مىسىرانىمدا ئالامەت مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدى
ھۆرمەتلىك تورداشلار تۈنۈگۈن مىسىرانىمدا مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدى.گۈل چاي تۇيۇقسىزلا كىلىپ قالغاچقا سىلەرنى چاقىرىپ بولالمىدۇق . مەن سىلەرنى مەشرەپنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قۇياي.
مەشرەپتە Misran يىگىت بېشى بولدى. سەردار پاششاپلىققا تەئىنلەندى، ARKIN ئەر رىياسەتچى جاللات خېنىم ئايال رىياسەتچى بولدى.كۈنتىكىن يىغلاپ تۇرۋېلىپ چىراقچى بولدى.
Misranكامنىڭ ئىجازىتى بىلەن ARKIN مەشرەپ باشلاندى دەپ بىر توۋلاپتىكەن ئاۋازى خۇددى مۈشۈكتىن قۇرۇققان چاشقاندەك چىقىپ كەتتى.مەشرەپ سۇرۇنىدا كۈلكە كۈتۈرۈلدى. ARKINقىزىرىپ ‹‹كەچۈرۈڭلا كۆك زۇكام بوپ قاپتىكەنمەن ››-دىدى.ئۇنىڭ بۇ سۈزىدىن مەشرەپ ئەھلى يەنە بىر قېتىم كۈلدى بىچەرە ARKIN يەنە بىر قېتىم چاندى ARKINنىڭ بونداق سۇرۇنغا تۇنجى قېتىم رىياسەتچىلىك قىلغاچقىمىكىن گەپ سۈزى پەقەت قاملاشماي ۋاتاتتى.
ئارقىدىنلا جاللات خېنىم سۆز ئاچتى ‹‹بۈگۈن توربەتلەر سەردارى بولغان مىسىرانىمنىڭ مەشىرىپى سىلەرنىڭ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مەشىرپىمىزگە قاتنىشىپ بەرگىنىڭلارغا رەخمەت، ھازىر مەشرەپ رەسمى باشلاندى ››-دىدى. جاللات خېنىمنىڭ بو گىپى بىلەن باياقى سەتچىلىكلەر پۈتۈنلەي يۇيۇلوپ كەتكەن ئىدى.مەشرەپ سۇرۇنىدا گۈلدىراس ئالقىش ساداسى كۆتۈرۈلدى.
جاللات خېنىم نۆۋەتتىكى نۇمۇرنى ئۇختۇراي دەپ تۇرۇشىغا پاششاپ سەردار بىر مەسنى ياللاپ كىرىپ ۋاقىرىدى:‹‹داد يىگىت بېشى بۇ نائەھلى سىرىتتا بىزنىڭ نامىمىزنى بولغۇغىلى تۇرۇپتۇ، بۇ توربەتنىڭ غوللوق ئەزاسى تۇرۇپ مىسرانىم ئۈستىدىن پىتنى ئېغىۋا تارقىتىپ يۈرۈپتۇ››-دىدى.مىسرانىم توربىكىتىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆردىغان Misranكام چىرايىنى ئىشىك قىسىۋالغاندەك قىلىپ ئاچچىقىدا چېچىراپ قۇپوپ:‹‹كاللىسىنى ئېلىڭلا ››-دىدى.بۇ پەرماندىن مەشرەپ ئەھلى قاتتىق چۈچىدى. بۇ چاغدا TUMaRISھەدىمىز:‹‹ھاي ھاي ئۇنىڭ چىرايىغا بىر قاراپ بىقىڭە››-دىۋىدى Misranكام كۈرۈپ ھەيران قالدى . بۇ ئەسلىدە مىسىراننىمنىڭ غوللوق ئەزالىرىنىڭ بىرى NIJAD ئىكەن. Misranكام ئۇنىڭ نەتىجىللىرىنى كۆزدە تۇتۇپ قارارىنى ئۆزگەرتىپ مۇنداق ھۈكۈم چىقاردى:‹‹ NIJADنىڭ قىززىقچى دىگەن مىدالى ئېلىپ تاشلانسۇن، مۇنبەر پولىدىن 10000سوم كۇلانسۇن يەتمىسە قەرىز بولسۇن ››-دىدى.
بۇ چاغدا NIJAD نىڭ مەسلىگى يىشىلگەندەك بولوپ ‹‹بىر ناخشا ئوقۇپ بىرەي جازانى يەڭگىللەتسەڭلا ››-دەپ يالۋۇرغىلى تۇردى.
Misranكام ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن ماقۇل كۆردى.
NIJAD كۈزىگە ياش ئېلىپ ناخشىسىنى باشلىدى.....
دەلدەڭشىپ مېڭىپ كەپ قاپتىمەن ،
مەشرەپ ئۆتكۈزگەنMisranبار جايغا .
تارتىۋېلىنغان مىدالگە قاراپ ،
تولدى كۈزۈم ھەسرەتلىك ياشقا .
ھەركۈنى ئاخشام مۇنبەرگە چىقىپ ،
قۇلوم تالغىچە ئىنكاس يوللىدۇم .
شۇنچە قىلساممۇ رەھىم قىلمىدىڭ ،
گۇناھىمنىمۇ كەچرۈم قىلمىدىڭ .
ماڭا بەك ئايان كەتكەن شۇ مىدال ،
ئەمدى ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ .
ھەركۈن ئۇخلىماي تىما يازساممۇ ،
مىدالنى ھەرگىز ماڭا بەرمەيدۇ .(قايتارما)
NIJAT نىڭ بۇ ناخشىسى Misranكامنى شۇنداقلا پۈتۈن مەشرەپ ئەھلىنى بەك تەسىرلەندۈردى. ئارقىدىنلا كەترەن , bumariyam , Musilina, kapsizقاتارلىقلار Misranكامغا جازانى بىكار قىلىش تۇغۇرسىدا مەسلىھەت بەردى ۋە جازانى بىكار قىلدى . NIJAdئەمدى مۇنداق قىلماسلىق توغۇرسىدا ۋەدە بىرىپ مەشرەپ سۇرۇنىدىن ئايرىلدى .
ئارقىدىن sansizيۇمۇر ئېيىتتى . ئۇنىڭ ئېيىتقىنى يۇمۇر ئەمەس بەلكى پورگەپ ئىدى . ئۇنىڭ دىگەن گىپىنى سىلەرگە دەپ بىرەي...
جاھانكەزدىلىك قىلىپ يۈرگەن كۈنلۈرۈمنىڭ بىرىدە بىر تاغلىقتىم ئۈتۈپ قالدىم.تاغلىقتىن ئۈتۈۋاتقاندا توساتتىن بىر ئېيىقنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ئۇ مىنى يەيمەن دەپ ئاغزىنى ئېچىپ مەن تەرەپكە قاراپ ئېتىلىپ كەلدى.ئۇ يېقىن كىلىشىگە ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇۋېلىپ قۇلىنى قاچىپ تۇرۋالدىم . ئېيىق مىنى چىشلىيالمىدى مەن ئۇنىڭ قۇلىنى ئۈچ كىچە كۈندۈز قاچىپ تۇردۇم ئاندىن ئۇ ئاچلىقتىن ئۆلدى . مەن ئۇنى شۇچاغدا قۇيۋىتىپ يەنە يۇلومغا راۋان بولدۇم .
قانداق راسمىكەن بۇ نەدىمۇ يۇمۇر بولسۇن.
ئارقىدىنMisranكاممۇ يۇمۇر ئېيىتتى. Misranكامنىڭ ئېيىتقىنىمۇ يۇمۇر ئەمەس غەلىتە گەپ ئىدى پۈتۈنلەي يالغان . بۇنىمۇ سىلەرگە دەپ بىرەي..
بىركۈنى پۈتمىگەن يولدا مىڭىۋاتسام،ئۆسمىگەن توغراق تۈۋىدە تۇغۇلمىغان توشقان بالىسى يېتىپتۇ.كەسمىگەن كالتەك بىلەن بىرنى قويسام كولىمىغان ئورىغا چۈشتى.شۇنىڭ بىلەن مەلىگە سۆرەپ ئاپىرىپ سېتىپ پولىغا 20 قوي چۈجىسى ، 30كىلوگىرام تۇخا سۈتى ، 15 دانە ئېشەك تۇخۇمى ئالدىم .
قانداق بۇ ھىچ بولمىسا باشجىللىرىغا قارىغاندا قاملاشقاندەك........
ئارقىدىن يەنە دىليارە ، كارۋان0997، okyan520،پەرھات007، فارابى، ئۈزۈمچى، دەۋران،گۇگۇمدىكى چۈش، ياپراق، گۈلسىرى3100قاتارلىقلار ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئوخشاشلا ئۇسۇلغا چۈشتى ۋە ناخشا ئېيىتتى ۋە باشقا نۇمۇرلارنى كۆرسەتتى . ۋاقىت قىس بولارنى دەپ ئولتۇرماي.
ئەڭ ئاخىرىدا مەشرەپ ئەھلىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن يېگىت بېشى Misranكام ئۈزىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ مەشىرەپنى ئاياقلاشتۇردى.
قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ،
مۇنبەرنى ئەڭ ۋەكشى قۇرماقچى ئىدىم .
ۋەلىكىن ئىنكاسلار قىينىدى مىنى ،
ئوخشاشنى ئۈچۈرۈپ ئۆتمەكتە كۈنۈم. (قايتارما)
ئاڭلىغىن ئەي دۇستۇم سۈيۈملۈك تۇرداش ،
مىسرانىم كۈنسىرى گۈللەنسە دەيمەن .
كۈچۈرمە باشقىستىن تىمىلارنى سەن ،
ئىجادى تىمىلارنى يوللىساڭ دەيمەن .(قايتارما)
مىسىرانكام بىلەن ئەركىنكامغۇ چاقچاقنى كۆتۈرۈدۇ . نىجاتنى تېخى چۈشۈنۈپ كىتەلمىدىم....بىراق ئىنكاسلىرىغا قارىسام چاقچاقنى خېلىلا كۈتۈرۈپ قۇيدىكەن.. مەنمۇ 200 گىرام چاقچاق ئۇيناپ قويدۇم .
بۇ قېتقمقى مەشرەپكە قاتنىشالمىغانلار كۆڭلۈڭلارنى بوزماڭلار كىيىنكى قېتىم سىلەرنى ئۈزۈم چاقىرۋالىمەن.
مەنبە: يالغانچى مىڭەمدىن.....