مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » يېڭى خەۋەرلەر » ئادىل ھۇشۇرغا قىلىنغان تۆھمەت<جاللات1017>
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
jallat1017
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5418
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 105
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە105دانە
شۆھرىتى: 66 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 584 سوم
ياخشى باھا: 144 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:20 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

30 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-25
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 ئادىل ھۇشۇرغا قىلىنغان تۆھمەت<جاللات1017>

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى GuZal爱你 بۇ تېمىنى مۇنبەر توغۇرسىدا دىن بۇيەرگە يۆتكىدى.(2008-12-21)
ئادىل ھوشۇرنىڭ تىنچ، خاتىرجەم كۆڭلىنى چالغىتىپ، ئۇنىڭغا بىر مۇنچە دىل ئازارلىقىنى تېپىپ بەرگەن ئىشى يالغۇز جاڭ دايۇڭنىڭ «پاش قىلىش خېتى»لا ئەمەس، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ»، «قۇڭغۇزنى تۇڭگۇز قىلىپ» ئادىل ھوشۇرنى ئازابلىغان تېخىمۇ چوڭ ئىش ئارىمىزدىن چىقتى! ئاز ساندىكى بەزىلەر جاڭ دايۇڭنىڭ «پاش قىلىش خېتى» قەپەستىن چىقىشى بىلەنلا، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىش تۈگۈل، ئەكسىچە گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، جاڭ دايۇڭغا دوست تارتىشىپ، ئادىل ھوشۇرغا تەرەپ - تەرەپتىن ئەڭ قەبىھ تىل بىلەن ھۇجۇم قىلىشتى.

«ئادىل ھوشۇر ھۆكۈمەتتىن قەشقەردە دارۋازلىق مەكتىپى قۇرۇشقا بەرگەن پۇلغا خىيانەت قىلىپ، شەخسىي پىكاپ ئېلىۋاپتۇ»، «ئادىل ھوشۇر داردىن يىقىلىپ ئۆلۈپتۇ»، «ئادىل ھوشۇر باشقىلارغا بۇزۇلغانلىقتىن، خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ، بالىلىرىنى يېتىم قىپتۇ»، «ئادىل ھوشۇر ئۆزىدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان دارۋازلارغا ھەسەت قىلىپ، ئاچچىق تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ»، «ئادىل ھوشۇر بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئىچىۋىتىپمۇ دار ئۈستىدە بىمالال ماڭالايدىكەن»...

مانا بۇلار جاڭ دايۇڭنىڭ سەپسەتىسىگە ئۇلىنىپلا ئوتتۇرىغا چىققان تۆھمەت ۋە پىتنە - پاساتلارنىڭ بىر قىسمى. مەن ئادىل ھوشۇرنى زىيارەت قىلىۋىتىپ، مۇشۇ ئىشلارنىڭ راست - يالغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ناھايىتى ئازابلانغان بىئاراملىق ھېسىياتى بىلەن، ھەر بىر مەسىلىگە ئايرىم - ئايرىم جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

-مېنىڭ ئۇيغۇر دارۋازچىلىقىنىڭ قەدىمكى بۈشۈكلىرىدىن بىرى بولغان يېڭىسار ناھىيىسىدە دارۋازلىق مەكتىپى ئېچىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىمنى ھۆكۈمەتنىڭ ناھايىتى قوللاپ، ئۇنىڭغا مەبلەغ ئاجرىتىپ بەرگىنى راست. ئەمما، ھۆكۈمەتتىن بەرگەن پۇل مېنىڭ قولۇمدىن ئۆتمەيدۇ، مەن تۈزۈپ بەرگەن لايىھە ھەم پىلانغا ئاساسەن يەرلىك ھۆكۈمەت پۇلنى ئۆزلىرى بىۋاستە خەجلەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇ پۇلغا قانداقمۇ خىيانەت قىلالايمەن؟ ھېلىغۇ ھازىر خەجلەي دېسەم ئاز - تولا پۇلۇم بار ئىكەن، نامراتلىقتىن ئاچ قېلىپ ئۆلەر ھالغا يەتسەممۇ قارا يۈز بولۇپ كېتىدىغان ئۇنداق گۇناھلىق ئىشنى قىلمايمەن.

1991-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شاڭخەيدە داردىن يىقىلىپ كېتىپ، ئۆلگىلى تاس قالغىنىم راست، خۇداغا شۈكۈر، ھېلىمۇ رىزقىم بار ئىكەن، مۇشۇ كۈنگىچە ئامان - ئېسەن ياشاۋاتىمەن.

خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ، بالىلىرىنى يېتىم قىپتۇ، دېگەن گەپكە نېمە دېسەم بولار، بۇنىڭغا قارىتا پەقەت ياقامنى تۇتۇپ :«خۇدايىم، بەندەڭنى قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتتىن ساقلىغايسەن.» دېمەكتىن باشقا ئىلاجىم يوق. مېھرىبان ئايالىم، ئۇماق ئۈچ بالىم، قىسقىسى، ناھايىتى بەختلىك ئائىلەم بار. قارىغاندا ئائىلەمنىڭ كېچە - كۈندۈز خاتىرجەملىكى ھەم ئاسايىشلىقىنى تىلىسەم بولغۇدەك.

بىر بوتۇلكا ھاراق توغرىسىدىكى گەپ بىزنىڭ شىنجاڭدىن چىققان ئەمەس، چىڭداۋدا چىقىدىغان بىر گېزىتتە بىرەيلەن مەن توغرىلىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ : «ئادىل ھوشۇر بىر جىڭ ھاراقنى ئىچىۋىتىپمۇ دار ئۈستىدە بىمالال ماڭالايدۇ« دەپ يېزىپتىكەن، كېيىن گېزىتخانا رەھبەرلىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاراقنى ھارام دەپ بىلىدىغانلىقى ۋە مېنىڭ ھاراق ئىچىش تۈگۈل، تاماكىمۇ چەكمەيدىغانلىقىمنى ئۇققاندىن كېيىن مەندىن يۈز تۇرانە كەچۈرۈم سورىدى.

مېنىڭدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان دارۋازلارغا مېنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىم توغرىسىدا سوئالنى ناھايىتى ياخشى سورىدىڭىز، مەن ئالدىڭىزدە كېسىپ ئېيتالايمەنكى، يېڭى ئەۋلاد ياش دارۋازلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆسىتىۋاتقانلىقىدىن مەن ئىنتايىن خوشال. ئۇلار كۈنسايىن ئۆرلەپ، كەسىپتە يۇقىرى پەللە يارىتىپ مەندىنمۇ ئېشىپ كەتسىكەن دەيمەن، چۈنكى بۇ دارۋازلىقنىڭ مۇقەررەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر، بەزىلەر :«ئابلەت مەجۈن ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىدا دار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسەتكەندە، ئادىل ھوشۇر بىرەر قېتىممۇ بېرىپ قويمىدى» دەپتۇ. مەن شۇ مەزگىلدە ئابلەت مەجۈندىن ئەھۋال سوراپ سۇ ئۈستى باغچىسىغا ئۈچ قېتىم باردىم. لېكىن بۇ ئىش نېمىشقىدۇ ھېچقانداق ئاخبارات ۋاستىسىدە تىلغا ئېلىنمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈزۈم كېيىن ئىشلىتىمەن دەپ ئىچكىرىدىن زاكاس قىلىپ سېتىۋالغان، سۈپەت جەھەتتىن ئىنتايىن ياخشى ئىشلەنگەن پولات سىمنى ئابلەت مەجۈننىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈندۈم. ئەگەر بۇلار قوللاس ھېسابلانمىسا، ئۇنداقتا نېمە؟ گېزى كەلگەندە سىزگە بىر ئىشنى ئېزاھلاپ ئۆتەي، دارغا چىقىپ ماھارەت كۆرسەتكۈسى كەلگەندىلا ئادەمنىڭ دارغا چىقىشىنى قوللاپ كەتمەيمەن، دارۋازلىقنىڭ ئۆزى بىر ئىلىم. شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي قائىدە - قانۇنىيەتلىرى ۋە تېخنىكىلىق ئۆلچەملىىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق. مۇشۇ قائىدە - قانۇنىيەت بىلەن تېخنىكىلىق تەلەپكە تولۇق رىئايە قىلغاندىلا، ئۇنى پۇختا ئىگىلىگەندىلا، دار ئۈستىدىكى پائالىيەت ئۆلچەملىك ۋە سەنئەتلىك بولغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى، كۈتۈلمىگەن خېيىمخەتەر، ئۆلۈم - يېتىمدىن مۇمكىن قەدەر ساقلانغىلى بولىدۇ. مېھرىگۈلنىڭ دار ئۈستىدىكى پاجىئەسى ھېلىمۇ ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق.

مەن ئادىل ھوشۇردىن:

- يۇقىرىدىكى پىتنە - پاسات ۋە تۆھمەتلەرنى ئاڭلىغان چېغىڭىزدا قانداق ھېسىياتتا بولسىڭىز ؟ - دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ ئادىتى بويىچە كۈلۈپ قويۇپ مۇنداق دېدى:

- خەقنىڭ غەيۋەت شىكايىتىنى قىلىش، باشقىلارغا يامانلىق قىلىشنى ئويلاش ئەسلىدىنلا مېنىڭ تەبىئىتىمگە يات، شۇڭا ھەمىشە باشقىلارنىمۇ ئۆزۈمگە ئوخشاتتىم. لېكىن، دارۋازلىقتا ئاز - تولا شان - شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىم تۈپەيلىدىن، بەزىلەرنىڭ تىل - ھاقارىتىگە ئۇچرىغىنىم ئۈچۈن دەسلەپتە بەك ئازابلانغان، كۆڭلۈم يېرىم بولغان. كېيىن ئۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم. «كارۋان مېڭىۋىرىدۇ» دېگەندەك، مەنمۇ ئۇ گەپلەرگە پەرۋا قىلىپ كەتمەي، ئۆز كەسپىم يولىدا مېڭىۋەردىم. كېيىن بىلسەم، ماڭا ئوخشاش كەسىپتە ئۇتۇق ۋە شان - شەرەپ قازىنىپ خەلق ئارىسىدا چولپانغا ئايلانغانلارنىڭ ئىچىدە تىل - ھاقارەت ۋە تۆھمەتكە ئۇچرىمىغانلارنىڭ بىرىمۇ يوق ئىكەن. مەن قايسى بىر يىلى خۇنەندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شياڭگاڭلىق ناخشا - چولپىنى ليۇ دېخۇا بىلەن ئۇچرىشىپ مۇڭدىشىپ قالدىم. ئۇمۇ بىر چاغلاردا ئۆزىنىڭ خۇددى ماڭا ئوخشاش قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ:

- مېنىڭ ئۈستۈمدىن توقۇلغان ئۆسەك سۆز، قارا تۆھمەتلەرنى ھازىر ئويلىمىساممۇ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتىمەن. لېكىن، سىز بىلەن ماڭا ئوخشاش شان - شەرەپ قازانغانلار ھامان سوغۇققان بولمىساق بولمايدىكەن. چۈنكى، بىزگە چىن قەلبىدىن ئالقىش ياڭراتقان مىڭلىغان، مىليۇنلىغان كىشىلەر بولغىنىغا ئوخشاش، بىزگە ھەسەت قىلىپ، ئىچ - ئىچىدىن ئۆرتىنىپ يۈرىدىغان ئاز ساندىكى ئادەملەرمۇ بولىدىكەن ئەمەسمۇ. شۇڭا، مۇنداق رېئاللىققا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، خۇددى سىز بايا دېگەندەك، بىزنىڭ دادىل ئالغا ئىلگىرىلەپ مېڭىۋەرگىنىمىز تۈزۈك ،- دېگەنىدى. مېنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيەم شۇكى، مۇنداق يالغان - ياۋىداق ئۆسەك سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆنۈپ قالدىم. «يىغىپ ئېيتقاندا، جاڭ دايۇڭدەك تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرەلەيدىغان كىشىلەرنى مەن كۆپ كۆرۈپ كەتتىم، شۇڭا ئۇلارغا كۆپ ئېتىبار بېرىپمۇ كەتمەيمەن، مەملىكەت بويىچە <10مۇنەۋۋەر ياش> بولۇپ باھالىنىشىم، ئەنگىلىيىنىڭ تارقاتقان گۇۋاھنامىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ پەقەت مەملىكەتكە كۆرسەتكەن تۆھپىسى كۆزدە تۇتۇلغان مۇنەۋۋەر ياشلارغا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەرمۇ ئۇنچە ھاماقەتلەردىن ئەمەس، ئۇلار ئەمەلىي پاكىتقا ئاساسەن باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن <10 مۇنەۋۋەر ياش> نى باھالاپ چىقىدۇ. مەن ھەر قېتىم ماھارەت كۆرسىتىپ مۆجىزە ياراتقانلىرىمدا، ھەرگىزمۇ يەڭ ئىچىدە كېلىشىپ جىمجىتلا ئېلىۋالغان بەندە ئەمەس، نەچچە مىليون خەلق نەق مەيداندا، شۇنداقلا تېلىۋىزۇردا كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇلار ھەم گۇۋاھ بولالايدۇ...»

ئادىل ھوشۇر جەمئىيەتتە تارقالغان ئۆزى ئۈستىدىكى خىلمۇ خىل ئۆسەك سۆز ۋە قارا تۆھمەتلەرگە قارىتا يۇقىرىدىكى قىسقىچە بايانى ئارقىلىق بېرىۋاتقان چاغدا، مەن ئىختىيارسىز ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇ بەرپا قىلغان دۇنياۋى ھادىسە توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش، ئۇنى قايتىدىن تونۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئادىل ھوشۇر ماڭغان جاپالىق يول ۋە شۇ يولدا مېڭىپ ياراتقان مۆجىزىلەرنى جامائەتچىلىككە يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. تۆھمەت ۋە غەيۋەت قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشىنى ئويلاپ باقسۇن، ئۇنتۇپ قالغانلار قايتا ئېسىگە ئېلىۋالسۇن، دېدىم.

بۇ ماقالە شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىنىڭ 2006-يىلى 6-سانىنىڭ «شان شەرەپ ۋە تۆھمەت ئازابى» دېگەن ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىنىڭ يۇقارقى سانىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ!

تېما تەستىقلىغۇچى : GuZal爱你
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-21
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئادىل ھۇشۇرغا قىلىنغان تۆھمەت<جاللات1017>,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ۋىجدانلىق بولغىن پاك،ساپاسىزغا ئۆلمە!
ۋىجدانسىز پەسلەرگە قاراپمۇ كۈلمە!
ھەقىقى دوستۇڭنى يۈرەكتە ئەسلە!
قان قۇسۇپ ئۆلسۇن!ۋىجدانسىز پەسلەر!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-21 06:34 PM |
GuZal爱你
مەن ئاي ،  سەن لاي .
دەرىجىسى : مەستانە ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 737
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە737دانە
شۆھرىتى: 324 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2476 سوم
ياخشى باھا: 962 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:166 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

34 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

ھازىر جەمىيىتىمىزدە مۇنداق پىتنى ئېغىۋا تارقىتىدىغان ئىشلار بەك كۆپ....
        
                 قاييسى كۈنى  بىر دۇستۇم قەيسەر ھەبىبوللانى راك كىسىلىكەن دەپ كىپتىكەن راسمىدۇ....
    يايرىمنىڭ ئېتى لەيلى ،
   ماڭا باردۇر بەك مەيلى .
   ساڭا كۆڭلۈم يوق دىسەم ،
   بىر كۈن سۈردى جەمەتى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 07:59 PM |
jallat1017
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5418
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 105
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە105دانە
شۆھرىتى: 66 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 584 سوم
ياخشى باھا: 144 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:20 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

30 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-25
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

كۆپچىلىك....ياخشى ئادەمگە ئۇۋال قىلسا...ئاقمايدۇ....
ۋىجدانلىق بولغىن پاك،ساپاسىزغا ئۆلمە!
ۋىجدانسىز پەسلەرگە قاراپمۇ كۈلمە!
ھەقىقى دوستۇڭنى يۈرەكتە ئەسلە!
قان قۇسۇپ ئۆلسۇن!ۋىجدانسىز پەسلەر!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 08:00 PM |
takdirim
مەڭگۈ سەن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئون بېشى


تىزىم نۇمرى : 115
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1814
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1814دانە
شۆھرىتى: 788 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 6822 سوم
ياخشى باھا: 2498 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:168 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

32 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

توۋا  مىللىتىم   زادى نىمە  بوپ  كىتۋاتىدۇ  ھە ~         كىم بىرە  نام قازىنىپ   بولغۇچە   شۇنىڭ كەينىدىن  تاپمىغان  گىپى   قالمىغان   يا بىر   ئۆزى قاملاشتۇرۇپ  بىرە   ئشنى قىلالمىغان   ،  بىزدىكى  بۇ يامان   ئىللەت    پىتنىخورلۇق   زادى  قانچانلاردىمۇ      ئاخىرلىشار    ،؟     بىزنىڭ   مىللىتىمىز  زادى  قاچانراق  ئويغىناركىن ؟
ئەل سورىسا سىنىڭدىن،
سەن تانمىساڭ مىنىڭدىن.
سويۈپ سىنى بىر ئۆمۈر،
مەڭگۈ  ھەمرايىڭ بولاي.
لىكىن..........................
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 08:07 PM |
jallat1017
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5418
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 105
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە105دانە
شۆھرىتى: 66 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 584 سوم
ياخشى باھا: 144 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:20 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

30 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-25
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

ھەي......ھەسەتخورغا ئامال يوق.....قەتئى.....
ۋىجدانلىق بولغىن پاك،ساپاسىزغا ئۆلمە!
ۋىجدانسىز پەسلەرگە قاراپمۇ كۈلمە!
ھەقىقى دوستۇڭنى يۈرەكتە ئەسلە!
قان قۇسۇپ ئۆلسۇن!ۋىجدانسىز پەسلەر!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 08:27 PM |
SABIYKIZQAK
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 575
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 351
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە351دانە
شۆھرىتى: 146 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1323 سوم
ياخشى باھا: 908 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:39 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2008-12-26

 

شۇ  ئەمەسمۇ؟  قايسى  كۈنى  مەنمۇ قەيسەر ھەبىبۇللا  راك  كېسىلى  بوپ قاپتۇ  دەپ  ئاڭلاپ قۇلىقىمغا  ئىشەنمەيلا  قالدىم
پاك سۆيگۈنى يۈتەلمەس تۇمان،
يوق ئۇنىڭدا بۇنچىلىك دەرمان.
داغلىسىمۇ قەلبىمنى ھىجران،
يۈرۈگۈمدىن كەتمەيدۇ ئارمان.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 08:35 PM |
NIJAD
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : مىڭ بېشى


تىزىم نۇمرى : 2209
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 1303
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1303دانە
شۆھرىتى: 1454 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 13963 سوم
ياخشى باھا: 3789 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:403 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

37 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-26
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

خەق جاپا تارتىپ يوللىغان تېمىنى كۆچۈرۈپلا ئەكىۋاپ ئۇنداق قىلمايلى يولداشلار...
قەيسەر راك كېسىلى ئەمەس...مېڭە يىگىلەش كېسىلى....
ئاھۇ كىيىكلەر ئوينار قىيادا،
ئىپار ھىدى بار ھەربىر گىياھدا.
يىگىتلەر مەغرۇر،قىزلار ھايادا،
بۇنداق گۈزەل جاي بارمۇ دۇنيادا؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 08:58 PM |
ankar731
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5556
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 544
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە544دانە
شۆھرىتى: 136 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1796 سوم
ياخشى باھا: 603 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:122 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

18 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-28
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 6 - قەۋەتتىكى NIJADنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

مەنمۇ، نىجاتنىڭ گىپىنى قوللايمەن.................     
ئادەمسەن ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر،
ھەممە ئادەمدە بولمايدۇ ۋىژدان ۋە غورۇر.
يىلىنىپ يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز،
دىيارىڭ شىنجاڭ مىللىتىڭ ئۇيغۇر.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 09:35 PM |
mahsum
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3601
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 197
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە197دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 872 سوم
ياخشى باھا: 210 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:69 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

21 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-13
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

رەسىم :
ھەي  نمە دەي
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 11:11 PM |
يگانە
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 5454
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
شۆھرىتى: 29 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 379 سوم
ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:42 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

8 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-26
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئادىل ھوشۇردىگەن بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز تۇرسا،ھەي بۇ پىتنە-پاساتلارنى.
ئۆز ۋاقتىدا ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن ئالىمىمىزنىمۇ شۇ ھەشەتخۇرلۇق بىھودە قىيناپتىكەن.ھەي   
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 12:01 PM |
guzaliksanda
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 6335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 110
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە110دانە
شۆھرىتى: 27 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 533 سوم
ياخشى باھا: 111 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:36 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

14 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-12-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ھەسەت خورلۇققا نەچارە. جەمىيىتىمىز دە شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر بار ئەمەسمۇ،
گۇلنى -گۇل قىلغان تىكەن
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 12:16 PM |
okyan520
ھايات تۇلىمۇ قىسقا ئۇنى قەدىرلەش كىرەك.
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : سەپەرۋەر


تىزىم نۇمرى : 2639
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2138
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2138دانە
شۆھرىتى: 2090 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 8084 سوم
ياخشى باھا: 3678 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:562 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-06
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

بۇنداق پىتنە ئىغۋالارغا ئىشەنمەيلى !!
  بىزنىڭ مىللىتىمىزدىكى بەزىلەر كىمكى ئازراق ئۇتۇق قازانسا  كۈزى كىچىكلىك قىلىدۇ .
مەن بىلەن دۇسىت بۇلۇشنى خالىسىڭىز : مەرھەممەت
img: http://blog.retim.cn/364315
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 01:04 PM |
karwan0997
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1738
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 802
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
شۆھرىتى: 182 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 5509 سوم
ياخشى باھا: 1525 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:148 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

52 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

مىللىتمىزنى كۈرەلمەيۋاتقانلار جىق..قارا چاپلىماق ئاسان گەپ،،لىكىن شۇ قارنى چىقارماق تەس،،،
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 01:13 PM |
BUMARYAM
مېنىڭ خۇشاللىقىم-پەقەتلا مىسرانىم.
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1774
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1774دانە
شۆھرىتى: 775 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 5735 سوم
ياخشى باھا: 3102 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:12 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:812 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئوخ قەيسەر ھەبىبۇللا  مىڭە يگىلەش كىسىلىمىكەن      مەن بەك ئامراقتىم ئۇنىڭ ئاۋازغا.............
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 01:37 PM |
parhat007
پاك تۇغۇلۇپ، ئۇيقۇدا ياشاپ. گۇناھ بىلەن كېتىمىز!!!
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا مىسرانىم مەستانىسى
دەرىجىسى : جان ئەزا


تىزىم نۇمرى : 753
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1028
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1028دانە
شۆھرىتى: 458 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 4416 سوم
ياخشى باھا: 3156 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:390 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

50 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

توۋا، ماخەقنى.....................
گەپ  تاپمىسا خۇددى  ھازىرلا  ئۆلىدىغاندەك، خەقنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپ...........
مىسرانىم  ئۈچۈن  ھەممىمىز تىرىشايلى .............
مىسرانىم سىز نىڭ  ، شۇنداقلا  ھەممىمىزنىڭ.............
http://blog.9saray.com/4586
http://blog.retim.cn/725990
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 11:37 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » يېڭى خەۋەرلەر
مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

Total 0.160008(s) query 8, Time now is:01-03 04:20, Gzip disabled 新ICP备08000436
Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation