كىشىنى ئىنتايىن جىددىيلىككە، ئالاقزادىلىككە سالىدىغان ، ھازىرقى جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر چوڭ سىناق ۋە ياكى مەلۇم نۇقتىدىن ئىيتقاندا ئادەمنىڭ كىيىنكى ھاياتىغا ئۇل سالغۇچى ئۆتكەل ــ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىر شۇنچىلىك ئەندىشە ، بىسەرەمجانلىق ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئاياغلاشتى . ئىمتىھان تۈگىگەندە مەكتەپ ئالدىدا بىزنى ئىنتىزارلىق ۋە زور ئۈمىدلەر بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئاتا-ئانىلىرىمىز ھاۋانىڭ شۇنچە ئىسسىق بولىشىغا قارىماي ، ساقچى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار پوستتا تۇرغان مەكتەپ دەرۋازىغا تەلمۈرۈپ قارىشاتتى . مەن ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ بولۇپ سىرتقا چىقتىم ، ھاۋا شۇنچە ئىسسىق بولسىمۇ ، ئەمما بايىدىن بېرى قاتتىق ئىشلەپ چارچىغان مىڭەمگە سىرتنىڭ ھاۋاسى شۇنداق ئىللىق ، يېقىشلىق بىلىنىۋاتاتتى . مەن مەكتەپ ئىچىدىكى سۆگەت دەرىخىنىڭ ئاستىدا ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ بايا بالىلار بىلەن دىيىشىپ قويغىنىمىز بويىچە ، ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ساقلىدىم . ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىدىن بىر-بىرلەپ چىقىۋاتاتتى . ھايال ئۆتمەي قەدىناس دوستۇم ئىزىزنىڭ گەۋدىسى يىقىنلاپ كىلىشكە باشلىدى . ئۇ قىشىمغا كىلىپ قولىنى تەڭلەپ ، ئۇنىڭغا ئۇزاتقان قولۇمنى چىڭ سىقىپ خۇشال كەيپىياتتا تۇرۇپ دىدى :
ـ ئۇف ئاداش ، ئاخىر ماۋۇ ئىنتىھامنى تۈگەتتۇق ھە ؟ ئۆزۈمنى شۇنداق ئازادە، شۇنداق يەڭگىل ھېس قىلىۋاتىمەن .
ـ مەنمۇ شۇ ئاداش ، مەنمۇ ئۆزۈمنى بەكلا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن دىسە ، - دىدىم مەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراپ .
ـ ئەخمەت ، ئاداش ، ماۋۇ ئىمتىھاننىمۇ قاس چىقىرىپ بىرىۋەتتىڭ ھەقىچان ؟ شۇنداقمۇ ؟
ـ قاس ئەمەس ئوت دىگىنە ئاداش ، ئوت !
ـ ھاھا ، - ئىككىمىز ئىچىمىزدىن چىقىرىپ ھوزۇرلىنىپ كۈلدۇق . ئارىدا يەنە بىر يىقىن دوستىمىز ــ ئەكبەرمۇ كەلدى ، ئۇنىڭ چىرايىدىن خاپىغانلىق ، مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى .
ـ ۋاي نىمە بولدۇڭ ؟ چىرايىڭ بىر قىسىمىلا بوپ كىتىپتىغۇ ؟ - سورىدى ئىزىز ئەكبەرنىڭ چۈشكۈن چىرايىغا قاراپ .
ـ ئۇنىڭ گىپىنى قىلمىغىنە ئاداش ، ماۋۇ ئىمتىھاننىمۇ ئوسال بىرىپ چىقتىم دەيمەن ، - دىدى ئەكبەر ئاچچىغلانغان قىياپەتتە ، - ئاۋۇ كومىسسىيەنىڭ بۇرنىغا شۇنچە ئۆتكۈزگەندەك قىلغان ، ھىچبىر پايدىسى بولماپتۇ دىسە ، خەپ !
ـ بولدى قىلە ئاداش ، - دىدىم مەن ئۇنىڭغا رەددىيە بىرىپ ، - ئۇنىڭدىن كۆرسەڭ قانداق بولىدۇ ؟ بۇرۇن بىز ساڭا نىمىلەرنى دىمىدۇق ، ئۆزۈڭ "ۋاي ، دادام ئانداق باشلىق ، ئەھۆ دىسىلا ئۆتۈپ كىتىمەن ئۇنداق توك-توك ئىمتىھانلاردىن " دەپ كۈنبويى لاغايلاپ ، يا ئۇخلاپلا يۈردۈڭ ! - گىپىمنىڭ سەل قاتتىق تەلەپپۇزدا چىقىپ كەتكىنىنى سىزىپ ، سەل مۇلايىم قىلىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرمەكچى بولدۇم ، - بولدى ، بۇرۇنقى ئىشلارنى تەگەشمەيلى ، ئۆتۈپمۇ قالارسەن ، "ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار " دىگەن گەپ بار ، تەلىيىڭ كىلىپ بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىۋىتەمسەن تىخى . بۇ قىتىم ئىمتىھان مەيدانىنى بەك چىڭ تۇتۇپتۇ ، كومسسىيەدىن ئاغرىنساڭمۇ بولمايدۇ ، ۋاقتى كەلگەندە نەتىجە چىققاندا بىر گەپ دىيىشمەمدۇق ؟
ـ شۇنداق قىلايلى ، ھازىر نىمە دىسەك بىكار ، شۇ چاغدا كۆرەيلى ، - دىدى ئىزىز مىنىڭ گىپىمنى قوللاپ ، - ماڭايلى ، ئاتا-ئانىلىرىمىز ساقلاپ قالدى ، تىزرەك چىقىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزىلى . ئەكبەر ، سىنىڭ داداڭ باشلىق ، تىشىغا چىققاندا بۇنداق چىرايىڭنى ئوسال قىلىپ چىقىپ "ياخشى بىرەلمىدىم!" دىسەڭ ، ئاتا-ئاناڭنىڭ يۈزىگىمۇ سەت ، مۇنداق كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ ، "ياخشى بەردىم !" دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ قويغىن جۇمۇ .
ـ ئىم ، - ئەكبەر بىشىنى لىڭشىتىپ ئۆزىنى سەل ئوڭشىدى .
مەكتەپ سىرتىغا چىققاندا غۇژمەك بولۇپ تۆت كۆزى بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرىۋاتقان ئاتا-ئانىلىرىمىزغا ئۆز ھىسىياتىمىز ، ئىنتىھام جەريانىدىكى ئىشلارنى دەپ بىرىپ ، ئۇلارغا روھىي خۇشاللىق ئاتا قىلدۇق . بىز ئۈچ دوستنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ تونۇش بولۇپ ، ھەممەيلەن بىر چوڭ دەرەخ سايىسىگە ئولىشىپ ، بىردەم پاراڭدا بولدۇق . ئەكبەرنىڭ بايىقى چۈشكۈنلىكى يوقاپ ، ئەكىسچە ئىنتايىن مەغرۇر ۋە روھلۇق ھالدا ئاتا-ئانىسىغا "خۇش خەۋەر" لىرىنى يەتكۈزىۋاتاتتى :
ـ ۋاي ئەنسىرىمەڭلا ، ماۋۇ ئىمتىھاننىمۇ بەك ياخشى بىرىۋەتتىم ، قەتئىي تەمتىرەش يوق ، كۆزۈمنى يۇمۇپلا بىرىۋەتتىم ! ئىپى كىلىپ قالسا تىخى مىنى چىڭخۇاغا تاللاپ ئەكىتەمدۇ تىخى ... سىلەرمۇ بىلىسىلەر ، مىنىڭ ئۇنداق چەت ياقىلارغا بارغۇم يوق ، مۇشۇ يەردىكى توك-توك مەكتەپنىڭ بىرىدە ئوقۇۋىرەي ھە .
ئۇنىڭ گىپىدىن ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق ، ئۇنىڭ يىنىدا كۆزىگە قارا كۆزەينەك تاقاپ ، يوغان قورساق سالغان ، قىممەت-باھالىق كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن باشلىق دادىسى كۈلگىنىچە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى :
ـ ۋاھ ، بەلەن بالا جۇمۇ بۇ ، كۆزىنى يۇمۇپلا بىرىۋەتكىنىنى ، ئىمتىھان قەغىزىگە يوغان توخۇمدىن بىرنى سىزىپ چىقمىغان بولساڭلا مەيلىغۇ ؟
ـ ھاھاھا ... ، - ھەممەيلەن بۇ ھەقىقەتەن باشلىققا خاس سالاپىتى بار ئادەمنىڭ چاقچىقىغا يۆلەپ لايىغىدا كۈلۈپ قويدۇق .
شۇنداق قىلىپ ئىمتىھانمۇ تۈگىدى ، ئارزۇ توشقۇزىدىغان ئىشلارمۇ بىجىرىلىپ بولغاندىن كىيىن ، بىكار قالدۇق . ئىمتىھاننىڭ تۈگىشىغۇ تۈگىدى ، ئەمما ، نەتىجىمىزنىڭ قانداق بولىشىغا قارىتا تېخىچە ئىچىمىزدە ئەندىشە بار ئىدى ، شۇڭا بىز ئۈچ دوست كۈندە دىگۈدەك يىغىلىپ ئويناپ كىلەتتۇق ، كۆڭلىمىزنى ئېچىپ كىلەتتۇق . بىر كۈنىسى قاۋاقخانىدا ، بىر كۈنىسى ktv ياكى دىسكوخانىلاردا يۈرەتتۇق ، ئاساسەن ھەممىمىزنىڭ ئوشۇق كەيپ بىلەن <ئىقىمىز> كىلىشمىگەچكىمۇ ، غەيرى كەيپلەرنى قىلماي ، ھاراق-تاماكا بىلەنلا چەكلىنەتتۇق ، ھاراق ئىچسەكمۇ ، ھەمممىز كەچقۇرۇنلىرى ئۆيگە قايتىدىغان بولغاچقا كۆپ ئىچىشكە پىتىنالمايتتۇق . ئارىدا ، ئەكبەرنىڭ دادىسى باشلىق بولغاچقىمۇ ، ئويۇن-تاماشالارنىڭ چىقىملىرىدىن كۆپ ئەنسىرەپ كەتمەيتتۇق ، ئىزىز بىلەن ئىككىمىز ئانچە چىقىم قىلىپ كەتمىسەكمۇ ، دەماللىققا قاتاردىن قالماي چىقىرىشىپ تۇراتتۇق . ئىزىزنىڭ مىجەزى تۈز ، گىپى ئوچۇق ئىدى ، ئۆزىمۇ ئۇستىخانلىق ھەم قاۋۇل ئىدى ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوقۇتقۇچى بولغاچقىمىكىن ، ئۇنىڭ ئۆگىنىشى بىر قەدەر ياخشى ئىدى ، بۇ قىتىملىق ئىمتىھاندىمۇ ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېلىشى ئېنىق ئىدى . ئەكبەر بولسا كىچىكىدىن باشلىق دادىسىنىڭ سايىسىدە ئەركە چوڭ بولغان بولۇپ ، يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ، ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈپ ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىگە جىق چەك قويمايتتى ، ئىقتىساد جەھەتتىنمۇ كەڭ قول بولۇپ ، يىنىدىن پۇل ئۈزۈلدۈرمەيتتى . ئۇ شۇنداق چوڭ بولغاچقىمۇ ، ئازراق مەنمەنچى ، ھاكاۋۇر ئىدى ، ئەمما ، ئىچىگە كىرىپ چىقساق تەبىئىيتى يەنىلا ياخشى بولۇپ ، خۇشچاقچاق ، قىزلارنىڭ گىپىنى قىلىشقا ئامراق ئىدى . ماڭا كەلسەم ، مىنىڭ ئاتا-ئانام دوختۇر بولۇپ ، خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقىمۇ ماڭا ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىگە بولۇپ تۇرالمايتتى ، ئەمما مەن ئادەتتە بۇنى يوچۇق دەپ بىلمەيتتىم ، بەزى ئىشلاردا يەنىلا ئۆزۈمنى تىزگىنلەپ تۇراتتىم . ئىتىراپ قىلىدىغىنىم شۇكى ، بەزىدە قىلىمەن دىگەن ئىشلىرىمنى قىلمىغۇچە ئارام تاپمايتتىم ، تولۇق 3-يىللىقتىمۇ ئىزىزگە يىتىشىۋالىمەن ، دەپ ئۆزۈمگە قاتتىق ئىرادە قىلغاچقىمۇ ، ئۇنىڭغا يىتىشىپ بولالمىساممۇ ، ئىمتىھاننى ئويلىغىنىمدىن خېلىلا ياخشى بەرگەنىدىم .
بۈگۈن يەكشەنبە ، بىز ئۈچىمىز دىيىشكىنىمىز بويىچە ئاۋۋال كونا جايدا كۆرۈشۈپ ، ئاندىن شەھەرنىڭ ئالدى ھىسابلىنىدىغان دىباغا كىرمەكچى بولدۇق . ئۈچىمىزنىڭ ئۈستى-بىشى شۇنداق ئىسىل ئىدى ، ئەمما ، ئىزىزنىڭ يىڭى ئىقىمغا ماسلاشتۇرۇپ كىيگەن كىيىملىرى ئاجايىپ ياراشقان ئىدى . بىز ئۈچىلىمىز بۈگۈن ئۆيدىكىلەرگە كەچتە باشقا بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئىيتقانىدۇق . بىز ئاۋۋال تاماق يەۋىلىپ ، ئاندىن كىرمەكچى بولغان دىبانىڭ ئالدىغا كەلدۇق .
ـ ھەي بالىلار ،دىققەت قىلدىڭلارمۇ ؟ بۈگۈن بۇ يەرگە كىرىدىغان قىزلار كۆپكەن جۇمۇ ! - دىدى ئەكبەر كۆزىنى پارقىراتقىنىچە .
ـ ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ؟ ئۇلارمۇ تەتىل قىلغاندۇ ياكى جەمئىيەتنىڭ بىرنىمىلىرىدۇ ، - دىدىممەن ئۇنىڭغا سۆزىگە قارىتىپ .
ـ قاچاندا قارىسا گىپىمگە پۇتاق تېپىپ يۈرىدىكەنسەن ، بىز قاچانغىچە يالغۇز ئويناپ يۈرىمىز ؟ بىزمۇ رەڭلىك ئولتۇراپ باقىلى مۇنداق . - قاچاندا قارىسا قىز بالىنىڭ گىپى ، - دىدى ئىزىز ئەكبەرگە قاقشىغان تەلەپپۇزدا ، - يا بۇرۇنقى مۇھەببەتلىرىڭدىن بىرەرنى چاقىرمايدىكەنسەن ، قىزبالا دىگەننى چاقىرساڭ ئۈنمەمدۇ ؟
ئىزىز گەپنى باشقا ئۇسۇلدا ئىيتىپ ئۇنىڭغا رەددىيە بەرمەكچى بولغان ئىدى ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئەكبەر ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋالغاندەك مۇغەمبەرلەرچە كۈلدى :
ـ ئوھوي ئىزىزجان ، سىنى خېلى مۆڭ دەپ يۈرسەك ، ئىمتىھان تۈگەپلا سىنىڭمۇ ئىچىڭ قىززىپتۇدە ؟ بۇرۇنقى ئۇ نايناقلارنى چاقىرساممۇ بولاتتى، لىكىن شۇ بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن . قارا ئاداش ، سەل تۇرۇپ ئىچىدە بىرەر قىزلار ئۇچراپ قالسا چوقۇم ئۇلار بىلەن ئامال قىلىپ تونۇشۇپ ، بىرگە ئوينايدىغاننىڭ ، بولسا تەتىلدە ئىش-پۇشۇقىمىزنى چىقىرىدىغان ھەمراھلاردىن قىلىۋالمامدۇق ؟ ياق دىمە ھە ، ئۆزۈڭ بايا شۇنداق دىگەن !
ئىزىز نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى ، ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن كەتكەنلىكىنى بىلدى ، ئەمما ھازىر ئۇ نىمىلا دىسە ئورۇنسىز ئىدى ، شۇڭا " قىنى شۇ چاغدا بىر گەپ بولمىسۇنمۇ ؟" دەپ مۈجمەل جاۋاب بەردى . ئەكبەر ئۇنىڭ تىخىچە قايىل بولمىغانلىقىنى بىلىپ ، كۈلگىنىچە بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى .
ـ ئەمدى كىرەمدۇق ، بۇ يەردە تۇرىۋەرسەك ، بىزنى ئامانلىق ساقلىغۇچىلاركەن دەپ قالمىسۇن ، كىرەيلى ، - دىدىممەن داۋاملىق تۇرىۋىرىشتىن زىرىكىپ .
ـ كىرسەك كىردۇق ، قەدەملەپ مارش! - ئەكبەر چاقچاق قىلىپ ئالدىدا يول باشلاپ كىرىپ كەتتى . بىز مەغرۇر قەدەملەر بىلەن ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق ...
ئىچىگە كىرىپ ئۈستەلنى مول نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇپ ، ئويۇنىمىزنى باشلىدۇق . ئەكبەرنىڭ كۆزى قارچۇغىنىڭ كۆزىدەك ئەتراپتىن كىتەلمەيتتى ، تىمسىقلاپ نىمىلەرنىدۇر ئىزدەيتتى ، ئىزىز ئىككىمىز بولساق پارىڭىمىزنى قىلغاچ ئىچىپ ئولتۇردۇق . بىر چاغدا تانسىلىق ناخشا توختاپ ، مەيداندىكى <مىھمانلار> چۈشۈشكە باشلىدى ، ئەكبەر خۇددى پۇل تىپىۋالغان كىچىك بالىدەك تۇيۇقسىز توۋلىۋەتتى :
ـ قاراڭلار ئاداش ، ئاۋۇ يەرگە قاراڭلار !
بىز نىمىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ، ئەكبەرنىڭ قول ئىشارىسى كۆرسىتىپ تۇرغان نىرىدىكى ئورۇنغا قارىدۇق ، ئۇ ئورۇندا بىر-بىرىدىن ئىسىل ،زامانىۋى كىيىنگەن بىز ياشلاردىكى مودا قىزلار ئولتۇراتتى ، ھاراق ئازراق ئىلىنغاچقىمۇ ، كۆزلىرىمنى بىر ئۇۋلىۋىتىپ ئۇلارغا تەپسىلىي قارىدىم ، ئۇلارنىڭ چىرايى ھەر قىتىملىق ناخشا توختاش بىلەن يىقىلىدىغان سۇس قىزىل ۋە كۆك رەڭلىك چىراغ ئاستىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى ، ئۇلار چاچلىرىنى بويىتىۋالغان ياكى تۈزلەشتۈرگەن (拉直) بولۇپ ، چىرايىمۇ شۇنداق سۈزۈك ھەم چىرايلىق ئىدى .
ـ قانداق ؟ ئېسىل <مال>مىكەن ؟ - دىدى ئەكبەر كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ .
ـ مال دىدىڭما ؟ ئۇلار يا قوتاندىكى موزاي بولمىسا ، قىززىق ، - دىدى ئىزىز قوشومىلىرىنى ئازراق تۈرگىنىچە - لىكىن ، قارىسام خىلى ياڭزىسى باردەك قىلامدۇ نىمە ؟
ـ دىمىدىممۇ ؟ ئىزىزنىڭ كۆزى خىلى رەڭ تونۇيدىغان بوپ قاپتۇ . ئاغىنىلەر ، ئاشۇلارنى چاقىرىپ بىللە ئولتۇرمايلىمۇ ؟
ـ ئالدىن دەپ قوياي ، چاقىرما دىسەم ئۇنىمايسەن چوقۇم ، لىكىن چاقىرىشقا مەن بارمايمەن ! - دىدىم ئۇلارنىڭ قىشىغا بىرىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ .
ـ ئىشىڭنى قىلە ، مەن بارىمەن ، سەن ئۇنچىلىك ئىشنى ئوڭشىيالىساڭ خىلى گەپ بار . ئەمسە مەن باراي ! - ئەكبەر شۇنداق دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قىشىغا كەتتى ، بىز "قىنى قانداق ئويۇن بولار ؟ " دەپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردۇق . مەنچە بولسا ئۇ قىزلار چوقۇم ئۇنىمايتتى . ئەكبەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىزنىڭ قۇلىقىغا ئاغزىنى يىقىپ بىر نىمىلەرنى دىدى ، ئاندىن ئۇ قىز دوستلىرىغا گەپ قىلدى ، ئۇلار بىردەم تالاش-تارتىش قىلغاندەك قىلغاندىن كىيىن قول سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ بىز تەرەپكە قاراپ كىلىشكە باشلىدى . ئىزىز ئىككىمىز گاڭگىرىغان قىياپەتتە بىر-بىرىمىزگە قاراشقاندىن كىيىن پەسكويغا چۈشۈپ بېشىمىز پەسكە ساڭگىلىدى .
ئۇلار بىزنىڭ ئەتراپىمىزنى چۆرىدەپ ئولتۇردى ، ئەكبەر بىلەن مەن ئىككى چەتتە ئولتۇرغاچقىمۇ ، بۇ يۇمىلاق شەكىللىك تاماق ئۈستىلىدە ، ئەكبەر ۋە مىنىڭ قېشىمغىمۇ ئىككى <مودا>خىنىم كىلىپ ئولتۇردى . دەسلەپ بېشىمنى تۆۋەنگە ساڭگىلاتقىنىمچە ئولتۇردۇم ، كىيىن ئەكبەرنىڭ ئۆزىنى ۋە بىزنى ئۇلارغا تونۇشتۇرغاندىن كىيىن ، ئەكبەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كۆز ئىشارىسى قىلىشى بىلەن ، ئۆزۈمنى ئامال بار ئازادە ، تەمكىن تۇتۇپ ئولتۇرۇشقا باشلىدىم . ئۇلارمۇ بىر-بىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى ، قىززىق يىرى ، ئۇلارنى ئارىدىن مەلۇم بىرسى باش بولۇپ تونۇشتۇرماستىن ، بەلكى ھەممىسى ھەرخىل قىياپەت ۋە ناز چىقىرىپ ئىسىملىرىنى ئىيتىپ بىرىشكە باشلىدى . مەن چاندۇرماي يىنىمدا ئولتۇرغان قىزغا قارىدىم ، بۇ قىز چىراي جەھەتتە قەتئىي نۇقسان يوق دىيىشكە بولاتتى ، چىرايى شۇنداق ئاق ھەم سۈزۈك ، ئىنچكە ۋە ئىلمەك كەلگەن بۇرنى ، يوغان ، قاپقارا كۆزلىرى، ئانچە چانمىغان سۈنئىي كىرپىكلىرى ، چىرايلىق ئەگىمە قاشلىرى ، ۋە تولۇشقا باشلىغان ئايدەك چىرايلىق بەدىنى ئىختىيارسىز جىسمىمنى تىترىتىپ ، ئاجايىپ بىر خىل تۇيغۇ ئىچىمدىن "يالتتىدە" ئۆتكەندەك بولدى . ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلارمۇ بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن بولۇپ ، بىزگە ئوخشاش بىكارچىلىقتىن ئىچى پۇشۇپ بۇ يەرگە كىرگەنىكەن . ئەمما ، مىنى ھەممىدىن قىزىقتۇرغىنى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان مىنكاۋخەنلەر ئىكەن ، شۇڭلاشقىمۇ ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى يېرىم ئۇيغۇرچە ،يىرىم يات مىللەت تىلىدا چىقىۋاتاتتى . خۇددى بىز يېنىدا يوقتەك ،ياكى يېنىدا قەدىناس دوستلىرى ئولتۇرغاندەك ، بىر-بىرى بىلەن شۇنداق تەبىئي ھالدا پاراڭلىشاتتى ، ئارىدا مىنىڭ كۆزۈمگە بەكرەك چېلىققىنى يىنىمدىكى قىزچاق ئىدى . ئۇ ئاساسەن گەپلىرىنى يات مىللەت تىلىدا سۆزلەيتتى ، پات-پات قوللىرىنى چىقىرىپ گەپلىرىگە ماسلاشتۇرغاندەك شەكىللەرنى چىقىرىپ قوياتتى . ئەكبەر بولسا يىنىدىكى قىزچاق بىلەن بىردەمدىلا يىقىن بولىشىپ قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتكەنىدى . بۇنداق ئوپچە ئولتۇرغان سورۇندا ھەممىسى ئۆزىنىڭ گىپىنى قىلىپ كەتكىنى نىمىسى ، دەپ ئويلاپ ، مەنمۇ يەنە بىر بىقىنىمدا ئولتۇرغان ئىزىز بىلەن شەخسىي پاراڭنى باشلىدىم .
ئارىدا نەچچە نومۇر ياكى ناخشا ئىيتىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئەكبەر كۈتكۈچىنى چاقىرىپ ، تاماق تىزىملىكىگە قاراپ بىر مۇنچە نەرسىلەرنى بۇيرىدى ، ئۇ بۇيرۇپ بولىشىغا ، مەيداندا بىر مەيدان ئۇسسۇللۇق ناخشا ئىيتىلدىغانلىقى جاكارلىنىپ ، قىز-ئوغۇللارنىڭ سەھنىگە چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلىندى . مەن ئىزىز بىلەن كۆز قىسىشىپ ، ئىككىمىز ئوينايدىغان بولۇپ كىلىشىپ قىزلار مەيدانغا چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ، ئاستىدىنمۇ چىراي يىنىپ تۇرىدىغان زامانىۋى سەھنىگە چىقىپ ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدۇق ...
رەڭگارەڭ چىراغلارنىڭ توختىماي ئايلىنىپ ، ھەرخىل رەڭدە مەيدان سۇپىسىنى بوياپ ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تىخىمۇ شوخ ،تىخىمۇ جەزبىدار كۆرسىتەتتى . ئىزىز بىلەن سىپتا ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ ئۇسسۇل ئوينىغاچ ، پات-پات بايىقى مىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان قىزغا قاراپ قوياتتىم ، ئۇنىڭ ھازىرقى مىللىي ئۇسلۇبتىن سەل چەتنىگەن ۋە بەزى ھەرىكەتلەر سىڭىپ كىرگەن مەدەنىي ئۇسسۇلىمۇ ماڭا باشقىچە لاتاپەتلىك كۆرىنىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ پادىچىلار ئىشتىنى كىيگەن ، ئۈستىگە ئىنگلىزچە خەت چۈشۈرۈلگەن ئاق رەڭلىك چاپلىشىپ تۇرىدىغان كوپتىسى ئۇنى تىخىمۇ زىلۋا، ئەۋرىشىم كۆرسىتەتتى . ناخشا ئاخىرلىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ ئورنىمىزغا قايتىپ كەلدۇق . تۇيۇقسىز مەندە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش ئىستىكى قوزغالدى . قورۇمىلاردىن باققاچ ، ئۇنىڭغا پات-پات چاندۇرماستىن قاراپ قوياتتىم ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ نامسىز بارمىقىغا سىلىۋالغان ئۈزۈكىگە كۆزۈم چۈشتى . ئۈزۈكنىڭ يۈزىگە كىچىك كىرىسىت بەلگىسى چۈشۈرۈلگەنىدى ، ئىچىمدە "بۇ ھازىر ئاز بىر قىسىم ياشلاردا ئەۋج ئىلىۋاتقان خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇرتلىرىنىڭ بىرىمۇ نىمە ؟" دىگەن خىيال كەچتى . ئەمما تېزلا بۇ خىيالدىن ياندىم . چۈنكى ، بەزى ياشلىرىمىز ياخشى-ياماننى ئىنىق ئايرىپ كىتەلمىگەچكە ، مودا قوغلىشىپ ئاشۇنداق غەيرى دىننىڭ بەلگىلىرى چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەرنى بىلىپ-بىلمەي ئىسىپ قالاتتى . خىلى ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئۇنىڭغا گەپ قىلماقچى بولدۇم ، ئۇ بايا ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا " خاي ، مەن مىلا " دەپ تونۇشتۇرغانىدى . بەلكىم بۇ ئۇنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى بولسا كىرەك ، گەپنى ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى سوراشتىن باشلىماقچى بولۇپ ، ئۇنىڭ يانفۇنىغا قاراۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سۆز ئاچتىم :
ـ بايا ئىسمىڭىزنى نىمە دىدىڭىز ؟
ـ مىلا ، مىلا دەپ چاقىرسىڭىز بولىدۇ ، - ئۇ ئانچىكىم پەرۋا قىلمىغان ئاھاڭدا جاۋاب قايتۇردى .
ـ ھە ، بۇ ... سىزنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمىڭىزمۇ ؟
ـ ئىنگلىزچە ؟ ھاھا ...، - ئۇ تۇيۇقسىز يەڭگىل كۈلۈپ كەتتى ، - ياقەي ، مىنىڭ ئىسمىم گۈلمىرە ، سىنىپتىكى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم مىنىڭ ئىسمىمنى قىسقارتىپ "مىلا"دەپ چاقىرغاچقا ، بۇ ئىسىمغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم .
ـ ھە ، ئەسلى مۇنداق ئىكەندە ؟ ئىمتىھاننى قانداقراق بەردىڭىز ؟ - مەن تىخىمۇ ئىنچىكىلەپ پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن سورىماقچى بولدۇم .
ـ ياخشى ، ياخشى بەردىم . سىزچۇ ؟
ـ مەنمۇ يامان ئەمەس بەردىم . قايسى مەكتەپتە ئوقۇغىڭىز بار ؟
ـ مەيلى ، ئوخشاش .
ئۇنىڭ جاۋابىدىن كىيىنكى پاراڭنى قانداق باشلاشنى بىلەلمىدىم ، مىنكاۋخەن قىزلارنىڭ تۈز ئىكەنلىكىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ، لىكىن بەزى خاراكتىرلىرىنى ئەمدى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بىلىپ ، تىخىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم .
ئارىدىن ئوغۇللار بىر نەچچە رومكا سوقۇشتۇرۇپ ئىچكەندىن كىيىن ، تانسىلىق ناخشا باشلاندى ، ئەكبەر يىنىدىكى قىزنىڭ قولىدىن تارتىپلا مەيدانغا قاراپ ماڭدى ، قىزلارمۇ بىر-ئىككىدىن قوپۇپ تانسا ئويناش ئۈچۈن ماڭدى . ئەڭ كەينىدە قالغان ئىككى قىزنىڭ بىرى ــ چىچى كالتە ، ئەمما ئۇماق چىراي كۆرىنىدىغان بىر قىز ئىزىزنىڭ قىشىغا كىلىپ ئۇنى تانسىغا تەكلىپ ئەتتى ، ئىزىز قانداق قىلىشىنى بىلەلمىگەندەك بىر ھازا ھاڭۋىقىپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن ، قىزنىڭ قوشۇمىلىرىنىڭ تۈرۈلۈشكە باشلىغىنىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغا ئەگىشىپ مەيدانغا چۈشتى . ئەمدى بۇ ئورۇندا مەن بىلەن گۈلمىرە ئىككىمىز يالغۇز قالغانىدى ، ئۇ يانفۇنىدا ئاللىكىملەرگىدۇر قىسقا ئۇچۇر يوللاپ بولغاندىن كىيىن ، ماڭا سوئال تەرىقىسىدە بىقىپ سورىدى :
ـ سىز ئوينىمامسىز ؟
ـ مەن ... مەن تانسا ئويناشنى بىلمەيمەن ، - ئامالسىز شۇنداق دىيىشكە مەجبۇر بولدۇم ، ئۆزۈمدىن-ئۆزۈم نومۇس قىلىپ قىزىرىپلا كەتتىم ، ئەمىلىيەتتە تانسا ئويناشنى ھەدەمدىن ئانچە-مۇنچە ئۈگەنگەن ، لىكىن گۈلمىرەنىڭ ئالدىدا چېنىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ ئوينىماسلىقنى قارار قىلغانىدىم . گۈلمىرە يەنىلا چىرايىنى ۋە ئاۋازىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي :
ـ ھە ، مەيلى ھىچقىسى يوق ، كىيىنچە ئۈگۈنۈپمۇ قالارسىز ، - دىدى .
ھەي ، مىنكاۋخەن قىزلار راست تۈز جۇمۇ ، بىزنىڭ سەل تاماشا كۆرگەن قىز ساۋاقداشلىرىمىز ئۇنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالغان بولسا مىنى تازا مەسخىرە قىلار بولغىيتتى ؟ ئۇ چاغدا نىمىدىگەن سەتچىلىك ھە ، ھەرنىمە بولسا مۇشۇنداق مىنكاۋخەن قىزلار بىلەن ئولتۇرۇپ قاپتۇق .
ئارىدا ئۇنىڭدىن ئۇنى-بۇنى سوراپ ، ئالدىدا ئاز-تولا قىززىقچىلىق قىلىپ قويدۇم ، ئۇ مەن بىلەن تىخىمۇ چۇڭقۇرلاشقان ئاساستا پاراڭلىشىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ باشتىن-ئاخىرقى مۇئامىلىسى ئوخشاش ئىدى ." بەلكىم مىنكاۋخەن قىزلار ھەممە ئادەمگە مۇشۇنداق ئوخشاش ، تۈز مۇئامىلە قىلسا كىرەك!" دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .
سورۇن خېلى بىر يەرگە باردى ، ئىزىز ئەكبەرنىڭ زورلىشىش بىلەن قىزلارنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى ، بىز خېلىلا ئىلناشقاچقىمۇ ،ئوبدانلا قىززىپ قالغانىدۇق . ئەكبەر ھەدەپ يىنىدىكى قىزغا قىززىق پاراڭلارنى سىلىپ بىرىپ ئۇنى كۈلدۈرۈپ تۇراتتى . بىر چاغدا كاللام خېلى قىززىغان چېغى ، گۈلمىرەنىڭ قولىدىكى ئۈزۈك كۆزۈمگە پەقەت سىغمىدى ، ئۇنىڭ يانفۇندا قىسقا ئۇچۇر كۆرىۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭغا " ئۈزۈكىڭىز بەك چىرايلىقكەن ، كۆرۈپ باقاي" دىيىشىمگىلا ئۇ قولىدىن يەڭگىل سۇغۇرۇپ ئىلىپ بەردى ۋە داۋاملىق ئۇچۇر يىزىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەتتى ، مەن قەستەن يانفۇنۇمنىڭ مۇزىكىسىنى قويۇپ قويۇپ ، تىلفۇن كەلگەن قىياپەتتە يانفۇنغا قاراپ ، سىرتقا ماڭدىم ، ئۇلار مىنى تىلفۇن ئالغىلى چىقىدىغان بولسا كىرەك ، دەپ ئويلىدىمۇ قاراپ قويۇپ ئانچە كارى بولمىدى . مەن سىرتقا چىقىپ ، گۈلمىرەنىڭ كىرىسىت بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئۈزۈكىگە ئاخىرقى قېتىم قاراپ قويۇپ ، ئۇنى يىراقلارغا چۆرىۋەتتىم ، ئاندىن يېنىپ كىرىپ ھىچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە ئولتۇرۇپ ، رومكىغا ھاراقنى تولدۇرۇپ ئىچىشكە باشلىدىم . گۈلمىرە بىر چاغدا نامسىز بارمىقىنى سىلاپ ، بىر نەرسىسى يوقاپ كەتكەندەك قولىغا بىر قاراپ قويۇپ ماڭا سوئال تەرىقىسىدە قارىدى . مەن دەماللىققا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالدىم ، بىراق تېزلا كاللامغا بىر ئوي كەلدى :
ـ ھە راست، ئۈزۈكىڭىزنى سىرتقا چىققاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈرۈپ قويدۇم ، تالا قاراڭغۇ بولغاچقا تاپالمىدىم ، - دىدىممەن ئۇنىڭغا قاراپ نىمە دىيىشىنى كۈتۈپ .
ـ دوستۇم سوۋغا قىلغان ئۈزۈكتى ، ئەجەپمۇ بىپەرۋالىق قىپسىز . مەيلى ، ھىچقىسى يوق ، - دىدى ئۇ چىرايىنى سەل ئۆڭەيتىپ .
ـ ئاپلا ، بەك سەت بولدى ، لىكىن مەن سىزگە يەنە بىر ئەپ بىرەي ، ياكى ئۆزىڭىز تاللىغىنىنى ئىلىپ بىرەي ، قانداق ؟
ئۇ ھىچقانداق ئىپادىسىز ماڭا لاپپىدە قاراپ قويۇپ جاۋاب بەرمىدى . كاللامدا "ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەنمىدۇ ؟ " دىگەن خىيال ئەكىس ئەتتى . ۋاي ، مەيلى ئەمەسمۇ ، ناھايىتى كەلسە بىر خرىستىئانلارنىڭ ئۈزۈكىغۇ ؟ ئۇنىڭغا تازا كەلتۈرۈپ چىرايلىق ئۈزۈكتىن بىرنى ئىلىپ بەرسەملا بولمىدىمۇ ؟
يەنە بىر قىتىملىق تانسىلىق ناخشا باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى ، ئەكبەر قولىدىكى سائىتىگە قاراپ قويۇپ ، ھەممىمىزگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن :
ـ بالىلار ، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپتۇ ، مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى تانسىنى دەھشەت بىر كەلتۈرىۋىتىپ ماڭايلى ، قانداق ؟ - دىدى .
ھەممىمىز باش لىڭشىتىشتۇق ، ئەكبەر ماڭا قاراپ بىر نەچچە دەقىقە تۇرىۋەتكەندىن كىيىن ئىيتتى :
ـ ئەخمەت ، ماۋۇ قېتىم ھەممەيلەن چۈشۈپ ئوينايمىز ، ياق دىيىشكە بولمايدۇ ، بىلمىسەڭ گۈلمىرە ئۈگىتىپ قويىدۇ ، بايىدىن بېرى خېلى چىقىشىپ قالدىڭلار ، ئۇمۇ ئۇنايدىغۇ دەيمەن ، شۇنداقمۇ يە مىلا ؟ - ئۇ گۈلمىرەگە سوئال نەزىرىدە قارىدى . گۈلمىرەمۇ بىشىنى سۇس لىڭشىتىپ قويدى . ئۆزۈم تەمتىرەپ جىددىيلىشىپ تۇرساممۇ ، بىرمۇنچە قىزلارنىڭ ئالدىدا چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەدەم ئۈگىتىپ قويغان ھەرىكەتلەرنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتىم ۋە تىترىگىنىمچە گۈلمىرەنىڭ ئارقىسىدىن مەيدانغا چۈشتۈم . ئۇنىڭ قولىنى تۇتقىنىمدا تۇيۇقسىز ئىسسىق ھارارەت تىنىمگە سىڭىپ كىرگەندەك ئىللىق سىزىم پەيدا بولدى ، ئۇنىڭ بىلىدىن تۇتقىنىمدا بولسا تىخىمۇ شۇنداق بولدى . باشتا كۆزۈمنى پۇتلىرىمدىن ئۈزمەي ئۇنىڭ ھەركىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئويناشقا باشلىدىم ، بارا-بارا پۇتلىرىم كۆنۈپ ، رىتىمغا ئەگىشىپ سىلىق مېڭىشقا باشلىدى ، ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلىشقا باشلاپ ، بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ئويناشقا باشلىدىم . بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلار قانچە تېز كەلگەن بولسا شۇنچە تېز ئاخىرلاشتى ، مەيداندىن چۈشۈپ ، ئۇنى بالدۇرراق تانسىغا تارتمىغىنىمدىن پۇشايمان قىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم . بىز تەييارلىنىپ بولۇپ سىرتقا چىقتۇق ، ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەن شەھەر ئاسمىنىدا ئاي غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى ، يۇلتۇزلاردىن ئانچە ئەسەر يوق ئىدى ، ھاۋا سالقىنلاپ قالغان بولۇپ ، كوچىدا كىشىلەرمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى . بىز يول بويىدىكى دەرەخنىڭ يىنىغا كىلىپ خوشلاشماقچى بولدۇق .
ـ بۈگۈن شۇنداق چىرايلىق ئولتۇراشتۇق ، - سۆز ئاچتى ئەكبەر كۆپچىلىككە قاراپ ، ـ مۇمكىن بولسا ھەممىمىز ياخشى ، پاكىز ئوينايدىغان بالىلاردىن بولغاندىكىن ئىزدىشىپ تۇرساق زىيىنى بولماس . ھەممىمىز ئۆز-ئارا تىلفۇن نومۇرىمىزنى كىرگۈزىۋالساق ...
ئۇ شۇنداق دەپ قىزلارنىڭ ئالدىغا كىلىپ بىرمۇ-بىر تىلفۇن نومۇرلىرىنى يانفۇنىغا ساقلىۋالدى . ئىزىز ئىككىمىز بىر ياندا قاراپ تۇردۇق ، ئۇ ئىككىمىزنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ، ماڭا مەنىلىك ھىجايدى :
ـ ئەخمەت ، ماۋۇ مىلا خانقىزنىڭ نومۇرىنى كىرگۈزىۋالمامسەن ؟ ئىزدىشىپ تۇرار بولغىيتىڭلار ھەقىچان ؟
ـ ھە ... مەيلى ، - شۇنداق دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم ، ئۇ ماڭا بىر قاراپ كۈلۈمسىرەپ تىلفۇن نومۇرىنى ئىيتىپ بەردى .
ـ ئەمسە بەك كەچ بولۇپ كەتتى ، سىلەرمۇ تىز ئۆيۈڭلەرگە قايتىڭلار ، كىيىن ئالاقىلىشايلى ، خوش - دىدى ئەكبەر قىزلارغا قاراپ يېرىم بۇرۇلغاچ . قىزلارمۇ قايرىلغاچ قوللىرىنى خوشلاشقان پەدىدە پۇلاڭشىتىپ قويۇپ مىڭىشتى . بىزمۇ ئۆيىمىز تەرەپكە ماڭدۇق .
ـ دەھشەت ياڭزىسى باركەنتۇق كاساپەتلەرنىڭ ، كېچىلىك ئوۋغا ئېسىل <ئولجا> بولغۇدەكلا زادى ، - دىدى ئەكبەر ياندىشىپ كىتىپ بارغان ئىزىز بىلەن ئىككىمىزگە قاراپ .
ـ بەلكىم ئۇنداقمۇ قىزلار ئەمەستۇ ؟ - دىدىممەن سەل قايىل بولمىغان تەلەپپۇزدا ، - مىنكاۋخەن بولغاچقا شۇنداق ئەركىن يۈرەمدىكى . بەلكىم ياخشى قىزلاردۇر .
ـ ماڭەۋە ، ساڭا شۇنداق چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ قويسا ياخشى دەپ ئويلاپ قاپسەن ، ياخشى قىزلار بىز بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشكە ھەمراھ بولۇشۇپ بىرەمدۇ ؟ - ئەكبەر ماڭا رەددىيە بىرىشكە باشلىدى ، - ساڭا دىسەم ئەخمەت ، ئاۋۇ گۈلمىرە دىگىنى تولىمۇ ھاكاۋۇر ، كىبىرى بار قىز بالىكەن ، سىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ جۇمۇ ، ئۇنىڭغا قارىتا باشقىچە ئويدا بولۇپ يۈرمە ، سىنى ئوڭدا قويىدۇ خالاس ، سىنى ياراتماي، سىنىڭ بىلەن كارى يوق يۈرەمدۇ تېخى .
ـ ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ، مىنكاۋخەنلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ خىلى تۈز ، ياخشىلىرى بار بولىشى مۇمكىن .
ـ ئاشۇ يات مىللەتنىڭ ئارىسىدا ياشىغانلارنىڭ قانداقمۇ ياخشىلىرى بولىدۇ ؟ ساڭا ئۇدۇل قىلىپ دەۋىرەي ،ئىسىڭدە يوق گۈلمىرەنىڭ ئارقىدىن پايپىتەك بولما ، پايدىسى يوق ، ھامىنى قوغلىشىپ بولالمايسەن ، سىنى ياراتمايدۇ !
ـ قېنى ، ۋاقتى كەلگەندە كۆرەرمىز !
بىز كوچىدا ئەلەڭ-سەلەڭ ۋاقىرىغىنىمىزچە ئۆيگە دەلدەڭشىپ يۈرۈپ كەتتۇق ، شۇ كىچىسى ھاراق شۇنچە تىپىپ تۇرسىمۇ پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى ، گۈلمىرەنىڭ لاتاپىتى ، مىجەز-خاراكتىرى بىلەن ئەكبەرنىڭ بايا ئىيتقان سۆزلىرى مىڭەمدە ئەكس سادا بولۇپ يىنىپ ، مېنى ئارامىدا قويمايۋاتاتتى . ئويلا-ئويلا ئاخىر "بىر تەۋەككۇل!" دىگەن ئويغا كىلىپ قالدىم ، قانداقلا بولمىسۇن بىر سىناپ باقمىسام ئەكبەرنىڭ ئاشۇ بىر تەرەپلىمە سۆزلىرى راستقا ئايلىنىپ قالمامدۇ ؟ ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەم مىنى بوشاڭ ، دەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرمامدۇ ؟ قانداقلا بولمىسۇن بىر ئۇرۇنۇپ بېقىش كىرەك ، چوقۇم! ...
شۇ ئويلار بىلەن قاچانلاردىدۇر ئۇخلاپ قالغىنىمنى سەزمەپتىمەن ...
ياز ئايلىرى شەھىرىمىزنىڭ ھاۋاسى ئۆزگىرىشچان بولۇپ تۇرىدۇ ، ئىللىق ھاۋامۇ ، يامغۇردىن كىيىنكى نەم ھاۋامۇ ، كۈن نۇرى قىززىتىدىغان ئىسسىق ھاۋارايىمۇ ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرىدۇ . شەھەرلەرنىڭ ئىككى چىتىدىكى رەتلىك تىكىلگەن ، كۆكىرىپ تۇرغان دەل-دەرەخلەر شەھەر مۇھىتىغا گۈزەل ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىمىزمۇ ھايال ئۆتمەي ئېلان قىلىندى ، مەن ، ئىزىز ۋە ئەكبەر ئۈچىمىزنىڭ نومۇرىمۇ چىقتى ، ئەمما ، ئارىدا خۇشال بولمىغىنى پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ ئەكبەر ! ئەكبەرنىڭ نەتىجىسى ئىككىمىزگە قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن چىققانىدى ، ئىزىزنىڭ نەتىجىسى ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىدە شەك يوق ئىدى ، مىنىڭ نەتىجەمنى ئوتتۇرىدا قالغان دىيىشكىمۇ بولاتتى ، يۇقىرىمۇ ئەمەس ، تۆۋەنمۇ ئەمەس ، لىكىن مىنىڭ ئۆزۈم تاللىغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە ئىشەنچىم يەنىلا بار ئىدى . ئەكبەر نەتىجىسىدىن قەتئىي رازى بولمىدى ، ھەم پەقەت كاللسى ئۆتمىدى ، ئىزىز ئىككىمىز ئۇنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئوشۇقچە گەپ قىلمىدۇق ، ھەم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ كىلىش ئۈچۈن ، ئۇنى ئويناتقىلى ئاپاردۇق ، بىر نەچچە مەنزىرىلىك جايلارغا ، باغچىلارغا ، ئويۇنچۇقخانىلارغا ئاپارساقمۇ ئۇنىڭ ھىچبىر قاپىقى ئىچىلىدىغاندەك ئەمەس . ئىزىز ئىككىمىز بۈگۈن ھاۋانىڭ تولىمۇ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئەكبەرنى چاقىرىپ بىرگە ئويناپ كىلىشنى مەسلىھەتلەشتۇق :
ـ ئۇنى نەگە ئاپارساق بولار ئىزىز ؟ - سورىدىم مەن ئەكبەرنى زادى نەگە ئاپىرىپ كۆڭلىنى ئىلىشنى بىلەلمەي .
ـ مەنمۇ بىلمىدىم ئاداش ، ئەكبەر ئۆزى ئەينى ۋاقىتتا بەكلا چۈشكۈنلىشىپ كەتتى ، خىيالىغا ئىمتىھان دىگەن نەرسىمۇ كەلمىدى ، مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويسىچۇ كاشكى ، - دىدى ئىزىز خۇرسىنغان ھالدا .
ـ ئاداش ، ھەممە ئىش بولۇپ بولدى ، ئەمدى قايتا دىيىشمەيلى ، دىسەكمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ، ئۇنىڭ دادىسى باشلىق ئەمەسمۇ ، بەلكىم يولى بولۇپ قالار . مانداق قىلايلى ، دەسلەپ ئۇ "سىلەر ئۆزۈڭلار بىر نىمە دەڭلار" دەپ تۇرىۋالغان ، شۇڭا بىز ئۆزىمىز خالىغان يەرگە ئاپارغانتۇق ، بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى ئاز-تولا ياخشى بولۇپ قالغاندۇ ، ئۇنىڭ رايىغا بىقىپ باقايلى ، قېنى ئۇ ئۆزى بىرنىمە دەپ باقسۇن ، پەقەت بولمىسا شۇ چاغدا ئاندىن ئويلىشارمىز ...
ـ ئىم ، ماقۇل ، مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ...
بىز ئۆز پارىڭىمىزنى ، ئالىي مەكتەپ توغرىلىق پاراڭلارنى قىلىپ تۇرغىنىمىزدا يىراقتىن لۆمۈلدەپ كىلىۋاتقان ئەكبەرنىڭ سىماسى كۆرۈندى . بىز پارىڭىزىمىزنى توختىتىپ ئۇنىڭغا قارىدۇق ، ئۇ قېشىمىزغا كىلىپ ، بىز بىلەن ئادەتتىكىچە ئەھۋاللىشىپ تۇرغاندىن كىيىن ، يانچۇغىدىن "555"تاماكىسىنى چىقىرىپ ئىككىمىزگە بىر تالدىن تەڭلىگەندىن كېيىن، ئۆزى بىرتالنى ئاغزىغا قىستۇرۇپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ بولۇپ ، ئاغزىدىن ئىسىنى چىقارغاچ بىپەرۋا ھالەتتە سورىدى :
ـ بۈگۈن نەگە بارىمىز ؟
ئىزىز ئىككىمىز كۆز بېقىشۋالغاندىن كىيىن ، ئىزىز ئاۋۋال سۆز ئاچتى :
ـ قارا ئاداش ، نەچچە كۈندىن بۇيان چىرايىڭ بەك ئوسال ، ئەسلى ئۇنداق قىلىپ كەتكۈدەكمۇ ئىش ئەمەستى . نەچچە كۈننىڭ ياقى سىنى نەگە ئاپارساق كۆڭلۈڭ تازا ئېچىلغاندەك ئەمەس ، ئاداش، بۈگۈن ئۆزۈڭمۇ بىر راۋۇرۇس گەپ قىلغىنە ، نەگە دىسەڭ شۇ يەرگە ئاپىرايلى ..
ئەكبەر يولدىكى ئۆتۈپ كىتىپ بارغان ماشىنىلارغا قاراپ ، تاماكىسىنى نەچچە سۈمۈرۈپ ، بىزگە قايرىلدى :
ـ راست گەپ قىلسام بۈگۈنمۇ كۆڭلۈم ئانچە بىر يەرلەرنى خالاپ كەتمەيدۇ ، بۈگۈنمۇ كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس . بۈگۈن مىنىڭ چىلاشقۇچە بىر ئىچكۈم بار ، ئىچىپ كىلەيلى .
ئىزىز ئىككىمىز ئۇزاق ئويلىشىپ تۇرمايلا ماقۇل بولۇپ باش لىڭشىتىشتۇق . بىز داۋاملىق ھاراق ئىچىدىغان قاۋاقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا ئورۇنلاشتۇق . سورۇننىڭ بىشىدا ئىزىز ئىككىمىز ئامال بار ئەكبەرنى خۇش قىلىدىغان گەپلەرنى قىلدۇق ، ئۇمۇ ئاز-تولا ماسلىشىپ بەردى ، ئەمما ، ئەكبەر ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىۋەتكەچكە ، سورۇننىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ گەپ-سۆزلىرى قايغىلى تۇردى :
ـ ئۆيدىكىلەر تىخى مەندىن ئاغرىنىمىش ؟ ئىمتىھان دىگەن شۇنچىلىك نەرسە ، ھەممە ئادەم ياخشى بېرىمەن دەپ ياخشى بېرىپ بولالمايدۇ ! مىنى شۇنداقلا ...شۇنداقلا بىر دومىلە بىسىپ ... ، سەن ئىككىڭمۇ ... ،ـ ئۇ بىزگە قاراپ گۆلەيگىنىچە چالۋاقاپ سۆزلەشكە باشلىدى ، - ئىككىڭمۇ كۆچۈرمىچى ، مىنى بىلمەيدۇ دىيىشەمسەن ؟ كۆچۈردۈڭ ئىككىڭ ! مەن ... مەن بىلمەمدىمەن ...، خەپ ، دادامنىڭ يول ماڭمىغىنىنى بىر كۆرەي ، ئۇ چاغدا .. ئۇ چاغدا ئىككىڭ قاراپلا قىلىشىسەن ھە ، قېتىپلا قېلىشىسەن ! ...
بىز چىداپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق ، شۇ ئەمەسمۇ ، ھاراق ئادەمنى نىمە دىگۈزمەيدۇ ؟ مۇشۇنداق چاغدا ئىچىدىكى ئاچچىغىنى ، پۇشايمىنىنى چىقىرىۋالمىسا بولامدۇ ؟ بىز ئۇنىڭ سۆزلىرىگە سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدۇق .
كەچكە يىقىن ، ئۇ ئاشۇ ئايرىمخانا ئىچىدىلا خورەكلەپ ئۇيقۇغا كەتتى ، ئىزىز ئىككىمىز قانداق قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن ، ئۇنى يۆلەپ سىرتقا ئاچىقىپ ، تاكسى توسۇپ ، ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ كەتتۇق . ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگىنىمىزدە ، ئۇنى يۆلەپ تاكسىدىن چۈشۈرگىچە ئۇنىڭ بىشى ئىھتىياتسىزلىقتىن ماشىنىنىڭ ئۈستۈنكى كاپىنكىسىگە تىگىپ كەتتى. ئۇ ئويغىنىپ كىتىپ يىرىم ئۇيقۇ ھالىتىدە :
ـ ما ئاناڭنى ، كىچىدە ئۇخلاتماي مىنى نەگە ئاپىرىشسەن ؟ - دەپ ۋاقىرىدى . ئىزىز تاكسىنىڭ كىراسىنى تۆلەپ بولۇپ ، مەن بىلەن تەڭ ئەكبەرنى يۆلەپ ئەكبەرنىڭ ئۆيى بار بىناغا كىرىپ كەتتۇق ، پەشتاقتىن ئۇنى يۆلەپ چىققۇچە ئۇنىڭ ئاغزى بىسىلمىدى :
ـ تۆۋەن ئالسام نىمە بوپتۇ ؟ دادام ...دادام باشلىق تۇرسا ، مىنى ... ماڭا يول قىلىدۇ ، دادامنىڭ پۇلى ...پۇلى جىق جۇمۇ بىلىپ قويۇش ...
ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاپىسى ئاڭلىغان بولسا كىرەك ، ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگىنىمىزدە ئىشىك ئىچىلىپ ئاپىسى چىقىپ كەلدى :
ـ ۋاييەي ئەكبەرجان ، يەنە ھاراق ئىچتىڭما ؟ تاتلىق بولسا قانچە ئىچەتتىڭ ؟ قارا ھالىڭغا ، شۇنداقمۇ كۆپ ئىچكەن بارمۇ ؟
ـ ئەكبەرنىڭ بۈگۈن كەيپىياتى تازا جايىدا ئەمەس ، شۇڭا سەل كۆپ ئىچىۋالدى ، ئۇنىڭغا بەك خاپا بوپ كەتمەسسىز ، - دىدى ئىزىز ئوڭايسىزلانغىنىچە ئەكبەرنىڭ ئاپىسىغا چۈشەندۈرۈپ .
ـ بىچارە بالام تۆۋەن ئىلىپ قىلىپ بەك ئازار بوپ كەتتى ، مەيلى ئەمەسمۇ دەيمەن ، ئامالى بوپ قالاتتى ئەمەسمۇ دادىسى باشلىق بولغاندىكىن ...
بىز ئەكبەرنى يۆلەپ ياتىقىغا ئەكىرىپ قويغاندىن كىيىن ، ئاپىسىنىڭ "بىردەم بولسىمۇ ئولتۇرۇپ مېڭىڭلار"دىگىنىگە كۆنمەي ، چىرايلىق ئۆزرە ئېيتىپ ماڭدۇق ، بىزمۇ ئاز ئىلناشمىغان ئىدۇق ، بىشىمىز ئازراق قىيىپ تۇراتتى . ئەكبەرنىڭ مەھەللىسىدىن چىققاندىن كىيىن ، ئىزىز ئۆيگە بالدۇر قايتمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ، مەن "بىردەم كوچا ئايلىناي " دەپ ئۇنى تاكسىدا يولغا سىلىپ قويۇپ ، شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشقا باشلىدىم ...
شەھىرىمنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى تولىمۇ چىرايلىق ، ئىگىز-ئىگىز بىنالار بىر-بىرىگە دالدا بولۇپ تۇرۇشقاندەك بىر-بىرىگە سايىۋەندە بولۇپ تۇرىدۇ ، كىچە ئاسمىنىنى نۇرلۇق ئاسما چىراغلار نۇرى ، بىنالار يۈزىدە ۋالىلداپ تۇرغان نۇرى ۋە ماشىنىلارنىڭ چىراغ نۇرى بىلەن بىرلىشىپ ، خۇددى لامپۇچكا ئاستىدا يورۇپ تۇرغان شەھەردەك جۇلالىق بولۇپ كىتىدۇ . كوچىدا قول تۇتۇشۇپ كىتىپ بارغان ئاشىق-مەشۇقلارنى كۆرگىنىمدە ھەۋەس بىلەن چاندۇرماي قاراپ كىتىمەن . شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە تاماكامنى تۇتاشتۇرۇپ يولدا كىتىپ بارماقتىمەن ، خىياللىرىم نىمىلەرنىدۇر ئويلاپ ھەلەكتە ئىدى ، ئۆزۈمنى شۇنداق سىلكىپ ، خىيالىمنى مەركەزلەشتۈرسەم ، ئايان بولغىنى ھىلىقى سورۇندىكى گۈلمىرە ئىدى . توغرا ، ئەجەپ بىر ئىش ، ئۇنى شۇندىن بۇيان ئىزدەپمۇ باقماپتىمەن ، بۈگۈن ... بۈگۈن بىر ئىزدەپ باقمىسام خەپ !
شۇ خىيال بىلەن يانفۇنۇمدىن ئۇنىڭ نومۇرىنى ئاران تەستە تىپىپ ئۇردۇم ، قارشى تەرەپتىن يىقىملىق ئىنگلىزچە ناخشا چىقىۋاتاتتى ، ئىچىمدە "مىنكاۋخەنلەر ئىنگلىزچىغا ئۇستا بولغاندىكىن ، شۇنى قىلىۋاپتۇدە ؟" دەپ ئويلاپ ، ئۇنىڭ تىلفۇننى ئىلىشىنى كۈتتۈم ، بىر چاغدا ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
ـ ئالوۋ، شۈي نې ؟
ئۇ ئالا-ئالمايلا ئەبجەشچە سۆزلەشكە باشلىدى .
ـ سىز گۈلمىرەمۇ ؟ - سورىدىم مەن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا .
ـ ھەئە ، مەن ، سىز ؟ ...
ـ مەن ئەخمەت ، ھىلىقى كۈندىكى ...
ـ ئەخمەت ؟ - ئۇ ئەجەپلەنگەن ئاھاڭدا سورىدى ۋە يىنىدىكى ئادەمگە چىڭ ئاۋازدا توۋلىدى ، - ئاداش ، ئەخمەت دەپ بىرسى تىلفۇن قىپتۇ ، تونۇمسىلەر ؟ مىنى تونۇيدىكەن !
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەرۋايىم ئۇچتى ، نىمىمۇ دەپ تىلفۇن قىلغاندىمەن بۇ مىنكاۋخەنگە؟ ئادەمنى قارىتىپ قويۇپ ، مازاق قىلغاندەك گەپ قىلىپ يۈرگىنىنى . قارشى تەرەپتىن باشقا بىرسىنىڭ "ياق ، تونۇمايمەن !" دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇ داۋاملىق مەندىن سوراپ :
ـ سىز كىمنى ئىزدەيتتىڭىز ؟ - دىدى .
ـ گۈلمىرە بۇ مەن ، ئۆتكەندە نەچچىمىز ***دىبادا بىللە ئولتۇرمىدۇقمۇ ؟!
ـ ھە...ھــە ، ئىسىمگە كەلدى ، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟
ـ شۇ سىزدىن ئەھۋال سورىغاچ ... ، - ئۇ مىنكاۋخەن بولغاندىكىن مەنمۇ گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرۇشنى خالىماي ئۇنىڭغا ئوخشاش تۈزلا قىلىپ ئىيتتىم ، - ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈشەيلى دەپ... ھازىر ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟
ـ ھازىر دوستۇم بىلەن بىللە ئىدىم ، سەل تۇرۇپ سىزگە تىلفۇن قىلايمۇ ؟
ـ ھە ...مەيلى ، ئۇنتۇپ قالماڭ ھە ئەمسە .
ـ ئىم ، ماقۇل ، خوش ھە !
ـ خوش ...
شۇنداق قىلىپ بۇ غەلىتە قىزنى نىمە مەقسەتتە تىلفۇن قىلىپ ، نىمە مەقسەتتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ تۈزۈك ئاڭقىرالماي ، داۋاملىق يالغۇز كوچا ئايلىنىشقا باشلىدىم . ئۇنىڭ بايىقى گەپ-سۆزلىرى مىنى خىلىلا رەنجىتكەنىدى ، ھەرقانچە گەپنى ئۇدۇل قىلسىمۇ ، شۇنداقمۇ قىلغان بارمۇ ؟ كۆڭۈل ئاياش ، سىپايىلىق تەلەپپۇزى دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوققۇ ؟ بوپتۇ ، ئۆزۈم تاپقان بالاغۇ بۇ ؟ ئەمدى چىدىماي ئامال يوق دىسە . تىخى مىنى كولدۇرغا سىلىپ قويۇپ شۇنداقلا يوقاپ كىتەمدۇ ، بۇنىمۇ بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ .
ئاسما كۆۋرۈك ئۈستىدە تىنىمسىز كىتىپ بارغان ماشىنىلارغا قاراپ خىيالغا چۆكۈپ تۇرغىنىمدا ، يانفۇنۇم يىنىك سايرىدى ، تىلفۇننى ئىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەن تۇرغان جايدىن خىلى ئارىلىق كىلىدىغان بىر جايدا ئىكەنلىكىنى ، كىلەلىسە تىز كىلىشىمنى ئىيتتى ، مەن "ھازىرلا باراي " دەپ تىلفۇننى قويۇپ تاكسىدىن بىرنى كىرا قىلىپ ئۇ ئىيتقان جايغا قاراپ ماڭدىم . توۋا ، ئىيتىپ كەلسەك ناتونۇشلا بىر قىز ، شۇ بىر قىتىم شۇنداقلا ئولتۇرۇشقىنىمىز بار ، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق چۈشەنچە ياكى تونۇشلۇق يوق ... قانداقسىگە بۇ مىنكاۋخەن قىزغا قىزىقىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن . ئۇ تىخى مەندەكتىن نەچچىنى كولدۇرلىتىپ يۈرىدىغان قىز ئوۋچىمۇ تىخى؟ مەن ئۆزۈم "قارماق"قا تەشەببۇرسكارلىق بىلەن ئىلىنماقچى بولغان دۆت "بىلىق"بولۇپ قالمىساملا مەيلىغۇ . ئۇ دىگەن جايغا ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز كۆزۈمگە يول بويىدىكى ئەرزان ئەمما چىرايلىق نۇسخىدىكى زىببۇ-زىننەت ساتىدىغان ماگزىن كۆرۈندى ، مەن شوپۇرغا ماشىنىنى بىر مىنۇت توختىتىپ تۇرۇشنى ، ھازىرلا چىقىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ ، يۈگرەپ دىگۈدەك كىرىپ ، ھەممىنى بىر قۇر تىز-تىز كۆرگەندىن كىيىن ، كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن كۆمۈش رەڭلىك چىرايلىق نۇسخىدىكى ئۈزۈكنى باھا تالاشمايلا ئىلىپ ، يەنە تاكسىغا يۈگۈردۈم . بۇنداق قىلىشىم ھەم ئۇنىڭغا ئازراق كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈش ، ئۆتكەنكى "زىيان"نى تولدۇرۇش ھەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە سەۋەب ئىدى ...
ئۇ ماڭا دىگەن جايدا يانفۇنىغا قاراپ زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى ، مەن كىرانىڭ پۇلىنى تۆلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم ، ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى ، مەن ئاۋۋال سالام يۈزىسىدىن ئەھۋال سوراپ گەپ باشلىماقچى بولۇپ ، ئۇنىڭغا يىنىك تەلەپپۇزدا :
ـ تىنچلىمۇ ؟ - دىدىم .
ـ بايا كۆرۈشۈپ بولغانغۇ ؟ - دىدى ئۇ ئىنتايىن تەبىئىي قىلىپ . توۋا، تازا بىر تەربىيە كۆرمىگەن نىمە ئوخشىمامدۇ بۇ ؟!
ـ سىزنى بەك ساقلىتىۋەتمىگەندىمەن ؟ يولدا قاتناش سەل قىستاڭچىلىق بولۇپ قىلىپ ...
ـ ھىچقىسى يوق ، ماڭغاچ پاراڭلىشايلى .
بىز يولدا ئارىلىقىمىزنى ھىچقانچە كۆپ قالدۇرماي بىللە كىتىپ بارماقتىمىز ، ئۇ بەلكىم ئوغۇللار بىلەن كۆپ مىڭىپ كۆنۈپ كەتتىمۇ ياكى مىنى يىقىن كۆرەمدۇ بىلمىدىم ، ئارىلىقىمىز 5~10سانتىمىتىرلا قالدۇرۇلۇپ مىڭىۋاتاتتۇق . ئۇ بۈگۈن ھازىر بەزى قىزلاردا مودا بولىۋاتقان ئىشتان دىسە ئىشتان ئەمەس ، تىزىدىن سەل ئاشىدىغان "ئوتتۇرا ئىشتان"(中裤) كىيىۋالغانىدى ، ئۈستىگە بولسا "ئادىداس" ماركىسى چۈشۈرۈلگەن ئاق مايكا كىيىۋالغانىدى ، ئۇ بەلكىم ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى ياخشى كۆرسە كىرەك . بىز بىردەم جىمجىت ماڭغاندىن كىيىن ، مەن ئۆزۈمنى تەبىئي تۇتۇش ئۈچۈن ، قەددىمنى رۇسلاپ ، گەپنى ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن ئەگىتىپ سوراپ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى يوقاتماقچى بولدۇم :
ـ نەدىرەك ئوقۇيدىغاندەك قىلىسىز ؟ - سورىدىم مەن گەپنى مۇشۇ سوئالدىن باشلاپ .
ـ بىلمەيمەن ، ئۆيدىكىلەر "سەيدا"دا (مالىيە ئۈنۋىرىستىتى) ئوقۇتىمىز دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان ، ماڭا بەرىبىر ...
ـ مەنمۇ شۇ يەرنى تاللىغانتىم ! نومۇرۇم يىتىدىغۇ دەيمەن چوقۇم .
ـ ھە، سىزمۇ بارغۇدەكسىزدە ؟ ئۇ مەكتەپنى خىلىلا ياخشى دەپ ئاڭلىغان ، ئۆزۈممۇ بىرىپ كۆرۈپ باقتىم، يامان ئەمەس !
ـ ئىم ، ياخشى مەكتەپ ئۇ ...
بىز شۇ يوسۇندا شىنجاڭ مالىيە ئۈنۋىرىستىتى توغرىسىدا بىردەم پاراڭلاشتۇق ، ئاندىن ئانچە-مۇنچە شەخسىي پاراڭنىمۇ قىلىپ تۇردۇق ، مەن ئارىدا چاندۇرماي يانچۇغۇمدىن بايا ئالغان بولاققا قاچىلانغان ئۈزۈكنى ئىلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىگەچ دىدىم :
ـ ھە راس ، ئۆتكەندە ئۈزۈكىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويغان ، مۇنۇنى تولۇقلاپ ئىلىپ قويدۇم ، ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ...
ـ ھە بولدى ، ھىچقىسى يوق ، مەنمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم ، ئۇ ئۈزۈكمۇ ئانچە ياخشى ئەمەستى . بۇنى قىز دوستىڭىزغا بىرەرسىز ، - دىدى ئۇ قولۇمدىكى كىچىك بولاققا قاراپ قويۇپ .
ـ ۋاي ئىلىڭە ، سىزگە ئالغان نەرسە تۇرسا بۇ ، ئالمىسىڭىز خاپا بولۇپ قالىمەن ھە ؟ - ئۇنىڭ داۋاملىق رەت قىلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتتىم .
ـ ئەمسە رەھمەت ! - ئۇ قولۇمدىن ئالغاچ رەھمىتىنى بىلدۈردى . ھەرنىمە بولسا "رەھمەت" دىگەن شۇ بىر ئىغىز تەشەككۈر سۆزىنى بولسىمۇ بىلىدىكەن بۇ قوش تىللىق "مودا"قىز .
ـ ئوغۇل دوستىڭىز سوراپ قالسا ، دوستۇم بەرگەن دەپ قويۇڭ جۇمۇ ، ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن سوقۇشۇپ قالماي يەنە ، - ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بار-يوقلىقىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن شۇنداق دەپ قويدۇم .
ـ ياقەي ، مىنىڭ ئوغۇل دوستۇممۇ يوق دەڭە ، خاتىرجەم بولۇڭ .
ـ راست يوقما ؟
ـ سىزنى ئالداپ نىمە قىلاي ؟ بۇرۇنقىسى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن ...
ـ ھە ، مۇنداق دەڭ ...
ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاچ تىخىمۇ قىزغىن ھالدا پاراڭلىشىپ ماڭدۇق ، ئۇنىڭ دەسلەپ مىنى جىلە قىلغانلىرى ئاللىبۇرۇن ئىسىمدىن كۆتۈرۈپ كەتكەن بولسا كىرەك ، ئۇنىڭغا يەنىلا "ياخشى" دىگەن باھانى قويۇپ تۇردۇم . ئۇ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە قىسقا قىلىپلا " ئەمسە يەنە ئالاقىلىشىپ تۇرامىز ، تىلفۇن قىلىڭ ھە!"دەپ قويۇپ كىرىپ كەتتى ، مەن كەينىدىن "خوش" دىگەن ئاۋازىم ھاۋادا لەيلەپ قالدى ...
شۇنداق قىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قىتىم مۇشۇنداق ئادەتتىكىچە ھەم ئالاھىدە كۆرۈشتۇق ، ئۇنىڭ پاراڭلىشىش جەريانىدا گەپ-سۆزلىرىدىكى نۇقسانلار ، خەنچە تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشلىرى ماڭا سەل ئىغىر كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ، ئۇنىڭغا بولغان قارىشىم يەنىلا ياخشى ئىدى . مەيلى ئەمەسمۇ ، مىنكاۋخەن بولغاندىكىن شۇنداق بولىدۇدە ؟ مەنمۇ بارا-بارا چوقۇم كۆنۈپ قالىمەن . مەسىلە شۇ يەردىكى ، مىنىڭ ھازىر ئۇنىڭغا بولغان قارىشىم ، ھىسىياتىم قانداق ، ئۇنىڭغا بولغان دوستلۇق ھىسىياتىمۇ ، قىزىقىش ھىسىياتىمۇ ۋەياكى ياخشى كۆرۈپ ھىسىياتىمۇ ؟... مەنچە ئالدىراپ ياخشى كۆرىمەن دىسەم تازا ئەپلەشمەسمىكىن ، تونۇشا-تونۇشمايلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان ئىش نەدە ؟
ۋاقىت يورغىلاپ مىڭىپ ، كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، ئايلارنى ئۇلاشتۇرۇپ ، مانا ئالىي مەكتەپ دىگەن يەرگىمۇ چىقىپ قالدۇق . شۇنداق ، ھاياتىمىزدىكى مۈشكۈلاتنى بەلكىم تىخى ئەمدى باشلاش ئالدىدا تۇرىشىمىز مۇمكىن . كۈز ئايلىرىنىڭ شەپىلىرىنىڭ ھىدى كىلىشكە باشلىماقتا ، يوپۇرماقلار تىخى ياپيىشىل ھالىتىدە ، بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى ياشناش ، كۆكىرىشنى باشتىن كەچۈرىۋاتقاندۇر . مەن ئۆز نەتىجەمنىڭ ئاران-ئاران ئۇلىشىشى بىلەن بۇ مەكتەپكە كەلدىم ، مەنلا ئەمەس ، ئىزىز بىلەن ئەكبەرمۇ مۇشۇ مەكتەپتە . ئىزىزنىڭ نومۇرى تىببى ئۈنۋىرىسىتقا بىرىشقا يار بەرمىگەچكە ، ئامال يوق ئىككىنجى ئارزۇسى بويىچە مۇشۇ مەكتەپكە كەلدى ، ئەكبەر باشلىق دادىسىنىڭ قاتتىق كۈچىشى ئاستىدا خىلى پۇل خەجلەپ مۇشۇ مەكتەپكە ئورۇنلىشىۋالدى . مەيلى ، ئۈچ يىقىن دوست يەنە بىر يەرگە يىغىلىپ كىلەلىدۇق ، بۇنىڭ ئۆزى چوڭ خۇشاللىق ! خۇشاللىق ئىشلار تىخى بۇلارلا ئەمەس ، گۈلمىرەمۇ مۇشۇ مەكتەپكە ئورۇنلاشتى ، ئۇمۇ بەلكىم ... ، مەيلى ، ئۇنىڭغىمۇ مەيلى ، شۇ ئەمەسمۇ ، قانداقلا كەلسۇن ، ئىشقىلىپ مىنىڭ يىنىمغا كەلدى ، لىكىن مىنى ئەنسىرەتكەن يېرى شۇكى ، ئۇ مىنكاۋخەن بولغاچقا ، تەييارلىقنى ئوقۇماي ئۇدۇللا ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىنى باشلاپ كىتەتتى ، بۇنىڭغا ئىچىم بەك قاينىدى ، شۇڭا ئالدىمىزدا ئىلىنىدىغان تەييارلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپ ئاتلاش ئىمتىھانىغاغا قاتناشماقچى بولۇۋاتىمەن ، ئىزىزمۇ ھەم قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ قويۇپتۇ . ئەكبەر تىخى ئويلىنىش باسقۇچىدا ...
كۈز كۈنلىرىنىڭ ھاۋا ئوچۇق ، سالقىن بىر كۈنىسى ئىزىز ، ئەكبەر ۋە مەن ئۈچىمىز بىللە مەكتەپنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى چوڭ مەكتەپ گۈللۈكىدە ئولتۇرۇپ ، ئازراقتىن پىۋا ئىچكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرماقچى بولدۇق . بىز بۇلۇڭراق تەرەپتىكى بىر دالدا جايغا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن ، ئەكبەر پىۋىنىڭ ئاغزىنى چىشى بىلەن چىشلەپ ئاچقاندىن كىيىن ، قەغەز ئىستاكانلارغا قۇيۇپ بىزگە تەڭلىدى ، بىز "خوشە"دەپ تۇنجى رومكىنى كۆتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن پاراڭغا چۈشتۇق ، ئەكبەر قولىدا تاماكا قىپىنى ئوينىغاچ :
ـ ئىككىڭلار شۇنداق قىلىپ سىنىپ ئاتلاش ئىمتىھانىنى بىرەمسىلەر ؟ - دەپ سورىدى .
ـ ھەئە ، بىرىمىز ، بىر يىل تەييارلىق ئوقۇساق بەك تەييار تاپ بولۇپ كىتىدىكەنمىز ، "لاۋشېڭ" بالىلار شۇنداق دەيدۇ ، بىز خەنزۇچىدا ئانچە قىينالمىغاندىكىن ، ئۇدۇللا بىرىنجى يىللىقىدىن باشلاپ ئوقۇساق بولۇۋىرىدۇ ، - دىدى ئىزىز ئۇنىڭ سوئالىغا ئەستايىدىل جاۋاب بىرىپ .
ـ ئەمسە... مەنمۇ بىرىمەن !
ـ سەنمۇ بىرەمسەن ؟ سەن بەرمىسەڭ بولارمىكىن ئەكبەر ...،ـ دىدىم مەن ئانچە قايىل بولماي ، - سىنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەڭ شۇ بىر خىل ، تىخى HSK ئىمتىھانىدىمۇ 5-دەرىجىنى ئاران ئالدىڭ ، بولدى قىلساڭ بولارمىكى ... ، ئەڭ ياخشىسى "يۈكې" قىل !
ـ مانى !ـ ئۇ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ باشقىچە تەلەپپۇزدا قايناشقا باشلىدى ، - يې ! مىنى كۆزگە ئىلمايۋاتامسەن ؟ مىنى ياراتمىغىنىڭمۇ بۇ ؟ خەنزۇتىلىدا ناچار بولسام نىمە بوپتۇ ؟ ھامىنى ئۈگىنىۋالىدىغان نەرسىغۇ ؟ ساڭا دەپ قوياي ھە ئەخمەت ، مىنى مۇشۇ مەكتەپتە ئورۇنلاشتۇرالىغان دادام ئۇنچىلىك ئىشنىمۇ بىردەمدىلا قول تىقماي تۇرۇپ ھەل قىلىۋىتەلەيدۇ !
ـ بولدى قاينىما ئەكبەر - دىدى ئىزىز ئۇنى توسۇپ ، - ئەخمەتنىڭ دىگىنىمۇ خاتا ئەمەس ، ھىلىمۇ داداڭ سىنى ئاز جاپادا ئورۇنلاشتۇرمىدى ، ئەمدى يەنە داداڭغا يۆلىنىپ ئىش قىلساڭ سەت تۇرىدۇ . مۇنداق بولسۇن ، سەن داداڭنىڭ ياردىمىنى سورىما ، ئۈچىلىمىز مۇشۇ سىنىپ ئاتلاش ئىمتىھانىنى ئادىل بىر بىرىپ باقايلى ، ئەگەر كىم ئۆتەلمەي ، "يۈكې" غا قېلىپ قالسا ، ئۆزىدىن كۆرسۇن . تەييارلىقتا ئوقۇغاننىڭ نومۇس قىلغۇدەك يېرىمۇ يوق ، شۇنداق بولسۇنمۇ ئەمسە ؟
ـ ئىم ، كىلىشتۇق ئەمسە !
ئەكبەر ئىككىمىز ئىزىزنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ بىر ئىغىزدىن سۆز قىلىشىپ ، داۋاملىق پىۋىمىزنى ئىچىشكە باشلىدۇق ...
ھەش-پەش دىگۈچە ئىمتىھاننىمۇ بىرىپ بولدۇق ، ھەر ئۈچىلىمىز سىنىپ ئاتلاپ بىرىنجى يىللىقتىن تارتىپ ئوقۇيدىغان بولدۇق ، ئەكبەر نەتىجە چىققاندا بىر خىل ئاجايىپ كۈلۈپ كەتكەنىدى ، بەلكى ئۆزى بىرىپ ئۆتكەندۇ ياكى ... ، ئىشقىلىپ بۇنى ئانچە سۈرۈشتۇرۇپ ئولتۇرماي ، ھەممىمىز ئۆزىمىز تاللىغان كەسىپكە ئورۇنلاشتۇق .
گۈلمىرە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمدە خىلىلا ئىلگىرلەش بار ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن پات-پات تاماقتا بىللە بولاتتۇق ، ئەكبەرنىڭ "ياشايدىغان " كۈنلىرى كىلىپ قالسا ،ئۇنىڭ "رەھبەر"لىكىدە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبلىرىغا باراتتۇق ، ئەكبەرنىڭ ھىلىتەن نۇرغۇن چىرايلىق ھەم مودا قىز بالا تونۇشلىرى كۆپىيىپ كەتكەنىدى، بەلكى ئۇنىڭ سۆلەتۋاز بەگزادە ئىكەنلىكى مەكتەپكە پۇر كەتكەن بولسا كىرەك ، شۇ ئارىدا ئۇ ئۆزىگە ئاز بولمىغان گەپ-سۆز ۋە دۈشمەن تىپىۋالدى ، ئۈچىمىز دائىم بىللە يۈرگەچكىمۇ ، ئادەتتە باشقىلار بىزگىمۇ ئوشۇق گەپ قىلالمايتتى ، ھەممىدىن بەكرەك ياخشى يېرى ، ئەكبەر تىزلىكتە يۇقىرى يىللىقتىكى يۈز-ئابرويلۇق بالىلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئىجىل-ئىناق بولۇشۇپ كەتكەنىدى ، شۇڭا ، ھىچقانداق ئەندىشىمۇ يوق ئىدى .
گۈلمىرەگە نىسبەتەن ، ھازىرقى ھىسىياتىم ئاجايىپ بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىزلا ئىدى ، ئۆزۈممۇ زادى قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرەلمەيتتىم . بىر تۇرۇپ ، ئۇ خۇددى مىنى ياخشى كۆرىدىغاندەك ، دائىم بىرگە تاماق يەپ ، بىرگە ئويناپ يۈرۈشلىرىمىزدىن ، ماڭا تىلفۇن قىلىپ ، قىسقا ئۇچۇر يىزىپ تۇرۇشلىرىدىن ماڭا راستلا كۆڭلى باردەك بىلىنىدۇ ، يەنە بىر تۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئالاقە دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، باشقا ئوغۇللار بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ تۇرىشى ھەم ئۇلارغىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ تۇرىشى ، مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز بىقىشلىرىم ، بەزى كۆڭۈل سۆزلىرىمنى ئەگىتىپ دىيىشلىرىم ... نىڭ جاۋابسىز ياكى مۈجمەل جاۋاب قايتۇرۇلۇپ قىلىشى مىنى ئۈمىدسىزلەندۈرەتتى . ئەمما ، قىسقىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۆزۈمنى دەڭسەپ باقسام، ئۇنىڭغا بولغان دەسلەپكى قىزىقىشىم تەرەققىي قىلىپ ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەتكە ، سۆيگۈگە ئايلانغانىدى ، بۇ تەرىپىنى ئۆزۈممۇ ئىتىراپ قىلاتتىم .ئۇنىڭغا ھامىنى بولمىسۇن كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلمىسام بولمايتتى ، ئۇنىڭ ئالاقە دائىرىسى ئىچىدە پۇلى كۆپ سۆلەتۋازلارمۇ ، غەيرى ئىقىم بويىچە تەرەققىي قىلغان "كىلىشكەن" لەرمۇ بار ئىدى ، مەكتەپتىمۇ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى . شۇڭا ... ۋاقىت مەن ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ قالغانىدى ...
كۈنلىرىم بىر خىل رىتىمدا ئۆتمەكتە ، قىشقا يىقىنلاپ قالغان كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى جىسمىمنى توڭلىتىپ تۇرسىمۇ ، ئەمما يۈرەكتىكى ئوتقا چارىسىز ئىدى . بىر يىنىمدا ئويۇنچى ئەكبەر بولغىنى بىلەن ، ھەرنىمە بولسا يەنە بىر يىنىمدا مىنى يىتەكلەپ ماڭىدىغان ئىزىزنىڭ بولۇپ قالغىنى . ئۇنىڭ مىنى پات-پاتلا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىشى ئاستىدا ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئويۇندىمۇ ، ئۆگىنىشتىمۇ تەڭ كىتىپ باراتتۇق ، شۇنداق ، مانا ھەممە بالىلار ھەۋەس قىلىدىغىنى دەل مۇشۇنداقلار . ئىزىزگە كۆپ ئادەم ھەۋەس قىلىدۇ ، ئويۇننىمۇ پاكىز ، لايىقىدا كەلتۈرۈپ ئويناپ قويىدۇ ، ئۆگىنىشنىمۇ جايىدا ، ياخشى ئىلىپ بارىدۇ ، ئۇنىڭ سايىسىدە خىلى ئىدىتلىق بولۇپ قالغىنىمدىن بەزىدە قاتتىق خۇش . شۇنداقلا كۆپىنچە ئالىي مەكتەپتە كەلگەندىن كىيىن ، ئۆزۈمنى باشقىچە چوڭ بولۇپ كەتكەندەك ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۇقىدىغان بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ، تۇرمۇشتىكى ئىشلارغا يامان ئەمەس ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ، ھەرخىل بالىلار بىلەن ھەرخىل مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇپ قالغانىدىم . گۈلمىرە بىكار بولسىلا ، ئۆزىگە ئوخشاش مىنكاۋخەن دوستلىرى بىلەن بىللە بازار ئايلىناتتى ، بىز بىلەن بىرگە ئوينىغىلى باراتتى . ئۇنىڭ زىل ئاۋازىنى ، بولۇپمۇ ناخشا ئىيتقاندا ئىنچىكە ، يىقىملىق چىقىدىغان ئاۋازىنى قەۋەتلا ياقتۇرۇپ قالغانىدىم ، ھەر قىتىم KTVلەرگە بارغىنىمىزدا ، ئۇنى كۆپرەك ناخشا ئىيتىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلاتتۇق ، ئۇ ناخشا ئىيتىپ بولغىنىدا ھەممىمىز چاۋاك چىلىشىپ كىتەتتۇق ، ھەر قىتىم دوستلار چاۋاك چالسا مەنمۇ ئىچىمدىن خۇش بولۇپ كىتەتتىم ، ئۇنىڭدىن غايىبانە پەخىرلىنىپ كىتەتتىم .
11ـ ئاينىڭ ئاخىرلىرىنىڭ مەلۇم بىر شەنبە كۈنىسى ، ئەكبەر ھەممىمىزنى بىللە ناخشا ئىيتىپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدى ، ھازىر ھاۋا سوۋۇپ قالغاچقا ، سىرتلاردا ئويناشقىمۇ ئەپسىز ئىدى ، بىر تەرەپتىن بۇمۇ بولغىنى ، شۇ باھانىدا ئۇنىڭ زىل ئاۋازلىق ناخشىلىرىدىن ھوزۇر ئالالايمەن . شۇنداق قىلىپ ، ئەكبەر ، ئىزىز قاتارلىق ئۈچىمىزگە يەنە بىر نەچچە ئوغۇل قېتىلىپ ، گۈلمىرەنىڭ دوستلىرى ، ئەكبەرنىڭ يىڭى تونۇشقان دوستلىرى بولۇپ ئون نەچچىمىز شەھەرنىڭ ئاۋات جايلىرىدىكى بىر داڭلىق ktv نىڭ ئالاھىدە بىر كەڭ خانىسىگە ئورۇنلاشتۇق ، ئىچىملىك ، ھاراق بۇيرىغاندىن كىيىن ، ھەممەيلەن ئۆزىمىزنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق . ئاندىن قىزلار بەس-بەستە ناخشا تاللىشىپ مىكرافوننى قولىغا ئىلىۋىلىپ ناخشىدىن "چاڭ" كەلتۈرۈشكە باشلىدى . نۆۋەت گۈلمىرەگە كەلگەندە ، ئۇ داۋاملىق ئوقۇيدىغان بىر نەچچە خەنچە ناخشىسىنى شۇنداق لىرىك ، چىراي ئىپادىلىرىنى ماس ھالدا ئالماشتۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىدى ، ھەممىمىز يەنە ئالقىش ياڭراتتۇق . ئارىلىقتا مەن ئىزىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىمدا ، تۇيۇقسىز كۆزۈم ئەكبەر يىڭى تونۇشقان بىزدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇيدىغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ گۈلمىرەنىڭ يىنىغا كىلىپ ، ئۇنىڭغا ھەدەپ بىرنىمىلەرنى دەپ ئۇنى كۈلدۈرۈپ ئولتۇرغىنىغا چۈشتى ، شۇ دەقىقىدە ئىچىم "ۋىژژىدە" ئىچىشقاندەك بولدى ، ئىزىز مىنىڭ ئۇلارغا قاراپ كەتكىنىمنى تۇيغان بولسا كىرەك ماڭا پەس ئاۋازدا :
ـ قانداق ؟ كۈندەشلىكىڭ تۇتۇۋاتامدۇ ؟ - دەپ چاقچاق قىلىپ سورىدى .
ـ ياقەي ، قانداقسىگە كۈندەشلىك قىلىمەن ، شۇ مۇنداقلا قاراپ قويۇشۇم ...،ـ دىدىم مەن ئۆزۈمنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن .
ـ - ئەكبەر مىنى ساڭا دەپ قوي دىگەنتى ، ئاۋۇ ئۇزۇنتۇرانىڭ گۈلمىرەگە كۆزى چۈشۈۋاتقىنىغا خىلى بوپتۇ ، ئۇلار تونۇشقىلىمۇ بىر ئايچە بوپ قاپتۇ ، بەلكىم ئىككىسى ...
ـ ماڭەۋە ، گۈلمىرە ھىچ ماڭا دىمىدىغۇ ؟ ئەكبەر شۇنداقلا دەپ قويغان ئوخشايدۇ .
ـ ياق ،راست دەۋاتىمەن ، مەنمۇ نەچچە قىتىم مەكتەپنىڭ بىر يەرلىرىدە ئىككىسنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدىم . ئىشقىلىپ ئەخمەت ، ئىشىڭغا پۇختا بول ، ئامال بار گۈلمىرە بىلەن تىز تىپىشىۋالىدىغاننىڭ ئىشىنى قىلساڭ بولارمىكىن ... مەن بۇرۇنلا سىنى توساي دىگەن ، لىكىن شۇنداق زەڭ سىلىپ باقسام ،ئۇنىڭغا خىلىلا كۆڭلۈڭ باركەن ، مىنكاۋخەن بولغىنى بىلەن خىلى يامان ئەمەستەكمۇ تۇرىدۇ ، كۆڭلۈڭ بولسا تىزرەك پىيىغا چۈش ، بولمىسا ... كۆردۈڭغۇ ئەنە ..
ئىزىزنىڭ گىپىگە جاۋاب بەرمىدىم ، كاللام تۇيۇقسىز قالايمىقانلىشىپ كەتتى ، قانداق قىلىش كىرەكلىكى توغرىلىق ھىچقانداق ھېس-ئوي قەتئىي ئەقلىمگە كەلمىدى ، ئۆزۈمنىڭ خىلىلا جىددىيلىشىپ قالغىنىمنى سىزىپمۇ ئۈلگۈردۈم ، بەلكىم ئىزىزنىڭ گىپى توغرىدۇ ، ئۇ ئادەتتە كۆپ ئىشلاردا خىلى ئەستايىدىل ، چوقۇم ئويلىنىپ بىقىش كىرەك ... بۇچاغدا گۈلمىرە بىلەن ھىلىقى ئۇزۇنتۇرا ئىككىسىنڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى ، بۇ كۈلكە خۇددى ماڭا ئىتىلغان زەھەرلىك ئوقتەك ،بىرىپلا يۈرۈكىمگە تىگىپ ئىچىشتۇرۇشقا باشلىدى ...
شۇنداق قىلىپ ئۇ يەردىن كۆڭۈلسىزلا قايتتىم ، باشقىلارغا كۆڭۈلسىز كەيپىياتىمنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ، ئامالنىڭ بىرىشىچە ئوشۇق-گەپ سۆز ۋە ياكى مەيۈسلۈك چىراي ئىپادىلىرىدىن ساقلاندىم ، ھەممىمىز ئۆز يولىمىزغا تارقىغاندىن كىيىن ، ياتاققا بىرىپ كىيىمىمنىمۇ سالماي كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ چۇڭقۇر ئويغا چۈشتۈم " ھەي ... ، ئەمدى قانداق قىلسام بولار ؟ كىممۇ مىنى بىر مىنكاۋخەن قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسۇن دەپتۇ ؟ تىخى ئۆزۈممۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىمنى ئىنىق مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيمەن ، ئەمدى ... ئەمدى ئارقامغا يانسام بولمايدۇ ، داۋاملىق يۈرۈش كىرەكمۇ ؟ ئۇنداق بولسا ، گۈلمىرەنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق بولار ؟ ئۇ بۇ كۆڭلۈمنى چۈشىنەرمۇ ، ئىشىمىزنىڭ ئاخىرى كۆڭۈلدىكىدەك چىقارمۇ ...؟ " باش-ئاخىرى يوق مۈجمەل خىياللار بىلەن يوتقاننى يىپىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۇيقۇغا كەتكىنىمنىمۇ سەزمەپتىمەن ...
ئەتىسى ئەتىگەندە ، ئىزىزنىڭ تۈرتۈپ ئويغىتىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم ، ھاۋا تولىمۇ تۇتۇق ، بۇلۇتلۇق ئىدى ، خۇددى ئۈمىدسىزلەنگەن ھىسىياتىمغا بىرلەشكەندەك ... ، يۈزۈمنى يۇيۇپ ئىزىز ئەكىرىپ قويغان ناشتىلىقنى يىگەندىن كىيىن ئىزىز بىلەن بىردەم مۇڭداشتىم ، ئىزىز ئورنىدا ئولتۇرۇپ ، تاماكىسىنى چۇڭقۇر سۈمۈرگەندىن كىيىن ، ئىسىنى چىقىرىپ بىر پەس ئويلانغاندەك ھالەتتە بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرىۋىتىپ مەندىن سورىدى :
ـ ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن ؟ گۈلمىرە بىلەن يۈرەمسەن ؟
ـ مەنمۇ ئىنىق بىلمىدىم ... ، - ئۇنىڭغا مۈجمەللا جاۋاب بەردىم .
ـ ئەخمەت ، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن قاس-قاس گەپ قىلمامسەن ؟ ياخشى كۆرسەڭ داۋاملىق قوغلاش ، بولمىسا سىڭگەن نىنىڭنى يەپ جىم ئولتۇر ، بۇ يەردە ئوشۇق ئىش يوق !
ـ سەنغۇ ئۇنداق دەيسەن ، لىكىن ... بۇ بىرلا كۈچەپ قارار قىلىدىغان ئىش ئەمەس ،
ـ ئەمسە سەن نىمىدىن ئەنسىرەۋاتىسەن ؟
ـ مەن ... راستىنى دىسەم ھەممىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن .
ـ ھەممىدىن ؟ - ئىزىز كۆزلىرىنى چوڭ ئىچىپ سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى ، - ھەممىدىن ئەنسىرەمسەن ؟ بىر قىز بالىنى قوغلىشىش ئۈچۈن ھەممىدىن ئەنسىرەمسەن ؟!
ـ سەن چۈشەنمەيسەن ...
ـ لىكىن مەن سىنى چۈشىنىمەن ! سىنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىڭ ، گۈلمىرەنىڭ سىنى قوبۇل قىلماسلىقى ، ئاندىن ئارىلىقتا باشقا بىرى بىلەن يۈرۈپ قىلىشى ، ئۇنىڭ مىجەزى بىلەن باشتىن-ئاخىر كىلىشىپ ئۆتەلىشىڭ ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ سىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىشى ! تاپتىممۇ ؟
توۋا ، ئاغىنە دىگەن بەزى چاغدا دوستىنىڭ كۆزىگە قاراپلا ئويلىغىنىنى ، غىمىنى بىلىۋالالايدۇ دىسە ، ئىزىزنىڭ دىگىنى راست توغرا ئىدى ، مەن ئۆزۈممۇ بىلىپ بولالمايۋاتقان غەم-ئەندىشەم ئاساسلىق مۇشۇلار ئىدى ، ئەنسىرەۋاتقىنىم دەل مۇشۇلار ئىدى... ، ئىزىزگە قاراپ ئاستا بىشىمنى لىڭشىتتىم ، ئۇ تاماكىسىنى يەنە بىر شوراپ ، ئىغىر خۇرسىنغاندىن كىيىن كۆزۈمگە قاراپ كەسكىن قىلىپ ئىيتتى :
ـ ساڭا بىرلا گەپ قىلاي ئەخمەت ، بىرسىنى ياخشى كۆرسەڭ ، ھىچنىمىگە قارىماي بىرىپ قوغلاش ! ئىككى يىنىڭغا قاراپ قالدىڭمۇ بولدى ، باشقىلار تارتىپ كىتىدۇ ، ئۆزۈڭگە ئىشەن !
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ، يەنە ئويغا پاتتىم ، توغرا ، ئىزىز توغرا ئىيتىدۇ ، بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغانىكەنمەن ، چوقۇم ئالدىمغا قاراپ مىڭىشىم كىرەك ، ياندىن كەلگەن توساقلارغا ئېرەن قىلماسلىقىم كىرەك ... توغرا ! ھازىر ئەڭ ئاۋۋال قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم ، مەن قارار قىلىشقا تىگىشلىك نەرسە شۇكى ، مەن ئۇنى زادى راست ياخشى كۆرەمدىمەن يوق ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىشەنچىم بارمۇ يوق مانا مۇشۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىم كىرەك ... !
قىش كىردى ، ھاۋا ھەمىشە تۇتۇق ، پات-پات چىقىپ تۇرىدىغان سوغۇق شامال كىشىنى شۈركەندۈرىدۇ ، ئەڭ ئاخىرقى غازاڭلىرىمۇ تۆكۈلۈپ قاقشال بولۇپ قالغان دەرەخلەر كىشىگە غەشلىك تۇيغۇسىنى بىرىدۇ . مالىيە ئۈنۋىرىستىتىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مەكتەپ بىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك ئورمانلىق ئارىسىدىكى كۆل ئەتراپىدا ئولتۇرۇش ھازىر ماڭا خۇشياقماس بولدى ، ئوقۇشنىڭ ئالدىراش مەزگىلى باشلاندى ، ھەر قىتىم كىتابنى قولۇمغا ئالىمەن ، كىتابقا بىرەر قۇر كۆرۈش بىلەنلا خىياللىرىم باشلىنىپ كىتىدۇ ، يەنە شۇ تۈگىمەس ئوي ... ، ئۇنىڭغا بەزى-بەزىدە يانغۇنىغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ باقىمەن ، ئەمما بىردەمدىلا نىمە دىيىشىمنى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلەلمەي ، ئەمدىلا قىسقا ئۇچۇردا باشلانغان پارىڭىمىز بىردەمدە ئۈزۈلۈپ قالاتتى ، ئۇنىڭغا گەپنى قەيەردىن باشاپ ئىيتىپ قەيەردە توختىتىشنى بىلەلمىدىم ، توۋا... ، بۇغۇ بىر مەسىلە ، مەن ئاۋۋال ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىمنى جەزملەشتۈرىشىم كىرەكتە ؟ بىلىشىمچە ، بەزىدە يات جىنىسقا بولغان قىزىقىشمۇ كىشىگە مۇھەببەت تۇيغۇسىدەك تەسىر بىرىدىكەن ، بۇ خىل خاتا تۇيغۇنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ... ھىسىياتىمنى دەڭسەپ بىقىشىم كىرەك ، توغرا ، ئۆزۈمنى دەڭسەپ بىقىشىم كىرەك ...
ياتاقتا داۋاملىق ئولتۇرۇشتىن زىرىكىپ كەچ كىرىپ قىلىشىغا قارىماي سىرتقا چىقتىم ، مەقسەتسىزلا تاماكامنى تۇتاشتۇرغىنىمچە مەكتەپ ئىچىدىكى يوللارنى ئايلىنىشقا باشلىدىم ، غازاڭلىرى تۆكۈلگەن دەرەخ ، ئاجىز چىقىۋاتقان شامال ، توپا ئۇچۇپ يۈرگەن يوللار ... ماڭا ھىچبىر ئىلھام بەخىش ئىتەلمەيتتى ، ھەرخىل- ھەرياڭزا كىيىشكەن مودا خىنىملارمۇ ئوخشاشلا دىققىتىمنى ئۆزىگە قارىتالمايتتى ، كەچ كىرىشىگە قارىماي ۋاسكىتبول مەيدانىدا ۋاقىرىشىپ توپ ئويناۋاتقانلارمۇ ھەم شۇنداق ... ، قەدەملىرىم ئىختىيارسىز دەرۋازا تەرەپكە بۇرۇلدى ، ئالدىرىماي دەرۋازىدىن چىقىۋاتقىنىمدا ئالدىمدا تونۇش بىر كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى ، دىققىتىمنى شۇ تەرەپكە قاراتتىم ، بايا كۈلگىنى گۈلمىرە ئىدى ، ئۇنىڭ يىنىدا ھىلىقى ئۆتكەندە بىللە ئولتۇرۇشقا ئۇزۇنتۇرا تۇراتتى ، ئۇلار ئارىدا ئون سانتىمىتىرچە ئارىلىق قالدۇرۇپ يىقىن مىڭىشىپ كىتىپ باراتتى ، كاللامغا "بۇ ئىككىسى كەچ كىرگەندە نەگىمۇ ماڭغاندۇ ...؟ " دىگەن ئوي كەلدى ، گۈلمىرەنى چاقىرىپ سوراش نىيىتىگە كەلگەن بولساممۇ يەنىلا جايىمدا جىمجىت قىتىپ تۇرۇپ قالدىم ، ئۇلار دەرۋازىدىن چىقىپ كىتىش ئالدىدا تۇراتتى ، تۇيۇقسىز گۈلمىرەنىڭ قولىدىكى يانفۇن قاپچۇقى يەرگە چۈشۈپ كەتتى ، ئۇ توختاپ قاپچۇقنى ئالغاچ كەينىگە قارىدى ۋە مىنى كۆرۈپ جايىدا تۇرۇپ قالدى ، مەن ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماي ، دەپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم ، ئەمدى قەدەم بىسىشىمغا ئۇنىڭ مىنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، قاتتىق ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھىسىيات بىلەن كەينىمگە قارىدىم ، ئۇ مەن تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلدىم ، مەن ئويلىشىمچە ،ئۇ ھىچ بولمىغاندا قاتتىق ئوڭايسىزلىنىش كەيپىياتىدا بولىدۇ ، دەيتتىم ، ئەمما ئۇنىڭ ئادەتتىكى نورمال چىراي ئىپادىسىدىن سەل تەئەججۈپلىنىپ قالدىم ، ئۇ قىشىمغا كىلىپ ، مەندىن بىر قۇر ئەھۋال سورىغاندىن كىيىن :
ـ بايا مىنى كۆرۈپلا ئارقىڭىزغا قايتتىڭىزغۇ ؟ مەندىن خاپا بولۇپ قالدىڭىزما ؟ - دەپ سورىدى .
ـ يا...ياقەي ، شۇ ... ، - ئۇنىڭغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمىدىم ، دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان ئۇزۇنتۇراغا بىر قارىۋىتىپ ئاندىن ئۇنىڭغا قاراپ سورىدىم ، - سىلەر ... بىر يەرگە بارماقچىمىدىڭلار ؟
ـ ھە ...ھەئە ، نىجات مەنيوۋبا (漫游吧)غا بىرىپ ئويناپ كىلەيلى دەپتى ، شۇنىڭغا ماڭغان ... ، سىزچۇ ؟ سىز نىمىش قىلىپ ؟
ـ مەن مۇشۇ يەردە تۇردۇم شۇ ! - ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئاچچىغىم كىلىپ قوپاللا ئىيتتىم .
ـ ھە ... ئۇنى بەك ساقلىتىپ قويماي ئەمسە ، بەك يوقاپ كەتمەڭ ، تىلفۇن قىلىپ تۇرۇڭ ...، خوش !
ـ ...
ئۇ مەن بىلەن خوشلىشىپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ تىز-تىز قەدەملەرنى بىسىپ يۈرۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ قالدىم ، تۇيۇقسىز كۆزۈم دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان ئۇزۇنتۇرا ــ نىجاتقا چۈشۈپ قالدى ، ئۇ غەيرى بىر خىل مەنىدە ماڭا مەسخىرىلىك ھىجىيىپ قويغاندىن كىيىن ، گۈلمىرە بىلەن بىللە دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى . ئىچىم ئاجايىپ ئىچىشىپ كەتتى ، كۈندەشلىك دىگەن مانا مۇشۇ بولسا كىرەك . ئۇلار دەرۋازا ئالدىدىلا تاكسىدىن بىرنى توسۇپ يۈرۈپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ مەندىن يىراقلاشقىنىغا قاراپ ، ئىنىقراقىنى ئىيتقاندا ، گۈلمىرەنىڭ مەندىن يىراقلاشقىنىغا قاراپ ، خۇددى ناھايىتى قىممەتلىك نەرسەم مەندىن يىراقلىشىپ ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بولۇپ ، يۈرىكىمگە پىچاق سانجىلىپ ، نەپسىم بوغۇلۇپ ، تىنىقلىرىم تىزلەشكىلى تۇردى ، ئىچىم بەكلا ئاچچىق ، كۆزلىرىم قىزارغان بولسا كىرەك ، ئىچىشقىنىنى تۇيۇپ تۇرىۋاتىمەن ...
ئاھ ! ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك ؟! شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىممۇ ؟ ئۇنى نىجات تارتىپ كەتتىمۇ ؟ ئەمدى ئۇنىڭغا مۇھەببىتىمنى بىغىشلىيالمايمەنمۇ ؟ توغرا ... ئەمدى ھېس قىلدىم ، ئەمدى ھېس قىلدىم ! مەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن ! ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمغا مۇشۇ دەقىقىدە رەسمىي ئىشەندىم ، قەتئىي جەزملەشتۈردۈم ! ... ياق ! بۇنداقلا بولدى قىلسام بولمايدۇ ، نىجات نىمە ئۈچۈن ماڭا ئاشۇنداق غەيرى ھىجىيىپ قارايدۇ ؟ ئۇنىڭ مەقسىتى ئەگەردە ... ، ياق ! ئۇنى بۇ رەزىل مەقسىتىگە زادىلا يەتكۈزمەسلىكى كىرەك ، ئەگەر ئۇنىڭ مەقسىتى ئىنىق شۇنداق بولۇپ قالسا ، گۈلمىرە تۈگەشمەمدۇ ؟ ۋەيران بولمامدۇ ؟!
شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ يۈگۈرگىنىمچە دەرۋازا ئالدىدىكى چوڭ يولغا چىقتىم ، ئەمما ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئۇزاپ كەتكەنىدى ، ئۇلارغا قانداق ئەگىشىمەن ؟ باشتا گۈلمىرەگە تىلفۇن قىلىپ ، ئۇنىڭ تىزدىن قايتىپ كىلىشىنى ئىيتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ، ئەگەر نىجاتنىڭ مەقسىتى ئۇ بولماي قالسا ... ئىنىقلا زىددىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن ، ئەگەر تىلفۇن قىلىپ ئۇنىڭدىن نەگە بىرىشنى سورىسامچۇ ؟ ئۇنداقتا ، نىجات ياندىن ئىشنى توغرىلىۋىلىشى مۇمكىن ... ، ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يازاي ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يازدىم ، ئۇ ھايال ئۆتمەيلا ئۇچۇر قايتۇردى "مىنىڭ قايسى جايغا بارىدىغانلىقىمنى سوراپ نىمە ئىش قىلىسىز ؟ بىرەر گەپ بارمىدى ؟ " ، مەن كاللامنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭغا يەنە " مەن ئۇنىڭ سىزنى ئەڭ ياخشىسىغا ئاپىرالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن ، مەن بەك ئوبدان جايلارنى بىلەتتىم !" دەپ يازدىم ، ئۇ " بەلكىم ... ئۇ مىنى **** گە ئاپىرىدىكەن ، مەنچە ئاشۇ جاي ئەڭ ياخشىسىدۇ ؟ سىز بىلىدىغىنى ...؟ " ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولغاندىن كىيىن ، ئۆزۈمچە كۈلۈپ قويدۇم ، "ھىيلەم " راستىنلا كارغا كەلگەنىدى ، مەن ئاخىرىدا ئۇنىڭغا " ھە ، مەن تەۋسىيە قىلىدىغىنىممۇ شۇ ئىدى ، ئەمسە ئوبدان ئويناڭلار ! " دەپ خەت قايتۇرۇپ قويدۇم -دە ، دەرھال تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ، ئۇلار بارماقچى بولغان "***دىسكو كۇلۇبى" قاراپ يۈرۈپ كەتتىم ...
تاكسىدىن چۈشۈپ ، كۇلۇبنىڭ ئىچىگە كىردىم ، بۇ مەخسۇس خەنلەر ئاستا رىتىملىق دىسكو ئوينايدىغان جاي بولۇپ ، ئاز قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ كىرەتتى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مىنكاۋخەنلەر ئاساسلىق كىرىش ئوبىيكتى ئىدى . كىرگىنىمدە تەرەپ-تەرەپتىكى ياڭراتقۇلاردىن چىققان قۇلاقنى يارغۇدەك ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازلىق دىسكو ناخشىلار ، تام-تورۇسلارغا ئىسىلغان ھەرخىل سىتىرولۇق رەڭگارەڭ چىراغلار ، كىرىسلو -ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇشقان ، ياكى تارغىنە بوشلۇقتا ئۆرە تۇرۇپ قالايمىقان ھەرىكەتلەر بىلەن دىسكو ئويناۋاتقان كىشىلەر بىلەن تولغان ، ھەتتا بىر-بىرىنىڭ مۈرىسىگە ئىسىلىۋالغانلار ، قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈۋاتقانلار ، غۇۋا يورۇقتا بىر-بىرىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىنى سىيلىشىپ قىلىقسىزلىق قىلىۋاتقانلار ... كىرىپلا بۇرنۇمغا بۇرىغان ھاراق بىر سەسكەندۈرگەن بولسا، بۇ كۆرىنىشلەر تىخىمۇ ئىچىمنى سىقماقتا ئىدى ، مەن دالدا بىر جايغا ئۆتۈپ ، گۈلمىرە بىلەن نىجاتنى ئىزدىدىم ، قايتا-قايتا تەكرار كۆزلىرىمنى يۈگۈرتۈپ ، ئۇلار ئولتۇرغان بۇلۇڭدىكى ئورۇننى كۆردۈم ، ۋە ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولىدىغان ، ئۇلارغا ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان بىر ئورۇندا ئولتۇردۇم ، كۈتكۈچى يىنىمغا كىلىپ نىمە ئىچىشىمنى سورىدى ، مەن بەك تەڭشىلىپ كىتىپ ، ئۇلارنىڭ بۇ پۇرسەتتە چىقىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئازلا بىرنىمە بۇيرۇتتۇم ، لىكىن ئىسىم قۇرىسۇن ، بۇ يەرنىڭ "ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال " دەيدىغان قائىدى بارلىقىنى ئۇنتۇپلا قاپتىمەن ، كۈتكۈچىدىن " بانكا كارتىسى ئىشلەمدۇ ؟ " دەپ سورىسام ، ئۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى ، شۇنداق قىلىپ "ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال " نى بۇيرۇپ ، " يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيدىغان " بولدۇم ، بۇلارنىڭ "ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال " دىگىنىمۇ خىلىلا ئۆرە باھا ئىدى ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىيتقاندىمۇ خىلى بىر گەپ ئىدى ، مەن نېرى-بىرىنى ئويلاشمايلا تىخى نەچچە كۈن ئالدىدا پۇل سىلىنغان كارتىغا "ئىسىل " ئىچىملىك ، ھاراقلارنى بۇيرۇتتۇم . گۈلمىرە تەرەپكە قارىغانسىرى ئاچچىغىم كىلەتتى ، نىجات دىگەن ئەبلەخ ھەدەپ بىشىنى گۈلمىرەنىڭ بىشىغا يىقىن ئەكىلىپ ، قۇلىقىغا نىمىلەرنىدۇر پىچىرلايتتى ، كۆرۈنۈشتىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ ، ئۇ پات-پاتلا گۈلمىرەنى ھاراققا زورلايتتى ، گۈلمىرە ئاز-ئازدىن ئىچىپ قوياتتى ... بۇ كۆرىنىشنى كۆرگەنسىرى پارتىلايدىغاندەكلا قىلاتتىم ، بىرىپلا نىجاتنىڭ كانىيىنى سىققۇم كىلەتتى ، ئەمما ... ئالدىراقسانلىقنىڭ ھامان ئىش بۇزىدىغانلىقىنى بىلەتتىم ، ئۆز-ئۆزۈمگە "سەۋر قىل ئەخمەت ، سەۋر ... ! ئىش ھامان ئايدىڭلىشىدۇ " دەپ تەسەللىي بىرەتتىم ...
دىگەندەك ، ئارىدىن بىرەر سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ، كۇلۇب ئىچىدە كەچلىك ئويۇننىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇلارمۇ بىردەم بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ ئويناپ ھارغاندىن كىيىن ، مىڭىشقا تەرەددۇت قىلىشتى ، مەن چاندۇرماي ئۇلاردىن بۇرۇن سىرتقا چىقىپ ، دالدا جايدا ئۇ ئىككىسىنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇردۇم ، بىر چاغدا نىجات گۈلمىرەنىڭ بىلىدىن تۇتۇپ، قولتۇقلىۋالغان ھالدا چىقىپ كىلىشتى ، بۇنى كۆرۈپ يەنە "غۇژژىدە" ئاچچىغىم كەلدى ، دىمىسىمۇ ھېلىتىن بۇنداق بولۇپ كەتسە قانداق بولغىنى ؟ قارىغاندا گۈلمىرە ئاز ئىچمىگەن ئوخشايدۇ ، تۇرۇپلا كاللامغا " بۇنداق ھاراق ئىچىدىغان قىز بالىنى نىمە قىلارسەن ئەخمەت ... " دىگەن ئوي كىلىپ قالدى ، بولدى قىلايمۇ ياكى ... ؟ ياق ! مەن ئاتايىتەن كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغانغا ، گۈلمىرەگە بولغان كۆڭلۈم ئۈچۈن بولسىمۇ ، ئاخىرغىچە چىداپ نىجاتنىڭ "ئويۇنى"نى ئەڭ ئاخىرغىچە كۆرىشىم كىرەكتە !
ئۇلار شۇ ھالەتتە پىيادە مىڭىشتى ، مەنمۇ يىراقتىن ئەگىشىپ كىتىپ بارماقتىمەن . " توۋا ، كۆڭلۈم تۇيغاندەك ، ئۇلار بىر مۇھىتى ياخشى مىھمانخانىنىڭ ئالدىغا بىرىپ بىرنىمىلەرنى دىيىشىپ كىرىپ كىتىشتى . قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئارقىدىن كىرسەم ئۇلارنى قانداق تاپارمەن ؟ ئەگەردە نىجات بىلەن گۈلمىرە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى ياتاقتا ياتىدىغان بولۇپ قالسىچۇ ؟ ۋاي ، بولدىلا ! كىرىپ بىلمەمدىم ! " ئىچىمدە شۇلارنى ئويلاپ مىھمانخانا ئالدىغا كەلدىم ، بەش مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى-دە ، ئۇچقاندەك مىھمانخانا ئىچىگە كىرىپ ، مۇلازىمەت ئورنى ئالدىغا بىرىپ ، مۇلازىمەتچى قىزغا :
ـ بايا كىرىپ كەتكەن بىر ئوغۇل بىر قىز قايسى ياتاققا چۈشتى ؟ مەن ئۇلارنىڭ دوستى ئىدىم ، ئۇلارنىڭ مۇھىم نەرسىسىنى بىرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، مۇمكىن بولسا ماڭا ئىيتىپ بەرسىڭىز ، - دىدىممەن جىددىي تەلەپپۇزدا .
ـ كەچۈرۈڭ ، بۇ مىھمانلارنىڭ مەخپىيىتى ، ئۇلارغا تىلفۇن قىلىڭ ، چۈشۈپ ئىلىۋالسۇن - ئۇ قىز كەسكىن قىلىپلا رەت قىلىۋەتتى .
ـ ئاپلا ، ئۇ ئىككىلىسى يانفۇنىنى ئىتىۋاپتۇ ! ماقۇل ، مەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرەي ، بىرىنىڭ ئىسمى گۈلمىرە ، بىرىنىڭ ئىسمى نىجات ، بولمىسا قاراپ بىقىڭە ، راستلا بەك جىددىي ئىش ئىدى !
ـ ئەمسە ... ، ـ مۇلازىم قىز ئويلىنىپ قالدى ، - ئەمسە تىز چىقىپ تىز چۈشۈڭ ھە ! چاتاق چىقسا ، خىزمىتىمىزدە ئەستايىدىل بولمىغان دەپ بىزنى تۇتىدۇ . ئۇلار ***-ياتاقتا ...
ـ رەھمەت !
ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپلا ئاشۇ ئىيتىپ بىرىلگەن ياتاققا قاراپ ئۇچتۇم ، ئىيتىپ بىرىلگەن ياتاقنىڭ ئالدىغا كىلىپ ، ئەتراپقا بىر قارىۋىتىپ ، ئادەم يوقلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ، ئىشىك تۈۋىگە قۇلۇقۇمنى يىقىن ئەكەلدىم ، ئەمما ئىچىدىن ھىچبىر سادا چىقمايتتى ، شۇ تاپتا ھودۇقۇش ، تەمتىرەش ۋە جىددىيلىشىش كەيپىياتى مىنى قىيناۋاتاتتى ، ئەگەر بىرەرسى كىلىپ ، مەندىن گۇمانلىنىپ قالسا چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قىلىشىم ئىنىق ئىدى ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا قۇلۇقۇمنى تىخىمۇ يىقىن چاپلىدىم، بىر چاغدا نىجاتنىڭ ئاۋازى بوش ئاڭلاندى :
ـ گۈلمىرە ، ئەمدى ئۇخلامدۇق ؟ بىرلا كارىۋات بار ئىكەن ...
نىجاتنىڭ ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدىم ، ئەمما ھايال ئۆتمەي گۈلمىرەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
ـ ياق ! سىز چىقىپ كىتىڭ ، بىشىم بەك ئاغرىپ كىتىپ بارىدۇ ، ئۆتۈنۈپ قالاي !
ـ ھاھاھا ، - ئىچىدىن نىجاتنىڭ مۇغەمبەرلەرچە كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ، - ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ ، مەن بايىلا دورا سىلىۋاتكەن ... بولدى قىلىڭ ، ئەمسە كىيىمىڭىزنى ...
ئىچىدىن بىرسىنىڭ يۈزىگە تەگكەن تەستەك ئاۋازى چىقتى ، مەن بىرەر ئىشنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ، كەينىمگە بىر نەچچە قەدەم داجىدىم ، ۋە بارلىق كۈچۈم بىلەن ئىشىككە كۈچەپ ئۈستۈم ، ئىشىك بىر ئۈسسۈك بىلەنلا ئېچىلدى ، كۆزۈمگە تۇنجى بولۇپ گۈلمىرەنىڭ كارىۋاتتا ئولتۇرغان ، نىجاتنىڭ يۈزىنى تۇتقان ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىغىنى كۆرۈندى ، بىرىپلا نىجاتنىڭ يۈزىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قاتتىق بىرنى ئۇردۇم ، ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە كەينى-كەينىدىن يۈز ۋە قورساقلىرىغا نەچچىنى سىلىپ ، ئۇنى يىقىتىپ قويدۇم ۋە قورقۇنۇشتىن كۆزلىرى ئالچىيىپ كەتكەن گۈلمىرەنىڭ قولىدىن تارتىپلا ماڭدىم ، ئۇمۇ قارشىلىق كۆرسەتمەي ماڭا ئەگەشتى ...
قاراڭغۇ كىچە ، ئاسمانمۇ ، زىمىنمۇ قاراڭغۇ ، گەرچە يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چىراغلار يولنى سۇس ياندۇرۇپ تۇرسىمۇ ، لىكىن ... زىمىن يەنىلا قاراڭغۇ ، ماڭا شۇنداق قاراڭغۇ بىلىنمەكتە ، شۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ، گۈلمىرە ئىككىمىز سوغۇقتىن شۈمشىيىپ ، بىر مىتىرچە ئارىلىق قالدۇرۇپ كىتىپ بارغان بولساقمۇ ، ماڭا بىز مىڭىۋاتقان يول ، پەقەت مۇشۇ يوللا يورۇق بىلىنمەكتە .
ـ نەگە ... نەگە بارىمىز ؟ - گۈلمىرە بوش ، زەئىپ ئاۋازدا مەندىن سورىدى .
ئۇنىڭغا دەماللىققا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشىمنى بىلمىدىم ، شۇنداقلا بىلەلمىدىم ، ھازىر يىرىم كىچە بوپ قالدى ، مەكتەپنىڭ ياتىقىنى ئاللىبۇرۇن تاقىۋەتتى ، گۈلمىرە توڭۇپ دۈگدىيىپلا قالدى ... ، توغرا ، ئۇنى شۇ يەرگە ئاپارماي بولمايدۇ ، شۇ يەرگە ئاپارماقتىن باشقا ئامال يوق :
ـ باشقا بىر مىھمانخانىغا بارىمىز ، - دىدىم مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارىماي كەسكىن قىلىپ .
ـ ھە ؟ - ئۇ ھەيران بولدىمۇ ياكى باشقىچە ئويلىدىمۇ جايىدا تۇرۇپ قالدى ۋە ماڭا تىكىلىپ قارىدى ، مەنمۇ توختاپ ئۇنىڭ نىجاتلىق تىلەۋاتقان كۆزلىرىگە قاراپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭغا دىدىم :
ـ سىزنى شۇ يەرگە ئاپارماقتىن باشقا ئامال يوق ، تورخانىغا كەتسەك ، سىز ئىنىق قىيلىنىپ قالىسىز ، باشقا يەرلەرمۇ ھەم شۇنداق . خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن سىزگە ھەرگىز چىقىلمايمەن !
ئۇ ئۈنچىقمىدى ، بەلكىم ئىككىلىنىپ قىلىۋاتقان بولسا كىرەك ، مەن ۋاقىتنىڭ بۇنداق ئۆتۈپ كىتىۋىرىشىگە چىدىمىدىم ، ھىلىمۇ ھەر ئىككىمىز توڭلاپ ئاران قالغىلىۋاتىمىز . بىرىپلا ئۇنىڭ مەيدىسىنى چىڭ تۇتۇۋالغان قولىنى تارتىپ چوڭ يولغا ئاپاردىم ، ئۇ تىخىچە ھىچبىر ئىپادىسىز تۇراتتى ، ئەمما كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىدىن ئۇيقۇسى كىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى . بىز خىلى بىر ھازا ساقلىغاندىن كىيىن ، بىر بوش تاكسىغا چىقىپ ، دوستلۇق يولىغا باردۇق ، ياتاق كەستۈرگەندە ئۇنىڭدىن سورىدىم :
ـ ئىككى ياتاق ئالايمۇ ؟
ـ ئىككىنى ؟ - ئۇ بىر پەس تۇرىۋاتكەندىن كىيىن كۆزۈمگە قاراپ ئىيتتى ، - بولدى ، بىرنىلا ئاچقۇزۇڭ ...
شۇنداق قىلىپ بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇق ، ئۇنىڭغا ، ئۇنىڭ كارىۋاتتا يىتىشىنى ، مەن كىرىسلودا ئۇخلايدىغانلىقىمنى ئىيتتىم ، ئۇنىڭ خىلىلا ھاردۇق يەتكەن بولسا كىرەك ۋە بەلكى نىجات دىگەن خۇمپەر ئىچۈرگەن دورىنىڭ تەسىرى بولسا كىرەك ، كۆزلىرى يىرىم يۇمۇق ھالدا چاپىنىنى سىلىپ ، كۆپ تۈزۈت قىلمايلا كارىۋاتقا چىقىپ ياتتى ، مەن كارىۋاتنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىرىسلودا بىردەم ئولتۇردۇم . بۈگۈنكى ئىشلارنى ئويلسام ، بىر تۇرۇپ نىجاتنىڭ شۇملۇقلىقىغا ئاچچىغىم كەلسە ، بىر تۇرۇپ گۈلمىرەنىڭ ئۇنىڭ ئىپلاس قارا قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالغىنىمدىن خۇش بولاتتىم . خىياللار ئىلكىدە كىرىسلودا سوزۇلۇپ ياتقىنىمدا ، گۈلمىرە تۇيۇقسىز كۆزلىرى يۇمۇقلا ھالدا ئۈستۈنكى گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ ، سىرتىدىكى كىيىمىنى سىلىۋەتتى -دە داۋاملىق ئۇيقۇغا چۈشتى ، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسىمى كۆرۈنۈپ قالغانىدى ، شەيتىنىم بارغانسىرى كۈچىيىپ ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا ئۇنىڭ قىشىغا كىلىپ قالدىم ، لىكىن شۇ ھامانلا خۇددى ئويقۇدىن ئويـغانغاندەك ئىسىمنى تىپىپ ، ئۇنىڭ يوتقىنىنى ئۈستىگە كۆتۈرۈپ قويۇپ ، چىراغنى ئۆچۈرۈپ كىرىسلوغا قايتىپ كىلىپ مەنمۇ ئۇيقۇ قاينىمىغا چۆكتۈم ...
... گۈلمىرە ئويغىنىپ ماڭا قارىماقتا ، ماڭا تەبەسسۇم ئەيلىمەكتە ، مەن ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭ قىشىغا بىرىپ ، ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيدۈم ، ئۇنىڭ چىرايىدا مەمنۇنلۇق ئەكىس ئەتمەكتە . مەن ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ، سىرتقا ئېلىپ چىقتىم . بىز شۇ ماڭغانچى بىردەمدە ياپيىشىل بىر گۈزەل مەنزىرىلىك جايغا بېرىپ قالدۇق ، بىز قول تۇتۇشۇپ يۈگۈرۈشمەكتىمىز ، دەرەخلەر ئارىسىدا ئېقىپ تۇرغان سۈيى سۈپسۈزۈك ئۆستەڭ بويىغا كەلدۇق ، بۇ يەردە پەقەت ئىككىمىزلا بار ئىدۇق ، مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا " مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن !" دىدىم ۋە ئۇنىڭ لەۋلىرىگە لىۋىمنى باستىم ...
ـ ئەخمەت ، ئەخمەت ... ! - بىرسىنىڭ مىنى چاقىرىپ تۈرتۈشىدىن ئويـغاندىم ، كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام گۈلمىرە يىنىمدا ماڭا قاراپ تۇراتتى .
ـ ئاپلا ... ئەسلى چۈشۈمكەندە ... ، - دىدىممەن بوش ئاۋازدا .
ـ نىمە ؟ نىمە چۈش ؟
ـ ھە؟ ھىچنىمە ، سىز قاچان ئويـغاندىڭىز ؟ بالدۇرلا تۇرىۋاپسىزغۇ ؟
ـ مەن تۇرغىلى نەۋاخ ، ھازىر سائەت ئون بولاي دىدى ، سىزنى چارچاپ كەتكەن بولسا بىردەم ئۇخلىۋالسۇن دەپ ئويـغاتماي تۇرغان . سىزگە سىرتتىن ناشتىلىق ئەكىردىم ، سوۋۇپ قالمىسۇن ، يەۋىلىڭ .
ـ ئىم ، ماقۇل .
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۆزلىرىمنى ئۇۋلىدىم ، بەدىنىم قىتىشىپ كەتكەندەك سىزىمنى سەزدىم ، كىرىسلودا ئۇخلاپ خېلى جاپا تارتىپتىمەن ، لىكىن ئەرزىيدۇ !
گۈلمىرە ئاللىبۇرۇن كىيىمىنى كىيىپ ، سىرتتىن ماڭا ناشتىلىق ئەكىرىپ قويۇپتۇ ، مەن ئىشتىھا بىلەن ناشتىلىقنى يىيشكە باشلىدىم ، مەن ناشتىلىق يىگۈچە ئارىلىقتا گۈلمىرە ئەينەكتىن خىيال سۈرگەن ھالەتتە سىرتقا قاراپ تۇراتتى . توساتتىن ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر تىمىم ياشنىڭ ئېقىپ مەڭزىنى بويلاپ چۈشكىنىنى كۆردۈم ، دەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم ۋە گاڭگىرىغان پىتى تاماقنى يىيىشنى داۋاملاشتۇردۇم .
مەن ناشتىلىقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپ ئەستايىدىل سۆزلەشكە باشلىدى :
ـ ئەخمەت ، تۈنۈگۈنكى قىلغانلىرىڭىزغا قانچە رەھمەت ئىيتسام تۈگىمەيدۇ ، مىنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز ، بۇنى تەپسىلىي دىمىسەممۇ چۈشىنىسىز ... ، بەلكىم سىز مىنى " بۇ بىر مىنكاۋخەن ، كىچىكىدىن خەنزۇلار بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولۇپ ، ئويۇنچى بولۇپ قالغان " دەپ ئويلىشىڭىز ، ھەتتا بەزى مۇھىم ئىشلارغىمۇ ئىتىبارسىز قارايدۇ ، دەپ ئويلىشىڭىزمۇ مۇمكىن ، لىكىن ئۇنداق ئەمەس ! بىلىمەن ، مىنى چۈشەنگەندەك قىلغىنىڭىز بىلەن بەزىدە يەنە مىنى قايتىدىن تونۇغاندەك بولۇپ قالىسىز ، بەلكىم بۇ ئۇزاق مەزگىل شۇنداق "ئەركىن قاراش " ئىچىدە ياشىغانلىقىمدىن بولىشى مۇمكىن . تۈنۈگۈن نىجات دىگەن ئەسكى بىلەن بىللە ئۇ يەرگە بىرىشىم ، مىنىڭ ئۇنى تولۇق چۈشىنىپ كىتەلمىگەنلىكىم ، ھەم ئۇنى ياخشى بالا دەپ ئويلىغانلىقىمدىن كېلىپ چىققان ئىش . ئادەتتە دوستلىرىمىز بىلەنمۇ بارغاندا ، ئوشۇق ئىشلارغا ئارىلاشماي ، ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ كەلسەكلا بولىدۇ ، دەپ ئويلايتتۇق ، تۈنۈگۈن كەيپىياتىم ئانچە ياخشى بولمىغاچقا ، ئۇ " بېرىپ كىلەيلى "دىسە ماقۇل بوپتىمەن ، بەك خاتا قىلدىم ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ بەك خىجىلمەن .
ئۇ شۇ يەرگە كەلگەندە بىشىنى تۆۋەن سالدى :
ـ ئىشقىلىپ ، تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈننىڭ ياقى نۇرغۇن ئىشلارنى بىلگەندەك بولدۇم ، ئەمدى ھەرگىز ئوغۇللار بىلەن ئۇ يەرگە بارمايمەن ! - دىدى ئۇ كەسكىن قىلىپ .
ـ دىگەنلىرىڭىزنى چۈشەندىم ، مۇمكىن بولسا ... ، - ئۇنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ ، ئۇنىڭغا ئۆزۈمچە تەربىيە قىلغۇم كەلدى ، - ئەمدى كىم بىلەن بولسۇن ، ئۇنداق يەرگە ئەمدى بارماڭ ، ھەم ئەمدى ھاراق ئىچمەڭ ، بولامدۇ ؟
ئۇ بىر پەس تۇرىۋىتىپ بىشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ بىشىنى لىڭشىتتى .
بىز ياتاقنىڭ قالدى رەسمىيتىنى ئۆتۈپ بولۇپ ، تاكسىغا چىقىپ مەكتەپكە ماڭدۇق ، مەكتەپكە بىرىپ ئۇنى قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قويدۇم ، ئۇ خوشلىشىش ئالدىدا ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دىدى :
ـ سىزگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت ، سىزمۇ قايتىپ كىتىڭ ، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ، خوش !
ـ خوش !
ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن ياتاقنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرىشىمغا ، ئەكبەر بىلەن ئىزىز ئۇچراپ قالدى ، ئۇلار بىلەن سالام قىلىشىپ بولغاندىن كىيىن ، ياتاققا كىردۇق .
ـ يې ، تۈنۈگۈن نەگە كەتتىڭ ؟ يوقاپلا كەتتىڭغۇ ؟ ئىيتە ، بىزدىن يوشۇرۇن نەلەردە ئويناپ يۈردۈڭ ؟ - ئەكبەر ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا سوئال-سورىقىنى باشلىۋەتتى .
ـ شۇ ئازراق ئىش چىقىپ قىلىپ ...
ـ ئوغۇل بالا بولغاندىكىن نىمە ئىش بولغىنىنى دىمەمسەن ؟ بىزنى يىقىن كۆرمەمسەن يا ؟ - دىدى ئىزىزمۇ ئەگىشىپ .
ـ مەن ...
ئۇلارغا تۈنۈگۈن بولغان ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردىم ، ئىككىلىسى زەن قويۇپ ئاڭلىدى ، ئاڭلاپ بولۇپ تىزلا ئىنكاس قايتۇرغىنى يەنە شۇ ئەكبەر بولدى :
ـ ئوخخــو ، يې ، خەقنىڭ قارمىقىدىن ئاران ئۆزۈڭنىڭ قارمىقىغا ئۆتكۈزگەن بىلىقنى يىمەي يەنە سۇغا تاشلىۋەتكىنىڭ نىمىسى ئەمدى ؟
ـ ماڭەۋە ، سەن نىمىنى بىلىسەن ؟ - مەن ئاغزىمنى ئۈمەللەپ بولغىچە ئىزىز ئەكبەرنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەردى ، - ئەخمەت توغرا قىپتۇ ! ئوغۇل بالا دىگەن مانا مۇشتاق بولغان ياخشى !
ئىزىز باشمالتىقىنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى ، ئەكبەر بولسا قايىل بولمىغاندەك ئىچىدە غۇدۇڭشىپ قويدى ...
تۇنجى قار . تەبىئەتتىكى قار مەنزىرىسى ... سەھرادا قار ياغقاندا ، ھەممە ئاق تون كىيىنگەندەك كۆرىنىدۇ ، گۈزەل مەنزىرە ، گۈزەل ئوي ، گۈزەل ھېسلار شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ ، ئەمما شەھەردە قار ياغقاندا باشقىچە ، پەقەت شەھەر ئىچىدىكى كىچىك ئورمانلار ، باغلارلا ئاشۇ مەنزىرىنى ھاسىل قىلالايدۇ ، ئەمما چوڭ كوچىلار ، بىنالار ...ۋاھاكازالاردىكى قارلار شەھەر تەرەققىياتى بىلەن بەسلەشكەندەك ، شەھەر مۇھىتىنى بۇزماقچى بولغاندەك يەرگە چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ماشىنا ۋە ئاياغ ئىزىنىڭ تەسىرىدە رەڭگى ئۆچۈپ لايغا ئايلىنىدۇ ...
ئەتىگەندە كىيىمىمنىمۇ كىيمەي ، ئەينەكتىن مەكتەپ ئىچىدىكى قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدىم ، قاق سەھەر بولىشىغا قارىماي ، شوخ بالىلاردەك قېلىن يىغىۋاتقان قاردىن پومزەك ياساپ بىر-بىرىگە ئىتىشىپ ئويناۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ھەۋەس بىلەن قارىماقتىمەن . بىر چاغدا ئىزىز ئورنىدىن تۇرۇپ بىرنى كېرىلگەندىن كىيىن ، ئەينەكتىن سىرتقا قاراپ توۋلىۋەتتى :
ـ ۋوي ! قار يىغىپتۇ ! تۇنجى قار !
ئۇنىڭ سۆزىدىن باشقىلارمۇ ئىرەنشىپ تۇرۇشتى ، ئەمما ئەكبەر بىشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ قويۇپ يەنە پۇشۇلداپ ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇردى . ھەممىمىز كىيىمىمىزنى كىيىشىپ ، سىرتقا چىقماقچى بولدۇق ، ئەكبەر تىخىچە ياتاتتى ، ئىزىز ئۇنى ئويغىتىپ دىدى :
ـ قوپە ، تاماققا چىقىمىز !
ـ ۋاي ... مەن سەل تۇرۇپ چىقاي ، ماڭا "چاۋشى"(تاللا بازىرى) دىن بىرەر نەرسە ئەپ قويە ، سىنىپتا يەي ...
ـ سىنىزە ...
ئىزىز قاقشىغىنىچە ئالدىمىزدا ماڭدى . سىرتنىڭ ھاۋاسى تولىمۇ ساپ ئىدى ، قار يىڭى ياغقان بولغاچقا ، تىخى رەڭگىنى يوقاتماي ، ئاپئاق پىتى يەرگە يېيىلىپ تۇراتتى . قار ، گەرچە ھازىر كىچىكىمىزدىكىدەك قار ياغسا ۋاقىراپ-چۇرقىراپ ، تەنتەنە قىلىشىپ كەتمىسەكمۇ ، ئاپئاق قارنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز ئېچىلىپ قالاتتى . مەكتەپ ئاشخانىسىغا بارغۇچە بىزمۇ پومزەك ياساپ ، بالىلىقنى ئاز-تولا ئەسلەشتۇق ، ئاندىن تاماقنى يەپ بولۇپ دەرسكە كىرىپ كىتىشتۇق .
ئەتىگەنلىكى ئىككى سائەتلا دەرس بار ئىدى ، دەرسنى تۈگىتىپ بولۇپ ، كاللامغا تۇيۇقسىز گۈلمىرەگە تىلفۇن قىلىش ئويى كېلىپ قالدى-دە ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم .
ـ ۋەي ، كىم ؟
ـ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بۇمەن !
ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ...
ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ، گەپنىڭ پوش كاللىسىنى يەشتىم :
ـ گۈلمىرە ، ئېسىمدە قىلىشىچە ، سىز قارغا ئامراققۇ دەيمەن ؟ چۈشتە چىقامسىز ، قار ئوينايلى ؟
ـ مىنىڭ ھازىر دەرسىم يوق ، چۈشكىچە ساقلاپ ئولتۇرماي ، سىز كۇاڭكې (دەرس تاشلاش) قىلىپلا چىقمامسىز ؟
ـ ھازىر مىنىڭمۇ دەرسىم تۈگىدى ، ئەمسە ئوپچە قازاننىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇراي !
ـ ماقۇل ، خوش .
ئۇنىڭ تىلفۇنىنى قويۇپ ، كىتابىمنى ياتاقتىكىلەردىن بىرسىگە بېرىپ قويۇپ ، ئۇنى ساقلاشقا باشلىدىم . ھايال ئۆتمەي ئۇمۇ يىتىپ كەلدى ، ئۇ بۈگۈن تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى ، ئۈستىگە قېلىنراق ئاق يۇڭ چاپان ، ئاستىغا قارا ئىشتان كىيگەن بولۇپ ، چىچىنى كەينىگە بوغۇۋىلىپ تولىمۇ ئۇماق ھالەتكە كىرىپ قالغانىدى ، ئۇنىڭ ئۈستى-بىشىغا ئاز-تولا قار چۈشكەن ، ئۇزۇن كىرپىگىدە قار تۇرۇپ قالغانىدى . بىز بىللە پاراڭلاشقاچ مەكتەپ ئىچىنى ئايلاندۇق ، ئۇ تۇيۇقسىز قوشومىسىنى تۈرۈپ ئاغرىنغان ئاھاڭدا ئىيتتى :
ـ ھەجەپمۇ بىر ، ھەممە يەرنى باشقىلار دەسسەپ قويۇپتۇ ، دەسسەلمىگەن قارغا "غاچ-غاچ" ئاۋاز چىقىرىپ دەسسەشكە بەك ئامراقتىم ، ھەي ...
ـ ئەمسە ... ، - ئېسىمگە مەكتەپنىڭ "ئارقا ھويلىسى " كەلدى ، - مەكتەپنىڭ كەينىدىكى باغچىغا چىقايلى !
ـ ھە راس ! ھەجەپ ئېسىمگە كەلمەپتۇ دىسە ، ئەمسە جۈرۈڭ !
ئىككىمىز ئالدىراشقىنىمىزچە كەينى باغچىغا چىقتۇق ، بۇ يەرگىمۇ ئوقۇغۇچىلار كېلىشكە باشلىغانىدى ، ئەمما ئانچە كۆپ ئەمەس . بىز تىخى تەبىئىي پېتى تۇرغان قارلارنى كۈچەپ دەسسەپ ، ئاۋاز چىقىرىپ كىتىپ باراتتۇق . ئالدىمىزدىكى شاخلىرى بىر قەدەر زىچ ، قار ئۈستىگە ئورىنىپ ، "قار دەرەخ " شەكىللەنگەن بىر يوغانراق دەرەخنىڭ ئالدىغا كەلگەندە كاللامغا بىر ئوي كېلىپ قالدى :
ـ گۈلمىرە ، ئاۋۇ دەرەخنىڭ ئاستىغا بىرىپ باقايلى ، بىرنىمە باردەك قىلىدۇ .
مەن شۇنداق دىگەچ يول باشلاپ ماڭدىم ، ئۇ قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە ماڭا ئەگىشىپ دەرەخ ئاستىغا كەلدى :
ـ قېنى ؟ مەن كۆرمىدىمغۇ ؟
ـ دەرەخنىڭ غولىغا قارىڭە ، بىر خەت باردەك قىلىدۇ .
ئۇ كۆزلىرىنى تىخىمۇ يوغان ئېچىپ قاراشقا باشلىدى ، مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، دەرەخنىڭ كەينى تەرىپىگە ئۆتۈپ ، غولىغا قاتتىق كۈچەپ بىرنى تەپتىم-دە دەرھال ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم . دەرەخ شاخلىرىغا قونغان قارلار خۇددى زىچ ياغقان يامغۇردەك ئىنچكە ئەمما تىز ھەم كۆپ چۈشتى ، گۈلمىرە بىشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ ،قارنىڭ چۈشۈپ بولىشىنى ساقلاپ تۇردى ، قار چۈشۈپ بولغاندا ئۇ بىشىنى خۇددى ئاسلانچاقتەك ئۇماق ھالەتتە كۆتۈرۈپ ماڭا دومسىيىپ :
ـ ئەسكى ! - دەپ زىل ئاۋازدا توۋلاپ قويدى .
ئىككىمىز يەنە ماڭدۇق ، پاراڭلىرىمىز ئاساسەن قار توغرىسىدا بولىۋاتاتتى ، مۇھىت بىلەن ھىسىيات بىرلىشىپ ، مىنى ھاياجان ئىلكىگە ئالماقتا . گۈلمىرە تۇيۇقسىز قولىدىكى يانفۇننى ئون مىتىرچە ئارىلىقتىكى چىمنىڭ ئۈستىگە چۆرىۋەتتى ، مەن ھەيران بولۇپ قارىدىم ، ئۇ مەنىلىك كۈلگىنىچە دىدى :
ـ يامان بولسىڭىز ئاشۇنى تىپىپ بىقىڭە !
مەن ئۇ يانفۇننى چۆرىگەن جايغا بىرىپ ئەمدى ئىزلەشكە باشلىغىنىمدا ، بىشىمغىلا بىر ئانچە قاتتىق بولمىغان نەرسە تەگدى ، يىراقتىن ئۇنىڭ زىل ئاۋازدا قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى :
ـ ھاھاھا ، سىزنى ئالدىۋەتتىم ، ھې ھې ...
ـ يامان جىنتەك جۇمۇ سىز ، - دىدىممەن ئۇنىڭ ئەركىلەپ كۈلۈشلىرىدىن زوقلىنىپ .
شۇ يوسۇندا بىز ئۆز-ئارا قاردىن پومزەك ياساپ ئويناشتۇق ، ئۇ ئاتقان بىر نەچچە پومزەك مىنىڭ بوينۇمغا تىگىپ قار ئۇچقۇندىلىرى ئىچىمگە كىرىپ كەتتى ، مەن قەستەن چىدىمىغان بولىۋىلىپ ئۇنى قوغلىدىم ، ئۇ كۈلگىنىچە قاچاتتى ، بىر چاغدا ئۇنىڭ قولىنى ئەمدى تۇتىۋىلىشىمغا ئۇ چىملىقتىكى بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتتى ، مەن سۈرئىتىمنى دەماللىققا توختىتىۋالالمىغاچقا ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئۇنىڭ يىنىغا يىقىلىپ چۈشتۈم ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتقىنىمچە سىڭايان بولۇپ بەدىنىمنىڭ ئۈستى تەرىپىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭدىن دەرھال سورىدىم :
ـ سىزگە بىرنىمە بولمىغاندۇ ؟
ـ ياقەي ، ھىچ ئىش يوق ، قارىڭە سىزنىڭ ئەنسىرەپ كەتكىنىڭىزنى ، ھې ھې ...
خاتىرجەم بولۇپ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم ، ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقى ئون سانتىمىتىرغىمۇ يەتمەيتتى ، ئۇنىڭ توڭلاشقا باشلىغان يۇمران قولىنى چىڭ تۇتقىنىمچە قانداقتۇر كۈچلۈك ھىسىيات دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ بىشىمنى ئۇنىڭغا يىقىنلاشتۇردۇم ، ئۇ يىقىملىق بىر نازلىنىپ ، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى ، لىۋىمنى ئۇنىڭ لىۋىگە چىڭ باستىم ، ناھايىتى ھوزۇرلۇق ھارارەت تىنىمغا ، روھىمغا سىڭىپ كىرىۋاتماقتا ئىدى ، يەنە بىر قولۇمنى ئۇنىڭ بىلىغا ئاپىرىپ ئۇنىڭ چىڭ قۇچاقلىدىم ۋە زىمىننى ئورىغان ئاپئاق قار ئۈستىدە گوياكى بىر تەن ، بىر روھ بولۇپ سىڭىشىپ كەتتۇق ...
ھاياجانلىق مىنۇتلار بىر پەس داۋاملاشقاندىن كىيىن ، ئىككىمىز قار يىغىۋاتقان ئاسمانغا قارىغىنىمىزچە قار ئۈستىدە ياتتۇق . ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇنىڭ مەڭزى قىزىرىپ كەتكەنىدى ، ئاسمانغا كۈلۈمسىرىگىنىچە بىقىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىگە بىشىمنى يىقىن ئەكىلىپ ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم ۋە بارلىق غەيرىتىمنى ئىشقا سىلىپ سىپايە ھالەتتە ئۇنىڭغا :
ـ گۈلمىرە ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ! - دەپ ئۇرغۇلۇق قىلىپ دىدىم .
ئۇ بىشىنى بۇراپ ماڭا قارىدى ، كۆزۈمگە بىر پەس تىكىلگەندىن كىيىن ، كۆزىنى قاچۇرۇپ بوش ئاۋازدا ئىيتتى :
ـ مەنمۇ شۇ ...
ھاياجانلىق مىنۇتلار ئەمدى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ ، بەلكى مەڭگۈ ! مەن ۋىسالىمغا يەتتىم ، گۈلۈمنى تاپتىم ، گۈلۈمگە ئىرىشەلىدىم ! گۈلمىرە بىلەن ئىككىمىزنىڭ ۋىسال ئىشقىمىز ئەنە شۇ مىنۇتلاردىن باشلاندى ، مۇھەببىتىمىز شۇ ئىزنادىن باشلاندى ، بەخت يولىمىز شۇ تۇنجى قاردىن ئېچىلدى ! شۇنداق ، مەن بەخت ئىلكىدە ، مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈش ئالدىدا ... بەلكى چۆكۈپ بولغاندىمەن . " رەھمەت ساڭا تۇنجى قار ... !" .
ـ ۋوي ۋوي ! مۇبارەك بولسۇن ئاداش ! دەھشەت تەبرىكلەيمىز جۇمۇ سىنى ! - مىنىڭ گۈلمىرە بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغانلىقىمنى ئاڭلىغان ئەكبەر ھەم ھەيرانلىق ھەم خۇشاللىق ئىچىدە مىنى مۇبارەكلىدى ، - "بالدۇر چىققان قۇلاقتىن ، كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئىشىپتۇ !" دىگەن شۇدە ! بىزدىن بالدۇر باشلىۋاپسەنغۇ ھە ، ياخشى ، ياخشى ...
ـ بەلەن بوپتىغۇ ! - ئىزىز ئەكبەرگە ئەگىشىپلا سۆزلىدى ، - شۇنچە قىينالغىنىڭغا چۇشلۇق ئاخىر تىپىشىپسەن ، رەسمىي مۇبارەكلەيدىغان ئىش جۇمۇ بۇ !
ـ ئىككىڭلارغا رەھمەت ئاغىنىلەر ، ئەمدى شۇ ... ، - دىدىممەن ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىمغا جۆر بولغىنىدىن ھەم مۇبارەكلىگىنىدىن مەمنۇن بولۇپ .
ـ يې ، راست ماۋۇ ئىشنىڭ چىيىنى قاچان بىرىسەن ؟ چاي بەرمىسەڭ بولمايدۇ جۇمۇ ! سەنمۇ يامان يەردىن تاپتىڭ ، مىنكاۋخەن تىخى ، سىنى دەي-دەيگە سالمىسلا بولاتتىغۇ !
ـ مۇھەببەتلەشسىمۇ چىيى بولامدۇ ھەي ؟ - ئىزىز يەنە ئەكبەرنىڭ سۆزىنىڭ بىلىگە ئۇردى ، - مەنچىمۇ گۈلمىرە خېلى ئوبدان قىز ، ئوبدان ئۆتۈڭلار جۇمۇ !
ـ ئويلىسام-ئويلىسام ئىچىم قىززىۋاتىدۇ دىسە ، يۈرۈۋاپتۇ ماۋۇ مانا بىردەمدە ...
ـ توۋا مانى ؟! ئەخمەت يۈرسە ساڭا دەز كەتكىنى قىززىق .
ـ لىكىن ئاداش ، ئارىمىزدا ئەڭ مۆرىمەس مۇشۇمىكىن دەيتىم ، راست ھەيران قالدىم جۇما . شۇنىڭغا قارىغاندا مىنكاۋخەن "مېي نۈي" لەرنىڭ خېلى پەيزى بار ئوخشىمامدۇ ؟ مەنمۇ بىر سىناپ باقمىسام ...
ـ سىناپ باقىدىغان يا ئۇ ئىتىزغا چاچىدىغان ئوغۇت بولمىسا ، سەنمۇ-زە ...
شۇنداق قىلىپ ، دوستلىرىمنىڭ ئىنكاسى ھەرخىل بولغان بولسىمۇ ، ئەمما بىلىدىغاننىڭ ھەممىسى مىنى قوللاشتى ، ئەكبەرگە ئوخشاش "لازىسى" بار گەپنى قىلىپ تۇرۇپ دەۋالغانلارمۇ بار ئەلۋەتتە ! مەيلى ، گۈلمىرە بىلەن ئىشىمىز باشلاندىمۇ ، ئىشقىلىپ ئاخىرىغا چىقارغىچە بەرداشلىق بىرىپ تىرىشىمەن ، مۇھەببىتىمىزنىڭ باشلىنىشى شۇنداق ئىسىل ، ياخشى باشلاندى ، دىمەك ، مۇھەببىتىمىز مەڭگۈ داۋاملاشقۇسى !
يىڭى يىل كىرىپ ، مەۋسۇملۇق ئىنتىھامىمىزغا ئاز قالدى ، ۋاقىت بۇنداق چاغدا تولىمۇ ئالدىراش ئۆتىدۇ ، كۈتۈبخانىلاردا ، مەيدانلاردا ھەتتا ياتاقنىڭ كارىدور - پەلەمپەيلىرى قاتار ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولىدۇ . ئەلۋەتتە ، ئۆزىنى تاشلىۋىتىپ "تەۋەككۈل" دىگۈچىلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ ، ۋاقىتنى يەنە تورخانىلاردا ۋە باشقا جايلاردا ئۆتكۈزىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس .
ئاشۇ ئالدىراش كۈنلەرنىڭ بىرى گۈلمىرە بىلەن كۆرۈشۈپ بىرگە تاماق يىدۇق ، قايتار چىغىمىزدا بىردەم مەكتەپنى ئايلانغاچ پاراڭلاشتۇق ، گۈلمىرە ئالدىرىماي ماڭغاچ سۆز ئاچتى :
ـ بۇ يىل ھەجەپ سوغۇق بوپتۇ دىسە ، ئۆتكەنكى قارمۇ تىزلا ئىرىپ كەتتى دىسە . تەتىلگىمۇ ئاز قالدى ، ئىنتىھامنى بىرىۋەتسەكلا ... ، ھە راس ، تەييارلىقىڭىز قانداقراق ؟
ـ ئىنتىھامغا دەمسىز ؟ تەييارلىقىم بوپ قالىدۇ ، ياخشى . سىزنىڭچۇ ؟
ـ مەن ئادەتتە شۇ دەرس ۋاقىتىدا بەكرەك ئاڭلاپ قويىمەن ، باشقا چاغلاردا ئانچە كۈچەپ كەتمەيمەن ، ئىنتىھامغا بىرەر كۈن قالغاندا يەنە بىر كۆرۈپ "فۇشى" (تەكرارلاش) قىلىۋەتسەملا بولىدۇ .
ـ ئەمسە يامانكەنسىزغۇ ؟ ھاھا ...
ـ ئاۋۇ ئىككى دوستىڭىزچۇ ؟ ئۇلارنى كۆرمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ .
ـ ئۇلارما ؟ ئۇلارمۇ ياخشى ، ئىزىز ھارماي كىتاب كۆرىدۇ ياتاقتا ، ئەكبەر ... ، ئەكبەرمۇ ئاندا-مۇندا ، ھى ھى .
ـ ئەخمەت ، سىزمۇ ئۈگىنىش قىلمىسڭىز بولمايدۇ ، سىزنىڭ كەسپىڭىزمۇ تەس ، "گاۋشۇ"(ئالىي ماتىماتىكا) بەكلا تەس ، قايتىپ كىتەيلى .
ـ ئىم ... ، ماقۇل ، ھازىرچە مۇشۇنداق جىددىيچىلىكتە تۇرغۇدەكمىز ، ئىنتىھام تۈگىگەندىن كىيىن يەنە كۆرۈشۈپ قىنىشىۋالارمىز ، ھى ھى .
ـ قىنىشىۋالارمىز دەپ كەتكىنىنى ، ئەمسە قايتىپ كىتىڭ ، مەنمۇ ياتاققا كىرەي .
ـ ئەمسە ... مىنى بىرنى سۆيۈپ قويۇڭ ،
ـ ياق ...
ـ بولۇڭ دەيمەن ! ئادەممۇ يوقكەن ، تىز ھە ،
ـ ئەسكى ، كىيىن بولسۇن ، توڭلاپ كەتتىم ، خوش !
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە يۈگۈرۈپ ياتاق تەرەپكە كەتتى ، مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنىڭ مىڭىشىغا بىرھازا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن يولۇمغا ماڭدىم . ئەمدى ئوغۇللار ياتاق بىناسى ئالدىغا كېلىپ تۇرىشىمغا يانفۇنۇم سايرىدى ، شۇنداق ئېلىپ قارىسام ، ئانچە-مۇنچە كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشپ قويىدىغان باشقا شەھەرلىك بىر تونۇشۇمدىن تىلفۇن كەلگەن ئىدى ، تىلفۇننى ئالدىم ، ئۇنىڭ بىلەن باشتا بىر نەچچە ئىغىز ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ، ئۇ "سىنىڭ بىر نەچچە دوستۇڭ كەپتىكەن ، مەنمۇ تونۇيتۇم ، شۇڭا ئۇلارنى ئېرگۇڭنىڭ يان تەرىپىدىكى ئىچىشىدىغان يەرگە ئاپارماقچى ، ئاشۇنىڭ يەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تۇرايلى ، تىز كەل ھە " دەپلا قويۇۋەتتى ، ئۇنىڭدىن مىنىڭ قايسى دوستلىرىم ئىكەنلىكىنى سوراشقىمۇ ئۈلگۈرمىدىم . " ئاپلا ، بىمەنە چاغدا ئادەم ئاۋارە قىلىپ كىمدۇ بۇ ئەمدى ؟ مۇشۇنداق سوغۇق كەچتىمۇ چاقىرغان بارمۇ ؟" ئىچىمدە شۇلارنى ئويلاپ ئاچچىغلانغىنىمچە مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراپ يول ئالدىم . يولدا كىتىپ بىرىپ ، ئەكبەرنىڭ بۇرۇن ئاشۇ ئاداش بىلەن مەلۇم ئىش ئۈچۈن ئازارلىشىپ قالغىنىنى ئاز-تولا ئاڭلاپ قالغان ئىدىم ، ئەمما نىمە سەۋەبلىكىنى دەپ بەرمىگەن ئىدى ، كۆڭلۈم نىمە ئۈچۈندۈر بىر نىمىنى سەزگەندەك داۋالغۇيتتى-يۇ ، نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيتتىم . بولدىلا ، ئوشۇق گۇمان كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ خالاس ، ئاۋۋال بىرىپ كىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كەلمەيمۇ ؟
شۇ خىيال بىلەن تاماكامنى تۇتاشتۇرۇپ ، ئۇ ماڭا دەپ بەرگەن يەرگە قاراپ ماڭدىم . سىرتنىڭ ھاۋاسى تىخىمۇ سوغۇق تۇيۇلماقتا ، پات-پات سوغۇق شامال چىقىپ تىنىمنى شۈركەندۈرەتتى ، قولۇمدىكى تاماكىنىڭ ئۇچقۇنلىرى كۆيۈپ شامالدا ئۇچۇرۇلۇپ ، خېلى بىر يەرلەرگە بارغاندىن كىيىن ئۆچۈپ قالاتتى . بىر بىسىپ ئىككى بىسىپ ، دىگەن جاينى ئاران تەسلىكتە تىپىپ كەلدىم . بايىقى ماڭا تىلفۇن قىلغان ئاداش بىر ستولبىنىڭ قىشىدا ماڭا قاراپ تۇراتتى ، مەن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ قىشىغا بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەچ ئۇنىڭدىن سورىدىم :
ـ باشقىلار قېنى ؟ بايا سەن نەچچە دوستۇڭ كەپتۇ دەۋاتاتتىڭغۇ ؟
ـ ئۇلار ئاۋۇ كوچىدا ، شۇ يەردە بىر كىچىك زابايخانا باركەن ، شۇ يەرگە ئولتۇرىلى دەپ تۇرىۋالدى ، - دىدى ئۇ ماڭا جاۋاب بىرىپ .
ئۇ مىنى تىخىمۇ تارچۇق ، ۋەيرانە ئادەم ئاز كوچىغا باشلاپ ماڭدى ، بۇنى كۆرۈپ گۇمانىم كۈچەيدى ، كوچىغا سەل ئىچكىرىلەپ كىرىپ يەنە بىر كوچىغا قايرىلىپ تۇرىشىمىزغا 5~6 ئادەمنىڭ سىماسى كۆرۈندى . ئۇلارغا يىقىنلاپ بىرىپ ئارىدىكى بىر بوي-تۇرقى ئىگىز ، ئۇرۇق كەلگەن بىرسىنىڭ سىماسىنى تونۇۋالدىم ، ئۇ مىنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ ماڭا قاراپ ھىجايغان پىتى دىدى :
ـ ھە ئەخمەتجان نوچى ، كەلدىڭما ؟ بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قىلىشىمىزنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيتىڭ ؟
ـ نىجات ؟؟
ـ ھە ، مەن شۇ ! سىنى بەك "سىغىنىپ" كىتىپ ئىزدىشىم ، مىنى قارشى ئالامسەن-يا ؟
شۇ تاپتا قوشۇمىلىرىم تۈرۈلۈپ ، چىشلىرىم كىرىشتى ، مۇشتۇملىرىممۇ قاتتىق تۈگۈلدى . مەن نىمە دىگەن ئەخمەق ، قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ توزىقىغا چۈشۈپتىمەن ، قانداق بالايى-ئاپەتلەر مىنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ ... ؟
ئەندىشەم بارغانسىرى كۈچەيمەكتە ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قىلىشىم مۇمكىن ئىدى ، شۇڭا ئامال بار گەپ-سۆز ئارقىلىق قېچىپ قۇتۇلۇشنى ئويلىدىم . مىنىڭ ھىچبىر ئىنكاستا بولمىغىنىمنى كۆرگەن نىجات ئالدىمغا دىۋەيلەپ كېلىپ مەنسىتمىگەن ئاھاڭدا ئىيتتى :
ـ ھە ئاداش ، قايسى كۈنكى ئىش ئىسىڭدە باردۇ تىخى ؟ بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئوينىتىپ ، ئارقىدىن ياتاق ئاچقۇزۇپ ، ئەمدى ئىشنى باشلاي دەپ تۇرسام ، لالمىدەك كەينىمىزدىن ئەگىشىپ ، بىر ئوبدان ياخشى ئىشىمنى بۇزدۇڭ ! تىخى ئۇنىڭ بىلەن يۈرىۋاپسەن ، خېڭ ! بۈگۈن ئاچچىغىمنى تولۇق چىقارمىسام ھىساب ئەمەس !
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپلا ماڭا قارىتىپ كۈچەپ بىر مۇش ئاتتى ، مەن بايىدىن بىرى ئۇنىڭ سۆزىدىن بەكرەك ھەركىتىگە دىققەت قىلغان بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئاتقان مۇشىدىن ئۆزۈمنى دالدىغا ئالدىم ، ئۇنىڭ مۇشى ھاۋاغا ئۇچتى ، مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ قورساقلىرىغا ئۇرۇشقا باشلىدىم ،ئۇنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىش بىلەن ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان "چاپارمەن"لىرى ئىتىلىپ كىلىپ ، ھەممىسى بىرلىشىپ مىنى ئۇرۇشقا باشلىدى ، مەن ئامالسىز بىشىمنى چىڭ تۇتقىنىمچە زوڭزىيىپ ئولتۇرىۋالدىم ، ئۇلارنىڭ تىپىكلىرى ، مۇشتلىرى دۈمبىلىرىمگە تىگىشكە باشلىدى ، بىر چاغدا دۈمبەمگە تەگكەن قاتتىق بىر نەرسىدىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتۈم ، ئەمدى ئورنۇمدىن تۇراي دەپ بىشىمنى كۆتۈرۈشۈمگە بىشىمغا قاتتىق بىر نەرسە ئۇرۇلدى ، شۇ زەربە بىلەن يىرىم ھۇشسىز ھالەتتە سوغۇق يەرگە چاپلىشىپ يىتىپ قالدىم ، ئۇلار مىنى بىر ھازا تەپكەندىن كىيىن ، بولدى قىلىشتى . يۈز ۋە بويۇنلىرىمدا ئىسسىق بىر نەرسە ئېقىپ ، كۆزلىرىگىمۇ كىرىپ كىتىشكە باشلىدى ، كۆزۈمنى مىڭ تەسلىكتە ئېچىپ قارىغىنىمدا ئۇلارنىڭ غۇۋا سىماسىنى كۆردۈم ، نىجاتنىڭ مىڭىش ئالدىدىكى ئاۋازىنى غۇۋا ئاڭلىغاندەك بولدۇم :
ـ بۇدا چىشىمغا تىگىپ باقە گۇي ، ئۆلۈكۈڭنى كۆرىسەن !
ئۇلار كىتىشتى . باشلىرىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ ، ھازىرلا ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك ھىسىياتتا بولماقتا ئىدىم ، تولىمۇ قىينىلىپ كىتىپ باراتتىم . بىر چاغدا بىرسىنىڭ مىنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئەمما ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىغۇدەك ماغدۇرۇم يوق ئىدى . ئاندىن بىرسىنىڭ مىنى يۆلىگىنىنى ۋە بىرنىمىلەرنىدۇر دىگىنىنى ئاڭلىدىم ، ئاخىرى ئىسىمدە يوق ...
ـ ئەخمەت ، ئەخمەت ! كۆزۈڭنى ئاچە ئاداش !
تونۇش بىر ئاۋازنىڭ مىنى چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ ، كۆزۈمنى ئاچتىم ، كۆز ئالدىم بىرھازا قاراڭغۇلاشقاندەك بولغاندىن كىيىن ، ئەتراپىمنى بارغانسىرى روشەن كۆرۈشكە باشلىدىم . بايا مىنى ئىزىز چاقىرغانىكەن ،ئۇ ماڭا قاراپ تۇراتتى . ئەتراپقا قاراپ ئۆزۈمنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىمنى ، بىشىمنىڭ داكىدا ئورالغىنىنى بىلدىم . يىنىمدا ئىزىزلا بار ئىدى ، "مىنى كىم بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندۇ " دىگەن سوئال كاللامغا كەلدى .
بالنىستنىڭ ئىشىكى تۇيۇقسىز ئېچىلىپ ، ئەكبەر ھاسىرىغىچە قىشىمغا كېلىپ دىدى :
ـ ئەخمەت ، قانداقراق تۇرىسەن ؟ خەپ ، ماۋۇ نىجات دىگەن مۇناپىقنىڭ قىلغان ئىشىنى قارا ! شۇمۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئىشىمۇ ؟! سەن خاتىرجەم بول ، ئۇنى ئۆزۈم توغرىلايمەن ، توغۇلغىنىغا پۇشمان قىلدۇرىۋەتمىسەم خەپ !
ـ بولدى قىل، ئاۋۋال ئەخمەت ئەسلىگە كىلىۋالسۇن ، ئۇ ئىشلارنى كىيىن دىيىشەيلى ، - دىدى ئىزىز ماڭا بىر قاراپ قويۇپ ، - ئەخمەت قانداقراق تۇرىسەن ؟ راست ئادەم ئەمەس گۇيلاركەن ئۇلار ، قاراپ تۇرۇپ نەچچىسى بىرنى ئۇرغان بارمۇ ؟ سەن "ئېرگوڭ" تەرەپكە كىتىپ بارغىنىڭدا ، بىزنىڭ سىنىپتىكى ئارزۇگۈل سىنى كۆرۈپتىكەن ، سىنى چاقىرسا ئاڭلىماپسەن ، ئۇ قىزنىڭ ئەكبەرنى ئىزدەيدىغان ئازراق مۇھىم ئىشى باركەنتۇق ، سەندىن ئۇنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى سورىۋالاي دەپ يىراقتىن ساڭا ئەگىشىپ كىلىپتۇ ، كىيىن سىنىڭ تار كوچىغا كىرىپ كەتكىنىڭنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ ، سىنى بۇ يەردە قالايمىقان ئىش قىلىدىغان ئوخشايدۇ ، دەپ قاپتۇ . لىكىن ئۇ يەنە ئىككىلىنىپ قىلىپ ، ئارقاڭدىن مىڭىپ باقماقچى بولۇپ ساڭا ئەگىشىپتۇ ، سىنىڭ تاياق يىگىنىڭنى كۆرۈپ قورقۇپ كىتىپ چوڭ يولغا چىقىپ بىر نەچچەيلەنگە تىلفۇن قىپتۇ ، ئەمما ھىچقايسىسى ئالماپتۇ ، ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلاي دەپ تۇرىشىغا ، سىنى ئۇرغان بالىلارنىڭ ئۇ كوچىدىن چىقىپ كەلگىنىنى ھەم تاكسىغا ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ، ئاندىن سىنىڭ قىشىڭغا كەپتۇ . سىنىڭ بىشىڭنىڭ يېرىلىپ ھوشسىز ھالەتتە ياتقىنىڭنى كۆرۈپ ، سىنى يۆلەپ دوختۇرخانىغا ئەكەپتۇ . بۇ ئىشلارنى ئۇ بايا ماڭا دىدى . بۇ ئىشنى ئارزۇگۈلنىڭ ياتىقىدىكى يەنە بىر قىز ئاڭلاپ ، ماڭا تىلفۇن قىلدى ، مەن ياتاقتىن رۇخسەت سوراپ چىقىشىم ، ئاندىن ئەكبەرگە تىلفۇن قىلدىم ، بۇ سىرتتا ئىكەن ، ھازىر كىلىشى مانا ...
دوستلىرىمنىڭ يېرىم كىچە دىمەي قىشىمغا كەلگىنىدىن خۇش بولدۇم ، ھەم ئارزۇگۈلگە ئىچىمدىن رەھمەت ئىيتتىم ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ تىزلىكتە سورىدىم :
ـ ئەمسە ئارزۇگۈلچۇ ؟
ـ ئۇ سىنى دوختۇرخانىغا ئەكەپ قويۇپ ، ياتاققا قايتىپ كىتىپتۇ . دىدىمغۇ بايا ، ئۇ ياتاقتىكى دوستىدىن مىنىڭ تىلفۇن نومۇرۇمنى سوراپ تىپىپتۇ دەپ ...
ـ ھە ، ئىسمدىن چىقىپ كىتىپتۇ ، بىشىم ...
ـ ھە راس ، بىشىڭدا چوڭ چاتاق يوق ، يېرىلىپ كىتىپتۇ ، ئىككى يىپتا تىكىپتۇ خالاس ، ئەنسىرىمە !
ـ ئاپلا ... تارتۇق قالىدىغان بولدى-دە !
ـ ياقەي ، ئىككى يىپتا تىككەن يەر مەنچە تىزلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ ، ھەم چانمايدۇ . ئەمسە سەن بالدۇر ئۇخلا . بىز سىنىڭ يىنىڭدا تۇرايلى .
ـ بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ ؟ بولدى ، سىلەر قايتىپ كىتىڭلار ، ئوغۇل بالىغىمۇ بىرسى قاراش كىتەمدۇ ؟
ـ ھى ھى ، بۇنى مەنمۇ بىلىمەن ، لىكىن ھازىر يېرىم كىچە بوپ قالدى ، بىز قايتايلى دىسەكمۇ نەگە قايتىمىز ؟ ياتاق ئاچقۇزساق ، ئەكبەردىن چاتاق چىقىدۇ ، شۇڭا مۇشۇ يەردە جىمرەك ...
ـ ھەي ئىزىز ... ، - دىدى ئەكبەر ئىزىزنىڭ گىپىنى بۆلۈپلا ، - دەۋالدىڭ ھە مۇشۇ باھانىدا ، بايا ئەمدى ياتاق ئاچقۇزاي دىگەن يەردىن چاقىرىپ كەلگەنتىڭ ، شۇڭا دەۋالدىڭ ھە ؟ بوپتۇ ، ئەمسە مۇشۇ يەردە ئورۇندۇققا يۆلىنىپلا ئۇخلايلى .
ـ شۇنداق قىلايلى ئەمسە .
بىز بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۇخلاشقا كىرىشتۇق ...
ئەتىگەندە يانفۇنۇمنىڭ يىنىك تىترىشىدىن ئويغىنىپ كەتتىم ، كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ، ئەكبەر بىلەن ئىزىز ئىككىسى بىشىنى مەن ياتقان كىسەل كارۋىتىنىڭ بىر يىقىغا قويغۇنىچە ئۇخلاپ كىتىشكەنىدى ، دەرس باشلىنىشقا يەنە ئازراقلا ۋاقىت قالغانىدى ، شۇڭا ئۇ ئىككىسىنى تۈرتۈپ ئويـغاتتىم . ئىزىز تىزلا تۇرۇپ كەتتى ، ئەكبەر بولسا كۆزىنى تەستە يىرتىپ ئېچىپ ، بىرنى كىرىلگەندىن كىيىن ، ئەتراپقا قاراپ باشتا ھەيران بولغاندەك ئىنكاستا بولۇپ ، ئاندىن ئەسلىگە كېلىپ دىدى :
ـ يوۋ ، ئولتۇرۇپ ئۇخلىسا ھەجەپ قىيلىنىپ كىتىدىكەن ھە ئادەم ؟ "باۋيې"(تورخانىدا قونۇش) قىلساقمۇ بۇنچىۋالا قىيلىنىپ كەتمەيتتۇق ، ئۇف ۋايەي ...
ـ مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقىت بوپ قاپتۇ ، ماڭايلى ، - دىدىممەن ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشىلىپ .
ـ ھاي-ھاي ، ئۆزۈڭنى بىسىۋال ! - ئىزىز ئەندىكىپ توۋلىدى ، - مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپمۇ مەكتەپكە بارىمەن دىگىنىنى ، بولدى قىل ، سەن يەنە نەچچە كۈن ئوبدان ئارام ئالمىساڭ بولمايدۇ ، تىخى ساقايغىنىڭ يوق ، ئالدىرىما .
ـ شۇنى دەيمەن ، بولدى ئارام ئال سەن ، - ئەكبەر ئەگىشىپلا سۆز قاتتى ، - ئاكتىپلىقىڭ تۇتۇپلا كىتىپتۇغۇ سىنىڭ ، قىسىپ نەچچە كۈن ئوبدان ئارام ئال .
ـ لىكىن ، لىكىن ئىنتىھام ئاز قالغان تۇرسا ، مەن بارمىسام ئۈگىنىشنى كىم ماڭا قىلىپ بىرىدۇ ؟ - دىدىممەن ئىنتىھامدىن ئەنسىرەپ .
ـ ئۇنىڭغا مەن بار ، مەن سىنىپ مۇدىرىڭنى ئىزلەپ ، ئىشىڭنى توغرىلىۋىتىمەن ، ئىنتىھام نەتىجەڭنى ئۆتتى قىلغۇزىۋىتىمەن ، دوختۇرغا ئىسپاتنى قايتا يازغۇزساملا بولىدۇ . ئىزىز ، سەنمۇ مەن بىلەن بىللە دوختۇرنىڭ قىشىغا كىرگىن .
ـ ئەكبەر توغرا دەيدۇ ، سەن بۇ ھالەتتە ئۆگىنىش قىلساڭ ، چارچىساڭ بولمايدۇ ، بىشىڭنى تىخى CTئالدۇرمىدۇق ، تىشىدىن تىككىنى بىلەن ئىچىدە قانداق ئالامەتلەر بار ، بىلگىلى بولمايدۇ ، شۇڭا جىم يىتىپ ئارام ئال ، بولدى بۇنى تاكاللاشمايلى ، سەل تۇرۇپ سىستىرا ساڭا ناشتىلىق ئەكىرىپ بەرسۇن ، بىز ئۇنىڭغا دەپ قويىمىز . خوش ئەمسە !
ئۇلار تەييارلىنىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى ، مەن دەرھال ئەكبەرگە تاپىلاپ دىدىم :
ـ ئەكبەر ! نىجاتقا ھازىرچە چىقىلماي تۇر ، مەن چىققاندىن كىيىن بىر گەپ بولسۇن !
ـ نىمىشقا ؟ - ياندۇرۇپ سورىدى ئەكبەر .
ـ ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە بولسۇن ، ماڭايلى ، - ئىزىز شۇنداق دەپ چىقىپ بولۇپ بالنىستنىڭ ئىشىكىنى ياپماقچى بولدى .
ـ توختاڭلار ! ـ ئىككىسى ماڭا قاراپ سوئال نەزىرىدە قاراشتى ، - بۇ ئىشنى ھىچكىمگە ئىيتماي تۇرۇڭلار ، گۈلمىرە تىخىمۇ بىلمىسۇن !
ئىككىلىسى بىشىنى لىڭشىتىپ ، ئىشىكنى يىپىپ چىقىپ كەتتى .
ياتاقتا كۆزۈمنى ئېچىپ ياتقىنىمچە خىياللارغا پاتماقتىمەن . نىجاتقا نىسبەتەن قاتتىق ئۆچلۈك ھىسىياتىم كېلىپ تۇرسىمۇ ، ئەكبەرنىڭ باشباشتاقلىق قىلىپ ، ئۇنى بىرنىمە قىلىپ قويىشىدىن ، ھەم ئىشنىڭ چوڭىيىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇنىڭغا بايا تاپىلاپ قويدۇم . ئىزىزگە ئىشىنىمەن ، ئۇ ئىشلارنى توغرىلاپ ماڭىدۇ ، دوختۇرخانىدىن چىقىپ نىجاتنى قانداق بىر تەرەپ قىلسام بولار ؟ ئەكبەرنىڭ دىگىنى بويىچە قىلاي دىسەم ، ئىش چوڭىيىپ كىتىدۇ ، بولدى قىلىۋىتەي دىسەم تىخى كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ ، ھەي ... ، گۈلمىرە شۇ تاپتا نىمىش قىلىۋاتقاندۇ ، بۇ ئىشلارنى ئۇ بىلىپ قالسا ، ئۇ قانچە ئەنسىرەپ كىتەر ، قانچە يىغلاپ كىتەر ؟ ئۇنىڭ ئۇقماسلىقىنى شۇنداق تىلەۋاتىمەن ، شۇنداق ئۈمىد قىلىۋاتىمەن ، ئىلاھىم ئۇ ئۇقمىغىيدى ...
خىياللار بىلەن كۆزۈمنىڭ يەنە ئۇيقۇغا كەتكىنىنى تۇيماي قاپتىمەن ، بىر چاغدا بالنىستقا سىنىپ مۇدىرىم قولىدا ئازراق مىۋە كۆتۈرگەچ كىرىپ كەلدى ۋە يىنىمدا ئولتۇرۇپ ئالدىراپ مەندىن ئەھۋال سورىدى :
ـ ئەخمەت ، قانداقراق تۇرىسەن ؟ بايا سىنىڭ ئىزىز ئىسىملىك دوستۇڭ قىشىمغا كىرىپ ماڭا ئەھۋاللارنى ئىيتىپ ، ساڭا رۇخسەت سورىغانتى ، مەن سىنىڭ ئادرىسىڭنى ئۇقۇپ ھازىرلا كىلىشىم ...
ـ مۇئەللىم ، مەن ياخشى ، ئەنسىرىمەڭ ، ھىچ ئىش يوق ، شۇ ئازراق يارىلىنىپ ...
ـ ھىم ... ، ھىلىقى نىجات دىگەن بىزنىڭ مەكتەپلىك شۇنداقمۇ ؟ قايسى كەسىپتە ئوقۇيدۇ ؟ قانچىنجى يىلىنىڭ ؟
ـ مۇئەللىم ... ، - مەن بىر پەس ئويلىنىپ ئەسلى دىمەكچى بولغان سۆزۈمنى ئۆزگەرتتىم ، - سۆزۈمنى ئاڭلاپ بىقىڭ . بۇ ئىشنى مۇشۇنداقلا بولدى قىلايلى ، چوقۇم ئۇناڭ ، ئەگەر داۋاملىق سۆرىشىپ يۈرسەك ، نىجاتنىڭ ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلماق تەس ، مۇشۇنچىلىك ئىش ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدىلىپ كىتىپ قالسا ، مەن ۋىجدان ئازابى تارتىپ قالىمەن ، شۇڭا ... بولدى قىلايلى ، ماقۇل دەڭ ...
ـ لىكىن ... ، - مۇئەللىمۇ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن ئىيتتى ، - مەيلى ، سىنىڭ دىگىنىڭدەك بولسۇن ، لىكىن ، ئۇنى ۋاقىت چىقىرىپ مەن بىلەن كۆرۈشتۈر ، چوقۇم !
ـ ماقۇل ...
مۇئەللىم بىلەن يەنە باشقا ئىشلار توغرىلىق پاراڭلاشتۇق ، ئۇ مىنىڭ ئىنتىھام بەرمىسەممۇ بولىدىغانلىقىنى ، مەكتەپ بىلەن دىيىشىپ بىقىپ ، ئۇنىماي قالسا ، تولۇقلىما ئىنتىھام بىرىشىمنى ئىيتتى . ئۇ يەنە باشقا ئىشلىرى بارلىقىنى ئىيتىپ ئۇزاق ئولتۇرمايلا قايتتى .
بىر نەچچە كۈن دوختۇرخانىنىڭ ئاددىي تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتۈپ ، CTغا چۈشۈپ ، قان تەكشۈرتۈپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئۆتۈپ كەتتى ، قىززىق ، ئەكبەر ماڭا ئۇزاقراق رۇخسەت سورىغۇزۇش ھەم ئىنتىھام بەرگۈزمەسلىكىم ئۈچۈن ، دوختۇرنىڭ ئىسپاتىغا ، مىنىڭ ئەھۋالىمنى ئىغىرراق يازدۇرغانىكەن ، ئۇ دوختۇر ئالدىراش بولۇپ قىلىپ ، باشقا دوختۇرلار ئاشۇ ئىسپاتقا ئاساسەن مىنى زورلاپ شۇنداق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى . مەيلى ، چىقىمنىڭ بىر قىسمىنى مەكتەپ كۆتۈرىدۇ ، قالغىنىنى ئەكبەر . ئۆيدىكىلەرمۇ دوختۇر بولغاچقا ، ئۇلارغا دىسەم چۈچۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئىتنىھام يىقىنلىشىپ قالغاچقا ئەكبەرنىڭ ئۆيىگە پات-پات بىرىپ ، دەرس تەكرار قىلىدىغانلىقىمنى ھەمدە ئالدىراش بولۇپ كىتىپ ، ئۆيگە قايتالمايدىغانلىقىمنى ئىيتتىم ، ئۇلار ئەكبەرنى تونۇغاچقا ، ماڭا بىرمۇنچە ئىشلارنى تاپىلاپ ئاندىن قوشۇلدى ، ئەگەر ئەكبەرنىڭ ئورنىدا ئىزىزنىڭ ئىسمىنى چىقارغان بولسام ، ئۇنچىۋالا ئىنچىكە ئىنكاستا بولۇپ كەتمەستى بەلكىم ، ئەكبەرنىڭ ئويۇنچىلىقى بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزغىمۇ يامان تەسىر بىرىپ قويۇپتۇ دىسە .
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى ، ئارىلىقتا ئەكبەر بىلەن ئىزىز ۋاقتى بولسىلا مىنى يوقلاپ تۇردى ، ئىنتىھام باشلىنىپ بولغاچقىمۇ ، ئۇلار كۆپ ئولتۇرمايلا مىڭىشاتتى ، ئىنتىھام ئىشلىرىم قانداق بولۇپ كەتكەندۇ ، دەپ ئەنسىرەپلا ئولتۇراتتىم ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانامنىڭ ھەم گۈلمىرەنىڭ شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئەسلى ئەھۋالنى ئۇقۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم ، ياتاقتا ئىزىز ماڭا ئالغاچ كەلگەن رومان كىتابلارنى ئوقۇپ ئولتۇرساممۇ ، ئوقۇ-ئوقۇمايلا ئەندىشە تۈپەيلى روماندىكى تەپسىلاتلار مىڭەمدە قالايمىقانلىشىپ كىتەتتى . دىگىنىمدەك كۆڭلۈمگە شەك چۈشكەن ئىشتىن پۇتاخ چىقتى ... !
ئەندىشەم يۇقىرى پەللىگە چىققان شۇ كۈنىسى كەچتە ، ئىزىز بىلەن ئەكبەر خاپىغان ھالدا بالنىستا كىرىپ كىلىشتى ، ھەر ئىككىسىنىڭ چىرايىدىن خاپىلىقلا يىغىپ تۇراتتى ، ھىچ قايسىسى گەپ قىلماي يەرگە دومسىيىپ قاراشقىنىچە ئولتۇرۇشاتتى ، بۇ ھالەت مىنى تىخىمۇ جىددىيلەشتۈردى :
ـ ھېي ! نىمانداق ئادەمنى جىددىيلەشتۈرۈپ سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىۋىلىشىسەن ؟ نىمە ئىش بولغان بولسا دىمەمسەن ؟ زادى نىمىش بولدى ؟! - دىدىممەن ئاچچىغىمدا .
ـ چاتاق چىقتى شۇ ! - دىدى ئىزىز قاپىنى تۈرگىنىچە .
ـ قانداق چاتاق ؟
ـ بەك دۆت ! بەكلا دۆت ! ئىلگىرىكىم دۆتكەن ئۇ ! - دىدى ئەكبەر ئۇلاپلا خاپۇلىغان قىياپەتتە .
ـ كىمنى دەيسەن ؟ كىم دۆت ؟ گەپنى ئوچۇق قىلە .
ـ زادى مىنكاۋخەن دىگەن شۇنداق دۆت كىلىدىكەن ، سەن بەزمۇ نىمە بولۇپ ئۇنداق دۆت بىلەن يۈرۈپ قالغان بولغىيتىڭ ! شۇنداقمۇ قىلغان بارمۇ؟!
ـ ئۇ ... ئۇ نىمىش قىپتۇ ؟ - جىددىيلەشكىنىمدىن ئۇلاپلا ئالدىراپ سورىدىم .
ـ ئۇ باغۇ ، ھەي ... ئەسلى مىنىڭ دۆتلىكىم ، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دىمەي تۇرسام بوپتىكەن ، ئۇ مەندىن سىنى سوراۋەرگەنتى ، ئۇنى دەپ باقساممۇ ئىشەنمىدى ، بۇنى دەپ باقساممۇ ئىشەنمىدى ، يە ئەخمەتنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە بىرەر باھانە تىپىپ قويماپتۇق ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىر راستىنى دىيىشكە مەجبۇر بولدۇم ، ئۇ ئاڭلاپلا باشتا قورقۇپ كەتتى ، كىيىن گەپ قىلمايلا كەينىگە قايرىلىپ كەتتى ، شۇنچە چاقىرساممۇ قارىمىدى . كىيىن ئاڭلىساق ، ئۇ بۇ ئىشنى باشقا دوستلىرىغا دەپ ، ئۇلارنى يىراقتىن كۈزەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۆزى مەيداندا يالغۇز نىجات بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ، نىجاتقا شۇنچە ۋاقىراپ ، ئۇنى تىللىسا نىجات دىگەن خۇمسى نىمە دەپتۇ دىمەمسەن ؟ نىجات گۈلمىرەگە " مىنىڭ يەيدىغان ئالمامنى يەۋالدى ، شۇڭا تىگىشلىك جازاسىنى بىرىپ قويدۇم ، سەن ئەمدى ئاچچىق ئالما ، مىنى ئىزدىمە ئەمدى ! " دەپتۇ ، بۇنى ماڭا گۈلمىرەنىڭ يەنە بىر مىنكاۋخەن دوستى دەپ بەردى . نىجاتنىڭ گىپىدىن كىيىن ، گۈلمىرە قاتتىق غەزەپكە كەلدى بولغاي ، ئۇنىڭ تەستىكىگىلا بىرنى ساپتۇ ، نىجات ئۇنى بىر ئىتتىرىپتىكەن ، گۈلمىرە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ ، بۇنى كۆرگەن گۈلمىرەنىڭ مىنكاۋخەن ، مىنكاۋمىن دوستلىرى ئارىلاش تاياق-توقماق كۆتۈرۈپ ئوندەك قىز بالا يۈگۈرۈپ كېلىپ ، نىجاتنى ئۇرۇپتۇ ، بۇ ئىشنى كۆرگەنلەر كۆپ بولغاچقا ئۇلارنى ئاجرىتىۋاپتۇ ، بۇ ئىشنى ، ياق بۇ ئىشلا ئەمەس سىنىڭ ئىشىڭ شۇنداقلا ھەممە ئىش پۈتۈن مەكتەپكە پۇر كەتتى ھازىر ! ئۇ ئىشتىن كىيىن ، گۈلمىرەنى مەكتەپ "لىيۇشىياۋ چاكەن " (مەكتەپتە ۋاقىتلىق كۆزىتىلىپ ئوقۇش) جازاسىنى بىرىپتۇ ، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئاساسلىق باشلىغۇچىسىمىش ، نىجات بىلەن سىنىڭ ئىشىڭنى كىيىن بىر تەرەپ قىلىدىكەن ... توۋا ، تەخىر قىلسا بولمامدۇ دەيمەن ؟! مەن ئەمدى تىخى ئۇنىڭ ئەدىپىنى بىرەي دەپ تۇرىشىمغا قىز بالا تۇرۇپ ئالدىن ئۆكتە قوپقىنىنى دىسە ، مۇشۇ ئىش بىلەنلا مىنكاۋخەن قىزلارنىڭ نامى سەت تاراپ كەتتى ، ھەممەيلەن ئۇلارنى "لۈكچەك قىزلار " دەيدىغان بولۇۋاپتۇ ...
ـ ھە ؟ بۇ ... گۈلمىرە نىمىشقا ئەمدى ... ؟! راستلا بەك دۆتلۈك قىپتۇ ئەمەسمۇ بۇ ! - ئاچچىغىمدا مەنمۇ ئۇنى تىللاپ سالدىم . نىمە ئامال ، قاراپ تۇرۇپ تىخىمۇ چوڭ ئىشتىن بىرنى تېرىۋەتكىنى نىمە دەي ؟ بۇ ئىشنى بىز ئوغۇللار يەڭ ئىچىدە ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىپ كىتەلەيتۇق ئەمەسمۇ ، ماڭا ھەرقانچە كۆيۈنسىمۇ بۇنداق چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزسە بولمايدۇ-دە ؟
ـ بولىدىغان ئىش بولدى ، ئەمدى قانداق قىلىشنى مەسلىھەتلىشەيلى - ئىزىز بىر پەس سۈكۈتتىن كىيىن سۆز ئاچتى ، - ئەخمەت ، سەن بۈگۈن قانداقراق تۇرىسەن ؟
ـ مەن ياخشى ، قانداق دەيسەن ؟
ـ بايا دوختۇردىن سورىساق ، سىنى ئىككى كۈندىن كىيىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ دەيدۇ ، CT تەكشۈرۈش نەتىجەڭدىمۇ چاتاق يوقكەن ، سەن بۈگۈن ئارام ئېلىپ ، ئەتە ئەتىگەندىلا دوختۇرخانىدىن چىققىن .
ـ ماقۇل ، ئەمسە ھازىر قىلىدىغان ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىۋايلى !
ـ ھازىر نىمىنى قىلالايمىز ؟ - ئەكبەر رەنجىگەندەك ئاھاڭدا ئىيتتى ، - سىنىڭ ئارزۇلۇق مىنكاۋخەن مۇھەببىتىڭ ھەممىنى بۇزۇپ قويدى ، بىز قانداق قىلالايمىز ؟؟
ـ سەن قاقشىماي تۇر ، ئامالى بار ! ، - ئىزىز ئۇنىڭغا رەددىيە بەردى ، - ئەتە ئىنتىھام بار ، ئەخمەت بىزنىڭ ئىنتىھامدىن چۈشۈشىمىزگە ئۈلگۈرۈپ بىز بىلەن كۆرۈشسۇن ، ئاندىن بىز بىللە مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرەيلى ، ئاندىن ھەممە ئىشنى چۈشەندۈرۈپ ، گۈلمىرەگە كەلگەن جازانى يىنىكلىتەيلى ، مەيلى ئاقامدۇ-ئاقمامدۇ دەپ باقايلى ، قانداق ؟
ـ مەنمۇ شۇنداقراق ئويلىغان ، شۇنىڭدىن باشقا ئامالنى تاپقۇچە شۇنى سىناپ باقايلى ...
ئىزىز ئىككىسى بىردەم ئولتۇرۇشقاندىن كىيىن ، سىسىتىرا قىزنى چاقىرىپ ئىشىك تۈۋىدە بىرنىمىلەرنى تاپىلاپ مەكتەپكە كىتىشتى . گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە پۇچۇلۇپ ئولتۇرغىنىمدا ، سىستىرانىڭ ماڭا ئەكىرگەن ھورى چىقىپ تۇرغان سۇيقاشنى كۆرۈپ ئىسمگە كەلدىم . "ھەي ئەكبەر ، خىجىل بولماي سىسىتىرا قىزنى شۇنداق ئاۋارە قىلىۋەتكىنىڭنى قارا ! " دەپ ئويلاپ ، ئالدىراپلا سۇيقاشقا قوشۇق سىلىپ ئىچتىم ، شۇئان كۆزۈمگە "لىپپىدە" ياش كەلدى ، سۇيقاش قىززىقكەن ئەمەسمۇ ، سىستىرا كۈلۈپ كىتىپ "ئالدىرىماي ئىچىڭ ھە " دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . ئىشتىيىممۇ شۇنىڭ بىلەن تۇتۇلۇپ قالدى . " ھەي گۈلمىرە ، ھەي گۈلمىرە ... قىنى قىززىق گۈلمىرە ... نىمانچە كەم ئەقىللىق قىلغانسەن دەيمەن ... "
كىچىچە ئاچچىغىمدا ئۇخلىيالمىدىم ، ئەتىسى يەنە شۇ سىستىرانىڭ كۈچەپ تۈرتۈشىدىن ئاران ئويـغاندىم ، ئۇ مىنى نەچچە تۈرتۈپ ئاران ئويغىتىپتۇ . ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ ، ھىساباتنى ئۈزۈپ مەكتەپكە مىڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدىم ...
تۈنۈگۈن ئاخشام ئەكبەر مەندىن چاققان چىقىپ دوختۇرخانىنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ قويغاچقا ، ئاددىيلا بىر سومكا نەرسىنى كۆتۈرۈپ ، دوختۇر ۋە سىستىرا بىلەن خوشلىشىپ ماڭدىم . مەكتەپكە ماڭغىچە تۈنۈگۈن ئەكبەر بىلەن ئىزىز ماڭا ئىيتقان مەكتەپتە بولغان ۋەقەلەر يەنە كاللامنى ئارامسىزلاندۇرۇشقا باشلىدى ، تىت-تىت بولغانسىرى قەدىمىم تىزلىشىپ ، يۈرەك سوقۇشلىرىم تىزلىشىپ كىتەتتى . مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ، ئەكبەرگە تىلفۇن قىلدىم ، ئالمىدى ، قىسقا ئۇچۇر يازسام ، ئۇ ھازىر تىخىچە ئىنتىھام بىرىۋاتقانلىقىنى ، سەل تۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئىيتتى . مەن مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى گۈللۈككە جايلاشقان ئۇزۇن ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ تاماكامنى تۇتاشتۇرۇپ ، ئۇلارنى ساقلىدىم . ھەربىر مىنۇت ۋاقىتمۇ ماڭا شۇنداق ئاستا ئۆتمەكتە ، ئىنتىھام ۋاقتى ياكى مۇشۇنداق ئاستا ئۆتىدىغان بولغىيمىدى ؟ ئاتا-ئانىلىرىمىز ئالىي مەكتەپ ئىنتىھامىسىدا بىزنى مەكتەپ سىرتىدا قانچە تەقەززالىق بىلەن ساقلىغاندۇ ھە ؟ ھاۋانىڭ سوغۇق ئىقىمى مىنى بىردەمدىلا توڭدۇرۇپ قويدى ، يەنە تاماكا چىكىشتىنمۇ زىرىكىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەكتەپ ئىچىدە ماڭدىم ، تىز قەدەملەر بىلەن بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن بەدىنىم سەل بولسىمۇ ئىسسىقاندەك بولدى ، مىڭىپ-مىڭىپ ئارقا دەرۋازىغا كېلىپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەپتىمەن ، ئەمدى كەينىمگە بۇرۇلۇپ قايتاي دەپ تۇرىشىمغا يانفۇنۇمنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، مەن تىخى ئەكبەر تىلفۇن قىلغان چىغى دەپ ئويلاپ ئېلىپ قارىسام ، گۈلمىرە ئىكەن ، تىزلا كونۇپكىنى بىسىپ ئالدىم :
ـ گۈلمىرەمۇ ؟ تىچلىمۇ ؟
ـ تىچلىمۇ ؟ سىز نەدە ؟ دوختۇرخانىدىن چىقتىڭىزمۇ ؟
ـ ھەئە ، ئەمدى چىقىپ مەكتەپكە كىلىشىم ، ھازىر مەكتەپنىڭ ئارقا دەرۋازىسى تەرەپتە . سىزچۇ ؟ سىز نەدە ؟
ـ مەن ئىنتىھامدىن چىقتىم ، ھازىر قىشىڭىزغا باراي ، تۇرۇپ تۇرۇڭ !
ـ ماقۇل ، تىز كىلىڭ ئەمسە .
ـ ماقۇل ، خوش .
ئۇ ھايال ئۆتمەيلا قىشىمغا كەلدى ، مېنىڭ قىشىمغا كېلىشكە بىر-ئىككى مىتىرچە قالغاندا ئۇ مىڭىشتىن توختاپ قالدى . مەن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاشقا باشلىغانىدى ، زىناق جايلاشقان مەڭزى بىلىنەر- بىلىنمەس تىترەيتتى ، يۇمشاق كۈل ۋە قارا رەڭ ئارىلاش مودا چاپىنىنىڭ نىپىز يىڭىدىنمۇ ئۇنىڭ تىشىغا چىقىپ قالغان قوللىرىنىڭ سۇس تىترەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى . ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆزۈم بىرىپ ئۈنسىزلا ئۇنىڭ قولىغا قولۇمنى ئاپىرىپ ، قولىنى تارتىپ چىڭ تۇتتۇم ۋە تارتىپ مىڭىشقا باشلىدىم ، ئۇ كەينىمدىن مىڭىشقا باشلىدى .
بىز "كەينى باغچا " غا چىقىپ ، ماڭغاچ ئايلىنىشقا باشلىدۇق .
ـ گۈلمىرە ، سىز نىمىدەپ قىززىققانلىق قىپ سالغانسىز ؟ مەن دوختۇرخانىدىن ... ،
ـ بۇنى دىمەي تۇرايلى ! - ئۇ سۆزۈمنىڭ بىلىگە تىپىپ ، چۇڭقۇر بىر تىنىق ئالغاندىن كىيىن قەدىمىنى توختىتىپ ، بىشىنى ئاستا يەردىن كۆتۈرۈپ ماڭا قارىغاچ گىپىنى داۋاملاشتۇردى ، - ھازىر ئەھۋالىڭىز قانداقراق ؟ ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ دوختۇرخانىدىن بەك بالدۇر چىقىۋاپسىزمۇ نىمە ، مەن تىخى يوقلاپ بىرىشقىمۇ ئۈلگۈرمەپتىمەن ...
ـ ھازىر مەن ياخشى بوپ كەتتىم ، دوختۇرخانىدىن شۇ ئىككى يىپلىق "سوۋغات" كۆتۈرۈپ چىقتىم شۇ . سىزنىڭ بارمىغىنىڭىزمۇ ياخشى بولدى ، بولمىسا ئەنسىرەپ كىتەتتىڭىز .
ـ ئىككى يىپلىق سوۋغات ؟ بۇ نىمە گەپ ؟
ـ ھە ... ، ھىچنىمە . دەڭە گۈلمىرە، نىمىشقا مەندىن بۇرۇن ئالدىراپلا نىجات بىلەن ئۇرۇشتىڭىز ؟ سىز قىز بالا تۇرۇپ ...
ـ بىلىمەن ! - ئۇ يەنە سۆزۈمنى بۆلدى ، - سىزمۇ بىلىسىز ئەخمەت ، بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس . ئۇنىڭغا مىنىڭمۇ ئۆچۈم بار ، مەن ئۆچۈمنى ئالدىم خالاس ! ئۆتكەندە بىر ئۆچۈمنى ئالاي دەپ ئويلىغان ، لىكىن سىزنىڭ گىپىڭىز بىلەن بولدى قىلغانتىم ، ئەمما بۇ قىتىم راستلا پارتىلىدىم . مىنى بوش چاغلاپ قاپتۇ ، مەن خېلى-خېلى ئىشلارنى كۆرگەن ، مىنى راستلا بوزەك كۆرۈپ قاپتۇ ، ئۇنداق مازلارنى ئەپلىگۈچىلىگىم بار مىنىڭ ! بۇ ئىشنى ئەمدى دىيىشمەيلى ، مەكتەپنىڭ ئۇنداق جازالىرىغا ئۆزۈمنى ئۇرۇپ كەتمەيمەن ، يامىنى كەلسە "كەيچۇ"(چىكىندۈرۈش) قىلىۋىتەر ... ، ئەخمەت ، مىنى چۈشەنسىڭىز بۇ توغرىلىق ئوشۇق دىيىشمەيلى !
ـ مەن ... ماقۇل ، - شۇ تاپتا ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيرانلىقتىن چەكچىيىپلا قالغانىدىم ، خۇددى ئۇنى قايتا تونۇۋاتقاندەك ھىسىياتتا بولىۋاتاتتىم ، ئامالسىز گەپنى باشقا ياققا بۇرىدىم ، - ئەمسە ، مەن يوقاپ كەتكەن ۋاقىتتا مىنى سىغىندىڭىزمۇ ؟
ـ ئۇنى ... ئۇنى دىيىش كىتەمدۇ ؟ بەكمۇ دەڭە !
ئۇنىڭ سۆزىدىن سۆيۈنۈپ دەقىقە ئىچىدە كاللامدىكى غەم يوقالدى ھەم ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم :
ـ مەنمۇ سىزنى شۇنداق سىغىندىم ، نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزۈم دوختۇرخانىدا بولغىنىم بىلەن ئەس-يادىم سىزدىلا ! مىنى سىغىندۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن مىنى سۆيۈپ قويىسىز !
ـ ئەسكى ، كىم سىغىنسۇن دەپتۇ ، ياق !
ـ ئەمسە ئۆزۈم سۆيىۋالىمەن !
ـ پىتىنالامسىز ؟
ـ مانا ئەمسە !
ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ، ئۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالدى ، ئەتراپتا ھىچكىم يوق ئىدى ، ئۇنىڭ لەۋلىرىگە قېنىپ-قېنىپ سۆيدۈم ، قۇچاغلاپ تۇرۇپ چىڭڭىدە سۆيدۈم ... ، توۋا ، مۇھەببەت دىگەن ئاجايىپ نەرسە ، سىنى ئازاب ياكى غەم پاتقىقىدىن ھەش-پەش دىگۈچە ھوزۇر قاينىمىغا سۆرەپ ئەكىرىدۇ ، بارلىق غەملىرىڭنى ئۇنۇتقۇزىدۇ ...
رومانتىك مىنۇتلار ئۇزاققا بارمىدى ، بىرچاغدا يانفۇنۇمنىڭ سايرىشى بىلەن ئۇنىڭدىن قىيمىغان ھالدا ئاجرالدىم ، ئەكبەردىن تىلفۇن كەلگەن ئىكەن، ئۇ مىنىڭ ھازىرلا "ئوپچە قازان"نىڭ ئالدىغا كىلىشىمنى ، ئىزىزنىڭمۇ كىلىپ بولغانلىقىنى ئىيتتى . گۈلمىرە بىلەن تىزلا خوشلىشىپ ئۇلارنىڭ قىشىغا باردىم . ئەكبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ، ئەكبەر مىنىڭ ئىزىز بىلەن ئوقۇتۇش بىناسىدىكى مەلۇم بىر ئىشخانىغا كىرىشىمنى ، ئۆزىنىڭ سەل تۇرۇپ كىرىدىغانلىقىنى ئىيتتى . مەن ئىزىز بىلەن كىرىپ مەسئۇل ئوقۇتقۇچى بىلەن شۇنچە دىيىشكەن بولساقمۇ ھىچبىر ئۈنىمى بولمايۋاتاتتى ، گىپىدە چىڭ تۇرىۋىلىپ باراتتى . بىر چاغدا ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يانفۇنى سايراپ بىرسىنىڭ كىلىدىغانلىقىنى ئىيتتى . ئەسلى ئەكبەر سىرتتىن بىر يەشىككە نۇرغۇن يىمەكلىك ۋە يەل-يىمىش قاچىلاپ كىرىشنىڭ ئالدىدا ئوقۇتقۇچىغا تىلفۇن قىلغانىكەن ، ئەكبەرنىڭ "سوۋغىسى " ئوقۇتقۇچىنى تىزلا ئىرىتتى ، ھەمدە گۈلمىرەگە كىلىدىغان جازانى "يەڭگىللەتمەكچى" بولدى . ھەي ... شۇنداق قىلىپ ، بۇ ئىشنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدۇق . لىكىن ... مەكتەپتىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ خۇرسىنىپ قالدىم ...
مەكتەپنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھامىسى تۈگىدى ، ھەممەيلەن نەتىجىنى كۈتۈپ تەقەززا ، مەن بولسام خۇددى مەكتەپنى تەكشۈرگىلى كەلگەن ياكى ئىكىسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن خادىمدەك بىر خىل غەيرى كەيپىياتتا ، مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپ ئىمتىھام بەرمىسە ئاجايىپلا تۇرىدىكەن . ئۆتكەنكى يارىلانغان چاغدىكى يارىلىرىممۇ ئاساسەن ساقىيىپ كەتتى ، نەتىجەمنىمۇ ئوقۇتقۇچۇم ھەل قىلىپ بىرىدىغان بولدى ، ھازىر مىنى بىردىن-بىر كاللا قاتۇرىۋاتقىنى نىجاتنىڭ ئىشى ئىدى ، ئۇنىڭدىن ئۆچۈمنى ئىلىشىم كېرەكمۇ-ياكى ... ؟
گۈلمىرە بىلەن كەچلىك تاماقنى بىللە يەپ بولغاندىن كىيىن ، بىردەم تورخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق ، ئۇ خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە ناخشىلارنى ئاڭلايتتى ، تۇرۇپ-تۇرۇپ ماڭا ئاللىقانداقتۇر ئاڭلاپ باقمىغان ئىنگىلىزچە ناخشىلارنىڭ ئىسمىنى دەپ ،مەندىن "بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ باققانمۇ ؟ بەك <لىيۇشىڭ>(مودا) بولىۋاتقان ناخشا ! " دەپ سوراپ قوياتتى ، مەن پەقەت پەقەت مۈجمەل چىراي ئىپادىسى بىشىمنى يەڭگىل چايقاپ قوياتتىم . ئۇنىڭ ماڭا تەۋسىيە قىلغان بىر -ئىككى ناخشىسىنى ئاڭلاپمۇ باقتىم ، نىمە ئامال ، تىلىنى چۈشەنمىگەن ناخشىنى ئاڭلىسىمۇ ئادەم ئاجايىپ بولۇپ قالىدىكەن ، ئۇنىڭ ياقتۇرىدىغان مۇزىكا ئاھاڭىمۇ باشقىچە ئىكەن ، ئادەتتە ئەرەپچە ياكى تۈركچە ناخشىلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسەممۇ ، ئاھاڭى ياخشى بولسىلا ئاڭلاپ قوياتتىم ، ئەمما ...
بىز بىرەر سائەت تورغا چىقتۇق ، ئەمما شۇ ئارىلىقتا بىر مۇھىم ئىشنى بىلىپ قالدىم ، ھەم تولىمۇ كېچىكىپ بىلگىنىمنى ھېس قىلدىم . گۈلمىرە مەن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى كۆرىۋاتقاندا ، باشتا ھەيران بولغاندەك قاراپ قويغانىدى ، ئاندىن مەندىن :
ـ بۇ ئۇيغۇرچە تور بەتمۇ ؟ ئۇيغۇرچە توربەتلەردە كۆپ نەرسە يوققۇ دەيمەن ھە ؟ - دەپ سورىدى . مەن جاۋابەن دىدىم :
ـ ياقەي ، ھازىر ئۇيغۇر تورچىلىقى خىلى تەرەققىي قىلىپ قالدى جۇمۇ ، سىز ئۇيغۇرچە بىلەمسىز ؟
ـ مەن <يوۋ ئېر يۈەن >(يەسلى)دىن تارتىپ خەنزۇچە ئوقۇغان تۇرسام ، ئۇيغۇرچە يىزىقنىمۇ پەرق قىلالمايمەن ، قازاقچە ، قىرغىزچە يىزىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويىشىممۇ بار تىخى ، ھى ھى ...
ـ ھە ...
ئۇنىڭغا كۆپ ئىنكاس بىلدۈرمىدىم ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بولغۇچىلار پەرزەنتىگە ئۇيغۇر يىزىقىنى ئۈگىتىشكە سەل قارىغان يەردە ، مەن ئارتۇقچە چىڭقالساممۇ مۇۋاپىق ئەمەس ، شۇڭا ئادەتتىكى تەلەپپۇزدا ئۇنىڭغا دەپ قويدۇم :
ـ ئەمسە كىيىنچە مەن سىزگە ئۈگىتىپ قويارمەن .
ئۇ ئويچان كۆزىنى مىنىڭ ئالدىمدىكى ئىكرانغا تىكىپ ، بىشىنى بىلىنەر-بىلىنمەس لىڭشىتىپ قويدى . بىز ياتاقنى تاقايدىغانغا ئاز قالغاندا توردىن چۈشتۇق ، ئاندىن ئۇنى ياتىقىغا ئاپىرىپ قويۇپ ياتىقىمغا قايتتىم .
ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن كىچىكىپ تۇردۇم ، ياتاقتىكىلەرمۇ تىخى ئورنىدىن تۇرمىغانىكەن ، ئەينەكتىن سىرتقا قارىسام ، سىرتتا قېلىن قار يىغىۋاتقانىكەن ، خۇشاللىقتا كىيىمىمنى ئالدىراپ كىيىم ، چالا-بۇلا ناشتىلىق قىلىپلا سىرتقا يۈگۈردۈم .سەبىيلىكتىكى كۆنگەن خۇي ، قارغا تولىمۇ ئامراق مەن ، قار ياغسا بەك ھاياجانلىنىمەن دىسە . ياتاقتىن چىقىپ تۇرىشىمغا ، بىنا ئالدىدىكى بىرنەچچە يۇرتقا قايتىشقا تەرەددۇق قىلىۋاتقانلارنىڭ نالىسى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى :
ـ ۋايجان ، پويىز بىلىتى ئالالماي ئاپتۇبۇستا ماڭاي دىسەم ، قار ياغقىنىنى ! قانداق قىلارمەن ئەمدى ؟!
ـ شۇنى دىمەمسەن ؟ مۇشۇ تاپتا بىكەتكە بارغۇچىمۇ خېلى جاپا تارتىدىغان گەپ !
ئۇلارنىڭ گىپىگە ئىچىمدە كۈلۈپ قويۇپ ، قېلىن ياغقان ئاپئاق قارنى "غىچ-غىچ" قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ ، ئۆزۈم يالغۇز قار سەيلىسى قىلماقتىمەن . ئەتراپ ئاپئاق ، خۇددى نارسىدە قىزنىڭ بىغۇبار كۆڭلىدەك ، دەرەخ ئۈستىدىكى قار خۇددى زىچ چىرماشقان ئاق يوپۇرماقتەك يىراقتىن قارىسا تولىمۇ چىرايلىق . مەكتەپ ئىچى بوشاپ قالغاندەك كۆرىنەتتى ، ئادەم شالاڭ ، شۇڭا دەسسەلمىگەن يەرلەر كۆپ . ئىسىمگە تۇنجى قاردا گۈلمىرە بىلەن سەيلە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن رومانتىك مىنۇتلار كەلدى-دە ، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلماقچى بولدۇم ، بىراق ئالدىراشچىلىقتا يانفۇنۇمنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ئەتراپتىكى تاللا بازىرى ئىچىدىكى ئاممىۋى تىلفۇندىن ئۇراي دەپ ، تاللا بازىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرىشىمغا گۈلمىرە ئۇچرىدى :
ـ ۋوي تىچلىقمۇ ؟ ئەتىگەندە چىقىۋاپسىزغۇ ؟ - ھەيران بولۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم .
ـ تىچلىق ، ھازىر ئەتىگەنما <لەن چوڭ> (ھۇرۇن دىگەن مەنىدە ) ؟ تاڭ ئاتقىلى نەۋاخ جۇمۇ !
ـ ھى ھى ، نىمىش قىلىۋاتىسىز ھازىر ؟
ـ دوستۇم بىر نىمە ئالماقچىكەن ، ئىلىشىپ بىرىشىم . سىزچۇ ؟
ـ مەن شۇ سىزگە تىلفۇن قىلاي دەپ كىرگەن ، يانفۇنۇمنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن .
ـ ھە ، ئەمسە ماڭا ئوبدان ئۇچراپسىز ، تىلفۇن پۇلىڭىز تىجىلىپ قالغۇدەك ، ھى ھى .
ئۇنىڭ چاقچىقىدىن مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم ، ھەمدە دوستىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ، <كەينى باغ> قا ئاتلاندۇق . يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆز-ئارا شوخلۇق قىلىشىپ ، قار ئىتىشىپ قوغلىشىپ ئوينىغاندىن كىيىن ، بىر جاينى تىپىپ ئولتۇرۇشتۇق . ئۇنى يەڭگىل قۇچاقلىدىم ، ئۇ بىشىنى دولۇمغا قويغىنىچە مۇڭ بىر ناخشىنى بوش ئاۋازدا ئىيتىشقا باشلىدى ، ئۇ ئىيتقان ناخشا ئىنگلىزچە ناخشا ئىدى ، چۈشىنەلمەي سەل جىلە بولاتتىم ، تىل ئۈگەنمىگەننىڭ زىيىنى مۇھەببەتلەشكەندىمۇ كۆرۈلەمدۇ نىمە ؟ ھەي ئىسىت ... ، ئۇ ناخشىسىنى ئىيتىپ بولۇپ مەندىن سورىدى :
ـ بايا ئىيتقان ناخشامنى ئاڭلاپ باققانمۇ ؟
ـ ياق ...
ـ ئۇ ئەنگىلىيلىك قايسى بىر قىز ناخشىچى ئىيتقان "Lonely Butterfly" دىگەن ناخشا ... ، خېلى بۇرۇنقى ناخشا ئۇ ، ھازىر توردىن تاپماقمۇ بەك تەسكەن ، قايسى بىر دوستۇمنىڭ "MP3"رىدىن ئاڭلىغانتىم ، ئاندىن ئۆزۈمنىڭكىگە قاچىلىۋالغان .
ـ ھە ، ئۇ ناخشىنىڭ ئىسمىنى ... ئۇيغۇرچە نىمە دەپ تەرجىمە قىلىدۇ ؟
ـ ئۇيغۇرچە يالغۇز ... ياق ، تەنھا كىپىنەك دەيدىغۇ دەيمەن ...
ـ ھە ، مەزمۇنى شۇنداق ياخشىمۇ ؟
ـ مەزمۇنى بوپ قويىدۇ ، لىكىن مەن ئۇ ناخشىنى ماڭا بەك ماس كىلىدىغاندەكلا ھېس قىلىمەن ...
ـ قانداق دەيسىز ؟
ـ ھىچقانداق ، - ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمگە قاراپ ئاستا شىۋىرلىدى ، - شۇ ئۆزۈمگە شۇنداق تۇيۇلىدۇ ، بولدى ، بۇلارنى دىيىشمەيلى .
ـ ئىم ...
ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى تۈزۈك ئاڭقىرالمىغاچقىمۇ ، كاللامدا ئۇنىڭ بايىقى سۆزىگە قارىتا نامەلۇم بىر سوئال پەيدا بولدى ، ئەمما سوراشتىن يالتايدىم . ئۇنىڭ مەلۇم ئىشلار ئۈچۈن غەم تارتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم-ھەم ئۇنىڭغا يىقىنلاشتىم ، ئۇ كۆزىنى يۇمدى ، لىۋىمنى ئۇنىڭ لىۋىگە چىڭ باستىم ، ئىلگىرىكى ئىللىق ھارارەت تىخىمۇ قايناق ھالدا جىسمىمغا سىڭىپ كىرىۋاتقاندەك بولاتتى ، ھەممە ، ھەممە گۈزەل تۇيۇلاتتى ... خېلى ئۇزۇنغا داۋاملاشقان سۆيۈشۈشتىن كىيىن ، ئاجرىلىپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياشنىڭ سىرغىپ چىقىپ مەڭزىنى بويلاپ چۈشكىنىنى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇ مىنىڭ سىزىپ قالغىنىمنى بىلگەن بولسا كىرەك ، كۆزىنى مەندىن قاچۇرۇپ تىزلىكتە ئېقىپ چۈشكەن يىشىنى ئىيتىۋەتتى . مەن تىخىمۇ ھەيران بولۇپ جىددىي سورىدىم :
ـ سىزگە نىمە بولدى ؟ بىرەر ئىش يۈز بەردىمۇ ؟
ـ ياق ، ھىچنىمە، ئۆزۈمچە ... سىز ئەنسىرىمەڭ !
ـ سىزگە چوقۇم بىر ئىش بوپتۇ ، ماڭا دەڭە گۈلمىرە !
ـ ياق ، راس ھىچ ئىش بولمىدى ، بۇلارنى دىيىشمەيلى ، نىمىش بولسا سىزگە دەيمەن ، مەندىن ئەنسىرىمەڭ .
ـ لىكىن مەن ...
ـ گىپىمنى ئاڭلاڭ ئەخمەت ، ماقۇل دەڭ ،
ئۇنىڭ يىلىنغان ئاھاڭدىكى سۆزىنى ئاڭلاپ توختاپ قالدىم ، داۋاملىق كوچىلاپ سوراشقا ئىمكان بولماي قالدى . ئۇ بىردەم ئەتراپقا قاراپ ، قولىغا قار ئېلىپ ، بىر نەچچە پومزەك ياساپ ، قېلىن قار قاپلىغان دەرەخكە ئېتىپ بولغاندىن كىيىن ، تۇيۇقسىز نەچچە قىتىم كۈچەپ ۋاقىرىدى-دە ماڭا قاراپ :
ـ ماڭايلى ، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ، - دىدى .
ئۇنىڭغا "بىللە تاماق يەيلى " دىسەم باشتا پەقەت ئۇنىمىدى ، كىيىن مەن سۈكۈتتە تۇرىۋالغاندىن كىيىن ، ئامالسىز قالغان بولسا كىرەك ، ئاخىر تەكلىپىمگە كۆنۈپ ، ماقۇل بولدى . ئۇنىڭ بىلەن تاماق ئۈستىدىمۇ بايىقى ئىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھىچبىر جاۋاب ئالالمىدىم . ئۇنىڭ رەنجىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، بۇ ئىشنى مەنمۇ سىر پىتى ئۇقۇپ قالماقچى بولدۇم . ئىچىمدە " يىشىلمەيدىغان سىرمۇ بولماس ، ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىلىپ قالارمەن ..." دەپ ئويلاپ مەنمۇ بولدى قىلدىم .
چۈشتىن كىيىن يەنە بىللە تورخانىغا كىردۇق ، تورخانىدا ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ يانفۇنى سايراپ قالدى ، ئۇ تىلفۇننى ئېلىپ ، بىر ئاز پاراڭلىشىپ ماڭا تەڭلىدى ، ھەم بوش ئاۋازدا "ئەكبەركەن " دىدى ، مەن تىلفۇننى قولۇمغا ئېلىپ دىدىم :
ـ ھە ئاداش ، نىمىش ؟
ـ يې ، نەگە يوقاپ كەتتىڭ كالۋا ! ھازىر تىز گۈلمىرەنى ئېلىپ مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ سول تەرەپكە يۈز مىتىردەك ماڭساڭ بىر تار كوچا بار ، شۇ يەرگە تىز كىلىڭلار ، بەك مۇھىم ئىش ، تىز بولۇڭلار جۇمۇ !
ـ نىمە ئىشتى ؟
ـ ئەستا ، بولە دەيمەن ، سىنىلا ساقلاپ قالدۇق، گۈلمىرەمۇ چوقۇم بىللە كەلسۇن !
ـ ئىم ، ھازىرلا بارىمىز !
تىلفۇننى قويۇپ گۈلمىرەنى ئېلىپ ئەكبەر دىگەن جايغا ھايال ئۆتمەي يىتىپ باردۇق ، بىر تارچۇق كوچىدا ئوندەك ئادەم مىغىلدىشىپ تۇراتتى ، مەن ھەيران بولۇپ قارىدىم ، ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇرغان بولۇپ ، بىر تەرەپتە ئەكبەر ، ئىزىز قاتارلىقلار ، يەنە بىر تەرەپتە نىجات ۋە ماڭا توزاق قۇرغان ھىلىقى خۇمپەر تۇراتتى ، ئۇ ئىككىسى بىشىنى سالپايتىپ تۇرۇشقان بولۇپ ، يۈزلىرى تاياق زەربىسىدىن بولسا كىرەك سەل ئىششىپ كەتكەنىدى . مەن ئەكبەر تەرەپتىكى تونۇمايدىغان 5~6 ئادەم بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن ، ئەكبەر تەلەتىنى سۆرۈن قىلغىنىچە سۆز ئاچتى :
ـ كىلە ئەخمەت ، بايا ساڭا تىلفۇن قىلايلى دىسەك ،تىلفۇنۇڭنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قاپسەن ، مانا ، ماۋۇ ساڭا دەيۈزلۈك قىلغان ئىككىسىنى بايىدىن بىرى ئەدەپلەپ قويدۇق ، ئەسلى ئۇرۇپلا مىجىقىنى چىقىرىۋەتەيلى دىگەن ، لىكىن ئىزىز توساپ تۇرىۋالدى . ئەمدى نۆۋەت سەن بىلەن گۈلمىرەگە كەلدى ، ماۋۇ كالتەكنى قولۇڭغا ئېلىپ ، سىنى قانداق ئۇرغان بولسا سەنمۇ شۇنداق ئۇر ، ئوغۇلدارچىلىقتا تەڭلەشتۇرۇپ ئىش قىلغان ياخشى ، تۇتە .
ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا كەلتەكنى تەڭلىدى ، ئىككىلىنىش ئىچىدە كالتەكنى قولۇمغا ئالدىم . شۇ تاپتا كاللامغا نىجات ئىككىسىنى تازا كىلىشتۈرۈپ سىلىپ ، دەردىمنى ، ئۆچۈمنى ئىلىۋىلىش ئويى كەلدى . بىراق ... ، بۇنداق قىلساق ئىش تىخىمۇ ئەدەپ كەتمەمدۇ ، ئەمدى بىسىققان ئىشنى يەنە چوڭايتىپ قويۇشىمىز مۇمكىن . ئەمما ، ئۇنىڭ ماڭا قىلغان نامەردلىكىنى ئويلىسام يەنە بىر تەرەپتىن ئىككىلىنىپ قىلىۋاتاتتىم . نىجات ھەم سوغۇق ھەم تاياق زەربىسىدىن شۈمشىيىپلا كەتكەنىدى ، تۇرۇپلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى . دەل شۇ پەيتتە ئىزىزنىڭ مىنى بوش ئاۋازدا چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا ئۇ ماڭا قاراپ "ئۇنداق قىلما " دىگەن بىشىنى چايقىدى . ئەكبەر بۇنى كۆرۈپ چىچاڭشىدى :
ـ ئىزىز ، سەنمۇ تازا لىڭتاسما بوپسەن ، ئۆزۈڭنىڭ بىشىغا كەلمىگەندىكىن ئىشىڭنى قىل ، بۇ دىگەن ئەخمەتنىڭ ئىشى ! ئوغۇل بالا دىگەن بىھۇدە تاياق يىسە بولمايدۇ ، ئۇرە ئەخمەت ، سەنمۇ ئوغۇل بالىغۇ ؟! گۈلمىرەمۇ ئۇرۇۋالسۇن ، ئۇنىڭمۇ ئۆچى بار ئەمەسمۇ . ئاقىۋىتى قانداق بولار دەپ غەم قىلما ، مەن ھەممە ئىشنى توغرىلىۋىتىمەن ، ئۇ ھىچقانداق قىلالمايدۇ ، ئەگەر قىلىپ قالسا ، دوختۇرخانىغا سىنى تەكشۈرگەن ھەم باشقا ھىسابلارنى قوشقاندىكى ئىككى مىڭ نەچچە يۈز سومنى تۆلىسە بولىدۇ ، ئاندىن بىز ئۇنىڭ چىقىمىنى تۆلەيمىز !
بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىجاتنىڭ كۆزى چەكچىيىپ كەتتى ۋە تىخىمۇ بوشىشىپ سالپىيىپلا قالدى . گۈلمىرەگە قارىسام ، ئۇنىڭ كۆزىدىنمۇ قەتئىيلىكى چىقىپ تۇراتتى . "قانداق قىلاي ؟ ئۇنى ئۇرايمۇ ؟ ھامىنى ئۇ مىنى ئەرز قىلىپ بولالمايدۇ ، ئەمما بۇ توغرا بولارمۇ ، ئۇرمىسامچۇ ؟ ئەكبەر ھەم ئۇنىڭ تونۇشلىرى نىمە دەپ قالار ... ؟ لىكىن ... " قىسقا ۋاقىت مىڭەمدە كەسكىن زىددىيەت توقۇنىشى بولۇپ ئۆتكەندىن كىيىن ئاخىر قارار چىقاردىم :
ـ مۇنداق قىلايلى ، ئەكبەر ، گىپىمنى ئەستايىدىل ئاڭلا ، بۇرۇنقى ئىشلار بولىدىغىنى بوپ بولدى ، ئۇنى قايتا تەگەپ ئۆچ ئىلىشنىڭ مەنچە زۆرۆرىيتى يوق ، مەنمۇ نىجاتنى كەچۈرىۋەتتىم ، ئۇمۇ ئوغۇل بالا بولغاندىكىن بۇندىن كىيىن چىرايلىق ئۆتۈشۈپ كىتەرمىز . لىكىن ... نىجات بىر ئىشنى قىلىشى كىرەك ، ئۇ بولسىمۇ ـــ گۈلمىرەدىن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىچىدىن چىقىرىپ كەچۈرۈپ سورىشى كىرەك ! ئاۋۇ "ئوبدان" ئاداش ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى مۇشۇ يەردە تونۇپ بىلىۋالسا بولدى .
ـ نىمە ؟ ھېي ، شۇنچە ئاۋارە بولغانغا ، شۇنچە تاياق يىگەنگە چۇشلۇق دەردىڭنى ... ، - ئەكبەر ئەمدى ماڭا قاقشاپ سۆزلەشكە باشلىغانىدى ، ئىزىز چىڭ ئاۋازدا ئۇنىڭغا رەددىيە بەردى :
ـ ئەكبەر ! بولدى قىل ! ئىش ئەخمەتنىڭ دىگىنى بويىچە بولسۇن !
ئەكبەر ئىزىزغا ، ماڭا نازارى بولۇپ بىر پەس قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ئىچىدىن قايىل بولمىغاچقىمۇ ئۈن سۈرمەي بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى . ئاندىن ھەممىمىزنىڭ دىققىتى نىجاتقا يۆتكەلدى ، نىجات بىر پەس تۇرىۋەتكەندىن كىيىن تىترەك ئاۋازدا سۆز ئاچتى :
ـ ئاغىنىلەر ، مەن بۇرۇن چۈشەنمىگەچكە بەكلا ئىزىپتىمەن ، گۈلمىرەگە ، ئەخمەتكە بەكلا ئازار بىرىپ قويدۇم ، ئەخمەتنىڭ مۇشۇنداق ئوغۇلدارچىلىق قىلغىنىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن ، سىلەرگە ئىچىمدىن قايىل بولدۇم . ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەيمەن ، بۇندىن كىيىن ئەخمەت دىگەندەك چىرايلىق ئۆتۈپ كىتىلى ، - ئۇ گۈلمىرەگە قاراپ بوش ئاۋازدا دىدى ، - گۈلمىرە ، مەن سىزگە ئازار بىرىپ قويدۇم ، كەچۈرۈڭ ...
ـ ھېي ، ئوغۇل بالىدەك چىڭ دىمەمسەن ؟! - دىدى ئەكبەر نىجاتقا ۋاقىراپ .
نىجات لىۋىنى بوشقىنا بىر چىشلىۋىتىپ ، گىلىنى قىرغاندىن كىيىن ئۈنلۈكرەك قىلىپ ئىيتتى :
ـ مىنى كەچۈرۈڭ گۈلمىرە !
ـ بولدى ، سىزنى ئەپۇ قىلدىم ، ئەمدى مىنىڭ چىشىمغا تەككۈچى بولماڭ ! - گۈلمىرەمۇ جاۋابەن ئىنكاس قايتۇردى .
ـ ھېي ئاداش ، سەنچۇ ؟ سىنىڭ دەيدىغان گىپىڭ يوقما ؟ - ئەكبەر ھىلىقى "ئوبدان" ئاداشتىن سورىدى .
ـ مەن ... ، - ئۇ تىترىگىنىچە يەرگە قاراپ تۇرۇپ دىدى ، - مەنمۇ ئەمدى دىققەت قىلاي ، ئاداشلار ، مىنىمۇ كەچۈرىۋىتىڭلار ...
ـ بولدى ، ئىش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، - دىدى ئىزىز ئۇلاپلا ، - ئەمدى چىرايلىق ئۆتۈپ كىتەيلى ، ھىچ بولمىغاندا ھەمىمىمىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ ؟! ئەمسە تارقىلايلى !
شۇنىڭ بىلەن نىجات ۋە ھىلىقى ئاداش بىلەن قايتا بىر قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ ياراشقاندىن كىيىن ، ھەممىمىز ئۆز ئوقۇرىمىزغا يىنىپ كەلدۇق . گۈلمىرەمۇ ئۆز ياتىقىغا كەتتى . ئۆزىمىزنىڭ ياتىقىدا ئىزىز كۈلگىنىچە ماڭا قايىل بولغان تەلەپپۇزدا ئىيتتى :
ـ ئاداش ، راستىنى دىسەم ئىشنى بەك چىرايلىق بىر تەرەپ قىلدىڭ جۇمۇ ، مەن ئويلىغاندىنمۇ چىرايلىق ! خېلى بىر ئىش بىلگۈدەك بوپ قاپسەن جۇمۇ !
ـ ھى ھى ، ئەسلى ئۇراي دەپمۇ ئويلىغان ، لىكىن سەن دىگەندەك ، ھەممىمىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ ، چىرايلىق ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ .
ـ شۇ ! تىچلىق ھەممىدىن ئەۋزەل .
ـ بۇ گۇي مۇھەببەتلىشىپلا خېلى ئىش بىلىپ قاپتۇ ، - دىدى ئەكبەرمۇ سۆز قىستۇرۇپ ، - ئەمدى ئويلاپ باقسام ، ئەخمەت توغرا قىپتۇ !
ـ شۇ ، ئەخمەت رەسمىي ئوغۇلدارچىلىقى بار ئىشتىن بىرنى قىلدى !
ياتاقتىكى باشقا دوستلىرىمىزمۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلگەندىن كىيىن ماڭا قايىل بولۇشۇپ كەتتى . كەچتە يىقىن ئەكبەر ، ئىزىز ئۈچىمىز ئۆيگە قايتتۇق . ئۆيدە ناخشا ئاڭلىغاچ تۇرۇپلا ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ قالدىم ، "راس ، كاللام ئەجەپ ئىشلەپ قويۇپتۇ جۇمۇ ، بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇ يول بويىچە چىرايلىق ماڭغان ياخشىكەن ! گۈلمىرەمۇ چوقۇم تىخىمۇ قايىل بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن ، ئۇمۇ نىجاتنىڭ كەچۈرۈم سورىغىنىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن چوقۇم كۆپ يەڭگىللەپ قالدى ... "
تەتىل قويۇپ بىرىلىپ ، بىر كۈنىسى ئۆيدە تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغىنىمدا ، يانفۇنۇمغا ناتونۇش بىر نومۇردىن تىلفۇن كەلدى ، تىلفۇننى ئالدىم :
ـ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، كىمۇ ؟
ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ مەن .
ـ سىز ...
ـ نىمە ؟ مىنى تونۇيالمايۋاتامسىز ؟ توغرا ، توغرا ، قۇتۇلغانلار دائىم قۇتۇلدۇرغۇچىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ...
ـ سىز ... ئارزىگۈلما ؟
ـ ھەئە .
ـ ۋوي ياخشىمۇسىز ، قانداقراق ئەھۋالىڭىز ؟
ـ مەن ياخشى ... ، ئاۋۇ ئىشتىن كىيىن ماڭا بىرەر ئىغىزمۇ گەپ قىلمىدىڭىز جۇمۇ ، مۇھەببىتىڭىزدىن قورقۇپ ساۋاقدىشىڭىزغىمۇ تىلفۇن قىلالماس بوپ كەتتىڭىزمۇ ياكى مىنى ئۇنتۇپلا كەتتىڭىزمۇ ؟
ـ ئاپلا ، نىمانداق گەپ قىلىدىغانسىز ... ، ئۇنداق ئەمەس ، شۇ سەل ئالدىراش بولغاچقا ... بەك تۇردى ، مىنى كەچۈرۈڭ ھە !
ـ مۇشۇنداق بىر ئىغىز گەپ بىلەنلا شۇنداق چوڭ ياردەمگە رەھمەت ئىيتىپ قويسا بولامدا ؟
ـ مەن ...
ـ ھى ھى ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم .
ـ دىمىسىڭىزمۇ سىزگە بىر رەھمىتىمنى بىلدۈرگۈم بار ئىدى ، سىز خالىسىڭىزلا !
ـ مەسىلەن ... ؟
ـ ئۇنى دىمىسەممۇ بولار ... ، ئىشقىلىپ كۆرۈشۈپ ، مىھمان قىلىپ ياكى ئېلىپ بىرىپ دىگەندەك ...
ـ ئەمسە گىپىڭىزدە تۇرامسىز ؟
ـ ئەلۋەتتە ! سىز ماڭا ياردەم قىلغان تۇرسىڭىز .
ـ مۇھەببىتىڭىز ئۇقۇپ قالسىچۇ ؟
ـ ئۇما ؟ ئۇ توغرا چۈشىنىدۇ ، مەن چۈشەندۈرۈپ قويىمەن .
ـ ئىم ، بولىدۇ ، مەن ئويلىشىپ باقاي ، ھى ھى .
ـ بەك چاقچاق ھە سىز ؟ ئەمسە قاچان ۋاقتىڭىز بار ؟
ـ مەن سىزگە ۋاقتىم بار چاغدا تىلفۇن قىلاي ، بولامدۇ ؟
ـ ماقۇل ،
ـ ئەمسە شۇنداق بولسۇن ، خوش .
ـ خوش .
ئەس-يادىم ئاشۇ ئىشلار بىلەن بولغاچقا ، ئارزىگۈلنى ئىسىمدىن چورتلا چىقىرىپ قويۇپتىمەن ، بۈگۈن ئۇنىڭ تىلفۇن قىلىشى تولىمۇ تۇيۇقسىز تۇيۇلدى ، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا راستلا بەك خىجىللىق ھېس قىلدىم . نىمىلا دىگەن بىلەن ماڭا ياردەم قىلغۇچى ئەمەسمۇ ، ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرمىسەم بولماس ... ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەم ، ئۇ ئەگەردە ... ، ياق ، ھەرگىز ئۇنداق بولماس ، نىمىلەرنى ئويلاپ يۈرىيدىغاندىمەن . بىلىشىمچە ، ئۇ سىنىپتا خىلى ھۈرمەتكە سازاۋەر ئىسىل قىز ، ئەخلاقىمۇ شۇنداق ياخشى ، ئۇنىڭدىن ھەرگىز چاتاق چىقمايدۇ ، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن .
بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ ھاۋا يامان ئەمەس بىر كۈننى تاللاپ چۈشكە يىقىن ئارزىگۈلگە تىلفۇن قىلدىم ، تىلفۇندا ئۇنىڭ ۋاقتى بار-يوقلىقىنى ھەمدە كۆرۈشۈشنى ئىيتتىم ، ئۇ ماقۇل بولدى ، شۇنداق قىلىپ چۈشتە بىر يەردە كۆرىشىدىغان بولۇپ كىلىشتۇق . تىلفۇن قىلىپ بولۇپ ئويلىنىپ قالدىم ، بۇنداق قىلغىنىم توغرىمىدۇ ياكى خاتامىدۇ ؟ ئارزىگۈل بىلەن كۆرۈشكەنگىغۇ ھىچ ئىش بولماس ، لىكىن گۈلمىرە ئۇقۇپ قالسا خاتا چۈشىنىپ قىلىشى مۇمكىندە ، بولدىلا ، ئۇ ماڭا ئىشىنىدۇ ، ئەگەر خاتا چۈشىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ مەن ئۇنىڭغا چىرايلىق چۈشەندۈرسەم بولىدۇ ، ھامىنى مەن ئارزىگۈل بىلەن باشقا ئىش قىلمىغاندىكىن . ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇش دىگەن ئەزەلدىن بار گەپتە .
چۈشتە يەنئەن يولى تەرەپتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ كىلىشتۇق ، ئۇنى ساقلىغاچ يانفۇنۇمدا ئۇنىڭ-بۇنىڭغا ئۇچۇر يىزىپ تۇراتتىم . ئىزىزغا بىر قىسقا ئۇچۇر يوللاپ بولغاندىن كىيىن ، بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇلدىن كىلىۋاتقان بىر سىماغا كۆزۈم چۈشتى ، ئارزىگۈل بۈگۈن شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى ، بۇرۇن ئۇنىڭغا ئانچە سەپ سالماپتىكەنمەن ، ئۇنىڭ كىينىشى بىلەن گۈلمىرەنىڭ كىيىنىشى خىلىلا پەرق قىلاتتى ، مۇنداقچە ئىيتقاندا ئىككى خىل ئىقىم ، ئىككى خىل كۆرىنىش . ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ بىرگە تاماق يىيىشكە كېلىشىپ ، شۇ ئەتراپتىكى ياخشى بىر ئاشخانىغا كىردۇق . تاماق جەريانىدا پاراڭلىرىمىز ئىزچىل تەبىئىي ۋە ئازادە ئىدى ، ئۇ مەن ئەنسىرىگەن گەپ-سۆزلەرنى ئاساسەن قىلمىدى ، پاراڭ نۇقتىسى ئاساسەن مەكتەپتىكى ئىشلار ، ساۋاقداشلار ...ۋاھاكازالار ئىدى . تۇرۇپلا ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاسقان ئالتۇن ھالقىغا نەزىرىم چۈشتى ، شۇنداق چىرايلىق شەكىلدىكى ھالقا بولۇپ ، ئۇنىڭغا تولىمۇ ياراشقان ئىدى . گۈلمىرە بولسا ئادەتتە ھالقا تاقاپ كەتمەيتتى ،تاقىسىمۇ غەيرى شەكىللەردىكى ھالقىلارنى تاقايتى ، ئالتۇن ھالقىلارنى تاقىغىنىنى كۆرۈپمۇ باقمىغانىدىم . ئۇ مىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇپ كەتكىنىنمنى سەزگەن بولسا كىرەك قىزىرىپ تۇرۇپ سورىدى :
ـ ماڭا ھەجەپ قاراپ كەتتىڭىزغۇ ؟
ـ ھە ، ياقەي مۇنداقلا ... ئاۋۇ ھالقىڭىز بەك يارىشىپتۇ !
ـ ھى ھى ، قىزلارنى ماختاشقا ئۇستىكەنسىز ھە ، زادى مۇھەببەتلەشكەنلەر دىگەن باشقىچە بولىدۇ .
ـ ئۇنداق ئەمەسقۇ ، مەن پەقەت شۇ ...
ـ بىلدىم ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم . بۇ ھالقىنى چوڭ ئاپاملار ھەجگە بارغاندا ماڭا ئاتايىتەن ئالغاچ كەپتىكەنتۇق ، بىر يىلنىڭ ياقى ئىزچىل ئىسىپ كىلىۋاتىمەن .
ـ راس يارىشىپتۇ ، داۋاملىق تاقاڭ ھە .
ـ ئىم ، سىزدىن بىر ئىشنى سورىسام بولامدۇ ؟
ـ ماقۇل ، سوراڭ .
ـ ئۆتكەندىكى ئىشنىڭ سەۋەبىنى ماڭا ئىيتىپ بىرەلەمسىز ؟ مەن باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىمغا ئانچە ئىشىنەلمىدىم ، شۇڭا سىزدىن ئاڭلاپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ...
ـ ئاۋۇ ... نىجاد بىلەن بولغان ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى دەمسىز ؟
ـ ھەئە ...
ئۇنىڭغا بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى قارار قىلدىم-دە ئىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىنى بىر قۇر ئىيتىپ بەردىم ، شۇ چاغدا كاللامغا تۇيۇقسىز ئەينى ۋاقىتىكى بىر ئىش كىلىپ قىلىپ ئۇنىڭدىن بوش ئاۋازدا سورىدىم :
ـ سىز شۇ ۋاقىتتا قانداق بولۇپ مىنىڭ كەينىمدىن مىڭىپ قالغان ئىدىڭىز ؟ راستىنلا ئەكبەرنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى سوراش ئۈچۈن ماڭغانمىدىڭىز ؟
ـ بۇ سوئالنى ھامان بىر كۈنى سورايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم ، دىگەندەك سىز ئىزىز بىلەن ئەكبەردىن ھۇشيارراق ... ، ئۇ كۈنىسى ئەمدى ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ دوستۇمدىن بىر ئىشنى سوراش ئۈچۈن تىلفۇن قىلاي دەپ تۇرىشىمغا، بىكەتتە تۇرغان نەچچى ئوغۇل بالىنىڭ قىلىشقان گىپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى ، ھە راس ، سىز كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش ئالدىدا ئۇنى "نىجات" دەپ چاقىرغان ، نىجات يىنىدىكىلىرىگە " بىز سەل تۇرۇپ بايامقى كوچىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرىمىز ، ئاندىن سەن كوچا ئالدىدا نىجاتنى ساقلاپ ، ئۇنى ئالداپ قىشىمىزغا ئەكەلگىن ، چاندۇرۇپ قويما ، ئاندىن ئۇنىڭ تاناۋىنى تارتىيمىز.. " دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان . كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيۇپ ، شۇ يەردە بىردەم ساقلاپ تۇرسام ، دىگەندەك سىز چىقتىڭىز ، لىكىن مىنى كۆرمىدىڭىز ، مەن زادى نىمىش بولار ، دەپ كەينىڭىزدىن ماڭسام ئاشۇ ئىشلار يۈز بەردى ، ئۇ يەردە بەكلا قورقۇپ كەتكەچكە دەماللىققا نىمىش قىلىشىمنى بىلمەي ، ئاندىن ...
ـ ھە ، ئەمدى چۈشەندىم ، سىزگە كۆپ رەھمەت ، مىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز ، سىز كەلمىگەن بولسىڭىز ، شۇ سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ قالاركەنمەن ...
ـ ئاغزىڭىزغا ئۇنداق ئاسان ئۆلۈمنى تىلغا ئالماڭ .
ـ ماقۇل ، ھى ھى . ئەمسە ... سىز كىيىن ئۇلارغا چۈشەندۈرگەندە ، نىمە ئۈچۈن ئەكبەرنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى سوراش ئۈچۈن بارغان ، دىدىڭىز ؟
ـ ئۇ چاغدا ... ، بۇنى دىمىسەممۇ بولارمۇ ؟ - ئۇ سەل خىجىل بولغاندەك يەرگە قارىۋالدى .
ـ دىگىلى بولمىسا مەيلى ، سىزنى ھەرگىز زورلىمايمەن جۇمۇ .
ـ دىگىلى بولمايدىغان ئىشقۇ ئەمەس ، - ئۇ بىر نۇقتىغا بىردەم تىكىلىپ قاراپ بىرنىمىلەرنىدۇر ئويلىغان بولسا كىرەك ، ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، - ئەسلى ئىش مۇنداق ، ئاشۇ ئىشنىڭ ئالدىدا ، بىر دوستۇم مىنى ئەكبەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويغان ، بۇ ئىشنى كۆپ ئادەم بىلمەيتتى ، سىز ئۇنىڭ دوستىڭىز بولسىمۇ دەۋىرەي ، ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە قىتىم تاماق يەپ ، ماڭا مىجەزى ئانچە ياقمىغاچقا ، ئۇنىڭ بىلەن بولمىغاندا پەقەت ئادەتتىكى دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ئوشۇق مۇناسىۋەتتە بولماي دەپ ئويلىغان . ئىزىزلارغا چۈشەندۈرگەندە ، ئەكبەرنىڭ تىلفۇن نومۇرى يانفۇنۇمدىن يۇيۇلۇپ كىتىپتۇ ، مۇھىم ئىش بار ئىدى ، سورىۋالاي دىگەن ، دەپ چۈشەندۈرىشىم ، ئۇلارغا ئەسلى ئەھۋالنى دىسەم ، بۇ ئىش كىيىن مۇبادا مەكتەپكە تارقىلىپ كىتىپ قالسا ، باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ شۇ ...
ـ ھە، مۇنداق دەڭ . ھىچقىسى يوق ، مۇنداقلا سوراپ قويدۇم . ئەكبەرنىڭ مىجەزىنى بىلىمەن ، لىكىن ئۇ تىگىدىن ياخشى بالا ، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ ...
ئۇ ئۈندىمىدى . بىز تاماقنى يەپ بولۇپ ، بىردەم كوچا ئايلانماقچى بولۇپ ، دۆڭكۆۋرۈك بازىرى تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق ...
تۇمانلىق شەھەردىكى مەنزىرە ، تۇمانلىق شەھەردىكى قەدىمىي ئىمارەت ، يىڭىچە ئاڭ ، يىڭىچە تۇرمۇشتىكى كىشىلەر .بىز دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنى سىرتتىن مۇنداقلا كۆرۈپ ، ئاندىن چوڭ بازار ئىچىدىكى قەدىمىي "ئىمىن ۋاڭ " مۇنارىگە شەكىل جەھەتتىن ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئىگىز مۇنارنىڭ ئاستىغا كىلىپ تۇردۇق . بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ بۇ ئىگىز مۇنارغا كۆز يۈگۈرتىۋاتقىنىمدا ، ئارزىگۈل مىنى ئون مىتىرچە يىراقتىن چاقىردى :
ـ ئەخمەت ، سەل ئالدىرىغىراق كىلىپ تۇرىڭە ، رەسىمگە تارتىپ قوياي .
ـ ۋاي بولدى ، بۇ تۇماندا ئانچە ياخشى چىقمايدۇ ، ئۇنداق يىراقتىن تارتسىڭىز تىخىمۇ شۇ ، - مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ دىدىم .
ـ ئەمسە ... مەن يىقىندىراق تارتاي ، - ئۇ شۇنداق دەپ ئالدىمغىراق كەلدى .
ـ ۋاي ۋوي ، مەن كىلىشكەنرەك بولسام كاشكى ، مۇشۇ سەت تۇرقۇم بىلەن ...
ـ ۋايەي ، ئۆزىڭىزنى ئۇنداق چۈشەرمىڭە ، ئاينا مىنكاۋخەن قىزلار ياقتۇرىدىغۇ سىزنى ھەتتا ...
ـ ...
ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە ئۈنچىقماي تۇردۇم ، ئۇ ئۆزىدىن-ئۆزى ئوڭايسىزلىنىپ كەينىدىنلا كەچۈرۈم سوراشقا باشلىدى :
ـ گىپىم ئوشۇقچە بوپ قالدىغۇ دەيمەن ، پەقەت خاپۇلماڭ ھە ، مەن مۇنداقلا چاقچاق قىلىپ ...
ـ ھە چۈشەندىم ، خېلى چاقچاق كۆتۈرگىچىلىكىمىز بارغۇ بىزنىڭ ، كىچىك ئىش ، - چاندۇرماي ئۆزۈمنى ماختاپ قويدۇم .
ـ ئۆزىڭىزنى خېلى ماختاپ قويىدىكەنسىز ھە ؟ مۇشۇ يەردە بىردەم تۇرامدۇق ياكى ... ؟
ـ ئەمسە ماڭايلى ، سىزنىڭمۇ قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز باردۇر .
ـ ھە ... ھەئە ، - ئۇ سەل دۇدۇقلاپ قالدى-دە دەررۇ گىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ دىدى ، - باشقا ئىشىممۇ بار ، ئەمسە ماڭايلى .
بىز بىردەم پاراڭلاشقاچ مىڭىپ ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كەلدۇق ، ئەتراپقا بىر قاراپ ئۇنىڭغا دىدىم:
ـ دابازا ، ئېردوۋچىيوۋ كەلمىگىلى ئۇزۇن بوپ قاپتۇ ، كۆرسەممۇ ئاپتوبۇستا ماڭغاچ مۇنداقلا قاراپ قوياتتىم ، بۇ يەرنى يازدا كۆرسە ياخشىكەن جۇمۇ ، تۇمانلىق ھاۋادا بۇ يەرمۇ ئانچە چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتمەيدىكەن .
ـ دابازا ، ئېردوۋچىياۋ دەپ قويۇڭ ، ھى ھى ، دىمىدىممۇ ، مىنكاۋخەننىڭ ئىدىيىسى سىزگە خىلى تەسىر قىپتۇ ، - ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە بىر ھازا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئۈنچىقمىدىم ، ئۇ تۇيۇقسىزلا جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ دەرھاللا دىدى ، - ئاپلا ، مۇنداقلا چاقچاق قىلىپ قويغانتىم ، كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا كەچۈرۈڭ ھە ،ئويلاشمايلا دەپ قويۇپتىمەن .
ـ ياقەي ، مەنمۇ شۇ خاتا سۆزلەپ قالغىنىمنى سىزىپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالغانتىم ، ئۇنداق سۆزلەرنى مىنكاۋخەنلا ئەمەس، ئادەتتىكى كىشىلىرىمىزمۇ كۆپ ئىشلىتىدىكەن ، ئەمدى مەن بولساممۇ ئۆزگەرتمىسەم بولماپتۇ ...
ـ دىگىنىڭىزمۇ شۇ ئەمدى ، ئاپتۇبۇس كەلدى ، مەن ماڭاي ، - ئۇ بىكەتكە قاراپ كىلىۋاتقان ئاپتۇبۇسنى كۆرسىتىپ دىدى .
ـ مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي ،
ـ ۋاي بولدى ، رەھمەت . تىخى كۈندۈز ، ئۆزۈم كىتىۋىرەي !
ـ ھىچقىسى يوق ، مەن ئاپىرىپ قوياي ! - شۇنداق دىگەچ يىنىمدىن پارچە پۇل چىقىرىپ بىكەتكە توختىغان ئاپتۇبۇسقا قاراپ ماڭدىم ، ئۇ خىجىل بولۇپ "سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم " دەپ كەينىمدىن ئەگىشىپ ئاپتۇزبۇسقا چىقتى .
ئاپتوبۇستا ماڭغىچە ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇنىڭغا قارىتا باشقا ھىسىياتىممۇ يوق ، بار دىگەندىمۇ ئەنسىرەش ھىسىياتى ، بەلكى مەن بەزى ئىشلارنى خاتا ئويلىغاندىمەن ، لىكىن ئۇنىڭ مىجەزى بويىچە ئىيتقاندا ، مەن بىلەنمۇ بۇنچە يىقىن مۇناسىۋەتتە بولمىسا توغرا بولاتتى ... ، بەلكى راستلا كۆپ ئويلاپ كەتكەندۇرمەن ، بولدىلا !
ئۇنى ئاپىرىپ قويۇپ ، مەنمۇ ئۆيگە قايتتىم ، ئۇ ئائىلە قورۇسىغا كىرىش ئالدىدا ، شۇنچە زورلىساممۇ ، " سىز قايتقاندىن كىيىن ئاندىن كىرىپ كىتەي !" دەپ تۇرىۋالدى ، ئىسىمدە يوق تىزلا ئۇنىڭدىن "نىمىشقا ؟" دەپ سوراپ ساپتىمەن ، ئۇ خىجىل بولدىمۇ ياكى ئوڭايسىزلاندىمۇ ئىيتاۋۇر يەرگە قاراپ سەل تۇرۇپ قىلىپ " ئەنئەنە بويىچە ئىيتقاندىمۇ سىزنى ئۆيگە باشلىسام بولاتتى ،بىراق ... ، شۇڭا سىزنى ئۇزۇتۇپ قويغان ھىسابىدا سىز كەتكىچە تۇراي " دەپ جاۋاب بەردى ، مەن يەنە بىر قىتىم خاتا گەپ قىلىپ قويغىنىمنى سىزىپ ئۇنىڭ بىلەن تىزلا خوشلاشتىم ...
ئەسەر ھەجىم جەھەتتىن چوڭ بولغاچ ، داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللاندى.