ئانا
«مەرھابا مىجىت»
كۆز ئاچقان چېغىمدا يورۇق دۇنياغا،
شاتلاندىڭ باغرىڭغا بېسىپ جان ئانا.
قېنىڭنىڭ جەۋھىرى ئاق سۈتۈڭ بىرىپ،
بارلىغىڭ مېھرىڭنى ئاتىدىڭ ماڭا.
ئاسرىدىڭ كۆزۈڭنىڭ قارچۇغى كەبى،
تىلىدىڭ بەختىمنى نامازلىرىڭدا.
كىچە ھەم كۈندۈزى پەرۋانە بولۇپ،
ئايلاندىڭ پەپىلەپ ئەگىپ يېنىمدا.
مەن ئۈچۈن چىدىدىڭ تالاي جاپاغا،
ئالەمدە بىر پارچە گۆھەردىم ساڭا.
ياشلىغىڭ گۈللىرى توزىغان چاغدا،
قاتارغا قېتىلىپ چوڭ بولدۇم مانا.
ئىگىلدى شۇ مەزمۇت قەددىڭ يا كەبى،
ئاقاردى قۇندۇزدەك چاچلىرىڭ يانا.
بىر ئۆمۈر مەن ئۈچۈن يىغلىدىڭ كۈلدۈڭ،
نامىڭغا داستانلار يازسام ئاز ئانا.
ھەرەمگە مىڭ قېتىم يۈدۈپ ئېپ بارسام،
باققىنىڭ ئەجرىڭگە تەڭ بولماس ئەسلا.
سەن چىدام غەيرەتلىك،مېھرى شەپقەتلىك،
پەرىشتە سۈپۈت بىر ئايال جان ئانا.
تۈلكىدىن تەلىمگە ئىرىشكەن ئادەم
«مەرھابا مىجىت»
شەكىلگە ئادەمدەك كۆرۈنسىمۇ گەر،
رىياللىق نىقابىنى ياپالماس ھەر دەم.
پەم بىلەن ئويلىنىپ باسسىمۇ ھەر چاغ،
ئالىدۇ يەنىلا كۆپ خاتا قەدەم.
تۈلكىدەك ھېلىگەر شەيتانلارچە قۇۋ،
ياۋاشنى بۆرىگە قىلىپ بىرەر يەم.
ھەقىقەت ئالدىدا بولغاندا رەسۋا،
تېتىيدۇ پۇشايمان ھەسرەتلەردىن تەم.
كۆرەڭلەپ دەر بەزى كەڭرى بۇ ئالەم،
قوينىدا ياشايمەن ئىشلىتىپ كۆپ پەم.
ۋەلىكىن ئادالەت تارازىسىدا،
ئۆلچەنسە ئەبرەزگە بولار يۈزى تەڭ.
ئىنتىزار
«مەرھابا مىجىت»
ئۈمۈت بىلەن كۈتتۈم خېتىڭنى،
يوللۇرۇڭغا بولۇپ ئىنتىزار.
يۈرمەكتىمەن ھالىم پەرىشان،
ئۇچۇر يوقتۇر سىنىڭدىن زىنھار.
ھەمراھ ماڭا جانسىز سۈرئىتىڭ،
كىچە-كۈندۈز يانلىرىمدا يار.
ئېسىۋالدىم يېقىپ قەلبىمگە،
شۇ بوينۇمغا قىلىپ تىل تۇمار.
تالاي خېتىم قالدى جاۋاپسىز،
سۈكۈتلىرىڭ كەلدى بەكمۇ ھار.
يۈرۈگۈمدىن سېغىندىم سىنى،
قىلما مىنى بۇنچە ئىنتىزار.
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
«مەرھابا مىجىت»
رەنجىشىپ رەنجىتىپ ئۆتكەن بولساقمۇ،
جۇدالىق كۆزلەردىن تۆكۈلدۈرەر ياش.
ئازاپتا تۇرساقمۇ كۈلۈپ زورىغا،
ھېجراننىڭ تۋغىنى قىلغانتۇق ھاپاش.
تىلەيتۇق ئۆز ئارا ئاق يول بولۇشنى،
ئىلىم پەن يولىدا ادۋان ئېشىشنى.
ئۇنۇتما دىيىشىپ قوللار سىقىشىپ،
شۇ گۈزەل ئەسلىمە قىسقا كەچمىشنى.
ئويلىغان سۆزىمىز دىلىمىزدىلا،
بىلمەيتۇق نىمىنى باشتا دىيىشنى.
يۈرەكتە بولسىمۇ تالاي ئارمانلار،
دىيەلمەي يۈرگەنتۇق قانداق قىلىشنى.
خوشلىشۇپ ماڭاتتۇق قوللار سىقىشىپ،
ئايرىلىش ئوتىدا نەملەنمەكتە كۆز.
بىز ھامان ساۋاقداش نەگىلا بارساق،
سەن ماڭا مەن ساڭا قېرىنداش ھەم ئۆز.
مۇھەببەتكە خەپ
«مەرھابا مىجىت»
قايتىپ كەل مەن كىتەي ئاداقى خوش دەپ،
ساڭا ھەم مەڭگۈلۈك خۇشاللىق تىلەپ.
ئىشەنگىن ئارزۇلاپ سۆيگەن گۈلۈڭگە،
قويماستىن پەسلەرگە زىنھار چوڭ تەلەپ.
شەھرىڭگە قۇرۇق قول مۇساپىر كەلگەن،
ۋە لىكىن كىتەردە يۈدكىنىم ھەسرەت.
ئۇنتۇشقا تىرىشىپ باقساممۇ يەنە،
ئىسىمدىن چىقمىغان مۇھەببەتكە خەپ.
نىمىشقىمۇ سۆيدىم يار سىنى؟
«مەرھابا مىجىت»
غېرىپ باسقان مۇساپىر تۇرۇپ،
نىمىشقىمۇ سۆيدۈم يار سىنى؟
ئۆز-ئۆزەمنى چاغلىيالمىغاچ،
دەرتلەر قىيناپ يىغلىتار مىنى.
مۇھەببەت دەپ ئىشقىڭدا كۆيۈپ،
مەن ئىنتىلگەن مۇھەببەت قېنى.
بىلگەن بولسام دەرتتە قالارنى،
سۆيمەسكەنمەن باشتىلا سىنى.
چىدالمايمۇ ئىلاجىم قانچە؟
«مەرھابا مىجىت»
چىدىمايمۇ مەندە يوق ئىلاج،
تەقدىر قىلسا بىمەنە چاقچاق.
قىسمەتكە مىڭ قىلساممۇ دۇئا،
ئازاپلاردىن ئەمەسمەن يىراق.
يۈرۈگۈمدە سىنىڭلا ئىسمىڭ،
باشقىلارغا ئورۇن يوق ئازراق.
سۆيسەممۇ گەر ئايرىلماي سەندىن،
مەندە نىمە ئىلاج بار دەپ باق؟...
توزىغان ئۈمۈت
«مەرھابا مىجىت»
ئامرىقىم يۈرۈگۈم كۆتۈردى چۇقان،
كۆزلۈرۈم مۆلدۈر ھەم تۆكمەكتە يامغۇر.
ئاخىرقى ئۈمۈدۈم بولغاندا توزغاق،
قىسىلدى ھېسلىرىم بوپ قالدىم جىمغۇر.
ئەلەملىك ئۆكسۈشۈم قەلبىم قېتىدا،
قان تولغان كۆزۈمدە لەيلەيدۇ يامغۇر.
زورىغا كۈلسەممۇ كۈلكەم بەك ئاچچىق،
ۋۇجۇدۇم ئازاپقا-دەرتكە نىشاندۇر.
كەلمە يىلىنىپ
«مەرھابا مىجىت»
يەتمىگەنتىڭ قەدرىمگە پەقەت،
ئايرىلغاندا كەتمە قايغۇرۇپ.
پەرۋا قىلماي ئۆتكەنتىڭ ماڭا،
كۈن چۈشكەندە كەلمە يالۋۇرۇپ.
ۋاپا كۈتسەم بەرگىنىڭ ئازاپ،
ھېجرانلارغا يالغۇز قالدۇرۇپ.
مەنمۇ كۆندۈم شۇنچە قىسمەتكە،
سەنمۇ كۆنگىن يۈرمە ئاھ ئۇرۇپ.
سەن ئۈچۈن
«مەرھابا مىجىت»
ئامرىغىم يۈرەكنى قىلمىغىن زەرداپ،
ئايرىلىش ئوتىدا قەلبىمنى داغلاپ.
چىدايمەن قانداقمۇ چىدايسەن قانداق؟
ئازاپتىن يۈرەكلەر كۆيسە لاۋىلداپ؟
ئامرىغىم يۈرەكنى قىلمىغىن زەرداپ،
ھېجرانلار چۆلىگە يىگانە تاشلاپ.
ئىشەنسەڭ ئامرىغىم قەلبىم سۆزىگە،
قويغان مەن سەن ئۈچۈن جاننىمۇ ئاتاپ.
خار قىلمىغىن يار
«مەرھابا مىجىت»
ئىزھار قىلسام كۆڭلۈمنى تالاي،
چۈشەنمەستىن قىلدىڭ دىلنى خار.
ئازاپلىدىڭ ھەسرەتلەر سېلىپ،
بەك بىچچارە قىلدىڭ مىنى يار.
كۆزۈمدە ياش قەلبىمدە ئەلەم،
كىلەر ئالەم قوينى ماڭا تار.
تېنىم ھالسىز يۈرۈگۈم يارا،
خۇساللىق يوق ئازاپ بولار ھار.
كەتسەم ئەگەر بىر كۈنى شۇنداق،
ھېچ بىر ئىنسان قىلالماس قامال.
تەركى دۇنيا بولۇپ بىر ئۆمۈر،
كۆرۈنمەسمەن ھەرگىز بىلپ قال.
ئەيمەنمە يۈرەك
«مەرھابا مىجىت»
خىلۋەتلىكتە كۆرۈشتۇق يەنە،
كۆزلەر چاقنار يۈرەك رېتىمسىز.
تىترىمەكتە گىلاس تەك لەۋلەر،
تۇرماقتىمىز ئۈنسىز-تىۋىشسىز.
چىكىلەرگە سانچىلغان قىراۋ،
پۈتمەس ئوتلۇق ھاياجاندا بىز.
بىلىپ تۇرار يۈرەك ھەممىنى،
تۇرۇشساقمۇ قىلماي بىرەر سۆز.
كونا جايدا تۇردۇق ئۈن-تىنسىز،
قالغان بۇندا ئۆچمەس تالاي ئىز.
ئەيمەنمىگىن قورۇقما قەلبىم،
ئەنە يايرىڭ قۇچاقلىۋال تىز.
كەتسەم قۇتۇلۇپ
«مەرھابا مىجىت»
ئۇزاپ چىقتىم شاۋقۇن شەھەردىن،
نىگار سىنى يالغۇز قالدۇرۇپ.
يۇيۇپ ئاقار مەڭزىمنى يېشىم،
خىيالىمنى غەمگە ئاغدۇرۇپ.
بىر خىل ماڭار پويىز ئالدىغا،
يۈرۈگۈمگە ئازاپ ياغدۇرۇپ.
ئازاپلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن،
تاماكامنى ئالدىم ياندۇرۇپ.
چىكىۋالسام بىر تال تاماكا،
ئازاپلىرىم كەتسە ئۇنتۇلۇپ.
ئىچىۋالسام قانغۇدەك ھاراق،
كەتسەم دەيمەن غەمدىن قۇتۇلۇپ.
ھەسرىتىم تولا
«مەرھابا مىجىت»
قارىماي دەپ تۇرۇپ قارايمەن ساڭا،
نىمىشقا ئازاپقا قىلدىڭ مۇپتىلا.
دوزاققا باشلىساڭ جەننەت دەپ قېلىپ،
كىرگەنگە قەلبىمدە ھەسرىتىم تولا.
ئۆرتەندى يۈرۈگۈم تاپالماي شىپا،
ئايلاندى ساق تېنىم موردىغا گويا.
ھاياتلىق مەن ئۈچۈن تەتۈر تاناسىپ،
مۇھەببەت قەلبىمگە بولدى شۇم بۇيا.
ياشلىرىم ئاقىدۇ مەڭزىمنى يۇيۇپ،
بولدىغۇ سۆيگىنىم سىنى چوڭ گۇناھ.
ھەممىدىن كەچكەنتىم پەقەت سىنى دەپ،
ۋە لىكىن تاشلىدىڭ مىنى بىۋاپا...
سۆيمەستىم باشتا
«مەرھابا مىجىت»
بارلىغىمنى ئاتاپ بىر ساڭا،
ۋۇجۇدۇمغا قىلىپ پادىشاھ.
تەقدىرىمنىڭ سۇلتانى قىلىپ،
سۆيگەن ئىدىم يار سىنى باشتا.
ئۆمۈرلۈك دەپ بىرىشكەن قەسەم،
ئىكەن بىلسەم ئەسلىدە ساختا.
ئىسىت دەيمەن ئۆكسۈپ يۈرۈگۈم،
كۆزلۈرۈم كۆپ نەملەندى ياشتا.
يۈرۈگۈمنى چەيلىدى ھېجران،
ئۆمرۈم ئەمدى ئۆتەرمۇ ئاھ تا.
بىلگەن بولسام بۇنداق بولارنى،
سۆيمىسەممۇ بوپتىكەن باشتا.
گۇناھ
«مەرھابا مىجىت»
زاھىدنىڭ خۇداغا ئىلتىجاسىدەك،
بەرگەنتىم كۆڭلۈمنى قوش قولاپ ساڭا.
بىلمىدىڭ قەلبىمنى خارلىدىڭ تالاي،
ئوتۇڭدا كۆيدۈردۈڭ باقماستىن قىيا.
قەلبىمدە سۆيگۈنىڭ تەنھا قەبرىسى،
كىپەنلىك قىلىنغان يۈرىگىم ساڭا.
موردىغا ئايلانغان ئىخلاسىم بىلەن،
ئازاپلىق ئەسلىمە ھەمراھتۇر ماڭا.
ئاي گۇۋاھ،كۈن گۇۋاھ،يۇلتۇزلار گۇۋاھ،
ھېلىھەم قەلبىمگە سەنلا پادىشاھ.
مۇھەببەت بابىدا ئەبەت يايرىم سەن،
بولسىمۇ بىۋاپا،سۆيگۈنۈم گۇناھ.
بەختىڭدىن شاتلىنىپ كۈلگىن نۇرانە
«مەرھابا مىجىت»
بىر مىنى سۆيگىن دەپ قىلمايمەن تەلەپ،
باشقىنى سۆيگەندە كۈلسەڭ كۇپايە.
شاتلىقىڭ ئۈچۈن مەن ھەتتاكى جېنىم،
رازىمەن سەن ئۈچۈن بولسام ۋەيرانە.
كۆزۈمدىن ئاقسىمۇ مارجان ياشلىرىم،
ئىشقىڭدا بولساممۇ كۆيۈپ سەرسانە.
سەن ئۈچۈن خۇشالمەن چەكمەيمەن ئازاپ،
بەختىڭدىن شاتلىنىپ كۈلسەڭ نۇرانە.
كاككۇك بىلەن زەينەپتەك
«مەرھابا مىجىت»
كاككۇكتەك ئىسمىڭنى يۈرسەم يادىلاپ،
بەرمىدىڭ زەينەپتەك ماڭا ھېچ جاۋاپ.
ھېجرانلار ئۆركەشلەپ يىغلاتتى مىنى،
بولدىغۇ يۈرىگىم ئىشقىڭدا كاۋاپ.
ئۆتمەكتە كۈنلىرىم بىر خىل رەۋىشتە،
ۋاراقلاپ كالىندار چىسلانى ساناپ.
مەيلى سەن ئامرىغىم سۆي ياكى سۆيمە،
ئۆتەرمەن مەن ئەبەت بىر سىنى ساقلاپ.
ھېلىھەم قەلبىمگە ئۆزۈڭ ھۆكۈمران
«مەرھابا مىجىت»
ئاسماندىن لەپىلدەپ ياغار ئاپپاق قار،
مۇڭ باسقان قەلبىمدە لەيلىتىپ تۇمان.
كىرپىكىم ئۈستىدە قاتقان كۆز يېشىم،
ئۆزۈمگە ئاياندۇر باشقىغا پىنھان.
ئۈرۈمچى ھاۋاسى شۇنچە جۇت سوغۇق،
مۇڭ باسقان چىرايىم بولدىغۇ سامان.
خىيالىم ئېڭىمدە پەقەت سەن ئۆزۈڭ،
قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ سېغىنىش يامان.
شاۋقۇنلۇق بۇ شەھەر قوينىدا ياشاپ،
ئۆزۈمنى تەنھادەك سىزىمەن ھامان.
قەلبىمدە سېغىنىش كۆزلۈرۈمدە ياش،
قىلىمەن كۈنلەرنى تەسلىكتە تامام.
قىلمايمەن ئىزھار
«مەرھابا مىجىت»
ئۇنتۇلماق قىيىن سۆيۈش بەك ئاسان،
سۆيگىن باشقىنى خەيرى-خوش نىگار.
تۈنلەر تولغىنىپ تۆككەن كۆز يېشىم،
ئۇنتالماي سىنى ئاقسىمۇ بىكار.
تىلەپ يۈرمەيمەن سەندىن مۇھەببەت،
ئىشقىڭدا يىغلاپ كۆيسىمۇ يۈرەك.
قىيىن بولسىمۇ ئۇنۇتماق سىنى،
ھامان ئۇنتۇيمەن كۆرۈشمەي ئۆتسەك.
كىرمە چۈشۈمگە خىيالىمدىن چىق،
مەن قالاي ساڭا بەخىتلەر تىلەپ.
چەكسەممۇ ئازاپ ياكى دەرت ھەسرەت،
قىلمايمەن مەڭگۈ ئىزھار مۇھەببەت.
[ بۇ يازماtughrulتەرپىدىن2008-12-21 12:24 AMدە قايتا ]