مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       42904 
  •    ئىنكاس 
       682 

ئوغرىلىقتىن مۇئەللىملىككىچە -- پوۋېست

قەۋەت ئاتلاش
kayguluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5706

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   164 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6690 (سوم)
 ياخشى باھا:   309 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   369  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1661
 سائەت
دەرىجىسى:
1661 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
— تېما باشقۇرغۇچى Misranim تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-09-07) —

(يېقىندا بىر ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە ئازراق بىر نەرسە جىجىلىۋىدىم.ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسىمۇ خېلى ياخشى.<قاغا بالام ئاپئاق...>تەك ئۆزەمدىن بىر ئاز غۇرۇرلۇنۇپ قالدىم.لېكىن ئوقۇرمەنلەر سانى سەل ئاز تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ،سودىسى ئويلىغىنىدەك بولمىغان بازارچىدەك كۆڭلۈم بىر ئاز خىرەلەشتى.شۇنىڭ بىلەن قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەپ قالغان بىر نومۇرغا تېلېفۇن قىلىپ مىسرانىم ئەپەندى بىلەن ئەھۋاللاشتىم.ئەپەندىمنىڭ تەكلىپى بىلەن نەچچە كېچە ئۇيقۇمنى ھارام قىلىپ ئىشلىگەن مەھسۇلاتىمغا يېڭى ماركا لايىھىلەپ بۇ بازارغا قايتا ئەكىردىم.تورداشلارنىڭ ئالدانغاندەك تۇيغۇغا كەپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ ئىزاھنى يازماقتىمەن. GfC5z n>  
يېزىۋاتقىنىم ئاز بولغاندا نەچچە ئاي،بولمىسا بىرەر يىللىق پىلاندىكى ئەسەر. $1ndKB8)`J  
ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.سەمىمى ئىنكاس ۋە تەكلىپىڭلارنى كۈتىمەن.) q+,Q<2J  
ئوغرىلىقتىن مۇئەللىملىككىچە
مۇقەددىمە ئورنىدا qWw\_S  
سىلەرگە ئىزا تارتىپ تۇرۇپ دېسەم،20ياشلىق مايسا بۇرۇت ۋاقتلىرىمدا‹30ياشقا كىرگۈچە شىنجاڭغا تونۇلغان يازغۇچى بولىمەن›دەپ ئىشەنچ بىلەن ئارمان قىلاتتىم.ئەمما نەدىكىنى،37ياشقا كىردىم.ھازىرمىغۇ ئۆيۈمدىكىلەردىن قايسىبىرىدىن سورىساڭلار تونۇيدۇ مېنى.(چايمۇ بەرمەي ئۆزەم قويۇۋالغان ئىسمىمنى دېسەڭلار تىرتەك دادام ھاسا دېۋەيلەپ قوغلىشى مۇمكىن.) +>JjvYx}\  
fFQ|T:vm  
مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرەك پائالىيەتلىرى ۋە تەشۋىقات ئېھتىياجى ئۈچۈن زاكاز ئېلىپ،ئانچە مۇنچە مەجبۇرى ئىلھاملارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزەمنى كۆرسىتىپ قويغانلىرىم سەۋەپلىك يەرلىكتە جۇغۇمغا ماس كەلمەيدىغان دەرىجىدىكى‹يازغۇچى،شائىر› قالپىقىنى كىيىپ قالغىنىم راس بولسىمۇ ھېچقاچان ئۆزەمنى بۇ نام بىلەن باغلاپ، ماس كەلگەندەك ئويلاپ باققىنىم يوق.يېقىنلىرىمنىڭ يېزىش،ئىقتىدارىمنى قېزىش توغرۇلۇق بەرگەن سەمىمى تەكلىپ،ئىلھام، ئۈمىتلىرىمۇ ھاۋاغا ئاتقان مۇشتەكلا بىكارغا كەتتى.ئەنە شۇ يوغان قالپاققا چۇشلۇق بولسىمۇ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە يازماسلىقىمغا نىسبەتەن كۆڭلۈمدە ئۆزەمنى ئاقلايدىغان باھانىلىرىم ئالبېننىنىڭ ئېلانىكىدىنمۇ جىق. aMTu-hA  
r&FDEBh  
ھاياتتىكى نى نى ئارمانلىرىمدىن ۋاز كەچتىم،يېڭى يېڭى ئارزۇلار ئۈچۈن تىرماشتىم.ئەمما بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ ماڭا ھەمراھ بوپ كەلگەن ئاشۇ بىر خىيال كاللامدىن كەتمىدى.خۇددى كونا كېسەلدەك،بەزىدە ئەدەپ،گاھىدا سۇسلىشىپ،بەدىنىمدىكى بىر ھۈجەيرىدەك مەن بىلەن بىرگە ياشاپ كەلدى.يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ھامان بىر كۈنى پارتلايدىغان مۇددەتلىك بومبا كۈمۈكلۈكتەك ھېس قىلاتتىم. e1P"[|9>R  
o=`C<}  
كۈل ئىچىدىكى چوغدەك،يۈرىكىمگە كۈمۈكلۈك بۇ ئوتنىڭ يالقۇنجايدىغان چاغلىرىمۇ بولارمۇ دېگەن خىيال بىلەن يۈرگەن كۈنلىرىمدە تور بىلەن ئۇچراشتىم. .9.2Be  
~g.$|^,.O/  
ئۇنىڭدىكى ياخشى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھاياجانلانغان،زوق ئالغان چاغلىرىمدا ئاشۇ قەلەم ساھىپلىرىغا ھەۋەسلەندىم.ئانچە مۇنچە جىجىلاپ بەزى نەرسىلەرنى يېزىپ خاراكتېرىمغا ماس ھالدا تارتىنىپ تۇرۇپ بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا بازارغا سالدىم.بارلىق ئۈمىتۋار،ئەمما ئۈمىدى رېئاللىققا ئايلانماي قەلبىدىلا قالغان ئادەملەرگە ئوخشاش ھېلىقى چۈشۈمنى يەنە كۈرۈشكە باشلىدىم... G}p\8Q}'  
= 9 T$Gr  
بۇ قېتىم ‹40 ياشقىچە...›دېۋىدىم ئۈزۈمگە.تېخىچە يوغانراق بىر چامداممۇ ئالمىدىم.‹گېنېرال بولۇشنى ئارزۇلىمىغان سولدات،بىزگە يات.›دەيدۇ روسلار.ھاياتتا بىرەر ئارزۇ، بىرەر نىشاننىڭ بولغىنى يامان ئىش ئەمەسقۇ ئاخىر.نى نى بۈيۈك ئىشلار،ئۇلۇغ بايقاشلار ئاشۇ ئىستەكلەر ئۈچۈن ئىزدىنىش،ھەركەت قىىلش ئارقىلىق روياپقا چىققان. ^aW Z!gi  
#Qkroji qw  
ئۆزەمنى رىغبەتلەندۈردۈم: A<y nIs<  
T iH) 5  
-ئەنسىرىمە،سەندىن ۋاقت ۋە زېھىندىن باشقا ھېقانداق دەسمى كەتمەيدۇ.قارت-شاھمات ئويناشقا،قۇرۇق پاراڭ ۋە مەززىسىز سورۇنلارغىمۇ سەرپ قىلىسەنغۇ ئۇنى.-دەپ ئۆزەمنى ئاۋۇندۇردۇم.قانداق يېزىش كېرەكلىكىنى ئادەتتىكىچە ساۋاتلىق ئادەملەردىن بىر ئاز ياخشىراق بىلسەممۇ نېمىنى يېزىش توغرۇلۇق گاڭگىرىدىم. GA Am0;  
]~3U  
-ھەي،نېمىسىنى دەي،مەنمۇ ئاشۇ يازغۇچى شائىر ئاتالغانلار ياشىغان جەمئىيەتتە ياشايمەن،ئاشۇلارغا ئوخشاشلا بىجىرىم ھېسسىياتقا ئېگە ئادەم مەن.ئۇلارغا يولۇققان تەسىرلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرى ماڭا نېمىشقا يولۇقمايدىغاندۇ؟-دەپ زارلايمەن گاھىدا. +sJrllrE(  
,GgAsj: K  
ئۆزەمگە ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگىلا مەلۇملۇق ئازراق ئەيىبىم تۈپەيلى{يول ماڭسام تونۇشلار ۋارقىراپ توختىتىپ سالام قىلمىسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالام قىلىدىغان چاغلىرىم سەل ئاز.}تۇرمۇشنى ياخشى كۈزىتەلمىگەن ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالىمەن.ئەسلىدە بۇ دەسسەپ تۇرغۇدەك سەۋەپمۇ بولماسلىقى مۇمكىن.مېنىڭچە،تۇرمۇش قايناملىرىدىن ئىلھام ئۈنچىلىرىنى سۈزىمەن دېگەن ئادەم تۇرمۇشنى چۇقىسىدىكى كۆز بىلەنلا ئەمەس، كۆڭۈل كۆزى بىلەن كۈزىتىش كېرەك، ئەلۋەتتە. \Acqr@D  
Nr=d 
خەيرىيەت،ئۆز-ئۆزەمگە بولغان بىر خىل ھەيدەكچىلىك ۋە تەخىرسىزلىك ئىچىدە كۇنۇپكا تاختىسىغا قول ئۇزاتتىم.يازمامغا نېمە دەپ ئىسىم قويۇش ۋە قايسى قالپاقنى كىيدۈرۈشنىمۇ بىلمىدىم.بەلكىم يېزىپ بىر يەرلەرگە بارغاندا كاللام پاللىدە يۇرۇپ قالار.بۇنى بىر خىل قىزىققانلىق،يازغۇچى بولۇش چۈشى ئۈچۈن زورۇقۇش دەپ قارىماسلىقىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. 3*@5S]]  
C$ 5[X7'  
ئەمدى نېمىنى ۋە كىمنى يېزىش مەسىلىسىگە كەلسەك،ئۆزەم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان،ئۆزەم ئەڭ چۈشىنىدىغان،ئۆزەمگە ئەڭ تونۇش بولغان ئادەمنى يېزىشىم كېرەك .ئۆزەمگە ئەڭ تونۇش مۇھىتنى ۋە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىشنى يېزىشىم تەبىئىلا. )K2HK&t:  
-ne Kuj  
ئۇنداقتا مېنىڭ باش پېرسۇناژىم كىم؟ hh[jN 7K  
2rZx Sg  
يۇقىرىقى شەرت بويىچە بولغاندا ئۇ چوقۇم مەن.دېمەك سىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ھېكايەم باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.ھېكايىدىكىسى بالىلىق تۇرمۇش ئەسلىمىلىرىم بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن تەسەۋۋۇرلۇرۇم. 9rA=pH%<>B  
yR\btx|e5~  
ھېممىتى كەڭ رەببىمىزدىن ئۇلۇغ ئاي،ئۇلۇغ كۈنلەردە باشلىغان ئىشىمنى نەتىجىلىك روياپقا چىقىرىشقا چىدام ۋە غەيرەت،كۈچ-مادار تىلەيمەن. تورداشلارنىڭ غايىۋى چۈشلىرىم ئۈچۈن تاشلانغان قەدىمىمنى توغرا چۈشىنىشىنى،قەلەمدىكى بەزىبىر ئاجىزلىقىمنى ئەپۇ ئېتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. [#sz WNfU  
fX|Y;S-@+  
2010.8.24 j.@\3'  
WH \)) y-  
Qg<(u?7N  
بىرىنچى ھېكايەت بالا ئوغرى %p 0xM  
بالىلىقمدىكى ھەممىدىن بەكرەك ئەستىن چىقمايدىغان ئىش –بىر نەچچە قېتىملىق ئوغرىلىق كەچمىشىم بولسا كېرەك. z.I9wQ]X[  
RnDt)3  
چۈچۈپ كەتتىڭىزما؟ھاجىتى يوق.ئەينى يىللاردا سەھرالاردا چۆجە-خوراز ۋە قوي پاقلانغا چېقىلمىسىلا ئانچە مۇنچە سويما-خەمەك ئوغرىلاش ۋە باغ شورىداشنى ئانچە بەك ئەيپ ساناپ كەتمەيتتى.بۇنى مەھەللىدىكىلەر ئاڭسىز رەۋىشتە ئوغۇل بالىلارنىڭ يۈرىكىنى پىشۇرىدىغان ئويۇن دەپلا قارايتتى خالاس.(ۋەدە قىلىمەنكى،ئەينى ۋاقتتا مەن بىلەن بىللە تام تەشكەنلەردىن ھازىرغىچە بىرمۇ ئوغرى چىقمىدى.) 9\DQ>V TQ  
1N>|yQz  
تۇنجى قېتىم ئوغرىلىق قىلغىنىمدا 5-6ياشلاردا بولسام كېرەك.تەڭتۇش ئاغىنىلىرىمدىن ئۈچەيلەن بىلەن ئويناپ يۈرۈپ ئىسمائىل تازنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەپ قاپتىمىز.چىتى يوق ھويلىدىن باغ ئېتىزدىكى باراقسان پېلەك تارتقان قوغۇنلۇق ئۆچكىنىڭ كۆتىدەكلا ئاپئاشكارە كۈرۈنۈپ تۇراتتى.بىر ئېغىزلىق پاكار كېسەك تامنىڭ شال ئىشىكىدىكى قاغا تۇمشۇقتا ساڭگىلاپ تۇرغان قارا قۇلۇپنى بۇيۇنداپ تۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە يۈرىكىمىز تېخىمۇ يوغىنىدى،چوڭ دادىمىزنىڭ قوغۇنلىقىغا كىرگەندەكلا خاتىرجەم قەدەم باستۇق.خالتا كۆڭلەكلىرىمىزنى سېلىپ ياقىسىدىن بۇغۇپ ئۆرەككە قويدۇق-تە،يۈگرىشىپ يۈرۈپ قولغا چىققاننى ئۈزدۇق. توڭ قوغۇن قاچىلانغان كۆڭلەكلىرىمىزنى ئەمدى دولىغا ئارتىپ تۇرۇشىمىزغا ئىسمائىل تازنىڭ تۇل قوشنىسى ھېۋىزئايلام(ئۇ باشقا بىرى ئەمەس،دەل دادامنىڭ بىر قۇرساق ئاچىسى ئىدى.) ئۆيىنىڭ كەينىدىكى دوڭغاق جىگدە تۈۋىدەقېرى سېغىزخاندەك سۈرەن سالدى: \R;`zuv   
G"XV n~]  
-قۇيييتتت!!!ئىسمايلاخۇن!!!ۋاي نەدىسىز!!ئوغرى شۇملار ما قوغۇنلۇقنى پاساڭدىۋەتتى!! '^"6+k  
[ E ]E  
قوغۇن قاچىلانغان كۆڭلەكلىرىمىزنى سۆڭگەچلەرگە دوقۇسلىتىپ سوقتۇرۇپ يولنىڭ ئۇ قېتىدىكى قوناقلىققا پاتپاراق بولۇپ قاچتۇق.ئالتە ئاي ياز سالماي كىيىپ تەر ۋە كىر-شالتاقتا چىرىپ ئارانلا تۇرغان خام شىشە كۆڭلەكلەر يىرتىلىپ ئاران تەستە ئوغۇرلىغان سويمىلىرىمىز پالاقشىپ چۈشۈپ چېقىلسىمۇ قارارغا كۆز يوق.يۈز ۋە بەدەنلىرىمىز بىرىتۋادەك ئۆتكۈر قوناق يۇپۇرمىقىدا تىلىنغان ھالدا قارا تەرگە چۈمۈلۈپ،چۆكتۈرۈپ سۇ قويۇلغان قۇناق ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پاتقاق كېچىپ دۈگدەرەپ ئولتۇرىمىز.يۈرەكلىكرەگىدىن بىرى يول قىرىغا چىقىپ مارىلاپ ئىسمائىل تازنىڭ توم يۇلغۇن تايىقىنى كۆتىرىپ مەھەللە ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى دەپ كەلگەندە تېخىمۇ شۈمشىيىپ كەتتۇق. h^o{@/2  
8UVmv=T  
كېچە كىرىپ ئەل جىمىققاندا،قوناقلىقنىڭ زەھەردەك چاقىدىغان پاشىلىرىنى شاپىلاقداپ يۈز-كۆزىمىز باچكا قېنى سۇۋىغان تېقىمدەك بولغاندا ئاندىن پاتقاقلىقتىن چىقىپ تۇخۇ ئوغرىسىدەك دەسسەپ ئۆيلەرگە تارقاشتۇق. <N9[?g)  
?n ZY)  
ھېۋىزئايلىنىڭ مەلۇماتى بويىچە ‹بىزنىڭ ئالىمنىڭ تېزى...›دېگەننى ئاڭلىغان ئىسمائىل تاز ئېتىزدا بەخىرامان باشاق تېرىۋاتقان ئاكامنى تۇتىۋېلىپ يۇلغۇن تايىقى بىلەن تازا ساپتۇ.بۇرنۇمدىكى پوتلامدەك ساڭگىلاپ كىرگىنىمدە ئاكام داق كىگىز سېلىنغان كاڭدا قاملىشىپ ياتالماي ئىڭراۋاتقان ئىكەن... CtSl  
 
شۇ ئىشتىن كېيىن مېنى بەك ياخشى بالا بوپ كەتكەندۇ دېمەڭ.تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ چىۋەرلىشىپ كەتتۇق.خالتا كۆڭلەككە توشقۇزۇپ ئالما ئۈزۈپ،ئۆستەڭ قىرىدىكى قۇمغا كۈمۈپ ساقلاپ يىگەننى،قوينىمىزغا تۈكلۈك شاپتۇل قاچىلاپ قىچىشتۇرغاندا ئۆستەڭگە موللاق ئاتقاننى،ياڭاق ئوغرىلاپ قوللارنى قارا ئىشەكنىڭ×دەك سەتلەشتۈرۈپ غۇم ۋە تام ساقتما،سوقمىغا ئاتقاننى،تام كەينىدىكى خوشنىمىزنىڭ چىتىدىن سىرتقا ساڭگىلاپ چۈشكەن مەككە كاۋىسىنى ئۈزۈپ كىرىپ ‹تېرىپ قويۇپتىكەنمەن،ئەمدى مۇشۇنچىلىك چۈشۈپتۇ.›دەپ ئاپامنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ ئىككى تەستەك مۇكاپات ئالغاننى.....دەپ بەرسەم گەپ ئۇزىراپ سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويىمەن. B,=H@[Fj  
a,WICv0E  
ئاڭلايمەن دېدىڭىزما؟ئۇنداقتا باشقىسىنى ئەمەس،سەل چوڭ بولغان ۋاقتىمدىكى‹بەسەي يۇلۇش›نى دەپ بېرەي ئەمىسە. AQiwugs  
y`XU~B)J1  
بىر كۈنلەردە دادام-ئاپاملار خوشنا يېزىغا ياتلىق قىلنغان 3- ئاچامنىڭ توي ئىشى بىلەن كېتىپ ئۆي ئاكام بىلەن ئىككىمىزگە قالدى.ئۇلاق قارا(چارۋا)نى بېسىقتۇرۇپ بولۇپ كەچلىككە نان-چاي ئىچىلى دىگىنىمگە ئاكام:‹گۈرۈچ ئاش ئېتىمەن›دەپ زادىلا ئۇنىمىدى.ئىككىنچى قېتىم تاماق ئېتىشىغۇ دەيمەن ئۇنىڭ.ئادەم بىر ئىشنى يېڭى ئۈگەنسە شۇنداق بەك قىزىقىپ كېتەمدۇ نېمە.خېلى يىراق يەردىكى كۆكتاتلىق يېرىمىزدىن ئوتياش ئەكەل دەپ زورلاۋاتىدۇ.بوران دېگەن ھۇقۇيتۇپ چىقىۋاتىدۇ..بېشىمنى باغلاپ سۆرىگەندەك يولغا چىقتىم.گالۋاڭ ئۇيدەك مېڭىپ يان خوشنىمىزنىڭ بېغىدىكى تازا ئەت ئالغان بوۋاق بالىدەك ئوخشىغان بەسەيلەرنى كۈرۈپ كاللامغا يالتتىدە بىر خىيال كەچتى: PJL=$gBgKk  
A"rfZ`  
-ئاكام گاڭپەن ئېتىمەن دېگەن ھاشىخاچا،بوراندا كۆكتات يەرگە باراي دېسەم...كۈزۈمگە تۇپا كىرىپ ...شۇ .. .شۇ...شۇڭا بىر تۈپ بەسەي بېرىپ تۇرغان بولسىڭىز...- دېدىممەن باغ ئىشىكىدىن كۈرۈنۈپ تۇرغان بەسەيلەرگە بۇيۇنداپ تۇرۇپ. z\%Ls   
L|}lccpI  
خوشنىمىز بۆرەك كۆز ھاشىخان زۇۋان سۈرمەستىن بېرىپ باغ ئىشىكىنى يېپىۋەتكەندىن كېيىن: `I,,C,{C  
 N#a$t&  
-يوق!-دېدى مۇزغا داراڭگا ئاتقاندەك سۈرلۈك ئاۋازدا. 3 C<L  
?3.b{Cq{-  
تىكەن قىستۇرۇپ ياسالغان قىيسىق بالداق دەرۋازىدىن چىققۇچە كۆكتات تېرىغاندا مەنمۇ جوتۇ تۇتقاندەك ئاچچىقىم كېلىپ غۇتۇلداپ تازا تىللىدىم.‹خەپ›دېدىمدە،بېغىمىزدىكى جىگدە شۇخىسىدىن ياسالغان يانداش چىتتىن سەكرەپ چۈشۈپ تازا يوغان بەسەيدىن بىر تۈپنى يۇلۇپ ئېلىپ،توپىسىنى قېقىشتۇرۇپ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرسام،قۇلاق تۈۋىمدىن ۋىژژىدە قىلىپ بىر نەرسەئايرۇپىلاندەك ئۇچۇپ ئۆتتى.دېققەتنى بۇراپ قارىسام بولدۇقلاپ سۇ تۈكۈلۈپ تۇرغان قەلەي قاپاق.خۇداغا شۈكرى،قۇلاق تۈۋىمگە تەككەن بولسا...ئالاقزادىلىكتە ئالدىمغا قارىسام ھاشىخان ئالدىمدىلا،تام تۈۋىدىكى دۆڭدە چەكچىيىپ تۇرمامدۇ.پالاكەتلىكىمدىن تاھارەت ئالغىلى چىققان ھاشىخاننىڭ كۆزىدىلا بەسەيگە تېگىپتىمەن...توشقاندەك پارتتىدە قىپلا چىتتىن ئاتلاپ ئۆتتۈم،سامانلىققا كىرىپ بۇلۇڭغا تۈگۈلدۈم ۋە تاتىلاشتۇرۇپ ئۆزەمنى سامان بىلەن كۆمدۈم.چىتتىن ئاۋىرىپ چالۋاقىغاننى ئاڭلاپ تۇرىمەن،بۆدۈنىدەك، ‹ نېمە بولسا قۇيرۇقۇم بولسۇن ،بېشى كۈزۈم كۆرمىسۇن›دېگەندەك ياتىمەن. |='z{WS  
#T=LR@y  
ناماششامدا كىرىپ ئاكامدىن بىر مۇنچە دەشنەمگە قۇشۇپ تۆت مۇش،يەنە سەي قۇيمىغان ئاق گۈرۈچ ئاش دېگەندەكلەرنى يەپ ھۆڭگىرەكلەپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن... l)&X$3?tz  
/*X2c6 
شۇ ئىش بولۇپ بىرەر ئايغىچە ھېلىقى بەسەي تېرىغان خوشنىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن زادى ئۆتەلمەي ئالتە پاتمان يولنى زىيادە مېڭىپ ئېتىزلىق ۋە لىڭدەيلەردە چۆگىلەپ مەكتەپكە بېرىپ يۈردۈم. tAv@R&W,  
:6 Lx@  
[8*jw'W|[  
ئىككىنچى ھېكايەت قاچقۇن ?-dX`n  
ئاپام يېڭىلا تىكىپ كىيدۈرگەن پاختىلىق ئىشتانپايپاق بىلەنلا ئېرىقتىكى توختام سۇغا چۈشۈپ بېلىق تۇتۇپ ئويناپ سۈر توقاي بولغىنىم ۋە ئۆزىمىزنىڭ تاۋۇزلىقىغا ئاغىنىلىرىم بىلەن ئوغرىلىققا چۈشۈپ دادامنىڭ ئالدىدا پەرتتەكلەپ قاچقان ۋاقتىمدىكى يۈگرەش سۈرئىتىمدىنمۇ تېز ئۆتكەن ۋاقت قوينىدا قانداقلارچە چوڭ بوپ كەتكىنىمنى بىلمەيلا قالدىم. n T{3o;A  
خوشنا ھويلىدىكى ئەترەتنىڭ داش قازىنىدىن قۇيماق تەمە قىلىپ پوتلىمىزنى يالاپ تۇرغان يېرىمىزدىلا كەنتىمىزنىڭ مەكتىپىدىن چىققان ئىككى تور پايپاقلىق خانىم(بىزدە ھازىرغىچە ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى خانىم دەپ ئاتاش بار)مەن بىلەن تەڭتۈش رازاق،رىشىت،شۇكۇر تۆتىمىزنى ئالداپ سىلاپ ئاپىرىپ كېسەك تاملىق سىنىپقا سولىدى. ~5CBEIF(NS  
ئاقارتىلغان بولسىمۇ ھاكلىرى تازنىڭ كاللىسىدىكى قۇماچتەك سويۇلۇپ چۈشكەن،بىزنىڭ ئۆيدىن سەل ئىگىزرەك سېلىنغان سىنىپتا ئوچاق كۈيىسى بىلەن قارىدالغان ئىككى پاچاقلىق ياغاچ دوسكا ئالدى تامغا يۆلەپ قويۇلغان،ئورۇندۇق-پارتا دېگەننى سەل چوڭ بولغاندا كۆردۇق.زەي بىقسىپ تۇرغان داق يەردە كونا موللامنىڭ تالىپلىرىدەك يۈكۈنۈپ ئولتۇرىمىز. چىرقىراق مايمۇندەك چالۋاقاپ تۇرىدىغان ئايتۇرەم خانىم قولىدىكى ھېلىقى چاغدىكى ئىسمائىل تازنىڭ يۇلغۇن چىۋىقىنى ئەسلىتىدىغان كۆك تاياقنى ياغاچ دوسكىغا داراڭشىتىپ ئۇرۇپ تۇرۇپ يېڭى يېزىق ھەرپلىرىنى ئۈگىتىدۇ: 5',8 ziJQ  
A! B! S!... e'~J,(fB  
دوسكىغا تەككەن كۆك تاياق ھېلىلا كېلىپ ياغلىشىپ كەتكەن تېرە تۇمىقىمنى ئۇچۇرىۋېتىپ،ئاقلانغان پىيازدەك قىرىلغان ئايپاڭ بېشىمغا تېگىدىغاندەك قورقۇنچ ئىچىدە كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ سىنىپنىڭ بۇلۇڭىغا سىرغىپ دۈگدىيىپ ئولتۇرىمەن.نۆۋەت بويىچە ئوقۇتۇپ ماڭا كەلگەننى تۇيمايلا قاپتىمەن. c*L0@Ak%  
-ھەي ئابدۇۋېلى،پاڭقاي!ئۇقەھ!!! 8{^WY7.'  
ئىشتىنىمغا سىيىۋەتتىممىكىن دەيمەن.ھېچنىمىنى تۇيمايلا دوسكا تۈۋىگە سۆرەپ ئاپىرىلدىم.مۈشۈكنىڭ قولىدىكى بىچارە بالا چاشقاندەك لاغ لاغ تىترەپ تۇرۇپ،بىردە دوسكىدىكى ئۆمۈچۈك پۇتىغا،بىردە قەھر يېغىپ تۇرغان خانىمنىڭ كۆزىگە قارايتتىم. 2Q/4bJpd  
-ھۇ پوق يەپ كەتكەن دەلتە!شۇنچە ئۈگەتسەممۇ بىلمەپسەنە!يەنە ئۈگىتەي سەن كالۋاغا.ئوقە ھە!-شۇ گەپلەر ئارىلىقىدا يەنە نەچچە دۆشكەلىنىپ بوراندا قالغان جىرىمدەك لەپەڭشىيتىم.خانىم تاياق بىلەن بىر دوسكىدىكى خەتنى،بىر پىشانەمنى نوقىلاپ ئۈگىتەتتى: [d1mL JAR  
- A دە! XF;ES3 d  
بىچارىلەرچە ئەگىشەتتىم: "AnC?c9?-^  
-ئادە... r0+6evU2  
-ھەي قاپاق، B دە! UQC=g  
-بىدە.... S||}nJ0  
- S دە ھوي! jY% na HaI  
يەنە ئەگىشەتتىم: ][9%Kl*%@p  
- سىدە.... vdx0i&RiL  
گومۇشلارچە ئوقۇشۇمغا سىنىپتا دەسلەپ پىخ پىخ،بارابارا پاراق پاراق كۈلكە كۆتىرىلدى.خانىممۇ دەسلەپ ماڭا تازا چەكچىيىۋېتىپ،ئاندىن بالىلارغا قاراپ تېرەككە قونغان كاككۇكتەك تېقىمىغا شاپىلاقلاپ بىر ھازا كۈلۈپ كەتتى ۋە كاللامدىكى تۇمىقىمنى بوڭ چىقىرىۋېتىپ جايىمغا ھەيدىۋەتتى. 1m:XR0P  
تەنەپپۇسقا چېلىنغان كونا پىگېلۇ ھارۋىنىڭ چاقىنىڭ قاسقىنى(جاڭ)باخشىنىڭ دېپىدەك سوقۇۋاتقان يۈرىكىمگە بىر ئاز ئارامچىلىق بەردى.مەكتەپ بىلەن بىر ھويلىغا جايلاشقان كەنت ئىشخانىسىنىڭ بۇلۇڭىغا كولانغان ئۆرەككە بىر نەچچە تال بادرىنى تاشلاپلا ياسالغان تۈزلەڭدىكى ھاجەتخانىدا ئىشتاننى تېقىمغىچە سىيرىپ قويۇپ بېلىقنىڭ قۇرسىقىدەك ئاپئاق كاسىمىزنى چىقىرىپ قاتار ئولتۇرىمىز.چاقنىڭ قاسقىنى يەنە بىر قېتىم داراڭشىغاندا بولسا ئىنجىقنى توختىتىپ،نەچچىسى بادرىدىن تېيىلىپ ئۆرەككە كېچىپ يالاڭ ئاياغ پاچاقنى پوقلاپ قاقشايدۇ ۋە سىنىپنى قويۇپ مەكتەپ ئالدىدىكى ئېرىققا قاراپ توكوردەك ماڭىدۇ،يەنە نەچچىسى سىيامبۇ ئىشتاننى تارتىپ يۆلەپ، پاختا يىپتا ئېشىلگەن ئىشتانباغنى يۈگرەۋېتىپ باغلىغاچ سىنىپقا چاپىدۇ. rvbLyv;~  
مەن بولسام ئەڭ كېيىن قوپۇپ،ئوغرى مۈشۈكتەك ئەتراپنى بىر قۇر كۈزىتىۋەتكەندىن كېيىن غىپپىدە پاكار تامدىن ئاتلاپ باغلاقتىن چىققان تايچاقتەك چېپىپ ئەترەتنىڭ خامىنىغا،ئەزالار ئىشلەۋاتقان ئېتىزغا قاراپ قاچىمەن. $Q96,rb}k;  
ئەتىسى سەھەردە تېخى ئۇيقۇم ئېچىلماستا خانىم كەپتەر ماركىلىق قارا ۋېلىسىپىتىنى ھويلىمىز ئالدىدىكى ئۈجمىگە يۆلەپ قويۇپ ئاپام بىلەن بىر دەم راۋىلدىشىۋېتىپ مېنى يەنە مەكتەپكە سۆرەيدۇ.ئىككى سائەت ئوقۇپ-ئوقۇمايلا ماڭا مەخسۇس كۈزەتچىلىككە قويغان موللا ئىبراھىمغا قۇراق لاتىدىن تىكىلگەن جىلتەمنى گۆرۈگە قويۇپ:‹ قۇرسىقىم ئاغرىپ كەتتى،چىشقىلى بارىمەن› دەپ يەنە پاكار تامدىن ئاتلايمەن....بەزىدە تەلىيىم ئوڭ كەلمەي چاپارمەن ئوقۇغۇچىلارغا تۇتۇلۇپ قالسام ئۇلار ئېسىلىۋالغان كۆينىكىمنى سېلىپ بېرىپ قاچىمەن...خامان، ئېتىزلىق،سازلىق،جىلغىنىڭ دۆڭلىرى،ئورمانلىق،ئۆستەڭ قىرىدىكى يارداڭلىق...مەن قاچقۇننى چىللاۋاتقاندەك توختىماي يۈگرەيمەن. .!$*:4ok  
ئېگىز ئۆسكەن قوناقلىق مەن ئۈچۈن جېنىمنى قويىدىغان ئارامگاھتەك بەك يېقىملىق.بۇلۇتقا تېگەي دېگەن ئېگىز دەرەخلەرگە مۆلۈندەك يامىشىپ چىقىپ قۇيۇق شاخلار ئارىسىدا يۇشۇرۇنۇپ ئولتۇرغىنىمدا بىر قاغىغا ئايلىنىپ مەكتەپ،خانىم يوق يەرگە ئۇچۇپ كېتىشنى خىيال قىلىمەن. 1 u| wMO  
گاھىدا خانىم قاچقىنىمنى بىلىپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىنى ئەگەشتۈرۈپ مېنى قوغلاپ چىققاندا ‹يالغۇز پارتىزانغا قارشى قورشاپ تۇتۇش جېڭى› ئالامەت قىزىپ كېتىدۇ. h]5C|M|  
قىر تۈۋى ۋە ئېرىق ئىچىدە تەرەپ تەرەپتە ماڭا قارشى پىستىرما.تۈلكىدەك ھۇشيارلىق بىلەن ئەگىيمەن،توشقاندەك سۈرئەت بىلەن چاپىمەن،تۇڭگۇزدەك زەرپ بىلەن ئېتىلىمەن.پىستىرمىدا ياتقانلار قۇپۇپ بولغىچە ۋايجانلىتىپ دەسسەپ ئۆتكەنلىرىم،قوشقاردەك كاللا قويۇپ نەچچىسىنىڭ ئاغزى بۇرنىنى قان قىلغانلىرىم ئېسىمدە.قاچە قاچ،قوغلا قوغلا ئاخىرى مەھەللىمىزنىڭ ئۈستۈن بېشىدىكى چوڭ ئۆستەڭنىڭ مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان ئېقىنىغا سەكرەپ چۈشۈپ خەۋپتە قالغان كىچىك جانۋاردەك پىلتىڭلاپ ئۈزۈپ ئۇ قاتقا ئۆتىۋالغىنىمدىلا چاپارمەنلەردىن نەچچىسى ئۆستەڭگە ئاۋىرىپ توختاپ قالىدۇ.خانىم قوماندان لەشكەرلىرىنى يىغىپ ماڭا قولىنى چىنەپ خەپلىگەچ،روھى چۈشكەن،قارا تەرگە چۈمۈلگەن لەشكەرلىرىدىن بىر نەچچىسىنى نوقۇشلاپ سالپىيىپ قايتىشىدۇ. k.vBj~xU  
ماڭا كۈندە ئامەت كېلىۋەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە .نەچچە رەت قورشاۋدىن چىقالماي تۇتۇلۇپ مەھبۇستەك يالاپ مېڭىلغان،سىنىپتىكى ياغاچ دوسكىغا ئۈستۈرۈلگەن،تەنەپپۇستا يېتىلەپ چىقىلىپ ئىشخانىغا سولانغان چاغلىرىممۇ بار. b[t>te  
بۇنداق چاغلاردا كالا مۆرىگەندەك ھۆركىرەپ توختىماي يىغلاپ خانىمنىڭ قۇلىقىنى پاڭ قىلىپ تويغۇزىمەن.ئىشخانىغا سولانغاندا بولسا،ياغاچ پەنجىرىلىك دېرىزىنى مۈشۈكتەك تاتىلاپ تۇرۇپ: m#PY, y  
-ھەي خانىم كالۋا!مېنىڭ چىشقۇم كەپ كەتتى!!!-دەپ ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرايمەن ۋە: zR1^I~ %   
-ئىشىگىڭنى ئاچمىساڭ مۇشۇ يېرىڭگە چىچىمەن ئەمىسە.-دەپ يالغاندىن ئىشتاننى تېقىمغىچە سېرىگىنىم ئېسىمدە. j9?}j #@  
ئەتىسى تاڭ يۇرۇماستا يەنە خانىم كىرىدۇ.ئۈستۈمدىن بىر ھازا دادلاپ دادام-ئاپاملارغىمۇ تاپا قىلىپ بىر مۇنچە چالۋاقايدۇ.يۇۋاش ۋە مۆمىن دادام گەدىنىنى قاشلاپ جىم ئولتۇرغان بىلەن ئاپام خېلى زۇۋاندار: dJ2Hr;Lc  
-مەن بىر قېتىم بەردىم ئاچىقىپ سىلىنىڭ قوللىرىغا.كۈندە ئىتنى يېتىلۈگەندەك بالىنى مەكتەپكە سۆرەپ يۈرگىلى چولام تەگمەيدۇ مېنىڭ.كاپىراتسىيەنىڭ سەھەرلىك دولقۇنىغا چىقىپ،ئاندىن قارا قازاندا ئۇماچ قاينىتىپ 8نۇپۇسنىڭ قارنىنى توقلاپ،ئەتىدىن كەچكىچە غالتەك ھەيدەپ گۇڭ پۇڭغا ئىشلەپ جېنىمنى جان ئېتىدىغان خۇتۇن مەن.نېمە قىلسىلا مانا تاز،-دېدى دە،ئوچاققا چاپلاۋاتقان قۇناق خېمىرىنى قويۇپ،رېپىدىسىنى ئۇچاق بېشىغا،مېنى ئاسلاننى ئاتقاندەك خانىمنىڭ ئالدىغا پالاققىدە ئاتتى.خانىم يولغا سۆرەيدۇ،مەن تاتىلاپ-چىشلەپ دېگەندەك يۇلقۇنۇپ قېچىپ: s%C)t6`9  
-ئۆلتۈرىۋەتسەڭمۇ ئوقۇمايمەن مەكتىۋىڭدە!-دەپ ھۆركىرىپ يىغلىغاچ ئارقىغا قاچىمەن ۋە باغدىكى بىر تۈپ تېرەكنى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرىۋالىمەن.شۇ تەرىزدە خانىم بىلەن بىر دەم چامغۇر يۇلماق ئوينايمىز.ھەر نېمە قىلسا ئايال كىشى بولسىمۇ چوڭ ئادەمغۇ ئۇ ئاخىر.زەنجىردەك كىرىشكەن قوللىرىمنى قايرىپ ئاجرىتىپ،بالىلارنى ئەركىلىتىپ‹ئوغلاق-ئوغلاق›قىلغاندەك،(بېقىنلىرىمنى ئۇلغۇرۇپ تۇتقان سېمىز قوللاردىن ئەركىلىتىشنى ھېس قىلمايمەن جۇمۇ لېكىن)جېنى بار تىرىك خۇرجۇننى يۈدىگەندەك مۆرىسىگە ئارتىپ يەنە مەكتەپ تامان يۈرىدۇ.مەن تىپچەكلىگەچ ئۆزەم بىلىدىغان ئەڭ سەت تىللار بىلەن تىللايمەن: ?s\:hNNY  
-ھۇ كەنجىبايغا تەككەن جالاپپپ!!!مېنى قويۇپ بەر!!! ,SynnE68  
-ھە مەن كەنجىبايغا تەككەن.جىم تۇر ماڭقا. E^ P,*s  
-ھۇ قېرى مادا!ۋۇ پاخپاقباش جىن خۇتۇن!!مېنى قويىۋەت دەيمەن!ھېلى ئاپپاڭنى××مە بىكا %{AO+u2i  
-ئاپام بۇ چاغقا توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندۇ تەلۋە تاز. zVXC1u9B  
شۇ تەرزدە غىجىرلىشىپ مېڭىپ بىر كۆتەك تۈۋىگە كەلگەندە خانىم ھېرىپ قالامدۇ ئەيتاۋۇر،توختاپ دېمىنى ئالىدۇ.مېنى يەرگە قويۇپ بولغۇچە تىركاڭشىغان پۇتۇم خانىمنىڭ يۇتىسىغا زەرپ بىلەن ئۇرۇلىدۇ-دە خانىم بىر قولىدا مېنى چىڭ تۇتقان ھالدا ۋايجانلاپ ئىڭرىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالىدۇ.ئۇزۇن خالتا كۆڭلىكىنى قايرىپ يوتىسىغا قاراۋاتقىنىدا كۆزۈم ئىختىيارسىز ئۇنىڭ يۇتىسىدىكى شەلۋەرەپ يىرىڭ ئېقىۋاتقان جاراھەتكە چۈشىدۇ-دە،ئۆمۈسىلا بىر تۇيغۇدا بىئارام بولۇپ گۈشىيىپ تۇرىمەن.شۇ ئەسنادا قاياقتىندۇر خانىمنىڭ ۋېلىسىپىتىنى يېتىلەپ ئەگىشىپ كېلىۋاتقان دادام تەستىكىمگە ئوڭ-تەتۈر شاپىلاقتىن ئىككىنى،قاچقىلى تەمشەلگىنىمنى كۈرۈپ قولىدىكى سېرىق سۆگەتنىڭ ھۆل چىۋىقى بىلەن پاچىقىمغا تۆتنى قويۇپ پاتىڭىمدىن تۇتۇپ دۆشكەلىگەنچە خانىمنىڭ ئالدىغا ئەكىلىدۇ ۋە خانىمدىن كەچۈرۈم سورىغاچ،سارغايغان چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ خانىمغا دەيدۇ: f,V<;s  
-خانىم،ئۆزلىرىنىمۇ ،بۇ تازچاقنىمۇ بۇنچە قىيناپ يۈرمىسىلە ئايلىقلىرىنى كەم بېرەمدۇ ھۆكۈمەت؟كاپىرەتسىيەنىڭ نى شاش توپاقلىرىنى يار يار ھارۋىغا كۆندۈرىدىغان ئالىم ئۇستا ئىدىم. مۇشۇ ئابدۇۋېلىنى سىلىنىڭ مەختەپلىرىگە زادى كۆندۈرەلمىدىم.بىر يىل كۆزىگە كىرىۋالمىسىلا قايدا بولا؟يا ئىسەڭگە(كېلەر يىلى) خوش يېقىپ ئوقۇپ كېتە.بەك بولمىسا مەختەپلىرىدە ئوقۇمىسىمۇ كاممىنانىڭ قوشچىسى بولۇپ گۇڭ پۇڭغا ئىشلەيدىغان ئەزا بولا.قايدا دېدىم خانىم؟ 3nT^?;-  
سالماق ۋە دانىمۇ دانە ئېيتىلغان بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان خانىم دادامغا تىكىلىپ ئۈن-تىنسىز بىر دەم مىشىلداپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز جىيەكلىرىدىكى ياش يۇقىنى سۈرتكەچ،ۋېلىسىپىتىنى يېتىلەپ دىڭگۇكلاپ كېتىپ قالىدۇ. hd>aZ"nm1  
,k{#S?:b  
شۇنداق قىلىپ 20نەچچە كۈن ئوقۇش جەريانىدا ماڭا پانىيدىكى دوزاختەك بىلىنگەن مەكتەپتىن قۇتۇلۇپ قالدىم. !V" 
& -{DfNKc  
 ud xZ0  
ئۈچىنچى ھېكايەت كىچىك پادىچى qfL~Wp2E;  
ئەترەتنىڭ خامىنىدا بىكارلىققا تۇلۇق تاش ھەيدەپ؛ئاتباقار ئىمىنجىنىكامنىڭ ئاتلىرىنى بېقىشىپ بېرىپ،سۇغارغىلى ئاپارغۇچە مىنىۋالغانغا خوش بولۇپ،كېچىسى كاسسىنى كاڭغا قويالماي يۇلتۇز كۆرسىتىمىز دەپ ئىشتانسىز چىقىپ ئاسمانغا دوڭغۇيۇپ؛قارا مىلتىق ۋە ئاپتومات بىلەن قوراللانغان قىز-يىگىت مىنبىڭلار(قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى)قارىغا ئېتىشنى مەشق قىلىدىغان قۇملۇقتىكى بازىدا مىشەك تىرىپ،ئوق بېشى كولاپ؛خوشنىلارنىڭ قىزچاقلىرى بىلەن ئۆي ياساپ، ئەر خۇتۇن بولۇپ ئويناپ سامانلىقتا ۋە ئېرىق ئىچىدە پومداقلىشىپ قۇچاقلىشىپ،بالىلارچە ساددا،ئەمما ئېغىزغا ئېلىشتىن ئۇيالغۇدەك سەت قىلىق بىلەن چوڭلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىپ ‹خورىزەك›لەقىمىنى ئېلىپ....دېگەندەك يۈردۈم. xC*6vH]?  
بۇلاردىن يەنە دادامغا ئەگىشىپ زەيلىك چېپىش ھاشىرىغا بېرىپ داش قازاندا ئۇماچنىڭ قىسىمىنى قىرغىنىم ۋە داش قازانغا چۈشۈپ كېتىپ ‹ئۇماش بالا›غا ئۆزگىرىپ ھاشارچىلارنى بىر ھازا كۈلدۈرىۋەتكىنىم سۈرەتتەكلا كۆز ئالدىمدا.(بۇ كەچمىشىم مۇشۇ ئۆمرۈمدە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇرغان2-ھېكايەم‹كاتتا ئادەم بول›دا قەلەمگە ئېلىنغان.) 0Fk5kGD,&K  
شۇ يىلى ئاي ئايلاپ ئۆيگە كەلمەي چاپىدىغان ھاشارغا جاق تويغان دادام نۇرۇز دۈيجاڭغا يېلىنىپ يۈرۈپ ئەترەتنىڭ مېلىنى باقىدىغان پادىچىلىقنى ئالدى.مەھەللىدىكى ئۆيىمىزنى قۇلۇپلاپ بارى يوقى بىر كالا ھارۋىسىغا بېسىلغان بىساتىمىزنى ئېلىپ يېڭى ماكانغا-سازلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى لاي تام بىلەن قورشالغان ماخوغا كۆچتۇق.شۇندىن كېيىن ھېلىقىدەك قىزىق ئويۇنلارنىمۇ ئۇنتۇپ تەبىئىلا دادام-ئاپامنىڭ ياردەمچىسى-كىچىك پادىچى بوپ قالدىم. lsNrAA%m  
قوي قوتىنىدىن پەقەت ئارىدىكى كېسەك تام بىلەنلا ئايرىلىپ تۇرغان،مايماق بادرا ۋە ساڭگىلىشىپ تۇرغان پىيزەك-ھىكەن بىلەن يېپىلغان،مالنىڭ ئايىغىدىن تېرىلگەن قوناق شادىسى قالىنىدىغان كاڭلىق ئوچاق ۋە كاڭغا سېلىنغان نەچچە يېرىدىن تۈشۈك كىگىز بىلەن بىر نەچچە شەمبىزە يوتقاننى دېمىسە ئېغىلدىن پەرقسىزلا بىر ئېغىز كاتەكتەك ئۆي.مانا بۇ بىزنىڭ يېڭى تۇرالغۇمىز. : >6F+XZ  
كېچىلەردە قويلارنى بۇغماقچى بولغان بۆرىمىكىن(بىزنىڭ مەھەللە ئەتراپىدا بۆرە بار دەپقۇ ئەزەلدىن ئاڭلىغان ئەمەستىم)يا تۈلكىمىكىن ئۆينىڭ ئۆگزىلىرىدە دۈپۈرلىشىپ بىزنى يۈرەكئالدى قىلىۋەتكەندىن كېيىن ماخودىن ئانچە يىراق بولمىغان دۆڭلۈكنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ھۇۋلاپ يوقايدۇ. wF <n=  
يېڭى قۇزىلىغان ۋە تۇغۇشى يېقىنلاپ قالغان ساغلىق ۋە ئۆچكىلەرنى ماخونىڭ ئەتراپىدىكى سازدا يايلاتقاچ ئاخشام-ئەتىلەردە يەم بۇغۇز بېرىپ باقساق،ئەركەك مال ۋە ئوغلاق-پاقلانلىرى مالغا يېتىشكۈدەك بولغان چارۋىلارنى كەنتتىن نەچچە چاقىرىم يىراقتىكى دەريا بويىدا يايلىتىپ،شۇ يەردىكى ئاددى چىتلاق قوتاندا داق يەردە يېتىپ تۈنەيتتۇق.يازلاردا دادام مالنىڭ قىشلىق ئوتى ئۈچۈن تەكلىماكاننىڭ قىرغىقى ھېساپلىنىدىغان قاپلىما قۇملۇقىغا سايغان(قۇمۇشنىڭ بىر تۈرى)ئورغىلى ۋە يانتاق چاپقىلى كەتكەندە جاڭگالدىكى پادىنى بېقىش ۋەزىپىسى باشلانغۇچنى ئەمدىلا پۈتتۈرۈپ توختىۋالغان ئاچچىقى يامان ئاكام بىلەن ئىككىمىزگە چۈشەتتى.ئادەتتە بالەن جاڭگىلى دەپ ئاتىلىدىغان (بالەن سۆزى بەلەننىڭ ئۆزگەرگەن تەلەپپۇزىمۇ ياكى8-رۇتا دېگەن خەنزۇچە سۆز بىلەن يېقىنمۇ،بۇنى ئېنىقلاپ بولالمىدىم.بەلكىم كېيىنكيسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى شۇ ئەتراپتا شۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان،مەخسۇس خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان بىر تەبىئى كەنت مەن تۇغۇلسام بار.) يايلاقتا ئەتراپتىكى بىر نەچچە كەنت ۋە ئەترەتلەرنىڭ پادىسى يايلايدۇ.ھەر قايسى پادىلارنىڭ قۇلاقلىرىدا ئايرىم بەلگە ئەن بولسىمۇ سەللا بىخۇت قالسىڭىز توكور مالچى،تاز مالچى،ياغاق مالچى،جىرتاق مالچى...لار سىزنىڭ پادىڭىزدىكى بىرەر پاقلان ياكى سېمىز ئوغلاقنى مېلىغا قوشۇپ ھەيدەپ كېتىدۇ ۋە كېچىلەردە چاندۇرماي سويۇپ يەۋالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئەترەتكە قەرز بولۇپ دارامەت ۋە نۇرما ئاشلىق ئالالمايسىز،ئۈژمە پىشقاندىن باشقا چاغلاردا تولاراق ئاچ قالىسىز... (eCJ;%%k  
مانا بۇلار دادامنىڭ پادىنى بىزگە تاپشۇرۇش ئالدىدا تاپىلىغانلىرى. x^kp^ /f  
ئىچىشىمىز قوتاننىڭ ئالدىغا بىرەر مېتىردەكلا كولانغان ئازگالغا يىغىلغان بەترەڭ سۇ،يىيىشىمىز نەچچە كۈن ساقلىنىپ كۆكىرىپ پاختىلىشىپ كەتكەن زاغرا پورەك بىلەن ئاندا-ساندا ئېتىلىدىغان، ئاپام ئۆيدە يېيىپ قۇرۇتۇپ بەرگەن چۆپ بىلەن ھېلىقى ئازگالدىن ئۇسقان خۇدانىڭ سۈيىدىن باشقا نەرسە سېلىنمىغان سۇيقاش.گاھىدا ئاكام ساغلىق ۋە ئۆچكىلەرنى سېغىپ سۈتچاي ئېتىمەن دەپ مېنى سېغىننىڭ بېشىنى تۇتقىلى سالىدۇ.ئەممازە سۈتچاينى ئابى زەمزەم ئىچكەندەك ھۇزۇرلىنىپ ئىچسەممۇ،ئاكام شۇنى قىلىمەن دېمىسىدى دەپ تىلەپ كېتىمەن.چۈنكى ئەزەلدىن ئەركىن يايلاپ كۆنگەن پادا قويى ۋە ئۆچكىسى ساغقىلى تۇرغاندا تىپىرلاپ زىنھار جىم تۇرمايدۇ،ئامىتىم كەلگەن كۈنى ھۇزۇرلىنىپ سۈتچايغا نان تۈگۈرۈپ يېگىنىم بىلەن،تولاراق چاغلاردا قوللىرىم سىقىراپ تۇرسىمۇ چىداپ بېشىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان جاغال ئۆچكە مېنى ئوڭدا موللاق سېلىۋېتىپ قوتاننىڭ شادىسىغا ئۆزىنى ئۇرىدۇ،ئۆچكىنىڭ ئەمچىكىدىن يىڭنىنىڭ كۆزىدەك سىرغىپ چىقىپ كۈلدە قارايغان ئاق چاشكىدا ئەمدى يېرىم بولغان سۈت ئۆرۈلىدۇ،ۋىقىلدىتىپ مۇش يەيمەن... PJ]];MQ  
ئادەتتە ئەتىدىن- كەچكىچە چوڭ بولغاندا كۆرگەن تەڭرىتاغ يايلاقلىرىدىكى پادىچى ئىتلاردەك مالنى چۆگىلەپ سەكىلدەپلا يۈرىمىز.چۈش بولاردا پادىنى دەريا بويىغا ھەيدەپ سۇغۇرۇپ،ئۆزىمىزمۇ بىزنىڭ قوتاننىڭ قېشىدىكى ئەشمىنىڭ سۈيىگە قارىغاندا شېكەر سالغاندەك تېتىيدىغان دەريانىڭ لاي سۈيىنى دۈم يېتىپ تۇرۇپ قۇرساقلىرىمىز چولتۇكشىغىچە ئىچىۋالىمىز دە زاغرىمىزنى غاجىغاچ يەنە مالنى قورۇغداپ يايلاققا تارتىمىز. tE@;X=  
دەريا بويىدىكى كېچىكتە باشقا مالچىلار ۋە پادا بولمىغان،ئاكامنىڭ كەيپى چاغ بولۇپ،ئۇنىڭ بىر تاللا ناخشىسى-‹ئاق تاۋاردا كۆينىكى،كۆك تاۋاردا بەلۋىغى،يارنىڭ بويلارى...›دەپ ئېيتىلىدىغان ناخشىنى غىڭشىغان چاغلاردا بالىلىقىمغا ماس كەلمەيدىغان غۇربەت ۋە جاپانى ئۇنتۇپ بىر دەم بولسىمۇ يايرىۋالىمەن.يەنى دەريا بويىدا توپلىشىپ يېتىشقان ۋە بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆشەۋەتقان پادىغا قارىغاچ نۆۋەتلىشىپ دەرياغا ئۆزىمىزنى پاقىچىلاپ ئاتىمىز.كەيپسىز ۋە تىنچ ئېقىۋاتقان ئېقىن بىر دەمچىلىك بولسىمۇ بىزگە بالىلىقىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. v}1QH  
سەل ئۈستۈندىرەك كېچىكتە ئىككى قىرغاققا قادالغان خادىغا تارتىلغان سىمنى ئەپچىللىك بىلەن بويلاپ ئات ھارۋا سېلىنغان ياغاچ تاختاي كېمىنى بۇ قاتقا ئۆتكۈزىۋاتقان قېرى كېمىچىنىڭ قاراماتاق قىزى ناخشا توۋلاپ كېلىدۇ: R_sr?V|"  
ئاقتۇر بىلىكىم ئاقتۇر، k"NVV$;  
بىلەكتە سائىتىم يوقتۇر. S/D^  
شاڭخەي سائىتىم بولسا، 'NX```U0  
ئۆلسەم ئارمىنىم يوقتۇر. zUKmxy@  
............،............ ]}U*_rM:  
باشقا مالچىلار پادىسىنى بىر يەرگە جۇغلاپ دۆڭلۈككە چىقىپ قارتتا پىشتى ياكى زادەنگە، ماياق تىزىپ قاتارغا چۈشۈپ كەتكەن، يايلاق ئازادىلىشىپ قالغان ناگان كۈنلىرى ئاكام مالغا ئۆزى قاراپ مېنى مەھەللە ئىچىگە ئۈژمە تەرگىلى ئەۋەتىدۇ.نەچچە يىل كىيگەندىن كېيىن كىچىك كېلىپ قېلىپ ئاكامدىن ماڭا قالغان،رېزىنگە چەمىدىن باشقا ئۈستىلىكىدىكى بېرزىنت رەختى چىرىپ كېتىپ پۇتۇمدا تۇرمايۋاتقان،ھەر قېتىم لازىملىقلارنى ئەكەلگىلى ئۆيگە بارغاندا‹ئابدۇۋېلىنىڭ خېيىغا›دەپ ئاپام مەخسۇس ئاتاپ ئىگىرگەن پاختا يىپتا پۇتۇمغا يۆگەپ كىيىدىغان چۇخىيىم(ئەمەلىيەتتە بىر جۈپ رېزىنگە چەم)نى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ بىگىزدەك سانچىلىدىغان زىخ قۇمۇش ۋە چېقىرتىكەنلەر ئارىسىدىن توشقاندەك پەرتتەك ئۇرۇپ مەھەللىگە قاراپ يۈگرەيمەن.ئاغزىمدا كىمدۇر بىراۋ ئۈگىتىپ قويغان،يۈگرەۋاتقان قەدەم رېتىمىغا ماس توختىماي ئېيتىلىدىغان تىكەن كىرمەسنىڭ قوشىقى: *^f<W6xc  
مەن تىكەننى كۆرمىدىم، Ag&0wN+jTM  
تىكەن مېنى كۆرمىدى. D@ Vt^_  
مەن تىكەندىن قورقمايمەن، 5[A@ gw0u  
تىكەن مەندىن قورقىدۇ.... Zy o[(`y  
مىڭبىر بالالىقتا بىز يەرلىك تىلدا توپاق دەپ ئاتايدىغان يوغان دانلىق ئاق ئۈژمە،چېقىر ئۈژمە ۋە قارا ئۈژمىدىن پۈدىمەي ئاغزىمغا سالغاچ ھېلىقى ئەسلىدە ئاق؛ھازىر قازاننىڭ،چۈمۈچنىڭ ۋە چىنىنىڭ ئورنىدا ئۈچ خىل ۋەزىپە ئېلىپ قارىداپ سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن چاشكىدىكى تەرگەن ئۈژمىنى كۆتىرىپ ماڭغىنىمدا خوشنا كەنتنىڭ زەيلىك بويىدا ئويناۋاتقان بالىلىرى(بەزىلىرى ياشتا مەندىن خېلىلا چوڭ) ئالدىمنى توسىدۇ.ئاۋال يالۋۇرىمەن،ئاندىن تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ يىغلايمەن.بەكرەك بوزەك قىلىنغىنىمدا بولسا كۈزۈمگە ھېچنىمە كۈرۈنمەي قولۇمغا ئىلىنغاننى قويىۋەتمەي تۇتىۋېلىپ مۇشلايمەن،تاتىلاپ-تىرمىلاپ چىشلەيمەن. % ] >KvoA  
ئاخىرىدا زىيان تارتقىنى يەنىلا مەن.يۈز-كۆزلىرىم كۆك،شور يەرگە تۈكىۋېتىلىپ شالتاق بوپ كەتكەن ئۈژمەمنى ماكچايتىۋېتىلگەن چاشكىغا ئوچۇملاپ تىرىپ سېلىپ ماڭقامنى سولغاي تارتىپ يىغلىغاچ پادىنىڭ قېشىغا ماڭىمەن.ئەپتىمنى كۆرگەن ئاكام يىغلاپ تۇرۇپ تۆككەن دەردىمنى ئاڭلاپ چىپەرقۇت چاپىنىنىڭ يېڭى بىلەن يۈز-كۈزۈمنى سىيپاپ ئېغىر ئۇھسىنىدۇ ۋە خەپ دېگىنىچە مەن ئەزەلدىن ھېس قىپ باقمىغان مېھرىبانلىق بىلەن مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ياش تۆكىدۇ.بىر ھازا يىغلىشىپ،ئىچى قارنىمىز بوشىغاندا توكۇر پاقلان ۋە تەلۋە ئوغلاقلارنى قۇچاقلاپ كۆتىرىپ يۈرۈپ ئوتاغا قايتىمىز.شالتاق ئۈژمىنى ئازگالنىڭ سۈيىدە چايقاپ نان بىلەن قۇشۇپ ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇپ يەپ قۇرساقنى گوللىغاندىن كېيىن قوتاننىڭ يېنىغا ياسالغان ساتمىغا كىرىپ،بىر دەم تۈتۈن سېلىپ پاشا بىلەن جىدەللىشىمىز،دالىنىڭ غۇر غۇر شامىلى پاشىلارنى قوغلاپ جانغا ئارام بەرگەندە شەنبىزە يوتقاننى تەڭ يېپىنىپ،بىر بىرىمىزنى ھىدلاپ يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىمىز... " f "6]y  
كېيىنچىرەك چىقىشىپ قېلىپ پادىنى قۇشۇپ بېقىۋاتقان،بىزنى كىچىك كۈرۈپ تولاراق مال توسقىلى سالسىمۇ ئانچە مۇنچە قۇداچىلىقىمىز سەۋەپلىك بىزگە ئىشەنچلىك سانالغان جامىل موزدوزغا پادىنى يېرىم كۈنلۈك لاپقۇت بىلەن تاپشۇرۇپ،خوشنا كەنتنىڭ كالا پادىسىنى باقىدىغان سائەتخاننىڭ ئىشەك ھارۋىسىنى سوراپ ئۆيگە ماڭدۇق.مۇقەررەر بېسىپ ئۆتـمىسەك بولمايدىغان ھېلىقى كەنتنىڭ دوقمۇشىدا ئۆتكەن قېتىم مېنى بوزەك ئەتكەن نائەھلىلەر يەنە بىزگە قاراپ ھىجاراپ يۇپۇرۇلۇپ كەلدى.بىراۋلار زاڭلىق قىلىپ سەت ھاڭرايدۇ.بىراۋلار ھارۋىنىڭ كەينىگە چىقىۋېلىپ چۈش دېگەنگە ئۇنىمايدۇ،يەنە بىر دودەن بېلى تۇغامدەك ئېگىلىپ كەتكەن قېرى ئىشەككە ھارۋىنىڭ شوتىسىدىن ئارتىلىپ چىقىپ مىنىۋالىدۇ.ئاچچىقىمىزنى زورىغا بېسىپ چىشىمىزنى چىشلەپ كېتىۋاتساق،ئۇلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ نەدىندۇر تېپىپ كەلگەن ماي قەغەزگە ئوت يېقىپ باش كۆزىمىزگە ئېتىپ خوپ بىسەرەمجان قىلدى.ئەزەلدىن ئاسانلىقچە باشقىلارغا يول قويمايدىغان ئاكامنىڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلىقى بار چاغۋا.ھارۋىغا سېلىنغان كىگىزنىڭ ئاستىدىن قالماقنىڭ قامچىسىدەك ئەپچىل بىر تال چىۋىقنى ئېلىپ ماڭا تۇتقۇزۇپلا ئېشەك ھەيدەيدىغان تاسما قامچىنى كۆتىرىپ ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشتى.مەنمۇ دەماللىققا دەقىقە ھاڭۋېقىپراق ئاندىن ئاكامنىڭ ھەركىتىگە قاراپ نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم دە،سەكرەپ چۈشۈپ ئاكامغا ھەمدەمدە بولۇپ،پۈتۈن غەزىپىم ۋە كۈچۈمنى قولۇمغا مۇجەسسەم قىلىپ جەننەتتىن چىققان كۆك تاياقنى بىزگە ئارامچىلىق بەرمىگەن5-6دەك قاپاق نوچىلارنىڭ باش-كۆزىنى نىشانلاپ ئاچچىق-ئاچچىق شىلتىدىم. 5<UVD:~z  
تۇيۇقسىز بېرىلگەن زەربىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قېلىشقان بۇ كىچىك توپتىكىلەر دەسلەپ ھاڭۋېقىپ،ئاندىن باش كۆزىنى توسۇپ تۈگۈلۈپ،قامچا تاياقلىرىمىز توختىماي بەش-ئالتىدىن تەككەندىن كېيىن ئالدىمىزدا ئىلگىرىكى ھاكاۋۇرلۇقىدىن ئەسەرمۇ يوق ھالدا يالۋۇرۇپ ۋە شەرمەندىلەرچە قېچىپ قۇتۇلدى. Y8o)FVcyNy  
كەنتنىڭ چىقىش ئېغىزى بولغاچ چاپسانلا كەنتتىن چىقىپ بىر خىل يۈرۈشتە مېڭىپ يول قىرىدىكى ئوتلارنى يىگەچ كېتىۋاتقان ئىشەك ھارۋىغا يېتىشتۇق.ئاڭغىچە ئارىلىقتا ئاكام يول قىرىغا دۈۋىلەپ قويۇلغان ئوتۇنلار ئارىسىدىن ئەپچىلگىنەئىككى تال كالتەكنى خىللاپ ئېلىپ قولتۇقلىۋالدى.شۇنداق قىلىپ ئىشەكنى زىخلاپ ھەيدەپ ئۆيگە ساق-سالامەت يېتىۋالدۇق.  #`o2Z  
S" xKL{5  

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە
زامانى مۇنبەر پۇلى +100 2010-10-02 مىنى ھەقىقەتەن كەچۈرۈڭ بۇنداق ئېسل ئەسرىڭىزنى ئوقۇمىغانلىقىمنى كەچۈرۈڭ..... تىل قابىلىيتىڭىزگە قول قويدۇم .بارىكاللا   مۇنبەردىكلەر   يېڭى دەۋىردىكى<< دىھقان بولماق تەس>> /read.php?tid=10352&u=2839 دىگەن داستانىمنى  يوللىغىنىمدا تىلغا  بايكەنسىز  دىگەنتى      ئەسىلىدە  مۇنبەردىكى تىلغا باي كشى سىزكەنسىز چىچى نومرۇم 472027263
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
يازاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق،
يازماي دېسەم ئىتىياق تۇلۇق.
ھەج قىلغۇدەك بىساتىم تۇرۇپ،
مەن نېمىشقا يەنە قايغۇلۇق؟
KUYQI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5183

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   40 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5271 (سوم)
 ياخشى باھا:   188 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 141
 سائەت
دەرىجىسى:
141 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-29
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

  بىرىنجى ھىكايەتتىكى  ۋەقەلىك مىنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەتتى ،لېكىن مەن بەسەي ئوغۇرلىمىغانتىم.
 
kalkvn117117
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1611

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   568 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13097 (سوم)
 ياخشى باھا:   531 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   569  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 655
 سائەت
دەرىجىسى:
655 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-30
ئاخــىرقىسى:2011-08-27
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

تېمىڭىزنى قايتا تەھىرىرلەپ قويسڭىز .
 
تۈنۈگۈن بۈگۈن ئۈچۈن، بۈگۈن ئەتە ئۈچۈن .
kayguluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5706

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   164 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6690 (سوم)
 ياخشى باھا:   309 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   369  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1661
 سائەت
دەرىجىسى:
1661 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت kalkvn117117 كە 2010-08-28 06:26 PMئەۋەتىلدى : 1 `7<2w  
تېمىڭىزنى قايتا تەھىرىرلەپ قويسڭىز . 2]c {P\  
9P<[7u  
شۇنداق قىلاي دېۋىدىم.ئەمما راستلا قاملاشتۇرالمىدىم.بولسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويساڭلار.خەتلەر راستلا قالايمىقان.
 
يازاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق،
يازماي دېسەم ئىتىياق تۇلۇق.
ھەج قىلغۇدەك بىساتىم تۇرۇپ،
مەن نېمىشقا يەنە قايغۇلۇق؟
azghun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3250

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   109 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5985 (سوم)
 ياخشى باھا:   196 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   273  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 978
 سائەت
دەرىجىسى:
978 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-03
ئاخــىرقىسى:2011-06-12
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

بەك قىزىقارلىقكەن   سۆزگە بايكەنسىز .
 
يىشيۇ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1716

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   710 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9098 (سوم)
 ياخشى باھا:   497 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   609  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 62
 سائەت
دەرىجىسى:
62 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

بۇلار  راسلا بولغان ئىشلارمۇ   -CElk[u  
بولغان ئىشلار بولسا ھەقىقەتەن تىلغا بايكەنسىز  
 
دۇنيادا يىچقانداق ئادەم ياش تۆكۈشۈڭگە ئەرزىمەيدۇ .
ئەرزىيدىغان ئادەم سىنى ياش تۆككۈزمەيدۇ.
izqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.178

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   48 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5859 (سوم)
 ياخشى باھا:   195 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1039
 سائەت
دەرىجىسى:
1039 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز !   بۇلۇپمۇ تىل ئىشلىتىشكە كەلگەندە تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن تىل بايلىقىمىزنى نامايەن قىپسىز .  ئەسىرىڭىزگە ئىشلەتكەن ئوخشىتىش،سۈپەتلەشكە ئوخشاش ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەتنى تولىمۇ ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىپ ، ئەسىرىڭىزنىڭ تىلىنى تولىمۇ گۈزەل قىپسىز  .     .>a$g7Rj  
     تېخمۇ تىرىشىڭ !  بولسا داۋاملىق ئەسەر يوللاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ!! /. f!  
خۇدا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !
 
xaxaxa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8014

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5141 (سوم)
 ياخشى باھا:   183 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 30
 سائەت
دەرىجىسى:
30 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-26
ئاخــىرقىسى:2010-09-01
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

رەھمەت خەتيازغان قولىڭز غا خۇدا دەت بەرمىسۇن     
 
LALa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4781

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   92 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5496 (سوم)
 ياخشى باھا:   191 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   257  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 490
 سائەت
دەرىجىسى:
490 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-03
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

ۋاي..ۋاي.. نىمە دىگەن ياخشى يازغان .. ماڭا بەكلا ياقتى. ئوقۇپ بولغۇچە نەچچە قېتىم كۈلۈپ كەتتىم. كىچىك ۋاقتىم ئېسىمگە كەلدى. سىزمۇ مەندەك كەپسىز بالىكەنسىز. داۋامىنى ساقلايمەن. تېخىمۇ ياخشى يېزىڭ.   
 
تەۋرەنمەس مۇھەببەت_ ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر.
tabassum428
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7799

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5148 (سوم)
 ياخشى باھا:   185 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 26
 سائەت
دەرىجىسى:
26 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-25
ئاخــىرقىسى:2011-06-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

ياخشى تىما  بۇپتۇ.رەخمەت  سىزگە
 
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4320 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55356 (سوم)
 ياخشى باھا:   2677 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2586  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1677
 سائەت
دەرىجىسى:
1677 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

بالىلارنىڭ چۈچۈك تىلىنى شۇنداق جانلىق، جايىدا ئىشلىتىپسىز....بالىلارنىڭ ئەمىلىي بولغان تۇرمۇش كارتىنىسى قىزىقارلىق تىللار ئارقىلىق شۇنداق ياخشى ئىپادىسىنى تېپىپتۇ..... 2%pU'D:  
داۋامى باردەك تۇرىدۇ ئەسىرىڭىزنىڭ...داۋامىنى كۈتىمەن...... "G,,:H9v  
بۇنىڭدىن كېيىن تېما يازغاندا  تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئىملارغا بەكراق ئېتىبار بەرسىڭىز......
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
kayguluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5706

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   164 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6690 (سوم)
 ياخشى باھا:   309 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   369  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1661
 سائەت
دەرىجىسى:
1661 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-28

داۋاملىق يوللىماقچى ئىدىم.ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانى ئۇنچە كۆپ ئەمەس.قىزغىنلىقىمغا بەرھەم بولىۋاتىدۇ. /I1n${{ 5  
قۇرلارنى ئۇزۇن كۆرۈپ ۋاقتى يېتىشمەيۋاتامدۇ تورداشلارنىڭ. 5`$!s17  
بۇ تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتىغا بېقىپ ئىشلىنىدىغان كۆپ قىسىملىق فىلىم. e igVT4  
ئىشقىلىپ نېمىلا بولسۇن،يالغۇر بىر نەپەر تاماشىبىن قالغۇچە قويۇلىدۇ. (C1~>7L  
باشتا دەپ ئۆتكىنىمدەك بۇ پەقەت ۋاقت ۋە زېھىنلا دەسمى سېلىنىپ ئىشلىنىدىغان فىلىم.ئاشۇ دەسمىدىن مەھرۇم قالمىساملا ئاللا مەدەت قىلسا چوقۇم ئاخىرىغىچە ئىشلەيمەن.چۈنكى قەلىمىمگە قۇۋۋەت بېرىدىغان روھى جۇغلانما مەندە يېتەرلىك.ئىشەنچىممۇ تولۇق. bfEH>pQ>#  
كەمىنە قەلەم ئىگىسى ئابدۇۋەلى مەخسۇت(قايغۇلۇق)
 
يازاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق،
يازماي دېسەم ئىتىياق تۇلۇق.
ھەج قىلغۇدەك بىساتىم تۇرۇپ،
مەن نېمىشقا يەنە قايغۇلۇق؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى