ئالىم ئوتتۇرا بوي ،ئورۇق،قارا قاش،قاڭشارلىق،قوي كۆزلىرىدىن ئەقىللىقلقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان ،ئاددىي-ساددا ،خۇش چاقچاق ،چىقىشقاق يىگىت ئىدى.ئوقۇشقا كەلگەن بۇيان گۈزەل غايىسىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ئۇيۇن-تامماشا دىگەنلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تىرىشىپ ئوقۇغانلىقتىن ساۋاقداشلىرى
ھەم ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتاتتى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن سىنىپتىكى قىزلارمۇ ئۇنۇڭغا قەۋەتلا ئامىراق ئىدى.ھە دىسىلا ئۇنىڭ ياخشى تەرىپلىرىنى قىلىشاتتى ھەتتا ئۇنۇڭغا ئاشىق بىقارار بولۇپ يۈرگەنللەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
بۈگۈن يېڭى يىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆڭۈل ئېچىش كەچلىكى تولىمۇ قىززىپ كەتتى ئالىم بىر تەرەپتىن قىززىقچىلىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى يازغان شېېئىرلىرىنى كۆپچىلىككە دىكلاماتسىيە قىلىپ ھەممىنى تاڭ قالدۇردى.ساۋاقداشلىرى بولسا "كەلگۈسىنىڭ شائىرى "دەپ نام ئالغان ئالىمنىڭ شېئىرلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىماقتا ۋە ئۇنۇڭدىن بەھرىلەنمەكتە .سورۇن شۇنداق قىززىپ كەتتىكى بارچە ساۋاقداشلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلار قالدۇردى.مانا تانسىمۇ باشلاندى ئالىم بۇغداي ئۆڭ،بۈدرە چاچ،قاشلىرى سىيادەك،،بۇرنى ئېقىپ چۈشكەندەك،يۈزى كۈندەك،زىلۋا،قاراشلىرى جاننى ئالغۇدەك ، شەھلا كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدغان بىر قىز بىلەن لەرزان تانسا ئوينىماقتا ئىدى، قىز توختىماستىن ئۇنۇڭغا پىچىرلايتى بىراق ئالىم پەرۋا قىلمىغاندەك قىلاتتى،قىز سەل پەرىشان قىياپەتتە ئۇنۇڭغا:
-ئالىم سىز نىمىشقا ماڭا پەرۋا قىلمايسىز ؟مىنىڭ سىزگە چاقچاق قىلغىنىم يوق ،مەن ھەقىقەتەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىدى پەس ئاۋازدا.
-كەچۈرۈڭ گۈزەلنۇر مىنىڭ سىزنى ياراتمىغىنىم ئەمەس ،سىز ھەقىقەتەنمۇ ئەدەپلىك قىز ،بىراق مېنىڭ كۆڭلۈمنى باشقا بىرى ئىگىللىۋالدى دىدى ئالىم تەمكىنلىك بىلەن.
-قايسى قىز ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئۇتۇۋالغان سورىدى قىز ئالىمدىن.
-ھازىرچە مەخپى كېيىن بىلىپ قالىسىز دىدى ئالىم قىزغا.شۇنداق قىلىپ مۇزىكىمۇ ئاخىرلاشتى ئالىم ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن قىزلار ئولتۇرغان ئۈستەلگە بۇيۇنداپ قاراپكىمنىدۇر بىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى،ئاخىرى ئۇ ئۆزى ئىزدەۋاتقان كىشىنى تاپقاندەك بولدى-دە،مۇزىكا باشلىنىشى بىلەن چاقماق تېزلىكىدە بېرىپ ،ئاق پىشماق،قوي كۆزلۈك،تال چىۋىقتەك بەللىرى ھازىرلا سۇنۇپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بىر قىزنى تانسىغا تارتتى قىزمۇ قىلچە تۈزۈت قىلماستىن تانسىغا تۇردى. مانا ئۇلار لەرزان مۇزىكىغا تانسا ئويناشقا باشلىدى بىر قىسىم ئوغۇل ساۋاقداشلار بولسا :
-ئالىمنىڭ كۆزى بار جۇمۇ ئاخىرى سەلىمەنى كەلتۈرگەن ئوخشايدۇ قارىمامدىغان ئەگەر شۇنداق بولىدىغانلا بولسا خۇددى ئالتۇن ئۈزۈكككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ئىش بولىدۇ دىيىشسە ،يەنە بەرزىلىرى سەلىمە ئۇنى يارىتامتى ئۇ دىگەن شەھەرلىك ،ئۇنۇڭ ئۈستىگە باشلىقنىڭ قىزى ئەخلاقىمۇ ياخشى ئۇنى قوغلىشىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ،ئالىم بولسا يېزىدىن كەلگەن گەرچە ئۆگىنىشى ياىشى بولغان بىلەن ئائىلە ئىقتىسادى ناچار ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى خۇددى "ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىغانلىق" دىيىشەتتى.تانسا ئارىلىقىدا ئالىم قىزدىن مەن بەرگەن كىتابنى كۆرۈپ بولدىڭىزمۇ دەپ سورىدى مۇلايىملىق بىلەن .
-كۆرۈپ بولدۇم ھەممىنى كۆرۈپ بولدۇم دىدى دە يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى قىزنىڭ.
-ياخشىمىكەن؟
-بەك ياخشى ئىكەن.
-ھېلىقى خەت قاملىشىپتىمۇ ؟
-بەكلا قاملىشىپتۇ گەپكە بەكلا ئۇستا ئىكەنسىز.
-شۇنداقمۇ ؟
-شۇنداق بولمامدىغان.
-ئەمىسە سىز قانداق ئويلىدىڭىز ؟
-نېمىنى قىز ئەتەي سورىدى ئالىمدىن.
-مەن دىگەن سۆزلەرنى ...
-تېخىچە ئويلاپ بولامىدىم.
-تولا ئويلاۋېرىپ چېچىمىزغا ئاق كىرىپ كەتمىسۇن يەنە؟
-شۇنداقمۇ؟قىز نازلانغان قىياپەتتە ئالىمغا قاراپ قويدى.
-شۇنداق.
-مەن ئويلاپ بولدۇم.
-راستما ؟
-راست.
قانداق ئويلىدىڭىز ؟
-نىمە دىسەم بۇلار ئەمدى قىز قۇلاق تۈۋىگىچە قىزىرىپ كەتتى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ بولىدىغاندەك قىلىسىز دىدى.ئۇنۇڭ سۆزىسىن ئالىمنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتى ۋەخۇشاللىقىدا قىزنىڭ بېلىدىن كۈچەپ ئۆزىگە كۈچەپ تارتىشقا باشلىدى.
-نىمە قىلىۋاتىسىز؟موشۇنچىۋالا ئادەملەرنىڭ ئالىدىدا ئۇنۇڭ سۆزىدىن كېيىن ئالىم سەل ھۇشىنى تاپقاندەك بولدى ۋە قولىنى سەل بوشاتتى .كېچىلىك باشتىن -ئاياق ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتتى.بۇ جەرياندا ئۇلار تانسا ھەم ئۇسۇل ئوينىدى.
شۇنداق قىلىپ ئالىم سەلىمەدىن نېرى كېتەلمەي قالدى.گۈزەلنۇر بولسا مىجەزى يوقلىقىنى باھانا قىلىپ ياتىقىغا چىقىپ كەتتى.مانا شۇندىن ئېتىبارەن ئالىمنىڭ مۇھەببەتلىك كۈنلىرى باشلاندى ...
ئەمدى گۈزەلنۇرغا كەلسەك ئۇ ،ئۆزىنىڭ ئەسلەدىلا ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئادىمىنى باشقا بىرسىگە تارتقۇزۇپ قويغانلىقىدىن ئاھ ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇنۇڭ سەلىمەگە بولغان ئۆچمەنلىكى،ھەسەتخورلۇقى قوزغۇلۇپ . ياتىقىغا كىرگىنىچە يوقتانغا بېشىنى پۈرۆىدى-دە،ئۈنسىز كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى. بىراق ئۇ تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ چاندۇرماسلىققا سالدى.شۇندىن ئېتىبارەن ئۇ سەلىمەگە بۇرۇنقىدەك يېقىنچىلىق قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.ھە دىگەندىلا كۆڭلىدە سەن قانچىلىك نېمىتىڭ؟ چوقۇم بىر كۈنلەردە مەن ئالىمنى سەندىن تارتىپ ئالىمەن دىگەنلەرنى ئويلايتتى ئويلىغانسېرى ھاياجانغا چۆمەتتى.ئالىمغا بولسا يېقىنچىلىق قىلىشنى توختاتمايتى بىراق ئالىم دائىم ئۇنۇڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى.شۇنداق قىلىپ ئوقۇش پۈتۈرۈدىغان ۋاقىتمۇ بولدى ،ئالىم چەت بىر يېزىغا تەسىم قىلىندى گۈزەلنۇر بىلەن سەلىمە بولسا موشۇ شەھەردىكى بىر ئىدارىغا تەقسىم قىلىندى.بۇنۇڭدىن گۈزەلنۇر قەۋەتلا خۇشال ئىدى چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە سەلىمە بىلەن ئالىم بىرگە بولالمايتتى بۇنى ئويلىغىنىدا ئۇ تولىمۇ ھاياجانلىناتتى.
سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرغان گۈزەلنۇر ئۇدۇللا سەلىمەنىڭ ياتىقى تەرەپكە چاپتى. ئۇ كىرگەندە سەلىمە قانداقتۇر بىر خىياللار بىلەن بەند ئىدى، ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا سەلىمەگە ئىچ ئاغرىتقان قىياپەتتە:
-ئاداش ماۋۇ كېلىشمەسلىكنى دىمەمسەن قېرىشقاندەك ئالىمنى باشقا يەرگە تەقسىم قىلىپتۇ ئىسىت سىلەرگە ئۇۋال بولىدىغان بولدى.داداڭغا دەپ باقساڭ بولامامدۇ؟ ئامال قىلىپ ئۇنى ئېلىپ قالسا دىدى.سەلىمە ئۇنۇڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى بولغاي .
-ھېچقىسى يوق دوستۇم ،بىرنەچچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن يا ئۇنى ئالماشتۇرۇپ ئەكىلەرمەن يا بولمىسا مەنمۇ شۇ يەرگە كېتەرمەن دىدى.
-يا بولمىسا مەن دادامغا دەپ باقايمۇ؟بىر ئامال بولۇپ قالار دىدى ئىچ ئاغرىتقان قىياپەتتە گۈزەلنۇر .
-رەھمەت دوستۇم سەنمۇ بىزنى دەپ جاپا چەكمىگىن كېيىنچە بىر ئامال بولۇپ قالار دىدى سەلىمە.شۇنداق قىلىپ گۈزەلنۇر گۈل قەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا سەلىمە بىلەن خۇشلۇشۇپ چىقتى ۋە ئالىمنىڭ ياتىقى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.ئالىم مېڭىشنىڭ تەييارلىقنى قىلىۋاتقان ئىدى .
-ماۋۇ كېلىشمەسلىكنى دىمەمدىغان قېرىشقاندەك نەدە ياخشى ئوقۇغان ئادەمنىڭ يىراق يېزىغا تەقسىم قىلىنغانلىقىغا قارىمامدىغان كېچىچە ئاچچىقىم كېلىپ ئۇيقۇممۇ كەلمىدى، موشۇنداقمۇ قاملاشمىغان ئىش بولامدۇ؟سەلىمەگە دەپ باقسىڭىز دادىسى باشلىق بولغاندىن كېيىن سىزنى ئېلىپ قالسا بولمامدۇ؟دىدى ئىچ ئاغرىتقان قىياپەتتە.
-ئۇنداق قىلغۇم يوق مەن دىگەن ئوغۇل بالا باشقىلارغا تايىنىشنى خالىمايمەن.ئۇنۇڭ ئۈستىگە يېزا بولسا نىمە بوپتۇ
بىز ئاشۇنداق جايلارغا بېرىشىمىز كېرەك چۈنكى ئاشۇ جايلار بىزگە ئېھتىياجلىق دىدى ئالىم كەسكىنلىك بىلەن.
-ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى دىمەكچىمەن ،بۇندىن كېيىن قانداقمۇ قىلارسىلەن؟
-ئۇنۇڭغىمۇ ئامال بولۇپ قالۇر دىدى ئالىم.
-ياكى بولمىسا مەن دادامغا دەپ سىزنى ئېلىپ قالايمۇ يا؟ دىدى گۈزەلنۇر شەھلا كۆزىنى ئۇنۇڭدىن ئۈزمەي تۇرۇپ.
-رەھمەت سىزگە ئۇنداق قىلىشىڭىز ھاجەتسىز ،"مەن تەييارلىق قىلىۋالاي خاپا بولمىسىڭىز كەچلىك خۇشلىشىشتا كۆرىشەيلى دىدى "ئالىم ئۇنۇڭغا شۇنۇڭ بىلەن گۈزەلنۇر ئۇنۇڭ ياتىىدىن يېىنىپ چىقتى.
بىر تىزىق مارجان بىر تىزىق گۈلدەك،
ئۆتكەنئىدۇق ساۋاقداش بولۇپ .
ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلال بولدۇق ،
جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ .
خۇشلۇشۇش كەچلىكى داۋام قىلماقتا ساۋاقداشلار گاھ كۈلۈشۈپ،گاھ يېغلاشماقتا ،ئۇلارنىڭ بىر -بىرىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيتى .چۈنكى دۇنيادا ساۋاقداشلىق مېھرىدىن ئۇلۇغ نەرسە بولمىسا كېرەك كىشىگە.ئالىم بىلەن سەلىمە لەرزان مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ تانسا ئوينىدى،ئۇسۇلمۇ ئوينىدى ئۇلار تولىمۇ بەختلىكتەك كۆرۈنەتتى .گۈزەلنۇر شەھلا كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئۈزمەي ھەسەتخورلۇق ئىلىكىدە بۇ بىر جۈپ ياشنى زاڭلىق قىلغاندەك كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپ زورىغا كۈلمەكتە... ئۇ بىردەم-بىر دەم ئىككىيلەننىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ ھەي بىچارىلەر دىگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلمايتتى.كېچىلىك شۇنداق كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى ھەممە ياتاقلىرىغا قايتىشتى سەلىمە بىلەن ئالىم كېچىلىكتىن يانغادىن كېيىن مەكتەپ باغچىسىدا تاڭ سۈزۈلگىچە دىگۈدەك مۇڭداشتى ،ئۆز ئارا تەسەللى بېرىشتى.تاڭمۇ ئاتتى ئالىم سەلىمە بىلەن خۇشلۇشۇپ يېڭى خىزمەت ئورنىغا قاراپ يول ئالدى.خۇددى "سەپەرگە چىققۇچىنىڭ دەردىنى ئۆيدىكى بىلىدۇ دىگەندەك"سەلىمەنىڭ كۆڭلى ئالىمدا ئىدى.
ئەمدى سەلىمەگە كەلسەك ئۇمۇ يېڭى ئىدارىسىغا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن گۈزەلنۇر بىلەن بىر ياتاققا ئورۇنلاشتى.گۈزەلنۇر ھە دىسىلا .ئالىمنىڭ خەۋىرىنى سوراپ تۇراتتى سەلىمەمۇ ئۇنۇڭغا ئالىمنىڭ ياخشى تۇرۇۋاتقانلىنقىنى ئېيتىپ بېرەتتى.مانا ھەش-پەش دىگۈچە ئۇلار خىزمەتكە چۈشكىلى بىر يىل بولۇپ قالدى بۈگۈن ئالىم سەلىمەنى يوقلاپ كەلدى.سەلىمە ئۇنڭ كەلگەنلىكىدىن قەۋەتلا خۇشال بولغاندى.چۈنكى ئەتە ئۇنۇڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى .ئىككىيلەن بىر كۈن كوچا ئايلاندى.ئەتىسى ئالىم بىر رېستۇرادا بىر نەچچە ئۈستەل زاكاس قىلىپ بولغۇسى رەپىقىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، بۇنۇڭدىن گۈزەلنۇرمۇ قۇرۇق قالمىدى.مۇراسىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك باشلاندى ساۋاقداشلار بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ بالدۇرراق بىرگە بولۇشىغا تەلەكداشلىق قىلىشتى بىراق گۈزەلنۇرلا ئۇنداق ئويلىمايتى.ئالىم سەلىمەنىڭ يېنىغا كەلدى-دە،يېنىدىن بىر قاپنى چىقىرىپ ئۇنۇڭدىكى مېدالىوننى سەلىمەنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويدى،مىدالىئون ئۇنىڭغا شۇنداق يارىشىپ كەتتىكى ئۇ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتتى ئالىم.
-تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك سۆيۈملۈكۈم! دىگىنىچە ئۇنى تاتلىققىنا بىرنى سۆيۈپ قويدى، ھەممە ئالقىش ياڭراتتى كېچىلىك شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتتىكى ھەممەيلەننىڭ كۆڭىللىرى يايراپ كېتىشتى بىراق گۈزەلنۇرلا ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ئېچىلالمايتتى.شۇندق قىلىپ ئالىمنىڭ ۋاقتىمۇ توشۇپ قالدى ئاخىرى ئۇ سەلىمە بىلەن خۇشلۇشۇپ قايتىشقا مەجبۇر بولدى.
غېرىپنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ
مانا ئارىدىن بىر يىلمۇ ئۆتتى سەلىمە بىلەن ئالىم توي كۈنلىرىنى پۈتۈشۈپ توي تەييارلىقى قىلىشقا تەرەددۇت قىلدى. شەھەرگە بېرىپ توي كۈنىنى پۈتۈشۈپ كەلگەن ئالىم. يەكشەنبە كۈنى سەل زېرىكىشلىك ھېس قىلدى بولغاي بىردەم -يېرىمدەك بېلىيارت ئويناپ كېلىش ئۈچۈن بېرلىيارتخانىغا كىردى.دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن تاڭ بۈگۈن بېرلىيارتخانىدا ئادەم خېلى كۆپ ئىدى .ئۇ كىشىلەر توپىدىن ئۆتۈپ قارشى تەرەپتىكى بېرلىيارت ئۈستېلى تەرەپكە مېڭىشىغا ئۇنىڭ بەدىنى بېرلىيارت ئويناۋاتقان ئەيسا مۇتىھەمنىڭ قولىغا تېگىپ كەتتى دەل شۇ چاغدا ئەيسا مۇتىھەم ئالىمغا ئالايغىنىچە .
-ھەي قەلەندەر نىمىشقا قولۇمغا تېگىسەن ؟دىدى زەردە بىلەن.
-كەچۈر ئاداش كۆرمەپتىمەن دىدى ئالىم ئۇنۇڭغا سەل خىجىل بولغان قىياپەتتە.
-كىمىڭنى ئاداش دەيسەن دىگىنىچە ئۇنۇڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلگىنىچە قولىدىكى تاياق بىلەن ئالىمنىڭ بشىغا بىرنى سالدى.
-خاپا بولما دىدىمغۇ يەنە نىمە ئۇرۇسەن دىدى ئالىم زەردە بىلەن ئۇنۇڭغا ئاليىپ تۇرۇپ.
-ماۋۇ قەلەندەرنى نەدىن كەلگەن نىمە سەن دىگىنىچە يەنە بىرنى ئۇردى ئۇ.
-بولدى قىل ئاداش موشۇنچىلىك ئىشقىمۇ شۇنچە قىلىش كېتەمدۇ دىدى ئالىم.
-نىمە دەيسەن ۋوي ئاناڭنى دىگىنىچە يەنە بىرنى سالدى ئۇ.تۇيۇقسىز زەربىگە چىدىمىغان ئالىممۇ بوش كەلمىدى ۋە ئالدىغا بىر قەدەم سەكرەپ كېلىشتۈرۈپ مۇتىھەمنىڭ قۇلاق تۈۋىگە مۇشت بىلەن بىرنى سالدى "ياندۇرۇپ ئۇرغان ياغ تېتىپتۇ دىگەندەك "مۇتىھەمنىڭ تۆت پۇتى ئاسمانغا بولۇپ يېقىلدى ۋە بىر نەچچىنى تېپچەكلىگىنىچە كۆزلىرىنى ئالايتىپ شۈكلەپ قالدى ھەممە سارا سىمگە چۈشى ۋە بىر-بىرلەپ سىرتقا قاراپ ئېقىشتى. ئالىم يەر چىشلەپ ياتقان مۇتىھەمنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى تۇتۇپ كۆرگەندىن كېيىن .
-كۆپچىلىك قورقماڭلار سىلەر باياتىنقى ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار ،بولسا ھاقچىلار كەلگەندە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشۈپ بېرىڭىشلارنى سورايمەن دىدى ئالىم يالۋۇرغان قىياپەتتە.ۋە ماشىنىدىن بىرنى توسۇپ مۇتىھەمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى.دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇتىھەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەزتۈردى.
ئەيسا مۇتىھەم ناھىيدىكى مەلۇم بىر ئەمەلدارنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى بولۇپ ناھىيە تەۋەسىدە ،مۇشتلىشىش بىلەن داڭ چىقارغانلارنىڭ بىرى ئىدى، ھەرقانداق بىرى ئۇنۇڭغا ئالىيىپمۇ قارىيالمايتتى،بىر نەچچە يىل بۇرۇن قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان بۇ بەگزادە باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ قويۇۋېتىلگىنىگە تېخى بىر نەچچە كۈن بولغاندى.
ئالىم توختۇتۇپ قويۇلۇپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن 13يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.دادىسى سادىر ئاكا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈرەك كېسلى قوزغۇلۇپ قېلىپ ھەسرەت-دادامەتتە ئالەمدىن ئۆتتى بىچارە ئالىمنىڭ بۇ دۇنيالىققتا سەلىمەدىن باشقا ھېچ نەرسىسى قالمىدى.لېكىن ئۇ بۇ شۇم خەۋەرنى بولغۇسى ئايالىغا ئۇقتۇرۇشنى خالىمىدى، ھەمدە ئىدارىسىدىكىلەردىن سەلىمەگە ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتماسلىقنى ئۆتۈندى.
ئالىمنىڭ دېرىكىنى ئالالماي يۈرگەن سەلىمەنىڭ كۆڭلى تولىمۇ غەشلىكتە ئۆتمەكتە ئىدى،تۇرۇپ -تۇرۇپلا چۈشى بۇزۇلاتتى،ئەنسىزلىك ئىچىدە كۈندە بىر نەچچە قېتىم تېلىفون قىلاتتى بىراق نىمىشقىدۇر ئېلىنمايتتى.ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى توي كۈنلىرىگىمۇ يېقىنلاپ قالدى قانداق قىلىش كېرەك ؟سەلىمە ئۇيان ئويلاپ- بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئالىمنىڭ ئىشخانىسىغا تېلىفون قىلىش قارارىغا كەلدى .بىراق ئىدارىسىدىكىلەر ئالىمنى سىرتقا خىزمەتكە كەتتى دىگەندەك جاۋابلارنى بەردى. قىزنىڭ كۆڭلى غەشلىكتە ئۆتمەكتە ئامال قىلامىغان قىز ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ ئالىمنى ئىزدەپ ماڭدى. مانا ئۇ ئاخىرى ئالىم خىزمەت قىلىدىغان ناھىيىگە يېتىپ كەلدى ،ئۇ سوراپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇنۇڭ ئىدارسىنى تاپتى ۋە بولغان ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتى .قىزنىڭ كۆزىدىن ياش بىر تامچە ،ئىككى تامچە ئاخىرىدا خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى، ياق ئۇنۇڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس بەلكى قان -يىرىڭ ئېقىشقا باشلىغاندى ھەي رەھىمسىز تەقدىې !ھەي شور پىشانە قىز .
تۈرمىگە سەپەر
سەلىمە ئالىمنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغادىن كېيىن دەررۇ تۈرمىگە قاراپ يول ئالدى .تۈرمە بۇ يەردىن 400كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ بىچارە قىز ئۇ جاينىڭ ئىسىمىنى ئەسلا ئاڭلاپ باقمىغاندى.شۇنۇڭ بىلەن ئۇ ئالىمنىڭ بىر يېقىنىنىڭ ھەمراھلىقىدا يولغا چىقتى ،ماشىنا گاھ ئاسفالىت يولدا گاھ توپىلىق يولدا ئىلگىرلىمەكتە .كۆز يەتكۈسىز چۆللۈك.چۆللۈكلەر ئىچىدىكى ئاندا -ساندا بوستانلىق كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى مانا ماشىنا 10نەچچە سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن ئاخىرى تۈرمە جايلاشقان ئورۇنغا يېتىپ كەلدى .سەلىمە ئالىمنىڭ يېقىنىنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر ئىشەك ھاراۋۇسىنى كىرا قىلىپ تۈرمە تەرەپكە يول ئالدى .ھاراۋا ئاستا ئىلگىرلىمەكتە پىژغىرىم ئىسسىق جاندىن ئۆتەتتى ئالاھەزەل بىر نەچچە سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن ھەيۋەتلىك تۈرمە دەرۋازىسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ناميەن بولدى.ئۇلار تۈرمىگە كەلگەندە قۇياش ئاللىقاچان تاغ كەينىگە ئۆزىنى يۇشۇرغاندى.دەرۋازا ئالدىدا ئىككى نەپەر قاراۋۇل قوراللىرنى مەھكەم تۇتقان ھالدا تۇراتتى ،سەلىمە "چەكلەش سىزىقى" دىگەن خەتكە پەرۋا قىلماي ئالغا ئىنتلىشىكە تەييارلاندى.
-كەينىڭگە يان دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ قەدەملىرى ئىختىيارسىز توختاپ قالدى ۋە قورال تەڭلەپ تۇرغان قاراۋۇلغا قارىغىنىچە نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدى ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا پۇت-قوللىرى تىتىرەشكە باشلىدى.
ئۇ سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ بىر قەدەم ئارقىغا داجىدى ۋە مەن ئادەم يوقلاپ كەلگەن دىيەلىدى ئارانلا.شۇ ئەسنادا ئوتتۇرا بوي،قاڭشارلىق ،چىرايىدىن كەسكىنلىك ۋە جىددىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر ساقچى چىقىپ كەلدى ۋە بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى ئەتە كېلىڭلار دىدى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار يېقىن ئەتىراپتىكى بىر مېھمانخانىغا چۈشتى ۋە ئاشپۇزۇلغا كىردى .گەرچە ئۇنۇڭ قۇرسىقى ئېچىپ ئۆچەيلىرى دۈمبىسىگە تاقىشىپ قالايلا دىگەن بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ گېلىدىن تاناق ئەسلا ئۆتمەيتتى،بىچارە قىز ئۈنسىز كۆز يېشى قىلاتتى پۈتۈن كائىناتمۇ ئۇنۇڭغا جۈر بولۇۋاتقانداك غەزەب بىلەن ھۆركىرەيتتى،نالە قىلاتتى سەلىمە كىرپىك قاقماي دىگۈدەك تۈننى تاڭغا ئۇلاشتۇردى .ئۇ سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئالىمنىڭ يېقىنى چۈشكەن ياتاق تەرەپكە قاراپ ئۇنى ساقلاشقا باشلىدى.مانا ئۇمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتى ۋە سەل خىجىل بولغان قىياپەتتە.
-سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم ھېرىپ كېتىپ بەك ئۇخلاپ كېتىپتىمەن كەچۈرۈڭ.ھازىرلا ماڭايلى دىدى قىزغا.
- ھېچقىسى يوق سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم دىدى قىز جاۋابەن.شۇنداق قىلىپ ئۇلار تۈرمە تەرەپكە يەنە يول ئالدى .كۈتۈۋېلىش ئۆيى سەھەردىلا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغا بولۇپ كىشىلەر كىملىك ،كۆرۈشۈش كېنىشكىسى قاتارلىق نەرسىلىرىنى تەقلىشىپ نۆۋەت كۈتۈشمەكتە ئىدى .قىزمۇ ئالىمنىڭ ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات ھەم كىملىكىنى تۇتقىنىچە نۆۋەت ساقلاشقا مەجبۇر بولدى.مانا نۆۋەت ئۇنۇڭغا كەلدى ئۇ بارلىق ئىسپاتلارنى سەقچى خادىمىغا تاپشۇردى.شۇ ئەسنادا ھېلىقى ساقچى .
-كۆرۈشۈش كېنىشكىڭىز قېنى سورىدى سەلىمەدىن.
-تېخى بېجىرمىگەن تۇنجى قېتىم كىلىشىم بولىدۇ .
-سىز جىنايەتچىنىڭ نېمىسى بولىسىز؟
-بولغۇسى ئايالى بولىمەن مانا ماۋۇ ئىسپات تەڭلىدى ئالىمنىڭ ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇشنى.
-بولىدۇ پەقەت بىرلا ئادەم كىرىشكە بولىدۇ.بەش سوم تاپشۇرۇڭ كېنىشكا بېجىرىپ بېرەي دىدى.
-مانا تەڭلىدى قىز.شۇنداق قىلىپ رەسمىيەت بېجىرىلىپ بولدى.شۇ ەئسنادا ئالىمنىڭ يېقىنى:
- مەن ئۇنۇڭ دوستى بولاتتىم كىرىپ كۆرۈشۈپ چىقسام بولامدۇ ؟دەپ سورىدى.
-ياق بولمايدۇ پەقەت جىنايەتچىنىڭ بىۋاستە ئۇرۇغ -تۇغقانلىرىنىڭلا كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ دىدى ساقچى جاۋابەن.شۇنداق قىلىپ سەلىمە كۆرۈشتۈرۈش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.بىر ھازادىن كېيىن ئورۇغلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئالىم ئېغىر كىشەنلەرنى سۆرىگەن پېتى كۆرۈشۈش ئۆيىگە ساقچىنىڭ ھەمراھلىقىدا كىرىپ كەلدى.
-ئالىم قىز ئالدىغا ئېتىلدى بىراق ئوتتۇرىدا ئەينەك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئالىمنى تۇتالمىدى ،قىزنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ياش تامچىلرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
-كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ شۇم پىشانىلىكىمدىن موشۇ تەقدىرگە دۇچار بولدۇم .ئۆزىڭىز ياخشى تۇرۇۋاتامسىز ؟
-ياخشى تۇردۇم جېنىم .
-سىزچۇ ؟
-خۇداغا شۈكرى ھەر -ھالدا ياخشى تۇردۇم ،بۇيەرگىمۇ كۆنۈپ قالدىم دىدى ئالىم. ئۇنۇڭ كۆزلىرىمۇ نەملەشكەندى بىراق يەنىلا چاندۇرماسلىققا سالاتتى.ئۇ زورىغا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى ۋە سىز بۇيەرنى قانداق تاپتىڭىز دەپ سورىدى ئالىم.
-دوستىڭىز مىرزاتنىڭ ھەمراھلىقىدا ،ئۇنى كىرگۈزمەيدىكەن شۇ تۈپەيلى ئۇ سىرتتا قالدى دىدى قىز.
ئۇلار بىر -بىرىگە قېنىشمايتتى،مۇڭدىشاتتى بىراق ۋاقىت قىس ئىدى. ئالىم كۆڭلىدە مەن ئۆزۈمنى دەپ ئۇنى نابۇت قىلسام بومايدۇ.13يىل دىگەن قىسقىمۇ ؟مەن چوقۇم ئۇنىڭ بەختىگە ئولتۇر ماسلىقىم كېرەك،بۈگۈن گەپنىڭ ئوچۇقىنى دەۋېتەي دىگەن خىياللار چاقماق تېزلىكىدە كەلدى ۋە كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ.
-سەلىمە سىزمۇ بىلىپ بولدىڭىز مەندىگەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل 13يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم .بۇ قىسقا ۋاقىت ئەمەس شۇنۇڭ ئۈچۈن بىز ئايرىلىپ كېتەيلى سىز بەختىڭىزنى تېپىشىڭىز كېرەك .مىنى توغرا چۈشىنىڭ،بۇندىن كېيىن مىنى ئىزدەپ كەلمەڭ ،دىدى قىزغا.
-نىمە دىگىنىڭىز ئۇ ئالىم ؟!مەن سىزدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلمايمەن ھېلىغۇ 13يىل 20يىل ھەتتا سىزنى ئۆمرىمنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلايمەن دىدى كەسكىنلىك بىلەن ئالىمنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى.تولىمۇ ئەپسۇس كۆرۈشۈش ۋاقتى قىسقا بولۇپ قالدى ساقچى ئۇنى ياللاپ چېقىپ كەتتى .مەن سىزنى ساقلايمەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن .ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ سۆيۈملۈكۈم قىز شۇنداق دىگىنىچە ئۇنىڭ ئارقىدىن قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
مانا سەلىمەنىڭ توي ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كەتتى ،گۈزەلنۇر بۇنىڭدىن تولىمۇ رازى ئىدى چۈنكى ئۇ ئۆزى ئېرىشەلمىگەنگە باشقىلارنىڭ ئېرىشىىشىنى خالىمايتتى بىراق ئۇ سەلىمەنىڭ ئالدىدا چاندۇرمايتتى.يېقىندىن بېرى سەلىمەنىڭ كۆڭلى سۇنۇق بولۇپ ئىدارىدىكىلەرنىڭ پاراڭلىرىغا ئارىلىشىشنى خالىمايدىغان ،دوست-بۇرادەر،خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۇدللۇقلا سالاملىشىدىغان بولۇپ قالدى.يېقىنلىرى ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغىنىدا ئۇ ،ئۇدۇللا قىلىپ .
-ھېچ ئىش بولمىدى ،مىجەزىم يوق تۇرىدۇ دىگەندەك جاۋابلارنى قايتۇرىدىغان بولۇۋالدى دادىسى مەمەت ئاكا قىزىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى بايقىغاندەك :
-بالىغا نىمە ئىش بوپتۇ سىلە سوراپ باقساڭلار بوپتىكەن مەن دادا بولغاچقا ئۇنىڭدىن بەزى ئىشلارنى سورىسام بولمايدىكەن دىدى ئايالى سارىخانغا.
-سورىمىدىمىكەن دەمسىلەن؟ نۇرغۇن قېتىملاپ سوراپ باقتىم بىراق ئۇ ھېچ ئىش بولمىدى دەپلا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ دىدى جاۋابەن ئايالى.دادا بىلەن ئانا قىزىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ھەيرانلىق بىلەن سەپ سالماقاتا .بىر كۈنى سارىخان ھەدە سەلىمە بىلەن يالغۇز قالدى ۋە مېھرىبانلىق بىلەن.
-قىزىم سىزگە زادى نىمە بولدى ئىدارىدىكىلەر بىلەن خاپالىشىپ قالدىڭىزمۇ ياكى باشقا بىر ئىش بارمۇ؟توي ئىشىڭىز ھەققىدە گەپمۇ قىلمايسىز ،يېشىڭىزمۇ چوڭ بولۇپ قالدى كۆزىمىزنىڭ ئوچۇقىدا تويىڭىزنى قىلىپ قويساق بولاتتى دىدى قىزىغا.قىز ئۈندىمىدى.
-ھېلىقى بالا ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ يا دىدى ئانا قىزىغا.
-ياق ئانا ئۇ ئۆزگەرمەيدۇ،ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەيدۇ دىدى قىز ئوتقاشتەك قىزىرىپ تۇرۇپ.
-ئەمىسە نىمە بولدى؟ توي قىلىمىز دەۋاتقىلى نەۋاق ھازىرغىچە بىرەر خەۋەرمۇ يوققۇ؟مانا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ۋاقتىڭلارمۇ ئۆتۈپ كەتكىلى بىر يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى.قىز ئېسەدەپ يېغلاپ كەتتى .
-نىمىگە يېغلايسىز قىزىم ئۇ سىزگە ۋىجدانسىزلىق قىلدىمۇ؟
-ياق ئانا ئۇ ،ھەرگىزمۇ ئۇنداقلاردىن ئەمەس.
-ئەمىسە تولا ئىچىمنى سىقماي گەپنىڭ راستىنى ئېيتمامسىز قىزىم،ياكى قىيىنچىلىق بارمۇ ؟دادىڭىز بىلەن مەن تېخى ھايات نىمە قىيىنچىلىق بولسا ھەل قىلىپ بېرىمىز قىزىم،سىز ئەتىدىن كەچكىچە بۇنداق شۈكلەپ يۈرسىڭىز بىزنىڭمۇ يۈرىكىمىز سىقىلىپ قالىدىكەن ئانىلىق مېھرى بىلەن سۆزلىمەكتە ئىدى سارىخان ھەدە.قىز چوغدەك قىزىرىپ كەتتى ۋە ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يېغلاشقا باشلىدى.قىزنىڭ نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئانىمۇ ئۇنۇڭغا ئەگىشىپ كۆز يېشى قىلدى. چاققانراق ئېيتىڭ قىزىم زادى نىمە بولدى دىگىنىچە قىزىغا تىكىلدى ئانا.
-سەلىمە ئېسەدەپ يېغلايتى بىر ھازادىن كېيىن ئۇ سەل ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ بولغان ۋەقەنى ئانىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى .مېھرىبان ئانا قىزنىڭ قايغۇسىغا جۈر بولدى. ياق ئانىسىلا ئەمەس پۈتۈن كائىنات ئۇنىڭ يېغىسىغا جۈر بولغاندى.ئانا -بالا ئىككىيلەن يېغىدىن توختىدى قارىغاندا ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرى قۇرۇپ تۈگىگەندەك قىلاتتى.
ئانا ئۆزىنى توختۇتۇۋالغاندىن كېيىن قىزىغا.
-"ئەمدى قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز ؟"دىدى مېھرىبانلىق بىلەن.
-مەن ئۇنى تۈرمىدىن چىققىچە ساقلايمەن ئانا دىدى قىز كەسكىنلىك ھالدا ئانا قىزنىنىڭ پاك مۇھەببىتىدىن،سەمىمىيلىكىدىن ئۆزىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدىمۇ ياكى مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىگە قايىل بولدىمۇ ئېيتاۋۇر قىزنى باغرىغا مەھكەم باستى ۋە :
-سىزنى قوللايمەن قىزىم ئاللا سىلەرگە مەدەت بەرسۇن دىدى جاۋابەن ،كۆز چاناقلىرنى سۈرۈتكەچ.قىزنىڭ كەچمىشىدىن خەۋەردار بولغان دادىمۇ قىزىنى چۈشەندى بولغاي ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىراق قانۇندىن چەتنەپ چىقىپ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا قول تىقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .قىز مېھرىبان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە بۇ ئىشلار توغۇرلۇق باشقىلاردىن سىر ساقلىشىنى ئۈتۈندى.چوڭلار قىزنىڭ تەلىپىگە شەرتسىز قوشۇلدى.
شۇنداق قىلىپ قىزنىڭ كۈنلىرى خىزمەت قىلىش تۈرمىگە خەت يېزىش،ۋاقىت چىقىرىپ سۆيگەن يىگىتىنى يوقلاش بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى.مانا شۇنداق ئارىدىن 6يىل ئۆتتى" قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماپتۇ" دىگەندەك كۆيۈمچان ئاتا-ئانىسى ئۇنى يىگانە قالدۇرۇپ ئارقا-ئارقىدىن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى.سەلىمەمۇ 30نەچچەياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالدى،ئۇنىڭ چاچلىرىغا ئانچە -مۇنچە قىروۋ چۈشۈشكە باشلىدى.لېكىن ئۇ بۇنۇڭلۇق بىلەن ئۆزىنى تاشلىۋەتمىدى.خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىدى شۇ تۈپەيلى ئىدارە رەھبەرلىرى ئۇنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى ئۇ خېلى ۋاقىت ئويلانغاندىن كېيىن تەشكىلنىڭ ئورۇنلارتۇرۇشىغا بوي سۇندى .بىراق ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا شۇ تۈرمىدە ئىدى.
ئەمدى گەپنى گۈزەلنۇردىن ئاڭلايلى ئۇ بىر تەرەپتىن سەلىمەدىن ئالىمنىڭ خەۋىرىنى سۈرۈشتە قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن سەلىمە بىلەن ئالىمنىڭ بىرگە بولالمىغانلىقدىن خۇشال بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ،تۇيۇقسىز ئالىم توي قىلىۋاپتۇ دىگەن خەۋەرگە ئېرىشتى شۇنۇڭ بىلەن ئۇ بىر تەرەپتىن ئالىمنىڭ ئۆزىگە نىسىب بولمىغانلىقىغا ئاھ ئۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن سەلىمەنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن كۆڭلى يايراپ كەتتى.مانا بۇ "قىز بالىنىڭ دوستى يوق" دىگەن سۆزنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.شۇنۇڭ بىلەن ئۇ باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ياتلىق بولدى بىراق بىر يىلدىن ئارتۇق ئۆي تۇتقاندىن كېيىن تۇرمۇشتا قاملىشالماي ئاجىرىشىشقا مەجبۇر بولدى.
بىر كۈنى كچقۇرۇن ئۇ خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقىنىدا خەۋەرلىشىش بۆلۈمىدىكى خادىم ئۇنى چاقىردى ۋە بىر پارچە كونۋېرتنى ئۇنۇڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ:
- بۇ خەت سەلىمەگە كېپتىكەن بىراق ئۇ چەت ئەلدە بولغاچقا ئۇنڭغا يەتكۈزگىلى بولمىدى سىز ئېلىپ قويامسىز دىگىنىچە ئۇنۇڭغا ئۇزارتتى.
-بولىدۇ دىگىنىچە خەتنى ئۇنىڭ قولىدىن ئالدى-دە،كونۋېرت ئۈستىگە يېزىلغان ئالىم دىگەن ئىسىمغا كۆزى چۈشتى ۋە يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى .دەر ھاللا خەۋەرلىشىش بۆلۈمىدىن ئايرىلىپ ئۆيى تەرەپكە گويا پۇتى كۆيگەن توخۇدەك چاپتى.ئۇ ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلمىغان ھالدا كونۋېرتنى ئېچىپ تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتتى .سۆيۈملۈك سەلىمە ياخشى تۇردىڭىزمۇ سالامەتلىكىڭىز ياخشى ،خىزمەتلىرىڭىز كۆڭۈللۈك كېتىپ بارامدۇ ؟يېقىندا مەن تۇرغان تۈرمە باشقا بىر جايغا كۆچتى شۇ تۈپەيلى ئارىدا ئالاقىلىشالمىدۇق ئەمدى بولسىمۇ بۇ خەتنى يازدىم خەۋەردر بولۇپ قالارسىز ....گۈزەلنۇرنىڭ قەلبىدىكى ھەسەتخورلۇق ئوتى ئۇلغۇيۇشقا باشلىدى .ئۇ ئۆز -ئۆزىگە ئالىم ئەمدى سېنىڭ ماڭا تەئەللۇق بولمىغىنىڭنى مەن بىر كۆرەي،توۋا خۇدايىمنىڭ قۇدرىتى ھەجەپمۇ ئۇلۇغ ئىكەن ھېلىمۇ بۇ خەت بىر ھەپتە بۇرۇن سەلىمە كەتمەستە كەلمەپتۇ دىگىنىچە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتى ئۇ ئەسەببىلارچە
يات ئەلدىكى ۋەتىنىنى ۋە سۆيگىنىنى سېغىنىش
سەلىمەنىڭ فىرانسىيىگە كەلگىنىگىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە بىر نەچچە ئاي بولدى بىراق بۇ جەرياندا ھېلىقى تۈرمە ۋە تۈرمىدىكى سۆيگىنى بىرەر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقمىدى بىراق ئۇنىڭ بىر نەچچە قېتىملاپ يازغان خەتلىرى ئادرېسى خاتا دىگەن دەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتۇرۇلدى.ئۇ ئۆزىنىڭ مېڭىش ئالدىدا تۈرمىگە بىر بېرىپ كەلمىگەنلىكىدىن خاپا بولۇپ پەرىشان ئۆتۈشكە باشلىدى . لېكىن ئۇ يەنىلا بوشاشمىدى.بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئوقۇسا يەنە بىر تەرەپتىن ئالىمغا خەت يېزىشنى داۋام ئەتمەكتە ئەپسۇس خەتلەر يەنە شۇ ئادرېسى خاتا دىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتىپ كېلىشكە باشلىدى،بۇ ئىشلار ئۇنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلاتتى.ئوقۇشىنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتى ۋەتەنگە تەتىل جەريانىدىمۇ قايتىپ كېلىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى.دىمەك ئۇنىڭغا يات ئەلدە تۇرۇپ سۆيگىنى،ۋەتىنىنى ئەسلەشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى.
جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا
گۈزەلنۇر ھېلىقى خەتنى قولغا چۈشۈرگەن كۈندىن باشلاپ باشقىچە روھلۇنۇپ كەتتى،ئۇ بىر تەرەپتىن ئالىمغا سەلىمە نامىدا خەت يازسا يەنە بىر تەرەپتىن ئالىمنى يوقلاپ كېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدى.ئۇ ھەممە ئىشلارنى ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ،ئالىم تۇرۇشلۇق تۈرمىدىن تونۇش تاپقاندىن كېيىن ئۇنى يوقلاپ باردى.ئۆزىنى سۆيگىنى ئەمەس بەلكى ساۋاقدېشىنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئالىم تولىمۇ ھەيران قالدى ۋە مىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىمنى سەلىمەدىن باشقا بىرەر ساۋاقدېشىممۇ بىلمەيدىغان تۇرسا ئۇ قانداقسىگە بىلىپ قلالغاندۇر ؟دىگەنلەرنى خىيالىغا كەلتۈردى،ھەم سەلىمە توي قىلىپ بولغانلىقى سەققىدە يازغان ھېلىقى خەتلەر ئېسىگە كەلگىنىدە كۆڭلى بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ يەنە كۆرۈشۈش ئۆيىگە ياللاپ ئېلىپ چىقىلدى ھەم گۈزەلنۇرنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى.گۈزەلنۇر كۆزلىرىگە ياش ئالدى ئالىمنىڭ كۆڭلىمۇ بىر خىللا بولۇپ قالدى گۈزەلنۇر كۆز چاناقلىرنى سۈرتكەچ :
-ئەسلىدە سەلىمەمۇ كەلمەكچىدى بىراق يولدىشى ئۇنىمىغانلىقتىن كېلەلمىدى دىدى ئالىمغا ."يولدىشى"دىگەن بۇ سۆزدىن كېيىن ئالىمنىڭ بەدىنى تىككەنلىشىپ تەنلىرى شۈركىنىپ كەتتى ۋە قۇلىقىغا ئىشەنمىگەن قىياپەتتە ئۇنىڭدىن يېنىشلاپ سورىدى.
-شۇنداق ئالىم تەقدىرگە بوي ئەگمەي ئامال يوق ،ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقىمۇ بولمايدۇ ،سىزنى ساقلاۋېرىپ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى شۇنۇڭ بىلەن توي قىلىۋالدى .
-ياق مەن ئىشەنمەيمەن تېخى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن مېنى يوقلاپمۇ كەلگەن خەتمۇ يازغاندى ،بۇ مۈمكىن ئەمەس دىدى ئالىم كۆزلىرىگە ياش ئالغان قىياپەتتە.
-سىز يېقىندا ئۇنىڭ يازغان خىېتىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان ئوخشىمامسىز ؟سەرىدى گۈزەلنۇر بىلمەسكە سېلىپ ئۇنۇڭدىن .
تاپشۇرۇپ ئالدىم بىراق ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىم ،ئۇ خەتنى ئۆزى يازغاندەك قىلمايدۇ دىدى ئالىم.
-خەت يازغاندا مەن يېنىدا بار ئىدىم ،ئىشەنمىسىڭىز مۇنۇ مېدالىئونغا قاراڭ .ئۇ توي قىلىش ئالدىدا بۇنى ئەمدى ئۇنىڭ كېرىكى يوق دىگىنىچە ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىغاندى مەن شۇ يەردىن بۇنى تېرىۋالدىم دىگىنىچە كوپتىسىنىڭ بىر نەچچە تال تۈگىمىسىنى يېشىپ بوينىدىكى مېدالىئوننى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى شۇ تاپتا ئۇنىڭ كىشىلەرنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىلاستىكىلىك كۆكسى "مانا مەن" دەپلا چىقىپ قالغاندى.ئالىم مېدالىئوننى تونىدى .بۇ دەل سەلىمەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغان مېدالىئون ئىدى.گۈزەلنۇر تونۇش ساقچى ئارقىلىق ئالىمنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى.ئالىم شۇ تاپتا ئۇ ھېلىلا ئۇچۇپ كېتىدىغان قۇشقىلا ئوخشاپ قالغاندى.
شۇندىن ئېتىبارەن گۈزەلنۇر ھەر ئايدا بىر قېتىم دىگۈدەك ئالىمنى يوقلاپ تۇردى ئالىم ئەمدى سەلىمەنىڭ گېپىنى قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.قارىغاندا ئۇ سەلىمەدىن ئۈمىد ئۈزگەندەك قىلاتتى.
مانا سەلىمەنىڭ ئالىمنىڭ خۋىرىنى ئالامىغىنىغىمۇ 4يىلدىن ئاشتى ئۇ ئوقۇشىنى غەلبىلىك تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى بىراق يەنىلا ئالىمنىڭ دېرىكىنى ئالالمىدى.ئۇ سۈرۈشتە قىلىش ئارقلىق ئالىم تۇرغان تۈرمىگە باردى بىراق ئالىمنىڭ تۈرمىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى ،ئۇ ئالىم تۇرغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتقا بارغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئۇنىڭ دېرىكىنى ئالالمىدى.سەلىمەنىڭ كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان ئۆتۈشكە باشلىد ئۇ يەنىلا ئاشۇ ئالىمنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتمىگەندى.گۈزەلنۇرمۇ سەلىمەگە بۇ توغۇرلۇق ھېچقانداق پاراڭ قىلمايتتى.بىر كۈنى سەلىمە گۈزەلنۇر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئالىم ئېلىپ بەرگەن مېدالىئوننى چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى .گۈزەلنۇر ئۇنۇڭغا ھېسدشلىق قىلغان قىياپەتتە :
-نەلەردىمۇ چۈشۈرۈپ قويغانسەن دوستۇم ،قانداقلا بولمىسۇن ئالىمنىڭ ساڭا قىلغان سوۋغىتى ئىدىغۇ ئۇ دىدى سەلىمەگە.
-مەن ئۇنى ياتاقتا چۈشۈرۈپ قويغاندەكلا قىلىمەن ئاداش دىدى سەلىمە.
-ياتاقتا چۈشۈرۈپ قويغان بولساڭ ماڭا ئۇچۇرىماسمىدى ،مەنزە شۇنى تىقىۋالدىغان ئادەممۇ سەنچە دىدى سەل رەنجىگەن قىياپەتتە.
-ياقەي سېنى تىقىۋالدى دىگىنىم يوق ئاداش ،ئىش قىلىپ مەن ئۇنى ياتاقتا چۈشۈرۈپ قويغاندەك ھېسىياتتا بولۇۋاتىمەن دىدى ئۇ.
-بولدى قىلە ئەمدى ياش بىر يەرگە بارغاندا قالايمىقان خىيالدا بولماي،ئەگەر سەن شۇ مېدالىئوننى ياخشى كۆرگەن بولساڭ باشقا بىرنى سېتىپ ئالساڭ بولمىدىمۇ ؟دىدى گۈزەلنۇر جاۋابەن.
-نەدىكى گەپنى قىلىسەن ئادش سېتىپ ئالغانغا ئۇ ئوخىشىمايدۇ دىدى سەلىمە.
-بولدى قىلە ئاداش بەلكى ئۇ توي قىلىپ بىر نەچچە بالىلىق بولۇپ كەتكەندۇ ھەرقاچان .شۇندق قىلىپ ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئاخىرلاشتى سەلىمە ئۆيىگە قايتتى.گۈزەلنۇر توۋا بۇنى قارىمامدىغان تېخىچىلا ئالىمنى ئۇنتىمىغانلىقىنى؟ئالىم دىگەنمۇ تازا بىر ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان نەرسە ئىكەن تۈرمىدىن چىقىۋېلىپ مىنى ئىزدەپمۇ قويمىدى دىگەنلەرنى خىيال قىلىشقا باشلىدى.
كۈز ئايلىرنىڭ مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى قاش قارايغان مەزگىل تاللا بازارلىرى تاقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە ئايرىم يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى ۋە كىچىك ئاشخانىلار تېخىچە تىجارەتنى توختاتمىغاچقا كىشىلەر شلاڭ كىرىپ -چىقىپ تۇراتتى.ئالىمنىڭ قۇرسىقى توق بولسىمۇ ،بىر ئاز ئىچكۈسى كېلىپ پارچە ھاراق ساتىدىغان بىر كىچىك دۇكان تەرەپكە بۇرۇلدى.
ئالىم ئىككى رومكا قېقىۋالغاندىن كېيىن پۇلىنى تۆلەۋاتقاندا ،ئۇنىڭ يېنىغا خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا گۈزەلنۇر پەيدا بولۇپ قالدى.ئۇ تاتلىق تۈرۈمگە ئامىراق بولغاچقا ئۆيىگە قايتىۋېتىپ يول ئۈستىدە بىر ئاز يىمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىرگەندى.ئۇ ئالىمنى تونۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە.
-ياخشىمۇسىز ئالىم،نەچچە ۋاقتىن بېرى يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ مېنىڭ سىزنى ئىزدەپ بارمىغان جايىم قالمىدى.بۈگۈن بۇ ياقلارغا قەدىمىڭىز يېتىپ قاپتۇغۇ،ئۆزىڭىز يالغۇز بۇ يەردە نىمىش قىلىپ يۈرۈيسىز؟-دىدى گۈزەلنۇر ئالىمغا نازلىق تىكىلىپ تۇرۇپ.
ھە،ھە ئالىم بىر ئاز ھودۇقۇپ قالدى،-مەن بىر ياقتىن كېلىۋاتاتتىم ،يول ئۈستىدە ...-يالغان سۆزلەشكە مەجنۇر بولدى ئالىم.
-يەنە شۇ سەلىمە ئېسىڭىزدىن چىقماپتۇ-دە!؟دىدىمغۇ ئۇ توي قىلىپ كەتتى دەپ .يۈرۈڭ ئۇ توي قىلىپ كەتكەن بولسا مەن بار ئىچىڭىزنى پۇشۇرماڭ ،يۈرۈڭ ئۆيگە باشلاي،كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالسە ئەجەپ ئەمەس،ئۇنىڭ ئۇستىگە سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ئاڭلاش ئارزۇيۇمغىمۇ يېتەرمەن.
-ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت.
-رەھمەت دىگىنىڭىز نېمىسى ؟بارغاندىن كېيىن مېنىڭ كۈتۈشۈمگە قاراپ رەھمەت ئېيتسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز،يۈرۈڭ!-گۈزەلنۇر ئالىمغا يېپىشتى.
رەھمەت، قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى،بۇ چاغدا ئۆيىڭىزگە بارسام بولماس،-سىرتقا چىققاندا ئالىم ئۆزرەخالىق بىلدۈردى.
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز ،ئۇنۇڭدىن كۆرە بىزدەك كىشىلەرنى ئۆزۈمگە تەڭ قىلمايمەن دىسىڭىزچۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس ،مەن دىگەن بىر جىنايەتچى سىز چۈشىنىشىڭىز كېرەك.
-چۈشەنگەچكە ھالىڭىزغا يېتەي دەۋاتىمەنغۇ.
ئالىم بوينىنى باغلىغان كېيىكتەك نائىلاج گۈزەلنۇرغا ئەگىشىپ ئۇنۇڭ ئۆيىگە يېتىپ باردى.ئۆي پاكىزە ،رەتلىك،ھەم ئازادە بولۇپ ئەتىر پۇراپ تۇراتتى.
-ئولتۇرۇڭ .-گۈزەلنۇر ئالىمنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن قولىدىكى نەرسىلەرنى ئۈستەلگە قويۇۋېتىپ سۆزلەشكە باشلىدى .-كۆرۈۋاتىسىزغۇ موشۇنچىۋالا چوڭ ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز تۇرىمەن،تارتىنماڭ.
ئالىم تېخىچە خۇدۈكسىرەپ تۇرغانلىقتىن گۈزەلنۇرنىڭ قىزغىن پاراڭلىرىنى جاۋابسىز قالدۇردى.گۈزەلنۇر ئۈستەللەرگە نەرسە-كېرەكلەرنى تىزىۋاتقاچ يەنە ئالىم بىلەن يەنە چېقىشقىلى تۇردى:
-نىمە بولدىڭىز يەنە شۇ سەلىمەنى ئويلاۋاتامسىز ؟ئۇ بولمىسا مەن بار ئەمەسمۇ ئېچىلىپ -يېيىلىپ ئولتۇرسىڭىزچۇ،-دەپ چەينەكتىكى چاينى پىيالىغا قۇيۇپ ئالىمغا سۇندى،-سىز تولىمۇ تارتىنچاق بولۇپ كېتىپسىز-ئەكىلىڭ،چاپىنىڭىزنى ماڭا بېرىپ ئازادېرەك ئولتۇرۇڭ،ئۆينىڭ ھاۋاسى دىمىق.
-ئاۋارە بولماڭ.
-پېتىڭىزدىن چۈشمەي ،مۇنداق ئولتۇرسىڭىز مەن خاتىرجەم بولالمايدىكەنمەن،يېشىنىپ ئولتۇرۇڭ،بولمىسا ئۆزۈم سالدۇرۇپ قويىمەن.
-ياق،ياق،مەن ئۆزۈم...
گۈزەلنۇر ئالىمنىڭ قولىدىن كاستومنى ئالغاندىن كېيىن كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويۇۋىدى،شۇئان ئۇنىڭغا خۇددى ئالىم بىلەن ئۆزىنىڭ گەۋدىسى قوشۇلۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ،تاتلىق بىر ھېسىياتقا چۆمۈلۈپ قالدى.ئۇ نېمىنىدۇر خىيال قىلىپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن ،دەرھال ئارقىغا بۇرۇلۇپ :
-سىز ئەمدى مېنىڭ بىر دەملىككە سىرتقا چىقىپ كىرىشىمگە رۇخسەت قىلىڭ .مەن ناھايىتى چاپسانلا قايتىپ كىرىمەن،-دىدى-دە،ئالىمنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي قولىغا سومكىسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئالىم تېلىۋېزور ئۈستىلىگە قويۇلغان ئالبۇمنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ بولغىچە گۈزەلنۇر كاۋاپ،توخۇ قوردىقى،يەنە بىرمۇنچە قورۇما ۋە بىر بوتۇلكا ھاراقنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى.
-ئۆيۈمگە يەتكەن قەدىمىڭىزنىڭ ھۆرمىتى ،مەندەك بىر ساۋاقدېشىڭىزنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن قەدەھنى قولۇڭىزغا ئېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،-دىدى ئۇ ئىككى رومكىغا ھاراق تولدۇرۇپ،ئالىم گۈزەلنۇرنىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە ھەرىكىتىنىڭ بۇنچىلىك چاققانلىقىغا كۆڭلىدە ئاپىرىن ئوقۇسىمۇ،لېكىن ھە دىگەندىلا تەمتىرەپ قالدى.كېيىن گۈزەلنۇرنىڭ قايتا-قايتا زورلىشى بىلەن قەدەھنى قولىغا ئالدى ۋە ئۇنىڭ قولىدىكى بىلەن يېنىك سوقۇشتۇرغاندىن كېيىن بىراقلا كۆتۈرىۋەتتى.گۈزەلنۇرمۇ ھۆرمەت يۈزىسىدىن بولسا كېرەك ،قەدەھكە لېۋىنى تەككۈزدى.
ئالىمنىڭ رومكىسىغا يەنە ھاراق قۇيۇلدى.
-شائىرلارنىڭ سېغىنىش ،ئىنتىزار ھەققىدە يازغانلىرىنى ئىلىگىرى ئوقۇپ باققان بولسداممۇ ،تازا تېگىگە ياتمەپتىكەنمەن،مانا ئەمدى سىزنى ئويلىساملا ئاجايىپ بولۇپ قالىمەن،-دىدى گۈزەلنۇر ئالىمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ ،-بىراق سىز مىنىڭ قىلغانلىرىمنى بىلمىدىڭىز ،لېكىن مانا ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈۋاتىسىز سىز تۈرمىدىن چىقىپ يوقاپ كەتكەندىن بېرىس مېنىڭ دېرىكىڭىزنى قانچىلىك قىلغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ئەگەر مەن سىزنىڭ بار يېرىڭىزنى بىلسەم ئىدىم جاھاننىڭ ئۇ قېتىدا بولغان بولسىڭىزمۇ بارغان بولاتتىم .بىراق مەن سىزنى تاپلمىدىم بۈگۈن خۇدا نىسىپ قىلىپ قايتا ئۇچرىشىپ قالدۇق ئالىپ.سىز ئەمدى سەلىمەنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ چۈنكى ئۇ سىزنىڭ سۆيۈشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.(ۋاپاغا جاپا) دىگەن شۇ- دە!،دىگىنىچە قەدەھنى قولىغا ئالدى گۈزەلنۇر.
ئارقا-ئارقىدىن قۇيۇلغان بىر قانچە رومكا ھاراقنىڭ كۈچى ئالىمغا تەسىر قىلىپ قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى،كۆزىدە قىزىللىق پەيدا بولدى،گۈزەلنۇر ئۆزىنىڭ ئالىم بىلەن ئۈلپەتلىشىپ ئولتۇرغىنىغا مەستلىكى كېلىپ،ئۇنى ھەدەپ يەپ-ئىچىشكە زورلايتتى،ئالىم ئاستا-ئاستا ئېچىلىپ ،قىزىك پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.گۈزەلنۇر ئىسسىقلاپ كەتكەنلىكنى باھانا قىلىپ ئەتەي كۆينىكىنىڭ ياقىسىنىمۇ ئېچىۋەتتى.
-سىز بۇ مېدلىوننى تونۇدىڭىزمۇ؟-گۈزەلنۇر ئالىمغا ئەتەي يېقىن كېلىپ،ئۇنۇڭغا ئاپئاق بوينىنى كۆرسىتىۋېدى ،ئۇنىڭدىكى قۇييۇق ئەتىر پۇرۇقى كامىلغا تەسىر قىلىپ يۈرىكى جىغ-قىلىپ كەتتى.ئالىم قىزنىڭ بوينىدىكى مندالىئوننى تونۇدى.
-ئېسىمدە قېلىشىچە سىز تۈرمىگە بارغاندا موشۇ مېدائىوننى تاقاپ بېرىپتىكەنسىز دىدى ئالىم.
-بۇ سەلىمە ئۈچۈن كېرەكسىز بولغىنى بىلەن مەن ئۈچۈن شۇنچە قەدىرلىك.سەلىمە ھازىر بۇرۇنقى سەلىمە ئەمەس ئۇ توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ كەتتى سىزنى كۆڭلىدىن مەڭگۈ،مەڭگۈ چىقىرىۋەتتى .
-بولدى گەپ قىلماڭ،ئالىم ئۈستەلگە بىرنى مۇشتلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى..ئاندىن ھاياجېنىنى باسالماي گۈزەلنۇرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنۇڭغا يۆلەندى.
-ئالىم ياخشىلىقنى قەدىرلەش كېرەك دىدى.- ئۇ ئەركىلەپ تۇرۇپ سەلىمە سىزدىن يۈز ئۆرىگەن ئىكەن ،سىزمۇ ئۇنۇڭدىن ئۈمۈدىڭىزنى ئۈزۈڭ،قىزىلگۈلمۇ،ئەتىرگۈلمۇ،رەيھان گۈلمۇ ھەممىسى ئوخشاشلا بىر گۈل،دۇنيادا گۈللەر شۇنچە كۆپ تۇرۇغلۇق نېمىگە ئازابلىنىسىز؟مانا مەنمۇ بىر گۈل،خالىسىڭىز مېنى قىسىۋېلىڭ ،بىر قانچە يىلدىن بېرى مەن سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى سەلىمەگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىنلا يۇشۇرۇپ كەلگەندىم،ئەمدى يۇشۇرغىدەك يېرى قالمىدى.سىزنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرىمەن،ئىشەنمىسىڭىز يۈرىكىمنى تۇتۇپ بېقىڭ،-دىگىنىچە ئالىمنىڭ قولىنى مەيدىسىگە ئېلىپ باردى.
شىر كەيىپ بولغان ئالىمنىڭ قولى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ كۆكسىگە يىتىپ باردى،ئاندىن ئۇنىڭ نازۇك بېلىگە چىرماشتى.
ئالىمنىڭ بېشى گويا ھازىرلا ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىۋاتاتتى ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ھەيرانلىق بىلەن ئۇيان-بۇيان قاراشقا باشلىدى.بېشىنى ئىككى قولى ئارىسىغا ئېلىپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ،ئۆيىدە ئەمەس بەلكى باشقا بىر جايدا ئىكەنلىكىنى سەزدى ھەم ئالدىراش كىيىملىرىنى كېيگەچ ئاخشامدىن بۇيان نېمى ئىش بولغانلىقىنى ئويلاشقا باشلىدى شۇ ئەسنادا ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى ئاستىغىنە ئېچىلىپ گۈزەلنۇر كىرىپ كەلدى،بۈگۈن ئۇ تولىمۇ خۇشال كۆرۈنەتتى ،ئىشىكتىن كىرىپلا .
-بىر دەم ئارام ائلسىڭىز بولمامدۇ ؟قەدىرلىكىم دىدى ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ.
-بولدى ئارامنى قايتىپ ئالاي دىدى جاۋابەن ئالىم.
-نىمانداق گەپلەرنى قىلىسىز بۇ دىگەن ئۆز ئۆيىڭىز جېنىم ئاخشام قىلىشقان گەپ-سۆزلەر ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتمىگەندۇ ؟
-نىمە دىيىشتۇق؟
-تولا خۇپسەنلىك قىلماڭ دىدى ئەركىلەپ تۇرۇپ گۈزەلنۇر.ئالىم يەنە خىيالغا چۆمدى ئاخشام زادى نىمىلەرنى دەپ يۈرگەندىمەن دىگەنلەرنى چاقماق تېزلىكىدە خىيالىدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى ئۇ.
-سىزگە نىمە بولدى جېنىم شۈكلەپلا كەتتىڭىزغۇ؟دەپ نازلاندى ئۇ.
-ھېچ نىمە بولمۇدۇم بېشىم چېقىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغىرىپ كېتىۋاتىدۇ شۇ دىدى ئالىم جاۋابەن.
-ئاخشام بەك كۆپ ئىچىۋالدىڭىز ھاراق چىشلىۋالغاندەك قىلىدۇ ،يۇيۇنۇۋېلىپ بىر پىيالە سۈت ئىچىۋېلىڭ ياخشى بولۇپ قالىسىز دىدى گۈزەلنۇر .ئالىم دەرھاللا يۇيۇنۇشقا كىرىپ كەتتى ھايال ئۆتمەي ئۇ پاكلىنىپ چىقتى-دە،قاينىتىلغان سۈتنى ئىچىشكە باشلىدى.
-سىز ئارامىڭىزنى ئېىلىپ تۇرۇڭ مەن ئىدارىغا بېرىپلا كېلەي دىگىنىچە سومكىسىنى ئېسىپ چىقىپ كەتتى گۈزەلنۇر.ئالىم بىر ھازادىن كېيىن سەل ئېسىنى تاپقاندەك بولدى ۋە بىر پارچە قەغەزگە قىسقىغىنا خەت يېزىپ قويۇپ ئۆيدىن چىققىنىچە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىگە قاراپ يول ئالدى .
گۈزەلنۇر بۈگۈن ئادەتتىكىگە قارىغاندا تولىمۇ خۇشخۇي كۆرۈنەتتى ،ئۇدۇل كەلگەن كىشىگە ھىجىيىپ سالام بېرەتتى .پۈتۈن ئىدارىدىكىلەر ئۇنۇڭ بۇ ھالىتىگە ھەيران قېلىشماقتائىدى.ئۇ ئىشخانىسىغا كىرىپ بىر قۇر ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن ،سەلىمەنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى ئۇلارنىڭ كۆرۈشمىگىنىگە خېلى ئۇزۇن بولغاندى.ئۇنىڭ كۆزىگە سەلىمە خېلىلا قېرىپ قالغاندەك چاچلىرى بەكلا ئاقىرىپ كەتكەندەك بىلىندى،خۇش كەيپىياتتا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى .ئۇلار قىسقىغىنە تېنىچلىق-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن سەلىمەگە تىكىلىپ تۇرۇپ.
-ۋوييەي ئاداش قېرىپ خۇددى ئاپامغىلا ئوخشاپ قاسەنغۇ ؟چېچىڭنى بويۇتۇۋالساڭ بولمامدۇ ؟موشۇ كۈنلەردە نىمە بولۇۋاتىدىغانسەن،يۈرۈش -تۇرۇشقىمۇ دىققەت قىلمايدىغان بولۇپ كېتىۋاتىسەن،يەنىلا شۇنى خىيال قىلىپ يۈرەمدىغانسەن؟توۋا ئۇنداق ۋاپاسىزنى خىيال قىلىپ نىمە قىلىسەن؟كونىلاردا "سىرلىساڭ سىر يالىقى ،بولمىسا ئىت يالىقى"دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟ئۆزۈڭنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرگىن دوستەك دىگىنىچە بۇل-بۇلدەك سايراپلا كەتتى.
-ئەمدى نىمە ياسىنىشكەن ئۇ ياش قىرىقتىن ھالقىغاندا دىدى سەلىمە كۈلۈپ تۇرۇپ.
-نىمە دىگىنىڭ ئۇ سەن بىلەن بىز قېرىمىدۇق تېخى ،ئون گۈلۈڭنىڭ بىرى ئېچىلماي قېرىدىم دەيدىكەنسەنغۇ؟يا سەن خېمەك ساماستىن قېرىپ كېتىدىغان ئاقسۇ كاۋىسىمىدىڭ يا ؟دىگىنىچە كۈلۈپ كەتتى.
-سەنزە بارغانچە قىززىقچى بولۇپ كېتىۋاتىسەن جۇمۇ دىدى سەلىمە خۇش ياقمىغان قىياپەتتە.گۈزەلنۇرنىڭ سەلىمەنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتكۈسى كەلمەيتى،نېمىنىدۇر ئۇنۇڭغا دىيىشنى ئويلۇشىۋاتاتتى.بۇنى سەزگەن سەلىمە .
-ھە بۈگۈن تولىمۇ خۇشال كۆرۈنىسەنغۇ بىرەر نەرسە تېپىۋالمىغانسەن دىدى ئۇنىڭغا ئەتەي.
-ياقەي نىمە تېپىۋالاتتىم ،گەرچە بىرەر نەرسە تېپىۋالمىغان بىلەن بۈگۈن مەن تولىمۇ خۇشال ،ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن دىگىنە ئاداش دىدى گۈزەلنۇر.ئۇنىڭ پارىڭىنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى سەزگەن سەلىمە.
-دوستۇم بۈگۈنلا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىيال بار ئىدى مەن دەرھال تەييارلىشىم كېرەك كىيىنچە ۋاقىت چىقىرىپ پاراڭلاشساق قانداق دىدى ئۇنىڭغا.
- گۈزەلنۇر سەل خۇشياقمىغان قىيپەتتە،بولمامدىغان دىگىنىچە چىقىپ كەتتى.ئۇ سەلىمەنىڭ ئىشخانىسىدىن چىققىنىچە ،ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن موشۇنچىۋۇلا خۇشال ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن يەنە بىرنەچچە ئىشخانىنى ئارىلاپ چىققاندىن كېيىن قولى ئىشقا بارماي مىجەزىم يوق دىگەننى باھانا قىلىپ ئۆيىگە قايتتى.ئۇ يول بويى ھەر خىل خىياللارنى قىلاتتى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قەدىمى بىر ماگازىننىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز توختاپ قالدى ۋە ماگازىنغا كىرىپ كەتتى.ئۇ ماگازىندىن ئالىمغا ئاتاپ بىر قۇر كادتوم بۇرۇلكا ئالغاندىن كېيىن ئۆيى تەرەپكە راۋان بولدى.ئۇ ئۆيگە يىتىپ كەلگەندە ئالىم يوق ئىدى،دەل شۇپەيتتە ئۇنىڭ كۆزى ئۈتەلدە تۇرغان بىر پارچە خەتكە چۈشتى ۋە چاققانلىق بىلەن ئۇنى ئوقۇشقا باشلىدى.ئۇ خەتنى ئوقۇپ ھۆرمەتلىك گۈزەلنۇر كېيىپچىلىكتە قىسمەن سۆزلەرنى قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشۈم ئەسلا مۈمكىن ئەمەس چۈنكى مەن بۇ دۇنيادا پەقەتلا بىر سەلىمەنى ياخشى كۆرگەن ئىككىنچى بىرنى ياخشى كۆرۈشۈم مۈنكىن ئەمەس.گەرچە سەلىمە بىلەن بىرگە بولۇش ماڭا نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرىمەن .مېنىڭ بۇ دۇنيادا ئۇنىڭدىن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈم ئەسلا مۈكىن ئەمەس دىگەن قۇرلاغا كەلگەندە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتى يېنىشقا باشلىدى-دە،ئەسەببىلەرچە بەر نەچچىنى قاتتىق توۋلىغاندىن كېيىن خەتنى يىرتىپ پارە-پارە قىلىۋەتتى.ۋە بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئالغان ھالدا ئۈن سېلىپ يېغلاپ تاشلىدى.
گۈزەلنۇرنىڭ روھى كەيپىياتى كۈنسايىن يامانلىشىشقا باشلىدى ،شۇ تۈپەيلى ئۇ ھەرقانداق بىرىگە ئىللىق چىراي مۇئامىلە قىلمايدىغان بولۇپ قالدى بولۇپمۇ سەلىمەگە شۇنداى ئۆچ بولۇپ كەتتىكى ئۇنى كۆرەرگە كۆزىمۇ يوق ئىىدى.برى كۈنى ئۇ بىر دوستى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئەھۋاللارنى ئۇنۇڭغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردى.ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان دوستى دەرھاللا ئۇنىڭغا :
-ئەمىسە سەن ئۇنى ئۆزلىكىدىن سېنى ئىزدەپ كېلىدىغان قىلىۋەتسەڭ بولمامدۇ ؟دىدى.
-قانداق قىلىپ شۇنداق قىلىۋېتىمەن؟سورىدى گۈزەلنۇر ھەيرانلىق بىلەن.دوستى ئۇنىڭ قۇلىقىغا نېمىلەرنىدۇر پىچىرلىدى.
-ئۇ سەل ئىشەنمىگەن قىياپەتتە راست شۇنداقمۇ قىلغىلى بولامدۇ؟دەپ سورىدى.
-بولمايدىغان نەرى بار .بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ساماندەك دىدى ئۇ كەسكىنلىك بىلەن.
-ئەمىسە قاچانلىققا بارىمىز سورىدى گۈزەلنۇر ئۇنىڭدىن.
-سەن ئىدارەڭدىن بىر نەچچە كۈنلۈك رۇخسەت ئالغىن ئالدىن قاچانلىققا دىسەو مەن تەييار دىدى دوستى جاۋابەن.گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن گۈزەلنۇر نىمە قىلارنى بىلمەيلا قالدى ۋە ئەگەر ئىش پۈتىدىغانلا بولسا سېنى ئوبدان رازى قىلىمەن ئاداش دىگىنىچە ئۇنىڭ بىلەن خۇشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى.بۈگۈن كېچىچە كىرپىك قاقماي چىققان گۈزەلنۇر بالدۇرلا ئىدارىغا باردى ۋە مىجەزىم يوق دىگەننى باھانا قىلىپ رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن ھېلىقى دپستىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى.دوستى ئۇنۇڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن .
-سەندە ئۇنىڭ رەسىمى بارمۇ دەپ سورىدى.ئۇ سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن بار دەپ جاۋاب بەردى.
-ھېلىقى سەلىمە دىگەننىڭچۇ سورىدى ئۇ يېنىشلاپ ئۇنىڭمۇ بار
-ئۇنداق بولسا ھەر ئىككىلىسىنىڭكىنى ئېىلىۋالغىن لازىم بولىدۇ دىدى دوستى ئۇنۇڭغا .شۇنداق قىلىپ گۈزەلنۇر كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەقلىگەندىن كېيىن .دوستى بىلەن يولغا چىقتى.
ئاپتۇبوس چاقماق تېزلىكىدە ئىلگىرلەشكە باشلىدى،يولوچىلارنىڭ ھەممىسى خۇشال بىراق گۈزەلنۇرنىڭلا كەيپىياتى ناچار ئىدى،ئۇ بىر دەم ئۇنداق ياكى بۇنداق ئىشلاردىن رەنجىيتى ،دوستى بولسا ئۇنۇڭغا،ئەرزىمەس ئىشلاردىن خاپا بولماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتى،بىراق ئۇ يەنىلا دوستىغا قاراپ:
-قارا ئاداش ئاۋۇ بىر جۈپلەرنى قېرىغىنىغا باقماي يېقىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكىنىنى توۋا!
ئاۋۇلارنى دىمەمسەن تېخى دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ جېنىغا تېگىش بىلەن بىرگە بارلىق يولوچىلارنىڭ كەيپىياتنى بۇزۇشقا باشلىدى.نازاكەت ئۇنىڭغا تازا بىرنى ئالىيىپ قاراپ قويغاندىن كېيىن سەمىمىيلىك بىلەن :
-دوستۇم باشقىلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ساڭا ياقمىغان بولسىمۇ بىراق سېنىڭ بۇنداق كايىپ كېتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. نىمە قىلىسەن ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلىشىپ
ئۇنداق قىلىۋەرسەڭ كىشىلەر بىلەن ئاسانلا ئازارلىشىپ قالىسەن ،شۇنداق بولغاچقا
ھەر قانداق ئىشتا ئۆزۈڭنى تۇتۇۋېلىشىڭ كېرەك دىدى خاپا ھالدا.شۇندىلا ئۇنىڭ ئاغزى ئارام ئېلىشقا باشلىدى.
ماشىنا ئالاھەزەل بىر نەچچە سائەتچە يول يۈرگەندىن كېيىن ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ كەلدى.نازاكەت بىلەن گۈزەلنۇر مىنىبوسقا ئولتۇرۇشۇپ خەلقچىل تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.ئارىلىق ئانچە يىراق بولمىغاچقا ئۇلار ھەش-پەش دىگۈچە ئۆزلىرى ئىزدىمەكچى بولغان موللىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىشتى.ئىگىز ،ھەيۋەتلىك قىلىپ چۆرۈلگەن قورو تام،كۆركەم دەرۋازىلىق بۇ قورو جاي باشقا ھەرقانداق بىر قۇرۇلۇشلاردىن مانا مەن دەپلا پەرقلىنىپ تۇراتتى.قورو ئەتىراپىدا نۇرغۇنلىغان ئۇلاق
ھارۋۇلىرى شۇنداقلا ھەر خىل تىپتىكى ماشىنىلار توختاغلىق بولۇپ ،بۇ يەرگە كېلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى،نازاكەت دوستىغا
-قار ئاداش ئاۋۇ كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىنى ئۇلارمۇ رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ،موللىغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن كەلگەنلەر دىگىنىچە سومكىسىدىن ياغلىقىنى چىقىرىپ بېشىغا ئارتتى،گۈزەلنۇرمۇ شۇنداق قىلدى.
كۆرۈنۈش ئۈچۈن كەلگەنلەر كۆپ بولغاچقا ئىككىلەن ئامالنىڭ يوقىدىن نۆۋەت كۈتۈشكە باشلىدى.شۇ ئەسنادا 40نەچچە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر جۈپ ئەر-ئايال 12ياشلار چامىسىدىكى بىر بالىنى يېتىلىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى-دە.
-غېنى موللامنىڭ ئۆيى موشۇمۇ دەپ سورىدىن ئۇلاردىن.
-شۇنداق دىدى جاۋابەن نازاكەت.بالا جىم تۇرمايتى بىر دەم ئىشەكنى دوراپ ھاڭرىسا بىردەم باشقا ھايۋانلارنى دورايتتى يەنە بىردەم نېمىلەرنىدۇر ئۈنلۈك توۋلايتتى.بىچارە نارسىدىگە نىمە بولغانلىقىدىن باشقىلارنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى.شۇندقتىمۇ ئۇنۇڭ بىمار ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى .ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ،ئاتا-ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بالىلار ئۈچۈن تولىمۇ قىززىقارلىق
تۇيۇلاتتى.
نۆۋەت ھېچ بىر كېلەي دىمەيتتى قۇرساقلىرى ئېچىپ ئۈچەيلىرى دۈمبىسىگە چاپلىشىپ قالاي دىگەن نازاكەت دوستىنى نۆۋەت ساقلاشقا قالدۇرۇپ قويۇپ يىگۈدەك نەرسە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ماڭدى.گۈزەلنۇر يەنىلا شۇ ئالىمنى سەلمەگە ئۆچ قىلىۋېتىش توغۇرلۇق ئويلىشاتتى .ئۇ كۆڭلىدە بۇ موللام شۇنى قىلالارمۇ؟ئەگەر شۇنداق قىلالايدىغان بولسىلا قانچىلىك ئىقتىساد كەتسە مەيلىدى دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتى .
خىيال قىلغانچە روھلىناتتى ئۆزىنى ئەتىلا ئالىمنىڭ قوينىدا كۆرىدىغاندەك ھېس قىلاتتى شېرىن خىياللار ئۇنى مەست-خۇش قىلغاندى،تۇيۇقسىز ئۇ شەلپەردەك قىزاردى ھەم ئىختىيارسىز.
- ئالىم !دەپ ۋارقىراپ سالدى. كۆپچىلىك دەرھال نەزىرىنى ئۇ تەرەپكە ئاغدۇردى ئۇ سەل ھۇشىنى تاپقاندەك بولۇپ ئەتراپقا بىر قۇر سەپ -سالغاندىن كېيىن يۈزىنى چىمداپ باقتى ۋە جىمىپ قالدى.
ھايال ئۆتمەي نازاكەتمۇ پىچىنە،سۇ قارارلىقلارنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى .ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن ھېلىقى بالىمۇ يۈگۈرۈپ كەلدى ،نازاكەت ئۇنۇڭ قولىغا بىر نەچچە تال پىچىنە بىلەن بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇنى تۇتقۇزدى،بالا ئۇلارنى ئالغاندىن كېيىن ئورنىدا تاقلاپ كەتتى ۋە پىچىنىنى دەرھاللا ئاغزىغا سېلىۋېتىپ ،مېنىرال سۇنى يەرگە تاشلىدى ھەمدە گۈزەلنۇرغا قاراپ:
- يۈرە ئويناپ كېلەيلى سەن بەك چىرايلىق ئىكەنسەن،مەن سېنى تونۇدۇم سەن مىنى تونۇمايۋاتامسەن دىگىنىچە ئۇنۇڭ قولىدىن تارتتى.بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى دەرھال كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتتى.گۈزەلنۇرنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىگەن بولسىمۇ بىراق نازاكەتنىڭ قاراپ قويۇشى بىلەن ئاچچىقىغا ھاي بەرگەندى .ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئۇنىڭ بالىنى تىللىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى چۈنكى ئۇمۇ ھەسەتخورلۇق تۈپەيلى ھېلىقى بالىغا ئوخشاپراق قالغاندى.
ناماز پېشىندىن يېنىپ ئۇلارغا ئارانلا نۆۋەت كەلدى گۈزەلنۇر بىلەن نازاكەت قورو ئىچىگە كىردى تال باراڭ ئاستىدىكى كارىۋاتتا بىر مۇنچە كىشى ئولتۇرۇشاتتى ،سەل نېرىراقتا يەنە بىر نەچچەيلەن نىمىلەرنىدۇر قىلىشىۋاتاتتى.
-بۇلار موشۇ ئۆيدە تۇرۇپ داۋلىنىدىغان كىشىلەر ئىكەن مەن ئالدىنقى نۆۋەت كەلگىنىمدىمۇ خېلى نۇرغۇن كىشى بار ئىدى،بۈگۈنمۇ بەك كۆپ ئىكەن دىدى گۈزەلنۇرغا.ئىككىيلەن تال باراڭدىن ئۆتۈپ پىشايۋانلىق قىلىپ يېڭىدىن سېلىنغان بىر قاتار ئۆينىڭ يېنىغا كەلدى.شۇ ئەسنادا 10ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا ئۇلارغا ئىشىكى قىيا ئوچۇق تۇرغان ئۆينى ئىشارەت قىلدى شۇنۇڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆيگە كىردى.چوڭ قىلىپ سېلىنغان بۇ ئۆيگە ماسلاشتۇرۇپ يوغان كاڭ سېلىنغاندى،كاڭنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل نۇسخىدىكى گېلەملەر سېلىنغان بولۇپ موللىنىڭ قول ئىلىكىدە بار كىشى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى.ئۇلارنىڭ كىرىشى بىلەن.
- قېنى كېلىشسىلە دىگىنىچە 60نەچچە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇغداي ئۆڭ ،كەكەساقاللىق موللام ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۇلارنى يۇقۇرى ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى.
ئۇلار جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن .
-بىمار قايسىلىرى بولىدىلا ؟ سورىدى موللام.
-ماۋۇ دوستۇم دىگىنىچە يېنىدىكىنى ئىشارەت قىلدى نازاكەت.
-ئۆزلەنىڭ ئىسىملىرى كىم بولىدۇ؟
-گۈزەلنۇر دىدى جاۋابەن ئۇ.موللام تەسۋىسىنى سېرپ كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە ئۇنجۇل-
مۇنجۇل دىگەندەك چۈشۈنۈكسىز بىر نىمىلەرنى پىچىرلاشاقا باشلىدى ۋە بىر ئازدىن كېيىن ئۇنۇڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
-ئۆزلەنىڭ غولى توختىماي ئاغرىيدىكەن،سىلى ئەقەللى ئەمگەك قىلىدىكەنلا ،يولدىشىڭز يوق ئىكەن ،سىزدە ئىسسىتقۇ-سوۋۇتقۇ بار ئىكەن ئايرىم ئوقۇمىساق بولمايدۇ پەيشەنبە كۈنى سەھەردە تۇم قىزىل خورازدىن بىرنى ئېلىپ كېلىشسىلە ئوقۇپ قۇياي دىدى موللام ئۇنۇڭغا.
-بولىدۇ ئاز بولسىمۇ بۇنى ئېلىپ قويسىلا !گۈزەلنۇر سومكىسىدىن يۈز سوملۇقتىن بىرنى چىقىرىپ ئۇنۇڭغا ئۇزارتتى.بۇنداق قىلمىسىلىمۇ بولۇر ئىدى رەھمەت دىگىنىچە ئۇنىڭ قولىدىكىنى ئېلىپ ئاستىدىكى كۆرپىگە قىستۇرۇپ قويغاندىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈردى ئۇلارمۇ ئۇنۇڭغا ئەگەشتى .
موللىنىڭ ئۆيىدىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن گۈزەلنۇر دوستىغا.
-نىمانچە يامان ئادەم ئۇ !مىنىڭ قانداق خىزمەت قىلغانلىقىمنى،بويتاقلىقمنى ھەتتا غولۇمنىڭ ئاغرىيدىغانلىقىدىن تارتىپ بىلىۋالدى ھەقىقەتەن يامان ئادەم ئىكەن دەپ ماختاپلا كەتتى ئۇنى.
-ئۇنچىلىك كارامىتى بولمىسا سېنى باشلاپ كېلەمتىم نازاكەت سەل مەغرۇرلانغان قىيپەتتە سۆزلەشكە باشلىدى دوستىغا.ئىككىيلەن پىيادە خېلى ماڭغاندىن كېيىن بىر ئاشپۇزۇلنى تاپتى -دە،قۇرساق تويغۇزۇشقا باشلىدى.
پەيشەنبە كۈنى سەھەردە قىزىل خورازنى قولتۇقلىغىنىچە بۇ ئىككىيلەن يەنە شۇ ئۆينىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.موللا خورازنىڭ تاجىسىغا پىچاقنى بىلىنەر-بىلىنمەس سۈركەپ قويغاندىن كېيىن ئۇنى كاتەككە سولاپ قويدى ،ۋە قولىدا پىچاق تۇتقان ھالدا بىر نەرسىلەرنى ئوقۇپ پىچاقنى گۈزەلنۇر تەرەپكە شىلتىشقا باشلىدى .شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشمۇ ئاخىرلاشتى.گۈزەلنۇر موللىغا.
-بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئېيتتى موللا ئەھۋالدىن بىر قۇر خەۋەردار بولغاندىن كېيىن.
-بۇنۇڭ ئىشى ئاسان شۇ ئىككىسىنىڭ رەسىمى بولسىلا بىر دەمدىلا ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئۆچ قىلىۋېتىمەن،ھەمدە ھېلىقى يىگىتنى ئۆزلەنىڭ ئىشىك ئالدىدىن نېرى كەتمەس قىلىپ بېرىمەن دىدى.موللىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ھاياجانلانغان گۈزەلنۇر .
-مانا رەسىم دىگىنىچە سومكىسىدىن سەلىمە بىلەن ئالىمنىڭ سۈرئىتىنى چىقىرىپ موللىغا ئۇزارتتى.ئۇ رەسىملەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن.ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سوراشقا باشلىدى ،گۈزەلنۇر بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بەردى.بۇ ئىشلاردىن كېيىن موللا بىر نىمىلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى،بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئوقۇشنى توختاتتى ۋە 10-15سانتا كەڭلىكتە،بىر نەچچە مېتىر ئۇزۇنلىقتىكى قەغەزگە يېزىلغان بىر نەرسىنى ئۇنۇڭغا ئۇزارتىپ ،گۈزەلنۇر ئۇنى ئىككى قوللاپ ئالدى.
-بۇنى ئۆزلە ئۈچۈن پۈتۈپ قويدۇم ئالىمجاننىڭ ئىسىمى بار ھەر كۈنى بىر قېتىم ئوتقا ،كۈنگىمۇ بولىدۇ قاقلاپ بەرسىلە ئۇ يىگىت ئۆزلۈكىدىنلا ئۆزلەنى ئىزدەپ كېلىدۇ دەپ ئەسكەرتىپ قويدى ئۇ.
-رەھمەت موللىكا گۈزەل نۇرنىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەشكەن بولسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا چاندۇرماسلىققا سالدى.شۇ تاپتا ئۇنۇڭ موللىغا بولغان ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىدى ئەگەر يېنىدا ئادەم بولمىغان بولسا ئۇ موللىنىڭ پاتتىڭىغا ئېسىلىپ ئەركىلىپ تۇرۇپ بىر نەچچىنى سۆيۈپ قويغان بولاتتى...
ئۇ سومكىسىغا يەنە قول سالدى ھەم يۈز سوملۇقتىن بىر نەچچىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ئالدىغا .
-موللىكا بۇنى ئاز كۆرمەي يانلىرىغا سېلىپ قويسىلا دىگىنىچە ئۇزارتتى .
-بۇ ئۆزلەنىڭ نىمە قىلغانلىرى ؟بۇنداق قىلمىسىلىمۇ بولاتتى دىگىنىچە ئۇنى ئالغاندىن كېيىن يەنە شۇ كۆرپىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ قويۇپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.
شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ئىشلىرىنى تۈگىتىشىپ موللىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى يېزىۋالغاندىن كېيىن قايتىپ كېتىشتى ...
يېقىندقن بۇيان گۈزەلنۇرنىڭ كەيپىياتى ناچارلاپ ئاسانلا چېچىلىدىغان بولۇپ قالدى.ئۇنۇڭ كۈنلىرى كۈندە بىر قېتىم ھېلىقى تۇمارنى ئوتقا قاقلاش بىلەن ئۆتەتتى بىراق تېخىچە ئالىمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.شۇنۇڭ بىلەن بىر كۈنى نازاكەتنى ئىزدەپ باردى ۋە.
-قانداق گەپ بۇ ؟ھېلىقى موللا مېنى ئالدىغان ئوخشايدۇ بىر يىلدىن بېرى ئۇنى ئوتقا قاقلاۋېرىپ سارغايتىۋەتتىم،ئىسىت بىر مۇنچە پۇلۇم دىدى دوق قىلىپ.
بۈگۈن نازاكەتنىڭمۇ كەيپىياتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى ئۇ دوستىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خاپا بولغان قىياپەتتە.
-ھۇيت نىمە دەيسىز پۇلىڭىزنى مەن ئېلىۋادىممۇ بۇ گەپلىرىڭىزنىچۇ بېرىپ شۇ موللىغا دەپ بېرىڭ دىدى .شۇنۇڭ بىلەن ئۇلار تەگىشىپ قالدى ئارقىدىنلا ئاغزىلىرنى بۇزۇشتى بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا ئۇلار ئاق تاغلىق-قارا تاغلىق بولۇشۇپ كېتىشتى.ئەگەردە قوشنىلار ئارىلىۋالمىغان بولسىدى چاچلىشىپ كەتكەن بولاتتى.
ئالىم گۈزەلنۇرنىڭ ئۆيدىن چىقىپ يۇرتىغا كېلىپ بىر نەچچە ۋاقىت تۇردى بىراق،
باشقىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى بىلەن ئۇرۇغ -تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىگە يۈك بولۇپ قالارمىكىن دىگەندەك ئەنسىرەشلىرى،دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشى تۈپەيلى،بەش يىل بىلىم ئالغان يۇرتقا يەنى سەلىمە بىلەن تونۇشقان باغرى كەڭ يۇرتقا قايتىپ كەلدى.ئۇ بىر مەزگىل قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا بىرەر ئىش قىلىپ بېقىش نىيىتىدە قول ھاراۋۇسىدىن بىرنى سېتىۋالدى-دە،
كۆك تات سېتىش بىلەن شۇغۇللاندى .گەرچە جاپالىق بولسىمۇ بىراق پايدىسى يامان ئەمەس ئىدى. بەزى چاغلاردا شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدىلىلەرنىڭ سۈرۈپ -توقاي قىلغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ ئوقەتمۇ بولۇپ قالاتتى.يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ قوغلاپ ئارام بەرمەسلىكى تۈپەيلى ئۇ ئامالنىڭ يوقىدىن شەھەر مەركىزىدىن سەل يىراقتىكى بىر ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدا ئوقەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى.بۇ ئولتۇراق رايونىدا ئاھالىلەر كۆپ بولغاچقىمىكىن ياكى كۆكتات ساتىدىغانلارنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ ماللىرى بالدۇرلا تۈگەيتتى،شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ جاينى قولدىن بەرمەسلىك قارارىغا كەلدى.ئۇنۇڭ كۈنلىرى كۆكتاتلىرىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن كىتاب كۆرۈش ئانچە -مۇنچە شېئىر يېزىش بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كۈنلىرىدىن تولىمۇ رازى ئىدى، بىراق يەنىلا ئۇنى سەلىمەنىڭ ئىشقى-مۇھەببىتى قىيناۋاتاتتى.گەرچە نەچچە رەت ئۇنى ئىزدەپ بېقىش نىيىتىگە كەلگەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا ۋاز كەچتى چۈنكى ئۇنۇڭ نەزىرىدە سەلىمە ئاللا قاچان ئۆي -ئوچاقلىق بولغان .شۇنۇڭ بىلەن ئۇ بارلىق دەرت-ھەسرەتلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ ھاياتلىق سەپىرىنى تەنھالىق ئىچىدە داۋام ئېتىشكە باشلىغاندى.
گاھىدا ئۇ سەل بالدۇرراق بىكار بولۇپ قالغىنىدا تۇنجى سۆيگىنى بىلەن ئۇچۇراشقان جايغا يەنى ئانا مەكتىپىگە بېرىپ ئۇنۇڭ بىلەن تونۇشقان جايلارنى،بىرگە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئورۇندۇقلارنىڭ ئەتىراپىغا بېرىپ ئۇنۇڭ بىلەن غايىبانە كۆرۈشۈپ ھال -مۇڭ بولۇشۇپ كېلەتتى-دە، شۇندىلا كۆڭلى ئارام تاپاتتى.
ئادەمنى ۋاقىت ئەمەس دەرد-ئەلەم قېرىتىدۇ سەلىمەنىڭ چاچلىرى ئۇچتەك ئاقىرىپ كەتكەندى .ئۇ موشۇ كۈن -موشۇ ئايلاردا چاندۇرماي يۈرگەندەك قىلغان بىلەن، دەردى ئىچىدە ئىدى ،چۈنكى سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇقچە ئازاب بولمىسا كېرەك ئىنسان ئۈچۈن. بۇنداق كۈنلەرنى ئاللا ھ يەنە بىر ئىنساننىڭ بېشىغا سالمىغاي.
گەرچە سەلىمە جۈمە كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىش-كۈشلىرىنى تۈگىتىپ بالدۇرلا ئارام ئېلىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ بىراق نېمىشقىدۇر ئۇيقىسى قېچىپ تۈن نىسبىگىچە تۈزۈك ئارام ئالامىدى.شۇ تۈپەيلىدىنمۇ ئېيتاۋۇر تاڭغا يېقىن كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى ۋە چۈش كۆرۈشكە باشلىدى .چۈشىدە چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان خىزىر سۈپەت بىر بوۋاي .
-<<قىزىم ئورنۇڭدىن تۇر !كۈن قىزىلدا ئۇخلىساڭ يامان بولىدۇ،دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ سۆيگۈنۈڭ ئالىم بىلەن كۆرۈش، ئۇ سېنى ساقلاۋاتقىلى خېلى بولدى ،چاپسان بول قىزىم!>>دەپ چاقىردى.ئۇ چۆچۈپ كۆزىنى ئاچتى ھەم ئەتىراپقا سەپ -سېلىپ قاراشقا باشلىدى بىراق ھېلىقى بوۋاينىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغاندى .ئەجەپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن مېنى قارا باسقان چېغى دەپ ئويلىدى-دە،دەررۇ ئۆينى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۆكتات ئېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى.دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا سىرتتا ئادەم كۆپ ئىدى بەزىلەر بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كوچا تەرەپكە مېڭىشسا يەنە بەزىلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيلىرىگە ۋە مەنزىرە رايونلىرىغا مېڭىشقاندى.سەلىمە ئۇدۇل دەۋازىدىن چىقىپ ھاراۋۇلارنى قاتار توختۇتۇشۇپ مىۋە-چىۋە ھەم كۆك تات سېتىۋاتقانلارنىڭ يېنىغا كەلدى ھەمدە بىر نەچچە تال شوخۇلا ،مۇچ،كەرەپشە قاتارلىق كۆكتاتلارنى تارازىلاتقاندىن كېيىن پۇلىنى تۆلەپ بولۇپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ راۋان بولدى،چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇ كوچىغا چىقىپ بىردەم نىشانسىز مېڭىپ يۈرگەندىن كېيىن قانداقتۇر بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك بولدى-دە،ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل بۇرۇن بەش يىل بىلىم ئالغان ئانا مەكتىپى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.ئۇنۇڭ كاللىسىنى تۈگىمەس خىياللار چىرمىۋالغاندى.شۇتۈپەيلى مەكتەپتىن ئۆتۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى.ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ ئوڭ قول تەرەپتىكى گۈللۈك تەرەپكە قاراپ يول ئالدى .بۇ دەل ئۇنۇڭ بۇندىن 20يىل بۇرۇن تۇنجى سۆيگىنى بىلەن ئۇچۇراشقان جايى ئىدى.ئۇنۇڭ كۆز ئالدىدىن گۈزەل كەچمىشلىرى كىنو لېنتىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى،ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا يەنە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدى ۋە ئالىم بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئاستا ئولتۇدى،شۇ تاپتا ئۇ ئالىم بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرغاندەك ھېسىياتقا كەلدى-دە،ئېغىر تىنىپ قويۇپ يەنە قانداقتۇر خىياللارغا دېڭىزىغا غەرىق بولۇشقا باشلىدى،ئۇ راستىنلا ئالىم بىلەن مۇڭدىشىۋاتاتتى
چاقچاق قىلىشىۋاتاتتى تۇيۇقسىز ئۇ .
-ئالىم ئۇنداق قىلماڭ سىز بەك ئەسكى ئىكەنسىز دەۋەتتى ئۈنلۈك ئاۋازدا ،ئەتراپتىكىلەر ئۇنۇڭغا گۇمان نەزىرىدە قاراشقا باشلىدى ،شۇندىلا ئۇ ئېسىنى يىغىپ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى ھەم ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتىراپقا يەنە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن بۇ كونا جايدىن ئايرىلىشقا قىيمىغان ھالدا قايتىشقا مەجبۇر بولدى،ئۇ قايتىشقا تەمشەلگەندە كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغاندى،قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بۈگۈن سۆيگىنى بىلەن خىيالەن كۆرۈشكەندى.
بۈگۈن كېچىمۇ ئۇ يەنىلا خىيالار دېڭىزىغا غەرق بولۇشقا باشلىدى ،كۆز ئالدىدىن ئالىمنىڭ سىماسى كەتمەيتتى،ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە تېلىۋېزور كۆرۈشكە ئۇرۇنۇپ باقتى
بىراق كىنومۇ خوش ياقمىدى.بارچە ئۇيقۇ دېڭىزىغا غەرىق بولغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا شۇ ئاخىر چىقماس خىايالارغا غەرىق بولغان سەلىمە تاڭغا يېقىن ئۇيقۇغا كەتتى ۋە
ئالدىنقى كۈنىدىكى چۈشى يەنە تەكرارلاندى. ئۇ توۋا دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ تامغا ئېسىغلىق تۇرغان سائەتكە قارىدى سائەت ئون بۇلغاندى.ئۇ ئۆيلەرنى بىر قۇر تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئالبۇمنى ئالدى ھەم ئالىمنىڭ رەسىمىنى باغرىغا باستى كۈنلەر شۇ تەرەققىدە ئۆتۈۋەردى ،سەلىمەنىڭ ھېلىقى كۈنىدىكى چۈشى يەنە بىر نەچچە
قېتىم تەكرارلاندى.
كەچقۇرۇن خىزمەتتىن قايتىپ كەلگەن سەلىمە،ئۆيدە كۆكتاتنىڭ يوقلىقىنى ئېسىگە ئالدى-دە،دەرۋازا ئالدىدىكى كۆكتات ساتقۇچىدىن ئازىراق كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھاراۋۇنىڭ يېنىغا كەلدى،ھەمدە تۈگەپ قالغان كۆكتاتلاردىن تاللاپ يۈرۈپ بىرنەچچە كىلو ئالدى . پۇلنى كۆكتاتچىغا ئۇزۇتىۋېتىپ ئۇنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر قېتىم سەپ سالدى.كۆڭلىدە ئالىممۇ نىمە دىگەنلەرنى ئويلىدى چاقماق تېزلىكىدە.بىراق سوراشقا جۈرئەت قىلامىدى.ئۆيگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تاپمىدى شۇنۇڭ بىلەن قايتىدىن دەرۋازا ئالدىغا چىقتى بىراق ھېلىقى كۆكتاتچىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.ئارىدى بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى سەلىمە يەنە شۇ كۆكتات ساتقۇچىدىن كۆك تات ئالدى ۋە سەل نېرىغا بېرىپ تۇرۇپ ئۇنى خېىلى بىر ھازا كۈزەتتى ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى، ئۇ ئارقىغا يېنىپ بېرىپ ئۇنۇڭدىن.
-سىزنىڭ ئىسىمىڭىز ئالىم بولامدۇ؟ دەپ سورىدى.
-ھېلىقى كىشى سەل ھەيران بولغان قىياپەتتە بېشىنى كۆتۈرۈپ سەلىمەگە قارىدى-دە،
يۈرىكى ئەنسىز تىپىرلاپ كەتتى ھەمدە ئارانلا ھە شۇنداق .
-سىز سەلىمەمۇ نىمە دىيەلىدى ئارانلا .
-سەلىمەنىڭ كۆزلىرىدىن ئىسىسىق ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى ۋە سىزنىمۇ
كۆرگىلى بولىدىكەن دىگىنىچە ئۇنۇڭغا تەلمۈردى.ئالىمنىڭ كۆز چاناقلىرىمۇ نەملەشكەندى.زورىغا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى ۋە ئۇنىڭدىن.
-بالا چاقىلىرىڭىز تنىچلىقمۇ؟دەپ سورىدى.سەلىمە ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيران قالدى ۋە دەرھاللا .
-يۈرۈڭ ئۆيگە كىرىپ پارڭلىشايلى دىدى.
-رەھمەت ،ئۆيىڭىزدىكىلەر خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن يەنە دىدى ئالىم جاۋابەن.
-خاتا چۈشىنىپ قالىدىغانلار يوق ،يۈرۈڭ دىگەندىن كېيىن يۈرۈڭ دىگىنىچە سەلىمە ئالىمنىڭ ھارۋۇسىنى سۆرەشكە باشلىدى.
-ئەكىلىڭ مەنلا سۆرەپ ئۆتۈپ كېتەي بۇنى سىزگە ياراشمايدۇ دىگىنىچە ئالىم سەلىمەنىڭ قولىدىن ھاراۋۇنى ئالغان پېتى ئۇنۇڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ ماڭدى.شۇ تاپتا سەلىمەنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى،شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇۋالدى.ئالىم كۆڭلىدە گۈزەلنۇرنڭ ئېيتقانلىرى يالغانمۇ نىمە؟ دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتى،ۋە سەلىمەگە تويماي قارايتتى.ئىشىك ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن سەلىمە ئىشىكنى ئاچتى-دە.
-قېنى كىرىڭ دىگىنىچە ئالىمنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.ئالىم ئۆيگە كىردى ئازادە سېلىنغان بۇ ئۆي چىرايلىق بېزەلگەندى.ئالىم ئۇدۇل بېرىپ كىرىسلودا ئولتۇتدى.ۋە دۇئاغا قول كۆتۈردى دۇئادىن كېيىن تېنچلىق-ئامانلىق سوراشتى.سەلىمە دەرھال چاي دەملەپ چىقتى ھەم پىيالىگە چاي قۇيۇپ ئۇنۇڭغا ئۇزارتتى .بىرەر پىيالىدىن چاي ئىچكەندىن كېيىن سەلىمە تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتى.
ئالىم بولسا خىياللار دېڭىزىدا ئۈزۈشكە باشلىدى.سەلىمە پولونى دۈملەپ قويۇ پ چىققاندىن كېيىن ئالىم ئۇنۇڭدىن.
-بالىلار كۆرۈنمەيدۇغۇ دەپ سورىدى.
-نەدىكى بالىلارنى دەيدىغانسىز ؟مېنىڭ سىزنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلايمەن دىگەنلىرىم ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتتىمۇ دىدى سەلىمە .
سەلىمەنىڭ بۇ سۆزى ئالىمنىلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن كائىناتنى ئېرىتىۋەتكەندەك بولدى.ئالىم سەلىمەنى باغرىغا باستى ئىككىيلەننىڭ كۆزلىرىدىن بەخىت ئۈنچىلىرى تاراملاپ چۈشۈكە باشلىدى.
ئىككى يۈرەك سېغىنىش ،ئەسلەش ۋە كېلەچەكنىڭ شېرىن خىياللىرى دېڭىزىدا شوخلىشىش بىلەن تېپچەكلىدى.دەل شۇ پەيتتە دېرىزا تەرەپتىن كىرىۋاتقان ساپ ھاۋا
گۈل -چېچەكلەرنىڭ خۇش پۇراقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ،تەشنا يۈرەكلەرگە ھوزۇر ۋە راھەت بېغىشلىدى.
مانا بۈگۈن سەلىمە بىلەن ئالىمنىڭ ئەتىكى توي باغىقى گۈزەلنۇرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى . باغاقنى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلىدى ۋە ئۇنى يىرتىپ تاشلىغاندىن كېيىن نېمىلەرنىدۇر پىچىرلىغىنىچە ئوڭدىسىغا يېقىلىپ چۈشتى،قۇلۇم-قوشنىلار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئامالنىڭ بارىچە قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ بىراق ئۆت خالتىىسى يېرىلىپ كېتىپ ئۆت سۇييۇقلۇقى بەدەنگە تاراپ كەتكەنلىكتىن توي كۈنى كېچىدە بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈ ۋىدلىشىپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى.
ئىككىيلەننىڭ تويى شۇنداق قىززىپ كەتتىكى تويغا كەلگەن مېمانلارنىڭ تىللىرىدا داستان بولدى.تويدىن كېيىن ئالىم بىلەن سەلىمە گۈزەلنۇرنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى،ۋە كۆز يېشى قىلىشتى...(تامام)
مەنبە؛ ئۆزۈم
[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-08-18 11:55 AM دە ق ]