كىچىكىمدىن باشلاپلا ماڭا تۈزۈكرەك خوشاللىق نېسىپ بولماپتىكەن ، ئېسىمنى بىلسەم بوۋام ،مومام (دادامنىڭ دادىسى،ئاپىسى ) بىلەن بىللە تۇرىدىكەنمەن ، ئۇ چاغلاردابوۋامنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ باش تەرىپىدە ، دادامنىڭ بولسا مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ، ئارىلىق ئانچىمۇ يىراق ئەمەس ئىدى ، بەزىدە دادام ، ئاپام كېلىپ بۇ ئۆيدە تاماق ئېتىپ يەپ قايتىپ كېتەتتى ، ئۇلار ماڭغاندا مەن ئەگىشىپ تۇرۇۋالسام ، ئاپام يا ماقۇل ، يا ياق دېمەيتتى ، قانداقتۇ بىر نەزەردە مومامغا قارايتتى ،مومام بولسا : بۈگۈن بارمىسىلا ، جېنىم بالام ، ئۇرۇقچا چېقىپ بېرىمەن ، ناۋات ئەكىلىپ قويدۇم ، تاتلىق ناۋات چاي دەملەپ ئىچەيلى -ھە ، تاتلىق بالام ،دېگەچ قولۇمنى بېغىشىدىن چىڭ تۇتۇۋالاتتى . ماڭا باشقا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمايتتى ، بوۋام دادام ، ئاپام بار چاغدا گەپ قىلمايتتى ، ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بولسا : ھە ، بارماي قايتىپ كىرىپسەنغۇ ، ئاپاڭ ساڭا يوغاننى يونۇپ ، ئىنچىكىنى سوزۇپ تەييارلاپ قويغان بولغىيتتى تايىنلىق ، دەپ دوق قىلاتتى ، بۇ گەپلەرنىڭ مەنىسىنى پەقەتلا چۈشەنمەيتتىم ، ئەمما بوۋامنىڭ چىرايى ۋە تەلەپپۇزىدىن ياخشى گەپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلاتتىم ، كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش ئالاتتىم ،بۇنداق چاغلاردا مومام بوۋامغا : ھە ،كەتمىگەندىكىن بولدى ئەمدى ، توغان يار ئېلىپ كېتەي دەۋاتىدۇ ، گەپ قىلمىسا ئىچى پۇشۇپ قالامدىكىن بۇ ئادەمنىڭ ، دەپ غۇدۇڭشىيتتى ۋە : ئا____ي ، بالامەي ، بوۋىلىرى ئۆزلەگە ئامراقلىقىدىن جېنىلىرىغا تۆرەپ (قەستەن قېرىشىپ ) قويىدۇ ، ئېغىر ئالمىسىلا ، دەپ يانچۇقۇمنى يېمىش بىلەن تولدۇرۇپ قوياتتى ، مومامنىڭ سۆزلىرىدىن كۆڭۈل يېرىملىقىم يوقاپ كەتمىسىمۇ ھەرھالدا تەسەللى تېپىپ قالاتتىم .
بەش ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك ، دادامنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئائىلىمىز ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆچۈپ كەتتى ، مېنىڭ ئۇلارنى كۆرۈشۈم تېخىمۇ تەسكە چۈشتى ، پەقەت نەچچە ھەپتىدە بىرەر قېتىم ياكى ئايدا بىرەر قېتىم ۋېلسىپىتلىك كېلەتتى ، ئۇلار كەلگەندە مەن شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتەتتىم ، چۈنكى دادام مېنى ئىككى قولتۇقۇمدىن ئېلىپ بېشىدىن ئېگىز قىلىپ بىر نەچچە قېتىم ئاسمانغا ئېتىپ تۇتۇۋالاتتى ، بۇ چاغلاردا دادامنى خۇددى چۆچەكلەردىكى خاسىيەتلىك ئادەملەردەكلا ھېس قىلاتتىم ، ئاپام بولسا مېنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ ، باشلىرىمنى سىلاپ ئېتىكىگە ئولتۇرغۇزۇپ ، يانچۇقۇمغا جىققىنە كەمپىت ، گۈلە-قاقلارنى سېلىپ قوياتتى ، باشلىرىمنى يۇيۇپ ، چاچلىرىمنى تاراپ شۇنداق چىرايلىق ئۆرۈپ قوياتتى ، ئۆزەمنى گويا دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل دەپ تەرىپلىنىدىغان ھېلىقى چۆچەكتىكى قار مەلىكىدەك ھېس قىلاتتىم . بۇنداق خوشاللىق ماڭا ناھايىتى تەستە نېسىپ بولۇپ ، ناھايىتى تېزلىكتە ئۆتۈپ كېتەتتى . چۈنكى ئۇلار بەرىبىر يەنە ھېلىقى قارارەڭلىك ۋېلسىپىتكە مىنىپ قايتىشقا تەييارلىناتتى ، مەن بوۋامنىڭ دوق قىلىشىدىن قورقۇپ ، مەنمۇ بارىمەن دېيەلمەيتتىم ، ئەمما كۆزۈمگە لىققىدە ياش ئالغىنىمچە ، ۋېلسىپىتنىڭ كەينى جاھازىسىنى ئىككى قوللاپ مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇۋالاتتىم ، دادام :نىمە بولدى ، گېپىڭ بارمۇ ، دەيتتى ، مەن گەپ قىلمايتتىم ، توغرىسى قىلالمايتتىم ، ئۇلار مېنى بىر مۇنچە بەزلەيتتى ، مەن خېلى بىر ۋاققىچە تىركىشىپ ئاندىن قويۇۋېتەتتىم ، ئۇلار كېتەتتى .
ئاخىرى؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛
ھېلىمۇ ئېسىمدە ،دادام ، ئاپاملار مەھەللىدىكى چاغدا بىر قېتىم مومامنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ ئاشۇ ئۆيىمىزگە قاراپ قاچقان ئىدىم ،ئۆيگە ئاز قالغاندا مومام كەينىمدىن قوغلاپ كېلىپ تۇتېۋېلىپ قايتۇرۇپ كەلدى . مەن بارسام نىمە بولىدۇ ،دېگەن گەپنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ ،سۇپىدا دۈم يېتىۋېلىپ تازا يىغلىدىم . مومام دەسلەپتە مېنى ھەرخىل گەپلەر بىلەن بەزلەپ باقتى ، مەن يىغلاۋەرگەندىن كېيىن ، مېنى قاتتىق سىلكىشلىدى :
-ھەي، يۈزسىز ، نىمە تولا جېدەل قىلىسەن ، سېنى بېقىپ يامان قىلدىممۇ ، سەن يەۋاتقان ياخشى نەرسىلەرنى يەنە قايسى نەۋرەمگە بېرىپتىمەن ، توي -تۆكۈنلەرگە ئاپىرىۋاتىمەن ، كىيىملىرىڭنى يۇيۇۋاتىمەن ، كۆرپىگە سىيىپ قويساڭمۇ گەپ قىلمايۋاتىمەنغۇ ، نەدە موشۇنداق ياخشى ئۆي بار ئىكەن ساڭا ، ئەمدى ماڭا ھەمرا بولۇشقىمۇ يارىمامسەن ،-بۇ گەپلەر كۆڭلۈمگە مىختەك سانچىلدى ، شۇندىن كېيىن دادام ، ئاپامنى كۆرگەندىمۇ يۈرەكلىك ئەگىشەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم .
ئالتە ياشتىن ئېشىپ مەكتەپكە كىردىم ، ھەنىم بولسا ، مەكتەپ خېلى كۆڭۈللۈك ئىدى ، مەن دەرسلەرنى ياخشى ئۆگەندىم ، تۇنجى مەۋسۇمدىلا سىنىپتىكى ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا مۇكاپاتلاندىم ، 1-يىللىقتىلا پىئونىر بولدۇم ، ئېلىپبە ساۋادىم تولۇق چىقتى ، دادام ، ئاپاملار بەك خوش بولۇشتى ، مېنى ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ ھەممىسىگە ماختاپ بېرەتتى، ئۇلار بالىلىرىغا مېنى ئۈلگە قىلىپ ، ئاشۇنداق ئوقۇڭلار دەيتتى ، مەن بۇ گەپلەردىن ئىلھاملىنىپ ، تېخىمۇ ياخشى ئوقۇشقا تىرىشاتتىم ، موشۇنداق ئوقۇش بىلەن بىللە نۇرغۇن ئويۇنلارنى ئۆگىنىۋالدىم ، مەكتەپتىن قايتقاندا بىزنىڭ كوچا بەكمۇ قىزىپ كېتەتتى ، ئوغۇللار ، قىزلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ، ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينىشاتتى ، بىراق مەن بۇ خوشاللىقلاردىن مەن تولۇق بەھرىمەن بولالمايتتىم ، چۇنكى ئەمدىلا ئازراق ئوينىسام ، بوۋامنىڭ بوران گۈركىرىگەندەك چىقىدىغان سۈرلۈك ئاۋازى يۈرىكىمنى جىغىلدىتىۋېتەتتى ، يۈگۈرگەن پېتىم ئۆيگە كىرىپ كېتەتتىم ، بوۋام تولىمۇ زەردە بىلەن ، مەن سېنىڭچىلىك ۋاقتىمدا ، دادام ، ئاپامنىڭ ئۆيدىكى ئۇلاغ-قارىلار بىلەن كارى بولمايتتى ، ئۆزەمنى بىلىپلا ۋاقتى-ۋاقتىدا قارايتتىم ، ساڭا قارىسا تەييارنى يېييشتىن باشقىنى بىلمەيسەن، ماڭە، باغچىدىن ئوت يۇلۇپ چىق ، دەيتتى ، مىڭ تەستە يېرىم قۇچاق ئوت تېپىپ چىقاتتىم ، ئۇنى سېلىپ بولۇشىمغىلا ، قۇدۇق بېشىغا بېرىپ چەينەكلەرگە سۇ ئەكەل ، دەيتتى ، بىرنى قىلىپ بولسام بىرنى ..بوۋام قويسا مومام توختىماستىن ئىشقا بۇيرۇپ تۇراتتى . موشۇنداق بولۇۋەرگەچكە ، مەن كوچىغا ئوينىغىلى چىقسام بەزى بالىلار ، ئۇنى قوشمايلى ، بىردەمدىلا بوۋىسى چاقىرسا ، ئويۇننى بۇزۇپ كىرىپ كېتىدۇ ، دەپ قوشمايدىغان بولۇۋالدى ، بۇنداق چاغلاردا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولاتتى ، پەقەت مەكتەپتىكى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىلا مېنىڭ ئويۇن ئويناپ خوشال بولۇۋالىدىغان ۋاقتىم ئىدى .
-دەرسلا ئوقۇساڭ ھېساب ئەمەس ، -دەيتتى بوۋام دائىم ،- ئۆزەڭنىڭ ئىشىنى ئۆزەڭ قىلالىساڭ بولىدۇ .
- قىز بالا دېگەن ئويۇن قېپى بولمايدىغان ،_ دەيتتى مومام ،_ تاماق ئېتىشنى ، ئۆي تازىلاشنى ، كىر يۇيۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك .
3-سىنىپقا چىقىپ قالدىم، ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇۋاتاتتىم . كۈنلىرىم مەكتەپتە ئوقۇش ، ئۆيدە بوۋام ،مومامنىڭ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىش بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى . مېنىڭ بىر ئاكام ، بىر ئاچام ۋە بىر ئۇكام بار ئىدى . مەن ئۇلار بىلەن ناھايىتى ئۇزاقلاردا كۆرۈشەلەيتتىم يەنى بەزى شەنبە كۈنلىرى دادام كېلىپ ، ھېلىقى قارا رەڭلىك ۋېلسىپىتنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيگە ئاپارغان چاغلاردىلا. ئەمما ئۇ چاغلاردا كۆرۈشۈشنى ئۇنچە بەك ئارزۇلاپمۇ كەتمەيتتىم ، چۈنكى ئاكام ماڭا چاخچاق قىلدىم دەپ ، موما باققان بالا ، تامغا ئۈسكەن كالا ، دېيىشى بىلەنلا مەن كۆڭلۈمگە ئېلىپ يىغلاپ قالاتتىم ، ئاچام بىلەن ھەرھالدا ياخشى ئىدىم ، ئەمما ئۇنىڭ مېنىڭكىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان چىرايلىق كىيىملىرى ۋە يېزىدا يوق نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرگىنىمدە ،مەنمۇ ئاپام ، دادام بىلەن بىللە تۇرغان بولسام ، شۇنداق بولغان بولاتتىم ، دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى . ھەممىدىن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدىغىنى ئۇكام ئىدى ، مەن ئاپامنىڭ يېنىغا شۇنداقلا يېقىن بارسام ئۇ مېنى ، يىراق تۇر، بۇ سېنىڭ ئاپاڭ ئەمەس ، مېنىڭ ئاپام ، سەن مومامنىڭ بالىسى ، مومامنىڭ يېنىغا كەت ، دەپ ئىتتىرەتتى . توۋا ، ئويلاپ باقسام بەكلا يۇۋاشكەنمەن ، شۇ كىچىككىنە ئۇكامنىڭ مېنى ئىتتىرگىنىگە يىغلاپ بېرىپ تۇرىدىكەنمەن ، ھەرگىزمۇ ئۇنى ئىتتىرىۋېتىشنى ئويلىمايدىكەنمەن ، بۇنداق چاغلاردا ئاپام مېنى بەزلەپ ، قارا سېنى ، چوپچوڭ بوپ قېلىپمۇ يىغلاپلا يۈرگەن ، ئۇكاڭ كىچىك تۇرسا ، ئۇ ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ ، ئەتىلا دېگەن گەپلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ، سەن كەتكەندە تېخى ئاچامنى كۆرگۈم كەلدى دەپ يىغلايدۇ ، ماڭە ، ئاچاڭ سېنى گۈلەڭگۈچتە ئوينىتىپ قويسۇن ، دەپ بەزلەيتتى .
دادام يۆتكىلىپ كەلگەن بۇ مەكتەپ بىزنىڭ مەكتەپتىن 3-4 ھەسسە چوڭ بولۇپ ، مەيدانلىرىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىكەن ، ۋالىبول ، ۋاسكىتبول مەيدانى ، قوش-يالاڭ تورنىك ...دېگەندەك نەرسىلەر ناھايىتى تولۇق ئىكەن ، مېنى ھەم ئەلۋەتتە ماڭا ئوخشاش بالىلارنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى شوتا شەكىللىك تۆمۈرزەنجىر گۈلەڭگۈچ ئىدى ، بۇنداق گۈلەڭگۈچتىن ئىككىسى بولۇپ ، ھەربىرسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئالتىدىن بالا ئۇچقىلى بولاتتى ، بىراق قىزبالىلار قورقۇپ ئەڭ ئاستىنقى ئىككى-ئۈچ بالدىقىدىلا ئولتۇرۇپ ئوينايتتۇق ، كەپسىزرەك ئوغۇل بالىلار بولسا ئەڭ ئېگىزدىكى بالداقلىرىغىمۇ چىقىۋالاتتى . ئۇندىن باشقا مەكتەپ ئىچىدە چوڭ بىر باغ بولۇپ ئۈجمە ،ئالما ،نەشپۈت ،ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلەر بار ئىدى ، ئۇ مېۋىلەر بەك تاتلىق ئىدى .(ياكى ماڭا شۇنداق بىلىنەمدىكىن ) بولۇپمۇ ئۆزى ئانچە چوڭايمىغان بولسىمۇ مېۋىسى ھەم چوڭ ھەم تاتلىق پىشىدىغان بىر نەچچە تۈپ ئۈجمە بولۇپ ، ئاكام بەزىدە شۇ ئۈجمىلەرنىڭ ئېگىز شاخلىرىنى بىر ئاماللار بىلەن ئېگىپ ئۈجمىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى ھەم قىزىقارلىق قىلىپ ، بارماقتەك يوغان دېگەن مەنىدە ، ساڭا باما ئۈجمە ئېلىپ بەردىم جۇمۇ ، دەيتتى . ھەي ، بۇ يەكشەنبە دېگەن قالتىس ئىتتىك ئۆتەتتىكى ، مەن نىمىشقا يەكشەنبە بۇنداق ئاز بولىدىغاندۇ ، ھەركۈنى يەكشەنبە بولسا بولمامدۇ ، دەپ كېتەتتىم .
كەچقۇرۇن دادام مېنى يەنە ئاپىرىپ قوياتتى ، مەن بىرقېتىم قايتىشنىڭ ئالدىدا ئاپامدىن :
- مېنى نىمىشقا مومامغا بېرىۋەتتىڭلار ، مەن سىلەر بىلەن بىللە تۇرسام بولمامدۇ ، -دەپ سورىدىم . ئاپام :
-بىز بېرىۋەتمىگەن ، ئۆزەڭ بېرىۋالغان ، -دېدى. مەن يەنە:
-قانداقسىگە ؟- دەپ سورىدىم . ئاپام:
-كىچىك ئاپاڭدىن بىرىنى توي قىلىپ ، بىرىنى ئوقۇشقا ئەۋەتكەندىن كېيىن ، موماڭ مەن يالغۇز قالدىم ، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا ياردەملەشكىلى ئىككى قىز نەۋرەمدىن بىرەرسىنى ھەمرا قىلىۋالسام بولاتتى ، دەپ كەپتىكەن ، مەن ياق دېيەلمەي ، داداڭغا قارىسام ، داداڭ مەيلى ، دېدى ، داداڭ مەيلى دېگەندىكىن مەن قارشى تۇرالمايمەن-دە ، شۇنىڭ بىلەن بالىلار خالىسا بارسۇن ، دېسەم ، موماڭ دەسلەپتە ئاچاڭدىن مېنىڭ بالام بولاملا دەپ سورىۋىدى ، ئاچاڭ ، ياق ، مەن ئاپامنىڭ بالىسى ، باشقا ھېچكىمنىڭ بالىسى بولمايمەن ، دېدى ، شۇنىڭ بىلەن موماڭ ساڭا ، مېنىڭ بالام بەك ئوبدان ، گەپ ئاڭلايدۇ ، مېنىڭ بالام بولسىلا ،چىرايلىق كۆينەك تىكىپ بېرىمەن ، بولامدۇ ، دېدى ، سەن ماقۇل دەپ كېتىپ قالدىڭ ،- دېدى . مەن يەنە :
- ئۇنداقتا ئەمدى ئەكىلىۋېلىڭلارچۇ ،- دېدىم . ئاپام بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ :
- داداڭ ئەكىلىۋالايلى دېسە ، موماڭ،بوۋاڭ ماقۇل بولسا ئاندىن ئەكىلىۋالساق بولىدۇ ، بىراق داداڭ ئۇنداق دېمەيدۇ ، - دېدى .
- نىمىشقا ،دادام مېنى ياخشى كۆرمەمدۇ؟ -دەپ سورىدىم مەن يەنە .
-ئۇنداق ئەمەس ، داداڭ ساڭا بەك ئامراق ، ئۇ دېگەن داداڭنىڭ ئاپىسى ، دادىسى تۇرسا ،ئۇلارنىڭ يالغۇز قېلىشىنى خالىمايدۇ ، بولدى ئەمدى ، 8-سىنىپنى پۈتتۈرگىچە چىدىغىن ، شۇ چاغدا بۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇيدىغان بولغاندىكىن ، بەرىبىر قايتىپ كېلىسەن ،- دېدى ئاپام. شۇندىن كېيىن بۇ گەپنى قايتا سورىمىدىم .
موشۇنداق بىر نەچچە قېتىم بېرىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆيىمىزگە بارىدىغان يولنى پىششىق بىلىۋالدىم ، ئەمدى دادامنىڭ قاچان كېلىشىنى ساقلاپ تۇرمايلا ، ئۆزەم بېرىۋەرسەم نېمە دېگەن ياخشى . مىڭ تەستە شەنبە كەلدى ، ئۇ چاغلاردا شەنبە كۈنىمۇ يېرىم كۈن ئوقۇتۇپ ئاندىن قويۇپ بېرەتتى ، شۇ كۈنى مەن مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلىشى بىلەنلا ، ئۆيگە قاراپ شۇنچىلىك ئالدىراپ ماڭدىم ، كىرىپلا سومكامنىمۇ قويماي تۇرۇپ ، مومامغا :
_ موما ، مەن ئۆيىمىزگە بېرىپ كېلىمەن ،_ دېدىم . مومام ماڭا بىر قاراپ قويۇپ :
_ ھە، دادىلىرى كەلگەندە بارسىلا ،_ دېدى .
_ ياق ، دادام كەلمىسىمۇ ئۆزەم بارىمەن.
_ قانداق بارىدىلا ؟
_ مېڭىپ بارىمەن .
_ ئۆزلىرى يالغۇز؟!
_ ھە.
_ بولمايدۇ ، كىچىككىنە تۇرۇپ شۇنچە يىراق يەرگە يالغۇز بارسىلا قانداق بولىدۇ ، تېخى مېڭىپ بارىمەن دېگىنىنى ، يولدا تاغار كۆتۈرگەن ئالدامچىلار بار ، يالغۇز بالىلارنى كۆرسە تاغارغا قاچىلاپ ئېلىپ قاچىدۇ ، ئۆزلەنىمۇ ئەپ قېچىپ كەتسە ، مەن قانداق قىلىمەن ،_ دېدى مومام . جېدەل قىلىپمۇ ، يىغلاپمۇ مومامنى ماقۇل قىلالمىدىم. ئۇ كۈنى مومام مېنى بىردەممۇ كۆزىدىن نېرى قىلمىدى . مومامغا بەكلا ئۆچلۈكۈم كەلدى ، چۈنكى بالىلارنى ئېلىپ قاچىدىغان ئالدامچى دېگەن گەپلەرنىڭ مېنى ئالداش ئۈچۈن توقۇلغان يالغان گەپلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىدى ھەم شۇنچە كۆپ قېتىم بېرىپ كېلىش جەريانىدا بىرەر قېتىممۇ تاغار كۆتۈرگەن ئادەم ئۇچراپ باقمىغان . ئىچىم بەكلا ئاچچىق بولدى ، مەن بۇ يەردە 6 كۈن تۇرغاندىكىن ، ئۆيىمىزگە بېرىپ بىر كۈن تۇرۇپ كەلسەم ،نىمە بولاتتى . خەپ ، كېيىنكى شەنبە كەلسۇنچۇ قېنى ، قانداق قىلىمەنكىن ،
كۈندە بەش كۈن قالدى ، ئۈچ كۈن قالدى ...دەپ كۈن ساناپ ، ئاران شەنبىگە ئۇلاشتىم . مەكتەپتىن قويۇپ بېرىشى بىلەن تەڭ سومكامنى كۆتۈرگەن پېتى ئۆيىمىزگە قاراپ ماڭدىم ، قانچىلىك ماڭغىنىمنى ئۇقمايمەن ، ھازىر ئويلاپ باقسام ئىككى سائەتتەك مېڭىپتىمەن.
ئەمما قىلچىمۇ ھارغىنلىق ، زېرىكىش ھېس قىلمىدىم . كەلگەن پېتىم :
_ ئاپا ، مەن كەلدىم ،_ دەپ ۋارقىرىغىنىمچە ئۆيگە كىردىم ، ئاپام كاڭدا كىيىم تىكىۋاتقانىكەن ، ئۇكام ئاپامنىڭ يېنىدا بىر مۇنچە قەغەز پارچىلىرىنى ئۇياقتىن -بۇ ياققا ئېتىپ ئويناۋاتقانىكەن .
_ ۋوي ، مېنىڭ قىزىم كەپقاپتىغۇ ،_ دېگىنىچە ئىتتىك كاڭدىن چۈشۈپ ، مېنى قۇچاقلىدى ۋە :
_ كىم بىلەن كەلدىڭ ،_ دەپ سورىدى .
_ ئۆزەم كەلدىم ،_ دېدىم مەن مەغرۇرلانغان ھالدا .
_ يالغان گەپ قىلما ، _دېدى ئاپام ، _ شۇنچە يىراق يولدىن قانداق يالغۇز كېلەلەيسەن ؟
_ راست ئاپا ، مۇئەللىمنىڭ دېگىنى بويىچە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بويلاپ ، كېسىپ ئۆتىدىغان يوللاردىن ۋېلسىپىت ، ھارۋىلار يوق چاغدا يۈگۈرۈپ ، يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كەلدىم،_ دېدىم . ئاپام يەنىلا گېپىمگە چىنپۈتمەي ، سىرتقا چىقىپ ئەتراپقا قاراپ ، ھېچكىمنى كۆرمىگەندىن كېيىن ئاندىن گېپىمگە ئىشەندى .
_ نىمىشقا ئۆزەڭ يالغۇز كېلىسەن ، موماڭلار قىلچىمۇ ئەنسىرىمەي ، سېنى يالغۇز يولغا سېلىپ قويۇپتا ، _دەپ خاپا بولدى ئاپام . ئاپامنىڭ خاپا بولغىنىنى كۆرۈپ راست گەپنى قىلىشتىن قورقۇپ ، ئەسلى مومام قوشۇلمىغان ، مەن بەك جېدەل قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا ، ماقۇل دېدى ، دەپ تۇرۇۋالدىم. ئاپام بۇندىن كېيىن بۇنداق قىلماسلىقىمنى ، يالغۇز ماڭسام ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ، دادامنىڭ جىددىي ئىشى چىقىپ قالمىسىلا مېنى ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، بىر مۇنچە نەسىھەت قىلدى ، مەنمۇ ئاپامغا ئەمدى بۇنداق قىلمايدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدە بەردىم . بىردەمدىن كېيىن دادام خىزمەتتىن قايتىپ كەلدى . مېنى كۆرۈپلا :
_ ۋوي ، مېنىڭ قىزىمنى كىم ئەكەلدى؟_ دەپ بېشىمنى سىلاپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى . مەن تىرنىقىمنى تاتىلاپ ئاپامغا قارىدىم ، ئاپام بايىقى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دادامغا دەپ بەردى ، ئۆزىنىڭ نەسىھەتلىرىنىمۇ تولۇق تەكرارلىدى، دادام :
_ ئاپاڭنىڭ گەپلىرىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت جۇمۇ ، ئەمدى ھەرگىز يالغۇز ماڭما ،_ دېدى . مەن ماقۇللۇق بىلدۈردۈم . بىر دەمدىن كېيىن ئاكام ، ئاچاملارمۇ مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى ، ئاپام كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلدى ، ئاچام ئىككىمىز ئاپامغا كۆكتاپ ئادالاپ بەرگەندىن كېيىن ، ھويلىغا چىقىپ تەپكۈچ ئوينىدۇق ، تازا قىزىق ئويناۋاتاتتۇق ، تۇيۇقسىز ھويلىنىڭ ئىشىكى تاراقلاپ ئېچىلىپ ، ۋېلسىپىتنى يېتىلىگىنىچە بوۋام كىرىپ كەلدى ، بوۋامنى كۆرۈپ يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى ، ئەمدى تۈگەشتىم ، نىمە تىللارنى ئىشىتارمەن .
_ كەلسىلە بوۋا ، _ دېدى ئاچام تەپكۈچ تېپىشتىن توختاپ .
_ ھە، ئويناۋاتامسىلەر،_ دېدى بوۋام قاپىقى تۈرۈلگەن ھالدا ،_ داداڭ باردۇ؟
_ بار،_ دېدى ئاچام ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا يەنە :
_ دادا،ئاپا ، بوۋام كەلدى،_ دېدى . بوۋام ماڭا بىر ھومىيىپ قويۇپ ، ئۆيگە كىرىپ كەتتى ، كەينىدىن ئاچاممۇ ئۆيگە كىرمەكچى بولىۋىدى ، ئۇنىڭ پېشىنى تارتىپ ئاستاغىنە :
_ ئاچا ، تالاغا چىقايلى ، مېنىڭ سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ، _ دېدىم . ئىككىيلەن تالاغا چىقتۇق ، مەن ئاچامغا راست گەپنى ئېيتىپ ، قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى سورىدىم ، ئاچام :
_ ئىشقىلىپ ھازىر كىرسىڭىز تىل ئىشتكىنىڭىز ئىشتكەن ، سىز مەيدانغا بېرىپ گۈلەڭگۈچ ئويناپ تۇرۇڭ ، مەن بوۋام كەتكەندە سىزنى چاقىراي،_ دېدى ، مەن :
_ بوۋام سىزنى ھازىر چاقىرىپ كەل ، ئېلىپ كېتىمەن ، دېسىچۇ ،_ دېدىم خاتىرجەم بولالماي .
_ تاپالمىدىم ، بالىلار بىلەن يىراققا ئوينىغىلى كەتكەن ئوخشايدۇ دېمەمدىمەن ،_ دېدى ئاچام كۆڭلۈمنى ياساپ . شۇنىڭ بىلەن ئاچام ئۆيگە كىرىپ كەتتى ، مەن مەيدانغا باردىم ، بىراق گۈلەڭگۈچ مەيلىمنى تارتالمىدى، كۆڭلۈم ئەنسىزچىلىك ئىچىدە قالغان ئىدى ، بوۋام نېمىلەر دەۋاتقاندۇ ، ئەكىتىمەن دەپ ساقلاۋاتامدىغاندۇ ، دادام ،ئاپام خاپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلارمەن ، مومامغا دەپ قويۇپ قېچىپ كەتسەممۇ بوپتىكەن ...ۋاقىت بەكمۇ ئاستا ئۆتۈۋاتاتتى ، مەن قاچان ئاچامنىڭ قارىسى كۆرۈنەركىن دەپ توختىماي ، ئۆي تەرەپكە بويلايتتىم . ئۆيگە كىرىپ كېتىشكە پەقەت جۈرئەت قىلالمىدىم .
قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغاندىلا ئاچام مېنى چاقىرغىلى كەلدى ، ئۆيگە كىرىپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ، بوۋام ، مومام خوشنا بالىلارنىڭ چۈشتىلا كېلىپ بولغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ، مەن خېلىغىچە كەلمىگەندىن كېيىن ، يېقىن ئەتراپتىكى تۇغقانلارنىڭكىگە ۋە مەكتەپكە ئىزدەپ بارغانلىقىنى ، ئەنسىرەپ موشۇ يەرگىچە كەلگەنلىكىنى دەپ بەردى ، بوۋامنىڭ تاماق يەپ ، قايتىپ كەتكەنلىكىنى ، ئەسلى مېنى ئەكەتمەكچى بولغانلىقىنى ، دادامنىڭ مەن ئەتە ئاپىرىپ قوياي دېگەنلىكىنى ، ئەمما بوۋام كەتكەندىن كېيىن دادامنىڭ خاپا بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى ، مەن تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدىم .
( داۋامى بار )
[ بۇ يازماkarguli311تەرپىدىن2008-12-09 10:54 AMدە قا ]