مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك » بەربات بولغان شېرىن چۈش ( مۇسىلىنە )
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
musilina
سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2838
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 826
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
شۆھرىتى: 356 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2909 سوم
ياخشى باھا: 1054 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:333 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

17 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 بەربات بولغان شېرىن چۈش ( مۇسىلىنە )

4
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
تېما باشقۇرغۇچى سەردار تەرپىدىن نادىرلاندى. (2008-11-22)
      مالىيە ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى قاراشلىق ئىدارە -ئورگانلاردىكى تۈرلۈك چىقىملىرىنى تەستىقلاش بۆلىمىنىڭ بۆلۈم باشلىقىلىق ۋەزىپىسىگە كىمنىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پاراڭ   ئىدارىدىكىلەرنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى .ھەممەيلەننىڭ پىكرى ئادىل بىلەن نەبىگە مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى ، چۈنكى ھەر ئىككىسى قولىدىن ئىش كېلىدىغان  كىشىلەردىن بولۇپ ، ئەڭ مۇھىمى ئدارە باشلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى ھەر جەھەتتىن قويۇق ئىدى .  بۇ مۇناسىۋەتنى  قانداق قويۇقلاشتۇرغانلىقىدىن  ئىدرىدىكىلەرمۇ خەۋەردار ئىدى .بۇ ئىككىسىدى زادى قايسىسى بۇ ئورۇنغا ئولتۇرالا ؟  ئىدارىدىكىلەر ئۆزلىرىچە بۇ توغرىدا تۈرلۈك پەرەزلەرنى قىلىشاتتى ،ھەر كىم ئۆز قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ باقاتتى . ئادىل بىلەن نەبىچۇ ؟ گەرچە  ئۇلار باشقىلا رنىڭ پاراڭلىرىغا  قۇلاق سالمىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن ، كۆڭۈللىرىدە بۇنداق ئامەتلىك ئورۇننىڭ ئۆزلىرىگە نېسىپ بولىشى ئۈچۈن  خىياللىرىدا تۈرلۈك چوتلارنى سوقاتتى ،بۇ ئورۇنغا ئىگە بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىدارە باشلىقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئىكەنلىكى ھەر ئىككىسىنىڭ كۆڭلىگە  ئايان ئىدى ،چۈنكى يۇقۇرى دەرجىلىك  ئورۇن   بۆلۈم باشلىقىغا كۆرسىتىدىغان   كىشىنىڭ ئەھۋالىنى   ئىدارە باشلىقى ئارقىلىق  ئىگىلەيتتى .   شۇڭا ھەر  ئىككىلىسى بىر- بىرىگە تۇيدۇرماي  بۇ ئورۇننىڭ ئىگىسى بولۇش ئۈچۈن قاتىراشقا باشلىدى ،  ئەسلىدىكى بۆلۈم باشلىقى پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بۇ ئورۇنغا ئادەم بېكىتىش ئىشى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتاتتى ،مۇھىمى ئىدارە باشلىقىنىڭ يېنىنى كىمنىڭ بەكرەك توملايدىغانلىقى مەلۇم بولمىغاچقا  مۇزاكىرە تېخى پىشىپ بولالمىغان ئىدى  ، بۇ بۆلۈمگە بۆلۈم باشلىقى بولدىڭىز دېگەن گەپ يانچۇقىڭىزغا پۇل ئۆزلىكىدىن ئېقىپ كىردى دېگەن گەپ ،مەلۇم بىر ئىدارە ئېھتىياجلىق نەرسە سېتىۋالماقچى بولسا چوقۇم مۇشۇ بۆلۈمنىڭ بۆلۈم باشلىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى ، شۇنداقلا بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېلىشى كېرەك   ،  بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇن تەستىقلىغان بۆلۈم باشلىقىنى ئەلۋەتتە رازى قىلىدۇ -دە ،   شۇڭا  نەپ تېگىدىغان   بۇنداق ئورۇنغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ ،  مانا مۇشۇنداق نەپ يەتكۈزۈش  مۇناسىۋىتى ئاخىرى بېرىپ  ئۈچەيلەنگە مەركەزلىشىپ قالدى .بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچى بولۇپ قالغىنىغا ئۆزىچە نارازى بولۇپ يۈرىدىغان  ئادىل  ئەسلىدىكى بۆلۈم باشلىقى پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەندىن بۇيان بۇ ئورۇنغا ئىگە بولۇشنىڭ شىرىن چۈشنىنى كۆرۈپ كېلىۋاتاتتى . شۇڭا ئۇ  ۋاقىتنى سوزمايلا  ئون مىڭ يۈئەن پۇلنى  بىر كۈنى كەچتە باشقىلارغا بىلدۈرمەي ، ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ قولىغا تۇتقۇزدى ، يەنە كۆڭلى تىنماي ئايالى ئارزىگۈلگە ئېيتىپ  تەييارلىقنى مول قىلپ ،  بىر كۈنى كەچتە  ئىدارە باشلىقى بىلەن ئايالىنى ئۆيگە چاقىردى ،  بۇ قېتىمقى چاقىرىشنىڭ ئەر -ئايال ئىككىسىنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلىنىپ قېلىشى ،ئۇلارنىڭ ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيتتى .
         سېمىزلىكتىن  كۆزلىرى يۇمۇلۇپ قالاي دەپ قالغان ،پىت كۆز ئىدارە باشلىقى بىلەن بوي بەستى ئۇنىڭدىن ئانچە قېلىشمۇغىدەك دەرجىدە سەمىرىپ كەتكەن  ئايالى ئۆردەكتەك ئىغاڭلاپ ، پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتقان ھالدا ئىنجىقلاپ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كالىدەك پۇشۇلدىغىنىچە ، پەسرەك قەۋەتتىن ئالماي ،تۆتىنچى قەۋەتتىن ئۆي ئالغان ئادىلنى ئىچىدە مىڭنى تىللاپ ئاران تەستە چىقىپ كېلىشتى ، ئىشىكنىڭ چېكىلىشىنى ئاڭلىغان ئادىل يۈگۈرگەندەك بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ ،مەيدىسىنى تۇتقۇنىچە ھاسىراپ تۇرغان ئىدارە باشلىقىنىڭ قولتۇقىدىن ئىتتىكلا يۆلىدى .
          - ئەپۇ قىلسىلا جۈيجاڭ ، سىلىنى ھارغۇزۇپ جاپا سېلىپ قويۇپتىمىز ،- ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۆيگە قاراپ توۋلىدى - ئارزىگۈل ، چاپسان چىقىڭە ،جۈيجاڭ ئايالىنى ئېلىپ كەلدى ،- ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خوشەمەتچىلىك يېغىپ تۇراتتى ، لېكىن تېخى دېمىنى ئېلىپ بولالمىغان ئىدارە باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا بۇ گەپلەر تازا كىرمىدى ،ئۇنىڭغىچە ئارزىگۈل ئۆيدىن چىقىپ ،ئىتتىكلا ئىدارە باشلىقىغا سالام قىلغاچ ، ئايالىنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن قول سۇندى ، لېكىن ئىتتىك چىقىپ ئۆزىنى يۆلىمىگەنلىكىگە خاپا بولۇپ قالغان بۇ ئايال ئارزىگۈلگە قولىنىمۇ ئۇزاتماي ، مەيدىسىنى تۇتۇپ ھاسىراپ  دېمىنى ئالالمىغان قىياپەتتە تۇرىۋالدى ،بۇ ئەھۋالدىن ئوڭايسىزلانغان ئارزىگۈلنى ئادىل قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇردى .
          - چاپسان خانىمنى يۆلەڭ ، كۆرمىدىڭىزمۇ دېمى كېسىلىپ نەپەس ئالالماي قاپتۇ - دېدى ئادىل .
          ئارزىگۈل خانىمىڭ قولتۇقىدىن مەجبۇرلانغاندەك قىياپەتتە  يۆلەپ ئۆيگە ئەكىردى .بۇ ئىككى پور كۆتەكلەر ئۆيگە  كىرىپلا ئۆزلىرىنى كىرسلوغا تاشلاشتى ، ئۇلار بىردەم دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن  ، ئىدارە باشلىقى رەسمىيەت يۈزسىدىن  ئۇلاردىن تېچلىق - ئامانلىق سوراپ قويدى .ئازىگۈلنىڭ چېۋەر ،ئىشچان قوللىرى ، يەنە ئادىلنىڭ مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋاستىسى ئارىلىشى ، ئارزىگۈلگە  ئۆز مەقسىدىنى ئېزىپ -ئىچۈرۈپ چۈشەندۈرىشى ئاستىدا  راسلانغان داستىخان ئاجايىپ مول  ئىدى ، نەچچە خىل تاماق كەينى - كەينىدىن تارتىلدى ،قورۇمىلار ئارقا -ئارقىدىن چىقىرىلدى ، بادى - يوقى ئىككى مېھمان ئۈچۈن تەييارلانغان داستىخاندىكى بۇ مول  يېمەكلىكلەر بەزى نامرات ئائىلىلەرنىڭ  بىر نەچچە كۈنلۈك ئوزۇقلىقىغا يېتەتتى .  
        ئىدارە باشلىقىنىڭ ئاق ھاراق ئىچمەيدىغىنى ئوبدان بىلىدىغان ئادىل ئالدى تەييارلاپ قويغان ئەڭ ئېسىل مۇسەللەسنى رۇمكىغا قۇيۇپ ھۆرمەت بىلەن ئىدارە باشلىقىغا سۇندى
         -    قېنى جۈيجاڭ ، لايىقلىرىدا بولمىسىلىمۇ  قولۇمنى قايتۇرماي ئالسىلا ، بۇنى سېلىنى دەپ مەخسۇس ئەكەلتۈرگەن -  ئىدارە باشلىقى مۇسەللەسنى قولىغا ئېلىپ ، ئادىلنىڭ تېزرەك يېڭى ئورۇنغا ئولتۇرىشى ئۈچۈن تىلەكداشلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن كۆتۈرىۋەتتى . بىر تەرەپتىن ئىچكەچ بىر تەرەپتىن ئادىلنى ماختاپ - ئۇچىرىۋاتقان ئىدارە باشلىقى  ئالدىدىكى نازۇ -نېمەتلەرنى شالاپلىتىپ يېگەچ  ئاشخانا ئۆي بىلەن مېھمان خانا   ئوتتۇرىسىدا چېپىپ يۈرىۋاتقان ئارزىگۈلگە پات -پات  كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قوياتتى ،<< كاساپەت
ھەجەپ چىرايلىق خوتۇن ئېلىۋاپتىكىنا ، ئىدارىدىكىلەرنىڭ توي -چاي ، چاقىرىشلىرىغىغۇ ئېلىپ بارغان
    بولمىسا ، ئۆيىگىمۇ بىر نەچچە قېتىم كەلگەن ، ئەجەب دىققەت  قىلماپتىكەنمىنا ؟ >> ئۇ شۇ خىيالنى قىلغاچ يېنىدا ئولتۇرغان ، كۈپكىلا ئوخشايدىغان ئايالىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن سەپ سالدى ،     ئىككىسى توي قىلغان مەزگىللەردە ئايالى ئانچە چىرايلىقلاردىن ھېساپلانمىسىمۇ  خېلى زىلۋا ئىدى ،ئۆزىمۇ ئىدارە باشلىقى ئەمەس ئىدى ، ئۇ   ئايالىنىڭ دادىسىنىڭ ھوقۇقىنى كۆزدە تۇتۇپلا ، ئۆزىنىڭ يۈرىۋاتقان  قىزىنى تاشلاپ ، بۇ ئايال بىلەن توي قىلىۋالغان ئىدى ،مانا ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ  قېيىن ئاتىسىنىڭ دۆلىتىدە ئۆسۈپ ھازىرقى  ئورۇنغا چىقتى . تۆت پەرزەنتلىك بولدى ، نەۋرىلىكمۇ بولدى . ئۇ شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ  داستىخاندىكى مېۋە شۆپۈكلىرىنى يۇغۇشۇتۇرىۋاتقان ئارزىگۈلگە يەر تېگىدىن يەنەبىر قېتىم سەپ سېلىپ قارىدى  ۋە خىيالىدا ئۆزى خالاپ  ياكى ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئۆزى بىلەن كۆڭۈل ئاچقان قىز -چوكانلار بىلەن ئارزىگۈلنى كۆڭلىدە سېلىشتۇرۇپ كۆردى.
           مۇسەللەس ئىچىپ  كاللىسى قىزىپ ،كۆزلىرى خۇمارلىشىپ  ،پىت كۆزلىرى تېخىمۇ يۇمۇلۇپ كەتكەن  كەتكەن ئىدارە باشلقىى   تازىلىق ئۆيىگە مېڭىۋېتىپ  ئاشخانا ئۆيدىن چىقىۋاتقان ئارزىگۈلگە دوقۇرۇشۇپ قالدى ۋە كۆزلىرىنى تىكىپ ئارزىگۈلگە قارىدى ، ئىدارە باشلىقىنىڭ  شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن كۆزى ئۇچۇرۇشۇپ قالغان ئارزىگۈلنىڭ تېنى غۇژۇلداپ ، قولىدىكى سەي ئالغان تەخسە چۈشۈپ كەتكىلى ياس قالدى ۋە ئىتتىكلا مېھمانخانىغا چىقپ كەتتى ،
    << كاساپەت ،ئۈركىگەن قۇشتەكلا قاچىدا ئادەمدىن ، ھەي، بۇنداق ئاياللار دېگەن جانان چىنىدەك ساپ بولىدۇ جۇمۇ >> ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىچە شىرىن خىياللارنى سۈرىۋاتقان ئىدارە باشلىقىنىڭ كۆڭلىگە قانداقتۇر بىر شۇملۇق كەچتى  ۋە ئۆزى تاپقان ئامالدىن  خوش بولۇپ ھىجىيىپ قويدى ، ئۇلار ئۇزاپ ماڭغاندا خېلى كەچ بولغان ئىدى .      
         - خوش ئارزىگۈل سىڭلىم ، سىزنى بەك ئاۋارە قىپتىمىز ، قولىڭىز ھەقىقەتەن تەملىككەن ، رەھمەت سىزگە -دېدى ئىدارە باشلىقى ئارزىگۈلگە قاراپ .
        - ياقەي ، ھەرقايسىلىرىنىڭ لايىقىدا بولماي قالدى ، دوستىخىنىمىز ئاددىي بولۇپ قالسىمۇ كۆڭۈللىرىگە ئېلىشمىسىلا - دېدى ئارزىگۈل ،        ئەر - ئايال ئىككىسى قايتا - قايتا رەھمەت ئېيتىشىپ  پەلەمپەيدىن چۈشۈشتى ، ئادىل ئىدارە باشلىقىنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ  ماڭدى ، ئۇلار پەسكە چۈشكەندىن كېيىن ئادىل ئىدارە باشلىقىنىڭ<< قېپ قېلىڭ >>  دېگىنىگىمۇ ئۇنىماي ،  بىللە چۈشۈپ ، ماشىنىسىغا سېلىپ قويدى ،ماشىنىدا شوپۇرى ساقلاپ ئولتۇراتتى .             ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتتى . ئادىل بىلەن نەبى ئىككىسى ئىشى بولسۇن - بولمىسۇن بەز مارىغان مۈشۈكتەك ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا  كۈندە بىرەر قېتىم باش تىقىشاتتى . دوقۇرۇشۇپ قالسا ،يېنىچە بولۇشۇپ  ، ئىچىدە بىر - بىرىنى تىللىشىپ ماڭاتتى ،ئۇلار ھازىر بىر -بىرىنىڭ رىزقىغا چاڭگال سېلىشقان  ئىتقىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى .  ھەر ئىككىسىنىڭ ئېسىيادى  ھېلىقى ھوقۇقتا بولغاچقا قولى ئىشقا بارمايتتى ، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزلىرىگە بالدۇرراق ئۇقتۇرمىغان ئىدارە باشلىقىنى ئىچىدە مىڭنى تىللىشاتتى .  بىر كۈنى ئادىل  ئىشىانىسىدا خىيال بىلەن ئولتۇراتتى ، تېلىفون سايراپ كەتتى .نومۇرغا قاراپ ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ نومۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئۆزىچە ئۈمۈدلىنىپ تېلىفوننى ئىتتىكلا قولىغا ئالدى .
       - ۋەي  جۈيجاڭ ، تېچلىق تۇرلىمۇ ؟ - دېدى ئادىل .
       - ھە ، ئىشخانامغا  كىرىڭە ، سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان بىر ئىش بار ئىدى - دېدى ئىدارە باشلىقى  ، ھازىرلا ھوقۇقنى قولىغا ئالىدىغاندەك خوش بولۇپ كەتكەن ئادىل كالچايغىنىچە ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا ماڭدى ۋە كارىدوردا ئۇچرىشىپ قالغان نەبىگە  كۆرەڭلىگەندەك بىر خىل قىياپەتتە قاراپ قويدى .
         - ئەسسالام جۈيجاڭ - دېدى ئادىل  ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ .
            -ئولتۇرۇڭ - دېدى ئىدارە باشلىقى قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان ئادىلغا ، ئادىل ئورۇندۇقتا ئولتۇردى .
         - مۇنداق   ئىش ئۇكام ، بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئورنىغا قويۇلىدىغان ئادەمنىڭ ئورنى  مۇزاكىرە قىلىنىش ئارقىلىق ئاساسەن مۇقۇملىشىپ قالدى ،ئۆزىڭىز بىلىسىز ، بۇ ئورۇن ئادەتتىكى ئورۇن ئەمەس ،ئەمدىكى گەپ يۇقۇردىن بۇ ئورۇنغا ئولتۇرىدىغان كىشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئادەم كېلىدۇ ، ئىگىلىگەندە ئائىلە ئەھۋالىدىن تارتىپ سۈرۈشتۈرىدىغان  گەپ ،  شۇڭا ئائىلىڭىزنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىنى چۈشۈنۈشۈمگە توغرا كېلىدۇ ،بۇ ئەھۋاللارنى سىزدىن سورىسام ئەينەن دەپ بەرمەسلىكىڭىز مۈمكىن ، شۇڭا ئايالىڭىزدىن بەزىبىر ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكچى ، ئايالىڭىز بىلەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ سۆزلەشسەم ، باشقىلاردا گۇمان پەيدا قىلىپ   قويۇشۇم مۈمكىن ، شۇڭا ئەتە كەچ ئايالىڭىز ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن << سۈبھى تېز تاماقخانىسى >> نىڭ ئالدىدا  مېنى ساقلىسۇن - دېدى ئىدارە باشلىقى پىت كۆزلىرىنى ئادىلغا تىكىپ ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئادىل دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدى ،ئۇ ئائىلە ئەھۋالىنى ئايالىدىن ئىگىلەيدىغان بۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باقمىغاچقا ، بۇ گەپ ئۇنىڭغا سەل غەلىتى بىلىندى .
        - قانداق گەپ قىلمايسىزغۇ ؟ باشقىچە چۈشۈنۈپ قالماڭ يەنە ، ئائىلە ئەھۋالىڭىزنى بىلمىسەم يۇقۇردىن كەلگەنلەرگە قالايمىقان سۆزلەپ قويۇشۇم مۈمكىن ،ئۇ ۋاقىتتا مەندىن ئاغرىنىپ قىلماڭ  - دېدى ئىدارە باشلىقى ئادىلنىڭ كۆزىگە قاراپ .
        - ياق جۈيجاڭ ،  ئۇنداق ئەمەس ، ماقۇل مەن ئار زىگۈلگە ئېيتاي ، ئەتە سىلى بىلەن كۆرۈشسۇن - دېدى ئادىل سەل ئىككىلەنگەندەك .
         ئىدارە باشلىقى بىلەن ئەتە كەچتە كۆرۈشىشىنى ئېيتىۋاتقان ئادىلغا  قاراپ تۇرغان ئارزىگۈل ئېرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك  ئۇنىڭ ئاغزىغا قارىدى .
        - ھەي ، نېمە ھاڭۋاقتىلاردەك كەچكىچە چەكچىيىپ قارايسىز ؟ مەن سىزگە ئەتە كەچتە ئىدارە باشلىقى بىلەن كۆرۈشىسىز دەۋاتىمەن - دېدى جىلى بولغان ئادىل .
          - نېمە دەۋاتىسىز ئادىل ، سىز بىلەن سۆزلەشسىمۇ بولىدىغۇ ؟ نېمە دەپ مەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ قاپتۇ ئۇ باشلىقىڭىز ؟ مەن ھازىرغىچە ئېرى بىرەر ئورۇنغا ئولتۇرسا ئايالىدىن ئەھۋال ئىگىلەيدۇ دەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ، بىرەر ئويۇن ئويناۋاتمايدىغاندۇ- ھە،بۇ باشلىقىڭىز ؟ - دېدى ئارزىگۈل  ئىدارە باشلىقىنىڭ ھېلىقى كۈندىكى  شەھۋەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تېنى بىر خىل شۈركەنگەندەك بولۇپ ، ئۇ ئەسلى << پىت كۆز باشلىقىڭىز >> دېمەكچى ئىدى ، لېكىن ئادىلنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۇنداق دېمىدى .
             - ھەي ، نېمىلەرنى دەۋاتىسىز ، ئۇ دېگەن  ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ،       نەۋرىلىك بولغان ، ئەللىك ياشتىن ئاشقان ئادەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلىمىز خېلى يېقىن ، مېنى ئۆستۈرمەكچى بولغان ئورۇن ئادەتتىكى ئورۇن ئەمەس ، مالىيە ئىدارىسىنىڭ جان تومۇرى ، ئۇ يەرگە باشلىق بولىدىغان كىشىنى ئەلۋەتتە ھەر تەرەپتىن  قاتتىق تەكشۈرىدۇ - دېدى ئادىل .
               - ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ھېلىقى كۈنى ئۆيگە چاقىرغاندا بەز مارىغان مۈشۈكتەك كۆزلىرىنى كېرىپ قاراپ كەتتى ، بىر خىل بولۇپ قالدىم - دېدى ئارزىگۈل .
         - ئۇ كۈنى مۇسەللەس ئىچىپ سەل تەڭشىلىپ قالدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  سىز چىرايلىق بولغاچقا شۇڭا قارىغاندۇ ؟ كوچىدا ئىككىمىز بىللە ماڭساقمۇ باشقىلار سىزگە قارايدىغۇ ؟ مەنمۇ   گۈلدەك جامالىڭىزغا ئاشىق بولۇپ ، كەينىڭىزدىن قوغلۇشۇپ يۈرۈپ ئاران قولغا كەلتۈرمىدىممۇ سىزنى  - دېدى ئادىل ئارزىگۈلنى ئەركىلىتىپ ئۆزىگە تارتىپ .
         - سەتلىكىنى   مېڭە نېرى ،قىزىمىز كۆرۈپ قالىدۇ - دېدى ئارزىگۈل ئادىلغا ئەركىلىگەندەك قاراپ .
           -  بولدى ، شۇنداق پۈتۈشتۇق ئەمسە ، ئەتە كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ << سۈبھى تېز تاماقخانىسى>> نىڭ ئالدىغا بېرىڭ ، ئىدارە باشلىقى سىزنى شۇ يەردە ساقلايدۇ - دېدى ئادىل ئارزىگۈلگە .
        - جېنىم ئادىل ، ھازىرقى ھال - كۈنىمىزمۇ بىر ئوبدانغۇ ؟ نېمىشقا بۇ ئورۇنغا شۇنچە يېپىشىپ كېتىسىز  ، بولدى قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ - دېدى ئارزىگۈل ئادىلغا قاراپ .
         - ئەخمەق خوتۇن ،بۇ ئورۇن دېگەن  بىر پۇل كانى ، بۇ ئورۇنغا ئىگە بولدىڭىزمۇ ؟ بولدى پۇل دېگەن ئىشىكتىنمۇ ، تۈنلۈكتىنمۇ كىرىدۇ ،ھەممە ئادەم كۆز تىكىۋاتقان ئورۇن تۇرسا بۇ ،  بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى ھوقۇق تۇتقانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانداقمۇ ئوبدان دېگىلى بولسۇن ،   ھوقۇقۇقىڭىز بولدىمۇ ھەممە ئىشىڭىز يۈرۈشۈپلا كېتىدۇ ،  ئۇنىڭ ئۈستـىگە جۈيجاڭ دېگەن پوق قورساققا ئون مىڭ يۈئەننى بېرىپ بولغان تۇرسام ، ئۇنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ ،بولدى جېنىم خوتۇن مەن ئۈچۈن بولسىمۇ بىر قېتىم كۆرۈشۈپ قويۇڭ - دېدى ئادىل ئارزىگۈلگە يېلىنغان قىياپەتتە .
        - ماقۇل ، ئەتە ئىشتىن چۈشۈپ دېگەن جايغا باراي ئەمسە - دېدى ئارزىگۈل .    
        - ئاجايىپ ئېسىل- دە بىزنىڭ خوتۇن ،- دېدى ئادىل .
      - خوشامەت قىلمىڭە بولدى- دېدى ئارزىگۈل قاپىقىنى سوزۇپ ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپ دېگەن جايغا كەلگەندە ،ئىدارە باشلىقى ماشىنىسىنى توختۇتۇپ قويۇپ ئارزىگۈلنى ساقلاۋاتاتتى .
       - دەل ۋاقتىغا كەلدىڭىز ، مەنمۇ ھازىر كېلىپ تۇرغان ئىدىم ، قېنى ماشىنىغا چىقىڭ - دېدى ئىدارە باشلىقى . ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئارزىگۈل شوپۇر ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇرغان ئىدارە باشلىقىغا شۈبھىلىك نەزەردە قارىدى .
       - ھە ، شوپۇرنىڭ ئازىراق ئىشى چىقىپ قاپتىكەن ، شۇڭا ماشىنىنى ئۆزەم ھايداپ كەلدىم ، ئۇ ئىشىنى تۈگۈتۈپلا كېلىدۇ - دېدى ئىدارە باشلىقى ئارزىگۈلنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئۇقۇپ قالغاندەك . ئىدارە باشلىقى  ماشىنىنى   بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا  ئەكىلىپ توختاتتى ۋە  ئۆزى ماشىنىدىن چۈشۈپ ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى ، ئارزىگۈل مەشىنىدىن چۈشۈپ ئىدارە باشلىقىغا قارىدى .
      - قېنى مېڭىڭ  ، - دېدى ئىدارە باشلىقى .
        ئارزىگۈل ئۆزلىرى كىرمەكچى بولغان بۇ جايغا قارىدى ، گەرچە ئۇ بۇنداق جايغا كىرىپ بەقمىغان بولسىمۇ بۇ يەرنىڭ مېھمانخانا ئىكەنلىكىنى بىلەتتى .
       - بۇ يەرگە كىرسەك باشقىلار كۆرۈپ قالغا خاتا چۈشۈنۈپ قالىدۇ ،بىرەر تېز تاماقخانىغا كىرەيلى  -دېدى ئارزىگۈل .
        - تېز تاماقخانىدا ئادەم كۆپ ،  مەن سىزدىن سورايدىغان ئىشلار سىلەرنىڭ ئۆينىڭ  ئىچكى ئەھۋالى ، ئۆيىڭىزدىكى ئەھۋالنى باشقىلارنىڭ ئاڭلىشىنى خالىمايدىغانسىز ؟  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مېھمانخانا بولغان بىلەن تاماق يەيدىغان ئايرىم خانىلىرى بار ئەنسىرىمەڭ ، ئادىلنىڭ ئىشى سىزنىڭمۇ ئىشىڭىزدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازىراق كۈچەپ قويمىسىڭىز بولماس - دېدى ئىدارە باشلىقى ، ئارزىگۈل ئىككى خىيال بولۇپ تۇرۇپ قالدى ،ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالماقچى بولدى ، لېكىن يەنە ئادىلنىڭ يېلىنغان ھالىتى ، بۇ پىت كۆزگە بەرگەن ئون مىڭ يۈئەن پۇل ئۇنى توختىتىپ قالدى ، ئىدارە باشلىقى خۇددى ئۇنىڭ خىيالىنى بىلىپ قالغاندەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى .ئارزىگۈل يەنە تۇرۇپ << بولدى ، مېنىڭ باشقا نىيىتىم بولمىغاندىكىن كىرىۋېرەي ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۆرۈشۈشۈمنى ئادىل ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان تۇرسا >> دېدى ۋە ئىدارە باشلىقى بىلەن بىللە ماڭدى ،  ئىدارە باشلىقى  ئىشنى ئالدىن  ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغىنى بويىچە ،ئارزىگۈلنى ئالدى بىلەن ئايرىم خانىگە باشلىدى .
      - قانداق تاماق يەيسىلەركىن؟ - دېدى چىرايىدىن ئىللىقلىقى چىقىپ تۇرغان ئوماققىنە كۈتكۈچى قىز .
        - قېنى ، نېمە يەيسىز ؟ - دېدى ئىدارە باشلىقى ئارزىگۈلگە قاراپ .
        - بولدى تاماق بۇيرۇتمايلى ، ئۇزاق ئولتۇرمىغاندىن كېيىن - دېدى ئارزىگۈل  خۇددى باشقىلار بۇ يەرگە كىرىپ قېلىپ بۇ ئىككىسىنى ناشايايان ئىش قىلىۋېتىپتۇ دەپ قالىدىغاندەك بىر خىل ئەندىشە ئىچىدە .
       - ئۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ ، ئۆتكەندە سىلەرنىڭ ئۆيگە بارغاندا شۇنداق ئاۋارە قىلدۇق ، شۇنىڭ يۈزى بولمىسىمۇ بولماس ، باشقىچە ئويلاپ كەتمەڭ ، مەن پەقەت  ئائىلىڭىزنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىنى سىزدىن سورايمەن ، قارىسام  ئەنسىرەۋاتقاندەك قىلىسىز ، بۇ يەردە بىزنى كۆرۈپ قالىدىغان ئادەممۇ يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز دېگەن نورمال ئولتۇرىۋاتىمىز - دېدى ئىدارە باشلىقى ۋە كۈتكۈچى قىزغا قاراپ ،بىرنەچچە خىل تاماقلارنى بۇيرۇتتى.تاماقلار كىرىپ بولغۇچە  ئىدارە باشلىقى  ئارزىگۈلدىن ئادىل بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ، ئادىلنىڭ يەنە باشقا بىر قىسىم ئەھۋاللىرى  توغرىسىدا سورىدى ،ئارزىگۈل ئۇنىڭ سورىغان سوئالىغا ئۇدۇللۇق جاۋاپ بەردى ،ئارزىگۈل كۈتكۈچى قىزدىن تازىلىق ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنى سورىدى ، كۈتكۈچى قىز ئۇنى  تازىلىق ئۆيىگە باشلاپ چىقىپ كەتتى ، مۇشۇنداق  پۇرسەتنىڭ كېلشىنى كۈتىۋاتقان بۇ رەزىل ئەبلەخ ئارزىگۈل ئىچىۋاتقان چايغا ئالدىن تەييارلىۋالغان ئۇيقۇ دورىسىنى سېلىۋەتتى .ئارزىگۈل كىرگەندە بولسا ئۇ ھېچنىمە كۆرمىگەندەك ئەسلىدىكى ئورنىدا ئولتۇراتتى ،بۇيرۇتقان تاماقلارمۇ كىردى ، ئۇلار پاراڭلاشقاچ تاماق يېيىشتى ، ئارزىگۈل تاماق يېگەچ  ھېلىقى ئۇيقۇ دورىسى سېلىنغان چاينىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ بولدى ،  ئۇلار تاماق يەپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرغاندا ئارزىگۈل بېشىنىڭ قېيىپ ، كۆڭلىنىڭ ئېلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە كۆزلىرى ئېلىشىپ ئىدارە باشلىقىغا قارىدى .
       - نېمە بولدىڭىز ؟ مىجەزىڭىز يوقما ؟ - دېدى بۇ ھېيلىگەر ئەبلەخ ئارزىگۈلگە كۆيۈنگەندەك قىياپەتتە .
       - بېشىم سەل قېيىۋاتىدۇ -   دېدى ئارزىگۈل .  
         - ئۇنداق بولسا بىردەم ئولتۇرىۋېلىڭ ، سەل ئوڭشالغاندا ئاندىن ماڭايلى - دېدى ئىدارە باشلىقى ، ئارزىگۈل ماڭماقچى بولدى ، لېكىن پۇتلىرى ئۆزىگە بويسۇنماي دەلدەڭشىپ قالدى ، ئىدارە باشلىقى ئىتتىكلا ئۇنى يۆلىۋالدى ، ئارزىگۈل ئۇنىڭ قولىدىن بوشانماقچى بولدى ،لېكىن  ئۆزىنى كونتورۇل قىلالمىدى .
         - بۇ ئاچىڭىزنىڭ سەل مىجەزى يوق ،  304 - ياتاققا ئەكىرىپ قويۇڭ - دېدى ئىدارە باشلىقى كۈتكۈچى قىزنى چاقىرىپ قۇلىقىغا پەس ئاۋازدا ، كۈتكۈچى قىز ئارزىگۈلنى يۆلەپ ، ياتاققا ئېلىپ ماڭدى  ، بىر كەملەردە ئېسىگە كەلگەن ئارزىگۈل ئەتراپىغا قاراپ ئۆزىنىڭ ناتونۇش بىر جايدا كارۋاتتا يالىڭاچ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ھۇشىدىن    كەتكىلى تاس قالد ى ۋە نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىنىڭ تاماق يەپ بولۇپلا ،بېشى قېيىپ  بىئارام بولۇپ كەتكەنلىكى ئېسىگە يەتتى .<< مۇناپىق ھايۋان ، چېيىمغا دورا ۈسېلىۋېتىپتۇ -دە >> ئۇ شۇنى ئويلاپ بېشىنى يوتقانغا پۈركەپ ، ھۆكىرەپ يىغلىدى .
        - ئوڭشالدىڭىزما؟ بولدى يىغلىمىڭا ، بۇنچىۋالا يىغلۇغىدەك ئىش ئەمەسقۇ بۇ ؟ - دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ كېچىلىك كىيىم بىلەن ئالدىدا ھېجىيىپ تۇرغان ئىدارە باشلىقىنى كۆردى .
       - بولدى يىغلىماڭ ، بەرىبىر بولىدىغان ئىش بولدى ،بىرەر مەنپئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەش كېرەك - دېگىنىچە  ئارزىگۈلگە يېقىنلىشىپ ئۇنى تۇتماقچى بولدى .
      - ئىپلاس ،  نومۇسسىز ھايۋان   ، پاسكىنا قولۇڭنى تارت ، ماڭا يېقىن كەلگۈچى بولما - دېدى ئارزىگۈل يوتقانغا تېخىمۇ چىڭ يۆگىنىپ تام تەرەپكە سۈرۈلۈپ .
          - نېمانچىۋالا نازلىنىپ كېتىسىز ، سىز يا توي قىلمىغان قىز ئەمەسقۇ ،ھازىر بۇنداق ئىشلارنى ھەتتا قىز لارمۇ ئېغىر ئالمايدىغان بولۇپ كەتتى -   دېدى ئۇ ئەبلەخ سەت ھېجىيىپ ، ئارزىگۈلگە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ  
       - يەنە يېقىن كېلىدىغان بولساڭ ئادەم چاقىرىمەن - دېدى ئارزىگۈل .
         - ھېم ، ئادەم چاقىرىمەن ؟ چاقىرىڭە ، قېنى مەرھەمەت ، كىرگەنلەرگە بۇ كىشى ماڭا ئەسكىلىك قىلدى دېسىڭىز ، ئۇلار سىز نېمىشقا كىرگەن دەپ سورىسا نېمە دەيسىزكىن؟ يەنە ئۇلار سىزنىڭ يولدىشىڭىز بارلىقىنى ئۇقسا   نېمە دەر ؟ ئۆزىڭىزنىمۇ ،ئېرىڭىزنىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز بولارمىكىن ؟  ئۇنىڭ ئۈسـتىگە     ئېرىڭىزنىڭ ھوقۇققا ئېرىشىش - ئېرىشەلمەسلىكى ئىككىمىزنىڭ قولىدا - دېدى ئىدارە باشلىقى ئاغزىنىڭ بۈرجىكىدە كۈلۈپ ،  بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئارزىگۈل جىم بولدى ، باشقىسىمىغۇ مەيلى، راستىنلا كىشىلەر كىرىپ  قالسا << ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كىرمىسە ، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ دېمەمدۇ   ؟  ئۇ ۋاقىتتا باشقىلارغا قانداق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ ؟ >>   دېگەنلەرنى  ئويلىدى ، ئۇنىڭ كاللىسى قۇپ - قۇرۇق بولۇپ، خىيالىغا  ھېچنىمە كىرمىدى .
         - بولدى، كەچكىچە يالىڭاچ ئولتۇرىۋەرمەي كىيىملىرىڭىزنى كىيىۋېلىڭ - دېدى ئىدارە باشلىقى . ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ ، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ ، مونچىغا چۈشتى ، سۇنى بولىشىغا چۈشۈرۈپ گويا بەدىنىدىكى بارلىق مەينەتچىلىكتىن ئادا -جۇدا بولماقچى بولغاندەك ، بەدەنلىرىنى قەتتىق ئۇۋىلاپ يۇيدى ، يۇيىنىۋېتىپ ئاۋازىنى قويىۋېتىپ ھۆركىرەپ يىغلىدى ، ئۆزىنى مۇشۇ ناپاكلىق يولىغا ئىتتىرگەن ئادىلنى ۋە ئىدارە باشلىقىنى بولىشىغا غايىۋانە تىللىدى ، ئۇ يۇيۇنۇپ چىققاندا  ئىدارە باشلىقى كىرسلودا ئولتۇرۇپ ئۇنى ساقلاۋاتاتتى.
           - بىللە قايتايلى ، مەن سىزنى ماشىنىدا ئاپىرىپ قوياي ، ھازىر  كەچ بولۇپ كەتتى  - دېدى ئىدارە باشلىقى .
         - ئۆزەم تاكسى توسۇپ قايتىپ كېتىمەن ، سىزدەك ئىپلاس ئادەمنى كۆرەر كۆزۈم يوق - دېدى ئارزىگۈل ۋە ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ قويماي ، ئىشىكنى  قاتتىق  ياپقىنىچە كەتتى  . ئىشىكنىڭ ئېچىلغىنىنى ئاڭلاپ ، ئارزىگۈلنى ساقلاپ تىت -تىت بولۇپ ئولتۇرغان ئادىل ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئارزىگۈلنىڭ ئالدىغا باردى .
          -ئەجەب ئۇزاقتا كەلدىڭىزا ، نېمە توغرۇلۇق پاراڭلاشتىڭلار ؟- دېدى ئادىل ، ئارزىگۈل خۇددى قېتىپ قالغاندەك بىر نوقتىغا تىكىلپ قاراپ گەپ قىلمىدى .
          - نېمە بولدىڭىز ؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىز ؟ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ - ئادىل شۇنداق دېگىنىچە ئارزىگۈلنىڭ قولىنى تۇتماقچى  بولدى .
         -           كۆزۈمدىن يوقال ، سەنمۇ ماڭا يېقىن كەلگۈچى بولما  ،  - دېدى ئارزىگۈل ۋە  ئۆزىگە يېقىنلىشىپ كەلگەن ئادىلنى پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ ئىتتىرىۋەتتى .
          -جېنىم خوتۇن ،گەپ قىلسىڭىزچۇ ، زادى نېمە بولدى ؟ ئۇ قېرى  ئەبلەخ سىزنى بوزەك قىلمىغاندۇ ؟ -  ئارزىگۈلنىڭ كۈچ بىلەن ئىتتىرىشىدىن يىقىلىپ چۈشكەن ئادىل ئورنىدىن ئۆمىلەپ قوپقىنىچە ئارزىگۈلنىڭ قولىنى تۇتتى .
          - سەنمۇ ئەركىشى بولدۇڭمۇ ؟  سەن ئۆز نەپسانىيىتىڭنى دەپ مېنى ئوتقا ئىتتەردىڭ ،  ئايالىڭنىڭ ئاياللىق پاكلىقىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇلغۇدۇڭ ،سەنمۇ بىر ئىپلاس ،- ئارزىگۈل شۇنداق دەپ يىغلىغىنىچە ئادىلنىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۇشقا باشلىدى ،  ئارزىگۈلنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان  ئادىلنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى .
       -  جېنىم ئارزىگۈل   ، ئۇ قېرى چوشقا سىزنى بوزەك قىلدىما ؟ مەن ئۇنىڭ قېشىغا بارىمەن ، ئۇنىڭ بىلەن ھېساپلىشىمەن - دېدى ئادىل ۋە سىرتقا قاراپ ماڭدى .
          - سىز قايسى يۈزىڭىزنى كۆتۈرۈپ نومۇسسىزلارچە ئۇنىڭ ئالدىغا بارىسىز ؟ ئۇ يەرگە بېرىپ جىدەل چىقىرىپ مېنىڭ   ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتقىنىمنى خەلقى - ئالەمگە يايماقچىمۇ سىز ؟ شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ چىرايلىق تۇرارمۇ ؟ -  دېدى ئارزىگۈل بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ،بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئادىل بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى ، دېمىسىمۇ توغرا ، ئۇ يەرگە بېرىپ ھېساپلاشقىنى ، ئۆزىنىڭ چاۋىسىنى ئۆزى چىتقا يېيىش بولاتتى ، ئۆزىمۇ ،ئايالىمۇ رەسۋا بولاتتى ، ئۇ ئارزىگۈلگە قانداق تەسەللىي بېرىشنى بىلمەي قالدى ،   ئارزىگۈلدىن ئۇ  نومۇسسىز ئىدارە باشلىقىنىڭ قانداق دەپسەندە قىلغانلىقىنى سوراشقىمۇ ماجالى يەتمىدى ،شۇ تاپتا ئۆزىنىڭمۇ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلۇغۇسى كەلدى ، ئارزىگۈل ئاستا مېڭىپ قىزى ياتقان ھوجرىغا كىرىپ چىراقنى ياندۇردى ، قىزى تاتلىققىنا ئۇخلاۋاتاتتى ،ئۇ قىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ ، يۈزىنى قىزىنىڭ يۈزىگە ياققىنىچە ، لېۋىنى چىڭ چىشلەپ ، قىزىنىڭ ئويغۇنۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاۋازىنى چىقارماي ئۈنسىز يىغلىدى ، شۇ كېچە ئارزىگۈل قىزىنىڭ قېشىدا ياتتى ، ئۇنىڭ كۆزىگە قانداقمۇ ئۇيقۇ كەلسۇن ؟  ئۇ ئادىل بىلەن تونۇشقان ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ۋە قىزى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بەختلىك كۈنلىرىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ، ئادىلنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى  ھوقۇقپەرەس ، نەپسانىيەتچى بولۇپ كەتكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدى ، ئۆزىنىڭ خورلۇققا ئۇچرىشىنىغا ئۆز ئېرىنىڭ سەۋەپچى بولۇشىنى ئويلىسىلا ئىچ - ئىچىدىن يىغا قاپسايتتى ، ئادىلچۇ ؟ ئۇنىڭمۇ كۆزىدىن ئۇيقۇ يىراق ئىدى ، ئايالىنىڭ ئۆزى سەۋەپلىك دەپسەندە بولغانلىقىنى ئويلىسىلا پوق قورساق ، نومۇسسىز ئىدارە باشلىقىنى ئولتۈرىۋەتكىسى كېلەتتى . ئۇ شۇ ئويلار بىلەن قاچان ئۇخلاپ قالغىنىنى تۇيمىدى .ئەتىسى دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا  ، ئارزىگۈل ئادىلنى ئويغاتمىدى ، ئۇ ئۆيلىرىنى پاكىز تازىلاپ ، تاماققا تۇتۇش قىلدى  . تاماق پىشاي دەپ قالغاندا ، ئادىل ئورنىدىن تۇردى ،   ئۇ ئاشخانا ئۆيگە قاراپ تاماق ئېتىۋاتقان ئارزىگۈلگە - ئەجەب ئۇخلاپ كېتىپتىمەن ، ئويغۇتۇپمۇ قويماپسىز ،- دېدى . ئارزىگۈل ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمىدى ، ئۇنىڭ ئادىلنىڭ چىرايىغا قارىغۇسىمۇ كەلمەيتتى ،  ئادىل ئارزىگۈلنىڭ جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ،ئا شخانا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ، ئۇ ئايالىنىڭ قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى ، ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى چىۋىن تەۋالغاندەك غەش ئىدى .تاماق پىشتى ، ئۇلار كۆڭۈلسىز ھالدا  جىمجىت ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشتى ، بۇ جىمجىتلىقنى  ئالتە ياشلىق ئوماق قىزى نەفىسەنىڭ ئۇلاردىن  پات -پات سورىغان سوئاللىرى بۇزاتتى ،تاماق يىيىلىپ بولدى ،ئارزىگۈل قاچا -قۇچىلارنى يىغىپ ئەكىرىپ يۇيىۋەتتى ، ئۇ چىققاندا ئادىل كىرسلودا ئولتۇراتتى ، قىزى ئۈستەلگە  دەپتەرلىرىنى  يېيىۋېلىپ بىرنەرسىلەرنى قىلىۋاتاتتى .
            - ئاپا قارىڭا ، ما سىزغان رەسىمىم بوپتىمۇ ؟ - دېدى قىزى چۈچۈك ئاۋازدا .
         - ھە ، بوپتۇ ئوماق قىزىم - دېدى كۆڭلى پاراكەندە تۇرغان ئارزىگۈل ۋە ئادىلغا قاراپ :
- ما يەرگە كىرىڭە ، سىزگە دەيدىغان گېپىم بار - دېدى ، ئادىل گەپ قىلمايلا ئارزىگۈلنىڭ ئارقىسىدىن ياتاق ئۆيگە كىردى، ئارزىگۈل دەماللىققا گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي ، بىرئاز تۇرۇپ قالدى ، ئاخشامقى ئىشنى تىلغا ئېلىش ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئېغىر ئىدى ، ئاخىرى ئارزىگۈل ئېغىز ئاچتى .
           -  سىز مېنىڭ  چىن يۈرۈكۈمدى سۆيگەن يولدۇشۇم ، ھالال جۈپتىم ئىدىڭىز ، قىزىم بىلەن ئىككىڭلار مېنىڭ بارلىقىم ئىدىڭلار ،مەن مەڭگۈ   ئىككىڭلار ئۈچۈن ياشاشقا  ، بارلىقىمنى  بېغىشلاشقا نىيەت قىلغان ئىدىم ، لېكىن   قاراپ باقسام سىز  بۇرۇنقى مەن سۆيگەن ،ئاقكۆڭۈل ئادىل بولماي قالدىڭىز ، بەك نەپسانىيەتچى بولۇپ كەتتىڭىز ، سىز ئۆز نەپسانىيىتىڭىزنى دەپ ھالال جۈپتىڭىز بولغان مېنىڭ بىر سىزگىلا تەئەللۇق بولغان ئاياللىق ئىپپىتىمنى باشقىلارغا دەپسەندە قىلىپ بەردىڭىز ، شۇنداق تۇرسا مەن يەنە قانداقمۇ سىز بىلەن بىر ئۆيدە ياشىيالايمەن ؟گەرچە سىز بۇ ئىشلارنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋېتەلىسىڭىزمۇ ، لېكىن مەن سىز سەۋەبلىك دۇچار بولغان بۇ قاباھەتلىك چۈشنى ھەرگىزمۇ كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋېتەلمەيمەن ، بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى ، سىز  مېنىڭ قۇربانلىقىم ئاستىدا مەقسىدىڭىزگە يېتىپ ، ھوقۇق تۇتشىڭىز مۈمكىن ، لېكىن مەن ئەمدى سىز بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى خالىمايمەن ، ئاجرىشىپ كەتسەك قىزىمنى مەن ئېلىپ كېتىمەن ، ئۇ  تېخى كىچىك ،سىز بىلەن تۇرسا ،  بېقىپ كېتەلمەيسىز - دېدى ئارزىگۈل .
        - ياق ، مەن سىز بىلەن ئاجراشمايمەن ،جېنىم ئارزىگۈل ، مېنى كەچۈرۈڭ ، مېنىڭ ئاچكۆزلىكىمنى كەچۈرۈڭ ، بىز بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتەيلى ، بىز يەنىلا بىر -بىرىمىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئامراق ئەر - خوتۇنلارغۇ ؟ - دېدى ئادىل ئارزىگۈلنىڭ قولىنى تۇتۇپ يېلىنىپ تۇرۇپ .
       - سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز كۆتۈرگەن بىلەن مېنىڭ ۋىجدانىم ھەرگىزمۇ كۆتۈرمەيدۇ ، مەن سىز بىلەن قەتئىي ئاجرىشىمەن ، مەن ھازىر قىزىمنى ئېلىپ  چوڭ ئۆيدە  بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ تۇراي ، سىز كاللىڭىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ،ئاندىن سوتقا بارايلى - دېدى ئارزىگۈل ۋە  تەييارلاپ قويغان ئازىراق كىيىملىرىنى ئېلىپ قىزىنى يېتىلەپ ماڭدى .
         - ئۇنداق قىلماڭ ئارزىگۈل ، كەتمەڭ ، چوڭ ئۆيگە بېرىپ  تۇرسىڭىز ، ئۇلار نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ ، ئۇلارغا قانداق چۈشەندۈرىسىز ؟ - دېدى ئادىل يالۋۇرۇپ .
       - خاتىرجەم بولۇڭ ، ئۇلارغا ئىككىمىز ئازىراق خاپىلىشىپ قالدۇق دەپ قويىمەن - دېدى ئارزىگۈل .
       - ئاپا ، بىز نەگە بارىمىز ؟ دادام نېمىشقا بىز بىلەن بارمايدۇ ؟ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارما ؟ قاچان ئۇرۇشۇپ قالدىڭلار ؟ -  دېدى قىزى چۈچۈك تىللىرى بىلەن  ئىككىسىگە  قاراپ .
        - ياق ، قىزىم بىز ئۇرۇشۇپ قالمىدۇق ،  بىز چوڭ دادىڭىزنىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق ، دادىڭىزنىڭ ئازىراق ئىشى چىقىپ قالدى ، بۈگۈن بارالمايدۇ ، بىز بىرنەچچە كۈن  چوڭ دادىڭىزنىڭ ئۆيىدە تۇرىمىز -دېدى ئارزىگۈل قىزىغا ، ئادىل قىزىنىڭ  قېشىدا   يەنە  ياندۇرۇپ  بىرنەرسە دېيەلمىدى .ئارزىگۈل قىزىنى يېتىلەپ ماڭدى .
      - دادا ، سىزمۇ ئىتتىكرەك بېرىڭ -ھە ؟  بولمىسا سىزنى بەك كۆرگۈم كېلىپ كېتىدىكەن ، مەن سىزگە بەك  ئامراق - دېدى قىزى كەينىگە قاراپ ، ئادىلنىڭ بۇرنى ۋىژژىدە ئېچىشىپ ، كۆزلىرىنى يىغا ياماشتى .ئارزىگۈلنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولدى ، ئارزىگۈل كەتكىلىمۇ بىرنەچچە كۈن بولدى ، ئادىلمۇ << بوپتۇ  بىرنەچچە كۈن  چوڭ ئۆيدە تۇرۇپ تۇرسۇن ، ئىشنىڭ نەتىجىسى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاچچىقى يانغاندا ئەپۇ سوراپ ئەكىلىۋالارمەن ، بەرىبىر بولىدىغان ئىش بولۇپ بولدى ، ئۇ قېرى ئوغرى بىلەن كېيىن ئايرىم ھېسابلىشىۋالىمەن >> دەپ ئويلىدى ، بىر كۈنى ئادىلنىڭ ئۈستىلىدىكى تېلىفون جىرىڭلىدى ، ئۇ نومۇرغا قاراپ ئىدارە باشلىقىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدى ، ھېلىقى ئىشتىن كېيىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ باقمىغان ئىدى ،  ئۇ تېلىفوننى ئېلىپ تىللىماقچى بولدى ، لېكىن يەنە ئۆزىنى بېسىۋالدى ، شۇنچە بەدەل تۆلىگەندىن كېيىن بۇ ئورۇنغا چوقۇم ئېرىشىشى كېرەك ئىدى ، شۇ ۋاقىتتا تىللىسىمۇ ،ئىنتىقامىنى ئالسىمۇ  كېچىكمەيتتى ،ئىدارە باشلىقى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىشىنى ئېيتتى ،ئۇ   كارىدورغا چىقىپ  نەبى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى ، نەبىنىڭ چىرايىدىن ئادىلنى  مەنسىتمەسلىك ،  بىر خىل كۆرەڭلىك ، يەنە  ئاللىقانداقتۇر بىر خىل خوشاللىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى . ئادىل نەبىگە  غەزەبلىك ھومۇيىۋېتىپ ، ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى .
           - ھە  كېلىڭ  ،ئولتۇرۇڭ ، - دېدى ئىدارە باشلىقى  ئۇنى تەكلىپ قىلپ ، ئادىل ئورۇندۇقتا ئولتۇردى .
           - مۇنداق ئىش ئۇكام ، بۆلۈم باشلىقىنى بېكىتىش ئىشىنى يۇقۇرى دەرجىلىك ئورۇن مۇزاكىردىن ئۆتكۈزۈپ بېكىتىپ بوپتۇ ، مەنغۇ سىزنىڭ كەتمىنىڭىزنى چېپىپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سىزنىڭ تەرىپىڭىزنى قىلغان ئىدىم ، لېكىن مۇزاكىرىدە  ئاۋازغا قويغاندا ، نەبىنى قوللايدىغان  ئاۋاز كۆپرەك چىقىپتۇ ، شۇڭا مېنىڭمۇ پەقەتلا ئامالىم بولمىدى ، مەندىن ھەرگىز رەنجىمەڭ - دېدى ئىدارە باشلىقى ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئادىلنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى .  
         - نې.. نېمە دېدىڭىز  ؟ نە.. . نەبى دېدىڭىزما ؟ - دېدى  ئادىل دۇدۇقلىغان ھالدا .
         - شۇنداق ،  يۇقۇرىدىن نەبىنى بېكىتىپتۇ ،مەن سىزنى بېكىتىشكە شۇنچە چىڭ تۇرساممۇ ، ئاۋاز يۇقۇرى چىققاچقا پەقەت ئامالىم بولمىدى - دېدى ئىدارە باشلىقى .
            - ۋۇي، مۇناپىق نومۇسسىز پوق قورساق  ، ئۇنداق دېگۈچە ئۇنىڭ گېلىمدىن ئۆتكۈزىۋەتكىنى سېنىڭكىدىن جىق دېگىنە ؟   مەن بۇ ئورۇن ئۈچۈن ئاز بەدەل تۆلىدىممۇ ؟ سەن.. سەن يەنە ئايالىمنىڭ نومۇسىغا تېگىپ ، مەن سېنى بوغۇزلىۋەتمەيدىغان بولسام   - ئادىل شۇنداق دېگىنىچە كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي ،ئېتىلىپ بېرىپ ئىدارە باشلىقىنىڭ كانىيىدىن ئالدى .
        - ھەي ، ھەي ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋالسىڭىز بولارمىكىن ، سىز يەنە مۇشۇ ئىدارىدە مېنىڭ قولۇمدا ئىشلەيسىز ، مېنىڭ ئايالىڭىز بىلەن بولغان ئىشىمنى باشقىلارغا ئۇقتۇرغۇڭىز بار ئوخشىمامدۇ سىزنىڭ ؟ ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئەمەس سىزنىڭ ئىشىڭىز چاتاق بولارمىكىن ؟ - دېدى ئىدارە باشلىقى ئادىلنىڭ قولىنى كانىيىدىن بوشۇتۇپ ،ئادىل لاسسىدە بولۇپ قالدى ،بۇ ئىشلارنى باشقىلار ئۇقۇپ قالسا ياخشى بولمايتتى .ئۇ قولىنى بوشۇتۇپ ، مەس بولۇپ قالغان ئادەمدەك دەلدەڭشىگىنىچە چىقىپ كەتتى ، ئىدارە باشلىقى ئۇنىڭ كەينىدىن مەسخرىلىك بىر خىل تەرىزدە قاراپ قويدى . ئەلۋەتتە نەبىنىڭمۇ بۇ ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن  ئۆزىدىن يەتتە مىڭ يۈئەننى ئارتۇق خەجلىگەنلىكىنى ، ئۆيىگە چاقىرغاندا ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقاچ ،بىر مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقان سىڭلىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن    (ئۇلارنىڭ ئۆيى يېزىدا بولغاچقا ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئىشلەيتتى )  ئۆز مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدارە باشلىقىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىق ئورنى بىلەن سىڭلىسىنىڭ خىزمىتىنى ھەل قىلىش ئىشىنى تەڭ بېجىرىپ بەرگەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشىنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن خوشال بولغان نەبىنىڭ سىڭلىسىنىڭ بۇ ئىشلارنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىدىن ئەلۋەتتە ئادىلنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى .  ئادىل ئىدارە  باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ  كارىدوردىن ئۆتۈپ ئىشخانىسىغا كىرىپ بولغۇچە  ئالدىغا ئۇچرىغان خىزمەتداشلىرى  ئايالى بىلەن ئىدارە باشلىقى ئوتتۇرىسىدىكى  ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان پەسكەشلىكنى ئۇقۇپ قالغاندەك ، ئۆزىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك  تۇيۇلۇپ كەتتى .ئۇ ئىشخانىسىغا كىرىپلا ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ ، بېشىنى ئۈستەلگە قويۇپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى ،ئۆزىگە ئۆچلۈكى كەلدى ، ئۇ بىردەم ئەنە شۇنداق ياتقاندىن كېيىن ، ئورنىدىن تۇرۇپ جۈمەكتىن سۇ چۈشۈرۈپ يۈزىنى يۇيىۋەتتى ، ئەينەكتىن  ئۆزىنىڭ سارغىيىپ كەتكەن چىرايى ، قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆردى ، ئۇ بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن سەل ئۆزىگە كېلىۋېلىپ ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە كەتمەكچى بولدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇ ئىدارىنى  ، ھېلىقى ئىدارە باشلىقى دېگەن << قېرى چوشقا >> نى كۆرگۈسى ، ئېسىگە ئالغۇسى يوق ئىدى . ئۇ ئىشخانىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ، ئالدىغا ئۇچرىغان تونۇشلىرىغىمۇ قارىمىدى ، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ، تازا يىغلاپ پۇخادىن چىقىۋالدى ، بىر ئەر كىشى تۇرۇپ ئايالىنى دەپسەندە قىلغان نومۇسسىز ئىدارە باشلىقىنى  ئىككى مۇش سالالمىغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى - ئۆزى ئەيىبلىدى . ئۇ شۇنداق ئولتۇرۇپ ئىچى سىقىلىپ ، ئىشكاپقا سېلىپ قويغان ھاراقتىن بىر بوتۇلكا ئالدى  ،ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىشكە باشلىدى ، ئىچىپ تاز تەڭشەلگەندە  ئورنىدىن تۇرۇپ ، دەلدەڭشىگىنىچە ھوجرا ئۆيگە كىردى ، ئۇ  ئۆيدە ئارزىگۈل باردەك قارىدى ۋە ئارزىگۈلنىڭ كەتكىنى ئېسىگە كېلىپ ، ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ، <<  جېنىم ئارزىگۈل ، مەن ئادەم ئەمەس ھايۋانكەنمەن ،  مەن سىزنىڭ ماڭا تەئەللۇق بولغان ئاياللىق پاكلىقىڭىزنى ئۆز قولۇم  نابۇت قىلدىم ، سىزنى دەپسەندە قىلغان ئۇ ھايۋاننى  ئۆز قولۇم بىلەن ئەدەبلىيەلمىدىم ،سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئوبرازىم ئۆزەمنىڭ ئاچكۆزلىكى ، نەپسانىيەتچىلىكى ،  ھوقۇقپەرەسلىكى سەۋەبىدىن يوقالدى ، ئىككىمىزنىڭ مىڭ مۇشەققەت بىلەن توپلىغان ئون مىڭ يۈئەن پۇلىمىزمۇ يوق بولدى ، ئېسىت ، شۇنداق پەسكەش شېرىن چۈشلەرنى كۆرگۈچە ، سىز دېگەندەك  ئۆز تۇرمۇشىمىزغا  شۈكرى قىلىپ ، ئۆتكەن بولسام ، بۇنداق كۈنلەرگە قالماستىم ،مېنى كەچۈرۈڭ ، مەن سىزنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمەن ،  بىز تۇرمۇشىمىزنى قايتىدىن باشلايمىز ، ئۇ قېرى ئوغرىنىمۇ ھەرگىز بوش قويمايمەن ، ئۇنىڭدىن سىزگە قىلغانلىرىنى  ھەسسىلەپ قايتۇرىۋالىمەن ، ئۇ قېرى مۇناپىق ئاخىرى جاجىسىنى يەيدۇ >> دېگىنىگىچە ، ھۆكىرەپ يىغلىدى ،لېكىن ئۇنىڭ كۆز يېشىنى ئېيتىپ قويىدىغان ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى ، ئۇ ئارزىگۈلنى راست قايتۇرۇپ كېلەرمۇ ؟ تۇرمۇشىنى قايتا باشلىيالارمۇ ؟   بۇ سوئاللارغا  ئۇنىڭ ئۆزىمۇ جاۋاب بېرەلمەيتتى .

         مەنبە ؛ ئۆز قەلىمىم
[ بۇ يازماmusilinaتەرپىدىن2008-11-22 12:55 AMدە قايت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : NIJAD
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-21
-سىز كۆرۋاتقان تىما بەربات بولغان شېرىن چۈش ( مۇسىلىنە ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرىتى:+5(تەنھا) تىمىڭىز بەك ..
  • اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-22 12:38 AM |
    XAHZADA520
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 3415
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرىتى: 5 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 274 سوم
    ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:14 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

6 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-10-10
    يېقىندا كىرگەن:2008-12-30

     

    راسلا شۇنداق ىشبارمىكەن ؟؟؟
    ياخشىمۇ سىلە دوسلا
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 04:16 AM |
    خوتەنخان
    *بەخىت*
    دەرىجىسى : ئالاھىدە ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 1627
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 926
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە926دانە
    شۆھرىتى: 370 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3573 سوم
    ياخشى باھا: 2477 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:9 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:453 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

87 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-12
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    ھەممىنى تەپسىلى ئوقوپ چىقتىم ..جىنىم دوستۇم ...ھەقىقەتەن ياخشى  ئەھمىيەتلىك ئەسەركەن.ئىنساندا قانائەت بولمىسا مۇشۇنداق پەسكەش يولغا كىتىدۇ....قولىڭىزغا دەت بەمىسۇن ...بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن ...نادىرلانسا بوپتىكەن....ھەممەيلەن ئىبرەت ئالساق.
    *ئازاپقا كۈلۈپ باق،سەۋر قىل...سەن ئاجىز ئەمەسسەن!`
    ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى،
    ھەسرەت چەكمە ،بولما پەرىشان.
    تىنىچلانماق لازىم قايغۇدا،
    قۇۋناق كۈنلەر كىلىدۇ ھامان.



    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 11:29 AM |
    سەردار
    ~ قەلبىمدە سۇنغان ئەتىرگۇل~
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    تىزىم نۇمرى : 1733
    نادىر تېما : 27
    يازما سانى : 2091
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2091دانە
    شۆھرىتى: 1943 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 709 سوم
    ياخشى باھا: 4247 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:582 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

68 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    باشلىق دىگەن بىر ئەلگە باش دىگەنلىك ئۇ نەپسانىيەتچى ، تويماس ،ھارامخۇر بولسا باشلىق بولماي ئەلگە بالا بولىدۇ ~~بەكلا ياخشى يېزىپسىز ~~تەربىۋى ئەھمىيىتى بەك چوڭكەن ~~~
    زىمىستاننى باھار دىگۇڭ بار ،
    گۇلۇستاننى خازان دىگۇڭ بار ،
    ساڭا بەرسەم بىر  دەريا سۆيگۇ ،
    باشقىلارنى ئوكيان دىگۇڭ بار،
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 11:52 AM |
    okyan520
    ھايات تۇلىمۇ قىسقا ئۇنى قەدىرلەش كىرەك.
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەپەرۋەر


    تىزىم نۇمرى : 2639
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2138
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2138دانە
    شۆھرىتى: 2090 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 8084 سوم
    ياخشى باھا: 3678 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:562 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-09-06
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

     

    بەكلا ياخشى يېزىپسىز ،تەربىيۋى ئەھمىيتى زور ئىكەن بۇگۈنكى باشلىقلارنى دىسە شۇ ھەممىسىئۈزى ئۈچۈن ئىشلەمدىكىن تاڭ .
    مەن بىلەن دۇسىت بۇلۇشنى خالىسىڭىز : مەرھەممەت
    img: http://blog.retim.cn/364315
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 12:23 PM |
    xamal007
    دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 3640
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 116
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە116دانە
    شۆھرىتى: 216 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 713 سوم
    ياخشى باھا: 286 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:30 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-10-14
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    بەكلا ياخشى يېزىپسىز   يانا ئايىماي يولاپ تۇرغايسىز
    ئادىلجان
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 07:52 PM |
    ALXIR
    مىسرانىم مەستانىسى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 2550
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1083
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1083دانە
    شۆھرىتى: 339 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2590 سوم
    ياخشى باھا: 1362 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:310 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

40 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-09-04
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

      بەكلا ياخشى يېزپسىز، ھازىر جەمئىيەتتە مۇشۇنداق ئىشلار خېلى كۆپىيىپ كەتتى....  مانداق كالۋا، ھۇقۇق پەرەس ئادەملەرمۇ بار..... بۇلاردىكى ۋژدان نەگە كەتتىكى.....   بۇنىڭ تەربىيۋى ئەھمىيىتى بەك چوڭ ئەسەركەن..... ھارمىغايسىز...... ھەدە....  
    « ئەسلىمە مۇنبىرى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!»
    ~~http://aslima.net/bbs~~
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-23 11:01 AM |
    hunqa
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 5288
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
    شۆھرىتى: 20 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 251 سوم
    ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:1 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

19 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-22
    يېقىندا كىرگەن:2008-11-23

     

    تەربىيىۋى  ىخمىيىتى  زور   ىكەن        
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-23 03:58 PM |
    FaraBi828
    @مەن سىزگە ئاشىق@
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 1278
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 658
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە658دانە
    شۆھرىتى: 372 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1293 سوم
    ياخشى باھا: 2424 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:157 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

43 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-02
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    راستىنلا ئىبرەتلىك ھېكايە بوپتۇ رەھمەتسىزگە !~
    @مەن بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر @
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-23 04:29 PM |
    biryurak
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 5372
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
    شۆھرىتى: 20 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 245 سوم
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:0 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-24
    يېقىندا كىرگەن:2008-11-24

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ،بىزئۈچۈن كۆپ جاپا چىكىپسىز رەھمەت سىزگە.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-24 06:59 AM |
    meskenyultuz
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 5125
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 73
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
    شۆھرىتى: 47 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 462 سوم
    ياخشى باھا: 94 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:30 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-19
    يېقىندا كىرگەن:2008-11-24

     

    ئادەم ئومۇردە قانائەتچان بۇلۇپ ياششى كىرەك.دىمسمۇ ھازر بۇنداق رەزىل ئادەملەركوپ.ھەققەتەن ياخشى يىزپسىز.رەھمەت ھە.
    كوڭلى بولمىساھەتتاپادشاھنىمۇرەت قىلىپ،ئشقى باغلانسائەڭ نامىراتىنىڭ ئايغىغاباش قۇيالايدىغان قىز-ھەقىقى ئىپپەتلىك قىز.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-24 01:45 PM |
    NIJAD
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : مىڭ بېشى


    تىزىم نۇمرى : 2209
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 1303
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1303دانە
    شۆھرىتى: 1454 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 13963 سوم
    ياخشى باھا: 3789 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:403 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

37 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-26
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    ئۇ باشلىقنىمۇ تاماققا تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭمۇ چېيىغا دورىنى بولىشىغا
    سېلىپ مەس قىلىپ ياتاققا ئەكىرىپ....ئۇ باشلىقنىمۇ ئوڭشاپ قويۇش كېرەك...
    شۇ ۋاقىتتا ئايال كىشىگە يېقىن كېلەلەمدىكى قېنى..........
    كۆت قىلىۋېتىش كېرەك...يەنە ئاختا....2000كوي بەرسە ئۇنداق قىلىدىغان
    شەخسى دوختۇرلار كۆپ ھازىر.............
    ئاھۇ كىيىكلەر ئوينار قىيادا،
    ئىپار ھىدى بار ھەربىر گىياھدا.
    يىگىتلەر مەغرۇر،قىزلار ھايادا،
    بۇنداق گۈزەل جاي بارمۇ دۇنيادا؟
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-24 02:20 PM |
    axik3624019
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 5304
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرىتى: 19 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 227 سوم
    ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:1 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

19 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-22
    يېقىندا كىرگەن:2008-11-30

     

    بەك  ياخشى   يىزىلىپـۇ     مۇھا ببەت  تمللىرى يوقما

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-25 09:45 PM |
    katran
    مىسرانىم، مەنىۋىيەت ئىزدەش نىشانىم.....!!!
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    تىزىم نۇمرى : 1190
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1914
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1914دانە
    شۆھرىتى: 535 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7146 سوم
    ياخشى باھا: 4122 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:11 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:759 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-07-29
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    بىر ئۆيدە ئەر كىشى ئۆينىڭ تۈۋرۈگى بولغىنىدەك، باشلىق دىگەنمۇ شۇ بىر ئىدارىنىڭ، ئورۇننىڭ تۈۋرۈگى ھېساپلىنىدۇ، تۈۋرۈك ساپ سۇ ئىچىپ چوڭ بولغان دەرەختىن بولسا، ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئەكسىچە يامان نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى نىقاپلاپ ئۆسكەن بولسا بۇ دەرەختىن پەقەت پور بولۇپ ئۆرۈلۈشنىلا كۆرىدىغان گەپشۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئۆرۈرۈلۈشتىنلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى، ھەتتاكى ئەتراپىدا ئەمدى يىتىلىۋاتقان يۇمران مايسىلارنىمۇ چەيلىۋېتىشى مۇمكىن..........نەپسانىيەتچىلىك ئەنە شۇنداق نەرسە، ئۇ كىشىنى ئاخىرى دوزاخقا سۆرەپ كىرىدىغان گەپ...........ھەييييييييييييي
    بۇ ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرى باردەك قىلامدۇ ھە، ئاخىرى بولسا تىزرەك يوللاڭە بولامدۇ؟؟؟؟؟؟؟   
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-28 11:25 AM |
    JiDaL灬火
    دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 4452
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 317
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە317دانە
    شۆھرىتى: 38 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1130 سوم
    ياخشى باھا: 321 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:107 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

33 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-03
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

     

      ياخشى  يېزپسىز .......ھەقىقەتەن  ئادەمدە  شۇكىرى قانەت  بولمسا  بولمايدۇ

    ياخشىلق  بىلەن  قىلغان  ئىش ھامان  ياخشىلقا  قاراپ  يۇزلمدۇ..

    ئاچ كۆزلىك  كىشگە  ياخشىلق  ئېلىپ  كەلمەيدۇ
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-01 11:08 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك
    مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
    مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

    Total 0.187927(s) query 8, Time now is:01-03 06:22, Gzip disabled 新ICP备08000436
    Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation