مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       928 
  •    ئىنكاس 
       8 

دىۋانىلەر ئۇرۇشى

قەۋەت ئاتلاش
ئۈمىد
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1423

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   88 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6421 (سوم)
 ياخشى باھا:   253 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6834
 سائەت
دەرىجىسى:
6834 سائەت 186 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-09

دىۋانىلەر ئۇرۇشى F[CT l3X  
                                               (ھېكايە) :Jeo_}e 0  
# 
    جۈمە كۈنى ئىدى. دادام بىلەن بىللە مەھەللە ئايىغىدىكى مەسچىتكە جۈمە نامىزى ئۆتىگىلى باردىم. بۇ دادامنىڭ مېنى تۇنجى قېتىم مەسچىتكە جۈمە نامىزى ئۆتەشكە ئاپىرىشى ئىدى (چۈنكى مەن كىچىك ئىدىم). بۈگۈن بۇ يەر بۆلەكچىلا قىزىپ كەتكەنىدى. مەن مەسچىت ئالدىدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدىم. چۈنكى بۇ يەر ھازىر، مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن-كەچتە مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىمدە كۆرگەن يەرگە قەتئىيلا ئوخشىمايتتى. مەسچىت ئالدى خۇددى بىر كىچىك بازارغا ئوخشاپ قالغانىدى. قاسساپلار، زاسۈيچىلەر،ناۋايلار، جايناماز كۆتۈرۋالغان بالىلار،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇششاق سودا قىلىدىغان تىجارەتچىلەر مەسچىت ئالدىدىكى يول چەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، كىچىك-كىچىك يايمىلارنى ئېچىپ بۇيەرنى باشقىچە بىر تۈسكە كىرگۈزىۋەتكەنىدى.... A!{.|x[S44  
*NW QmC~  
  ــ نېمانداق كۆپ ئادەم بۇ؟ ــ دەپ سورىدىم دادامدىن. M%&A.j[  
qB F!b0lr  
  ــ بالام، بۇ دېگەن ھەپتىدە بىر كېلىدىغان جۈمە نامىزى، ئادەتتە بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ئوقۇمايدىغانلارمۇ جۈمە نامىزى ئۆتەشكە كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا تىجارەتچىلەرمۇ بۇنداق ئوبدان سودا پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشنى خالىمايدۇ، ــ دەپ ئاددىيلا چۈشەنچە بەردى دادام. sm;E2BR$ `  
nuSN)}b 
   ئەتراپقا قىزىقىش ئىچىدە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن دادامغا ئەگىشىپ مەسچىت ئىچىگە كىردىم. مەسچىتدىكى ئادەملەر خۇددى بىزنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىمىز قاتارغا تۇرغۇزغاندەك رەتلىك، قاتار بولۇپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. wb6L? t  
f6B-~x< l  
  ــ دادا، ئۇلارنى كىم بۇنداق رەتلىك ئولتۇرغۇزىدۇ؟ــ دېدىم مەن. n @ &"+  
Q(|P Zn g  
  ــ ناماز دېگەننى شۇنداق رەتلىك تۇرۇپ ئوقۇيدىغان گەپ، بولدى، بولدى، جىم ئولتۇر،ــ  دېدى دادام.   @S}/g/+2  
]C16y. ~e  
   سۇننەت نامىزىنى ئوقۇپ بولدۇق، مەزىن پەرز نامىزىغا ئەزان توۋلىغاندا ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئۆتەشكە تەييار بولۇپ، قاتارلىرىنى قايتا تۈزەپ ئىمامنىڭ نامازنى باشلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى. مەنمۇ دادامنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇشقا ھازىر بولۇپ تۇردۇم. تۇيۇقسىز سىرتتىكى تىجارەتچىلەر يادىمغا كېلىپ سىرتقا قارىدىم. ئۇلار تېخىچە مەسچىت سىرتىدا تۇراتتى. ھەيران بولۇپ دادامدىن سورىدىم. fvcW'T}r  
+0XL5( '2  
   ــ دادا، ئۇ تىجارەتچىلەر ناماز ئوقۇمامدۇ؟ ?a5h iN0  
J~Cc9"(  
   دادام مېنى سىلكىشلەپ بىرنى ھومىيىپ قويۇپ گەپ قىلماي ئالدىغا قارىدى. ئاڭغىچە ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازنى باشلىدى. مەنمۇ ئەتراپىمدىكىلەرگە ئەگىشىپ، نامازنى دادامنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئوقۇدۇم. 3CR@' qG-  
D]IBB>F  
  نامازدىن يانغاندىن كېيىن دادامدىن سورىدىم: #z ON_[+s9  
C:`;d&d  
  ــ بايا نېمىشقا سوئالىمغا جاۋاپ بەرمەيسەن؟ gNShOu  
>i "qMZ  
    دادام ماڭا يەنە بىرنى ھومىيۋېتىپ،ــ نامازغا تۇرغاندا گەپ قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ ئۆگەتتىمغۇ ساڭا،ــ دېدى. 9G0D3F  
;{vwBDV!'  
  ــ ئەمىسە ھازىر جاۋاپ بەر،ــ دېدىم مەن ئۇ تىجارەتچىلەرنىڭ ناماز ئوقۇمىغىنى كاللامدىن ئۆتمەي. ++< -  
,7GWB:Sk  
  ــ نېمانداق تولا سوئال سوراۋېرىسەن ئۇلار نامازغا كىرىپ كەتسە، ئۇ نەرسىلىرىگە كىم قارايدۇ؟ ــ دېدى دادام. ]' Y|N l  
kv6Cp0uFg  
  ــ سەن ناماز ئوقۇش دېگەن مۇسۇلمانغا پەرز دېگەنتىڭغۇ؟ ئونىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەم نامازغا كىرىپ كېتىدىغان تۇرسا، ئۇ نەرسىلەرگە  قاراشنىڭ ھاجىتى نېمە؟ مەسچىت ئالدىدا ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى كىم ئېلىۋالاتتى، ــ دېدىم مەن ھەيران بولۇپ. Nln`fE/Ht  
m9in1RI%  
  ــ بالام سەن تېخى كىچىك، چوڭ بولغاندا بىلىپ قالىسەن، ھازىر ھېچنىمىگە ئىشەنگىلى بولماس بولۇپ كەتتى. ھەتتا مەسچىت ئىچىدىكى ئاياغلارمۇ يۈتۈپ كېتىدىغان تۇرسا...  ھەي، ئۇ خەقلەر ئۆزىنىڭ نېمىگە مەسچىتكە كىرگىنىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئاللاھ ئىگەم كەچۈرگەي ئۇلارنى، دەپلا گېپىنى تۈگەتتى. .evbE O5  
0RUi\X4HI  
   دادام بىلەن شۇ گەپلەرنى دېيىشىپ، مەسچىتتىن ئەمدىلا چىقىشىمىزغا تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىشلار يۈز بەردى. جاھاننى بىردىن يىغا ئاۋازلىرى قاپلاپ كەتتى. بىرمۇنچە دىۋانىلەر مەسچىت ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كېلىۋېلىپ، ئېچىنىشلىق توۋلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يىرىڭ ئېقىپ تۇرغان پۇتلىرىنى كۆرسىتىپ ئىڭرىسا، بەزىلىرى كۆزىنىڭ كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئېچىنىشلىق يىغلايتتى. يەنە بەزىلىرى بولسا، كىچىك بالىلىرىنى ئالدىغا قويۇۋىلىپ، «ئاللاھ ھەققىدە بالامغا ياردەم قىلساڭلار» دەپ نالە قىلاتتى. مېنىڭ ئۇلارغا بەكلا ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. يانچۇقۇمدا نۇرغۇن پۇل بولسا، ھەممىسىنى شۇلارغا بەرسەم، دەپ ئويلاپ كەتتىم. A{# Nwd>  
H~noJIw#  
   لېكىن مەسچىتتىن چىققان ئادەملەر ئۇلارنى كۆرمىگەندەك، ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلىمىغاندەك، دىۋانىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماي، ھەممىسى ئۆز يولىغا كېتىۋاتاتتى. چوڭ ئادەملەر بەكلا تاش يۈرەك بولىدىكەن، بۇ بىچارىلەرگە ھېچكىممۇ قاراپ قويمىدى، ــ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ۋە دادامدىن : *U;'OWE[  
)p 
  ــ دادا، ئۇ ئادەملەر نېمىشقا بۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ؟ــ دەپ سورىدىم. ~vH k&r]|  
-(i(02P X  
  ــ ئوغلۇم، سەن تېخى كىچىك، چوڭ بولغاندا بىلىپ قالىسەن ــ دېدى دادام. (مېنىڭ جىق سۇئاللىرىغا دادام مۇشۇنداقلا جاۋاپ قايتۇراتتى، لېكىن مەن بۇ جاۋاپنى تازا چۈشەنمەيتتىم.....) 7FLXx?nLY  
O}Hf 6 2"  
  ــ  ئۇلار ياردەم قىلمىسا مەيلى، لېكىن بىز ياردەم قىلايلى،ــ دېدىم مەن دادامغا. دادام ماڭا قاراپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ،ــ مە، تۇت بۇنى ئاپىرىپ بەر،ــ دەپ قولۇمغا بەش سوملۇق پۇلدىن بىرنى تۇتقۇزدى. K=dR%c(  
.Da'pOe  
  ــ ئاناڭ ئۆيدە گۆش تۈگىگەنننىڭ گېپىنى قىلىۋاتقان، مەن بېرىپ گۆش ئەكىلىۋالاي، سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر،ــ دېدى. uI~s8{0T6  
gn8 |/ev  
   مەن بەكلا خۇش بولۇپ، ئۇ بەش سوم پۇلنى ھېلىقى ئايال ئالدىغا قويۇۋالغان بالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم. LJFG0 W  
'm3t|:nMU  
   مەسچىتتىكى ئادەملەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تونۇشلىرى بىلەن پاراڭلاششا، بەزىلىرى تىجارەتچىلەرنىڭ ۋاقىتلىق دۇكىنىنى ئايلىنىپ ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىشىۋاتاتتى. بىر دەمدىن كېيىن مەسچىتتىن سالاپەتلىك كىيىنگەن بىرى يېنىدىن ئەللىك سوملۇق پۇلدىن بىرنى ئېلىپ، ئۇ تىلەمچىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ۋاھ، مۇنداق ياخشى ئادەملەرمۇ بارئىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە. لېكىن بۇ ئەللىك سوم پۇل بىر ئازدىن كېيىن بالاغا ئايلاندى. ئۇ ئادەم تاشلىغان پۇل يېقىن ئولتۇرغان ئىككى تىلەمچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشكەن ئىدى. ئۇ ئادەم كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئىككىسى بۇ پۇلنى مېنىڭ دېسە مېنىڭ دېيىشىپ تالىشىۋاتاتتى. پۇلنى بەرگەن ئادەم ئاللىقاچان بۇ يەردىن كېتىپ قالغان، ئۇنىڭ پۇلنى كىمگە بەرگىننىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئابايا شۇنچە بىچارە، ياۋاش تۇرغان تىلەمچىلەر بىردىنلا ئەلپازىنى ئۆزگەرتىپ، بىر بىرىنى قەلەندەردىن دىۋانىگە سېلىپ تىللىشىپ كەتتى. BHA923p?  
r X'*|]  
  ــ سەن قەلەندەر، ئۆزۈڭنىڭ ئالدىغا چۈشكەن پۇلنى ئالساڭ بولمامدۇ، ئىنساپ دېگەن بارمۇ سەندە،ــ دېسە، يەنە بىرى،ــ بۇ پۇلنى ئۇ ئادەم مېنىڭ ئالدىمغا تاشلىغان، سەن ئېلىۋالدىڭ، نېمانداق نۇمۇسسىز دىۋانە سەن،ــ دەپ بىر- بىرىدىن بوش كەلمەي تىللىشىۋاتاتتى. ئادەملەر بۇ ۋارقىراشلارنى ئاڭلاپ، ھەممىسى بۇيەرگە يىغىلدى. ئۇلار بۇ ئىككىسىنى ئاجرىتىپ قويماقتا يوق، كۈلۈشۈپ تاماشا كۆرىشىۋاتاتتى. چوڭ ئادەملەر راستىنلا غەلىتە ھەم ئەسكى بولىدىكەن، بىزگە مۇئەللىم باشقىلار ئۇرۇشۇپ قالسا ئاجرىتىپ قويۇڭلار دەپ ئۆگەتكەن، بۇ ئادەملەر مەندىن چوڭ تۇرۇپ شۇنچىلىك قائىدىنىمۇ بىلمەمدىغاندۇ؟! نېمىشقا ئۇلارنى توختىتىپ قويمايدىغاندۇ!؟ J-xS:Ha'l  
WOLuw%  
   شۇ ئارىدا كاللامغا تۇيۇقسىز بىر ئەقىل كەلدى ۋە ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويماقچى بولدۇم. ئۇ ئىككى دىۋانىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا: M;w?[yEZ  
K+Y^>N4m  
ــ توختاڭلار، مېنىڭ بىر ئامالىم بار، ــ دېدىم. ~]HN9R^&  
rit BU:6  
ئۇ ئىككى تىلەمچى مېنىڭ بېشىمدىن ئايىغىمغىچە بىر سەپسېلىۋىتىپ، ماڭا سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى. 1x)ZB~L  
A#8q2n270*  
  ــ مۇنداق بولسۇن، بۇ پۇلنى ئىككىڭلار يىگىرمەبەش سومدىن ئۈلۈشۈڭلارــ دېدىم مەن. بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ، پۇلنى ئاۋۋال ئېلىۋالغان تىلەمچى بىردىنلا چىرايىنى ئۆزگەرتىپ: j;b42G~p  
+Y"r71|A6+  
  ــ ئۇ ئادەم پۇلنى  ماڭا بەردى، بۇ دېگەن مېنىڭ پۇلۇم،  قانداق شۇم بۇ، ماڭ جۇگۇ، داداڭ بەرگەن پۇلنى ئاچاڭ بىلەن شۇنداق ئۈلۈشۈۋال،ــ دېدى زەردە بىلەن. ;0rGiWC#  
!RB)_7  
  بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەتىراپتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشتى. مەن خىجىل بولۇپ كەينىمگە يېنىپ چىقتىم. ئۇ سىرادا دادام قايتىپ كەلدى ۋە مەندىن نېمە ئىش بولغانلىقنى سورىدى. مەن ئۇ ئىككى تىلەمچىنىڭ پۇل ئۈلۈشەلمەي ئۇرىشىۋاتقانلىقىنى دادامغا ئېيتقانىدىم، دادام: O.aG[ wm8  
Fm\"{)V:b  
  ــ ھۇ، نۇمۇسسىزلار، شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئالدىدا نومۇس قىلماي، ھەي .... ئاللاھ جاجىسىنى بەرسۇن ئۇلارنىڭ،ــ دېدى تېرىكىپ. {7u[1[L1  
Snp|!e  
  ــ ئەمدىغۇ بەزى ئىشلارنى چۈشەنگەنسەن؟ دېدى دادام يەنە ، ماڭا سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ. مەن قوشۇلغاننى قىلىپ بېشىمنى لىڭىشتتىم. ]aP= Ks%  
:y*NM,s  
   بىرئازدىن كېيىن، ئادەملەرنىڭ توپلىشىۋالغانلىقنى كۆرۈپ، شۇ ئەتراپتىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى كەلدى ۋە ئادەملەرنى تارقىتىۋەتتى. *IgE)N >  
ZkL8e  
   مەن:«ــ ھە، ئەمدى ئىشلار ياخشى ھەل بولىدىغان بولدى، ئىككىسىگە 25سومدىن ئۈلەشتۇرۇپ قويىدىغۇ» دەپ ئويلىدىم، لېكىن ئۇنداق بولمىدى. ئۇلانىڭ ئىش بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى باشقىچە ئىكەن، ئۇ ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى ئادەملەرنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىككى دىۋانىدىن ئەھۋالنى بىر قۇر ئىگەللىدى ۋە ھېلىقى پۇلنى تارتىۋېلىىپ: k@zy  
XO#/Fv!  
  ــ جېدەلنىڭ يىلتىزى شۇ ئەللىك سوم پۇل، بۇ دېلونى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋە باشقا تىلەمچىلەرگە ساۋاق بولسۇن ئۈچۈن بۇ ئەللىك سوم پۇل مۇسادىرە قىلىندى،ــ دەپ ئۈنلۈك ئېلان قىلدى. ئۇلارغا بۇندىن كېيىن ئۇرۇشماي ئىناق ئۆتۈش توغىرسىدا، بىر مۇنچە تەربىيەلەرنى قىلىپ كېتىپ قالدى، ئۇ ئىككى تىلەمچى بولسا، بىر –بىرىگە تېخىچە ھومىيشىپ قارىشىپ تۇراتتى. مەن كاللامدىن ئۆتمەي، دادامدىن سورىدىم: +$4(zP s@  
  |*Z$E$k:  
  ــ دادا، بۇ قانداق بىر تەرەپ قىلىش بوپ كەتتى؟ 'iLpE7  
X%yO5c\l2  
  ــ  بولدى قىل ئوغلۇم، ساقچى خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما،ــ دېدى دادام. «نېمىشقا ئەمدى؟» دەپ سورىسام دادامنىڭ «بالام، سەن تېخى كىچىك، كېيىنچە بىلىپ قالىسەن» دېيىشىنى  بىلەتتىم، شۇڭا سورىمىدىم. coYij  
n]8 
  مەن بۇ ئىشلاردىن بەكلا ھەيران بولدۇم. چوڭلار ئاجايىپ بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ نېمە ئويلايدىغىنىنى پەقەتلا بىلگىلى بولمايدىكەن. دادام جىق ئىشلانى چوڭ بولغاندا بىلىپ قالىسەن دەيدۇ. چوڭ ئادەملەر ئارىسىدىكى ئىشلار بۇنداق مۇرەككەپ بولسا ھەرگىز چوڭ بولماسمانا،دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. r0p w_j  
G\|,5HED  
   شۇلارنى ئويلاپ دادام بىلەن ئۆي تەرەپكە كېتىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز كەينى تەرەپتىن ھېلىقى ئىككى ساقچى (بۇ يەردىكىلەر ساقچىنىمۇ، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىمۇ ئوخشاشلا ساقچى دەۋىرەتتى) ئۇرۇشۇپتۇ دېگەن ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قالدىم. كەينىمگە قارىسام، بىر توپ ئادەملەر بايامقى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار كەتكەن تەرەپكە قاراپ، يۈگۈرشۈپ دېگۈدەك كېتىۋاتاتتى. مەنمۇ نېمە ئىش بولغىنىغا قىزىقىپ، دادامنىڭ: +`3!I  
06j qQ-_`h  
  ــ بولدى ئوغلۇم، ئارتۇق ئىشقا ئارلاشما،ــ دېگىنىگە ئۇنىماي، قولىدىن سۆرەپ ئۇ يەرگە باردىم. شۇ يەردىكى كىشىلەردىن  نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدىم. ~?B;!Csk  
nUkaz*4qU  
  ــ نېمە ئىش بولاتتى،ــ دېدى بىر بوۋاي،ــ يەنە شۇ ئەللك سومنىڭ ئىشى. بايامقى دىۋانىلەردىن مۇسادىرە قىلغان پۇلنى ئۈلۈشەلمەي، ئەمدى بۇ ئىككى دىۋانە ئۇرۇشىۋاتىدۇ. دادام بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئەتراپقا خۇدۇكسىرەپ قارىدى. (مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم.) lu Q~YjH  
    دېمىسىمۇ، ئۇ ئىككىسى بۇ پۇلنى مەن مۇسادىرە قىلدىم، مېنىڭ بولىدۇ دېسە ياق،مەن مۇسادىرە قىلدىم بۇ پۇل مېنىڭ دېيىشىپ ئۇرۇشىۋاتاتتى. مەن ئۇلارغا ھەيران بولۇپ دادامدىن سورىدىم: % ,+leKs  
ــ  دادا، بۇلار ساقچى ئەمەسمۇ ؟                                                                         i2~  
ــ  ساقچى، ئوغلۇم، ساقچى،ــ دېدى دادام .                                                            B"%{i-v>**  
  ــ لېكىن،ئۇ بوۋاي بۇلارنى دىۋانە دەۋاتىدىغۇ؟!   ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ساقچىلارغا قەتئىي ئوخشىمايدىكەن، ھەم مەن كىتاپلاردا كۆرگەن ساقچىلارغىمۇ ئوخشىمايدىكەن.... _X@v/sAy  
  ــ بولدى، سوئال سوراۋەرمە، ــ دېدى دادام،ــ ئادەملەر ھەرخىل بولىدۇ، ساقچىلارمۇ شۇنداق، ئادەملەردە ئىنساپ قالمىدى ئوغلۇم، كېيىن بىلىپ قالىسەن بۇئىشلارنى، كېيىن بىلىپ قالىسەن.... ئاللاھ كەچۈرگەي ھەممىمىزنى،ــ دېدى دادام بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۇھسىنىپ. bH"hX  
*)+ut(x|#  
ئۇلارنىڭ جېدىلى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. بىرى يەنە بىرىنى: ~|<m,)!  
m rX^2SR  
ــ  نېمانداق دىۋانىدەك نېمە سەن، پۇل كۆرۈپ باقمىغانمىتىڭ؟ــ دېسە يەنە بىرى : 0OGCilOb*  
ZyEHzM{$  
ــ مەسچىت ئالدىدىكى تىلەمچىلەرمۇ سەندىن ياخشىراق، ئىسىت، ساقچى بولۇپ قالغىنىڭ،ــ دېگەندەك گەپلەر بىلەن  تىللىشىۋاتاتتى. 52o x`t|  
>0l"P"]  
   بۇ گەپلارنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقىم ئېشىپ، تېخىمۇ قايمۇقۇپ كەتتىم. دادام مەسچىت ئالدىدىكى ھېلىقى بىچارە ئادەملەرنى دىۋانە دېگەن ئىدى.ئۇلارمۇئۆزئارا  بىر-بىرىنى دىۋانە دەپ تىللىشىۋاتىدۇ. ئۇ بوۋاي بولسا، بۇ ئىككىسىنى دىۋانە دەۋاتاتتى.ئەمدى  بۇ ئىككىسى  بىربىرىنى دىۋانە دەپ تىللىشىۋاتىدۇ. ھەي، بۇ جاھان نېمە بولۇپ كەتتى!؟ [TNj;o5J  
Y@ZaJ@%9@  
   مەن شۇنچە ئويلىنىپمۇ مەسچىت ئالدىدىكى ئۇ بىچارە ئادەملەر بىلەن بۇ ئىككى فورما كىيىۋالغان ئادەمنىڭ پەرقىنى، زادى قايسىسىنىڭ ھەقىقىي دىۋانە ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئايرىيالمىدىم، بەلكىم دادامنىڭ دېگىنىدەك كېيىنچە بىلىپ قالارمەن...... : }`-B0  
2.d|G `  
  A'nq}t 3  
,K^4fL$C;3  
                                     -ئۈمىد Yq/.-4 y  
[ بۇ يازما ئۈمىد تەرپىدىن 2010-06-02 11:05 PM دە قاي ]

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
دەقيانوس
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1972 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11592 (سوم)
 ياخشى باھا:   808 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   723  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4540
 سائەت
دەرىجىسى:
4540 سائەت 100 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-02

بۇ ھىكايىدە كىچىككىنە بىر ئىش سەبى بالىنىڭ كۆزىدە كۆزىتلىپ ، ئۇقۇرمەنلەرگە  بىر سۇئال تاشلىنىپتۇ. تىلى راۋان ،يىنىك بالىلارغاخاس پۇراق بار. ياخشى يىزىپسىز. داۋاملىق تىرىشىڭ!
 
Erk~OghLi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.499

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   254 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2213 (سوم)
 ياخشى باھا:   550 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   761  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 146
 سائەت
دەرىجىسى:
146 سائەت 54 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03

ئاپلا....ساقچىمۇ ئۇرۇشتى دەڭ
 
ئىللەت مىللەتتە  بولمايدۇ،شەخىستە بولىدۇ،،دۇنيادائەزەلدىن ئانداق - مانداق مىللەت بولمايدۇ،شۇنداق شەخس كىشىلەر بولىدۇ (ئۇيغۇر ئانداق مانداق دېگۈچىلەر ئۆزلىرى ئەمەلىيەتتە ئۆزى...!!!)
دەتمەن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   925 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8502 (سوم)
 ياخشى باھا:   325 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   304  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1462
 سائەت
دەرىجىسى:
1462 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03

راس ھازىر ھەممە ئادام پۇلغىلا بىرىلىپ ، شەرمىي ھايا ، غورۇر ۋىجداننى  ئۇنتۇپ قالدى   توۋا     ،  
 
گۈلۈم دىسەم مەن سىنى ، راسلا گۈلدەك بولۇپسەن . باھار يازنى ئايرىماي ، نەق باھاردا سۇلۇپسەن   http://datman520.blog.xj169.com/  چ چ  651221209
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4331 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55613 (سوم)
 ياخشى باھا:   2717 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2636  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1692
 سائەت
دەرىجىسى:
1692 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03

ئەمىلىيەتچانلىقىى ناھايتى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز، ھېكايىڭىزدە تۇرمۇشنىڭ كىچىككنە خۈنۈك تەرىپى بالىلار تىلى ئارقىلىق ياخشى قامچىلىنىپتۇ.....
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
kamran
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.632

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1638 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8340 (سوم)
 ياخشى باھا:   495 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   397  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2282
 سائەت
دەرىجىسى:
2282 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03

ۋاھ ساقچى مەسلىنى بەلەن ھەل قىلىپ بېرىپتۇ مانا .
 
مەلىكە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.90

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1910 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5207 (سوم)
 ياخشى باھا:   550 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   583  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6231
 سائەت
دەرىجىسى:
6231 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03

بىر كىچىك بالىنىڭ تىلىدا يىزىپ ھەقىقەتەن ياخشى قىپسىز......ھەم ئەمەليەتنى جانلىق تەسۋىرلەپسىز.....
 
ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!
yuwax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.907

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   112 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6052 (سوم)
 ياخشى باھا:   199 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 57
 سائەت
دەرىجىسى:
57 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-26
ئاخــىرقىسى:2010-06-19
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03

چىنلىقى بەك يۇقرى بوپتۇ
 
سۇ ئۇخلىسا ئۇخلار ،دۇشمەن ئۇخلىماس
ponkwsr99
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.60423

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   25 (سوم)
 ياخشى باھا:   5 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-07
Q929252887雅思代考,助考网,南京导游证代考,郑州中级经济师代考
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى