مۇنبەرگە ئىشلەتسىڭىز رەسىملىرىڭىز ئۆزىڭىزگە نورمال كۆرۈنگىنى بىلەن باشقىلارغا نورمال كۆرەنمەيدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى رەسىملىرىڭىزنى ئىشەنچلىك مەخسۇس رەسىم بىكەتلىرىگە يوللاپ ئاندىن شۇنىڭ ئادىرىسنى ئىشلىتىڭ ، مېنىڭچە ھازىرقىي كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇنۋىرسال بىكەتلىرىنىڭ رەسىم قانىلىغا ئەزا بولۇپ شۇ يەرگە يوللاشمۇ ئاقىلانىلىك چۈنكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك رەسىملىرىنىڭ باشقا تورلاردا ئىشلىتىلىشىنى چەكلىمەيدۇ.

7.تېمىڭىزنى يوللىغاندا ئۆزىڭىزدە بىر نۇسقا ساقلىۋىلىڭ.
بۈگۈندىن ئىتىبارەن تېما يوللىغاندا چوقۇم تېمىڭىزنى ئۆزىڭىزدە بىر نۇسقا ساقلىۋىلىشقا ئادەتلىنىڭ ، بولۇپمۇ ئىجادىي تېمىلارنى يازىدىغان ئەزالارنىڭ بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز ، تېمىڭىز يوللانغاندىن كىيىن تەستىقلانماي باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتسە بىز تېمىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە مەسئۇلىيىتىمىز يوق. باشقۇرغۇچىلارمۇ تېمىڭىزنى ئۆچۈرۈشتىن ئاۋال چوقۇم سىزگە قىسقا ئۇچۇر شەكىلدە خەۋەرلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 
    
8 - تېما يوللىغاندا مەنبەنى چوقۇم توغرا ئەسكەرتىڭ.
بۈگۈندىن باشلاپ تېمىڭىزدا مەنبە <خاتىرەم،يوللانمام،ساقلانمام، تور دۇنياسى> دېگەندەك مەنبەلەر بولسا تېما تەستىقلانمايدۇ. تەرجىمە ئەسەرلەر بولسا چوقۇم تەرجىمە قىلغان مەنبە بولسۇن! ھېكايە رومانلار بولسا ئاپتورى ھەم نەدىن كەلگىنى ئېنىق بولسۇن! خەۋەر بولسا ئېنىق ئۇلانما ئادىرسى بولمىسا تەستىقلانمايدۇ. ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ يازغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان سۆز - ئىبارە قوشۇپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.مەنبەنى چوقۇم توغرا يېزىشقا ئادەتلىنىڭ . نەچچە سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئەجىر قىلىپ يازغان تېمىغا كىچككىنە مەنبە قوشۇش ئېغىر كېلەمدۇ؟مەنبەسىز يازمىلارغا ئەسكەرتىش بېرىمىز ،2~3 سائەتكىچە مەنبەنى يەتكۈزسە چىقىرىپ بېرىمىز بولمىسا ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز ..يالغان مەنبەلىك تېمىلارنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تېپىۋالساق مۇۋاپىق چارە كۆرىشىمىز مۇمكىن. 

 يۇقارقىلىرى تېما يوللاش توغرىسىدا قويۇلىدىغان تەلەپلەر ئەزالارنىڭ ئاكتىپ ئېتىبار بىرىشىنى سەمىمىي سورايمىز ، ئىنكاس يوللاش توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆزقارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن:   

  ئىنكاس دىسىلا 2005-يىللىرى بۇرۇنقى بىلىك كۇلۇبىغا يوللانغان <بىزمۇ چولپان ياساپ چىقايلى>ماۋزۇسىدىكى بىر تېما ئېسىمگە كىلىدۇ ، ئۇ تېمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بىزمۇ كۆڭلىمىزدىكى چولپانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىرەر چولپان تاللاپ چولپان ياساش ئىدى ، 10 قەۋەتكەن يىقىن ئەزا ناخشىچى ، ئۇسۇلچى ، ئىتوتچى ، كىنوچى دىگەندەك نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بولغان ھىرىسمەنلىكىنى قالدۇرۇپتۇ ، ئىنكاسلارنىڭ 2-بىتىدە بىر تورداش ئىككىلا ئېغىر جۈملىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ پۈتۈن مۇنبەردە بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى، ئۇ تورداشمۇ شۇ ئىككى ئىغىز سۆزى بىلەنلا پۈتۈن بىلىك كۇلۇبىدا نامى چىكەتكەن ئىدى ، ئۇ قالدۇرغان ئىككى جۈملە بولسا :

سەنئەتخۇمار خەلق سەرسانلىقتا ياشايدۇ ،
بىلىمخۇمار خەلق سەردارلىقتا ياشايدۇ .
 

   دىمەك ، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقى مۇھىم ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى ئىنكاسىڭىزنىڭ شۇ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى ،شۇ تېمىغا بولغان ئەھمىيىتى ۋە ئىلمىي ئاساسىي . ئەلۋەتتە ئىنكاسىڭىز-تېمىلاردا لوگىكا ، گىرامماتىكا ۋە ئېملاغا ئالاھىدە ئېتىبار بىرىش ھەمىمىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇ.
 
 يەكۈن ، مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەتىسى سىزنىڭ نادىر تېما ۋە ئىنكاسلىرىڭىزدىن ئايرىلالمايدۇ ، ھەممىمىز بىرلىكتە مىسرانىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىلىم ئۆگىتىش ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ، روھىي دۇنيانى كىڭەيتىش ماكانى قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى!

تېمامنى تۆۋەندىكى ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇراي ،

ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر تال سەرەڭگىگە ئوخشايدۇ ، بەزى سەرەڭگىلەر يېقىلىپ خىلى ئۇزۇن ئوت يىنىپ ئاندىن ئۆچىدۇ ، بەزىلىرى بولسا ئوت يېىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈپ قالىدۇ ، يەنە بەزىلىرى بولسا يانمايلا كىرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ھەممىمىز ئۆز ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى!  
 
[ بۇ يازما Asman تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 6 پارچە
قىزغىن مۇنبەر پۇلى +300 02-21 -
سەھرا ئوغلى مۇنبەر پۇلى +200 2010-10-29 جاپا تارىتتىڭىز.
katran مۇنبەر پۇلى +199 2010-10-27 قىزغىن چاۋاك..... تۇزى كېلىشكەن تائامدەكلا سۆزلەر.
قەھۋە مۇنبەر پۇلى +100 2010-10-27 جاپا تارتىپسىز،رەھمەت!
menggutax مۇنبەر پۇلى +100 2010-10-26 ئېسىل
ئېنتىل مۇنبەر پۇلى +100 2010-10-26 يارايسەن
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىدىغان كىشى،سېنىڭ ئەيىبىڭنىمۇ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ……..

   www.Uyghur.cc
obulkasemjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7967

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   62 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1014 (سوم)
 ياخشى باھا:   179 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   289  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 670
 سائەت
دەرىجىسى:
670 سائەت 100 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-26
ئاخــىرقىسى:2011-02-25
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

توغرا ئويلاپسىز، سىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىقىڭىز زايا كەتمەپتۇ، مەن سىزنى قوللايمەن.
 
ئىدەم ھايۋەندەك ياشىمىغان ياخشى
ئىسىل بولغۇلۇق؟
jalipkar!
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6549

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   467 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7650 (سوم)
 ياخشى باھا:   224 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   371  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2168
 سائەت
دەرىجىسى:
2168 سائەت 132 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى!
 
جەلىپكار!
rinat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12764

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   63 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5283 (سوم)
 ياخشى باھا:   180 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   250  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 177
 سائەت
دەرىجىسى:
177 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-05
ئاخــىرقىسى:2011-05-04
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

باشقۇرغۇچىلارغا،ئەزالارغا تەكلىپ دەيدغىان نۇرغۇن تېمىلار بارلىققا كەلدى شۇلار ئېچىدە بۇ مەن ھازىرغىچە كۆرگەن ئەڭ مۇكەممەل تەۋسىيە بوپتۇ.
مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن.
 
ۋىجدان سنى قۇچاقلىمىسا سەن ۋىجداننى قۇچاقلىۋال چىڭ
سىھىرگەر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13359

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   389 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4381 (سوم)
 ياخشى باھا:   385 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   682  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4861
 سائەت
دەرىجىسى:
4861 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

سەنئەتخۇمار خەلق سەردانلىقتا ياشايدۇ ،  
بىلىمخۇمار خەلق سەردارلىقتا ياشايدۇ .  

بۇ كوپىلىتلا  ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سالىدۇ.
 
جىنازىنى كۆتۈردى تۆت ئەر،
ئارقىسىدىن ئەگەشتۇق يۈز ئەر.
يەتتە كەتمەن توپا تاشلىدۇق،  
قىلدى روھى دوزاخقا سەپەر،
چۈنكى پىچاق غىلاپتا،  
ئۇ ئۈلۈپتۇ كارۋاتتا.
kun^kiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1356 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14693 (سوم)
 ياخشى باھا:   419 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   286  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4121
 سائەت
دەرىجىسى:
4121 سائەت 219 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

ھەمىمىز بىرلىكتە مىسرانىمنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن بىر كىشلىك  تۆھپىمىزنى قوشايلى . ئىنكاس يىزىش  تېما بىرىش توغۇرسىدىكى  تەلەپلەرنى  قىسمەن   تورداشلارنىڭ تەپسىلىرەك ئوقۇپ ئۆتىشىنى ئۈمۈت قىلمەن .
 
پىكىر قىلىۋاتىمەن دېمەك مەۋجۇتمەن!!
خەيىر-خوش جېنىم سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭمۇ بەختىم!!
خوراز
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2645

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   652 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15142 (سوم)
 ياخشى باھا:   504 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   516  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9052
 سائەت
دەرىجىسى:
9052 سائەت 398 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

ناھايىتى ئەترەپلىق ئوي پىكىر بوپتۈ. مەن ھەر قېتىم تېمىنى شۈندالا يوللايمەن، تېمام ئاسمانغا ئۈچۈپ كەتتمىۈ ،يەگە كىرىپ كەتىتىمۈ پەقەت تاپالمايدىكەنمەن. يوللىغان تېمامنى نەدىن ئىزدەيمەن.
 
بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟
axkar
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1854

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1250 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3041 (سوم)
 ياخشى باھا:   357 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4343
 سائەت
دەرىجىسى:
4343 سائەت 297 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

قولىمىزدىن كىلىشىچە كۈچەيمىز .
 
دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!
ANWAR425
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1984

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   585 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6864 (سوم)
 ياخشى باھا:   248 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   293  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3803
 سائەت
دەرىجىسى:
3803 سائەت 247 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

بۇ  ياخشى تەكلىپ بۇلۇپتۇ  ،  كۆڭلىڭىزگە  كەلمىسە  دەۋىتەي  سىزمۇ ئىملاغا كۆپرەك دىققەت قىلغان بۇلسىڭىز  ،سىلەر باشقۇرغۇچىلار نىڭ خىزمىتىنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن  سىزگە  رەھمەت .
 
http://tejelliy67.blogbus.com
KAREZ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6487

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   769 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3593 (سوم)
 ياخشى باھا:   421 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   370  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1503
 سائەت
دەرىجىسى:
1503 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

قۇلىمىزدىن كىلىشىچە ھەسسە قوشىمىز !!!  
[ بۇ يازما KAREZ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

 
ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ،
ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ،
سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز .
جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 
پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10336

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4407 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   37639 (سوم)
 ياخشى باھا:   2284 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2465  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4843
 سائەت
دەرىجىسى:
4843 سائەت 107 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

تېما يوللىغاندا، ئىنكاس يوللىغاندا يۇقىرىقى ئۆلچەمگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا بارلىق كۈچۈم بىلەن تېرىشىمەن.
 
ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن،
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر
دەۋرانجان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1447

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   691 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4780 (سوم)
 ياخشى باھا:   340 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   455  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5258
 سائەت
دەرىجىسى:
5258 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-26

ئاقىلانە پىكىردىن بىرنى كۆرگەنلكىمدىن خۇرسەنمەن
ئەگەرتېمىلار يۇقۇردا دىيلگەن تەلەپ بۇيۇنچە مۇنبەرگە چىقسا مۇنبەرنىڭ تىزلا ئۇيغۇرمۇنبەرلىرى ئارىسىدا ئەڭ مۇكەممەل مۇنبەر بۇلىشىدا گەپ يوق

ھازىرچە مۇنبەردە شئېرلارنڭ سانى ئەڭ كۆپ  بولسا يۇقۇردىكى تەلەپنى ئەمەلىليلەشتۈرۈپ  بىر شېئر، بىرھېكايە،بىررەسىم تېمىسى،بىركومپىيوتىر بىلىملىرى تېمىسى مۇشۇنداق چىقارسا  مۇنبەرنىڭ ھەقىقىي ئۇنۋىرسال خاراكتىردىكى مۇنبەر ئىكەنلىكى نامايەن بۇلۇپ تۇردىۇ ھەم مۇنبەرنىڭ تىزلا ئۇيغۇرمۇنبەرلىرىنىڭ سەردارى بولىشغا گەپ كەتمەيدۇ .
ئاخىردا دەيدىغنىم مىسرانىم ئالغا مىسرانىم كەلگۈسى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى .

سەردانلىق مۇشۇسۆزنى چۈشۈنەلمىدىم
 
ئىزچىل تىرىششى ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەش مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى