مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » كۆڭۈلدىكى سۆز » ئوغلۇمنىڭ دادىسىغا ...(قارگۈلى 311)
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
karguli311
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 5698
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
شۆھرىتى: 54 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 385 سوم
ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:88 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

2 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-12-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 ئوغلۇمنىڭ دادىسىغا ...(قارگۈلى 311)

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
تېما باشقۇرغۇچى Misran تەرپىدىن نادىرلاندى. (2008-12-11)
ئوغلۇمنىڭ دادىسىغا ...
0
   ئوغلۇمنىڭ دادىسى ، ياخشى تۇرۇۋاتامسەن دېمىسەممۇ ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن ، چۇنكى سەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم ، پەخرىم ، بىردىنبىر كۆڭۈل شادلىقىم بولغان ئوغلۇمدىن ئايرىۋېتىپ ،مېنى قىيناش ئارقىلىق كۆڭلۈڭنى خوش قىلىۋاتىسەن ، ئۆزەڭنىڭ قالتىس ئەركەك ئىكەنلىكىڭنى ماڭا ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىپ قويۇۋاتىسەن ،بەلكىم بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلەر نېمە دېگىنى بۇ ،گەپنى ئۇزارتماي يولدىشىمغا دېسىلا بولمىدىمۇ دەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ، خاتىرجەم بول ، ھەممىنى ئوقۇپ بولغاندا سېنى نېمىشقا يولدىشىم دېگۈم كەلمىگەنلىكىنى بىلىدۇ.
  موشۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەم خوشال -خورام ھېيت ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. مەن بولسام كۆرۈنۈشتە چاندۇرماي سېنى ،ئوغلۇمنى سورىغانلارغا قېينانامنىڭكىگە كەتتى ، دادام يالغۇز بولغاچقا مەن بارمىدىم ، دېگىنىم بىلەن كۆڭلۈمدە بىر ھەپتە ئاۋال قىلغان ھاقارەتلىرىڭدىن پەيدا بولغان يارىلارنىڭ ئازابىغا چىدىيالماي ھەم ئوغلۇم بىلەن بىللە ھېيىت ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىمدىن ، تەقدىرنىڭ شۇ قەدەر رەھىمسىزلىكىدىن تۆت يىلدىن بۇيانقى ئازابلىق تۇرمۇشۇمدىن زارلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
  ھەركۈنى يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا سائەتلەپ خىيال سۈرۈپ كېتىمەن ، مەن نېمىشقا بۇنداق شور پېشانە يارالغاندىمەن ، موشۇ ئۆينى ئۆي قىلىپ كېتەي ، بالامنى يېتىم قىلماي دەپ شۇنچە تىرىشىپتىمەن ، ئېرىشكىنىم پۈتۇنلەي ئارزۇيۇمنىڭ ئەكسىچە  ، تۆت يىل بوپتۇ،سېنىڭ تۇگىمەس سوئال-سوراقلىرىڭ ، تىل-ھاقارىتىڭ ، ئورۇنسىز گۇمانخورلۇقۇڭ،يولسىز جېدەللىرىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقىلى ، بەك چارچاپ كەتتىم ،ئەمدى بەرداشلىق بەرگۈچىلىكىم قالمىدى . ئاجرىشىپ كېتەيلى ، بالىنى يېتىم قىلمايمەن دېگىنىم بىلەن ئاشۇنداق ئائىلە مۇھىتىنىڭ بالا ئۈچۈن قانچىلىك پايدىسى بولماقچىدى ؟ سېنىڭ تەسىرلىك كەچۈرۈم سوراشلىرىڭ، چىرايلىق ۋەدىلىرىڭ ، ئادەمنىڭ ئىچى سېيرىلغۇدەك يالۋۇرۇشلىرىڭغا ئېرىپ قېلىپ سوتقا بەرگەن ئەرزىمنى قايتۇرىۋالغىلى تېخى ئۈچ ئايمۇ بولمىدى ، مەن تېخى سېنى مېنى ئەمدى چۈشىنىپتۇ ، ئەمدى تۇرمۇشىمىز تىنچ بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ، ئۇنداق ئويلاشقا تېخى بالدۇركەن، سەن مېنى مەڭگۈ چۈشەنمىگىدەكسەن ، بولمىسا ماڭا بۇنچىۋالا ئازار بەرمىگەن بولاتتىڭ .
  ئالدىنقى قېتىم سوتقا چىققاندا ئاجرىشىپ تۈگەشكەنمۇ بولاتتۇق ، شۇ بالىنى قاتتىق تالىشىپ قالدۇق ، سەن ھەتتا سىرتلاردا مەن دېگەن بالىنىڭ دادىسى ، ئۇنىڭ بالىنى تالىشىدىغان ھەققى يوق ، بالىنى مېنىڭ ئالغىنىم ئالغان ...دېگەن گەپلەرنى ، ماڭا بولسا ، سەن باقساڭ ئوغلۇم خوتۇن مىجەز بولۇپ قالىدۇ ...ئۆگەي ئاتىنىڭ ئالدىدا خار قىلىپ قويىسەن ، مەن بۇنىڭغا يول قويالمايمەن ...دېگەندەك گەپلەرنى قىلدىڭ ، باشقا گەپقۇ مەيلى ، بالىنى تالىشىدىغان ھەققىڭ يوق دېگەن گەپ ئاغزىڭدىن قانداق چىقتى ؟ مەن سېزىك تارتىپ ، تاماق يېيەلمەي ھۆ بولۇپ يۈرگەنلەردە ، سەن قوسىقىمدىكى بالا ئۈچۈن سىڭىشلىك بىر چىنە ئاش قىلىپ بېرەلىگەنمىدىڭ ؟ قوسىقىم يوغىناپ ئېگىلگۈسىز بولۇپ قالغان كۈنلەردە ، ئوغلۇم قىينىلىپ قالمىسۇن ، تاماقنى مەن ئېتەي ، سەن ئارام ئالغىن ،دېيەلىگەنمىدىڭ ؟ ئوپىراتسىيە كارۋېتىدا ناركوز تەسىر قىلماي ، ئاغرىق دەستىدىن توختىماي زارلىنىپ قىينالغان ۋاقتىمدا سەن ئىشىك ئالدىدا تاقەت قىلىپ ساقلاپ تۇرالىغانمىدىڭ ؟ سېستىرا «ئوغۇل ، سۆيۈنچە ...» دەپ ئوغلۇڭنى يۈگۈرگەنچە ئېلىپ چىققىنىدا سەن تۇنجى بولۇپ قولۇڭغا ئالغانمىدىڭ ؟ كۆكسۈمنىڭ تۈگمىسى چوڭ بولغاچ ھەم ئىككى كۈندىلا  كېسىلىپ يارا بولۇپ قالغاچقا ،مەن ئاغرىققا چىدىماي، بالا ئاچلىققا چىدىماي تەڭلا ياش تۆككەن چاغلاردا ، ئاغرىق دەستىدىن يەرنى تىپىپ تۇرۇپ ، كۆزۈمدە لىق يېشىم بىلەن بالىنى ئېمىتكەن چاغلىرىمدا سەن  نىمە قىلىپ بېرەلىگەن ؟ تۇيۇقسىز يۆتىلىپ تاشلاش سەۋەبىدىن ئوپىراتسىيە قىلغان جايدىكى  ئىككى تىكىش ئېچىلىپ قېلىپ بىر ئايغىچە ئاغرىق ئازابىدىن قىينىلىپ تۇرۇپمۇ بالا «ئە..» قىلماق بىلەن تەڭ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا سەن نىمە چۈشلەرنى كۆرۈۋاتقان ئىدىڭ؟ ئاپامنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بىرەر قېتىم بالىنىڭ تەرەت لاتىلىرىنى يۇيۇپ باقتىڭمۇ؟ كىيىم -كېچەكلىرىنى يۇيۇپ باقتىڭمۇ ؟ موشۇ كەمگىچە بىرەر قېتىم بالىنىڭ تىرناقلىرىنى ئېلىپ ، چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ باقتىڭمۇ ؟ بىرەر قېتىم ئۆزلۈكىڭدىن بالىنىڭ بەدەنلىرىنى يۇيۇپ باقتىڭمۇ ؟ قانچە قېتىملاپ بالىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان چاغلاردا ئۆزەم يالغۇز دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ، گايىدا باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ،گايىدا بىر قولۇمدا ئوكۇل بوتۇلكىسىنى ، بىر قولۇمدا بالىنى كۆتىرىپ تەرەت قىلدۇرىمەن دەپ ، ئوكۇل يىڭنىسى مىدىرلاپ كېتىپ ، بالىنىڭ قولى ئىششىپ كېتىپ ، قايتا-قايتا ئوكۇل يىڭنىىسى سانچىغاندا ،شۇ يىڭنە يۈرىكىمگە سانچىلغاندەك بولۇپ  بالىدىن بۇرۇن مەن چىدىماي يىغلاپ كەتكەن چاغلىرىمدا سەن نەدە ئىدىڭ ؟ ئەجىبا بالىنىڭ شۇنچە جاپاسىنى تارتىپ ، موشۇنچىلىك چوڭ قىلىپ ئەمدى ھەققىم يوق بولۇپ قالدىمۇ؟  ئۆگەينىڭ ئالدىدا خار قىلىپ قويىسەن ، دېگەن گېپىڭدىن ئۆرگىلەي ، بۇ گەپچە سەن ئوغلۇڭغا ئۆز ئانىسىدىنمۇ بەك كۆيۈنىدىغان ئۆگەي ئانا تەييارلاپ قويغان ئوخشىمامسەن ؟ ...دېسەم گەپلىرىم ھەرگىز تۈگىمەيدۇ ، ماڭىمۇ قىلدىڭ ، ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ ، ئەمدى بالىغا قىلماقچى بولۇۋاتىسەن ، ئۇنداق قىلما ، مېنى قىينىغىنىڭ ئەمەس ، بالىنى قىينىغىنىڭ ئۇ ، بالىدا نېمە گۇناھ ، بىلىمەن ، سەنمۇ ئوغلۇڭنى قالتىس ياخشى كۆرىسەن ، بىراق ياخشى كۆرۈش ئايرىم گەپ ، مېھرى- مۇھەببەتنى يەتكۈزۈش ئايرىم گەپ ، سەن ھازىرچە بۇنى قىلالمايسەن ، ھېچبولمىسا مەنچىلىك قىلالمايسەن ، شۇڭا بالىنى ماڭا بەرگىن، ئۇنىمۇ ،مېنىمۇ قىينىما !ئۆمرۇڭدە بىر قېتىم كەڭ قورساق بولۇپ، ئاياللارغا يول قويۇپ باققىن ، بۇنىڭلىق بىلەن  ئەر دېگەن نامىڭ ھەرگىزئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

مەنبە: قەلىمىم
  
[ بۇ يازماkarguli311تەرپىدىن2008-12-09 10:51 AMدە قا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : GuZal爱你
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-08
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئوغلۇمنىڭ دادىسىغا ...(قارگۈلى 311),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ جاھاندا كۆپتۇر كۆرگىنىڭدىن كۆرمىگىنىڭ ،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-08 10:12 PM |
musilina
سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2838
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 826
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
شۆھرىتى: 356 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2909 سوم
ياخشى باھا: 1054 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:333 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

17 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئەجەب تەسىرلىك چىقىپتۇ ، يۈرۈكۈم ئېزىلىپ كەتتى ،ئۆزىڭىز يازدىڭىزما ؟  چىن ھېسياتنى بۇنداق ياخشى ئىپادىلەش بەك تەس ، ۋىجدانسىز ، كۆيۈمسىز ئەرنىڭ ئوبرازى شۇنداق جايىدا ئىپادىلىنىپتۇ .
اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 12:31 AM |
نادىرە
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4651
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە119دانە
شۆھرىتى: 29 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 596 سوم
ياخشى باھا: 134 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:41 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

9 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-08
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

   راسلا  بەك  تەسىرلىك  چىقىپتۇ!  كۆڭلۈم  ھەجەپ بىر  قىسمىلا  بولۇپ قالدى!
مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋەتسىڭىزچۇ؟ ئۆزىڭىز  يازغانمۇ ياكى......؟
  
  ئۆسەر يۇرتنىڭ باللىرى ،
  بىر-بىرىنى پالۋان دەر  .
  چۆكەر يۇرتنىڭ  باللىرى،
  بىر-بىرىنى  گالۋاڭ  دەر .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 12:48 AM |
takdirim
مەڭگۈ سەن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئون بېشى


تىزىم نۇمرى : 115
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1814
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1814دانە
شۆھرىتى: 788 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 6822 سوم
ياخشى باھا: 2498 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:168 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

32 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ئەجەپ بەك تەسىرلىككەن ~   خۇدا  سىزنى  تىلىكىگىڭىزگە  يەتكۈزسۇن.....
ئەل سورىسا سىنىڭدىن،
سەن تانمىساڭ مىنىڭدىن.
سويۈپ سىنى بىر ئۆمۈر،
مەڭگۈ  ھەمرايىڭ بولاي.
لىكىن..........................
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 01:08 PM |
sirdax
دەرىجىسى : ئون بېشى


تىزىم نۇمرى : 107
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 909
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە909دانە
شۆھرىتى: 699 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 17258 سوم
ياخشى باھا: 2865 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:155 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

45 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ناھايتى تەسىرلىك بوپتۇ ! ياخشى يېزىپسىز ! ھەققەتەن تەسىرلىك ئىكەن !
ياشلىقتىكى بەڭۋاشلىق ،قېرىغاندىكى ئەڭ چوڭ پۇشايمان
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 01:31 PM |
HAP死你
دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4022
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
شۆھرىتى: 66 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 966 سوم
ياخشى باھا: 275 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:103 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

37 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-24
يېقىندا كىرگەن:2008-12-20

 

بۇ سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىزمۇ؟كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى بىز نىمانداق ئاجىزھە.ئۆزىمىز مىڭ جاپادا تۇغۇپ چوڭ قىلغان بالىغىمۇ ئىگە بولالمىساق.
كۈزىگە باقماي .قەلبىگە باق
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 03:01 PM |
МaJnцN
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3137
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 197
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە197دانە
شۆھرىتى: 23 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 793 سوم
ياخشى باھا: 203 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:72 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

18 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-02
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

بەك ياخشى يىزىپسىز، بەك تەسىرلىك ئىكەن.   
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 03:36 PM |
karwan0997
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1738
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 802
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
شۆھرىتى: 182 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 5509 سوم
ياخشى باھا: 1525 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:148 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

52 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

كۆڭلىڭىزنى چۈشنىمەن..تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم،،،ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،،يەنە ئېسىل تىمىللىرىڭز ئۈزلۈپ قالمىسۇن،،
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 04:23 PM |
TunJiKaR
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2355
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
شۆھرىتى: 171 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1355 سوم
ياخشى باھا: 1091 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:56 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

34 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-29
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئايىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن...
چۇقۇم كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ
بالىڭىز بىلەن تىزراق كۈرۈشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن
كۆزلىرىڭدىن كەتكۈم يوق مىنىڭ،
قارچۇقۇڭداقالىمەن قېتىپ.
تۇمۇرۇڭداتۇنۇش يول بارمۇ؟
يۈرۈكىڭگە بارىمەن ئېقىپ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 05:16 PM |
suygu-izlap
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3627
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 131
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە131دانە
شۆھرىتى: 43 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 658 سوم
ياخشى باھا: 155 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:105 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

35 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئەجەپ ياخشى يېزىپسىز .قارىغاندا بېشىڭىزدىن خېلى ئسسىق-سوغۇقلار ئۆتكەن ئوخشايدۇ.ئوقۇۋېىپ شۇنداق كۆڭلۇم يېرىم بولدى.  
جاھاندا دەردى يوق ئىنسان يوق  دە..........
قىلغان ئىشتىن پۇشايمان قىلمايمەن دېيىش ،                        پۇشايمان ئىچىدىكى ئەڭ ئىلمىي پۇشايماندۇر.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 05:18 PM |
IMRAN
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3559
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 198
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
شۆھرىتى: 26 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 837 سوم
ياخشى باھا: 206 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:17 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

3 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-12
يېقىندا كىرگەن:2008-12-28

 

تەسىرلىككەن مەن بۇلارنى ئوقۇپبولغۇچە تەسلاقالدىم        bolchlhنىمانداق ئۇزۇن ھېكايە بۇ     
دۇنياداتىرىك ئىكىننىڭ ھەممىسى ھايات ئەمەس،
بىللەيۈرگەننىڭ ھەممىسى مۇھاببەت ئەمەس.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 07:00 PM |
JaSuR
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2058
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
شۆھرىتى: 228 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1341 سوم
ياخشى باھا: 648 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:6 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:260 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

10 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-22
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ياخشى يېزىپسىز  بەك تەسىرلىككەن  بۇنى ئۇقۇپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى      
ئۇلۇغ ئاللا بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!!!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 07:09 PM |
FaraBi828
@مەن سىزگە ئاشىق@
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1278
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 658
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە658دانە
شۆھرىتى: 372 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1293 سوم
ياخشى باھا: 2424 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:157 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

43 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-02
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ناھايىتى تەسىرلىك چىقىپتۇ !~
@مەن بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر @
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-11 03:40 AM |
Miskin-328
دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1229
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 188
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە188دانە
شۆھرىتى: 132 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1025 سوم
ياخشى باھا: 569 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:36 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

14 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-07-31
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

راست تەسىرلىككەن جۇمۇ..!! رەخمەت..!!
<<ئۆزگىرەۋاتقىنى دۇنيا ئەمەس،بەلكى ئادەملەر.>>
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-11 03:41 AM |
xohgul
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5656
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 207
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
شۆھرىتى: 43 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 844 سوم
ياخشى باھا: 209 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:20 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

30 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-30
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

تىمىڭىز شۇنداق ياخشى ئىكەن ..........
سىزگە ئۇنىڭ ئىچى ئاغرىمىسا ئۇلۇغ ئالانىڭ ئىچى ئاغرىپ بىشىڭىزنى سىلايدۇ ..
كىم 三亭~~~
سۆيەر بولساڭ ئەگەر بىرسىنى ، قەدىرلەپ ھەم قەدىرلىتىپ سۆي ~~
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-11 04:53 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » كۆڭۈلدىكى سۆز
مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

Total 0.150051(s) query 8, Time now is:01-03 04:15, Gzip disabled 新ICP备08000436
Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation