مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » نەسىرى ئەسەرلەر » ۋەھىــمىلىــك بىــر چـــۈش-ئۈزۈمچى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
uzumqi
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4630
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 47 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 314 سوم
ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:12 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

8 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-08
يېقىندا كىرگەن:2008-12-30

 ۋەھىــمىلىــك بىــر چـــۈش-ئۈزۈمچى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
تېما باشقۇرغۇچى tughrul تەرپىدىن نادىرلاندى. (2008-12-19)
رەسىم :
ۋەھىمىلىك چۈش


(ئۈزۈمچى)




كېتىۋاتىمەن، كېتىۋاتىمەن. . . ئۇسساپ گاللىرىم قۇرۇپ، ماغدۇرۇممۇ قالمىدى. شۇ تاپتا بىر قاچا سۇ ئىچىۋالغان بولسام قانچە ياخشى بولاتتى~!  لېكىن بۇ كەڭ سازلىقتىن بىر قاچا ئەمەس، بىر يۇتۇم سۇ تېپىشمۇ مۇمكىن ئەمەستەكلا. لېكىن ياشىشىم كېرەك. . .
كېتىۋاتىمەن، كېتىۋاتىمەن. . . پۇتلىرىممۇ ئېغىرلىشىپ، قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ، ئاغزىمغا تۈكۈرۈكمۇ كەلمەي قالدى. قاراڭغۇ چۈشۈپ ئون قەدەم نېرىدىكى دەرەخلەرنىمۇ تەستە پەرق ئېتىپ كېتىۋاتىمەن. . .
  توساتتىن ئالدىمغا بىر كۆل ئۇچرىدى! ۋاااااااااھ! خۇشلۇقۇمدا شۇنچە تېز ماڭساممۇ قەدەملىرىم شۇنچىلىك ئېغىر.  
مانا! ئون قەدەملا قالدى. ماغدۇرسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشتۈم. شۇنداقتىمۇ ياشىشىم كېرەك. ئۈمىدىمنى ئۈزمەي يەرنى تاتىلاپ، تىركىشىپ ئۆمىلەپ باردىم. . .
  ئاھ! ........................قولۇمنى سۇغا ئۇزاتتىم.
_ قولۇڭنى تارت!
بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام كۆلنىڭ نەق ئوتتۇرىدا بىر نۇر ئارىسىدا ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي تۇرىدۇ. تەستە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
_ ئەسسالام سالام، بوۋا! بۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچكىلى بولمامدا؟
_ ۋەئەلەيكۇم، يىگىت! بولىدۇ.
_ ئەمسە مەن بىر يۇتۇم ئىچىۋالاي!
_ ئالدىرىما! _ ئۇ شۇنداق دېگەچ يېنىك ئۇچۇپ يېنىمغا كەلدى، _ سەن ئاۋۋال نېمە ئۈچۈن سۇ ئىچىدىغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەر!
    قىززىق گەپ بولدى – دە بۇ؟! شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تېگىگە قانداق مەنا يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن:
_ ئادەم ئۇسسىغاچقا سۇ ئىچىدىغۇ؟ _ دەپ سوئالىغا سوئال قايتۇردۇم.
_ يىگىت! سەن ئاۋۋال بۇ كۆلگە قاراپ باق! ئوبداق قارا! _ ئۇ شۇنداق دەپ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كەڭ ئېچىۋىدى، سۇ يۈزى ئاۋۋال قاتتىق داۋالغۇپ ئاندىن تىنجىپ سۈپسۈزۈك ئىكران ھاسىل بولدى. ھوي! بۇ ئېكراندىكى مەنغۇ؟
_ بوۋا! بۇ مەنغۇ؟ مەن ئۇيەردە نېمە ئىش قىلىمەن؟ _ ھەيران بوپ سورىدىمەن مەن.
بوۋاي ماڭا قارىماستىنلا جاۋاب بەردى:
_ ھازىر كۆرىسەن!
شۇنداق زەڭ سېلىپ قارىسام بۇرۇن ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرغان چاغلار!
_ دەرتكە بىرنى~! ئەلەمگە ئىككىنى، خوشە!
_ سىڭسۇن!
_ قۇمغا سۇ سىڭگەندەك ھە؟!
    بالىلار بىلەن تازا ئىچىپ كەيپ بوپ كەتكەن چاغ. ھەرخىل گەپلەر، ھەرخىل چىقىراپ كۈلۈشلەر!
    بۇ ئىشلارنى ماڭا كۆرسىتىپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟ دەپ سەۋەبىنى بوۋايدىن سورىدىم:
_ بوۋا! بەك ئۇسساپ كەتتىم. نېمىشقا بۇ مەنزىرىنى ماڭا كۆرسىتىسىز؟ سەۋەبىنى دەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
_ سەن، _ دېدى بوۋاي ماڭا قاراپ، _ ھاراق ئىچىپ، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭ! ساڭا بۇ سۇنى ئىچكۈزمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى ئۆزى بىلىۋالسۇن، دەۋاتىمەن.
_ ھا ھا ھا...... _ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلىۋەتتىم، _ ۋاي، بوۋا! سىز ئۇنداق ئىچەرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى توسۇپ بولالمايسىز! بۇ دېگەن ھازىر ئادەتتىكى ئىش!
_ شۇنداق يىگىت! _ دېدى ئۇ سەل ئەپسۇسلىنىپ، _ بۇ ھازىر ئادەتتىكى ئىش. ئەمدى مانىڭغا قارا!
ئىكران يۈزى بىر داۋالغۇپ بىزنىڭ چېكەرمەن ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرغان مەنزىرە كۆرۈندى.
_ ئىشقى باللا ھە؟!  
  باللا قاپاقتىن غېرىچ ئوت چىقىرىپ چېكىپ پاڭ بولۇپ، بەزىلىرى مىشىلداپ ھەتتا بۇقۇلداپ يىغلاپ، بەزىلىرى ھېچبىر سەۋەبسىزلا قاتتىق كۈلۈپ يەنە بەزىلىرى مۇڭلۇق خىياللارغا چۈشۈپ كەيپ سۈرۈۋاتاتتى.
سەل ئەجەپلىنىپ قالدىم. بۇلارنى ماڭا كۆرسىتىپ نېمە قىلىدىكىنە؟
_ بوۋا! سىز زادى نېمە دېمەكچى؟ ماڭا ئۇنداقلارنى توسۇش كېرەك، دەپ پەلسەپە سۆزلىمەيدىغانسىز؟ _ دەپ سورىدىم بوۋايدىن.
    بوۋاي بىردەم سۈكۈتتە تۇرۇۋېتىپ ماڭا سوئال نەزىرىدە قاراپ:
_ سېنىڭچە بۇمۇ ئادەتتىكى ئىش شۇنداقمۇ؟
_ ئەلۋەتتە! ئوغۇلبالا دېگەن ئىچىدۇ، چېكىدۇ  _ دېدىم مەن ئىككىلەنمەيلا.
_ ماقۇل. يەنە قارا!
    سۇ يۈزى يەنە داۋالغۇپ بىر توپ باللا دىسكوخانىدا ئولتۇرغان كۆرۈنۈشلەر كۆرۈندى. باللا بىلەن ئىچىۋاتىمىز، چېكىۋاتىمىز، ئوتتۇرغا چۈشۈپ كەلسە – كەلمىسە پۇت – قوللىرىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قىزلارغا خۇما ھىجىيىپ، خۇددى يەۋېتىدىغاندەك تىكىلىپ قاراپ. سورۇن دېگەن ئالامەت قىزىپ توساتتىن باللا تەگىشىپ قالدى. بىرنەچچىمىز نېرى – بېرىنى سۈرۈشتۈرمەيلا بېرىپ ئارىلاشقاننىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇۋاتىمىز. قوللىرىمىز ئاغرىسا پىۋا بوتۇلكىلىرى بىلەن، ئىشتىنىمىزنىڭ كەمىرى بىلەن، بەزى باللا ئورۇندۇقلار بىلەن. يەنە بەزىلىرى زاڭدو – پىچاقلىرىنى چىقىرىشىپ تۇرغاندا سۇ يۈزى ئاۋۋالقى تىنچ ھالىتىگە قايتتى.  
بۇ بوۋاي زادى نېمە دېمەكچىدۇ؟ ھەرقانچە بولسىمۇ ماڭا مۇشۇنداق جەمئىيەتنى ئۆزگەرت، دېمەيدىغاندۇ؟
_ بوۋاااااااا! . . . _ دېدىم مەن يېلىنغان ئاھاڭدا.
_ توختا! يەنە بار! _ دېدى بوۋاي سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى كۈتمەيلا.
يەنە كۆلگە قارىدىم. گېپىنىڭ تۈگىشىنى ساقلاپ كۆلگە قارىمايمۇ ئىلاجىم يوق ئوخشايدۇ.
بۇ قېتىم كۆلدە رەستە – رەستە كوچىلار پەيدا بولدى. باللا بىلەن بىر ساتىراچخانىنىڭ ئالدىدا توختاپ پۇللارنى يىغىش قىلىپ ئىككەيلەن كىرىپ كەتتۇق، قالغانلار سىرتتا ساقلاپ قالدى. . .
_ بوۋا!!!!! مەن ئۇسساپ كەتتىم. شۇ ئىچىۋېلىپ ئاندىن كۆرەي بولامدۇ؟ - دەپ سورىدىم پەقەت چىدىيالماي.
_ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بىلەمسەن؟ - دەپ سورىدى بوۋاي كۆلگە قارىغىنىچە.
_ ئاللا`````````` نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن. سىز ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ بولالمايسىز!
_ سېنىچۇ؟
_ مېنى ئۆزگەرتكىنىڭىز بىلەنمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق!
_ سەندىن سوراپ باقاي! سەن "يىگىت" دېگەن سۆزنى قانچىلىك چۈشىنىسەن؟
نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئۇ يەنە سورىدى:
_ ئەگەر ھەممە ياشلار سەندەك بولۇپ كەتسە سېنىڭچە بەك ياخشى بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟
  نېمە دەيدىغاندۇ بۇ بوۋاي؟!  
_ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! _ دېدىم مەن.
_ سەن ئۇنداق بولۇشنى خالىمىغانكەنسەن، مەن پەقەت سېنىلا ئۆزگەرتەي! سەنمۇ پەقەت ئۆزۈڭنىلا ئۆزگەرت!
_ ھازىر ئوغۇلبالا دېگەن "ئۈچ خىل كەيىپ"نىڭ بىرىنىمۇ قىلمىسا ئوغۇلبالا ھېسابلانمايدۇ . . .
_ ئاغزىڭنى يۇم!  
  بوۋاينىڭ ساقاللىرى ئاچچىقتىن تىترەپ كەتتى. ئۆزۈممۇ سەل قورقۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ:
_ ئەگەر ھەممە ياشلار سەندەك بوپ كەتسە مىللىتىڭنى ھالاكەتتىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ ھە؟ _ دېدى ئۇ كەسكىن ھالدا.
_ مەن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتسەم بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىپ بولالمايمەندە؟!
_ ئاڭلا، يىگىت، _ دېدى بوۋاي ئەستايىدىللىق بىلەن، _ يىگىتنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. يىگىتلىك دېگەن سېنىڭ ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم كېلىدىغان ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ئەمما ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇندايغان جەريان! ھەممىڭ كەيىپ – ساپاغا بېرىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنتۇشساڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى كىم ئويلايدۇ؟ ئاتاڭما؟ سىلەر ياشلار نېمە قىلىسىلەر؟ ئەجىبا ئويناپ – كۈلۈپ ئۆتۈپ كەتمەكچىما؟ ئويۇندىن نېمە چىقىدۇ؟ . . .
_ ۋاي بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەم دېگەندە ئويناپ – كۈلۈپ ياش چېغىمىزدا ياشىۋالمىساق قېرىغاندا بۇنداق ئويۇنلار نەدە تۇرۇپتۇ؟ _ دېدىم مەن ئۇنى سۆزدە قايىل قىلماقچى بولۇپ.
_ يىگىت، _ دېدى ئۇ يەنىلا شۇنداق ئەستايىدىل ھالدا، _ سېنىڭ زىممەڭگە قانچىلىك ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئاشۇ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭنى سەندىن چوڭلار كۆرسە مەمنۇن بولامدا؟ سەندىن كىچىكلەر ئۆگەنسۇنمۇ؟ ھاياتىڭدىكى ھەربىر كۈنۈڭ سېنىڭ باسقان ئىزىڭ بوپ قالىدۇ. سەندىن كېيىنكىلەر سېنىڭ ئاشۇ ئىزىڭدا ماڭىدۇ. بۇ نېمىدېگەن خەتەرلىك!
    ئويلىنىپ قالدىم. "توغرا! ئادەمنىڭ ياشلىق چېغى ئىنتايىن قىسقا ئەمما نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلارغا گۈزەل ئىستەكلەرگە تولغان بولىدۇ. ئەگەر ياشلار مۇشۇنداق چاغدىكى جۇشقۇنلۇقنى، جەڭگىۋارلىقنى، بېغىلاش روھىنى . . . باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىۋەتسە مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىگە دەز كەتمەمدۇ؟ دەز بارغانسېرى يوغىناپ ئاخرىدا مىللەت غۇلاپ چۈشمەمدۇ؟ ياق، ياق! مىللەت غۇلاپ چۈشسە قانداق بولىدۇ؟ . . .' ئاخىرىنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمىدىم. ئەمدى ھېس قىلدىما. بىز ياشلار مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدىكەنمىز. بىزنىڭ تەدبىرىمىزنىڭ قانداق بولىشى مىللەتنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.
_ گەپلىرىمنى چۈشەنگەندەك قىلىسەن يىگىت! _ دېدى بوۋاي.
مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.  
    ئەمما شۇنچە جىق ئادەمنى قانداق ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولىدۇ؟ ئۇلارغا بىرمۇ – بىر سۆزلىسەم ئۇلارنى ئۆزگەرتمەكتە يوق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە "ساراڭ، ئېلىشىپ قالغان. . ." بولۇپ قالىمەن –دە؟!
_ بوۋا! _ دېدىم مەن تۆۋەن ئاۋازدا، _  يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك!
بوۋاي سۇ يۈزىنى بايىقى كۆرۈنۈشلەرگە كەلتۈردى، ئاندىن سۇنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ:
_ قارا يىگىت! ئاشۇنداق ھاراق – تاماكا سورۇنلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت! باشقىلارغىمۇ نەسىھەت قىلىمەن، دەپ ئاۋارە بولما! ئەگەر ئۇلار سەندەك ئويلىسا سېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنى تارتىدىغانلىقىڭنى چۈشىنىدۇ، سېنى كۆڭلىدە بولسىمۇ قوللاپ سەندەك بولۇشقا تىرىشىدۇ.
_ لېكىن، _ دېدىم مەن، _ ئۇلار بەك زورلاپ تۇرىۋالىدۇ. يۈزۈمنى قىل، دېسە ئامال يوق قالىدىكەن.
_ ھەي نادان! _ دېدى بوۋاي، _ ئۇلار ساڭا ئاشۇ نىجىسنى تەڭلەپ تۇرۇپ يۈزۈمنى قىل دېگىنىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىدىڭما؟
_ قانداق دەيسىز؟ _ دېدىم ھەيران بولۇپ.
_ ئۇلارنىڭ يۈزۈمنى قىل، دەپ بىر رومكا ھاراق زورلىغىنى ئۆزىنىڭ يۈزىنى بىر رومكا ھاراق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىنى. سەن ئۇچاغدا ئۇلار بىلەن ئەمەس ئاشۇ بىر رومكا ھاراق بىلەن دوست بولغان بولىسەن! دوستۇڭ بولغان ئادەم سېنى ھاراق ئىچىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە زورلامدا؟
_ ياق.
_ ئەمسە ئۇ دوستۇڭ ئەمەس. دوست دېگەن بىر - بىرىنى يامان يولدىن قايتىشقا ئۈندەيدۇ، شۇنداققۇ؟
_ شۇنداق!
_ سەن قايسى دوستۇڭنى يامان يولدىن، گۇناھ ئىشتىن قول ئۈزۈشكە دەۋەت قىلىپ باقتىڭ؟ سېنىڭ ئوغۇلبالىلىقىڭ مۇشۇما؟
  مەن...... مەن ئەجەپ ئويلىماپتىكەنمەن. تېخى ھەممە ئىشنى قىلىپ پىشىلسا ئاندىن ئوغۇلبالا  بولىدۇ دەپ ھېسابلايتتىم. بۇ بوۋاي بۇ ئىشلىرىمنى قانداق بىلگەندۇ؟ پەرىشتىمىدۇ يە؟ مەھەللىمىزدىكى چوڭلار ئادەمنىڭ ئوڭ مۈرىسىدە بىر، سول مۈرىسىدە بىر پەرىشتە بولىدۇ، دېگەندەك قىلغان. ئۇلاردىن قېرىمۇ، ياشمۇ دەپ سورىۋالسام بوپتىكەن. ھەي ئىسىت!
_ ئەمدى بۇنىڭغا قارا! سەن ئوغۇلبالىمۇ ئەمەسمۇ ئۆزۈڭ بىلىپ قالىسەن!
سۇ يۈزى بۇ قېتىم ئاۋۋالدىقىنمۇ قاتتىق داۋالغۇپ سۇ يۈزىدە يەنە ئىكران پەيدا بولدى. بۇ قېتىمقىسى يەنە مەن. لېكىن ئىچىش، چېكىش . . . سورۇنى ئەمەس. كوچىدا باللا بىلەن كېتىۋاتىمەن. . .
  ئاپلا! ما بوۋاينى. . .  
  كوچىدا كېتىۋېتىپ كۆكرىكى، قورسىقى . . . ئېچىلىپ قالغان قىزلارنىڭ بەزىلىرىگە كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا يەنە بەزىلىرىگە ئۇدۇللا قاراپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر چىققىلى تۇردى. نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولدۇم. شۇنداقتىمۇ «يەنە نېمىلەر باردۇ؟» دەپ ئىكرانغا قاراپ تۇردۇم. . .
  توۋا! بايىقى قىزلار ئۆتۈپ كەتسە كەينىمگە بۇرۇلۇپ كۆڭلۈمگە بىر خىياللار كېلىپ بوينۇم ئۈزۈلۈپ كەتكۈچە قارىغانلىرىممۇ چىقىۋاتىدۇغۇ ئەمدى؟ ئەنە، ئەنە! يول ياقىسىدا بىر ئايال ئېڭىشىپ بالىسىنىڭ ئىشتىنىدىكى توپىنى قېقىۋاتسا مەيدىسىگە قاراپتىمەن. . . يەنە تېخى يول ياقىسىدا تېلېفوندا سۆزلىشىپ ئولتۇرغان بىر قىز بالىنىڭ مايكىسىنىڭ پېشى قىسقىلىدىن بېلى كۆرۈنۈپ تۇرسا كىيىۋالغان ئىچ كىيىمىگە قاراپ ماڭغان كۆرۈنۈشلەر..........  
_ يىگىت! _ بوۋاينىڭ بايىقىدىن قاتتىقراق چىققان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم، _ مۇشۇ سېنىڭ ئوغۇلبالىلىقىڭما؟ ئوغۇلبالا دېگەن شۇنداق يەرلەرگە قارىمىسا زادى بولمامدا؟
  _ ۋاي، بوۋا! ئاشۇ قىزلار ئاشۇنداق كىيىنىۋالمىسا بىزمۇ قارىمايتتۇق! _ دېدىم مەن. گۇناھنى ئۆزۈمگە ئارتقۇم كەلمەيۋاتاتتى، ئاشۇ شەيتانلار شۇنداق كىيىنمىسە مەنمۇ سەتلەشمەيتتىم ما بوۋاينىڭ ئالدىدا.
_ تېخى گۇناھنى ئۇلارغا ئارتماقچى بولۇۋاتامسەن؟
_ دېمىسىمۇ راستقۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيگەن بولسا، مەيدىلىرىنى ئوچۇق قويمىغان بولسا، سىز زورلاپ ئەكېلىپ «قارا» دېسىڭىزمۇ قارىمايتتىم مەن.
_ ياخشى! _ دېدى بوۋاي بېشىنى لىڭشىتقاچ، _ ئەمسە سەن ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ سەن ئاچ قالغان بۆرىدەك كۆزۈڭنى ئۈزەلمەي قارىمىغان بولساڭ ئۇلارمۇ ئۇنداق كىيىنمەس بولغىيتى؟
_ قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز بوۋا! _ دېدىم مەن نارازى بولۇپ، _ ھەممە گۇناھنى بىز ئوغۇللارغىلا ئارتىپ قويامسىز؟ قىزلاردا گۇناھ يوقما؟ بىز يا يېنىغا بېرىپ شۇنداق كىيىنسەڭ چىرايلىق بولىسەن، دەپتىمىزمۇ؟
_ دەپ باقمىغانمىتىڭ؟......... ئەمسە مانىڭغا قارا!
ئىكران يۈزى داۋالغۇپ يەنە بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى. . .
  بىر قىز بالا بىلەن كوچا چىرىقىنىڭ يورۇقىدا پاراڭلىشىپ تۇرۇپتىمەن.
_ كىيىمىم يارىشىپتۇمۇ؟ _ دەپ سورىغۇدەك ھېلىقى.
  مەن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي:
_ پاھ! ئالامەت! مۇشۇ ئايدەك رۇخسارىڭىزغا، مودېللاردەك قاملاشقان فىگورىڭىزغا شۇنداق يارىشىپتۇ! ئۆزىڭىزنىڭ گۈزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايەن قىپسىز. . . _ دېگۈدەكمەن. بۇلارنى قانداق بىلگەندۇ بۇ بوۋاي؟ سەل ئەنسىرەپ قالدىم. بۇلارنى بىلگەن يەردە ھېلىقى ئىشلارنىمۇ.......... يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ كەتتى.
  _ قانداق؟ ئۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولساڭ قىز بالىلارنىڭ ئىدىيىسىدە «مۇنداق كىيىنسەم چىرايلىق كۆرۈنىمەن» دەيدىغان ئوي شەكىللەنمەس بولغىيتى؟ ئۇلار سەندەكلەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئىككى ئېغىز ماختاش سۆزىگە ئېرىشىشنى دېمىسە، ئۇنداق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەس بولغىيتى؟  
  ئىچىمدە «چوقۇم ماڭا بىر نەرسە دېمەكچى»دەپ ئويلاپ ئەستايىدىللىق بىلەن سوراپ باقماقچى بولدۇم.
_ بوۋا! ئەمسە مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم مەن.
_ ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتسەڭلا بولدى، _ دېدى بوۋايمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن، _ ئۇنداق قىزلارغا قاراپمۇ قويما! كۆزۈڭگىمۇ ئىلما!
_ مەن ئەسلىدىمىغۇ كۆزۈمگە ئىلمايمەن، _ دېدىم مەن.
_ كۆزۈڭگە ئىلمىساڭ نېمىگە قارايسەن؟ ھە؟ كۆزگە ئىلمىغان ئادەمنى ماختاپ نېمە قىلىسەن؟ گەپ قىلمىساڭ، نەزىرىڭگە ئىلپمۇ قويمىساڭ بولاتتىغۇ؟ ئۇلارنى ئۇنداق كىيىنمەسلىككە دەۋەت قىلساڭ بولاتتىغۇ؟ ئىچىڭدىكى راست گېپىڭنى دېسەڭ بولاتتىغۇ؟ «بۇنداق كىيىنىشىڭىزنى ياقتۇرمايمەن» دېسەڭ بولاتتىغۇ؟ _ دېدى بوۋاي تېخىمۇ تىترەپ.
_ ئەمدى......شۇ.....ياشلىقتا...... _ سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى دېيىشتىن قورقتۇم.
_ ئەمدى بۇنىڭغا قارا!
  ۋاي، نېمە كارامەتلەر باردۇ ئەمدى؟
  سۇ يۈزى يەنە داۋالغۇپ ئىكراندا بىز ئولتۇرغان رەڭلىك سورۇن پەيدا بولدى. . .
  سورۇندا قىز - ئوغۇل ئارىلاش ئولتۇرۇۋاتىمىز. قىزلاردا نە تارتىنىش، نە نازاكەت؟ مەست بولۇپ كەتكەچكىمۇ ئەينى ۋاقىتتا دىققەت قىلماپتىكەنمەن. ماۋۇنىڭ كۆكسىنىڭ تومپىيىپ چىققانلىقىنى كۆرمىگەن بولسام كىيىنىشلىرىدىن، گەپ - سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ قىزبالا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىكەنمەن. بەزىلىرى بىر - بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ، پۇتلىرىنى تېپىشىپ، يوتىلىرىنى سىيلاپ قويۇشلىرى. . .
_ مۇھەببىتمىز ئۈچۈن، خوشە! _ دېدى بىز ئاغىنەم يېنىدىكى قىز بالىغا بىر رومكىنى تۇتقۇزۇپ.
_ خوشە، جېنىم! سىڭىپ ئۆتەپ كەتسۇن! _ دېدى ئۇمۇ ماسلىشىپ.
_ ھوي، سىلەر قاچاندىن باشلاپ ئاشق - مەشۇق بوپ كەتتىڭلار؟ مەن سېنى ئالايمىكىن، دەپ ئىشقىڭدا كۆيۈپ يۈرسەم. . ._ دەپ سورىدى ياندا بىر قىز بالىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان ئاغىنەم.
  ھېلىقى قىز بالا رومكىنى قۇرۇقدىۋەتكەندىن كېيىن يېنىدىكى «مابىتى»غا قاراپمۇ قويماي:
_ بوپتۇ. بىكار يۈرسەممۇ يۈرىدىكەنمەن، ساڭا تېگىپ قوياي! ۋەيــــــــــــت!  
  سورۇندىن چوشقىنىڭ ئۆلگەن چاغدىكى ئاۋازىدىنمۇ سەت ھەم ئېچىنىشلىق كۈلكە كۆتۈرۈلدى. . .
_ بولدى. كۆرمەيمەن بوۋا! _ دېدىم مەن يەنە نارازى بولۇپ، _ ئۇ ئىشلارنى كۆرسەتمىسىڭىزمۇ ئېنىق ئېسىمدە بار!
_ ياخشىغۇ! _ دېدى بوۋاي، _ شۇ قىزلارنى نېمىشقا ئىچمەسلىككە، چەكمەسلىككە، قىزلىق نومۇسىنى ساقلاشقا ئۈندىمەيسەن؟
_ ۋاي ئۇنداقلار جىق! ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار! بەزىلىرى مابىتىنىڭ دەردىدىن، بەزىلىرى ئاتا - ئانىسىدىن ئاغرىنىپ يەنە بەزىلىرى جەمئىيەتتىن ئاغرىنىپ. . .
_ شۇ جەمئىيەتتە ئالەمگە تونۇلغان بوۋىلىرىڭ، مومىلىرىڭ ياشىماپتىكەنما؟ ئۇلار كەيىپ - ساپاغا بېرىلمەي نۇرغۇنلىغان شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپتىكەنغۇ؟
_ ئۇچاغ دېگەن ئۇچاغ. ھازىرقى جەمئىيەت ئوخشىمايدۇ؟
  بوۋاينىڭ ئاچچىقتىن ساقاللىرى تىترەپ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى.
_ ئىسىت! _ دېدى ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، _ ھەممە ياشلار سەندەك بولىدىغان بولسا مىللىتىڭنىڭ كەلگۈسى سەندەك چۈپرەندىلەرنىڭ قولىدا بەرباد بولغۇدەك! ئاتا - بوۋاڭنىڭ يۈزىگە قايسى يۈزۈڭ بىلەن قارايسەن ھە؟ ئەۋلادلىرىڭنىڭ يۈزىگە يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن قارايسەن؟ «بوۋا، ياشلىقىڭدا نېمە ئىشلارنى قىلغانتىڭ؟» دېسە، «كەيىپ - ساپا سۈرۈپ، ئويناپ، ئىچىپ - چېكىپ، جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرۈپتىمەن . . . » دەمسەن؟ ئۇلار ساڭا نەپرەتلەنمەسمۇ؟ سەندىن يىرگەنمەسمۇ؟
_ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەسقۇ؟ ئەمسە مەن قانداق قىلىمەن؟ _ دەپ سورىدىم مەن.
_ يىگىت! _ دېدى بوۋاي يەنىلا شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن، _ ئۆزۈڭنى، ئۆزۈڭنىڭ كەلگۈسىنى ئويلا! مىللىتىڭنىڭ كەلگۈسىنى «ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى» دەپ بىل! ئۇنداق كەيىپ - ساپادىن يىراق تۇرساڭ، مىللىتىڭ قىزلىرىنى شۇ يوللاردىن توسۇپ ئۇلارغا تەربىيە قىلىپ، بەك ئېشىۋېلىپ ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ مېڭىۋەرگەنلەرنى كۆزۈڭگە ئىلىپمۇ قويمىسا، مىللىتىڭگە بىر كىشىلىك ھەسسەڭنى قوشۇپ ئۆزۈڭنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىيالىساڭ، سېنى كۆتۈرۈپ تۇرغان زېمىنغا، ئاتا - ئاناڭغا، قېرىنداش، ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭغا، دوست - بۇرادەرلىرىڭگە بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارىيالىساڭ، ھەممە سەندىن پەخىرلەنسە سەن ئاندىن «ئوغۇلبالا» ھېسابلىنىسەن. سەن تېخى ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپ مۇشۇ ئۇلۇغ زېمىننىڭ پاك سۈيىنى ئىچمەكچى بولۇۋاتىسەن! سەن سۇدىن سوراپ باق! ئۇ سېنىڭ ئۆزىنى ئىچىشىڭگە رۇخسەت قىلامدىكىن؟
  ئۆكۈنۈش، پۇشايمەندىن يەردە تىزلىنىپ قوللىرىم بىلەن تىرىۋاپتىمەن. لېكىن زېمىن يەنىلا كەڭ قورساقلىق بىلەن مېنى ئەپۇ قىلىپ مېنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. بۇرۇنلىرىمنى مىش - مىش تارتقىنىمچە سۇدىن ئەڭ ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ سورىدىم:
_ ئەي، ئۇلۇغ سۇ! مەن سېنى بىر يۇتۇم ئىچىۋالاي! بولامدۇ؟
  سۇ دەھشەت داۋالغۇپ، بوشلۇقتىن بىر سادا كەلدى:
_ ياق! سېنىڭ مېنى ئىچىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ!
  شۇنداق دەپلا كۆل غايىپ بولدى.
_ ئاڭلىغانسەن؟ _ دېدى بوۋاي، _ سۇ خالىمايدىكەن. مېنىڭمۇ ئامالىم يوق!
  بوۋاي شۇنداق دەپلا كۆزدىن غايىپ بولدى.

  _ بوۋاااااااااااااااااااااااااااااااااا!!!!

   چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇفففف! خۇداغا شۈكرى! چۈشۈمكەن. ئويغانسام پۈتۈن بەدىنىم چىلىق - چىلىق تەر. ئۇسساپ گاللىرىم قۇرۇپ كېتىپتۇ. چىنىگە سۇ ئېلىپ لېۋىمگە يېقىن ئەكېلىپ ئىچەي دەپ تۇرسام سۇ «ياق! سېنىڭ مېنى ئىچىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ» دېگەندەك داۋالغۇپ كەتتى. . .
تېما تەستىقلىغۇچى : okyan520
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-19
-سىز كۆرۋاتقان تىما ۋەھىــمىلىــك بىــر چـــۈش-ئۈزۈمچى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-19 01:50 PM |
parhat007
پاك تۇغۇلۇپ، ئۇيقۇدا ياشاپ. گۇناھ بىلەن كېتىمىز!!!
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا مىسرانىم مەستانىسى
دەرىجىسى : جان ئەزا


تىزىم نۇمرى : 753
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1028
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1028دانە
شۆھرىتى: 458 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 4416 سوم
ياخشى باھا: 3156 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:390 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

50 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن...................
جەمىئەتتىكى بىر قىسىم ئىشلار ناھايىتى ياخشى تەسۋېرلىنىپتۇ.............
يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭىز  بولسا  ئايىماي يوللاپ تۇرارسىز..........
مىسرانىم  ئۈچۈن  ھەممىمىز تىرىشايلى .............
مىسرانىم سىز نىڭ  ، شۇنداقلا  ھەممىمىزنىڭ.............
http://blog.9saray.com/4586
http://blog.retim.cn/725990
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 02:42 PM |
JaSuR
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2058
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
شۆھرىتى: 228 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1341 سوم
ياخشى باھا: 648 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:6 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:260 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

10 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-22
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئۈزۈمچى ئاكا سىزمۇ باركەنسىز ھە يوقاپلا كەتمەي مۇنبەرنى پات پات يوقلاپ قۇيۇڭ ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز        
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز نادىر  ئەسەرلىرىڭىز مىسرانىمدىن ئۈزۈلمىسۇن
ئۇلۇغ ئاللا بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 02:55 PM |
tughrul
تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 4610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 265
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە265دانە
شۆھرىتى: 137 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 609 سوم
ياخشى باھا: 345 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:358 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

82 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-07
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

ئەسسالام ئۈزۈمچى قېرىنداش ! نىمانداق يۇقاپلا كىتىدىكىن دىسەم ئەسلى مۇشۇنداق نادىر ئەسرنى مىسرانىمغا تەييارلاش بىلەن جاپا تارتىپ يۈرۈپسىلە دەڭلار ! رەھمەت بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، يۇقاپ كەتمەي بىزدەك دوسلۇرۇڭلارغىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىۋەرتىپ كۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغاچ تۇرۇڭلار .
قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 03:04 PM |
musilina
سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2838
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 826
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
شۆھرىتى: 356 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2909 سوم
ياخشى باھا: 1054 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:333 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

17 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

  سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇغان كىشى ئەسەرنىڭ ئىچىگە چۆكۈپلا كېتىدۇ ، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايتى ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى يازىسىز ، ئەسىرىڭىزدە تىلغا ئېلىنغاندەك شۇنداق ۋەھىمىلىك چۈشنىڭ قوينىدىن ئۆزىنى تارتماي ، ئۆزىنىمۇ ، مىللىتىنىمۇ نابۇت قىلىۋاتقانلار خېلى بار ، ئۇلارمۇ ئوقۇپ باقسا بولىدىكەندۇق بۇ تېمىڭىزنى .
اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 03:23 PM |
سەردار
~ قەلبىمدە سۇنغان ئەتىرگۇل~
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1733
نادىر تېما : 27
يازما سانى : 2091
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2091دانە
شۆھرىتى: 1943 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 709 سوم
ياخشى باھا: 4247 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:582 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

68 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئەسىرىڭىزنى كۆرگىنىمگە خۇشالمەن ~~  بۇ ئەسەرسدىكى تەسۋىلەرنى ئوقۇپ يىغلاپ تاشلىغىلى تاس قالسىم چۇنكى مەندىمۇ نۇرغۇن يىگىتلىرىمىشدىمۇ سىز  تىلغا ئالغان 3خىل ھالەتنىڭ بىرەسىدىن بولسىمۇ مەۋجۇت ~~~  سىز تىلغا ئالغاندەك ھەممىسىنى ئۆزگەرتىپ كىتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس  ئەمما ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز تامامەن مۇمكىن ~~~
زىمىستاننى باھار دىگۇڭ بار ،
گۇلۇستاننى خازان دىگۇڭ بار ،
ساڭا بەرسەم بىر  دەريا سۆيگۇ ،
باشقىلارنى ئوكيان دىگۇڭ بار،
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 03:36 PM |
okyan520
ھايات تۇلىمۇ قىسقا ئۇنى قەدىرلەش كىرەك.
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : سەپەرۋەر


تىزىم نۇمرى : 2639
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2138
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2138دانە
شۆھرىتى: 2090 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 8084 سوم
ياخشى باھا: 3678 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:562 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-06
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، مەزمۇنى ئۇتكۈر جانلىق ئوبرازلىق يېزىپسىز.
مەن بىلەن دۇسىت بۇلۇشنى خالىسىڭىز : مەرھەممەت
img: http://blog.retim.cn/364315
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 04:11 PM |
HAP死你
دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4022
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
شۆھرىتى: 66 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 966 سوم
ياخشى باھا: 275 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:103 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

37 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-24
يېقىندا كىرگەن:2008-12-20

 

ۋوي سەردار يىغلىغانغا ئىش پۈتمەيدۇ.ئاۋۇ قولدىكى تاماكىنى تاشلايلى ئاۋۋال. .
راسلا ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن.جەمىئيەتكى ئىشلار ياخشى تەسۋېرلىنىپتۇ.
كۈزىگە باقماي .قەلبىگە باق
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 04:25 PM |
خوتەنخان
*بەخىت*
دەرىجىسى : ئالاھىدە ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1627
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 926
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە926دانە
شۆھرىتى: 370 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 3573 سوم
ياخشى باھا: 2477 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:9 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:453 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

87 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-12
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ۋاخ....بەك مەنىلىك ئەسەركەن،مۇشۇ چۈشنى يىىزىش ئارقىلىقك بىزدىكى نۇرغۇن گۇناھلارنى تەسۋىرلەپ بىرىپسىز ،تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىكەن رەخم،ەت.
*ئازاپقا كۈلۈپ باق،سەۋر قىل...سەن ئاجىز ئەمەسسەن!`
ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى،
ھەسرەت چەكمە ،بولما پەرىشان.
تىنىچلانماق لازىم قايغۇدا،
قۇۋناق كۈنلەر كىلىدۇ ھامان.



چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 04:43 PM |
takdirim
مەڭگۈ سەن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئون بېشى


تىزىم نۇمرى : 115
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1814
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1814دانە
شۆھرىتى: 788 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 6822 سوم
ياخشى باھا: 2498 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:168 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

32 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ئەگەر   سىزنىڭ مۇشۇ  چۈشىڭىزدىن  نۇرغۇن  غەپلەت ئۇيقۇسىدىكى قىز  يىگىتلىرىمىز ئىبرەت  ئىلىپ  ئويغىنالىغان بولسا  نەقەدەر ياخشى بولاتتى  ھە~~
بۇنىڭدىكى بىر مەزمۇن  يەنى باشقىلارنى ئۆزگەرتىمەن دىمەي  ئۆزىنى  تۈزەش  بۇ  تولىمۇ ئاقىلانە  پىكىركەن ..........
ئەل سورىسا سىنىڭدىن،
سەن تانمىساڭ مىنىڭدىن.
سويۈپ سىنى بىر ئۆمۈر،
مەڭگۈ  ھەمرايىڭ بولاي.
لىكىن..........................
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 05:24 PM |
IMRAN
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3559
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 198
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
شۆھرىتى: 26 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 837 سوم
ياخشى باھا: 206 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:17 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

3 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-12
يېقىندا كىرگەن:2008-12-28

 

بۇراس مۇ      يا
دۇنياداتىرىك ئىكىننىڭ ھەممىسى ھايات ئەمەس،
بىللەيۈرگەننىڭ ھەممىسى مۇھاببەت ئەمەس.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 05:33 PM |
ARkiN
◆ دىـل ئـازار، خـۇدا بىـزار◆
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 2006
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1874
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1874دانە
شۆھرىتى: 1134 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 7192 سوم
ياخشى باھا: 3342 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:418 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

22 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-21
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئۇنداقتا مىنىڭمۇ سۇ  ئىچىشكە سالايىتىم توشمامدۇ نىمە ، ئۈف ھەممە ئادەم ئۈزىدىن باشلىسا بۇلىدۇ ، شۇنداق قىلغاندىلا تەرتىپكە چۈشەتتى ! لىكىن قاچانمۇ شۇنداق تۈزىلەركىن بۇ جەمىيەت ، ئىبرەتلىك تىما بوپتۇ ، مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى پات پات ئۇقۇپ تۇرساق بۇلاتتى !
__________________________________________________
سىنـى سـۈيـۈشـكە چىـدىـغان يـۈرەك ، سەندىـن ئـايـرىلىشـقىمۇ چـىدايـدۇ !__________________________________________________
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 07:12 PM |
YALGUZ520
دەرىجىسى : مەستانە ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3166
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 655
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە655دانە
شۆھرىتى: 332 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2174 سوم
ياخشى باھا: 883 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:101 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

39 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-03
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

نومۇرىڭىز يۇز يەنە يۇز يەنە يۇز جۇما
有一种爱叫做放手,为爱放弃天长地久
    
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 07:56 PM |
nasmi
دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1194
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 216
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
شۆھرىتى: 144 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1121 سوم
ياخشى باھا: 629 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:65 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

25 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-07-29
يېقىندا كىرگەن:2008-12-31

 

ئاۋال ھەممىنى ئۆزىمىزدىنى باشلايلى ،ئۈزۈمچى ئاكا بۇ ئىبرەتلىك ھىكايىنى يىزىپ تۇرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغىنىڭىزدىن ھەممىز مىننەتدارمىز .رەھمەت سىزگە.
كۆڭۈلنى تاڭمىغىن كۆيمىسە ساڭا ،
دەپ بارما ئالدىغا<سۆيگۈبەرماڭا>
بىلسەڭ ئۇز سۆيگەننىڭ خاقانى بۇلۇش،
ھەم بىرلە نۇر چاچساڭ ئەرزىيدۇ ئاڭا.
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 10:33 PM |
suygu-izlap
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3627
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 131
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە131دانە
شۆھرىتى: 43 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 658 سوم
ياخشى باھا: 155 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:105 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

35 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئەسەرگە چۆكۈپلا كېتىپتىمەن. بەك ياخشى يېزىپسىز. ئەسىرىڭىزدە ئىپادىلىمەكچى بولغان  بولغان مەزمۇن ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئىكەن.
دېمىسىمۇ ئادەم باشقىلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇمكىنلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغىنى بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەن دەپ مۇتلەقلەشتۇرۋەتكىلى بولمايدۇ.
قىلغان ئىشتىن پۇشايمان قىلمايمەن دېيىش ،                        پۇشايمان ئىچىدىكى ئەڭ ئىلمىي پۇشايماندۇر.
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-19 11:01 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » نەسىرى ئەسەرلەر
مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

Total 0.211341(s) query 8, Time now is:01-03 06:06, Gzip disabled 新ICP备08000436
Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation