كۇنىلارنىڭ « كۆرمىگەننى كۆرۇسەن ئۆلمىگىنىڭ» دىگەن سۆز ناھايتى ياخشى دىيىگەن گەپكەن ، ئوغۇل بالا تۇرمۇش كۇرۇش جەريانىدا ئادەم ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلارغا يۇلۇقۇپ ، ياشاشنى ئۆگىنىدىغان گەپكەن ،شۇ ياشاش جەريانىدا تاۋلىنىپ چىقىدىكەن ، ياخشى يامان يوللانىڭ ھەممىسىنى مېڭىپ بېقىپ ئاندىن ئادەم ، ھەقىقىي ئوغۇل بالا بولۇپ چىقىدىكەن ، مەن ئاشۇ كۇنلەردە بەخىت قۇچىقىدا ئەللەيلىگەندەك خۇشال يۇرەتتىم ، ئاز تۇلا ئىچىپ ، چىكىپ قويساممۇ ئەمما ئۇ ئىشلارغا بەك قىزىقىپ كەتمەتتىم ، شۇڭا ئامال بولسىلا شۇنداق ھاراق سورۇنلىرىدىن قېچىپ قۇتىلاتتىم ، ئالىي مەكتەپنىڭ 2يىللىقىغا چىققاندا بىر قىز بىلەن يۇردۇم ئەنە شۇ كۇنلەر ئۇنتۇلغۇسىز كۇنلەر ئىدى ، بىز شۇنداق ئىناق ئىجىل يۇرۇپ ئالىي مەكتەپنىمۇ پۇتۇرۇپ جەمىيەتكە قەدەم قويدۇق ، ئەمما ئۇنىڭ ماڭا چىن كۆڭلى يوقلىقىنى بىلگىنىمدە ............ ھەي ئۇ ۋاقىتتىكى ئازاپنى بۇ ئاددى قەلىمىدە ئىپادىلىشىم قىيىن كىلەتتى، بىر كۇنى زىركىپ مۇنبەرگە كىرىپ بىر نەچچە ياخشى تىمىلارنى كۆرۇپ چىقاي دەپ تۇرخانىغا كىرىدىم ، مەن تۇرخانىغا تۇلا كىرگەچكە ئۇ جايدىكى باللا بىلەن يېقىنلىشىپ كەتكەندىن ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرسۇنجان مەن بىلەن ئالاھىدە يېقىن ئىدى ، ئۇ مېنىڭ كىرگەنلىكىمنى كۆرۇپ ئالدىمغا كۆلۇپ كەلدى .
_ ياخشى كەلدىڭ ئاداش ، بۇگۇن مېنىڭ تۇغۇلغان كۆنۇم مېھمان قىلارسەن ؟
_ بۇگۇن سىنىڭ تۇغۇلغان كۆنۇڭما ؟ مۇبارەك بولسۇن ، نېمىشقا ماڭا تۇنۇگۇن دىمەيدە، بۇگۇن سىنى بىر مېھمان قىلىۋالاي دىگىنە ئاداش نەدە ئوينىغۇڭ بار بۇگۇن ؟
_ بۇگۇن بەكلا ناچار ئۆتتى ، بۇرۇن يېنىمدا پىقىراپ كىتەلمەيدىغان قىزلا بۇگۇن قارىسنىمۇ كۆرسەتمىدى ، خەپ جۇمۇ ........
_ ۋاي قىز دەپ قالپسە ، بۇگۇن كەچتە دىسكۇخانىغا كىرىپ تازا بىر ئوينايلى
_ ئەمما ئۇ يەرگە قىز ئوغۇل بىرگە كىرمىسە قىزىقى بولمايدۇ ، قىزبالا يوقتە ،- ئۇنىڭ دېمى ئىچىگە چۇشۇپلا كەتكەندى
_ مەن مۇھەببىتىمگە تىلىغۇن قىلاي ، ئۇ بىر نەچچە دوستىنى باشلاپ چىقسۇن ،_دىدىم مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى بەزلەپ ، مەن تىلىفۇننى قولۇمغا ئالدىمدە مۇھەببىتىمگە تىلىفۇن قىلدىم
_ ئايگۇلما ، نەدە سەن ؟..........
_ ھە مەن مەن چۇڭ ئۆيۇمدە ، تۇنۇگۇن كەلگەن ، مەن سىزگە كەچتە تىلىغۇن قىلاي ،_ ئۇ ئادىراپلا تىلىفۇننى قۇيىۋەتتى ، ئۇنىڭ چوڭ ئۆيى شەھەردىن يېرىم كۇنلۇك يول يېراقلىقتىكى بىر ناھىيەدە ئىدى ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ روھىم چىقىپ كەتكەندەكلا ھېس قىلىپ دوستۇمنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم .
_ نىمە بولدى ، جىمىپ كىتىپسەنغۇ ،- دىدى تۇرسۇنجان بىر نەرسىنى سەزگەندەك
_ مۇھەببىتىم چوڭ ئۆيىگە كىتىپتۇ ، بىر نەچچە كۇندىن كىيىن قايتىپ كىلىدىكەن
_ نىمە ئۇ ماڭىدىغان چاغدا ساڭا دەپ قويمىغانما؟
_ ياق ، مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشمىگىلى 2كۇن بولدى
_ بوپتۇ ئاداش ، كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما قىز بالا بولمىسىمۇ ئوينىيالايمىز ، بىز بۇگۇن تازا بىر ئىچەيلى ، _دىدى ئۇ كۆلۇپ تۇرۇپ ، ماڭا بۇ گەپ شۇنداق ياقتى ، بىز بىر نەچچە دوستۇمىزنى ئىزدەپ بىرگە ئولتۇرۇپ تازا ئىچتۇق ، ئېچىپ كەيىپ بولۇشۇپ قايتىش ئۈچۈن سىتقا چىقتۇق ، بىردەم ماڭغاندىن كىيىن تۇرسۇنجان قېشىمغا كىلىپ
_ ئاداش بىز ئۆيگە قايتمىساق بولماس ،خۇڭغاڭنى پۇرىمايدۇ ،دىگەن بىلەن يەنە قورقىۋاتىمەن ، شۇڭا پوپوتاڭ چاينايلى ،_دىدى
_ ماقۇل ، مەن ھازىر ئاچىقاي ،_دىدىمدە ئالىدمىزدىكى بىر كىچىك بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ ، ماڭا پوپوتاڭ بىرىڭە ...
_ قاندىغىنى بىرىمەن ؟
_ كاۋشاڭتاڭدىن 2نى بىرىڭ .... مەن شۇنداق دىگەچ دۇكان ئىچىگە بىر قۇر نەزەر سالدىم ، شۇ چاغدىلا مەندىن سەل نېرىراقتا بىر قىزنىڭ پوپوتاڭ چايناپ تۇرغانلىقىغا كۆزۇم چۇشتى ،كەيىپچىكىتىمۇ ئۇ ماڭا شۇنداق چىرايلىق كۆرۇنۇپ كەتتى ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن ، بىر چاغدا دۇكاندارنىڭ
_ئاپلا بۇ خىلدىكىسىدىن بىرسىلا قاپتۇ ،-دىگەندىلا ئاندىن ئىسىمنى يىغدىم ، كاللامدا يەنىلا ئۇ قىز بار ئىدى « بىر گەپ قىلىپ باقمايمۇ »دىگەننى ئويلىدىمدە گەپ ئاچتىم
_ بىرسى يەتمەتتى ، ماۋۇ قىز ئۆزىنىڭكىنى ماڭا سىتىپ بەرسە بۇلارمىكىن يا،_دىدىمدە ئۇ قىزغا سۇئال نەزىرىدە قارىدىم
_دەپ قاپسىز بۇ پوپوتاڭ سىزدىن ئايلانسۇن ،_دىدە يانچۇقدىن ئىككى تال پوپوتاڭ چىقىرىپ ماڭا تۇتقۇزۇپ بەردى ، مەن ئۇنىڭغا كۆلۇپ قويدۇمدە دۇكاندىن چىقىپ كەتتىم
_ ۋاي ئاداش سېنى شۇ يەردە يېتىپ قاللامدىكىن دەپتىمەن ،_دىدى تۇرسۇنجان چاقچاق ئارلاش
_ شۇ يەردە يېتىپ قالسامغۇ بەك ياخشى بۇلاتتى ،_دەپ دۇكان ئىچىدە بولاغان ئىشلارنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردىم ، كەيىپچىلىكتىلىتىمۇ بىز يولدا ھەر خىل چاقچاقلىشىپ كۆلۇشۇپ كىتىپ باراتتۇق ، بىرسى يېنىمىزدىن تىزلا ئۆتۇپ كەتتى ، مەن خۇمالاشقان كۆزۇمنى ئاران ئېچىپ ئۇنىڭغا نەزەر سالدىم ، ئۇ دەل مەن دۇكاندا كۆزگەن قىز شۇ ئىدى .
_ بالا قاراڭلار ، ئالدىمىزدىكى بايام سىلەرگە گىپىنى قىلغان قىز شۇ ،-دىدىم مەن جىددى قىلىپ ، مەن گەپ قىلىپ بولغۇچە تۇرسۇنجان ئېغىز ئېچىپ
_ قىزچاق پوپوتاڭدىن بىزگىمۇ بەرمەمسىز ..... بۇ گەپ ئۇ قىزنى چۇچۇتتى بولغان تىزلا كەينىگە قاراپ مېنى كۇرۇپلا كۆلۇمسىرەپ
_ بوپتۇ بىرەي سىلەردىن ئايايدىغان پوپوتانى نىمە قىلىمەن ،-دىدە يەنە يانچۇقىدىن بىر نەچچە پوپوتاڭنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى ، كەيىپچىلىكتە دوسلىرىمنى ئۇنتۇپ ئۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىپتىمەن ، بىز ئۇنى بۇنى پاراڭلىشىپ بىر يەرگە كەلگەندە تىلفۇنۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلاپ تۇرۇپ
_ تىلىفۇن نۇمۇرىڭىزنى كىرگۇزۇپ قويامسىز ؟-دىدىم ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەپ قاراپ ، ئۇ ئىللىقىنى كۆلۇپ قويۇپ قولۇمدىن تىلىفۇننى ئالدىدە قانداقتۇر بىردەم ھەپىلىشىپ نۇرمۇرىنى كىرگۇزۇپ قويدى ، بىز خۇشلىشىپ دوستلىرىمنىڭ قېشىغا كەلگەندە تۇرسۇنجان غال-غال تىتىرەپ تۇرۇپ
_ ئاداش قىزبالنى كۆرۇپ بىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟ بەك تۇڭۇپ كەتتىم ،- دىدى مەن شۇ چاقىتتىلا ئۆزۇمنىڭمۇ تۇڭۇپ تىتىرەپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم
_ خاپا بولما ئاداش ئۇ پېسى بەك چىرايلىكەن شۇڭا...... بىز بىردەم مېنىپ خوشلاشتۇق ، مەن ئۆيگە كىلىپ سۇنايلىنىپ يېتىپ خىيال سۇرۇشكە باشلىدىم ، خىيالىمنى شۇ بايام كۆرگەن قىز ئىگەنلىۋالغاندى ، « ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلىپ بىردەم پاراڭلاشمايمۇ »دەپ ئويلىدىمدە تىلىفۇننى قولۇمغا ئېلىپ نۇمۇرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم ، بىردەم ئىزدىگەندىن كۆزۇمگە «RoNdo~吻» دىگەنگە كۆزۇم چۇشتى ، « ئۇ خېلى شاشكەن ھە ..»دىگەننى ئويلىدىمدە ئۇنىڭغا تىلىغۇن قىلدىم
_ ياخشىمۇسىز ؟ مەن بايامقى بالا ...
_ ياخشىغۇ ، بايام ئايرىلىپ بولغۇچە كۆرگىڭىز كىلىپ قالغان ئوخشىمامدۇ ..ھى ھى .....
_ ھە شۇ سىزنى سېغىنىپ ، ئۆيدە يالغۇز تۇت تامغا قاراپ ئولتۇردۇم شۇ
_ سىز ئۆيىڭىزدە ،يالغۇزما ، ئاتا_ئانىڭزچۇ ؟
_ ئۇلار ئۇرۇمچىگە سودا قىلغىلى چىقىپ كەتكەن ، ھازىر مەن ئۆيدە يالغۇز
_نىمانداق ياخشى ، مەنمۇ شۇنداق پۇرسەت كەلگەن بولسا ھە
_ نىمە پۇرسەتكەن ئۇ يالغۇزلۇق شۇنداق زىركىشلىك ...... بولدى بۇ گەپنى دىيىشمەيلى ،قانداق يولدا باشقا ئىش يۇز بەرمىگەندۇ ؟
_ بۇ شەھەردە تېخى ئاچىسىغا تىكىلىپ قارايدىغان بىرەسى كۇزۇلمىدى ،-دىدى ئۇ كۇلۇپ
_ ھە شۇنداقمۇ ئەمىسە ئاچىمىزدىن ئارتۇقچە غەم يەپتىمەندە ھاھاھا........
_ ھە شۇ ،بولدى ئەتە تىلىغۇن قىلىڭ ئەتە مەن بىكار كۇرىشەيلى ..ھازىر ئويۇقۇم بەك كەلدى ئۇخلاي
_ ماقۇل ، ئەمىسە ئەتە كۆرىشەيلى ، ياخشى چۇش كۇرۇڭ ،_ تىلفۇننى قويۇپ شېرىن خىيال ئىلىكىدە قانداق چاغدا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا يەنە تۇرخانىغا كىلىپ بىردەم تىما كۆرگەندىن كىيىن مۇھەببىتىمگە يەنە تىلىفۇن قىلدىم
_ ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ئايگۇلما ؟
_ ھە مەن، نىمە گىپىڭىز بار ئىدى ، مەن بەك ئالدىراش ....
_ قاچان قايتىپ كىلىسەن ؟
_ بىرەر ئايدىن كىيىن بارارمەن ، ياكى بارماسمەن
_ بۇ نىمە دىگىنىڭ .....
_ نىمە دەپتىمەن ، بولدى قالغان گەپنى مەن بارغاندا دىيىشەيلى ، خوش ،_دىدە مېنى گەپ قىلغۇزماي تىلىفۇننى قويىۋەتتى .مەن ئۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ دەپ ھېچ تىگىگە يىتەلمەي قېلىۋاتاتتىم ، يەنە بىردەم ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاخشام كۆرۇشكەن قىز ئىسىمگە كەلدىدە تىلىفۇننى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭغا تىلىغۇن قىلىپ كۆرىشىدىغان بىردەمدىن كىيىن ئۇ ماڭا تىلىغۇن قىلىدىغان بولدى ، مەن يەنە تۇرخانىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ تىلىفۇنىنى كۆتۇپ سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى سەزمەپتىمەن ، بىر چاغدا قارىسام كەچ سائەت 9 بوپ كىتىپتۇ ، مەن شۇ چاغدىلا ئۇ قىزنىڭ تىلىفۇن قىلمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۇرۇپ تۇرخانىدىن چىقىپ پۇتۇمنىڭ باشلىغىنچە ئايلاندىم ، قارىسام ئايگۇلنىڭ خىزمەت ئۇرنىنىڭ ئالدىدىكى مەن داۋاملىق ئۇنى كۆتۇپ تۇرىدىغان چايغا كىلىپ قاپتىمەن ، مەن شۇ جايدا بىردەم تۇردۇم ، پۇت قوللىرىم سۇغۇقتىن توڭۇپ قېتىپ كەتكەندى ، قار ماڭا بىر شۇم خەۋەر يەتكۇزىدىغاندەك ئەۋجىگە چىقىپ ياغماقتا ئىدى ، مەن بىز كۇرۇشكەن بۇرۇنقى كۇنلەرنى ئەسلەپ شۇ جايدا بىردەم تۇردۇم ، توۋا ، بىردەمدىن كىيىن ئايگۇل شەھىرىمىزدىكى ئەڭ باي ھېساپلىنىدىغان تاھىر ھاجىمنىڭ ئويۇنچى ئۇغلى بىلەن چىقىپ كەلدى مەن ئۆز كۆزۇمگە ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتىم ، ئۇ ھېلىقى ئوغۇل بالانى ئايگۇلنى قولتۇقلىۋالغاندى ، قانداق قىلىپ كۆزۇمدىن ياش چىقىپ كەتىكىن ئىككى تامچە ياش مەڭزىمگە سۇرۇلۇپ چۇشتى ، مەن ياشلىرىمنى سۇرۇتىۋېتىپ ئۇلارغا قاراپ تۇردۇم ، ئۇلار ئۇدۇللا مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى ، ئەسلى مەن ئۆزۇمنى دالدىغا ئالاي دەپ ئويلىغان ئەمما بۇنىغا ئۆلگۇرمەي ئايگۇل مېنى كۆردى ھەمدە چىرايىنى بىر ئۆزگەرتىپلا يەنە تىز ئۆزىگە قايتىپ مېنى تۇنىمايدىغان كىشىدەك ئۆتۇپ كەتتى ،مەن گىچماچ خىياللار ئىلكىدە ئېغىر پۇتلىرىمنى سۇرەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، بايامقى كۆرۇنۇش مىنى ئۆزلىكسىز قىينىماقتا ئىدى ، مەن شۇ خىياللار بىلەن ئۇيان ئۆرۇلۇپ بۇيان ئۆرۇلۇپ تاڭنى ئاتقۇزدۇم ، ئەتىسى ئەتىگەندە مەن سىرتقا چىقىپ بىردەم ئايلانغاندىن كىيىن ئۇنى كەچۇرۇش قارارغا كىلىپ ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم
_ ياخشمۇسەن ؟
_ ياخشى ،تىلىفۇن ئېلىپ قاپسىزغۇ ؟
_نىمە نەچچە كۇن ئۆتە -ئۆتمەي مەن تىلىفۇن ئالسام بولمايدىغان بولۇپ كەتتىما ؟
_ بولدى بىز ئايرىلىپ كىتەيلى ، مەن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم ، مەن ھازىر ئۇنىڭ بىلەن يۇرىۋاتىمەن ، باشقا گەپنى ئاڭلىغۇم يوق .... ئۇ تىلىفۇننى قويىۋەتتى ، مەن ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەي شۇ يەردە تۇرۇپ كىتىپتىمەن ، تۇرۇپ -تۇرۇپ مۇزلاپ بەدەنلىرىم ئۇيۇشىشقا باشلىغاندا ئىسىمنى يىغىپ ، تىلىغۇننى يەنە قولۇمغا ئالدىمدە تۇرسۇنجانغا تىلىفۇن قىلدىم
_ نەدە ئاداش سەن ، بىز بىر كۇرىشەيلى نەدە بولساڭ تىز قېشىمغا كىلە ....مەن ئۇنى گەپ قىلغۇزمايلا تىلىفۇننى قويىۋەتتىم ، ئۇمۇ ھايال ئۆتمەيلا كەلدى
_ بۇنچە جىددى ئىزدىگۇدەك نىمە ئىش بولدى ساڭا ،
_ بولدى كۆپ گەپ قىلما ، جۇرە بېرىپ ھاراق ئىچكەچ پاراڭلىشىمىز ... بىز بېرىپ ھاراق ئىچىشكە باشلىدۇق ، مەن ئارقا -ئارقىدىن بىرنەچچە رومكىنى كۆتۇرۋەتكەندىن كىيىن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلىدىم ، ئۇمۇ ماڭا تەسەلى بەرگەچ ئۆزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بىر قىسىم ئىشلارنى سۆزلىدى ،
_ئاداش مەن قىز بالا دىگەن نەرسىدىن شۇنداق يىرگىنىۋاتىمەن ، خەپ بۇندىن كىيىن كۆرسۇن ، بۇگۇن مېنىڭ قىز بالا ئوينىغۇم كىلىۋاتىدۇ ،_دىدىم مەن ئۇھسىنىپ تۇرۇپ
_ ئوينا ، قاچانغىچە بىرسىگە ئەقىدە قىلىپ ئۆتىسەن ، ئالدىنقى كۆنى تۇنۇشقان قىزچۇ بۇگۇن شۇنى ئۇينا
_ ھە راس ئۇمۇ بارگەپ ، مەن ئۇنىڭغا بىر تىلىفۇن قىلاي ئۇ چىقسا كەچتە بىر ياشىمايمەنمۇ ،_دىدىمدە تىلىفۇننى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم ، ئۇمۇ كۆرۇشۇشكە تىزلا رازىلىق بەردى .
_ ئىش پوتتى ، ھازىر بىز چىقىپ بىزنىڭ دۇكانغا بېرىپ پۇل ئېلىۋالاي كەچتە ھەقاچان پۇل لازىم بولىدۇ ،-دىدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، بىز ئىككىمىز دۇكانغا بېرىپ بۇگۇن سۇدا قىلغان پۇلنىڭ ھەممنى ئېلىپ ئۇ قىزنى ئىزدەشكە ماڭدۇق
_ ئاداش مەن ئۆيگە كىرىپ كىتەي ، ھامان ئۇ قىز يالغۇز چىقىدۇ ، مەن ئارتۇقچە بولۇپ قالىمەن ،_دىدى تۇرسۇنجان توختاپ
_ بوپتۇ شۇنداق قىلغىن ھېلى ئەھۋالغا قاراپ مەن ساڭا تىلىغۇن قىلارمەن .... بىز ئىككىمىز خوشلىشىپ مەن ھېلىقى قىزغا تىلىغۇن قىلىپ كۆرۇشىدىغان جاينى بىكىتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشتۇم
_ نەگە ئاپىرىپ ئوينىتىسىز ... دىدى ئۇ كۆلۇپ تۇرۇپ
_ دىسكۇخانىغا كىرەمدۇق ؟
_ كىچىك باللاربىلەن قىستىلىشىپ يۇرمەيلى ، باشقا جايغا بارايلى
_ ھە ماقۇل ، ئەمىسە كتىۋىغا كىرىپ ناخشا ئوقۇپ چىقايلى ... بىز مەن دىگەن يەرگە كىرگەندىن كىيىن كىتىۋىغا كىرىپ ئولتۇردۇق ، ئۇ جايدا ساراڭلاردەك توۋلاپ ، ناخشىنى بۇزۇپ بولامدۇ تۇزۇپ بولامدۇ ئېيتىپ خېلى كۆڭلۇم ئېچىلىپ قالدى
_ بۇگۇن كەچتە ئۆيۇڭگە قاتمىغىنە ،_دىدىم مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ
_ۋاي قەتتى بولمايدۇ ، ئانام ئۆيدە يالغۇز ، ھەم كىسەلجان ، مەن ئۆيگە كىرمىسەم قەتتىي بولمايدۇ ،_دىدى ئۇ رەت قىلىش نەزىرى بىلەن ، مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەپ كىلىپ ئۇ ئۆيىگە كىرىپ قوشنىسىنىڭ قىزىنى ئانىسىغا ھەمرا قىلىپ قويۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېتتى ، مەن ئۇنى تۇتۇپ قالالمايدىغانلىمنى بىلىپ
_ ئەمىسە مەيلى ، سەن تىز ئۆيۇڭگە قايتىپ ئىشلارنى تۇزەشتۇرۇپ قويۇپ ماڭا تىلىفۇن قىل ، مەن ئۇ چاغقىچە ھاراق ، يەيدىغان بىر نەرسىلەرنى ئۆيۇمگە ئاچىقىپ تەييارلىق قىلىپ تۇراي
_ ھە ماقۇل ، ماڭا ئىشىنىڭ مەن چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن ..... بىز خوشلاشقاندىن كىيىن مەن ھاراق ، يەيدىغان ئۇنى بۇنى ئېلىپ ئۆيگە چىقىپ تەييارلىق قىلىپ ئولتۇردۇم ،خېلى بىر چاغقىچە ساقلىساممۇ ئۇنىڭدىن ھېچ تىلىفۇن كەلمىگەندىن كىيىن مەن تىلىفۇن قىلدىم ، ئۇ تىلىفۇننى كۆتۇرمىدى ، مەن ئازىراق تەڭشىلىپ قالغانلىقىم ئۈچۈنمۇ تىلىفۇننى قىلىۋىرىپتىمەن ، بىر چاغدا ئۇ ھازىر بىر دۇستى بىلەن چىقىدىغانلىقىنى ئېتتى ،«نىمىشقا بىر دوستىنى قوشىۋالغاندۇ ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ئۇچۇرۇپ» غۇدۇڭشىغىنىمچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققاچ تۇرسۇنجانغا تىلىفۇن قىلىپ ئۇنىڭمۇ دەرھال چىقىشىنى ئېيتىپ قويۇپ كۇچىمىزنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ ئۇلارنى كۆتۇپ تۇردۇم ، ھايال ئۆتمەي ئۇلارمۇ كەلدى ،مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىققان قىزغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم ، ئۇنى مەن بۇرۇندىن تۇنۇتتىم ، ئۇ ئىسمى مىھرىگۇل بولۇپ ئۆزى شۇ ئىسمىغا ئوخشاش شۇنداق مېھىرى ئىسسىق قىز ئىدى ، ئۇ مەن كۆپ كىرىدىغان تۇرخانىنىڭ يېنىدىكى بىر تاللا بازىرىدا ئىشلەتتى ، مەن شۇ يەرگە نەرسە كىرەك سېتىۋالغىلى تۇلا كىرگەچكە ئۇ قىز بىلەن كۆپ كۇرۇشۇپ قالاتتىم ، ئۇ چاغلاردا ئۇ قىز ماڭا بەك يېقىملىق ، مۇلايىم ، مېھىرى ئىسسىق كۆرۇنەتتى ، مەن شۇ چاغلاردا «ئىسىت مۇھەببىتىم بولماي قالغان بولسا مۇشۇ قىز بىلەن يۇرىدىكەنمەن » دىگەننى ئويلىغاندىم ، بۇگۇن بۇنداق پەسكەشلىك باشلىنىش ئالدىدا ئۇ قىزنى ئۇچۇرتۇپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانكەنمەن ،
_ نىمىگە دوستۇمغا ئۇنچە قارايسىز كۆزىڭىزنى يەردىن تىرىۋالمايلى يەنە ... بۇ گەپ مېنى خىيال دېڭىزىدىن سۆزۇپ چىقتى
_ ھېچ... ھېچ نىمىگە بۇ دوستۇڭ بەك چىرايلىقكەن ، شۇڭا قاراپ قاپتىمەن .. ئۇ قىز ماڭا بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى ، ئەمما كۆزىدىنلا تۇۋا سىزنى بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇچۇرتۇپ قالارمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن دەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى ،بىز ئۆيگە يىتىپ كەلدۇق ، ھېلىقى قىز ئىشىكتىن كىرىپلا
_ خۇڭپاڭ ، بۇگۇن مۇشۇنى ئىچەمدۇق ، مەن بۇ ھاراققا بەك ئامراق ئىدىم،_دەپ كۇلۇشكە باشلىدى ،مەن ھاراقنىڭ ئاغىزىنى ئاچقاچ
_ ھە شۇ ياۋرۇپا ئويناپ قويايلى دەپ شۇ ..ھاھاھا .. بىز بىرەر رومكىدىن كۆتۇرگەندىن كىيىن
_ مھىرگۇل سەن نېمىشقا ئىچمەيسەن
_ مەن ...... ئۇ قىز گەپ قىلماي ماڭا تىكىلدى
_ بولدى بۇگۇن ھەممىنى تاشلاپ ئىچەيلى كىلىڭ سىزمۇ ئىچىڭ ،_دىدىم مەن ئۇنىڭ مېنىڭ رازىلىقىمنى ئېلىشقا كۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ، ئۇمۇ ئېچتى بىز تازا ئىچىپ ئولتۇرغاندا تۇرسۇنجان كىرىپ كەلدى
_ كىلە ئاداش ، بەكمۇ تەس كەلدىڭغۇ ؟-دىدىم مەن ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ
_ شۇ ئۆيدىكىلەرگە باھانە كۆرسۇتۇپ بولالماي شۇ ... ئۇمۇ بىزنىڭ سورىنىمىزغا قېتىلىپ بىرگە ئېچتۇق ، ئىچىپ ئىچىپ سورىنىمىز تازا ئەۋجىگە كۆتۇرۇلگەندە ھېلىقى قىز سومكىسىدىن قاپىقىنى چىقىرىپ
_ بۇگۇن ئېچىپتۇق ، بۇمۇ كام قالمىسۇن ،بۇنى چىكەيلى ،_دىدىدە تىزلا تەييارلىقىنى پۇتۇردى ھەن ئۆزى بىرنى چىكىۋەتكەندىن كېيىن يەنە بىرنى تەييارلاپ تۇرسۇنجانغا سۇندى ، تۇرسۇنجانمۇ ئۇنى رەت قىلمايلا ئېلىپ چىكىشكە باشلىدى .
_ بۇ ئاداش سەنمۇ چىكەمتىڭ ئەجەپ مەن بىلمەيدىكەنمەن يا ،_دىدىم ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدىم ،
_ شۇ كىلىپ قالسا يانمايمەن ، ئىزدەپ سوراپ بارمايمەن ،_دىدى ئۇ پەرۋاسىزلا ، ھېلىقى قىز يەنە بىرنى تەييارلاپ مىھرىگۇلگە ئۇزاتتى ، ئۇ يەنە بىر قېتىم ماڭا قارىدى
_ بۇگۇن نىمە بولدى ساڭا باشقا چاغدا بۇنداق ئەمەس ئىدىڭغۇ سەن ،-دىدى ھېلىقى قىز سەل ئاچىقلاپ
_ ھېچ نىمە ...،-دىدىدە ئۇمۇ قاپاقنى قۇلىغا ئېلىپ پۇتۇن كۇچىنى يىغىپ شۇراشقا باشلىدى ، « تۇۋا بۇ نىمە بوپ كەتتى ، مەن ئۇيلىمىغان ئىشلار بولىۋاتىدۇ دىسە »دەپ ئۇيلاتتىم مەن ، ئۇ چىكىپ بولۇپ نۆۋەت ماڭا كەلدى
_ ياق مەن بۇنى چىكىپ باقمىغان ،_دىدىم مەن قەتتىي رەت قىلىپ ، بۇنەرسىنىڭ شۇنداق مەينەت نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغاندىم شۇڭا نۇرغۇن سورۇنلاردا شۇنچە زۇرلىسىمۇ قەتتىي چەكمىگەن ، ئۇلار بىر ئېغىز ئىككى ئىغىزدىن گەپ قىلىشىپ ئاخىرى ماڭىمۇ چەكتۇردى ، بىز چىكىپ ئىچىپ ئۆزىمىزنى تۇتالمىغۇدەك بولغاندا توختىدۇق شۇ ۋاقىتتا مىھرىگۇل ئورنىدىن ئىرىنچەكلىك بىلەن تۇرۇپ
_بولدى بىز قايتايلى ،_دىدى مەن خومالىشىپ كەيىپتىن خىرەلەشكەن كۆزلىرىمنى ئاران ئېچىپ
_ بۇ كەچ بولغاندا نەگە بارماقچى تۇلا گەپ قىلماي ئولتۇرە بىردەم ،-دىدىم
_ ياق بىز قاتمىساق قەتتى بولمايدۇ ، خاپا بولما ،_دىدى ئۇ قەتتىي قىياپاتتە ، كەيىپچلەكتىمۇ بىلمىدىم ئۇنى تاتقانچە يەنە بىر ئۆيگە ئاچىقىپ
_ بۇ كەچ بولغاندا نەگە بارىسەن قارا سائەت بىر بوپتۇ ، مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىپ ئەتە كەتكىن،- دىدىم
_ ياق خاپا بولما بۇگۇن قايتمىسام قەتتى بولمايدۇ ،-دەپ چىڭ تۇرىۋالدى ، كەيىپچىلىكتىمۇ بىلمىدىم ئۆمۇممۇ بىلمەي ئۇنىڭغا تاشلاندىم ، ئۇ قەپەزگە كىرىپ قالغان قۇشتەك «ياق... ياق ...ئۇنداق قىلماڭ »دەپ تىپىرلاتتى ، مەن ئۇنىڭ توۋلاشلىرىغا پىسەنىتمۇ قىلىپ قويماي ھايۋانلارچە ئۇنى سۆيۇپ يالاشقا باشلىدىم ئۇ تىرلىغاچ « ئۆزىڭىزگە قىلىپ سالىسىز ئۇنداق قىلماڭ» دىگەندىلا مەن ئۆزمنى تۇتىۋېلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ،ئۇ تاتىرىپ كەتكەندى ، يىغلامسىراپ بىچارىلەرچە ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى
_ نىمىشقا ئۆزۇمگە قىلىپ قويىدىكەنمەن ،سەن ئۆزۇڭنى پاك دىمەيدىغانسەن ،_دىدىم مەن پەرۋاسىزلا
_ مەن پاك ئەمەس ، ئەمما كىسەل بولۇپ قالغان ،_دىدى ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۇرۇتۇپ
_ بۇگۇن كىسەل بولساڭمۇ مېنىڭ كارىم يوق ،-دىدىمدە يەنە ئۇنىڭغا تاشلاندىم ، ئۇ يەنە بار كۇچى بىلەن ماڭا قارشىلىق قىلاتتى بۇ قېتىم ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىمۇ قولۇقۇمغا كىرمەيۋاتاتتى « مەن ئەيدىز .......» بۇ جاراڭلىق ئاچازدىن مەن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتىم
_ نىمە .... نىمە دىدىڭ ؟ - ئاغىزىمغىمۇ گەپ كەلمەي قالدى ، بۇ گەپ مېنى مەسلىكىمدىنمۇ يېشىۋەتكەندى
_ شۇنداق مەن ئەيدىز ، راسلا مەن ئەيدىز ....... ئۇ ئۇن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى
_ سەن چۇقۇم مەندىن قوتۇلۇش ئۈچۈن مۇشۇ بانىنى تاپتىڭ ، سەن ئەيدىز ئەمەس ،_دىدىم مەن ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ ئۇ بىلەكلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ
_ كۆرمىدىڭىزمۇ مەن ئاق چىكىمەن ، شۇ ئاق تاماكا ماڭا بۇ نىجىس كىسەلنى يۇقتۇرۇپ قويدى ، مەن راسلا ئەيدىز،_دىدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ، راسلا ئۇنىڭ بىلەكلىرىدىكى سانساناقسىز يىڭنە ئىزلىرىغا كۆزۇم چۇشتى ،ئۇ راسلا ماڭا يالغان سۆزلىمەپتۇدە دىگەنلارنى ئويلاپ بېشىمدىن تۇتۇن چىققاندەك لاپسىيىپلا كەتتىم ، ئۇ كېيىملىرىنى تۇزەشتۇرۇپ
_ بىزنى ئۇزۇتۇپ قويامسىز ،_دىدى پەس ئاۋازدا ، مەن گەپ سۆزسىزلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىتقا چىقتىم ، دوستۇممۇ ھېلىقى قىزنى گەپكە كىرگۇزەلمىگەندى ، مەن چىقىپ ئۇنى يانغا تارتىپ تۇرۇپ
_ بولدى ئاداش بۇ قىزلا كىرىپ كەتسۇن بەك تۇتىۋالمايلى .،-دىدىم ، تۇرسۇن ھەيرانلىق ئىلكىدە ماڭا قاراپ
_ نىمىشقا ، بۇنداق ياخشى پۇرسەت يەنە كىلەمدۇ ، ئاخماق بولماڭلا ئاداش ،_دىدى
_ بولدى قىلساڭ بولمامدۇ ، ئۇلار كىرىپ كەتسۇن ،_دىدىم مەن قەتتىي قىلىپ
_ ئەجەپ چۇشەنمدىم سىنى نىمىشقا بونداق دەيسەن ،-دىدى ئۇ سۇئال نەزىرىدە ماڭا قاراپ
_ ئۇ قىز ئەيدىزكەن .
_ نىمە ..ئەيدىز .... بولدى ئۇلار دەرھال تۇقالسۇن ، ئاداش بىرگىغۇ يۇقۇپ بولمىغاندۇ ھە ، _دىدى قۇرقۇنسىراپ
_ نىمىگە قورقىسەن بىز ئۇلار بىلەن بىرگەبولمىدۇق شۇڭا بىزگە تېخى يۇقمىدى ،_دىدىم مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ،بىز ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن سىرتقا چىقتۇق ، ئىككى قىزنىڭ ئۆيى ئىككى جايدا بولغاچقا تۇرسۇنجان ھېلىقى قىزنى ئاپىرىپ قويىدىغان ، مەن مىھرگۇلنى ئاپىرىپ قويىدىغان بولۇپ كىلىشىپ تاكسى تۇسۇپ يولغا چىقتۇق ، بىز يولدا كىتىۋېتپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق مەن پەقەت ئۇنىڭغا ئارىلاپ -ئارىلاپ قاراپ قوياتتىم ،ئۇنىڭ ئويچان كۆزلىرى خىرەلەشكەندى ،ئەمما نىمىلەردىدۇر ئويلاۋاتاتتى «شۇنچە چىرايلىق ، ئوماق بىر قىز نىمە ئۈچۈن شۇنداق يولغا كىرىپ قالغاندۇ ، بۇرۇن باشقىلاردىن ئەيدىز بولغان ئادەم باشقىلارغا يۇقتۇرۇشنىلا ئويلايدۇ دەپ ئاڭلىغان ئەمما بۇ قىز نىمە ئۈچۈن بىزگە ئۆزلىگىدىن ئۆزىنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى دەيدۇ »دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم بولۇپمۇ ئۇنىڭ نېمىشىقا ئەيدىز بولۇپ قالغانلىقى مېنى بەك قىزىقتۇرۋاتاتتى ، بىز ئەتتىرگۇل گۇللۇك ئولتۇراق رايۇنىغا كىلىپ ماشىنىدىن چۇشتۇق ، شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۇمنى سەزمىگەن ئاساستا «سىز قانداق بولۇپ بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز؟»دەپ سوراپ ساپتىمەن ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ، مەن ئۇنىڭ ھېكايىسىگە قىزىقىپ ياندىكى گۇللۇك ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇندۇككا بېرىپ ئولتۇرۇپ بىردەم پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلدىم ، بىز كىلىپ ئولتۇردۇق . مەن ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇ يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى تەكرار سۇرىدىم ،ئۇ ئۇھسىنىپ قويۇپ گەپ باشلىدى
_ مەن 3ياش ۋاقتىمدا ئاتا_ئانام ئاجىرشىپ كەتتى ، شۇ كۇندىن باشلاپ مەن ئىككى ئۆيدە چوڭ بولدۇم ، بەزىدە دادامنىڭ قېشىدا بەزىدە ئانامنىڭ قېشىدا تۇراتتىم ، كىچىك ۋاقتىمدا مەن بەكلا يۇۋاش ئىدىم ،گەپ ئاڭلاتتىم 16ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا بىر دوستۇم مېنى كەچتە ئويناشقا تەكلىپ قىلدى ھەم ماڭا كەچتە ئانامغا دادامنىڭ ئۆيىدە ياتىمەن دەپ دادامغا ئانامنىڭ ئۆيىدە ياتىمەن دەپ چىقىش تۇغۇرسىدا يول كۆرسەتتى ، مەن شۇ بۇيىچە ئىش قىلىپ بۇ كەچتە ئويناپ ئەتىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆيگە كىردىم ، بۇ قېتىم ھېچقانداق ئىش چىقمىغاچقا مەن شۇ خىل ئۇسۇلغا كۆندۇم ، سىرتتا ئوينىسا ئەلۋەتتە كۆپ پۇل كىتىدۇ ، بۇنىڭغا بىر دوستۇم يول كۆرسىتىپ سەن چىرايلىق بولغاندىكىن بىرەر باينى ئىندەككە كەلتۇرۋالساڭ پۇلدىن قىينالمايسەن دەپ يول كۆرسەتتى ، مەن ئۇنىڭغىمۇ ئىككىلەنمەن قوشۇلدۇم چۇنكى مېنى ئايىغى چىقماس ئويۇنلار ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغاندى ، ئۇ ماڭا خېلى باي ئۇبۇل ئىسىملىك بىر ئادەمگە تۇنۇشتۇرۇپ قويدى ، ئۇ ئادەم ماڭا بەكلا كۆيۇنۇپ ئاسىراپ ئۆتكەچكە مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىچەكىشىپ قالدىم ، مەن قىزلىقىمنى ئۆز رازىلىقىم بىلەن شۇ ئادەمگە بەردىم ، ئۇمۇ مېنىڭ بارلىق چىقىملىرىمغا يەتكۇدەك پۇل بىلەن تەمىنلەپ تۇردى ، مەن باشتا كىچىك ئويۇنلارنى ئوينىسام كىيىن چوڭ ئويۇنلارنى كىچە -كىچە قاتيماي ئۇينايدىغان بولدۇم ، بىر كۇنى بىر نەچچە دوستۇم بىلەن بىر سورۇنغا باردۇق بۇ سورۇندا دىلنۇر ئىسىملىك بىز قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ،نىمىشقىتىن شۇ كۇندىن باشلاپ ئۇ قىز بىلەن بىراقلا يېقىنلىشىپ كەتتۇق ھەر كۇنى بىرگە ئويناتتۇق پۇل قالمىسىلا ھېلىقى ئوبۇل دىگەن باي ئادەمنى ئىزدەتتىم ، ئۇمۇ زىركىپ قالسا مېنى ئىزدەتتى ، مەن بىلەن بىر كىچە بىرگە بوپلا كىتىپ قالاتتى ، مەن دىلنۇر بىلەن بىرگە ئويناپ ھاراق ئىچىشنى تاماكا چىكىشنى ئۆگەندىم ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىر نەچچە سورۇنلاردا نەشىنىمۇ چەكتىم ، بىر كۇنى ئۇ مېنى باشلاپ چوڭ بىر سورۇنغا باشلاپ باردى بىز باشتا ھاراق ئىچتۇق كىيىن نەشە چەكتۇق ، تازا كەيىپ بولغاندا سورۇندا ئاق تاماكاچىكىش باشلاندى ، چۇگىلىتىپ چىكىپ ماڭا كەلگەندە مەن چەكمەيدىغانلىقىمنى دەپ تۇرىۋالدىم ، بۇ ۋاقىتتا سۇرۇندىن « بىر قېتىم چەككەنگە ھېچ نىمە بولمايدۇ ، قاتاردىن قالماڭ »دىگەن گەپلەر كۆتۇرۇلدى ، مەن ئاخىر بوپتىلا دەپ ئۇنىمۇ چەكتىم ، ئۇنىڭ كەيىپىنى بىر دىمەڭ بەك پەيزىكەن مەن ئۇنىڭغا مەھلىيا بولۇپ قالدىم ، شۇ كۇندىن باشلاپ مەن ھەر كۇنى ئاق چىكىشنى ئادەتلەندۇردۇم ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزۇممۇ بىلمەي ئۇنىڭ قولىغا ئايلاندىن پۇل دىگەن ساماندەك كىتىشكە باشلىدى ، ئۇبۇل دىگەن كىشى مېنىڭ ئاققا خۇمار بولغىنىمنى نەدىن ئاڭلىدىكىن مەن بىلەن ئالاقىنى ئۆزدى ، شۇ كۇندىن باشلاپ پۇل مېنىڭ بېشىمنى قاتۇردى ، باشتا قەرىز ئېلىپ چەكتىم ، قەرىز ئالىدىغان يەرمۇ ئۇزۇمغا بارماي تۇگىدى ، ئاتا _ئانامنى قاقشىتپ تۇرۇپ چەكتىم ، بىر كۇنى چىكىشكە پۇل يوق جىلە بولۇپ كىتىپ بارسام دىلنۇر ئۇچۇراپ قالدى بىز ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئۇ مېنىڭ جاپا تارتىۋاتقانلىقمنى ئاڭلاپ پۇل تېپىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى دەپ بەردى ، ئۇ بولسىمۇ تېنىنى سېتىش ئىدى ، مەن ئامالسىز شۇ يولغا قەدەم قويدۇم ، بايلار بىلەن بىرەر كىچە ھەمراھ بولۇپ قويساملا نۇرغۇن پۇل كىلەتتى ، شۇ تەرىققىدە مەن ھېلىقى تاللا بازىرىدا كۇندۇز ئىشلىسەم كەچتە ياتاقلاردا بايلارغا ھەمراھ بولدۇم ، شۇ تەرىققىدە بىر يىل ئۆتتى ، مېنىڭ بىر دوختۇر دوستۇم بار ئىدى ، بىر كۇنى ئۇنى ئىزدەپ بارسام كەل سىنى بىر تەكشۇرتۇپ قوياي دەپ قان ئېلىپ تەكشۇرۇشكە باشلىدى ، بىر چاغدا ئۇ چىرايى ئۆڭگەن ھالدا قېشىمغا كىلىپ «ئاداش سەن چوڭراق دوختۇرخانىغا بىرىپ بىر تەكشۇرتۇپ باق »دىدى ، مەن خوش ياقمسىىدىمۇ مەجبۇرى بېرىپ چوڭ دوختۇرخانىدا تەكشۇرتۇم نەتىجىسى «ئەيدىز »دەپ چىقتى ،ھىې ھىې.... ، مەن شۇ ۋاقىتتا بەك ئازاپلاندىم ،بىر نەچچە كۇن جېنى چىقىپ كەتكەندەك يۇردۇم ، بىر نەچچە قېتىم ئۆلىۋېلىش قارارىغىمۇ كەلدىم ، بۇ ۋاقىتتا بۇرۇندىن ھازىرغىچە بولغان ئىشلار كۆز ئالدىمدىن بىر _بىرلەپ ئۆتۇشكە باشلىدى ، مەن نېمىشقا مۇشۇ كۇنگە قالىمەن بۇنىڭ باش سەۋەپكارى باي ، پۇلىسى كۆپ ھارامدىن بېيىغان پۇلدارلار ۋە شۇلارنىڭ تەييارتاپ بالىلىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، قەلبىمدە شۇ چاغدىلا «ئۆچ ئېلىش »دىگەن بىر ئوقۇم پەيدا بولدى ، مەن شۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزۇمنىڭ جەمىيەتكە بىر يۇك بولغىنىمنى ، مىللىتىمگە يۇز كىلەلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ، شۇ كۇندىن باشلاپ مەن يەنە قەددىمنى كۆتۇردۇم ، يولدىن چىققان ، ھارامدىن پۇل تاپقان بايلارغا بۇ دۇنيانىڭ سورىقى بار دىگەننى بىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئەنە شۇنداق ھارامخۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تەييارتاپ بالىلىرىنى زەھەرلەشكە باشلىدىم ، ئەمما نامىرات ، بىلىملىك ، ئېسىل كىشىلەرگە ھەرگىز يېقىن كەلمىدىم
_ ئەمىسە مېنى نېمىشقا مېنى زەھەرلىمەيسەن مەنمۇ سېنىڭ زەھەرلەش ئوبىكتىڭكەنغۇ ؟.. مەن ئۆزممۇ بىلمەي سۆزلەپ ساپتىمەن
_ چۇنكى سىز باي ئادەمنىڭ بالىسى ، ئەمما سىزنىڭ ئاتا_ئانىڭىز ئېسىل ئادەملەر ، ئۇلار ھالالدىن بېيىغان سىز سەل شوخ بولسىڭىزمۇ ئەمما ئوڭلۇق بالا سىزنى زەھەرلىسەم ئاللامۇ ھەرگىز كەچۇرمەيدۇ ، ئۆزۇمنى ئۆزۇممۇ كەچۇرەلمەيمەن شۇڭا سىزنى زەھەرلىگۇم كەلمىدى ،
_ سىز ئۆزۇڭىزنىڭ قىلغانلىرىنى تۇغرا دەپ قارامسىز ؟ مېنىڭچە سىزنىڭ قىلغىنىڭىز خاتا ؟
_ سىز ئويلىغاننى مەن ئويلىيالمايمەن ، مەن ئويلىغاننى سىز ئويلىيالمايسىز ، چۇنكى بىز ئىككىمىز ئىككى دۇنيانىڭ ئادىمى سىزنىڭ پىكىرىڭىز ئۆزىڭىزگە تۇغرا بولسا مېنىڭ ئۆزۇمگە تۇغرا ، جەمىيىتىمىزدىكى شۇ بىر قىسىم ھارامخۇرلار تۇگىمىسە بۇ ماڭا ئوخشاش تەتۇر پىشانە ئادەملەر تۇگىمەيدۇ ، شۇڭا مەن شۇنداق ئادەملەرنى تۇگىتىش مەقسىتىدە شۇڭا بۇ يولنى تاللىدىم ئەمما مەن ئۆلۇپ كىتىمەن ، شۇڭا بۇ خىلدىكى ناچار ئادەملەردىن بىر نەچچىنى ئارتۇق تۇگەتسەم شۇ مېنىڭ بەختىم ، سىزگە شۇنى دەپ قوياي شۇ خىل ھارامدىن پۇل تاپقانلار تۇگىسۇن ئۇلار بۇ جاھاننىڭ ئۆتنە جاھان ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتسۇن ، پۇلنى تۇغرا يولغا ئىشلەتسۇن ، شۇ ۋاقىتتا مەندەك شۇر پىشانە ئادەم چىقمايدۇ ، شۇ ۋاقىتتا بۇ نىجىس ئەيدىزمۇ تۇگەيدۇ ، سىزنىڭچە قانداق ؟ ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن قارىدى ، مەن نېمە دىيىشىمنى بىلمەيۋاتاتتىم ، بەلكىم ئۇنىڭ دىگىنىمۇ تۇغىرىدۇ ، شۇ گەپلەر بولغاندا تاڭ ئېتىپ ئادەملەر ئالدىراش خىزمەتكە ماڭغىلى تۇرغاندى، بىزمۇ خوشلىشىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ خوشلاشتۇق ، مەن قارا بۇلۇتلارنىڭ تارقاپ ئىللىق قوياش كۆتۇرۇلگەن تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ، ئېھ !يېڭى بىر دۇنيا ، يېڭى بىر قەدەم ........
مەنبە ؛ئۆز قەلىمىم
[ بۇ يازماسەردارتەرپىدىن2008-11-29 05:54 AMدە قايتا ]